خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟
سىزنىڭچە ئۇ . . .
كىشىلەر قەلبىدىكى ھېس-تۇيغۇمۇ؟
كۆچمە مەنىدە ئېيتىلغان سۆزمۇ؟
ئەرشتىكى بىر ھۆكۈمەتمۇ؟
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ
«ئاسمانلارنىڭ تەڭرىسى ئەبەدكىچە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى قۇرىدۇ». — دانىيال 2:44.
«مۇنىڭ ئۆزىگە سەلتەنەت، [ئولۇغلۇق] ۋە پادىشاھلىق بېرىلدى ... ئۇنىڭ سەلتەنىتى ئەبەدكىچە قېلىپ ھەرگىز يوقالمايدىغان سەلتەنەت بولىدۇ ۋە پادىشاھلىقى ھېچ بۇزۇلمايدۇ». — دانىيال 7:14.
بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك
ئادىل ھۆكۈمەت سىزنى پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. — يەشايا 48:17، 18.
كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا، تۇرمۇش شاد-خۇرام ۋە تەن مۇكەممەل ساغلام بولىدۇ. — ۋەھىي 21:3، 4.
مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟
شۇنداق، ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سەۋەبى بار:
ئەيسا پەيغەمبەر خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ نېمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ھەزرىتى ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن (مەتتا 6:9، 10). ئەيسا شۇ دۇئانىڭ قانداق ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
يەر يۈزىدە ياشىغىنىدا، ئەيسا مەسىھ ئاچ قورساقلارنى تويدۇرغان، كېسەلنى ساقايتقان ۋە ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەن! (مەتتا 15:29–38؛ يۇھاننا 11:38–44). خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كەلگۈسى ھۆكۈمدارى بولۇش سۈپىتىدە، ئەيسا شۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پۇقرالىرى ئۈچۈن نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنىڭ گۈزەل بىر مەنزىرىسىنى ئالدىن كۆرسەتكەنىدى.— ۋەھىي 11:15.
دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پات-ئارىدا كېلىدىغانلىقىنى تەستىقلىماقتا. ئەيسا پەيغەمبەر، پادىشاھلىق يەر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كېلىشتىن سەل ئىلگىرى، بۇ دۇنيادا ئۇرۇشلار، ئاچارچىلىقلار ۋە يەر تەۋرەشلەر دېگەندەك بالايىئاپەتلەر بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرگەنىدى. — مەتتا 24:3، 7.
بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پات-يېقىندا ئاشۇ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز.
ئويلاپ كۆرۈڭ
خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قانداق تۇرمۇش كەچۈرەرمىز؟
مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ: زەبۇر 37:29 ۋە يەشايا 65:21–23.