كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م19 ئىيۇ‌ن 14-‏19 ب.‏
  • بېشىڭىزغا كۈن چۈشكە‌ندە يە‌ھۋاغا تايىنىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بېشىڭىزغا كۈن چۈشكە‌ندە يە‌ھۋاغا تايىنىڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر —‏ بىزگە ئوخشاش ئادە‌م
  • يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
  • ھاننا،‏ داۋۇ‌ت ۋە زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى يە‌ھۋاغا تايانغان
  • يە‌ھۋاغا تايانسىڭىز،‏ ئۇ سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ
  • يالغۇ‌ز قېلىپ،‏ قورققان ۋاقتىڭىز بولدىمۇ؟‏
    بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ك‌م19 ئىيۇ‌ن 14-‏19 ب.‏

25-‏تە‌تقىق ماقالىسى

بېشىڭىزغا كۈن چۈشكە‌ندە يە‌ھۋاغا تايىنىڭ

‏«مە‌ن پە‌رىشان».‏‏—‏1-‏سام.‏ 1:‏15.‏

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا!‏

بۇ ماقالىدەa

1.‏ ئە‌يسانىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شىغا نېمە ئۈچۈن قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

ئە‌يسا ئاخىرقى كۈنلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى ئېيتقان:‏ «ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇ‌ڭلار.‏ ئۆزۈڭلارنى … تۇ‌رمۇ‌شنىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى بىلە‌ن ئېغىرلاشتۇ‌رماڭلار» (‏لۇ‌قا 21:‏34)‏.‏ بىز بۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قۇ‌لاق سېلىشىمىز ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ باشقىلارنىڭ بېشىغا چۈشكە‌ن قىيىنچىلىقلارغا بىزمۇ دۇ‌چ كېلىۋاتىمىز.‏

2.‏ ئېتىقادداشلىرىمىز قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ؟‏

2 بە‌زى ۋاقىتتا قىيىنچىلىقلار كە‌ينى-‏كە‌ينىدىن كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئىككى مىسالنى كۆرە‌يلى.‏ كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىپ قېلىش كېسىلى (‏بە‌دە‌ن ئە‌زالىرى قېتىشىش)‏ بىلە‌ن ئاغرىۋاتقان جونb ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنى 19 يىل ئۆي تۇ‌تقان رە‌پىقىسى تاشلاپ كە‌تكە‌ندە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن بە‌ك ئېغىر سىناق بولغانىدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئىككى قىزى يە‌ھۋانى تاشلاپ كە‌تكە‌ن.‏ بوب ۋە لىندا ئىسىملىك ئە‌ر-‏ئايال جونغا ئوخشىمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئىشتىن،‏ ئاندىن ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالغان.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ لىندا يۈرە‌ك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇ‌پ،‏ ھە‌تتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭ يە‌نە ئىممۇ‌نىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدىغان باشقا بىر كېسىلى بولغان.‏

3.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تتىن يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلىمىز؟‏

3 بىزنىڭ كۆيۈمچان ياراتقۇ‌چىمىز ۋە مېھرىبان ئاتىمىز يە‌ھۋا قىيىنچىلىقلار بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.‏ ئۇ بىزگە ئۇ‌لار بىلە‌ن كۈرىشىشكە ياردە‌م بە‌رگۈسى كېلىدۇ ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بېشىدىن كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ مىساللىرى كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدا يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قانداق كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بە‌رگە‌نلىكىمۇ يېزىلغان.‏ بىرنە‌چچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر —‏ بىزگە ئوخشاش ئادە‌م

4.‏ ئىلياس قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

4 ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌داغا رە‌زىل زامانلاردا خىزمە‌ت قىلغان ۋە ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ زالىم پادىشاھ ئاخاب بائالغا سە‌جدە قىلغان ئىزابېل،‏ دېگە‌ن ئايالغا ئۆيلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار خە‌لقنى بائالغا سە‌جدە قىلىشقا ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن پە‌يغە‌مبە‌رلىرىنى ئۆلتۈرۈۋە‌تكە‌ن.‏ ئىلياس بولسا،‏ ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لغان.‏ شۇ‌نداقلا،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ ئاچارچىلىق ۋاقتىدا ئامان قالغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 17:‏2—‏4،‏ 14—‏16)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ بائالغا سە‌جدە قىلغۇ‌چىلارغا ۋە بائالنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىرىگە قارشى تۇ‌رغاندا ئىلياس يە‌ھۋاغا تايانغان.‏ ئۇ ئىسرائىللارنى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشقا ئۈندىگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 18:‏21—‏24،‏ 36—‏38)‏.‏ شۇ قىيىن ۋاقىتلاردا،‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ۋە قوغدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆرگە‌ن.‏

پە‌رىشتە ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىۋاتىدۇ

يە‌ھۋا ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رگە كۈچكە ئىگە بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏5،‏ 6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏c

5،‏ 6.‏ 1-‏پادىشاھلار 19:‏1—‏4كە ئاساسە‌ن،‏ ئىلياس ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

5 1-‏پادىشاھلار 19:‏1—‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئىزابېل ئايال پادىشاھ ئىلياسنى ئۆلتۈرگۈسى كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ قورقۇ‌پ كېتىپ بە‌رشېباغا قېچىپ كە‌تكە‌ن.‏ جېنى ئازابلانغانلىقى شۇ‌كى،‏ ھە‌تتا ئۆزىگە ئۆلۈم تىلىگە‌ن.‏ پە‌يغە‌مبە‌ر نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى شۇ‌نداق ھېس قىلغان؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ «ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بار» نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌م ئىدى (‏ياقۇ‌پ 5:‏17)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئىلياس ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن.‏ ئۇ بە‌لكىم پاك ئىبادە‌تنى قوللاش ئۈچۈن قىلغان ئە‌مگىكىم زايە كە‌تتى،‏ خە‌لق توغرا يولغا قايتمىدى ۋە يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىدىن يالغۇ‌ز مە‌نلا قالدىم دە‌پمۇ ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 18:‏3،‏ 4،‏ 13؛‏ 19:‏10،‏ 14)‏.‏ سادىق پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغىنى بىزنى ھاڭ-‏تاڭ قالدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ سېزىملىرىنى ياخشى چۈشە‌نگە‌ن.‏

6 يە‌ھۋا ئىلياسنى ئىچ باغرىنى تۆككە‌نلىكى ئۈچۈن ئە‌يىبلە‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نىڭغا كۈچ-‏مە‌دە‌ت بە‌رگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏5—‏7)‏.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئىلياسقا ئۆزىنىڭ قۇ‌درىتىنى كۆرسىتىپ،‏ ئوي-‏پىكىرىنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن تۈزە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا،‏ خۇ‌دا ئىسرائىلدا بائالغا سە‌جدە قىلمىغان يە‌نە 7000 كىشى بار ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏11–‏18)‏ .‏ يە‌ھۋا ئىلياسنى ياخشى كۆرگە‌نلىكىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە كۆرسە‌تكە‌ن.‏

يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىلياسقا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

7 ئېھتىمال،‏ سىزنىڭ بېشىڭىزغىمۇ ئېغىر سىناقلار كە‌لگە‌ندۇ.‏ يە‌ھۋا ئىلياسنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشە‌نگە‌نلىكى بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏ بۇ بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏ قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭمۇ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا ئىكە‌نلىكىمىزنى چۈشىنىدۇ.‏ ئۇ بىزنىڭ قولىمىزدىن نېمە كېلىدىغانلىقىنى ۋە نېمە كە‌لمە‌يدىغانلىقىنى،‏ ھە‌تتا ئويلىرىمىز بىلە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنىمۇ ياخشى بىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏14؛‏ 139:‏3،‏ 4)‏.‏ ئىلياسقا ئوخشاش يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ ئۇ بىزگىمۇ بېسىمغا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22.‏

8.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بېسىمغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

8 بېسىم تۈپە‌يلىدىن سىز چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ،‏ ھال-‏ئە‌ھۋالىم ھېچقاچان ئۆزگە‌رمە‌يدۇ دە‌پ،‏ ئۈمىدىڭىزنى ئۈزۈشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋاغا تايىنىڭ.‏ ئۇ سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭغا ئىچ باغرىڭىزنى تۆكۈڭ.‏ ئۇ زار يىغلاپ ئېيتقان دۇ‌ئايىڭىزغا چوقۇ‌م جاۋاب بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 5:‏3؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏7)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌ھۋالىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق دائىم يە‌ھۋاغا ئېيتىپ بېرىڭ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ سىزگە ئىلياسقا سۆزلىگە‌ندە‌ك ئۇ‌دۇ‌ل سۆزلىمە‌يدۇ،‏ لېكىن يە‌ھۋا سىزگە ئۆز سۆزى ۋە تە‌شكىلاتى ئارقىلىق سۆزلە‌يدۇ.‏ قانداقلارچە؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غان ئايە‌تلە‌ر سىزگە ئىلھام ۋە ئۈمىد بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ قېرىنداشلارمۇ سىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏—‏رىملىقلار 15:‏4؛‏ ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25.‏

9.‏ جان دوستىمىز بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

9 يە‌ھۋا ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رگە ۋە‌زىپىسىنى ئېلىشاغا تاپشۇ‌رۇ‌شنى بۇ‌يرىغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ يە‌ھۋا ئىلياسقا قىيىن ۋاقىتلاردا ياردە‌م بېرىدىغان دوستنى بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش بىز جان دوستىمىزغا دە‌ردىمىزنى تۆككە‌ندە،‏ يۈرىكىمىز يېنىكلىشىپ قالىدۇ (‏2-‏پادىشاھ.‏ 2:‏2؛‏ پە‌ند.‏ نە 17:‏17)‏.‏ دە‌ردىڭىزنى ئېيتىدىغان دوستىڭىز بولمىسا،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ سىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدىغان روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن ئېتىقادداشنى تېپىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىشنى سوراڭ.‏

10.‏ ئىلياسنىڭ مىسالى بىزگە قانداق ئۈمىد بېرىدۇ ۋە يە‌شايا 40:‏28،‏ 29-‏ئايە‌تتىكى ۋە‌دە بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

10 يە‌ھۋا ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رگە قىيىنچىلىق بىلە‌ن كۈرىشىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن يىل داۋامىدا خىزمە‌ت قىلالىغان.‏ ئىلياسنىڭ مىسالى بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا ئېغىر سىناقلار بىزنى ماغدۇ‌رسىزلاندۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ ئۇ بىزگە خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كېرە‌كلىك كۈچ بېرىدۇ.‏—‏يە‌شايا 40:‏28،‏ 29-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ھاننا،‏ داۋۇ‌ت ۋە زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى يە‌ھۋاغا تايانغان

11—‏13.‏ خۇ‌دانىڭ قە‌دىمدىكى ئۈچ خىزمە‌تچىلىرى قانداق سىناقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان خۇ‌دانىڭ باشقىمۇ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پە‌نىنناھ ھاننانى تۇ‌غماس دە‌پ زاڭلىق قىلغان (‏1-‏سام.‏ 1:‏2،‏ 6)‏.‏ ھاننا قاتتىق ئازابلانغاچ،‏ يىغلاپ،‏ ھېچ نېمە يېمىگە‌ن.‏—‏1-‏سام.‏ 1:‏7،‏ 10.‏

12 داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭمۇ بېشىغا كۈلپە‌ت چۈشكە‌ن ۋاقىتلىرى بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ بېقىڭ.‏ قىلغان خاتالىقلىرى تۈپە‌يلىدىن،‏ ئۇ ۋىجدان ئازابى تارتىپ،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالغان (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏12)‏.‏ داۋۇ‌تنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئابشالوم ئۇ‌نىڭغا قارشى چىقىپ،‏ ئاخىرىدا ۋاپات بولغان (‏2-‏سام.‏ 15:‏13،‏ 14؛‏ 18:‏33)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ڭ يېقىن دوستلىرىنىڭ بىرى ئۇ‌نى سېتىۋە‌تكە‌ن (‏2-‏سام.‏ 16:‏23—‏17:‏2؛‏ زە‌بۇ‌ر 55:‏12—‏14)‏.‏ زە‌بۇ‌ر كۈيلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە،‏ داۋۇ‌ت ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ۋە يە‌ھۋاغا بولغان تە‌ۋرە‌نمە‌س ئېتىقادى توغرۇ‌لۇ‌ق يازغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 38:‏5—‏10؛‏ 94:‏17—‏19.‏

ئاسافنىڭ ئە‌ۋلادىدىن چىققان زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى كۈي يېزىپ،‏ ئىككى لاۋىي بىلە‌ن ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ

زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىغا قايتىدىن خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏13—‏15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏d

13 زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىغا قىزىقىپ قاراپ،‏ شۇ‌نىڭغا ھە‌ۋە‌س قىلىشقا باشلىغانىدى.‏ ئۇ ئاساف،‏ دېگە‌ن لاۋىي قە‌بىلىسىدىن چىققان كىشىنىڭ ئە‌ۋلادى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ۋە خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايىدا خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۇ قاتتىق ئازابلىنىپ ۋە ھاياتىدىن نارازى بولۇ‌پ،‏ ئۆزىنى بە‌ختسىز ھېس قىلغان.‏ ھە‌تتا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشتىن كە‌لگە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە رازى بولمىغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 73:‏2—‏5،‏ 7،‏ 12—‏14،‏ 16،‏ 17،‏ 21.‏

14،‏ 15.‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م ئىزدە‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئۈچ مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

14 خۇ‌دانىڭ بۇ ئۈچ خىزمە‌تچىسى يە‌ھۋادىن ياردە‌م ئىزدىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا چىن يۈرە‌كتىن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ دە‌ردىنى خۇ‌داغا ئېيتقان.‏ ئۇ‌لار ئە‌نسىرە‌شلىرىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئە‌ركىن ئازادە بىلدۈرگە‌ن ۋە ئىبادە‌ت قىلىدىغان جايلارغا بېرىپ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏—‏1-‏سام.‏ 1:‏9،‏ 10؛‏ زە‌بۇ‌ر 73:‏2–‏5،‏ 7،‏ 12–‏14،‏ 16،‏ 17،‏ 21.‏

15 يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ربىرىگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن جاۋاب بە‌رگە‌نىدى.‏ ھاننا كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئىگە بولغان (‏1-‏سام.‏ 1:‏18)‏.‏ داۋۇ‌ت بولسا:‏ «ئادىل كىشى دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار كۆپ بولار،‏ بىراق يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىدىن ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏19)‏.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى ئوڭ قولىدىن تۇ‌تۇ‌پ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن يېتە‌كلىگە‌نلىكىنى ھېس قىلغان.‏ ئۇ:‏ «لېكىن مە‌نە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ياخشىدۇ‌ر.‏ ئالىي ھۆكۈمران يە‌ھۋادىن پاناھ ئىزدە‌پ يۈرۈيمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ مە‌دھىيىلىگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏23،‏ 24،‏ 28)‏.‏ بۇ مىساللاردىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ بىزنىڭ بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلە‌ر كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا باشقىلارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلساق ۋە ئىتائە‌ت قىلساق،‏ ھە‌ممە قىيىنچىلىقلارنى يېڭە‌لە‌يمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 143:‏1،‏ 4—‏8.‏

يە‌ھۋاغا تايانسىڭىز،‏ ئۇ سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

قېرىندىشىمىز ئۆزىنى باشقىلاردىن قاچۇ‌رغاندا،‏ غە‌مگە چۆكۈپ ئولتۇ‌رىدۇ،‏ لېكىن مېيىپ ھارۋۇ‌سىدا ئولتارغان ياشانغان ئايالغا ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ئە‌ھۋالى ياخشىلاندى

بېشىدا قېرىندىشىمىز ئۆزىنى باشقىلاردىن قاچۇ‌رغان،‏ لېكىن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى باشلىغاندا،‏ ئە‌ھۋالى ياخشىلانغان (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16،‏ 17.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئېلىپ قاچماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ كۈچكە قانداق ئىگە بولالايمىز؟‏

16 كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئۈچ مىسالدىن يە‌نە بىر مۇ‌ھىم ساۋاق ئالىمىز:‏ بىز يە‌ھۋادىن ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىدىن يىراقلاشماسلىقىمىز كېرە‌ك (‏پە‌ند.‏ نە 18:‏1)‏.‏ يولدىشى تاشلاپ كېتىپ،‏ قاتتىق ئازاب چە‌ككە‌ن قېرىندىشىمىز نە‌نسى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىراز ۋاقىت ھېچكىم بىلە‌ن كۆرۈشكۈم ۋە سۆزلە‌شكۈم كە‌لمە‌يتتى.‏ ئۆزۈمنى باشقىلاردىن ئېلىپ قاچقانېسىرى،‏ تېخىمۇ قايغۇ‌غا پاتاتتىم».‏ بىراق،‏ نە‌نسى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىشكە تىرىشقاندا،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌ھۋالى ئۆزگە‌رگە‌ندى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «باشقىلار ماڭا دە‌ردىنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لارنى زېھىن قويۇ‌پ تىڭشايتتىم.‏ باشقىلارغا كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلگە‌ندە،‏ ئۆزۈمنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمە‌يدىغان بولدۇ‌م».‏

17 جامائە‌ت يىغىلىشلىرى بىزگە كۈچ بېرىدۇ.‏ يىغىلىشقا بارساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە ياردە‌م ۋە تە‌سە‌للىي بېرىشىگە يول ئاچىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏17)‏.‏ ئۇ بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھى،‏ سۆزى ۋە خە‌لقى ئارقىلىق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ جامائە‌تتە بىز ئۆزئارا ئىلھام ئالالايمىز (‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12)‏.‏ سوفىيا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە قېرىنداشلىرىم قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بولۇ‌پمۇ يىغىلىشلار ماڭا كۆپ كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرە‌تتى.‏ شۇ‌نى تونۇ‌پ يە‌تتىمكى،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە كۆپرە‌ك قاتنىشىپ،‏ جامائە‌تتە قىزغىن بولسام،‏ غە‌م-‏قايغۇ ۋە بېسىملارغا ياخشىراق قارشى تۇ‌رالايمە‌ن».‏

18.‏ چۈشكۈنلۈك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

18 چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن چاغدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىزنى كېلە‌چە‌كتە قىيىنچىلىقلاردىن قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ھە‌ققىدە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى،‏ ھە‌تتا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇ‌لارغا قارىشى تۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارمايلى.‏ يە‌ھۋا چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشىمىزغا «ئارزۇ-‏ئىستە‌كنى كۈچە‌يتىپ،‏ كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت بېرىدۇ».‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏13.‏

19.‏ رىملىقلار 8:‏37—‏39-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

19 رىملىقلار 8:‏37—‏39-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خۇ‌دايىمىزنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن بىزنى ھېچنېمە ئايرىۋېتە‌لمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا بىز قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ كېلە‌ركى ماقالىدە،‏ يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئېتىقادداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ،‏ قانداق ھېسداشلىق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

  • بېسىمغا قارشى كۈرە‌ش قىلغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ ئۈچ خىزمە‌تچىسىدىن قانداق ساۋاق ئالساق بولىدۇ؟‏

  • چۈشكۈنلۈككە قارشى كۈرە‌ش قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

38-‏ناخشا يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا!‏

a بېسىم بە‌ك ئېغىر بولسا ياكى ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتقا سوزۇ‌لسا،‏ تە‌ن سالامە‌تلىكىمىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزغا زىيان كە‌لتۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ روھى چۈشكە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ شۇ‌نداقلا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقا مىساللاردىن قىيىن ۋاقىتلاردا يە‌ھۋادىن ياردە‌م ئىزدە‌شنى ئۆگىنىمىز.‏

b بۇ ماقالىدىكى بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c سۈرە‌تتە:‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌رىشتىسى ئىلياسنى ئاستا ئويغىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا نان بىلە‌ن سۇ بېرىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ ئاسافنىڭ ئە‌ۋلادىدىن چىققان زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى كۈي يېزىپ،‏ ئىككى لاۋىي بىلە‌ن ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش