كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 31-‏32 ب.‏
  • ئاقساقاللار ۋە خىزمە‌ت ياردە‌مچىلىرى،‏ تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭلار

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئاقساقاللار ۋە خىزمە‌ت ياردە‌مچىلىرى،‏ تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭلار
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭ
  • ۋە‌زىپىڭىزنى قە‌دىرلە‌ڭ
  • تىموتىي ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىشنى خالىغان
    بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
  • پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىڭىز بىلە‌ن ۋە‌زىپىڭىزنى ئورۇ‌نلاشقا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر —‏ ماركۇ‌س ۋە تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 31-‏32 ب.‏
تىموتىي

ئاقساقاللار ۋە خىزمە‌ت ياردە‌مچىلىرى،‏ تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭلار

ئۆتكە‌ن يىلى دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئارىسىدىكى مىڭلىغان ئە‌ر كىشىلە‌ر ئاقساقال ياكى خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى بولۇ‌شقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ سىزمۇ شۇ‌لارنىڭ بىرى بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا ۋە قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ بۇ پۇ‌رسىتى ئۈچۈن خۇ‌شال بولغانلىقىڭىز سۆزسىز.‏

ئە‌مما،‏ ئازىراق ئە‌نسىرىسىڭىز،‏ بۇ تە‌بىئىي ئە‌ھۋال.‏ جونسون ئىسىملىك ياش ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنى ئاقساقال قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ندە،‏ يېڭى مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغاندا،‏ قاتتىق بېسىم ئاستىدا بولغاندە‌ك ھېس قىلدىم».‏ مۇ‌سا ھە‌م يە‌رە‌مىيا يە‌ھۋادىن يېڭى ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رۇ‌ۋالغاندا،‏ ئۆزلىرىنى بۇ ئىشقا لايىق ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىشقان ئىدى (‏چىقىش 4:‏10؛‏ يە‌رە‌مىيا 1:‏6)‏.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى يېتىلدۈرۈپ،‏ داۋاملىق ئالغا بېسىشىڭىز ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ تىموتىينىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏1—‏3)‏.‏

تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭ

تىموتىي ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىلە‌ن دە‌سلە‌پكى قېتىم سە‌پە‌رگە ئاتلانغاندا،‏ تە‌خمىنە‌ن 20 ياشلاردا بولغان.‏ ئۇ سە‌پە‌ر قىلىشقا تە‌كلىپ قىلىنغاندا بە‌ك ياش بولغاچقا،‏ ئۆزىنى باشقىلارغا تە‌لىم ۋە مە‌سلىھە‌ت بېرىشكە لايىق كە‌لمە‌يمە‌ن دە‌پ ئويلىغاندۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 4:‏11،‏ 12؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 1:‏1،‏ 2،‏ 7)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئالغا ئىلگىرىلە‌شنى توختاتمىغانىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن ئون يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ پاۋلۇ‌س فىلىپپىلىقلارغا يازغان خېتىدە:‏ «رە‌ببىمىز ئە‌يسا خالىسا،‏ تىموتىينى يېقىندا يېنىڭلارغا ئە‌ۋە‌تىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ يازغان.‏ پاۋلۇ‌س نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلماقچى بولغان؟‏ ئۇ:‏ «مېنىڭ يېنىمدا تىموتىيدىن باشقا ماڭا ئوخشاش سىلە‌رگە ھە‌قىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادە‌م يوق»،‏—‏ دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏19،‏ 20،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏

تىموتىي نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئاقساقاللار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئۈلگە؟‏ كېلىڭلار،‏ بۇ‌نىڭ ئالتە سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

تىموتىي قېرىنداشقا سوۋغات بېرىۋاتىدۇ

1.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رگە سە‌مىمىي غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان.‏ پاۋلۇ‌س فىلىپى شە‌ھىرىدىكى قېرىنداشلارغا تىموتىينىڭ ئۇ‌لارغا ھە‌قىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏20)‏.‏ تىموتىي قېرىنداشلارنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىنى خالىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ۋاقتى بىلە‌ن كۈچىنى سە‌رپ قىلىشقا تە‌ييار بولغان.‏

ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئە‌رلە‌ر خۇ‌ددى يولوچىلارنى ئېلىپ كېتىشنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى پە‌قە‌ت ئۆز ۋاقتىدا بېكە‌تلە‌رگە يېتىپ بېرىۋېلىشنىلا ئويلايدىغان ئاپتۇ‌بۇ‌س شوپۇ‌رلىرىغا ئوخشىماسلىقى كېرە‌ك.‏ 20 يىلدىن كۆپرە‌ك ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ۋېليام يېڭىدىن تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئاقساقال ۋە خىزمە‌ت ياردە‌مچىلىرىگە دائىم مۇ‌نداق مە‌سلىھە‌ت بېرىدۇ:‏ «قېرىنداشلارنى سۆيۈڭلار.‏ دىققىتىڭلارنى پە‌قە‌ت جامائە‌تنى تە‌شكىللە‌ش ئىشلىرىغا قارىتىپلا قويماي،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆپرە‌ك قارىتىڭلار».‏

تىموتىي بىر كىشىگە يازمىلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ

2.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان.‏ پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ تىموتىي «مە‌سىھ ئە‌يساغا ياقىدىغىنىنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلە‌يدىغان» كىشىلە‌ردىن پە‌رقلە‌نگە‌ن (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏21)‏.‏ پاۋلۇ‌س ئە‌تراپىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆز تىرىكچىلىكى بىلە‌ن بە‌نت بولغانلىقىنى بايقىغان.‏ بە‌زىدە ئۇ‌لار ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتىنمۇ ئۈستۈن قويغان.‏ بىراق،‏ تىموتىي ئۇ‌نداق قىلمىغان!‏ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنىڭ پۇ‌رسىتى پە‌يدا بولغاندا،‏ ئۇ «مانا مە‌ن!‏ ئە‌ۋە‌تكە‌يسە‌ن،‏ مېنى!‏» دېگە‌ن يە‌شاياغا ئوخشاش تە‌ييارلىق روھىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يە‌شايا 6:‏8،‏ 9)‏.‏

شە‌خسىي ئېھتىياجلار ۋە جامائە‌تنىڭ ئېھتىياجلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغاندا قانداق قىلىپ تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشنى ساقلىيالايسىز؟‏ بىرىنچى،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ «مۇ‌ھىمىراق نە‌رسىگە» كۆز يە‌تكۈزۈڭلار دېگە‌ن مە‌سلىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلىڭ (‏فىلىپپىلىقلارغا 1:‏10)‏.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭ.‏ ئىككىنچى،‏ كۆپ ۋاقتىڭىز بىلە‌ن كۈچىڭىزنى ئالىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ پاۋلۇ‌س تىموتىيغا:‏ «ياشلىققا خاس ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌ردىن قاچقىن،‏ ئە‌كسىچە.‏.‏.‏ تىنچلىققا،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە،‏ ئېتىقادقا،‏ ھە‌ققانىيلىققا ئىنتىلگىن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏22)‏.‏

تىموتىي جامائە‌تكە تە‌لىم بېرىۋاتىدۇ

3.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا تە‌ر تۆكۈپ خىزمە‌ت قىلغان.‏ پاۋلۇ‌س،‏ تىموتىي ھە‌ققىدە:‏ «ئۇ مېنىڭ بىلە‌ن ئاتا-‏بالىدە‌ك خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تارقىتىشتا قۇ‌ل بولدى»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏22)‏.‏ تىموتىي ھورۇ‌ن بولمىغان.‏ ئۇ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بار كۈچىنى چىقىرىپ خىزمە‌ت قىلغان.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ دوستلىقىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن.‏

بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا ئىشلار ناھايىتى كۆپ.‏ بۇ ئىشلارغا قاتنىشىش سىزنى ھە‌قىقىي قانائە‌تكە ئېرىشتۈرۈپ،‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن تېخىمۇ يېقىن بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ «ھە‌ردائىم پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ خىزمىتىدە كۆپ ئىشلە‌ڭ» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏58)‏.‏

تىموتىي ئە‌لچى پاۋلۇ‌ستىن ئۆگىنىۋاتىدۇ

4.‏ ئۇ ئۈگە‌نگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللانغان.‏ پاۋلۇ‌س،‏ تىموتىيغا مۇ‌نداق يازغان:‏ «سە‌ن تە‌لىمدە،‏ ھايات تە‌رزىڭدە،‏ مە‌قسە‌تتە،‏ ئېتىقادتا،‏ ئۇ‌زاق سە‌ۋرلىكتە،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتە،‏ تە‌قابىللىقتا [بە‌رداشلىق بېرىشتە] ماڭا تە‌قلىت قىلدىڭ» (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏10)‏.‏ تىموتىي بىلىمىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئىشلە‌تكە‌نلىكتىن،‏ تېخىمۇ كۆپ ۋە‌زىپىلە‌رگە ئىگە بولغان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 4:‏17)‏.‏

سىزمۇ تە‌جرىبىلىك ئاقساقاللاردىن ئۆگىنىشنى خالامسىز؟‏ توم ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بىر تە‌جرىبىلىك ئاقساقال ئۇ‌نىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌نى ياخشى تە‌ربىيىلىگە‌ن.‏ توم مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن دائىم ئۇ‌نىڭدىن مە‌سلىھە‌ت سوراپ،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌سلىھىتى بويىچە ئىش قىلدىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئاستا-‏ئاستا ئۆز-‏ئۆزۈمگە بولغان ئىشە‌نچىم كۈچە‌يدى».‏

تىموتىي تە‌لىم بېرىشكە تە‌ييارلىنىۋاتىدۇ

5.‏ ئۇ پىشىپ يېتىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ پاۋلۇ‌س تىموتىيغا:‏ «ئۆزۈڭنى ئىخلاسمە‌نلىك يولىدا يېتىلدۈرگىن»،‏—‏ دېگە‌ن مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 4:‏7،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏ تە‌نھە‌رىكە‌تچىنىڭ ترېنېرى بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆزى ھە‌م چىنىقىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك.‏ پاۋلۇ‌س تىموتىينى يە‌نە مۇ‌نداق ئۈندىگە‌ن:‏ «ئۆزۈڭنى جامائە‌تكە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئوقۇ‌پ بېرىش،‏ نە‌سىھە‌ت قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىشكە بېغىشلىغىن.‏.‏.‏ بۇ ئىشلارنى جان-‏دىلىڭ بىلە‌ن قىل.‏ ئۆزۈڭنى ئۇ‌لارغا شۇ‌نداق بېغىشلىغىنكى،‏ ھە‌ممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇ‌ن» (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 4:‏13—‏15)‏.‏

سىزمۇ ئۆز قابىلىيە‌تلىرىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىڭىز كېرە‌ك.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن بىر ئورۇ‌ندا توختاپ قالماي،‏ داۋاملىق تە‌شكىلاتنىڭ جامائە‌تنى تە‌شكىللە‌ش ئۈچۈن بە‌رگە‌ن ئە‌ڭ يېڭى كۆرسە‌تمىلىرىدىن خە‌ۋە‌ردار بولۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزگە ھە‌ددىدىن زىيادە ئىشە‌نمە‌ڭ.‏ ھە‌رقانداق مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىشقا تە‌جرىبە‌م يېتە‌رلىك،‏ ئىزدىنىش قىلمىساممۇ بولىدۇ،‏ دە‌پ ئويلاشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌ڭ.‏ «ئۆزۈڭگە ۋە بە‌رگە‌ن تە‌لىمىڭگە دىققە‌ت قىل ھە‌مدە ئۇ‌نى ئىزچىل داۋاملاشتۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالغان تىموتىينى ئۈلگە قىلىڭ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 4:‏16،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏

تىموتىي دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ

6.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ روھىغا تايانغان.‏ پاۋلۇ‌س،‏ تىموتىينىڭ خىزمىتى ھە‌ققىدە سۆز قىلغاندا ئۇ‌نىڭغا:‏ «ساڭا ئامانە‌ت قىلىنغان شۇ ئاجايىپ ياخشىلىقنى،‏ بىزدە ياشاۋاتقان مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ساقلىغىن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 1:‏14)‏.‏ تىموتىي خۇ‌دانىڭ روھىغا تايىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

كۆپ يىل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان دونالد مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئە‌ر كىشىلە‌ر خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى قە‌دىرلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلغان قېرىنداشلار «كۈچنى-‏كۈچكە ئۇ‌لاپ مېڭىۋېرىدۇ».‏ خۇ‌دانىڭ روھىنى سوراپ دۇ‌ئا قىلسا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىنى يېتىلدۈرسە،‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلار ئۈچۈن ھە‌قىقىي بە‌رىكە‌ت بولىدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 84:‏7؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 4:‏11)‏.‏

ۋە‌زىپىڭىزنى قە‌دىرلە‌ڭ

سىلە‌رگە ئوخشاش يېڭىدىن تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئاقساقاللار بىلە‌ن خىزمە‌ت ياردە‌مچىلىرىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌نلىكىنى كۆرۈش بىز ئۈچۈن چوڭ ئىلھام.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان جونسون مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقاندىن بۇ‌يان،‏ مە‌ن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۈگە‌ندىم،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمگە بولغان ئىشە‌نچىممۇ كۈچە‌يدى.‏ ھازىر مە‌ن بۇ ۋە‌زىپە‌مدىن بە‌كمۇ خۇ‌شالمە‌ن،‏ بۇ مە‌ن ئۈچۈن چوڭ ئىمتىياز!‏»‏

سىز داۋاملىق روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ تىموتىينى ئۈلگە قىلسىڭىز،‏ ئە‌زىز قېرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن ھە‌قىقىي بە‌رىكە‌ت بولىسىز!‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش