كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 يانۋار 21-‏26 ب.‏
  • ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دانى ياخشى كۆرىمىزمۇ ياكى ئۆزۈمىزنىمۇ؟‏
  • بايلىقىمىز ئاسماندىمۇ ياكى يە‌ردىمۇ؟‏
  • خۇ‌دانى ياخشى كۆرىمىزمۇ ياكى ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنىمۇ؟‏
  • بە‌ختكە ئېرىشىشنىڭ يولى
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ ئېسىل پە‌زىلە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • ‏«ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 يانۋار 21-‏26 ب.‏
ئۆزىنى ھە‌ددىدىن زىيادە سۆيىدىغان ئايال؛‏ پۇ‌لخۇ‌مار ئە‌ر كىشى؛‏ ۋاراڭ-‏چۇ‌رۇ‌ڭ بولۇ‌ۋاتقان سورۇ‌ندىكى ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى سۆيىدىغان ئادە‌ملە‌ر

ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشتۈرىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت

‏«خۇ‌داسى پە‌رۋە‌ردىگار [يە‌ھۋا،‏ ي.‏د] بولغان خە‌لق بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏» (‏زە‌بۇ‌ر 144:‏15)‏.‏

ناخشىلار:‏ 28،‏ 25

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ئۆزۈمىزنى ھە‌ددىدىن زىيادە سۆيۈشتىن قانداق نېرى تۇ‌رالايمىز؟‏

  • نېمە ئۈچۈن پۇ‌لخۇ‌مار ئادە‌ملە‌ر ھە‌قىقىي بە‌ختلىك بولالمايدۇ؟‏

  • ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تكە بولغان كۆزقارىشىمىزنى قانداقلارچە تە‌كشۈرە‌لە‌يمىز؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ياشاۋاتقان زامان بە‌ك ئالاھىدە؟‏

بىز ئىنسانىيە‌ت تارىخىدا بۇ‌رۇ‌ن ھېچقاچان بولمىغان ۋاقىتتا ياشاۋاتىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالدىن ئالا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا «بارلىق مىللە‌تلە‌ردىن،‏ قە‌بىلىلە‌ردىن،‏ خە‌لىقلە‌ردىن ۋە تىللاردىن» چوڭ بىر توپ خالايىقنى يىغىۋاتىدۇ.‏ سە‌ككىز مىلىيوندىن ئارتۇ‌ق ئادە‌مدىن شە‌كىللە‌نگە‌ن بۇ «ئۇ‌لۇ‌غ ئە‌ل» «كېچە-‏كۈندۈز خۇ‌دا تە‌ختىنىڭ ئالدىدا» خىزمە‌ت قىلماقتا (‏ۋە‌ھىي 7:‏9،‏ 15؛‏ يە‌شايا 60:‏22)‏.‏ خۇ‌دانى ۋە باشقىلارنى سۆيىدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ سانى ئىلگىرى ھېچقاچان مۇ‌نداق كۆپ بولمىغان.‏

2.‏ خۇ‌دادىن يىراقلاشقان ئادە‌ملە‌ر قانداق خاتا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسە‌تمە‌كتە؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

2 ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىزنىڭ زامانىمىزدىكى خۇ‌دادىن يىراقلاشقان ئادە‌ملە‌ردە باشقىچە خاتا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ يە‌نى شە‌خسىيە‌تچىلىك بولىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئاخىرقى كۈنلە‌ردە «ئىنسانلار ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدىغان،‏ پۇ‌لخۇ‌مار»‏ بولىدىغانلىقىنى ۋە «خۇ‌دانى ئە‌مە‌س،‏ ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى»‏ يازغان (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1—‏4)‏.‏ مۇ‌نداق ئۆزىنى كۆزلە‌يدىغان شە‌خسىيە‌تچىلىككە تولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە قارىمۇ-‏قارشى.‏ ئۆز-‏ئۆزىنى ئويلايدىغان ئادە‌م بە‌ختلىك بولالايمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلىسىمۇ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە بە‌ختلىك بولالمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ مۇ‌نداق كۆزقاراش شە‌خسىيە‌تچىلىككە تولغان دۇ‌نيانى يە‌نى جە‌مئىيە‌تنى پە‌يدا قىلىپ،‏ ھە‌ممە ئادە‌منىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى قاراپ چىقىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

3 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س شە‌خسىيە‌تچىلىككە ئاساسلانغان مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ كە‌ڭ تارقىلىپ،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر پە‌يدا قىلىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىدىغانلاردىن «يىراق تۇ‌رۇ‌شقا» ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏5)‏.‏ لېكىن،‏ بىز مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تامامە‌ن ئارىلاشماسلىقىمىز مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆزقارىشىنىڭ تە‌سىرىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ ئاۋۋال خۇ‌داغا ياقىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏2—‏4 ئايە‌تلە‌ردە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ پە‌رقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى تە‌كشۈرۈپ،‏ ھە‌قىقىي قانائە‌ت ۋە بە‌ختكە ئېرىشتۈرىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە قاراپ چىقىمىز.‏

خۇ‌دانى ياخشى كۆرىمىزمۇ ياكى ئۆزۈمىزنىمۇ؟‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى مۇ‌ۋاپىق دە‌رىجىدە سۆيۈشىمىز خاتا ئە‌مە‌س؟‏

4 ‏«ئىنسانلار ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدىغان.‏.‏.‏ بولىدۇ»‏‏،‏—‏ دە‌پ يازغان ئە‌لچى پاۋلۇ‌س.‏ بۇ ئۆزۈمىزنى ياخشى كۆرۈش خاتا ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ ئۆزۈمىزنى ياخشى كۆرۈش تە‌بئىي ۋە مۇ‌ھىم ئىش.‏ يە‌ھۋا بىزنى شۇ‌نداق ياراتتى.‏ ئە‌يسا:‏ «ئۆز يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆزۈڭدە‌ك سۆيگىن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ماركۇ‌س 12:‏31)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزۈمىزنى سۆيمىسە‌ك،‏ باشقىلارنىمۇ سۆيە‌لمە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌نە:‏ «ئە‌رلە‌ر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈشى كېرە‌ك.‏ ئۆز ئايالىنى سۆيگە‌ن كىشى ئۆزىنى سۆيگە‌ن بولىدۇ،‏ چۈنكى ھېچكىم ھېچقاچان ئۆز تېنىنى ئۆچ كۆرمە‌يدۇ،‏ ئە‌كسىچە ئۇ‌نى ئوزۇ‌قلاندۇ‌رىدۇ ھە‌م ئاسرايدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏28،‏ 29)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئۆزۈمىزنى مۇ‌ۋاپىق دە‌رىجىدە سۆيۈشىمىز كېرە‌ك.‏

5.‏ ئۆزىنى ھە‌ددىدىن زىيادە سۆيىدىغان ئادە‌منى قانداق تە‌سۋىرلە‌يسىز؟‏

5 تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏2دىكى «ئۆزىنىلا ياخشى كۆرۈش» نامۇ‌ۋاپىق مۇ‌ھە‌ببە‌تنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ شە‌خسىيە‌تچى مۇ‌ھە‌ببە‌ت.‏ ئۆزىنى ھە‌ددىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌م ئۆزى ھە‌ققىدە ئارتۇ‌قچە ئويلايدۇ ‏(‏رىملىقلارغا 12:‏3نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ ئۇ ئۆز ئىشىنىلا ئويلاپ،‏ باشقىلار بىلە‌ن كارى يوق.‏ بىرە‌ر ئىش توغرا بولماي قالسا،‏ ئۇ ئۆزىنى ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارنى ئە‌يىبلە‌يدۇ.‏ بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىزاھاتچىسى،‏ مۇ‌نداق ئادە‌منى كىرپە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان:‏ ئۆزى يۇ‌مشاق،‏ ئىسسىق يۇ‌ڭلىرىغا يۆگىنىۋېلىپ،‏ سىرتقا پە‌قە‌ت ئۇ‌چلۇ‌ق تىكە‌نلىرىنى چىقىرىدۇ.‏ مۇ‌نداق كىشىلە‌ر ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشە‌لمە‌يدۇ.‏

ئ‍ۆزىنى ھە‌ددىدىن زىيادە سۆيىدىغان ئايال

6.‏ خۇ‌دانى ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌ملە‌ر نېمىگە ئېرىشىدۇ؟‏

6 بە‌زى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ پاۋلۇ‌س ئاۋۋال ئۆز-‏ئۆزىنى ئويلاشنى تىلغا ئالغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ ئۆزىنى ئويلاش كېيىن ئېيتقان يامان خىسلە‌تلە‌رنى تۇ‌غدۇ‌رىدۇ.‏ خۇ‌داغا ياقىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولسا،‏ ئە‌كسىچە بىزدە ياخشى خىسلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ خۇ‌شاللىق،‏ تىنچلىق،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت،‏ مېھرىبانلىق،‏ ھىممە‌تلىك،‏ ئېتىقاد،‏ مۇ‌لايىملىق،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌شتە‌ك خىسلە‌تلە‌ر بىلە‌ن باغلىق (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏22،‏ 23)‏.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى:‏ «خۇ‌داسى پە‌رۋە‌ردىگار [يە‌ھۋا،‏ ي.‏د] بولغان خە‌لق بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏»—‏ دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 144:‏15)‏.‏ يە‌ھۋا بە‌ختلىك خۇ‌دا بولغانلىقتىن،‏ ئۇ‌نىڭ خە‌لقىمۇ بە‌ختلىك.‏ شۇ‌نداقلا ئۆزىنى ھە‌ددىدىن زىيادە سۆيىدىغان ۋە پە‌قە‌ت ئېلىشنى كۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رگە ئوخشىماستىن،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى باشقىلارغا بېرىشتىن خۇ‌شاللىق تاپىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35)‏.‏

قېرىندىشىمىز ۋە‌ز خىزمىتىدە

ئۆز-‏ئۆزىمىزنى ئويلاشتىن قانداق نېرى تۇ‌رالايمىز؟‏ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ قانداق سوئاللار خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى تە‌كشۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 ئۆزۈمىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزدىن كۈچلۈكرە‌ك بولۇ‌پ كە‌تمىگە‌نلىكىنى قانداق بىلە‌لە‌يمىز؟‏ تۆۋە‌ندىكى دانا مە‌سلىھە‌ت ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ:‏ «ھېچنە‌رسىنى تالاش-‏تارتىشتىن ياكى شۆھرە‌تپە‌رە‌سلىكتىن قىلماڭلار،‏ ئە‌كسىچە ئە‌قىل مۇ‌لايىملىقىدىن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئارتۇ‌ق دە‌پ ساناڭلار.‏ پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئىتلىرىڭلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلماي،‏ باشقىلارنىڭمۇ مە‌نپە‌ئىتلىرىنى ئويلاڭلار» (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏3،‏ 4)‏.‏ ئۆزۈمىزدىن:‏ «مە‌ن بۇ مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سالىمە‌نمۇ؟‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا تىرىشىمە‌نمۇ؟‏ جامائە‌تتە ۋە ۋە‌ز خىزمىتىدە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش پۇ‌رسىتىنى ئىزدە‌يمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىساق بولىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا ۋاقتىمىز بىلە‌ن كۈچىمىزنى چىقىرىش ھە‌ردائىم ئاسان بولمايدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ،‏ ئۆزۈمىزگە ياقىدىغان ئىشلاردىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدىغاندۇ.‏ بىراق،‏ ئالە‌م ئىگىسىنىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشكە‌نلىكىمىزنى بىلىشتىن ئارتۇ‌ق بە‌خت يوق!‏

8.‏ خۇ‌دانى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى نېمە قىلغان؟‏

8 خۇ‌دانى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن ۋە ئۇ‌نىڭغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغانلىقتىن،‏ بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كۆپ پۇ‌ل تاپىدىغان ئىشتىن ۋاز كە‌چكە‌ن.‏ دوختۇ‌ر بولۇ‌پ ئىشلىگە‌ن ئېرىكا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز،‏ تىبابە‌تتىكى مە‌نسە‌پنى قوغلاشنىڭ ئورنىغا،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى تاللىغانىدى.‏ يولدىشى ئىككىسىنىڭ بىرنە‌چچە دۆلە‌تتە خىزمە‌ت قىلىش پۇ‌رسىتى بولغان.‏ ئېرىكا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «باشقا تىلدا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرىمىز ۋە شۇ يە‌ردە تاپقان دوستلىرىمىز —‏ بىز ئۈچۈن ھە‌قىقىي بايلىق».‏ ئۇ ھازىرغىچە دوختۇ‌ر بولۇ‌پ ئىشلىسىمۇ،‏ كۆپىنچە ۋاقتى بىلە‌ن كۈچىنى ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋا ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىشكە ۋە قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىشكە سە‌رپ قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا «ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق ۋە قانائە‌ت» ئېلىپ كېلىدۇ.‏

بايلىقىمىز ئاسماندىمۇ ياكى يە‌ردىمۇ؟‏

پۇ‌لخۇ‌مار ئە‌ر كىشى

9.‏ نېمە ئۈچۈن پۇ‌لخۇ‌مار ئادە‌م ھە‌قىقىي بە‌ختلىك بولالمايدۇ؟‏

9 پاۋلۇ‌س ئادە‌ملە‌رنىڭ ‏«پۇ‌لخۇ‌مار»‏ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بىرنە‌چچە يىل بۇ‌رۇ‌ن ئىرلاندىيادىكى پىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بىر ئە‌ر كىشىگە خۇ‌دا توغرىسىدا ئېيتقان.‏ ئاندىن بۇ ئە‌ر كىشى ھە‌ميانىدىن پۇ‌ل چىقىرىپ:‏ «مانا،‏ بۇ مېنىڭ خۇ‌دايىم!‏»—‏ دە‌پ جاۋاب قايتۇ‌رغان.‏ بۇ‌نى ئوچۇ‌ق ئېتىراپ قىلمىغىنى بىلە‌ن،‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن پۇ‌ل خۇ‌داغا ئايلىنىپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار پۇ‌ل ۋە ئۇ‌نىڭغا سېتىۋېلىشقا بولىدىغان مال-‏مۈلۈككە خۇ‌مار.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «كۈمۈشكە ئامراق كۈمۈشكە قانماس،‏ ياكى بايلىقلارغا ئامراق ئۆز كىرىمىگە قانماس»،‏—‏ دېگە‌ن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بار (‏ۋە‌ز 5:‏10)‏.‏ پۇ‌لخۇ‌مار ئادە‌م ھېچقاچان پۇ‌لغا تويمايدۇ.‏ ئۇ ھە‌رقاچان كۆپرە‌ك پۇ‌لغا ئىگە بولۇ‌شنى كۆزلە‌يدۇ ۋە پۈتۈن ھاياتىنى شۇ‌نىڭغا سە‌رپ قىلىدۇ.‏ بۇ بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا «نۇ‌رغۇ‌ن دە‌رد-‏ئازاپلارنى» ئېلىپ كېلىدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 6:‏9،‏ 10)‏.‏

10.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بايلىق بىلە‌ن گادايلىق ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىلغان؟‏

10 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممىمىزگە پۇ‌ل كېرە‌ك.‏ ئۇ بىزگە قانداقتۇ بىر جە‌ھە‌تتىن ھىمايە بولىدۇ (‏ۋە‌ز 7:‏12)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىزدە پە‌قە‌ت ئاساسىي ئېھتىياجلىرىمىزغا يېتە‌رلىك پۇ‌لىمىز بولسا،‏ بە‌ختلىك بولالايمىزمۇ؟‏ ھە،‏ بولالايمىز!‏ ‏(‏ۋە‌ز 5:‏12نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ خۇ‌دانىڭ بىر خىزمە‌تچىسى:‏ «مېنى گادايمۇ قىلما،‏ بايمۇ قىلما،‏ بە‌لكى ئېھتىياجىمغا لايىقلا رىزىق بە‌رگە‌يسە‌ن»،‏—‏ دە‌پ يازغان.‏ بۇ كىشىنىڭ نېمە سە‌ۋە‌بتىن گاداي بولۇ‌شنى خالىمىغانلىقى چۈشىنىشلىك.‏ ئۇ ئوغرىلىق قىلىشنى خالىمىغان،‏ چۈنكى مۇ‌نداق قىلىش خۇ‌دانىڭ نامىغا داغ كە‌لتۈرىدۇ.‏ ئە‌مما نېمە ئۈچۈن ئۇ بايلىقنىمۇ سورىمىغان؟‏ ئۇ بۇ‌نى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «سېنىڭدىن يېنىپ:‏ «پە‌رۋە‌ردىگار دېگە‌ن كىم؟‏» —‏ دە‌پ قېلىشىم مۇ‌مكىن» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 30:‏8،‏ 9)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىز خۇ‌داغا ئە‌مە‌س،‏ بايلىققا تايىنىدىغان بە‌زى ئادە‌ملە‌رنى بىلىدىغانسىز.‏

11.‏ ئە‌يسا پۇ‌ل ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏

11 پۇ‌لخۇ‌مار ئىنسان خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلالمايدۇ.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھېچكىم ئىككى غوجايىننىڭ قۇ‌لى بولالمايدۇ،‏ چۈنكى بىرسىنى ئۆچ كۆرۈپ،‏ يە‌نە بىرسىنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى بىرىگە سادىق بولۇ‌پ،‏ يە‌نە بىرسىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ.‏ سىلە‌ر خۇ‌دانىڭ ھە‌م بايلىقنىڭ قۇ‌لى بولالمايسىلە‌ر».‏ ئۇ يە‌نە:‏ «ئۆزۈڭلارغا يە‌ردە خە‌زىنە توپلاشنى توختىتىڭلار،‏ چۈنكى ئۇ‌لارنى كۈيە ۋە دات يە‌يدۇ ھە‌م ئوغرىلار كىرىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ خە‌زىنىنى ئاسماندا توپلاڭلار،‏ چۈنكى ئۇ يە‌ردە كۈيە ۋە دات يوق ھە‌م ئوغرىلارمۇ كىرىپ ئوغرىلىيالمايدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 6:‏19،‏ 20،‏ 24‏)‏.‏

12.‏ ئاددىي ھايات كە‌چۈرگە‌نلىكىمىز خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

12 يە‌ھۋانىڭ كۆپلىگە‌ن خىزمە‌تچىلىرى ئاددىي تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشكە تىرىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئاددىي تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىشىغا ياردە‌م بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى تېخىمۇ خۇ‌شال قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏ ئامېرىكىدا ياشايدىغان جە‌ك ئايالى بىلە‌ن پېدائىي ۋە‌ز خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن چوڭ ئۆيى ۋە تىجارىتىنى سېتىۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شە‌ھە‌ر سىرتىدىكى چىرايلىق ئۆيۈمىز بىلە‌ن يېرىمىزدىن ۋاز كېچىش قىيىن بولدى».‏ لېكىن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار جە‌ك خىزمە‌ت ئىشىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك ئۆيگە ئاچچىقلىنىپ كېلە‌تتى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «پېدائىي ۋە‌ز خىزمىتىنى قىلغان ئايالىم بولسا،‏ ھە‌رقاچان شۇ‌نداق خۇ‌شال يۈرە‌تتى.‏ ئۇ:‏ «مېنىڭ خۇ‌جايىنىم ئە‌ڭ ياخشى»،‏—‏ دە‌پ ئېيتاتتى.‏ ئە‌مدى مە‌نمۇ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغاندا،‏ ئىككىلىمىز بىر شە‌خسكە،‏ يە‌ھۋاغا،‏ خىزمە‌ت قىلىمىز».‏

ئىئانە ساندۇ‌قىغا پۇ‌ل سېلىش

پۇ‌لخۇ‌مار بولۇ‌شتىن قانداق نېرى تۇ‌رالايمىز؟‏ (‏13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

13.‏ پۇ‌لغا بولغان كۆزقارىشىمىزنى تە‌كشۈرۈشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

13 پۇ‌لغا بولغان كۆزقارىشىمىزنى تە‌كشۈرگە‌ندە،‏ راستچىل بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ماۋۇ سوئال ھە‌ققىدە ئويلانساق بولىدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا پۇ‌ل ھە‌ققىدە ئېيتىلغانلارغا ھە‌قىقە‌تە‌ن ئىشىنىدىغانلىقىم ئىش-‏ھە‌رىكىتىمدىن كۆرۈنە‌مدۇ؟‏ پۇ‌ل تېپىش مېنىڭ ئۈچۈن ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىممۇ؟‏ ماددىي نە‌رسىلە‌رنى يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمدىن ئارتۇ‌ق كۆرىمە‌نمۇ؟‏ يە‌ھۋا مۇ‌ھتاج بولغان ھە‌ممە نە‌رسىنى تە‌مىنلە‌يدىغانلىقىغا ئىشىنىمە‌نمۇ؟‏» ئۇ‌نىڭغا تايىنىدىغانلارنى يە‌ھۋانىڭ ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل بولسۇ‌ن!‏ (‏مە‌تتا 6:‏33‏)‏.‏

خۇ‌دانى ياخشى كۆرىمىزمۇ ياكى ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنىمۇ؟‏

14.‏ ھۇ‌زۇ‌رلىنىشقا قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

14 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ئادە‌ملە‌رنىڭ ‏«ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى»‏ بېشارە‌ت قىلىنغان‏.‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزگە ۋە پۇ‌لغا مۇ‌ۋاپىق كۆزقاراشتا بولۇ‌شنىڭ ھېچ يامىنى يوق ئىكە‌نلىكىنى بىلىۋالدۇ‌ق.‏ يە‌نە شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلاپ ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌ت ئېلىشنىڭ ھېچ يامىنى يوق.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ھە‌رگىز ئويۇ‌ن-‏تاماشا قىلىپ ھۇ‌زۇ‌رلىنىشقا بولمايدۇ،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ مۇ‌نداق ھايات كە‌چۈرۈشىمىزنى خالىمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى:‏ «بارغىن،‏ نېنىڭنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن يە‌پ،‏ شاراپىڭنى خۇ‌شخۇ‌يلۇ‌ق بىلە‌ن ئىچكىن»،‏—‏ دە‌پ چاقىرىدۇ (‏ۋە‌ز 9:‏7)‏.‏

ۋاراڭ-‏چۇ‌رۇ‌ڭ بولۇ‌ۋاتقان سورۇ‌ندىكى ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى سۆيىدىغان ئادە‌ملە‌ر

15.‏ «ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنى ياخشى كۆرۈش» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

15 تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏4تىكى سۆزلە‌ر،‏ ئادە‌ملە‌ر ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنى ياخشى كۆرۈشكە بېرىلگە‌چ،‏ ھاياتىدا خۇ‌دا ئۈچۈن ئورۇ‌ن قالمايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ ئايە‌تتە ئادە‌ملە‌ر ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى خۇ‌دادىن كۆپرە‌ك ياخشى كۆرىدۇ،‏ دە‌پ يېزىلمىغان.‏ ئۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانى ئازىراق بولسىمۇ سۆيىدۇ،‏ دېگە‌ننى بىلدۈرە‌تتى.‏ بۇ يە‌ردە ئۇ‌لارنىڭ «خۇ‌دانى ئە‌مە‌س،‏ ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىغى» يېزىلغان.‏ بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى يازغاندە‌ك،‏ «مە‌زكۇ‌ر ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ قانداقتۇ بىر مۆلچە‌ردە خۇ‌دانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دانى تامامە‌ن سۆيمە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».‏ بۇ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن بە‌ك جىددىي ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر ھاياتنىڭ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋىتىگە پۈتۈنلە‌ي «چۆكۈپ قالغانلار» سۈپىتىدە تە‌سۋىرلىنىدۇ (‏لۇ‌قا 8:‏14)‏.‏

16،‏ 17.‏ ئە‌يسانىڭ ھۇ‌زۇ‌رلىنىشقا بولغان كۆزقارىشىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

16 ئە‌يسا ھۇ‌زۇ‌رلىنىشقا توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرىدىغانلىقى.‏ ئۇ «تويغىمۇ»،‏ «چوڭ بىر زىياپە‌تكىمۇ» بارغان (‏يوھاننا 2:‏1—‏10؛‏ لۇ‌قا 5:‏29)‏.‏ تويدا شاراپ تۈگىگە‌ندە،‏ ئۇ مۆجىزە ئارقىلىق سۇ‌نى شاراپقا ئايلاندۇ‌رغان.‏ يە‌نە بىر قېتىم،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نى يە‌پ-‏ئىچكىنى ئۈچۈن ئە‌يىبلىگە‌ندە،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ ناتوغرا كۆزقاراشتا بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌نىدى (‏لۇ‌قا 7:‏33—‏36)‏.‏

17 شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئە‌يسا ئۈچۈن ھۇ‌زۇ‌رلىنىش ھاياتىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىش بولمىغان.‏ ئۇ يە‌ھۋانى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان ۋە ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كە‌لگىنىنى قىلغان.‏ ئىنسانىيە‌تنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ ھە‌تتا تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئازاب ئىچىدە ئۆلۈشكىمۇ تە‌ييار بولغان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شمە‌كچى بولغانلارغا:‏ «مە‌ن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارە‌ت،‏ زىيانكە‌شلىك ھە‌ر تۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇ‌چرىساڭلار؛‏ شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌پ يايراڭلار!‏ چۈنكى ئە‌رىشلە‌ردە كاتتا ئىنئام سىلە‌ر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛‏ چۈنكى سىلە‌ردىن ئىلگىرىكى پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رگىمۇ ئۇ‌لار شۇ‌نداق زىيانكە‌شلىكلە‌رنى قىلغان»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 5:‏11،‏ 12‏)‏.‏

بىرگە ناخشا ئېيتىش

ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى ياخشى كۆرۈشتىن قانداق نېرى تۇ‌رالايمىز؟‏ (‏18-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

18.‏ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى تە‌كشۈرۈشكە قانداق سوئاللار ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بىز ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سورىساق بولىدۇ:‏ «كۆڭۈل ئېچىش مە‌ن ئۈچۈن جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرى ۋە ۋە‌ز خىزمىتىدىنمۇ مۇ‌ھىمراقمۇ؟‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغانلىقتىن،‏ ياخشى كۆرىدىغان بە‌زى نە‌رسىلە‌ردىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييارمە‌نمۇ؟‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىنى تاللىغاندا،‏ يە‌ھۋا قارارىمغا قانداق قارايدۇ دە‌پ ئويلايمە‌نمۇ؟‏» بىز خۇ‌دانى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن ۋە ئۇ‌نى خۇ‌شال قىلىشنى خالىغانلىقتىن،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا ياقمايدىغان نە‌رسىلە‌ردىن ئە‌مە‌س،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى رە‌نجىتىشى مۇ‌مكىن‏،‏ دە‌پ قارىغان نە‌رسىلە‌ردىنمۇ نېرى تۇ‌رىمىز ‏(‏مە‌تتا 22:‏37‏،‏ 38نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏

بە‌ختكە ئېرىشىشنىڭ يولى

19.‏ كىملە‌ر ھېچقاچان ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشە‌لمە‌يدۇ؟‏

19 ئادە‌ملە‌ر شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىدا 6000 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت قىينىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏ ھازىر،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە،‏ يە‌ر يۈزى پە‌قە‌ت ئۆزىنىلا سۆيىدىغان،‏ پۇ‌لخۇ‌مار ۋە خۇ‌دانى ئە‌مە‌س،‏ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌ملە‌رگە تولغان.‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت ئېلىشنى كۆزلە‌يدۇ ۋە ئۆز ھە‌ۋە‌سلىرىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر ھېچقاچان ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشە‌لمە‌يدۇ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ياقۇ‌پنىڭ تە‌ڭرىسى ئۆزىنىڭ مە‌دىتى بولغان ئادە‌م،‏ پە‌رۋە‌ردىگار [يە‌ھۋا،‏ ي‏.‏د] ئۇ‌نىڭ خۇ‌داسى،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈمىدى بولغان ئادە‌م بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏»—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 146:‏5)‏.‏

20.‏ خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت سىزنى قانداق خۇ‌شال-‏خۇ‌رام قىلىدۇ؟‏

20 يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ.‏ ھە‌ر يىلى كۆپلىگە‌ن يېڭى ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نى تونۇ‌پ-‏بىلىپ،‏ ياخشى كۆرمە‌كتە.‏ بۇ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭ پات-‏ئارىدا بىز ھە‌تتا تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالمايدىغان بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ!‏ يە‌ھۋا خالايدىغان ئىشنى قىلساق،‏ ئۇ‌نى بە‌كمۇ خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز ۋە بۇ ئۆزۈمىزگىمۇ خۇ‌شاللىق ئاتا قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلار مە‌ڭگۈ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولىدۇ!‏ كېلە‌ركى ماقالىدە ئۆز-‏ئۆزىنى سۆيۈش يە‌نى شە‌خسىيە‌تچلىك پە‌يدا قىلىدىغان يامان خىسلە‌تلە‌رنىڭ بە‌زىلىرىنى قاراپ چىقىمىز.‏ ئاندىن ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى كۆرسىتىدىغان ياخشى خىسلە‌تلە‌رگە قانداقلارچە قارىمۇ-‏قارشى ئىكە‌نلىكىنى كۆرىمىز.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت شە‌خسىيە‌تچى ئە‌مە‌س‏.‏ ئۇ خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغان ۋە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆزۈمىزگە ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلۈمىز‏.‏ يە‌ھۋا —‏ شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌ختلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مە‌ردلىكىنى كۆرسىتىشتە يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش