18-تەتقىق ماقالىسى
45-ناخشا الغا باس!
ياش بۇرادەرلەر — ماركۇس ۋە تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭلار
«ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگىن. چۈنكى، ئۇ خىزمەتتە ماڭا ياردەمچى بولىدۇ».—2-تىموت. 4:11.
مەركىزى ئىدىيە
ماركۇس ۋە تىموتىينىڭ ئۈلگىسى ياش بۇرادەرلەرنىڭ ياخشى پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، يەھۋاغا ۋە جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
1، 2. ماركۇس ۋە تىموتىينىڭ يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشىغا نېمە توسقۇنلۇق قىلغان بولۇشى مۇمكىن؟
ياش بۇرادەرلەر، سىلەر يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ۋە جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا كۆپرەك ياردەم بېرىشنى خالامسىلەر؟ شەك-شۇبھىسىزكى، شۇنداق قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىڭلار بار. شۇنچە كۆپ ياش بۇرادەرلەرنىڭ باشقىلارغا خىزمەت قىلىشقا تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرۈش بىزنى ناھايىتى خۇشال قىلىدۇ! (زەبۇر 110:3). لېكىن، كۆپرەك خىزمەت قىلىشتا توسالغۇلارغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. «كەلگۈسىدە تۇرمۇشىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى توغرۇلۇق غەم-ئەندىشە قىلىپ، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قارار چىقىرىشتا ئىككىلىنىپ قالدىڭىزمۇ؟ ياكى ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشىنەلمەي، مەلۇم بىر ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىشتىن قورققان ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ ئارتۇق غەم-تەشۋىش قىلماڭ، شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان يالغۇز سىزلا ئەمەس.
2 ماركۇس ۋە تىموتىيمۇ كەلگۈسىدە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ۋە تەجرىبىسى كەمچىل بولغان. شۇڭا، ئۇلارمۇ شۇنداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغان. لېكىن، ئۇلار قورقۇنچ تۇيغۇسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويمىغان. بىرىنچى قېتىملىق ۋەز ئېيتىش سەپىرىدە پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۆزلىرىگە ماركۇسنى ھەمراھ بولۇشقا چاقىرغاندا، ئۇ ئاپىسى بىلەن بىللە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن (ئەلچى. 12:12، 13، 25). لېكىن، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ماركۇس يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئاۋۋال ئانتاكياغا كۆچۈپ بارغان. كېيىن، پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن باشقا يىراق ياقا يۇرتلارغا بارغان (ئەلچى. 13:1–5). تىموتىي ھەم شۇنداق ۋەزىيەتتە بولغان. پاۋلۇس تىموتىينى ئۆزى بىلەن بىللە ۋەز قىلىشقا چاقىرغاندا، ئۇمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن ياشاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. تىموتىي ياش ۋە تەجرىبىسىز بولغاچقا، بەلكىم ئۆزىگە ئىشەنمەي، ئەلچى پاۋلۇسقا ياردەمچى بولۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ دەپ ئويلىغاندۇ (1-كورىنتلىقلار 16:10، 11؛ 1 ۋە 1-تىموتىي 4:12-نى سېلىشتۇرۇڭ) ئەمما، ئۇ پاۋلۇسنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ۋە نەتىجىدە ۋەز خىزمەتتە نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن.—ئەلچى. 16:3–5.
3. (1) ئەلچى پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن ماركۇسنى ۋە تىموتىينى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن؟ (2-تىموتىي 4:6، 9، 11) (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ). (2) بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللار ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 ماركۇس ۋە تىموتىي ياش ۋاقتىدىن تارتىپ، جامائەتتىكى ھەر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنى ئۆگەنگەن. ئەلچى پاۋلۇس بۇ ياش بۇرادەرلەرنى ئىنتايىن قەدىرلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ پات يېقىندا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇلارنى يېنىغا كېلىشكە چاقىرغان (2-تىموتىي 4:6، 9، 11-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن ماركۇس ۋە تىموتىينى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇلارغا ئىشەنگەن؟ ياش بۇرادەرلەر ئۇلاردىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟ پاۋلۇسنىڭ ئاتا ئورنىدا بەرگەن نەسىھىتى ياش بۇرادەرلەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ماركۇس ۋە تىموتىي ياش ۋاقتىدا مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، پاۋلۇسنى قايىل قىلغان (3-ئابزاسقا قاراڭ)b
ماركۇسقا ئوخشاش، كۆپرەك خىزمەت قىلىڭ
4، 5. ماركۇس باشقىلارغا خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
4 بىر مەنبەگە ئاساسلانغاندا، باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ھەتتا قىيىن شارائىتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى بىلدۈرىدۇ. ماركۇس باشقىلارغا خىزمەت قىلىشقا دائىم تەييار تۇرۇپ، بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئىككىنچى قېتىملىق ۋەز ئېيتىش سەپىرىدە ئەلچى پاۋلۇس ماركۇسنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلماسلىقنى قارار قىلغاندا، ماركۇس چوقۇم ئۈمىدسىزلىنىپ، كۆڭلى يېرىم بولغان (ئەلچى. 15:37، 38). لېكىن، ماركۇس بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقانمۇ؟ ياق.
5 ماركۇس نەۋرە ئاكىسى بارنابا بىلەن باشقا يۇرتلارغا ۋەز قىلىشقا بارغان. تەخمىنەن 11 يىلدىن كېيىن، پاۋلۇس رىم شەھىرىدە بىرىنچى قېتىم قاماقتا ئولتۇرغاندا، پاۋلۇسنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ تۇرغانلار ئارىسىدا ماركۇس بار ئىدى (فىلىمۇن 23، 24). ئەمەلىيەتتە، ئەلچى پاۋلۇس ماركۇسنىڭ ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە ئىنتايىن مىننەتدار بولغان ۋە ماركۇس ھەققىدە «ماڭا كۆپ تەسەللى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.—كولوسى. 4:10، 11.
6. ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن بۇرادەرلەر بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىق ماركۇس قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن؟ (ئىزاھاتقا قاراڭ).
6 ماركۇس ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن بۇرادەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ، كۆپ تەجرىبە ساۋاقلارنى ئالغان ئىدى. ماركۇس بىر مەزگىل رىمدا پاۋلۇس بىلەن تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئەلچى پېترۇسقا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن بابىلونغا بارغان. ئۇلار ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدىكى، ھەتتا پېترۇس ئۇنى «ئوغلۇم ماركۇس» دەپ ئاتىغان (1-پېتر. 5:13). ئۇلار بىللە خىزمەت قىلغاندا، پېترۇس بەلكىم ماركۇسقا ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتى ۋە خىزمىتى توغرۇلۇق قىزىقارلىق ئىش-ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەن. كېيىن، بۇ ئىش-ۋەقەلەر ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەردە يېزىلغانa.
7. سېڭ ۋۇ ئىسىملىك ياش بۇرادىرىمىز ماركۇسنى قانداق ئۈلگە قىلغان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
7 ماركۇس ئالدىراش يەھۋاغا خىزمەت قىلغان ۋە ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن بۇرادەرلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. سىز ماركۇسنى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟ بەلكىم، سىز ياردەمچى خىزمەتچى ياكى ئاقساقال بولۇپ، كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانسىز. لېكىن، سىز تېخىغىچە شۇنداق خىزمەتلەرنى قىلىش شان-شەرىپىگە ئېرىشمىگەن بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭ. بۇنىڭ ئورنىغا، يەھۋاغا ۋە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن باشقا يوللارنى ئىزدەڭ. ھازىر ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان شېڭ ۋۇ ئىسىملىك بۇرادەرىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ياش ۋاقتىدا ئۆزىنى باشقا ياش بۇرادەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغان. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن جامائەتتە بەزى ۋەزىپىلەرنى قىلىشقا تەيىنلەنگەن. شۇڭا، سېڭ ۋۇ ئۆزىگە سەل قارالغاندەك ھېس قىلىپ، كېيىن بۇ توغرۇلۇق ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن بۇرادەرلەر بىلەن سۆزلەشكەن. بىر ئاقساقال ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىپ، قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا باشقىلار دىققەت قىلمىسىمۇ، قېرىنداشلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشنى ئېيتقان. سېڭ ۋۇ مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ياشانغانلارنى ۋە باشقا قېرىنداشلارنى يىغىلىشلارغا ئاپىرىپ ئەكېلىشكە باشلىغان. ئۇ ئىلگىرىكى ۋاقىتنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقىلارغا خىزمەت قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتتىم. ئېتىقادداشلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشنىڭ نەقەدەر زور خۇشاللىق بېغىشلايدىغانلىقىنى بايقىدىم».
ياش بۇرادەرلەر ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن بۇرادەرلەر بىلەن دائىم ۋاقىت ئۆتكۈزسە، ئۇلار ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ (7-ئابزاسقا قاراڭ)
تىموتىيغا ئوخشاش، باشقىلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈڭ
8. ئەلچى پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن تىموتىينى ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشقا تاللىغان؟ (فىلىپىلىكلەر 2:19–22)
8 پاۋلۇس ئىلگىرى بەزى شەھەرلەردە قارشىلىققا دۇچ كەلگەن، ئۇ شۇ جايلارغا قايتىپ بېرىش ئۈچۈن، جاسارەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ ھەمراھ بولۇپ بېرىشىغا موھتاج بولغان. ئاۋۋال، ئۇ سىلاس دېگەن تەجرىبىلىك بۇرادەرنى ھەمراھ بولۇشقا تاللىغان (ئەلچى. 15:22، 40). كېيىن، پاۋلۇس ياش تىموتىينى ئۆزلىرىگە قوشۇلۇشقا چاقىرغان. نېمە ئۈچۈن؟ بىر سەۋەبى، تىموتىي جامائەتتە ياخشى نام-ئاتاق قازانغان ئىدى (ئەلچى. 16:1، 2). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ چىن كۆڭلىدىن باشقىلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەن.—فىلىپىلىكلەر 2:19–22-نى ئوقۇڭ.
9. تىموتىي ئېتىقادداشلارغا چىن قەلبىدىن ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
9 تىموتىي پاۋلۇس بىلەن خىزمەت قىلىشقا باشلىغاندا، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭكىدىن يۇقىرى قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەبتىن، پاۋلۇس بېرىيادىن كەتكەندە، تىموتىينىڭ ئۇ يەردىكى ئەمدىلا ھەقىقەتنى تونۇغان قېرىنداشلارغا ئىلھام-مەدەت بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (ئەلچى. 17:13، 14). شۇ ۋاقىتتا، تىموتىي بىلەن سىلاس بېرىيادا قالغان، ئۇ چوقۇم سىلاستىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن. ئەمما، پاۋلۇس كېيىنرەك تىموتىينى تېسالونىكىدىكى قېرىنداشلارغا تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە ئەۋەتكەنىدى (1-سالونىكا. 3:2). كېيىنكى 15 يىل جەريانىدا، تىموتىي ‹يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاشنى›، يەنى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەن قېرىنداشلارغا ئىچى ئاغرىتىپ ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگەنگەن (رىملىقلار 12:15؛ 2-تىموت. 1:4). ياش بۇرادەرلەر، تىموتىينى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟
10. ۋۇ جېي باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى قانداق ئۆگەنگەن؟
10 ۋۇ جېي ئىسىمىك بۇرادەرنىڭ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ياش ۋاقتىدا، ئۇ ياشانغان قېرىنداشلار بىلەن پاراڭلىشىشنى قىيىن ھېس قىلغانىدى. شۇڭا، ئۇ يىغىلىشلاردا ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ قويۇپلا كېتىپ قالغان. بىر ئاقساقال ۋۇ جېيغا قېرىنداشلارنى ماختاش ئارقىلىق گەپ باشلاش توغرۇلۇق مەسلىھەت بەرگەن ۋە يەنە ئۇنى باشقىلار نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلغان. ۋۇ جېي بۇ مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىپ كۆرگەن. ئۇ ھازىر ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ۋۇ جېي مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن چوڭ-كىچىك ياشتىكى كىشىلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلىشالايمەن. باشقىلارنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنەلەيمەن ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىشنى ئوبدانراق بىلىمەن. مەن بۇنىڭدىن بەش خۇشالمەن».
11. ياش بۇرادەرلەر جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
11 ياش بۇرادەرلەر، سىلەرمۇ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنەلەيسىلەر. جامائەت يىغىلىشلىرىدا پەرقلىق ياشتىكى ۋە كېلىپ چىقىشى پەرقلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تىرىشىڭلار. ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراپ، سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئاستا-ئاستا ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىشنى ئۆگىنەلەيسىلەر. مەسىلەن، يېشى چوڭ قېرىنداشلار «®JW Library» پروگراممىسىنى ئىشلىتىشنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، سىلەر ئۇلارغا ياردەم بېرەلەمسىلەر؟ ياكى ھېچكىم ئۇلار بىلەن ۋەز خىزمەتكە چىقىشنى پىلان قىلمىغانلىقىنى بايقىساڭلار، ئۇلار بىلەن بىللە ۋەز قىلالامسىلەر؟ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېرىنداشلارغا ياردەم بەرسەڭلار، جامائەتتىكىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇرالايسىلەر.
ياش بۇرادەرلەر جامائەتتىكىلەرگە كۆپ ئەمەلىي ياردەملەرنى بېرەلەيدۇ (11-ئابزاسقا قاراڭ)
پاۋلۇسنىڭ نەسىھىتى سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ
12. پاۋلۇسنىڭ تىموتىيغا بەرگەن مەسلىھىتى ياش بۇرادەرلەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 تىموتىي ھاياتىدا ھەمدە ۋەز خىزمىتىدە مۇۋاپىقيەت قازىنىشى ئۈچۈن، پاۋلۇس ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتنى بەرگەن (1-تىموت. 1:18؛ 2-تىموت. 4:5). ياش بۇرادەرلەر، پاۋلۇسنىڭ ئاتا ئورنىدا بەرگەن مەسلىھىتىگە قۇلاق سالساڭلار، سىلەر ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىسىلەر. ئۇنداقتا، قانداق پايدىسى بار؟ پاۋلۇس تىموتىيغا يازغان ئىككى خەتنى، خۇددى شەخسەن سىزگە ھەم يازغاندەك كۆڭۈل قويۇپ تەپسىلىي ئوقۇپ، قايسى مەسلىھەتلەرنى ئۆز ھاياتىڭىزدا ئەمەلىي قوللىنىش توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ھازىر بىرقانچە مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى.
13. خۇداغا ئىخلاسمەن بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
13 «خۇداغا ئىخلاسمەن بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى چېنىقتۇرغىن» (1-تىموت. 4:7). پاۋلۇس تىلغا ئالغان «خۇداغا ئىخلاسمەن بولۇش» دېگەن ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ يەھۋاغا سادىق بولۇش ۋە ئۇنى مەمنۇن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىدە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ. «چېنىقىش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز ئادەتتە مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جىددىي مەشىق قىلىۋاتقان تەنھەرىكەتچىگە قارىتا ئىشلىتىلگەن. تەنھەرىكەتچىلەر دىققىتىنى چاچماي، ئۆزىگە تەلەپچان بولۇپ مەشىق قىلغاندىلا، مۇسابىقىدە غەلىبە قازىنالايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بىزمۇ يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزگە تەلەپچان بولۇپ، ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
14. قانداق مەقسەتتە مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
14 ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. ئوقۇغان چاغدا، نىشانىڭىز يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. مەسىلەن، ئەيسا مەسىھ بىلەن باي يىگىت ئارىسىدىكى سۆھبەتنى ئوقۇغاندا، بۇنىڭدىن نېمە ئۆگىنەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ (ماركۇس 10:17–22) ياش يىگىت ئەيسانىڭ ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، بىراق ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشقا ئىشەنچىسى يەتمىگەن. بۇ يىگىتنىڭ ئىشەنچىسى كەم بولغان بولسىمۇ، ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلىگەن. شەك-شۈبھىسىزكى، ئەيسا ئۇ يىگىتنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، خۇشال-خۇرام ھايات كەچۈرۈشىنى خالىغان. ئەيسا ئەسلىدە يەھۋانىڭ شۇ يىگىتكە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەنىدى (يۇھاننا 14:9). ئۇشبۇ مىسال بىلەن ئۆز ۋەزىيىتىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ بېقىڭ: «مەن يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ۋە باشقىلارغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟».
15. ياش بۇرادەر نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (1-تىموتىي 4:12، 13)
15 «ئىمان-ئېتىقادتا سادىق كىشىلەرگە ئۈلگە بول» (1-تىموت. 4:12، 13-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇس تىموتىينى ئۈنلۈك ئوقۇش ۋە تەلىم بېرىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئىمان ۋە ياخشى ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، گەپ-سۆزلەرگە قارىغاندا ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتنىڭ تەسىرى كۈچلۈك. مەسىلەن، سىزگە تېخىمۇ قىزغىن ۋەز قىلىش توغرۇلۇق نۇتۇق ئېيتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى. ئەگەر سىز ۋەز خىزمەتكە قىزغىن قاتناشسىڭىز، ئىشەنچ بىلەن سەھنىدە خىجىل بولماي نۇتۇق ئېيتالايسىز. نۇتۇقنى ئاڭلىغانلار ۋەز خىزمەتتىكى ئۈلگىڭىزنى كۆرگەن بولسا، ئۇلارغا سۆزلىرىڭىز تېخىمۇ تەسىر قىلىدۇ.—1-تىموت. 3:13.
16. (1) ياشلار قايسى جەھەتلەردە باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدۇ؟ (2) ياش بۇرادەر گەپ-سۆزلىرىدە باشقىلارغا قانداق ئۈلگە بولالايدۇ؟
16 1-تىموتىي 4:12-ئايەتتە، پاۋلۇس ياش بۇرادەرلەر ئۈلگە قالدۇرالايدىغان بەش تەرەپنى تىلغا ئالغان. شەخسىي ئۆگىنىش قىلغاندا، ھەربىرى توغرۇلۇق ئىزدىنىپ ئۆگىنىڭ. مەسىلەن، سىز «سۆزلىرىڭىزدە» ئۈلگە بولۇشنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلارغا ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش توغرۇلۇق كۆپرەك ئويلىنىپ بېقىڭ. ئەگەر تېخىغىچە ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارچە ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن پات-پات رەھمەت ئېيتىپ، مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرامسىز؟ جامائەت يىغىلىشىدىن كېيىن سىز ياقتۇرغان نۇتۇق ياكى ئۈلگىلىك سۆھبەت ئۈچۈن قېرىنداشلارنى ماختاپ، ئۇلارغا مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرەمسىز؟ گەپ-سۆزلىرىڭىزدە ئۈلگە كۆرسىتىشكە تىرىشسىڭىز، باشقىلار ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرەلەيدۇ.—1-تىموت. 4:15.
17. ياش بۇرادەرنىڭ يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قويغان مەقسەتلىرىگە يېتىشىگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (2-تىموتىي 2:22)
17 «ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن قاچ، … [ئادالەتنى] … قوغلىغىن» (2-تىموتىي 2:22-نى ئوقۇڭ). ئەلچى پاۋلۇس نەسىھەت قىلىپ، تىموتىينى ئارزۇ-ھەۋەسلەر بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ۋە يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. بەلكىم، بەزى ئويۇن-تاماشىلارنىڭ ھېچقانداق يامان يېرى يوق، لېكىن ئۇلارغا كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ، ئاخىرىدا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي قېلىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن، مەن تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، ئىنتېرنېت ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارغا قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ. شۇلارغا چىقارغان ۋاقىتنىڭ مەلۇم بىر قىسىمىنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئاجرىتالامسىز؟ بەلكىم، يىغىلىش زالىنى ئاسراش ياكى رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە، ئاممىۋىي سورۇنلاردا ۋەز قىلىشقا قاتنىشالايسىز. شۇنداق ئىش-پائالىيەتلەرگە قاتناشسىڭىز، يېڭى دوستلارنى تاپالايسىز ۋە ئۇلار سىزنىڭ يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويۇشىڭىزغا ۋە شۇ مەقسەتلەرگە يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
باشقىلارغا خىزمەت قىلىش بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ
18. نېمە ئۈچۈن ماركۇس ۋە تىموتىي مەنىلىك ھايات كەچۈرەلىگەن؟
18 ماركۇس ۋە تىموتىي باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بېرىشكە رازى بولغان ۋە نەتىجىدە ناھايىتى مەنىلىك ھايات كەچۈرگەن (ئەلچى. 20:35). مەسىلەن، قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ماركۇس يىراق يۇرتلارغا بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشى توغرۇلۇق تەسىرلىك ئىش-ۋەقەلەرنى كىتاب قىلىپ يازغان. تىموتىي پاۋلۇسنىڭ يېڭى جامائەتلەرنى تەشكىللەش ۋە ئېتىقادداشلارنى ئىلھاملاندۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بەرگەن. ئېنىقكى، ماركۇس ۋە تىموتىي كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھى يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلغان.
19. ياش بۇرادەرلەر نېمە ئۈچۈن پاۋلۇسنىڭ تىموتىيغا بەرگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشى كېرەك ۋە شۇنداق قىلسا، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
19 پاۋلۇسنىڭ تىموتىيغا يازغان خەتلىرىدىن، ئۇنىڭ ياش دوستى تىموتىينى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ياشلار شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، بۇ خەتلەردە يەنە يەھۋانىڭ سىلەرگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن. خۇدا سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا مۇۋاپىقيەت قازىنىشىڭلارنى خالايدۇ. شۇڭا، پاۋلۇسنىڭ ئاتا ئورنىدا بەرگەن نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ، باشقىلارغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھازىر تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ۋە مەنىلىك ھايات كەچۈرىسىلەر ۋە كېلەچەكتىكى «ھەقىقىي ھاياتنى مەھكەم» تۇتالايسىلەر.—1-تىموت. 6:18، 19.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a پېترۇس ھاياجان ۋە ھېس-تۇيغۇلىرى كۈچلۈك ئادەم ئىدى. شۇڭا، ئۇ ماركۇسقا ئەيسانىڭ گەپ-سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى ھاياجان ئىلىكىدە ئېيتىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر كىتابىدا، كۆپرەك ئەيسانىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى تەسۋىرلىگەن بولسا كېرەك.—ماركۇس 3:5؛ 7:34؛ 8:12.
b رەسىمدە:پاۋلۇس ۋە بارنابا ۋەز ئېيتىش سەپىرىدە بولغاندا، ماركۇس ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققان ئىدى. تىموتىي جامائەتنى يوقلاپ كەلگەندە، بۇرادەرلەرنى ئىلھاملاندۇرغان.