كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 نويابىر 21-‏26 ب.‏
  • بۇ دۇ‌نياغا خاس ئوي-‏پىكىرلە‌رنى رە‌ت قىلىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بۇ دۇ‌نياغا خاس ئوي-‏پىكىرلە‌رنى رە‌ت قىلىڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌داغا ئىشىنىش كېرە‌كمۇ؟‏
  • بىزگە دىن كېرە‌كمۇ؟‏
  • بىزگە ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملە‌ر كېرە‌كمۇ؟‏
  • مە‌نسە‌پكە ئىنتىلىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏
  • ئادە‌ملە‌ر دۇ‌نيادىكى قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالامدۇ؟‏
  • ‏«قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىڭ»‏
  • سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى كىم شە‌كىللە‌ندۈرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ‏«شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا»غا خىزمە‌ت قىلىدىغانلار بە‌ختلىك!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ياشلار،‏ ياراتقۇ‌چىڭلار خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌شۇ‌ڭلارنى خالايدۇ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 نويابىر 21-‏26 ب.‏
بىرىنچی ئه‌سىردىكی كولوسی جامائىتىدىكی قېرىنداشر پاۋلوُس ئوُرغا يازغان خه‌تنی موُهاكىمه قىلماقتا

بۇ دۇ‌نياغا خاس ئوي-‏پىكىرلە‌رنى رە‌ت قىلىڭ

‏«پە‌خە‌س بولۇ‌ڭلاركى،‏.‏.‏.‏ پە‌لسە‌پە ھە‌م يالغان گە‌پلە‌ر ئارقىلىق سىلە‌رگە ئولجىدە‌ك ئىگە بولۇ‌ۋالىدىغان كىمدۇ-‏بىرسى پە‌يدا بولمىسۇ‌ن» (‏كولوسىلىقلارغا 2:‏8)‏.‏

ناخشىلار:‏ 23،‏ 26

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • بۇ دۇ‌نيانىڭ پىكىرلىرىگە ھە‌ققىدە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قانداق مە‌سلىھە‌ت بە‌ردى؟‏

  • بۇ دۇ‌نيانىڭ پىكىرلىرىنىڭ بە‌زىلىرى قانداق ۋە ئۇ‌لارنى قانداق رە‌ت قىلالايمىز؟‏

  • بۇ ماقالىدىن ئۆزىڭىزگە قانداق پايدالىق نە‌سىھە‌تنى تاپتىڭىز؟‏

1.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كولوسىدىكى قېرىنداشلارغا نېمە ھە‌ققىدە يازغان؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تە‌خمىنە‌ن مىلادى 60،‏ 61-‏يىللىرى رىمدا تۈرمىدە ئولتارغاندا،‏ كولوسىدىكى مە‌سىھىيلە‌رگە خە‌ت ئە‌ۋە‌تىدۇ.‏ بۇ خە‌تتە پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا نېمە سە‌ۋە‌بتىن «روھىي چۈشىنىشكە»،‏ يە‌نى مە‌سىلىلە‌رگە يە‌ھۋادە‌ك قاراش قابىلىيىتىگە ئېرىشىش مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈردى (‏كولوسىلىقلارغا 1:‏9)‏.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېدى:‏ «بۇ‌نى ئېيتىشىمنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ ھېچكىم سىلە‌رنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلار بىلە‌ن ئالداپ كە‌تمىسۇ‌ن.‏ پە‌خە‌س بولۇ‌ڭلاركى،‏ مە‌سىھ بويىچە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىنسانىي ئە‌نئە‌نىلە‌ر ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە،‏ پە‌لسە‌پە ھە‌م يالغان گە‌پلە‌ر ئارقىلىق سىلە‌رگە ئولجىدە‌ك ئىگە بولۇ‌ۋالىدىغان كىمدۇ-‏بىرسى پە‌يدا بولمىسۇ‌ن» (‏كولوسىلىقلارغا 2:‏4،‏ 8)‏.‏ ئاندىن پاۋلۇ‌س كە‌ڭ تارقالغان بە‌زى پىكىرلە‌رنىڭ نېمىشقا ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى،‏ لېكىن ئۇ‌لارنى كۆپچىلىك نېمە سە‌ۋە‌بتىن ياقتۇ‌رىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌نداق پىكىرلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى تۈپە‌يلىدىن ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ياكى ئە‌قىللىقراق ھېسابلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س قېرىنداشلارغا بۇ دۇ‌نيانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى رە‌ت قىلىپ،‏ يامان ئىشلاردىن نېرى تۇ‌رۇ‌شقا مە‌سلىھە‌ت بېرىپ،‏ بۇ خە‌تنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏كولوسىلىقلارغا 2:‏16،‏ 17،‏ 23)‏.‏

2.‏ نېمىشقا بىز بۇ دۇ‌نيانىڭ بە‌زى ئوي-‏پىكىرلىرىنى قاراشتۇ‌رىمىز؟‏

2 بۇ دۇ‌نيانىڭ تە‌سىرى ئاستىدىكى ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋانىڭ پرىنسىپلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز پە‌خە‌س بولمىساق،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى بىزگە تە‌سىر قىلىپ،‏ ئاستا-‏ئاستا خۇ‌دانىڭ دانالىقىغا گۇ‌مان قىلىشنى باشلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌نداق ئوي-‏پىكىرلە‌رنى تېلېۋىزوردىن،‏ توردىن،‏ ئىشتا ياكى مە‌كتە‌پتە پات-‏پات ئاڭلاپ تۇ‌رىمىز.‏ يامان تە‌سىردىن نېرى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ بۇ ماقالىدە بىز بۇ دۇ‌نيانىڭ بە‌ش خىل ئوي-‏پىكرىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارنى قانداق رە‌ت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

خۇ‌داغا ئىشىنىش كېرە‌كمۇ؟‏

3.‏ كۆپچىلىك قانداق ئوي-‏پىكىرنى ياقتۇ‌رىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

3 ‏«خۇ‌داغا ئىشە‌نمىسە‌ممۇ،‏ ياخشى ئادە‌م بولالايمە‌ن».‏ مۇ‌نداق ئوي-‏پىكىر كۆپ دۆلە‌تلە‌ردە كە‌ڭ تارقالغان.‏ بۇ‌نى ئېيتىدىغان ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌ت بولغان-‏بولمىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىماي،‏ پە‌قە‌ت ئۆزلىرى خالىغان ئىشلارنى ئە‌ركىن قىلسامكە‌ن،‏ دە‌يدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 10:‏4نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ باشقىلىرى بولسا:‏ «خۇ‌داغا ئىشە‌نمىسە‌ممۇ،‏ ئۆزۈمنىڭ ياخشى قائىدە-‏ئۆلچە‌ملىرىم بار»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى ئە‌قىللىق كۆرسە‌تمە‌كچى بولىدۇ.‏

4.‏ ياراتقۇ‌چىنىنىڭ بار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نمە‌يدىغان ئادە‌مگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن نېمە دېسە‌ك بولىدۇ؟‏

4 خۇ‌دانى يوق دە‌پ ئىشىنىش ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىقمۇ؟‏ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئىلىم-‏پە‌نگە تايىنىپ،‏ ئوي-‏پىكىرىلىرى تېخىمۇ قالايمىقانلاشماقتا.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌قىقە‌ت بە‌ك ئاددىي.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆينىڭ ئۆز-‏ئۆزىدىن پە‌يدا بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىنمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ ئۇ‌نىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچىسى بار.‏ مە‌ۋجۇ‌داتلارنىڭ يارىتىلىشى بولسا،‏ بە‌كمۇ مۇ‌رە‌ككە‌پ.‏ ھە‌تتا،‏ ئە‌ڭ ئاددىي ھۈجە‌يرىنىڭ ئۆزى بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ،‏ ھۆجە‌يرىنىڭ تۈزۈلۈشى ھە‌رقانداق بىر ئۆي-‏ئىمارە‌تنىڭ تۈزۈلىشىدىن كۆپ مۇ‌رە‌ككە‌پ.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ ھۈجە‌يرىلە‌ر مە‌لۇ‌ماتنى ساقلاپ،‏ ئۇ‌نى يېڭىدىن پە‌يدا بولغان ھۈجە‌يرىلە‌رگە كۆچۈرە‌لە‌يدۇ،‏ شۇ‌نداقلارچە يېڭى ھۈجە‌يرىلە‌رمۇ كۆپىيىپ بۆلۈنۈپ كۆپىيىلە‌يدۇ.‏ ئۆيلە‌ر ئۇ‌نداق قىلالمايدۇ.‏ مۇ‌نداق ھۈجە‌يرىلە‌رنى كىم ياراتتى؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ‌نىڭ جاۋابى بار:‏ «شۈبھىسىزكى،‏ ھە‌رقانداق ئۆينى بىرسى بە‌رپا قىلغىنىدە‌ك،‏ ھە‌ممە نە‌رسىنى بە‌رپا قىلغان خۇ‌دادۇ‌ر» (‏ئىبرانىيلارغا 3:‏4)‏.‏

5.‏ ئىنسانلار خۇ‌داغا ئىشە‌نمىسىمۇ،‏ نېمىنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌لە‌يدۇ،‏ دېگە‌ن پىكىر ھە‌ققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟‏

5 «خۇ‌داغا ئىشە‌نمىسە‌كمۇ،‏ نېمىنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلىدىغان ياخشى ئادە‌م بولالايمىز» دېگە‌ن ئوي-‏پىكىر ھە‌ققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌تتا خۇ‌داغا ئىشە‌نمە‌يدىغان ئادە‌منىڭ ياخشى پرىنسىپلىرى بولۇ‌شى مۇ‌مكىنلىكى يېزىلغان (‏رىملىقلارغا 2:‏14،‏ 15)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىمدۇ بىرسى ئاتا-‏ئانىسىنى ياخشى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغاندۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلمىسا،‏ ئۇ بە‌ك يامان قارارلار چىقىرىشى مۇ‌مكىن (‏يە‌شايا 33:‏22)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ كۆپلىگە‌ن ئە‌قىللىق ئادە‌ملە‌ر دۇ‌نيادىكى قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلە‌ردىن ئۆزىنى يە‌ڭلىتىش ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىدۇ ‏(‏يە‌رە‌مىيا 10:‏23نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌داغا ئىشە‌نمە‌ي ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلماي،‏ ئۆزۈمىز نېمىنىڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌لە‌يمىز،‏ دېگە‌ن كۆزقاراشقا ئالدانماسلىقىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 146:‏3)‏.‏

بىزگە دىن كېرە‌كمۇ؟‏

6.‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر دىن ھە‌ققىدە قانداق كۆزقاراشتا؟‏

6 ‏«ئادە‌م ھېچبىر دىندا بولمىسىمۇ بە‌ختلىك بولالايدۇ».‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر دىن كونىراپ كە‌تكە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ ھېچ پايدىسى يوق،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ كۆپ دىنلار دوزاخ ئوتى توغرىسىدا تە‌لىم بېرىدۇ،‏ ئىئانە بېرىشكە مە‌جبۇ‌رلايدۇ ياكى سىياسىيونلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋە‌تلە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بارغانسىرى كۆپ ئادە‌ملە‌رنىڭ دىنسىزمۇ بە‌ختلىك بولالايمە‌ن دېيىشى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لار:‏ «مە‌ن خۇ‌داغا ئىشىنىمە‌ن،‏ بىراق ھېچبىر دىندا بولغۇ‌م يوق»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىشى مۇ‌مكىن.‏

7.‏ ھە‌قىقىي دىن سىزنى قانداقلارچە بە‌ختلىك قىلالايدۇ؟‏

7 دىنسىز ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ختلىك بولالايمىزمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئادە‌م يالغان دىنسىز بە‌ختلىك بولالايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئادە‌م يە‌ھۋانىڭ دوستى بولمىسا،‏ ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشە‌لمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ «بە‌ختلىك خۇ‌دا» (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 1:‏11)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىنى باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن قىلىدۇ.‏ بىز ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغانلىقتىن بە‌ختلىك،‏ سە‌ۋە‌بى بىزمۇ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش پۇ‌رسىتىنى ئىزدە‌يمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت تۈپە‌يلىدىن ئائىلىلە‌ر قانداق قىلىپ بە‌ختلىك بولالايدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ بىز سۆيگە‌ن يارىمىزنى ھۆرمە‌تلە‌شكە ۋە ئۇ‌نىڭغا ۋاپادار بولۇ‌شقا،‏ بالىلىرىمىزنى ئە‌دە‌بلىك قىلىپ تە‌ربىيىلە‌شكە ۋە ئائىلىمىزنى سۆيۈشكە ئۆگىنىمىز.‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە جامائە‌تتە ئىناقلىقنى ساقلاشقا ۋە ئۆز-‏ئارا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏يە‌شايا 65:‏13،‏ 14نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

8.‏ مە‌تتا 5:‏3‏-‏ئايە‌ت بە‌ختنىڭ ئاچقۇ‌چى نېمە ئىكە‌نلىكىنى قانداق چۈشە‌ندۈرىدۇ؟‏

8 ئادە‌م خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلماي ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشىشى مۇ‌مكىنمۇ؟‏ ئادە‌ملە‌رنى نېمە بە‌ختلىك قىلالايدۇ؟‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئىشتىن،‏ سپورتتىن ياكى ئۆزى ياقتۇ‌رىدىغان ئىش بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشتىن خۇ‌شاللىق تاپىدۇ.‏ باشقىلىرى بولسا،‏ ئۆي-‏ئىچىدىكىلىرى ۋە دوستلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن قانائە‌ت ئالىدۇ.‏ بۇ ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌شاللىق ئېلىپ كە‌لگىنى بىلە‌ن،‏ ھاياتتا بۇ‌نىڭدىنمۇ مۇ‌ھىم مە‌سىلىلە‌ر بار.‏ ھايۋاناتلاردىن پە‌رقلىنىپ،‏ بىز ياراتقۇ‌چىمىزنى تونۇ‌پ-‏بىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلالايمىز.‏ ئۇ بىزنى شۇ‌نداق ياراتقانلىقتىن،‏ بىز يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغاندا،‏ ئۆزۈمىزنى بە‌ختلىك ھېس قىلىمىز ‏(‏مە‌تتا 5‏:‏3نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن ئىبادە‌ت ئۈچۈن جە‌م بولغاندا،‏ خۇ‌شال بولۇ‌پ تە‌سە‌للىي ئالىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 133:‏1)‏.‏ شۇ‌نداقلا دۇ‌نياۋى قېرىنداشلىقنىڭ ئە‌زاسى بولغانلىقىمىز،‏ پاك ھايات كە‌چۈرگە‌نلىكىمىز ۋە كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدىمىز بىزگە خۇ‌رسە‌نلىك ئاتا قىلىدۇ.‏

بىزگە ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملە‌ر كېرە‌كمۇ؟‏

9.‏ ئا)‏ جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تكە كۆپچىلىك قانداق قارايدۇ؟‏ ئە)‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا سۆزىدە نىكاھلىق جۈپتىن باشقا بىرسى بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش ناتوغرا ئىكە‌نلىكى يېزىلغان؟‏

9 ‏«نىكالىق جورىڭىزدىن باشقا بىرسى بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شنىڭ نېمىسى يامان؟‏»‏ بە‌زىلىرى بىزگە:‏ «نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى شۇ‌نچىلىك چە‌كلە‌يسىلە‌ر؟‏ ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌رلانمامسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئ‍ەمما خۇ‌دا سۆزىدە جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق مە‌نئىي قىلىنىدۇa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏ ‏(‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 4:‏3—‏8نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى ياراتقانلىقتىن،‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە قانۇ‌نلارنى بېرىش ھوقۇ‌قى بار.‏ خۇ‌دا پە‌قە‌ت توي قىلغان ئە‌ر بىلە‌ن ئايال جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ بىزگە قانۇ‌نلارنى بە‌رگە‌ن ۋە شۇ قانۇ‌نلارغا بويسۇ‌نساق،‏ ھاياتىمىز ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىغا ئىتائە‌ت قىلىدىغان ئائىلە ئە‌زالىرى بىر-‏بىرىنى تېخىمۇ بە‌ك ياخشى كۆرۈپ ھۆرمە‌تلە‌يدۇ ۋە ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىدۇ.‏ ئە‌مما قانۇ‌نلىرىنى بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ ئىتائە‌تسىزلىك قىلىدىغانلارنى خۇ‌دا جاۋابكارلىققا تارتىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 13:‏4)‏.‏

10.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى قانداقلارچە جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقتىن نېرى تۇ‌رالايدۇ؟‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقتىن قانداق نېرى تۇ‌رالايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار.‏ بىز نېمىگە قارايدىغانلىقىمىزنى باشقۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا:‏ «كىمدە‌كىم ئايال كىشىگە قاراۋېرىپ،‏ شە‌ھۋانىيلىققا بېرىلسە،‏ ئۇ يۈرىكىدە شۇ ئايال بىلە‌ن نىكاھ قە‌سىمىنى بۇ‌زغان بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئوڭ كۆزۈڭ سە‌ن ئۈچۈن پۇ‌تلىكاشاڭ بولسا،‏ ئۇ‌نى ئويۇ‌پ تاشلاۋە‌ت»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 5:‏28،‏ 29‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌نلار بىلە‌ن ئە‌خلاقسىز ناخشىلاردىن نېرى تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «شۇ‌ڭا يە‌رلىك ئە‌زالىرىڭلارنى،‏ يە‌نى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنى.‏.‏.‏ ئۆلتۈرۈڭلار» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏5)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بىز ئوي-‏پىكىر ۋە سۆزلىرىمىزگە دىققە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏3—‏5)‏.‏

مە‌نسە‌پكە ئىنتىلىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏

11.‏ نېمىشقا مە‌نسە‌پ قوغلىشىپ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

11 ‏«مە‌نسە‌پ بە‌ختكە ئېرىشتۈرىدۇ».‏ ئادە‌ملە‌ر بىزنى ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىزنىڭ ھە‌ممىسىنى مە‌نسە‌پكە سە‌رپ قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بولۇ‌پمۇ بىزنى داڭلىق،‏ كۈچلۈك،‏ باي قىلىدىغان مە‌نسە‌پكە ئىنتىلىشكە ئۈندە‌يدىغاندۇ.‏ بە‌ختكە ئېرىشىش ئۈچۈن مە‌نسە‌پكە ئىنتىلىش كېرە‌ك،‏ دە‌پ ھېسابلايدىغان ئادە‌ملە‌ر كۆپ بولغانلىقتىن،‏ بىزمۇ ئۇ‌لارنىڭ تە‌سىرىگە بېرىلىپ،‏ ئاستا-‏ئاستا شۇ‌نداق ئويلاشقا باشلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

12.‏ مە‌نسە‌پ ئادە‌منى بە‌ختلىك قىلامدۇ؟‏

12 مە‌نسە‌پ ئادە‌منى كۈچلۈك ياكى داڭلىق قىلالايدىغانلىقى راست،‏ بىراق ئۇ سىزنى بە‌ختلىك قىلالامدۇ؟‏ ياق.‏ مونۇ ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ شە‌يتانمۇ كۈچلۈك ۋە ئاتاقلىق بولۇ‌شنى خالىغان.‏ بىر جە‌ھە‌تتىن ئېيتقاندا،‏ ئۇ مە‌قسىتىگە يە‌تتى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ بە‌ختلىك ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىچە قاتتىق ئاچچىقلانماقتا (‏مە‌تتا 4:‏8،‏ 9؛‏ ۋە‌ھىي 12:‏12)‏.‏ بۇ‌نىڭغا قارىمۇ-‏قارشى،‏ ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌دا ھە‌ققىدە ۋە ئۇ ۋە‌دە قىلغان كېلە‌چە‌ك توغرىسىدا ئېيتىدىغان بىز نېمە دېگە‌ن بە‌ختلىك!‏ دۇ‌نيادىكى ھېچبىر مە‌نسە‌پ سىزگە مۇ‌نداق بە‌ختنى ئېلىپ كېلە‌لمە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ مە‌نسە‌پنى كۆزلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر پات-‏پات ئاچچىقلىنىپ،‏ ئۆز-‏ئارا رىقابە‌تلىشىدۇ ۋە باشقىلارغا ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئاخىرىدا بولسا،‏ بۇ‌نىڭدىن كۆڭلى قالىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ «شامالنى قوغلاش» بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان (‏ۋە‌ز 4:‏4)‏.‏

13.‏ ئا)‏ ئىشىمىزغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ پاۋلۇ‌سنى نېمە ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشتۈرگە‌نىدى؟‏

13 ئە‌لۋە‌تتە،‏ پۇ‌ل تېپىش ئۈچۈن ئە‌مگە‌ك قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە ئۆزۈمىز ياقتۇ‌رىدىغان ئىشنى تاللاشنىڭ ھېچ يامىنى يوق.‏ ئە‌مما،‏ ئىشىمىز ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌ندا بولماسلىقى كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھېچكىم ئىككى غوجايىننىڭ قۇ‌لى بولالمايدۇ،‏ چۈنكى بىرسىنى ئۆچ كۆرۈپ،‏ يە‌نە بىرسىنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ ياكى بىرىگە سادىق بولۇ‌پ،‏ يە‌نە بىرسىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ.‏ سىلە‌ر خۇ‌دانىڭ ھە‌م بايلىقنىڭ قۇ‌لى بولالمايسىلە‌ر» (‏مە‌تتا 6:‏24‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ۋە باشقىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم بېرىش بىزگە زور خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ‌نىڭغا ئۆز ھاياتىدا كۆز يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئۇ ياش ۋاقتىدا،‏ كۆپ پۇ‌ل تاپىدىغان مە‌نسە‌پكە ئىنتىلگە‌ن ئىدى.‏ كېيىن بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ خۇ‌شخە‌ۋىرى تۈپە‌يلىدىن ئۆزى ۋە‌ز قىلغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتى ئۆزگە‌رگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ ھە‌قىقىي بە‌ختنى ھېس قىلغانىدى ‏(‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏13،‏ 19،‏ 20نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھېچقانداق مە‌نسە‌پ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ باشقىلارغا ئۇ‌نىڭ توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم بېرىشتىن كېلىدىغان بە‌ختكە تە‌ڭ كە‌لمە‌يدۇ!‏

قېرىندىشىمىز ته‌تقىق ده‌رىسىگه ته‌ييارلىق قىلىش،‏ ئايالغا هه‌قىقه‌تنی ئوگىتىش ۋه ئوُنىڭ بىله‌ن ئوُچرىشىشقا قاتنىشىشتىن هوُزوُرنماقتا

باشقىلارغا خۇ‌دا ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ بىز بە‌ختلىك بولىمىز (‏12،‏ 13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

ئادە‌ملە‌ر دۇ‌نيادىكى قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالامدۇ؟‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن ئىنسانىيە‌ت ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزى ھە‌ل قىلالايدۇ،‏ دېگە‌ن ئوي-‏پىكىرىنى كۆپ ئادە‌ملە‌رنى ياقتۇ‌رىدۇ؟‏

14 ‏«ئىنسانىيە‌ت ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزى ھە‌ل قىلالايدۇ».‏ مۇ‌نداق ئوي-‏پىكىرنى كۆپ ئادە‌ملە‌رنى ياقتۇ‌رىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ رە‌ھبە‌رلىكىسىز خالىغان ئىشلارنى قىلالايمىز،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز بىرسىنىڭ ئۇ‌رۇ‌ش،‏ جىنايە‌ت،‏ ئاغرىق ۋە نامراتلىق دېگە‌نگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بارغانسىرى ئازاماقتا،‏ دېگە‌ن ئوي-‏پىكىرنى ئاڭلىغانسىز.‏ بىر دوكىلاتتا:‏ «ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى ياخشىراق بولغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لار دۇ‌نيانى ياخشىراق قىلىشقا قارار قىلغانلىقىدا»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداقمۇ؟‏ ئىنسانىيە‌ت راستىنلا دۇ‌نيادىكى قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىش يولىنى تاپتىمۇ؟‏ ھازىر بىرنە‌چچە ئىسپاتلارغا قاراپ باقايلى.‏

15.‏ دۇ‌نيادىكى ئە‌ھۋالنىڭ ناچار ئىكە‌نلىكىگە قانداق ئىسپاتلار بار؟‏

15 ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌رۇ‌شنى توختىتالىدىمۇ؟‏ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شلىرىدا 60 مىللىيوندىن ئارتۇ‌ق ئادە‌م ھاياتىدىن ئايرىلغان.‏ 2015-‏يىلنىڭ ئۆزىدە ئۇ‌رۇ‌ش ياكى زىيانكە‌شلىك سە‌ۋە‌بىدىن تە‌خمىنە‌ن 12 مىليون 4 يۈز مىڭ ئادە‌م ئۆيىنى تاشلاپ قېچىشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ نە‌تىجىدە مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌مۇ‌مىي سانى 65 مىللىيونغا يە‌تكە‌ن.‏ جىنايە‌تچۇ؟‏ بىرمۇ‌نچە يە‌رلە‌ردە جىنايە‌تنىڭ بە‌زى تۈرلىرى ئازايدى.‏ بىراق ئايرىم تۈرلىرى،‏ مە‌سىلە‌ن توردىكى جىنايە‌ت (‏تور جىنايىتى)‏،‏ ئائىلىدىكى زوراۋانلىق،‏ تېررورىزىم ۋە پارىخورلۇ‌ق بارغانسىرى كۆپە‌يمە‌كتە.‏ ئاغرىق ھە‌ققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟‏ بە‌زى ئاغرىقلارنى داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لى راست.‏ ئە‌مما،‏ 2013-‏يىلنىڭ بىر دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا،‏ ھە‌ر يىلى 60 ياشقا كىرمىگە‌ن 9 مىليون ئادە‌م يۈرە‌ك كېسىلى،‏ مېڭە قان تومۇ‌رى توسۇ‌لۇ‌ش،‏ ئۆسمە (‏راك)‏،‏ ياكى نە‌پە‌س يوللىرى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك كېسە‌للە‌ر ۋە دىئابېتتىن ئۆلۈپ كېتىدىكە‌ن.‏ ئە‌مدى نامراتلىق ھە‌ققىدە سۆزلىشە‌يلى.‏ دۇ‌نياۋى بانكسىنىڭ ھېسابى بويىچە،‏ پە‌قە‌ت ئافرىقىنىڭ ئۆزىدىلا نامراتلارنىڭ سانى 1990-‏يىلى 280 مىليون بولسا،‏ 2012-‏يىلى 330 مىللىئونغا كۆپە‌يگە‌ن.‏

16.‏ ئا)‏ نېمە ئۈچۈن پە‌قە‌ت خۇ‌دا پادىشاھلىقى دۇ‌نيادىكى ھە‌ممە قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالايدۇ؟‏ ئە)‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى پادىشاھلىق ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏

16 مە‌زكۈر ئىسپاتلار بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رمايدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تە‌شكىلاتلارنى شە‌خسىيە‌تچى ئادە‌ملە‌ر باشقۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌رۇ‌شنى،‏ جىنايە‌تنى،‏ ئاغرىق بىلە‌ن نامراتلىقنى يوق قىلالمايدۇ.‏ بۇ‌نى پە‌قە‌ت خۇ‌دا پادىشاھلىقى قىلالايدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقى ئۇ‌رۇ‌شقا سە‌ۋە‌بچى بولىدىغان ئامىللارنىڭ ھە‌ممىسىنى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شە‌خسىيە‌تچىلىك،‏ پارىخورلۇ‌ق،‏ ۋە‌تە‌نپە‌رۋە‌رلىك،‏ يالغان دىن ۋە شە‌يتاننىڭ ئۆزىنىمۇ يوق قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 46:‏8،‏ 9)‏.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى جىنايە‌تنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىۋېتىدۇ.‏ بۇ پادىشاھلىق ھە‌تتا بۈگۈنمۇ مىلىيونلىغان ئادە‌ملە‌رنى بىر-‏بىرىنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئىشىنىشكە ئۆگىتىدۇ.‏ بۇ —‏ باشقا ھېچبىر ھۆكۈمە‌تنىڭ قولىدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىش (‏يە‌شايا 11:‏9)‏.‏ پات-‏ئارىدا يە‌ھۋا ئاغرىقنى تامامە‌ن يوق قىلىدۇ ۋە ھە‌ممە ئادە‌م مۇ‌كە‌ممە‌ل سالامە‌تكە ئىگە بولىدۇ (‏يە‌شايا 35:‏5،‏ 6)‏.‏ ئۇ نامراتلىقنىمۇ يوق قىلىپ،‏ ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرىدۇ ۋە خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە بولىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا ھېچقانداق بايلىق تە‌ڭ كە‌لمە‌يدۇ!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 72:‏12،‏ 13)‏.‏

‏«قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىڭ»‏

17.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى قانداق رە‌ت قىلالايمىز؟‏

17 ئە‌گە‌ر سىز ھە‌قىقە‌تكە زىت ھە‌رقانداق بىر كە‌ڭ تارقالغان ئوي-‏پىكىرنى ئاڭلىسىڭىز،‏ بۇ ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداش بىلە‌ن سۆزلىشىڭ.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ شۇ پىكىرنى نېمە سە‌ۋە‌بتىن ياقتۇ‌رىدىغانلىقى،‏ ئۇ‌نىڭ نېمە ئۈچۈن ناتوغرا ئىكە‌نلىكى ۋە ئۇ‌نى قانداق رە‌ت قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالساق،‏ ئۆزۈمىزنى بۇ دۇ‌نياغا خاس ئوي-‏پىكىرلە‌ردىن قوغدىيالايمىز:‏ «جامائە‌تنىڭ سىرتتىكىلىرى بىلە‌ن دانا ئىش تۇ‌تۇ‌ڭلار.‏.‏.‏ ھە‌رقانداق ئادە‌مگە قانداق جاۋاب بېرىشنى» بىلىڭلار (‏كولوسىلىقلارغا 4:‏5،‏ 6)‏.‏

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى تە‌رجىمىلىرىدە ئۇ‌چرايدىغان يوھاننا 7:‏53—‏8:‏11 ئايە‌تلە‌ر يازمىلارنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسىدا يوق.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بۇ ئۈزۈندىنى ئوقۇ‌پ،‏ ناتوغرا خۇ‌لاسىگە كېلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئويىچە بولغاندا نىكاھ قە‌سىمىنى بۇ‌زغان ئادە‌منى پە‌قە‌ت گۇ‌ناھى يوق ئادە‌م سوتلىيالايدۇ.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دا ئىسرائىلغا مۇ‌نداق قانۇ‌ننى بە‌رگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر بىر ئادە‌م ئېرى بار خوتۇ‌ن بىلە‌ن زىنا قىلىپ،‏ تۇ‌تۇ‌لۇ‌پ قالسا،‏ زىنا قىلىشقان ئادە‌م ۋە خوتۇ‌ن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇ‌ن» (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 22:‏22)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • بۇ دۇ‌نياغا خاس ئوي-‏پىكىرلە‌ر خۇ‌دانىڭ ئە‌مە‌س،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرى بىلە‌ن كۆزقاراشلىرىغا ئاساسلانغان.‏ مۇ‌نداق ئوي-‏پىكىرلە‌ر تۈپە‌يلىدىن يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمە‌ي كېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىز ھە‌ربىر مە‌سىلىگە يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن قاراشقا ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش