كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م19 ئىيۇ‌ن 8-‏13 ب.‏
  • سىز ئوي-‏پىكىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يسىز!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز ئوي-‏پىكىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يسىز!‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاڭلار
  • ئوي-‏پىكىرىڭلار يېڭىلانسۇ‌ن
  • ئوي-‏پىكىرىمىزنى قانداق قىلىپ ئۆزگە‌رتە‌لە‌يمىز؟‏
  • ئېتىقادتا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ڭلار
  • ‏«ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاپ،‏ ئۆزۈڭلارنى ئۆزگە‌رتىڭلار»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى كىم شە‌كىللە‌ندۈرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • قانداق قىلىپ قە‌لبىڭىزنى چىڭ قوغدىيالايسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • ئېھتىيات قىلىڭلاركى،‏ ھېچكىم سىلە‌رنى ئە‌سىرلىككە ئېلىۋالمىسۇ‌ن!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ك‌م19 ئىيۇ‌ن 8-‏13 ب.‏

24-‏تە‌تقىق ماقالىسى

سىز ئوي-‏پىكىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يسىز!‏

‏«بىز تۈرلۈك بىمە‌نە سە‌پسە‌تىلە‌رنى ۋە خۇ‌دانى تونۇ‌شقا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان بارچە تە‌كە‌ببۇ‌ر كۆز قاراشلارنى ئاغدۇ‌رۇ‌پ تاشلاۋاتىمىز».‏—‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏5.‏

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

بۇ ماقالىدەa

1.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مايلانغان قېرىنداشلارغا قانداق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شنى بە‌رگە‌ن؟‏

‏«بۇ دۇ‌نيانىڭ قېلىپىغا كىرمە‌ڭلار» (‏رىملىقلار 12:‏2)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ سۆزلە‌رنى بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌رگە ئېيتقان.‏ خۇ‌داغا بېغىشلانغان ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مايلانغان قېرىنداشلارغا نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچىلىك جىددىي ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بېرىلگە‌ن؟‏—‏رىملىقلار 1:‏7.‏

2،‏ 3.‏ بىزنى يە‌ھۋادىن يۈز ئۆرۈتۇ‌ش ئۈچۈن شە‌يتان نېمە قىلىدۇ؟‏ يىلتىز تارتقان ئويلىرىمىزنى قانداق قۇ‌مۇ‌رۇ‌پ تاشلالايمىز؟‏

2 بۇ دۇ‌نيادا كە‌ڭ تارقالغان يامان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە پە‌لسە‌پە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە تە‌سىر قىلغاچ،‏ پاۋلۇ‌س بە‌ك قاتتىق ئە‌نسىرىگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏17—‏19)‏.‏ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىرلە‌ر بىزگىمۇ تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شە‌يتان بىزنى يە‌ھۋا خۇ‌دادىن يىراقلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رخىل تۇ‌زاقلارنى قۇ‌رىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شە‌يتان شۆھرە‌تپە‌رە‌سلىككە ياكى نام-‏ئاتاققا ئېرىشىشكە ئىنتىلىدىغانلىقىمىزنى بايقىسا،‏ ئۇ پۇ‌رسە‌تتىن پايدىلىنىپ بىزنى يە‌ھۋادىن يۈز ئۆرۈشكە ئازدۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزىگە بېقىندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئۆتمۈشىمىز،‏ مە‌دە‌نىيىتىمىز ۋە بىلىمىمىزنى قوللىنىشى مۇ‌مكىن.‏

3 يىلتىز تارتىپ كە‌تكە‌ن ئويلىرىمىزنى قۇ‌مۇ‌رۇ‌پ تاشلىشىمىز مۇ‌مكىنمۇ؟‏ (‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏4)‏.‏ پاۋلۇ‌س بۇ سوئالغا مۇ‌نداق جاۋاب بە‌رگە‌ن:‏ «بىز تۈرلۈك بىمە‌نە سە‌پسە‌تىلە‌رنى ۋە خۇ‌دانى تونۇ‌شقا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان بارچە تە‌كە‌ببۇ‌ر كۆز قاراشلارنى ئاغدۇ‌رۇ‌پ تاشلاۋاتىمىز.‏ ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىرنى ئە‌سىرگە ئېلىپ،‏ ئۇ‌نى مە‌سىھكە بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌ۋاتىمىز» (‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏5)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ناتوغرا كۆز قاراشلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يمىز.‏ خۇ‌ددى دورا زە‌ھە‌رنى قايتۇ‌رىدىغاندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ زە‌ھە‌رلىك تە‌سىرىنى يوققا چىقىرالايدۇ.‏

ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاڭلار

4.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌ندە قانداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلدۇ‌ق؟‏

4 سىز ھە‌قىقە‌تنى بىلىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلغاندا،‏ قانداق ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلغانلىقىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىزغا يامان قىلىقلىرىمىزنى تاشلاشقا توغرا كە‌لگە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 6:‏9—‏11)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لاردىن ئايرىلىشىمىزغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ئۈچۈن بىز ئۇ‌نىڭغا بە‌ك مىننە‌تدار!‏

5.‏ رىملىقلار 12:‏2-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ بىز قايسى ئىككى نە‌رسىنى قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

5 شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئە‌مدى ئۆزگىرىشنىڭ ھاجىتى يوق دە‌پ قول قوشلاپ ئولتۇ‌رماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ گە‌رچە بىز چۆمدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى قىلغان ئېغىر گۇ‌ناھلارنى تاشلىساقمۇ،‏ شۇ قىلىقلارغا قايتىشىمىزغا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغان ھە‌رقانداق ئىشتىن قېچىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ دۇ‌نيانىڭ قېلىپىغا كىرمە‌ڭلار.‏ ئە‌كسىچە،‏ … ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاپ،‏ ئۆزۈڭلارنى ئۆزگە‌رتىڭلار» (‏رىملىقلار 12:‏2)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز ئىككى نە‌رسىنى قىلىشىمىز لازىم.‏ بىرىنچى،‏ «بۇ دۇ‌نيانىڭ قېلىپىغا» كىرمە‌سلىكىمىز ياكى ئۇ‌نىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىماسلىقىمىز لازىم.‏ ئىككىنچى،‏ بىز ئە‌قلىمىزنى يېڭىلاپ،‏ يە‌نى يېڭى كۆز قاراشقا ئىگە بولۇ‌پ،‏ ‹ئۆزىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز» كېرە‌ك.‏

ئۆزگىرىشمۇ ياكى شۇ‌نداق كۆرۈنۈشمۇ؟‏

چاچلىرى پاخپىيىپ كە‌تكە‌ن،‏ ساقىلىنى قىرمىغان ياش يىگىت ئۆز-‏ئۆزىنى كۆينە‌ك ۋە گالستۇ‌ك كىيىۋالغان،‏ ساقىلىنى پاكىز قىرىۋە‌تكە‌ن سۈرىتى بىلە‌ن يوشۇ‌رىۋاتىدۇ

رىملىقلار 12:‏2-‏ئايە‌تتىكى ‹ئۆزگىرىش› دېگە‌ن گرېك سۆزى،‏ كېپىنە‌ك قۇ‌رتىنىڭ كېپىنە‌ككە ئايلانغىنىغا ئوخشاش تولۇ‌ق ئۆزگىرىش جە‌ريانىغا قارىتىلغان.‏ دېمە‌ك،‏ بىز تە‌بىئىتىمىزنى،‏ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىزنى ۋە ئوي-‏پىكرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭغا قارىمۇ-‏قارشى،‏ 2-‏كورىنتلىقلار 11:‏13—‏15-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ‹قىياپە‌تكە كىرىش›،‏ دېگە‌ن گرېك سۆزى پە‌قە‌ت سىرتتىن ئۆزگىرىشنى ياكى ئۆزگە‌رگە‌ندە‌ك بولۇ‌پ كۆرۈنۈشنى بىلدۈرىدۇ.‏

6.‏ ئە‌يسانىڭ مە‌تتا 12:‏43—‏45‏-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

6 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىلغا ئالغان ئۆزگىرىش پە‌قە‌ت تاشقى قىياپە‌تنىلا ئۆزگە‌رتىشنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆز تە‌بىيىتىمىزنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگە‌رتىشنى بىلدۈرىدۇ (‏«‏ئۆزگىرىشمۇ ياكى شۇ‌نداق كۆرۈنۈشمۇ؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏ بىز ئە‌قلىمىزنى،‏ يە‌نى ئوي-‏پىكىر،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ ۋە خاھىشلىرىمىزنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ربىرىمىز ئۆزىمىزدىن:‏ «ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن يۈرىكىمنى ۋە ئە‌قلىمنى ئۆزگە‌رتىۋاتىمە‌نمۇ ياكى پە‌قە‌ت سىرتتىنلا ئۆزگە‌رگە‌ندە‌ك كۆرۈنە‌مدۇ؟‏» دە‌پ سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ مە‌تتا 12:‏43—‏45‏-‏ئايە‌تلە‌ردە (‏ئوقۇ‌ڭ)‏،‏ ئە‌يسا بىزدىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ بۇ سۆزلە‌ردىن مۇ‌ھىم ساۋاق ئالىمىز:‏ ناتوغرا ئوي-‏خىياللاردىن ئايرىلىپلا قويماي،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئورنىنى خۇ‌داغا ياقىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر بىلە‌ن تولدۇ‌رۇ‌شىمىز لازىم.‏

ئوي-‏پىكىرىڭلار يېڭىلانسۇ‌ن

7.‏ ئۆز ئىچكى دۇ‌نيايىمىزنى قانداق ئۆزگە‌رتە‌لە‌يمىز؟‏

7 ئۆز خاھىشىمىز ياكى ئىچكى دۇ‌نيايىمىزنى ئۆزگە‌رتىش مۇ‌مكىنمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «چوقۇ‌م ئە‌قىل يۈرگۈزۈپ،‏ كۆز قارىشىڭلارنى داۋاملىق يېڭىلاڭلار،‏ ھە‌قىقىي ھە‌ققانىيلىققا ۋە ساداقە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق يارىتىلغان يېڭى شە‌خسنى كىيىڭلار» (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏23،‏ 24)‏.‏ ھە‌ئە،‏ ئۆزىمىزنى ئۆزگە‌رتىش مۇ‌مكىن،‏ لېكىن،‏ بۇ ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ناتوغرا ھە‌ۋە‌سلە‌رنى رە‌ت قىلىش ۋە يامان ئىشلارنى قىلىشنى توختىتىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ بىز ئوي-‏پىكىرىمىزنى يېڭىلىشىمىز ياكى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭغا يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز،‏ ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىمىز ۋە نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىش كىرىدۇ.‏ ئۆزگىرىش ئۈچۈن بىز ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىشىمىز زۆرۈر.‏

8،‏ 9.‏ بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىدىن كۆرۈنگە‌ندە‌ك،‏ ئىچكى دۇ‌نيايىمىزنى ئۆزگە‌رتىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

8 بۇ‌رۇ‌ن بە‌ك زوراۋان بولغان بىر ئېتىقادداشنىڭ مىسالىنى كۆرە‌يلى.‏ ئۇ ھاراق ئىچىپ،‏ باشقىلار بىلە‌ن سوقۇ‌شاتتى.‏ كېيىن،‏ شۇ قىلىقلىرىنى تاشلاپ،‏ ئاخىرىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ بۇ خولۇ‌م-‏قوشنىلىرىغا ياخشى گۇ‌ۋاھلىق بولغان.‏ بىراق،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈپ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ بىر كېچىسى ئۇ كۈتۈلمىگە‌ن سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌نىدى.‏ بۇ‌رادە‌رنىڭ ئۆيىنىڭ قېشىغا بىر مە‌ست كىشى كېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سوقۇ‌شماقچى بولغان.‏ بېشىدا ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ،‏ شۇ كىشى بىلە‌ن سوقۇ‌شمىغان.‏ بىراق،‏ مە‌س كىشى يە‌ھۋانى ھاقارە‌تلىگە‌ندە،‏ بۇ‌رادە‌ر چىدالماي،‏ قاتتىق ئاچچىقلانغان ۋە ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ ھېلىقى مە‌ستنى دۇ‌مبالاپ ئۇ‌رۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تۇ‌تالماي قالغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىش بۇ‌رادە‌رگە سوقۇ‌شماسلىققا ياردە‌م بە‌رسىمۇ،‏ ئۇ تېخىچە ئوي-‏پىكىرىنى ئۆزگە‌رتمىگە‌ن.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ ئۇ ئىچكى دۇ‌نياسىنى ئۆزگە‌رتمىگە‌ن ئىدى.‏

9 لېكىن،‏ ئۇ ئۆزگىرىشكە تىرىشىشنى توختاتمىغان (‏پە‌ند.‏ نە 24:‏16)‏.‏ بۇ‌رادىرىمىز ئاقساقاللارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۆزگىرىپ،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆزىمۇ ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏ ئۇ بىرنە‌چچە يىل بۇ‌رۇ‌ن دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناققا قايتا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ بىر كۈنى كە‌چقۇ‌رۇ‌ن ئىبادە‌ت زالىنىڭ ئالدىدا مە‌ست كىشى بىر ئاقساقالنى ئۇ‌رماقچى بولغان.‏ شۇ چاغدا،‏ بۇ بۇ‌رادە‌ر نېمە قىلغان؟‏ ئۇ ئاچچىقلانماي،‏ سىلىق-‏سىپايە سۆزلە‌پ،‏ مە‌ست كىشىنى تىنچلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان.‏ بۇ قېتىم بۇ‌رادىرىمىز نېمە ئۈچۈن باشقىچە ھە‌رىكە‌ت قىلغان؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئوي-‏پىكىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگە‌رتكە‌نىدى.‏ ئە‌مدى ئۇ تىنچلىقپە‌رۋە‌ر ۋە كە‌متە‌ر ئادە‌م بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈردى.‏

10.‏ ئۆزگىرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 شۇ‌نداق ئۆزگىرىشلە‌ر بىر كۈننىڭ ئىچىدە ياكى ئۆزىدىن ئۆزى پە‌يدا بولمايدۇ.‏ ئۆزگىرىش ئۈچۈن بىز نۇ‌رغۇ‌ن يىل داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك (‏2-‏پېتر.‏ 1:‏5)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئۇ‌زۇ‌ندىن بىرى،‏ خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلىقتىنلا ئۆزگىرىپ كە‌تمە‌يمىز.‏ يۈرىكىمىزنى ۋە ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ كېلىڭلار،‏ ئۆزگىرىشكە ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى ئۇ‌سۇ‌للارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئوي-‏پىكىرىمىزنى قانداق قىلىپ ئۆزگە‌رتە‌لە‌يمىز؟‏

قېرىنداش دۇ‌ئا قىلىش،‏ ئە‌ينە‌ككە قاراپ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ۋە ياخشى دوستلارنى تاللاش ئارقىلىق ئوي-‏پىكىرىنى ئۆزگە‌رتىۋاتىدۇ

11.‏ دۇ‌ئا ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 بىرىنچى ئۇ‌سۇ‌ل —‏ دۇ‌ئا قىلىش‏«ئىچىمدە پاك قە‌لب يارات،‏ ئە‌ي خۇ‌دا،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌م،‏ يېڭى بىر روھ بە‌ر ماڭا» دە‌پ دۇ‌ئا قىلغان زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىدىن ئۈلگە ئالساق بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 51:‏10)‏.‏ بىز ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌كلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا ئۆزگىرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌زە‌كىيالنىڭ زامانىدا ياشىغان تە‌رسا ئىسرائىللارغا مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «مە‌ن ئۇ‌لارغا ئىناق بىر قە‌لب ئاتا قىلىپ،‏ ئىچىگە يېڭى بىر روھنى سالىمە‌ن… .‏ ئۇ‌لارغا گۆش يۈرە‌كنى بېرىمە‌ن» (‏ھە‌زە‌ك.‏ 11:‏19)‏.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارنىڭ ئۆزگىرىشكە ياردە‌م بېرىشنى خالىغاندە‌ك،‏ بىزگىمۇ ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏

12،‏ 13.‏ (‏1)‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏59-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ بىز نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ ئۆزىڭىزگە قانداق سوئاللارنى قويسىڭىز بولىدۇ؟‏

12 ئىككىنچى مۇ‌ھىم ئۇ‌سۇ‌ل —‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش.‏ خۇ‌دا سۆزىنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۆز ئۆزىمىزنى تە‌كشۈرۈپ،‏ قانداق ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىشىمىز لازىم.‏ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 119:‏59-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ ئىبرانىي.‏ 4:‏12؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏25)‏.‏ دۇ‌نيانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى ئە‌قلىمىزگە ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزغا تە‌سىر قىلغان-‏قىلمىغانلىقىنى تە‌كشۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ئاجىز تە‌رە‌پلىرىمىزنى بىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە كۈچ چىقىرىشىمىز زۆرۈر.‏

13 مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سورىسىڭىز بولىدۇ:‏ «يۈرىكىمدە ئازراق بولسىمۇ كۆرە‌لمە‌سلىك بارمۇ؟‏» (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏1)‏.‏ «تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ ئۆسكە‌ن يېرىم،‏ ئالغان بىلىمىم ياكى مال-‏دۇ‌نيارىم تۈپە‌يلىدىن ئۆزۈمنى باشقىلاردىن ئارتۇ‌ق دە‌پ سانايمە‌نمۇ؟‏» (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏5)‏.‏ «ماڭا ئوخشاش مال-‏مۈلكى يوق ياكى باشقا مىللە‌تتىن بولغان ئادە‌ملە‌رنى ئۆزۈمدىن تۆۋە‌ن كۆرىمە‌نمۇ؟‏» (‏ياقۇ‌پ 2:‏2—‏4)‏.‏ «شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسى تە‌مىنلىگە‌ن نە‌رسىلە‌رگە قىزىقىمە‌نمۇ؟‏» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏15—‏17)‏.‏ «زوراۋانلىق ۋە جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق كۆرسىتىلىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى ياخشى كۆرىمە‌نمۇ؟‏» (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10؛‏ 101:‏3؛‏ ئاموس 5:‏15)‏.‏ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ،‏ سىز قايسى تە‌رە‌پتىن ئۆزگىرىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىسىز.‏ قېنىمىزغا سىڭىپ قالغان شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىرلە‌ر بىلە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنى خۇ‌شال قىلىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 19:‏14.‏

14.‏ ياخشى دوستلارنى تاللاش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

14 ئۈچىنچى ئۇ‌سۇ‌ل —‏ ياخشى دوستلارنى تاللاش.‏ دوستلىرىمىز بىزگە قاتتىق تە‌سىر قىلىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 13:‏20)‏.‏ ئىشتا ياكى مە‌كتە‌پتە،‏ بە‌لكىم بىزنى خۇ‌دانى خۇ‌شال قىلىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌رنى يېتىلدۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىمايدىغانلار كۆپ.‏ ئە‌مما،‏ جامائە‌تتە بىز ئە‌ڭ ياخشى دوستلارنى تاپالايمىز.‏ ئېتىقادداشلار بىزنى «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا» ئۈندە‌يدۇ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌ش ئۈچۈن،‏ بىر-‏بىرىمىز ھە‌ققىدە ئويلىنايلى.‏ بە‌زىلە‌ر ئادە‌تلە‌نگە‌ندە‌ك يىغىلىشلىرىمىزنى قالدۇ‌رمايلى،‏ ئە‌كسىچە بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام بېرە‌يلى.‏ شۇ كۈننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن ئىكە‌نمىز،‏ تېخىمۇ كۆپرە‌ك شۇ‌نداق قىلايلى».‏—‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25.‏

ئېتىقادتا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ڭلار

15،‏ 16.‏ شە‌يتان ئوي-‏پىكىرىمىزنى بۇ‌رمىلاشقا قانداق تىرىشىدۇ؟‏

15 شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ك،‏ شە‌يتان بىزنىڭ ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن بە‌ل باغلىغان.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌تنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىمىزگە ياخشى تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌يتان ئوي-‏پىكىرىمىزنى بۇ‌رمىلاش ۋە بىزدە گۇ‌مان تۇ‌غدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رتۈرلۈك ئوي-‏پىكىرلە‌ردىن پايدىلىنىدۇ.‏

16 ئېرە‌م بېغىدا ھاۋا ئانىدىن سورىغاندە‌ك،‏ شە‌يتان بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزدىن:‏ «خۇ‌دا راستتىنلا … دېدىمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورايدۇ (‏يارىت.‏ 3:‏1)‏.‏ شە‌يتاننىڭ قول ئاستىدىكى دۇ‌نيادا بىز پات-‏پات گۇ‌مان تۇ‌غدۇ‌رىدىغان سوئاللارنى ئاڭلايمىز:‏ «خۇ‌دا راستتىنلا كۆپ ئاياللىق بولۇ‌شقا رۇ‌خسە‌ت بە‌رمە‌مدۇ؟‏ خۇ‌دا راستتىنلا يېڭى يىلنى ۋە تۇ‌غۇ‌لغان كۈننى تە‌برىكلىشىڭلارنى خالىمامدۇ؟‏ خۇ‌دايىڭلار راستتىنلا قان سالدۇ‌رۇ‌شقا قە‌تئىي قارشى تۇ‌رۇ‌شۇ‌ڭلارنى تە‌لە‌پ قىلامدۇ؟‏ سىلە‌رنى سۆيگە‌ن بولسا،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دا راستتىنلا جامائە‌تتىن چىقىرىلغان دوستلۇ‌رۇ‌ڭلار ۋە ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭلار بىلە‌ن ئارىلاشماسلىقنى تە‌لە‌پ قىلامدۇ؟‏»‏

17.‏ گۇ‌مان تۇ‌غدۇ‌رىدىغان سوئاللارنى ئاڭلىغاندا نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە كولوسىلىقلار 2:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ر قانداق نە‌تىجىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

17 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌پ-‏بىلگە‌نلىرىمىزگە مە‌ھكە‌م ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌ھىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلمىساق،‏ ئىشە‌نگە‌نلىرىمىزنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە گۇ‌مان قىلىشقا باشلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ گۇ‌مانلار ئوي-‏پىكىرىمىزنى بۇ‌رمىلاپ،‏ ئېتىقادىمىزنى ۋە‌يران قىلىۋېتىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى «خۇ‌دانىڭ ياخشى،‏ مە‌قبۇ‌ل ۋە مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈش»‏ ئۈچۈن ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە ئۈندە‌يدۇ (‏رىملىقلار 12:‏2)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلە‌ن نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىزنى دائىم تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق ئوقۇ‌پ ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يمىز.‏ شۇ‌ندىلا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرى توغرا ئىكە‌نلىكىگە تولۇ‌ق ئىشىنىمىز.‏ شۇ چاغدا،‏ بىز چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتقان دە‌رە‌خكە ئوخشاش،‏ ‹ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يمىز›‏‏.‏—‏كولوسىلىقلار 2:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

18.‏ شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ زە‌ھە‌رلىك تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىماسلىقىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 ئېتىقادىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم مە‌ھكە‌م قىلالمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌قلىڭىزنى يېڭىلاشنى ياكى ئوي-‏پىكىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ھە‌ردائىم دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بېرىشنى يالۋۇ‌رۇ‌پ سوراڭ.‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ ۋە ئوي-‏پىكىرلىرىڭىزنى دائىم تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ياخشى دوستلارنى ئىزدە‌ڭ ۋە ئوي-‏پىكىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بېرىدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئارىلىشىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ زە‌ھە‌رلىك تە‌سىرىگە بېرىلمە‌ي،‏ «خۇ‌دانى تونۇ‌شقا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان بارچە تە‌كە‌ببۇ‌ر كۆز قاراشلارنى ئاغدۇ‌رۇ‌پ» تاشلايسىز.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏5.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • رىملىقلار 12:‏2-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ بىز قايسى ئىككى نە‌رسىنى قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە قايسى ئۈچ ئۇ‌سۇ‌ل ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • كولوسىلىقلار 2:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغان مە‌سلىھە‌تنى قانداق قوللىنالايمىز؟‏

48-‏ناخشا ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا بىلە‌ن يۈر!‏

a بىزنىڭ ئوي-‏پىكىرىمىزگە ئۆتمۈشىمىز،‏ مە‌دە‌نىيىتىمىز ۋە بىلىمىمىز تە‌سىر قىلىدۇ.‏ بە‌زى ناتوغرا كۆز قاراشلار ئە‌قلىمىزگە سىڭىپ كە‌تكە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالىدە چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتقان شۇ كۆز قاراشلاردىن قانداق قۇ‌تۇ‌لۇ‌شقا بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش