كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ب‌ك 7-‏دە‌رس 16-‏17 ب.‏
  • يالغۇ‌ز قېلىپ،‏ قورققان ۋاقتىڭىز بولدىمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يالغۇ‌ز قېلىپ،‏ قورققان ۋاقتىڭىز بولدىمۇ؟‏
  • بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • بېشىڭىزغا كۈن چۈشكە‌ندە يە‌ھۋاغا تايىنىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
ب‌ك 7-‏دە‌رس 16-‏17 ب.‏
قورقوُپ،‏ ئوزىنی يالغوُز هېس قىلىۋاتقان كىچىك با

7-‏دە‌رس

يالغۇ‌ز قېلىپ قورققان ۋاقتىڭىز بولدىمۇ؟‏

بۇ رە‌سىمدىكى كىچىك بالىغا قاراپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ يالغۇ‌ز قېلىپ،‏ قورقۇ‌ۋاتقان ئوخشايدۇ.‏ سىزنىڭمۇ قورققان ۋاقتىڭىز بولدىمۇ؟‏ –‏ بە‌زىدە شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌ت ھە‌ربىرىمىزدە بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يالغۇ‌ز قېلىپ،‏ قورققان بە‌زى ئادە‌ملە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ دوستلىرى بولغان.‏ شۇ‌لارنىڭ بىرى ئىلياس.‏ كېلىڭ،‏ ئىلياس توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىۋالايلى.‏

ىزابه‌ل مه‌لىكه ئاچچىقلىنىپ ۋاقىرىۋاتىدوُ

ئىزابېل ئىلياسنى ئۆلتۈرمە‌كچى ئىدى

ئىلياس ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن ئۇ‌زاق ۋاقىت بۇ‌رۇ‌ن ئىسرائىلدا ياشىغان.‏ ئىسرائىل پادىشاھى ئاخاب ھە‌قىقىي خۇ‌دا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمىغان.‏ ئاخاب ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى ئىزابېل،‏ يالغان خۇ‌دا بائالغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللىقلارنىڭ كۆپچىلىكى بائالغا ئىبادە‌ت قىلىشقا باشلىغان.‏ ئىزابېل مە‌لىكە ناھايىتى يامان ئايال ئىدى.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنى ۋە ئىلياسنىمۇ ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان.‏ شۇ چاغدا ئىلياسنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلە‌مسىز؟‏ –‏

ئىلياس يىراق يە‌رگە قېچىپ كە‌تتى!‏ ئۇ چۆل-‏باياۋانغا بېرىپ،‏ بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇ‌رۇ‌ندى.‏ قانداق ئويلايسىز،‏ ئۇ نېمىشقا شۇ‌نداق قىلدى؟‏ –‏ ھە،‏ ئۇ ناھايىتى قورقۇ‌پ كە‌تتى.‏ بىراق ئىلياس قورقماسلىقى كېرە‌ك ئىدى.‏ بىلە‌مسىز نېمىشقا؟‏ چۈنكى ئۇ يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏ يە‌ھۋا بۇ‌رۇ‌نمۇ ئۇ‌نىڭغا ئۆز كۈچىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىر قېتىم،‏ يە‌ھۋا ئىلياسنىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بېرىپ،‏ ئاسماندىن ئوت ياغدۇ‌رغان.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ قېتىممۇ يە‌ھۋا ئىلياسقا ياردە‌م بېرە‌لە‌تتى!‏

يه‌هۋا ئاسماندىن ئوت ياغدوُروُپ،‏ ئېلىيانىڭ دوُئاسىغا جاۋاب به‌ردی؛‏ ئوڭكوٰردىكی ئېلىيا؛‏ يه‌هۋانىڭ ئىلهامندوُرىدىغان سوزلىرىنی ئاڭپ،‏ ئېلىيا خوشال بولدی

يە‌ھۋا ئىلياسقا قانداق ياردە‌م بە‌ردى؟‏

يە‌ھۋا ئۆڭكۈردە ئولتارغان ئىلياستىن:‏ «بۇ يە‌ردە نېمە قىلىۋاتىسە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ شۇ چاغدا ئىلياس:‏ «ساڭا خىزمە‌ت قىلىدىغانلاردىن يالغۇ‌ز مە‌نلا قالدىم.‏ مېنىمۇ ئۆلتۈرۈپ كېتە‌رمۇ دە‌پ قورقۇ‌ۋاتىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردى.‏ ئىلياس يە‌ھۋانىڭ بارلىق خىزمە‌تچىلىرى ئۆلۈپ كە‌تتى دە‌پ ئويلىغان ئىدى.‏ بىراق يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا:‏ «ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ ماڭا خىزمە‌ت قىلىدىغان 7000 ئادە‌م بار.‏ باتۇ‌ر بول.‏ ساڭا كۆپ ئىش تاپشۇ‌رىمە‌ن!‏»—‏ دىدى.‏ قانداق ئويلايسىز،‏ ئىلياس بۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلاشقا خۇ‌رسە‌ن بولدىمۇ؟‏ –‏

ئىلياسنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟‏ –‏ ھېچقاچان ئۆزىڭىزنى يالغۇ‌ز قالدىم دە‌پ قورقماڭ.‏ سە‌ۋە‌بى يە‌ھۋانىمۇ،‏ سىزنىمۇ ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىڭىز بار.‏ يە‌ھۋانىڭ كۈچى كۆپ.‏ ئۇ ھە‌رقاچان سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ!‏ يالغۇ‌ز ئە‌مە‌سلىكىڭىزنى بىلگىنىڭىزگە خۇ‌شالمۇ؟‏ –‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىڭىزدىن ئوقۇ‌ڭ

  • پادىشاھلار 1-‏يازما 19:‏3—‏18

  • زە‌بۇ‌ر 145:‏18

  • پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏9

سوئاللار:‏

  • ئىلياس ياشىغان ۋاقىتتا ئىسرائىللىقلارنىڭ كۆپچىلىكى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلاتتىمۇ؟‏ ئۇ‌لار كىمگە ئىبادە‌ت قىلاتتى؟‏

  • نېمىشقا ئىلياس قېچىپ،‏ ئۆڭكۈرگە يوشۇ‌رۇ‌نۇ‌ۋالدى؟‏

  • يە‌ھۋا ئىلياسقا نېمە دىدى؟‏

  • ئىلياسنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش