سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى كىم شەكىللەندۈرىدۇ؟
«بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرمەڭلار.—رىملىقلار 12:2.
ناخشىلار: 11، 22
1، 2. (1) پېترۇس ئەيسانى ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلاشقا دەۋەت قىلغاندا، ئەيسا نېمە دېگەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ). (2) ئەيسا نېمە سەۋەبتىن شۇنداق جاۋاب بەرگەن؟
ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ھەيران قالغان. ئۇلار مەسىھ كېلىپ، ئىسرائىل پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلەيدۇ، دەپ ئويلىغان. لېكىن، ئەيسا ئۆزىنىڭ ئازاب چېكىپ، ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ چاغدا، ئەلچى پېترۇس: «خۇدا سىزنى ساقلىسۇن، ھەزرىتىم! بۇ ئىشلار بېشىڭىزغا ئەسلا كەلمەيدۇ»،— دېگەن. ئەيسا ئۇنىڭغا: «كۆزۈمدىن يوقال، شەيتان! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭ تاش، چۈنكى سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىدۇر»،— دەپ جاۋاب قايتۇرغان.—مەتتا 16:21—23؛ ئەلچىلەر 1:6.
2 ئەيسا بۇ سۆزلىرى بىلەن يەھۋانىڭ كۆز قارىشى ۋە شەيتان باشقۇرۇۋاتقان دۇنيادىكى كۆز قاراشلار ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن (1-يۇھاننا 5:19). پېترۇس ئەيسانى كۆپ ئادەملەرگە خاس بولغان شەخسىيەتچىلىككە دەۋەت قىلغان. بىراق، ئەيسا ئۆزىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈمگە تەييار بولۇشىنى يەھۋانىڭ خالىغانلىقىنى بىلگەن. ئەيسا بەرگەن جاۋاب ئۇنىڭ يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماس ھەرىكەت قىلىپ، بۇ دۇنيادىكى كۆز قاراشنى رەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
3. بۇ دۇنيانىڭ كۆز قارىشىنى رەت قىلىپ، يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن؟
3 بىزچۇ، بىز قانداق قىلىمىز؟ بىز يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىمىزمۇ ياكى بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭكىنىمۇ؟ بىز خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ قەلبىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز. ئەمما، بىز يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاشقا، يەنى ھەربىر ۋەزىيەتكە ئۇنىڭ كۆز قارىشى بىلەن قاراشقا تىرىشىمىزمۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقرىش كېرەك. دۇنيانىڭ روھى بىزنى ھاۋادەك قورشىغانلىقتىن، ئۇنىڭدىكى كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلىش ئاسان (ئەفەسلىكلەر 2:2). شۇنىڭ بىلەن، ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئويلايدۇ ۋە بۇ بىزگىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەك، لېكىن بۇ دۇنيادىكى ئادەملەردەك ئويلاش بەك ئاسان.
4. (1) كۆز قارىشىمىزغا مۇشۇ دۇنيانىڭ تەسىر قىلىشىغا يول قويساق، نېمە بولىدۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 كۆز قارىشىمىزغا مۇشۇ دۇنيانىڭ تەسىر قىلىشىغا يول قويساق، شەخسىيەتچى بولۇپ كېتىپ، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئۆزىمىز قارار قىلىشنى خالىشىمىز مۇمكىن (ماركۇس 7:21، 22). شۇڭا، بىز ئىنسانلاردەك ئەمەس، خۇداغا ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگىنىشىمىز ناھايىتى مۇھىم! بۇ ماقالە بىزگە شۇنى ئۆگىنىشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. بىز يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەركىنلىكىمىزنى چەكلىمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ كۆز قارىشى ۋە ئوي-پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈلگە قىلماسلىق، يەنى كۆز قارىشىمىزنى شەكىللەندۈرۈشىگە يول بەرمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىمىز. كېيىنكى ماقالىدە، يەھۋانىڭ بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا كۆز قارىشىنى قانداق بىلەلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا قانداق ئىگە بولالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنىڭ پايدىسى
5. بەزى ئادەملەر نېمە ئۈچۈن بىرسىنىڭ دېگىنىنى قىلغۇسى كەلمەيدۇ؟
5 بەزى ئادەملەر بىرسىنىڭ دېگىنىنى قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇلار «ئۆزۈم بىلىمەن» دەيدۇ. بەلكىم، بۇ سۆزلىرى بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى قارار چىقىرالايدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدىغاندۇ. شۇنداق ئادەملەر بىرسىنىڭ ئۇلارنى كونترول قىلىشىنى ياكى باشقىلاردەك قىلىشقا مەجبۇرلىشىنى خالىمايدۇa (ئىزاھاتقا قاراڭ).
6. (1) يەھۋا بىزگە قانداق ئەركىنلىك بەرگەن؟ (2) بۇ ئەركىنلىك چەكسىزمۇ؟
6 ئەلۋەتتە، يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىش، بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئوي-پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. 2-كورىنتلىقلار 3:17-ئايەتتە: «قەيەردە يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى بار بولسا، ئۇ يەردە ئەركىنلىك باردۇر»،— دەپ يېزىلغان. يەھۋا بىزگە قانداق ئادەم بولۇشنى تاللىشىمىزغا پۇرسەت بەرگەن. ھەممىمىز نېمىگە قىزىقىشنى ۋە نېمىگە ئامراق بولۇشنى ئۆزىمىز تاللىيالايمىز. يەھۋا بىزنى شۇنداق ياراتقان. ئەمما، بۇ ئەركىنلىكىمىزنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ (1-پېترۇس 2:16-نى ئوقۇڭ). بىزگە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلگەندە، يەھۋا بىزنىڭ يول-يورۇقنى مۇقەددەس كىتابتىن ئىزدىشىمىزنى خالايدۇ. قانداق ئويلايسىز، بۇ ئەركىنلىكىمىزنى چەكلەمدۇ ياكى بىزگە پايدا ئېلىپ كېلەمدۇ؟
7، 8. يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇش ئەركىنلىكىمىزنى چەكلەمدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. ئاتا-ئانا بالىسىغا ياخشى تەربىيە بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار پەرزەنتلىرىنى ۋىجدانلىق، ئىش-ئەمگەكنى سۆيىدىغان ۋە كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدىغان بالا بولۇشى ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ. بۇنداق قىلىش ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىك بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. بەلكى ئۇلار بالىسىنىڭ كېلەچەكتە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. بالا چوڭ بولۇپ، ئۆيىدىن ئايرىلغاندا، ئۆزى قارار قىلىدىغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئاتا-ئانىسى بەرگەن ياخشى تەربىيىگە ماس ھايات كەچۈرسە، دانا قارارلارنى چىقىرىپ، كۆپ قىيىنچىلىقلاردىن، غەم-قايغۇ ۋە ئۈمىدسىزلىكلەردىن نېرى بولالايدۇ.
يەھۋا بىزنى ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاشقا چاقىرىدۇ
8 كۆيۈمچان ئاتىغا ئوخشاش، يەھۋامۇ ئۆز بالىلىرىنىڭ بەختلىك ھايات كەچۈرۈشىنى خالايدۇ (يەشايا 48:17، 18). شۇڭا، ئۇ بىزگە يۈرۈش-تۇرۇش ۋە باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە ئاساسىي پرىنسىپلارنى بەرگەن. يەھۋا بىزنى ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاشقا چاقىرىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى چەكلىمەيدۇ. ئەكسىچە، بىزنىڭ تېخىمۇ دانا بولۇشىمىز ۋە توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 92:5؛ پەندى-نەسىھەت 2:1—5؛ يەشايا 55:9). ئەلۋەتتە، قارار چىقىرىش ئۆز قولىمىزدا، بىراق، بىزنى خۇشال قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىدىغان بولۇشىمىز كېرەك (زەبۇر 1:2، 3). يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولساق، مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز!
يەھۋانىڭ كۆز قارىشى ھەممىدىن ئۈستۈن
9، 10. يەھۋانىڭ كۆز قارىشى بۇ دۇنيادىكى ئوي-پىكىرلەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى نېمە ئىسپاتلايدۇ؟
9 كۆز قارىشىمىزنى يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماسلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى — ئۇنىڭ كۆز قارىشى مۇشۇ دۇنيادىكى كۆز قاراشلاردىن نەقەدەر ئۈستۈندۇر. بۇ دۇنيا يۈرۈش-تۇرۇش، ئائىلىۋى بەخت، ئۇتۇق قازىنىش ۋە ھاياتىمىزنىڭ باشقا ساھەلىرى ھەققىدە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. بىراق، مۇشۇ مەسلىھەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا قارشىدۇر. مەسىلەن، بۇ دۇنيا ئادەملەرنى پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلاشقا ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا كۆز يۇمۇشقا ئۈندەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيا ئەر-ئايال ئەرزىمەس سەۋەب تۈپەيلىدىن ئايرىم ياشىسا ياكى ئاجراشسا، بەختلىكىرەك بولالايدۇ، دەپ ئۆگىتىدۇ. بىراق، شۇنداق ئوي-پىكىرلەر مۇقەددەس كىتابقا زىتتۇر. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇنيانىڭ مەسلىھەتلىرى مۇقەددەس كىتابنىڭ مەسلىھەتلىرى قارىغاندا كۆپ پايدىلىقمۇ؟
10 ئەيسا: «ھېكمەت ئۆز ئىشلىرى بىلەن دەلىللىنىدۇ»،— دېگەن (مەتتا 11:19). گەرچە بۇ دۇنيادا پەن-تېخنىكا زور تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئادەملەرگە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ئۇرۇش، ئىرقى كەمسىتىش ۋە جىنايەتلەر تېخىچە يوقالمىدى . بۇنىڭدىن تاشقىرى، بۇ دۇنيادا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلانغان. لېكىن، كۆپ ئادەملەر ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، سالامەتلىككە زىيان كەلتۈرۈپ، ھەم باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. يەھۋانىڭ مەسلىھەتلىرى ھەققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟ ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلغان دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئائىلىلىرى بەختلىكرەك، ساغلامراق ۋە بىر-بىرى بىلەن ئىناق ياشىماقتا (يەشايا 2:4؛ ئەلچىلەر 10:34، 35؛ 1-كورىنتلىقلار 6:9—11). بۇنىڭ ھەممىسى يەھۋانىڭ كۆز قارىشى بۇ دۇنيادىكى ئوي-پىكىرلەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
11. مۇسانىڭ كۆز قارىشىنى كىم شەكىللەندۈرگەن ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
11 يەھۋانىڭ قەدىمقى زاماندىكى سادىق خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭ كۆز قارىشى ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن. مەسىلەن، مۇسا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق دانالىقىنى ئۆگىنىپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، پەقەت يەھۋا ھەقىقىي دانالىقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن (ئەلچىلەر 7:22؛ زەبۇر 90:12). شۇڭا، ئۇ يەھۋادىن: «ماڭا ئۆز يوللىرىڭنى كۆرسىتىپ بەر»،— دەپ سورىغان (چىقىش 33:13). مۇسا يەھۋانىڭ ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشىگە يول قويغان. شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇسانى ئالاھىدە ئۇسۇلدا ئىشلەتكەن ۋە ئۇنى ئېتىقادى مەھكەم كىشى دەپ ئاتاپ، زور شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن.—ئىبرانىيلار 11:24—27.
12. پاۋلۇس نېمىگە ئاساسلىنىپ قارار چىقارغان؟
12 ئەلچى پاۋلۇس بىلىمگە ئىگە، ئوقۇمۇشلۇق كىشى بولغان ۋە ئىبرانىي ھەم گرېك تىللىرىنى بىلگەن (ئەلچىلەر 5:34؛ 21:37، 39؛ 22:2، 3). ئەمما، ئۇ بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا تايانماي، مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلىنىپ قارار چىقارغان (ئەلچىلەر 17:2؛ 1-كورىنتلىقلار 2:6، 7، 13نى ئوقۇڭ). نەتىجىدە، ئۇنىڭ خىزمىتى بەك ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئۇ مەڭگۈلۈك مۇكاپاتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن.—2-تىموتىي 4:8.
13. كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كىم جاۋابكار؟
13 ئېنىقكى، يەھۋانىڭ كۆز قارىشى دۇنيانىڭكىدىن بەكمۇ ئۈستۈندۇر. ئەگەر بىز خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىساق، ھەقىقىي بەختكە ئېرىشەلەيمىز. بىراق، يەھۋا بىزنى ئۆزىگە ئوخشاش ئويلاشقا مەجبۇرلىمايدۇ. «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» ياكى ئاقساقاللارمۇ بىزنى بۇنىڭغا مەجبۇرلىمايدۇ (مەتتا 24:45؛ 2-كورىنتلىقلار 1:24). ھەربىرىمىز كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن جاۋابكار. يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
كۆز قارىشىمىزنى بۇ دۇنيا شەكىللەندۈرمىسۇن
14، 15. (1) يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن بىز نېمە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك؟ (2) نېمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ كۆز قارىشى بىزگە تەسىر قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز لازىم؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
14 رىملىقلار 12:2-ئايەتتە: «بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرمەڭلار. ئەكسىچە، خۇدانىڭ ياخشى، مەقبۇل ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەقلىڭلارنى يېڭىلاپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار»،— دەپ يېزىلغان. بۇ ئايەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇكى، ھەقىقەتنى بىلىشتىن ئاۋۋال كۆز قارىشىمىزنى قانداق نەرسىلەر شەكىللەندۈرگىنىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئوي-پىكرىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى يەھۋانىڭكىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرالايمىز. ئېرىسىيەتلىك ئامىللار ياكى ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەر كۆز قارىشىمىزغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلسىمۇ، ئوي-پىكرىمىزنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن. كۆز قارىشىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ئويلىرىمىز بىلەن زىچ باغلىق. ئەگەر بىز يەھۋانىڭ ئويلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلساق، ئۇنىڭ كۆز قارىشى ھەردائىم توغرا ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزىمىز. شۇ چاغدىلا بىز ھەرقانداق ۋەزىيەتكە، ئۇنىڭ كۆز قارىشى بىلەن قارايدىغان بولىمىز.
15 كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال بۇ دۇنيادىكى قېلىپقا كىرىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. دېمەك، بىز خۇدانىڭ كۆز قارىشىغا زىت ھەرقانداق نەرسىنى كۆرۈشتىن، ئوقۇشتىن ۋە تىڭشاشتىن نېرى بولۇشىمىز لازىم. بۇنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. سالامەتلىكى ياخشى بولۇشىنى خالايدىغان كىشى پايدىلىق تائاملارنى ئىستىمال قىلىشقا تىرىشىدۇ. لېكىن، ئۇ پايدىلىق تائام يەيمەن، دەپ ھەردائىم بۇزۇلۇپ قالغان تائامنى يېسە، كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز دۇنيانىڭ كۆز قارىشى بىزگە تەسىر قىلىشىغا يول قويساق، يەھۋانىڭ ئويىنى بىلىشكە تىرىشقانلىقىمىز بىكار بولىدۇ.
16. بىز ئۆزىمىزنى نېمىدىن قوغدىشىمىز كېرەك؟
16 ئەلۋەتتە، بىز بۇ دۇنيانىڭ ئوي-پىكىرلىرىدىن پۈتۈنلەي نېرى تۇرالمايمىز. بۇ دۇنيادىن ھېچ يەرگە قاچالمايمىز، شۇڭا بىز بەرىبىر ئۇلارغا دۇچ كېلىمىز (1-كورىنتلىقلار 5:9، 10). ھەتتا ۋەز قىلغاندىمۇ بەزى ناتوغرا تەلىملەرنى ئاڭلايمىز. لېكىن، ئاڭلاپ قالغان ئوي-پىكىرلەر ھەققىدە داۋاملىق ئويلىماسلىقىمىز ياكى ئۇلارنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، شەيتان ئېڭىمىزغا سىڭدۈرمەكچى بولغان پىكىرلەرنى دەرھال رەت قىلىشىمىز زۆرۈر. بۇ دۇنيانىڭ كۆز قارىشىدىن مۇمكىنقەدەر نېرى تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغدىيالايمىز.—پەندى-نەسىھەت 4:23-نى ئوقۇڭ.
17. بۇ دۇنيانىڭ ئوي-پىكىرلىرىدىن ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
17 مەسىلەن، ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ياخشى دوستلارنى تاللىشىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغانلار بىلەن دوست بولساق، ئۇلارغا ئوخشاش ئويلاشنى باشلىشىمىز مۇمكىن (پەندى-نەسىھەت 13:20؛ 1-كورىنتلىقلار 15:12، 32، 33). ئويۇن-تاماشا تۈرلىرىنى تاللىغاندىمۇ پەخەس بولۇشىمىز لازىم. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى، زوراۋانلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئويۇن-تاماشا تۈرلىرىنى رەت قىلساق، «خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارچە تەكەببۇر كۆز قاراشلارنى» ئەقلىمىزنى زەھەرلىنىشتىن قوغداپ قالالايمىز.—2-كورىنتلىقلار 10:5.
بالىلىرىمىزنىڭ زىيانلىق ئويۇن-تاماشا تۈرلىرىنى رەت قىلىشنى ئۆگىنىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ (18، 19-ئابزاسلارغا قاراڭ)
18، 19. (1) نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ يوشۇرۇن بايقاش قىيىن ئوي-پىكىرلىرىدىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك؟ (2) ئۆزىمىزگە قانداق سوئاللارنى قويساق بولىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
18 بىز بۇ دۇنيادىكى كۆرۈنمەيدىغان يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلەرنى بايقاپ، رەت قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بەزىدە خەۋەرلەردە قانداقتۇ بىر سىياسىي ئوي-پىكىر ياكى بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ كۆزلىگەن مەقسەت-نىشانلىرى تەشۋىق قىلىنىشى مۇمكىن. بەزى فىلىملەر ۋە كىتابلار «بىرىنچى نۆۋەتتە مەن»، «بىرىنچى ئورۇندا ئائىلەم» دەپ ئويلاشقا دەۋەت قىلىپ، شۇنداق پىكىرلەرنى ئەقىلگە مۇۋاپىق، يېقىملىق، ھەتتا توغرا دەپ كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ئوي-پىكىرلەر مۇقەددەس كىتابقا زىت. خۇدا سۆزىدە، يەھۋانى ھەممىدىن ئارتۇق سۆيسەك، ئۆزىمىزمۇ، ئائىلىمىزمۇ بەختلىك بولالايدىغانلىقى يېزىلغان (مەتتا 22:36—39). شۇنداقلا، بالىلار ئۈچۈن بەزى كىتابلار، ئويۇنلار ۋە كارتون فىلىملەر زىيانسىز بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، بالىلارنى ئەخلاقسىز يۈرۈش-تۇرۇشقا ئۆگىتىشى مۇمكىن.
19 ئەلۋەتتە، بىز پايدىلىق ئويۇن-تاماشا تۈرلىرىنى رەت قىلمايمىز. بىراق، ئۆزىمىزدىن مۇنداق سورىساق بولىدۇ: «مەن بۇ دۇنيانىڭ يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرىنى بايقايمەنمۇ؟ ئۆزۈمنى ۋە بالىلىرىمنى بەزى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىن ۋە ماتېرىياللاردىن قوغدايمەنمۇ؟ بالىلىرىم بۇ دۇنيادىكى ئۆي-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىمەنمۇ؟» ئەگەر بىز خۇدانىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۆز قارىشى ئارىسىدىكى پەرقنى ئېنىق كۆرسەك، كۆز قارىشىمىزنى بۇ دۇنيانىڭ شەكىللەندۈرۈشىگە يول قويمايمىز.
سىزنى كىم شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ؟
20. بىزنى كىم شەكىللەندۈرىدىغانلىقى نېمىگە باغلىق؟
20 مەلۇماتنىڭ پەقەت ئىككى مەنبەسى بار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى. بىرى — يەھۋا خۇدا، ئىككىنچىسى — شەيتان ۋە ئۇنىڭ رەزىل دۇنياسى. سىزنى كىم شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ؟ بۇ سىزنىڭ قايسى مەنبەدىن مەلۇمات ئالغانلىقىڭىزغا باغلىق. بۇ دۇنيادىكى كۆز قاراشنى قوبۇل قىلساق، بۇ دۇنيا كۆز قارىشىمىزنى شەكىللەندۈرۈپ، پەقەت ئۆز مەنپەئەتىمىزنى ئويلايدىغان بولىمىز. شۇڭا، بىز نېمىنى كۆرۈش، ئوقۇش ۋە تىڭشاشنى تاللىغاندا، ئېھتىياتچان بولۇشىمىز بەك مۇھىم!
21. كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
21 بۇ ماقالىدىن يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاش ئۈچۈن، بىز بۇ دۇنيادىكى ئوي-پىكىرلەردىن نېرى تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋالدۇق. بىز خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلساق، كۆز قارىشىمىز ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. كېيىنكى ماقالىدە، بىز خۇدانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىمىز.
a ئەمەلىيەتتە، ھەتتا ئەڭ مۇستەقىل كىشىلەرمۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە كۆز قارىشىمىزغا ۋە كىيىنىش ئۇسۇلىمىزغا باشقىلار ئازىراق بولسىمۇ، تەسىر قىلىدۇ. لېكىن، بىزگە كىمنىڭ تەسىر قىلىشىغا يول قويۇش ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدا.