كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 12-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏
  • قانداق قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • قانداق قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايسىز؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • دۇ‌ئا ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىش
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • دۇ‌ئا ئارقىلىق ياراتقۇ‌چىغا يېقىنلىشىش
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 12-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏

12-‏دە‌رس

قانداق قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايسىز؟‏

1.‏ خۇ‌دا بارلىق دۇ‌ئالارغا قۇ‌لاق سالامدۇ؟‏

خوُداغا دوُئا قىلىۋاتقان ئه‌ر كىشی

خۇ‌دا بارچە ئە‌ل خە‌لقىنى دۇ‌ئا ئارقىلىق ئۆزىگە يېقىنلىشىشقا چاقىرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏2)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ بە‌زى دۇ‌ئالارغا قۇ‌لاق سالمايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئايالىغا ناچار مۇ‌ئامىلىدە بولىدىغان ئە‌رلە‌رنىڭ دۇ‌ئالىرى توسالغۇ‌غا ئۇ‌چرايدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏7)‏.‏ قە‌دىمقى زاماندا ئىسرائىللار داۋاملىق يامانلىق قىلغاندا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سالمىغان.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا ھە‌تتا ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلە‌ر توۋا قىلسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سالىدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن دۇ‌ئا قىلىش چوڭ بىر شان-‏شە‌رە‌پ!‏​‏—‏ يە‌شايا 1:‏15؛‏ 55:‏7-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«‏خۇ‌دا بارلىق دۇ‌ئالارغا قۇ‌لاق سالامدۇ؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

2.‏ قانداق دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

دۇ‌ئا بولسا ئىبادىتىمىزنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى،‏ شۇ‌ڭا پە‌قە‌ت ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغىلا دۇ‌ئا قىلىشىمىز لازىم (‏مە‌تتا 4:‏10؛‏ 6:‏9‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئىسمى بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىشىمىز زۆرۈر،‏ چۈنكى ئۇ گۇ‌ناھلىرىمىز ئۈچۈن جان پىدا قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏6)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ يادلىۋالغان ئوخشاش گە‌پلە‌رنى قايتا-‏قايتا تە‌كرارلىشىمىزنى ياكى دۇ‌ئالار توپلىمىدىن ئوقۇ‌شىمىزنى خالىمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ چىن قە‌لبىمىزدىن ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏​‏—‏ مە‌تتا 6:‏7؛‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ياراتقۇ‌چى ئىگىمىز ھە‌تتا ئۈنسىز دۇ‌ئالارنى ئاڭلىيالايدۇ (‏1-‏سامۇ‌ئىل 1:‏12،‏ 13)‏.‏ ئۇ بىزنى ھە‌رقانداق پە‌يتلە‌ردە،‏ مە‌سىلە‌ن سە‌ھە‌ردە ئورنىمىزدىن تۇ‌رغاندا ۋە كە‌چتە ئۇ‌خلاشقا ياتقاندا،‏ تاماق ۋاقىتلىرىدا ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە دۇ‌ئا قىلىشقا چاقىرىدۇ.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 55:‏22؛‏ مە‌تتا 15:‏36‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن ئېتىقادچىلار يىغىلىپ جە‌م بولىدۇ؟‏

مه‌سىهىي جامائه‌تته موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُۋاتقان ئاده‌مله‌ر

خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ئاسان ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى بىز خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىغا ئىتائە‌ت قىلمايدىغان ۋە ئۇ‌نىڭ يە‌ر يۈزىدە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغان تىنچ-‏ئامانلىق ۋە‌دىسىگە ئىشە‌نچ قىلمايدىغان كىشىلە‌ر ئارىسىدا ياشاۋاتىمىز (‏2-‏تىموتىي 3:‏1،‏ 4؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏3،‏ 13)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئۆز-‏ئارا ئىلھام بېرىدىغان ۋە ئىلھام ئالىدىغان ئېتىقادچىلار يىغىلىشىغا مۇ‌ھتاج.‏​‏—‏ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

خۇ‌دانى سۆيىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن جە‌م بولۇ‌ش خۇ‌داغا يېقىنلىشىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى باشقىلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىدىن ئىلھام ئېلىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى پۇ‌رسىتى بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏​‏—‏ رىملىقلار 1:‏11،‏ 12-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ قانداق قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايسىز؟‏

ىشتىكی ئوٰزوٰلوٰشته خوُدانىڭ سوزىنی ئوقوُۋاتقان ئه‌ر كىشی

سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ تە‌پە‌ككۇ‌ر قىلىش ئارقىلىق يە‌ھۋاغا يېقىنلىشالايسىز.‏ خۇ‌دانىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى،‏ مە‌سلىھە‌ت ۋە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىلىرى نېمە ئۆگىتىدىغانلىقىنى ئويلاش؛‏ دۇ‌ئا ۋە چوڭقۇ‌ر تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئۇ‌نىڭ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئە‌قىل-‏پاراسىتىنىڭ تە‌ڭداشسىز ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏​‏—‏ يە‌شۇ 1:‏8؛‏ زە‌بۇ‌ر 1:‏1–‏3-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

پە‌قە‌ت خۇ‌داغا ئېتىقاد قىلىپ،‏ ئىشە‌نچ باغلىغىنىڭىزدىلا،‏ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشالايسىز.‏ خۇ‌ددى ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشى ئوزۇ‌قلۇ‌ققا مۇ‌ھتاج بولغاندە‌ك،‏ ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ كۈچلۈك بولۇ‌شى بىلىمگە مۇ‌ھتاج.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھە‌مىشە ئىشە‌نچىڭىزنىڭ ئۇ‌ل ئاساسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئارقىلىق ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م قىلالايسىز.‏​‏—‏ مە‌تتا 4:‏4؛‏ ئىبرانىيلار 11:‏1،‏ 6-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ خۇ‌داغا يېقىنلىشىش سىزنى قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

يە‌ھۋانى سۆيگۈچىلە‌رگە،‏ ئۇ ئۆزى غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ پە‌رۋە‌ردىگار ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ۋە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدىگە بۇ‌زغۇ‌نچىلىق قىلالايدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌ردىن ئۇ‌لارنى ھىمايە قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 91:‏1،‏ 2،‏ 7–‏10)‏.‏ ئۇ بىزنى تە‌ن-‏ساغلاملىق ۋە شاد-‏خۇ‌راملىقىمىزغا يامان تە‌سىرى بولغان ناچار تۇ‌رمۇ‌ش ئادە‌تلىرىدىن خالىي بولۇ‌شقا ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزگە ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۆگىتىدۇ.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 73:‏27،‏ 28؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏4،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

بىلله ده‌م ئېلىشتىن به‌خرىمان بولوُۋاتقان دوستر

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 17-‏بابىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش