كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ب‌ك 13-‏دە‌رس 28-‏29 ب.‏
  • تىموتىي ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىشنى خالىغان

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • تىموتىي ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىشنى خالىغان
  • بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئاقساقاللار ۋە خىزمە‌ت ياردە‌مچىلىرى،‏ تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىڭىز بىلە‌ن ۋە‌زىپىڭىزنى ئورۇ‌نلاشقا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
ب‌ك 13-‏دە‌رس 28-‏29 ب.‏
ياش تىموتىي ئانىسی ئېۋنىكه ۋه مومىسی لوئىده‌دىن ئوگىنىۋاتىدوُ

13-‏دە‌رس

تىموتىي ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىشنى خالىغان

تىموتىي ئىسىملىك يىگىت خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ مە‌قسە‌ت بىلە‌ن ئۇ كۆپ شە‌ھە‌رلە‌رنى ئارىلىغان ۋە ئۇ‌نىڭ ھاياتى ناھايىتى قىزىقارلىق بولغان.‏ سىز ئۇ توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىشنى خالامسىز؟‏ –‏

ئانىسى بىلە‌ن مومىسى تىموتىيغا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ ئېيتىپ بە‌رگە‌ن

تىموتىي لىسترا دېگە‌ن شە‌ھە‌ردە چوڭ بولغان.‏ ئۇ كىچىك بولغاندا،‏ مومىسى لوئىدە ۋە ئانىسى ئېۋنىكە ئۇ‌نىڭغا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ،‏ تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ تىموتىي چوڭ بولغاندا،‏ باشقىلارغا يە‌ھۋا توغرىسىدا بىلىشكە ياردە‌م بېرىشنى خالىغان.‏

تىموتىي تېخى ياش بولغاندا،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى باشقا جايغا بېرىپ،‏ بىللە ۋە‌ز قىلىشقا چاقىرغان.‏ تىموتىي بۇ‌نىڭغا ماقۇ‌ل بولدى.‏ ئۇ بېرىپ،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار ئىدى.‏

تىموتىي بىلە‌ن پاۋلۇ‌س ماكېدونىيە‌دىكى سالونىكا شە‌ھىرىگە ئاتلاندى.‏ ئۇ يە‌رگە يېتىش ئۈچۈن ئۇ‌لار ئۇ‌زاق يول مېڭىپ،‏ كېيىن كېمە بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلىدى.‏ شە‌ھە‌رگە يېتىپ بارغاندا،‏ ئۇ‌لار كۆپ ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىشكە ياردە‌م بە‌ردى.‏ لېكىن بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئاچچىقى كېلىپ،‏ ئۇ‌لارغا زىيان كە‌لتۈرمە‌كچى بولدى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن پاۋلۇ‌س بىلە‌ن تىموتىي شە‌ھە‌ردىن كېتىپ،‏ باشقا يە‌رگە بېرىپ ۋە‌ز قىلدى.‏

تىموتىي ئه‌لچی پاۋلوُس بىله‌ن كېمىده سه‌په‌ر قىلىۋاتىدوُ

تىموتىينىڭ ھاياتى بە‌ختلىك ۋە قىزىقارلىق بولغان

بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن پاۋلۇ‌س تىموتىينى سالونىكىغا قايتا بېرىپ،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئە‌ھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە ئە‌ۋە‌تتى.‏ لېكىن شۇ شە‌ھە‌رگە بېرىش خە‌تە‌رلىك ئىدى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن تىموتىيغا جاسارە‌تلىك بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئۇ قېرىنداشلار ئۈچۈن ئە‌نسىرە‌پ،‏ يولغا چىقتى.‏ تىموتىي پاۋلۇ‌سقا ياخشى خە‌ۋە‌ر ئېلىپ كە‌لدى.‏ سالونىكىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئە‌ھۋالى بە‌ك ياخشى ئىدى!‏

تىموتىي پاۋلۇ‌س بىلە‌ن كۆپ يىل بىرگە خىزمە‌ت قىلدى.‏ بىر كۈنى پاۋلۇ‌س تىموتىينى جامائە‌تلە‌رگە ياردە‌م بېرىدىغان ئە‌ڭ ياخشى خىزمە‌تچى دە‌پ ئېيتتى.‏ تىموتىي يە‌ھۋانىمۇ،‏ ئادە‌ملە‌رنىمۇ ياخشى كۆرگە‌ن.‏

سىز ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرە‌مسىز؟‏ ئۇ‌لارغا يە‌ھۋا توغرىسىدا بىلىشكە ياردە‌م بېرىشنى خالامسىز؟‏ –‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ سىزنىڭمۇ ھاياتىڭىز تىموتىينىڭ ھاياتىغا ئوخشاش بە‌ختلىك ۋە قىزىقارلىق بولىدۇ!‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىڭىزدىن ئوقۇ‌ڭ

  • تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 1:‏5؛‏ 3:‏15

  • ئە‌لچىلە‌ر 16:‏1—‏5؛‏ 17:‏1—‏10

  • سالونىكىلىكلارگە 1-‏خە‌ت 3:‏2—‏7

  • فىلىپىلىكلە‌رگە 2:‏19—‏22

سوئاللار:‏

  • تىموتىي قە‌يە‌ردە چوڭ بولغان؟‏

  • تىموتىينىڭ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن شە‌ھە‌رلە‌رنى ئارىلىغۇ‌سى كە‌لگە‌نمۇ؟‏ نېمىشقا؟‏

  • تىموتىي نېمە ئۈچۈن سالونىكىغا قايتا باردى؟‏

  • ھاياتىڭىز تىموتىينىڭ ھاياتىدە‌ك بە‌ختلىك ۋە قىزىقارلىق بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش