كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 7-‏دە‌رس
  • يە‌ھۋا —‏ ئۇ كىم؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا —‏ ئۇ كىم؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • ئە‌يسا قانداق ئادە‌م بولغان؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ «يېڭى تە‌بىئە‌تنى» داۋاملىق كىيىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدىكى پە‌رقنى كۆرۈڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 7-‏دە‌رس
7-‏دە‌رس.‏ دېڭىز بويىدىكى تاش ئۈستىدە تۇ‌رۇ‌پ كۈن ئولتۇ‌رۋاتقانلىقىغا قاراۋاتقان كىشى.‏

07-‏دە‌رس

يە‌ھۋا —‏ ئۇ كىم؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

يە‌ھۋا خۇ‌دانى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلسىڭىز،‏ ئوي-‏خىيالىڭىزغا نېمىلە‌ر كېلىدۇ؟‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دا ئۇ‌لۇ‌غ،‏ ھە‌يۋە‌تلىك،‏ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلايدۇ.‏ سىز ئۇ‌نى ھە‌قىقىي شە‌خس ئە‌مە‌س بە‌لكى تە‌بىئە‌تتىكى گۈلدۈرماما،‏ چاقماقلار كە‌بى كۈچ دە‌پ قارامسىز؟‏ يە‌ھۋا —‏ ئۇ زادى كىم؟‏ ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ بە‌زى ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى ۋە سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانى كۆرە‌لمە‌يمىز؟‏

‏«خۇ‌دا روھتۇ‌ر»‏ (‏يۇ‌ھاننا 4:‏24)‏.‏ خۇ‌دانىڭ جىسمانىي تېنى يوق.‏ ئۇ ئاسماندا ياشايدىغان،‏ كۆزۈمىزگە كۆرۈنمە‌يدىغان روھتۇ‌ر.‏

2.‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق بە‌زى ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى بار؟‏

بىز يە‌ھۋانى كۆرە‌لمە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نى تونۇ‌يالايمىز ۋە سۆيە‌لە‌يمىز.‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئاجايىپ پە‌زىلە‌تلە‌رگە ئىگە ھە‌قىقىي شە‌خس.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «يە‌ھۋا سۆيە‌ر ئادالە‌تنى،‏ تاشلىماس ئۆزىنىڭ سادىق بە‌ندىسىنى»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏28)‏.‏ ئۇ يە‌نە بولۇ‌پمۇ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌ن كىشىلە‌رگە ھە‌قىقە‌تە‌ن ناھايىتى شە‌پقە‌تلىك ۋە رە‌ھىمدىلدۇ‌ر (‏ياقۇ‌پ 5:‏11)‏.‏ «يە‌ھۋا كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا يېقىندۇ‌ر،‏ روھى ئېزىلگە‌نلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زار» (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18)‏.‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنىڭ يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىشى ياكى رە‌نجىتىشى مۇ‌مكىنلىكىنى بىلە‌مسىز؟‏ بىر ئادە‌م يامان ئىش قىلىشنى تاللىسا،‏ خۇ‌دانىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 78:‏40،‏ 41)‏.‏ بىراق،‏ كىشى توغرا ئىش قىلسا،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ يە‌ھۋا بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌ڭ ئېسىل پە‌زىلىتى.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ‏«خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»‏ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز مۇ‌ھە‌ببىتىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىقلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌نە ئۆزىنىڭ ياراتمىلىرى ئارقىلىقمۇ كۆرسىتىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 14:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ بىزنى قانداق ياراتقانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ بىزگە چىرايلىق رە‌ڭلە‌رنى كۆرۈش،‏ يېقىملىق مۇ‌زىكىلارنى تىڭشاش ۋە تە‌ملىك تاماقلارنى تېتىش قابىلىيىتىنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ بىزنىڭ شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈشىمىزنى خالايدۇ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

ياراتقۇ‌چىنىڭ ئاجايىپ ئىشلارنى تاماملاش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قوللانغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏ كېيىن يە‌ھۋانىڭ كىشىنى جە‌لپ قىلىدىغان ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى قانداق ئىپادىلىگە‌نلىكىنى كۆرۈڭ.‏

4.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ خۇ‌دانىڭ ھە‌رىكە‌ت كۈچى

كوللاژ:‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىلە‌ن يارىتىلغان شە‌يئىلە‌ر.‏ 1.‏ سە‌ييارىلە‌ر ۋە ئالە‌م بوشلۇ‌قى.‏ 2.‏ بىر كىشى خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرىنى يازمىلار ئۈستىگە يېزىۋاتىدۇ.‏

خۇ‌ددى بىز ئىشلە‌ش ئۈچۈن قولىمىزنى ئىشلە‌تكە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دامۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى ئىشلىتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ —‏ ئۇ شە‌خس ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىچە ئۇ خۇ‌دا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئىشلە‌تكە‌ن كۈچتۇ‌ر.‏ لۇ‌قا 11:‏13 ۋە ئە‌لچىلە‌ر 2:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • خۇ‌دا ئۆزىدىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سورىغانلارنىڭ ئۈستىگە،‏ شۇ روھىنى تۆكىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ سىزنىڭچە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىر شە‌خسمۇ ياكى خۇ‌دانىڭ ھە‌رىكە‌ت كۈچىمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يسىز؟‏

يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى ئاجايىپ ئىشلارنى تاماملاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 33:‏6 ۋە 2-‏پېترۇ‌س 1:‏20،‏ 21-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى يە‌نە قانداق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن ئىشلىتىدۇ؟‏

كوللاژ:‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىلە‌ن يارىتىلغان شە‌يئىلە‌ر.‏ 1.‏ سە‌ييارىلە‌ر ۋە ئالە‌م بوشلۇ‌قى.‏ 2.‏ بىر كىشى خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرىنى يازمىلار ئۈستىگە يېزىۋاتىدۇ.‏

5.‏ يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلىتى

مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىسى بولغان.‏ بىراق،‏ ئۇ ئۆز ياراتقۇ‌چىسى ھە‌ققىدە تېخىمۇ ياخشىراق بىلىشنى خالىغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌داغا:‏ «نە‌زىرىڭدە ئىتىپات تېپىشىم ئۈچۈن،‏ ماڭا ئۆز يوللۇ‌رۇ‌ڭنى كۆرسىتىپ بە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏چىقىش 33:‏13)‏.‏ مۇ‌سانىڭ سۆزىگە جاۋابە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭغا يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ قانداق شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرگە‌ن.‏ چىقىش 34:‏4–‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئۆزىنىڭ قايسى پە‌زىلىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

  • سىز بولۇ‌پمۇ يە‌ھۋانىڭ قايسى پە‌زىلە‌تلىرىنى ياخشى كۆرىسىز؟‏

6.‏ خۇ‌دا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ

بىر ئايال دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ خە‌لقى،‏ يە‌نى ئىبرانىيلار مىسىردا قۇ‌ل بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ خە‌لقى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌ندە،‏ يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان؟‏ ئاۋازلىق ئوقۇ‌شنى تىڭشاڭ ياكى چىقىش 3:‏1–‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

ئاۋازلىق ئوقۇ‌ش:‏ «يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىگە كۆڭۈل بۆلگە‌ن» (‏45:‏2)‏

  • مۇ‌شۇ مە‌لۇ‌مات ئىنسانلار ئازاب چە‌ككە‌ندە،‏ خۇ‌دانىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە سىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏ —‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رنى قاراڭ.‏

  • سىزنىڭچە،‏ يە‌ھۋا ئىنسانلارغا ياردە‌م بېرىشنى ھە‌قىقە‌تە‌ن خالامدۇ ۋە ئۇ شۇ‌نداق قىلىشقا قادىرمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

7.‏ تە‌بىئە‌ت دۇ‌نياسى يە‌ھۋانىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرىدۇ

كوللاژ:‏ كىت ۋە ئۇ‌نىڭ بالىسى،‏ گۈللە‌ر،‏ ھە‌رە‌قۇ‌شى.‏

يە‌ھۋا ئۆزى ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى ئاشكارىلايدۇ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن رىملىقلار 1:‏20-‏نى ئوقۇ‌پ،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «يارىتىلغان مە‌ۋجۇ‌داتلار يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئاشكارىلايدۇ —‏ ئىنسان تېنى» (‏57:‏1)‏

  • يە‌ھۋا ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلاردىن ئۇ‌نىڭ قانداق پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆردىڭىز؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز خۇ‌دانى كۆرە‌لمە‌يمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نى تونۇ‌پ-‏بىلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س».‏

  • سىز نېمە ئويلايسىز؟‏

  • نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئويلىدىڭىز؟‏

خۇ‌لاسە

يە‌ھۋا كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان روھىي شە‌خس.‏ ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى بار.‏ ئۇ ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر.‏

تە‌كرارلاش

  • نېمە ئۈچۈن بىز يە‌ھۋانى كۆرە‌لمە‌يمىز؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س روھ دېگە‌ن نېمە؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ قانداق بە‌زى پە‌زىلە‌تلىرى بار؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

يە‌ھۋانىڭ تۆت ئاساسىي پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىۋېلىڭ.‏

‏«يە‌ھۋا —‏ ئۇ كىم؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2019-‏يىل،‏ 1-‏سان)‏

ھە‌ممە مە‌ۋجۇ‌داتلاردا يە‌ھۋانىڭ مە‌ۋجۇ‌ت ئە‌مە‌سلىكىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏

‏«خۇ‌دا ھە‌ممىلا يە‌ردىمۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى خۇ‌دانىڭ قوللىرى سۈپىتىدە تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س روھ دېگە‌ن نېمە؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

قارغۇ بىر ئادە‌م ئۈچۈن،‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌نىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىن بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرىنى نېمە ئۆزگە‌رتكە‌ن؟‏ كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«مە‌ن ھازىر باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2015-‏يىل،‏ 1-‏ئۆكتە‌بىر)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش