كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 يانۋار 27-‏32 ب.‏
  • ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدىكى پە‌رقنى كۆرۈڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدىكى پە‌رقنى كۆرۈڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئۆزۈمىزگە بولغان كۆزقارىشىمىز
  • باشقىلارغا بولغان مۇ‌ئامىلە
  • بۆرىلە‌ر ۋە قوزىلار
  • ‏«شۇ‌نداقلاردىن يىراق تۇ‌ر»‏
  • يېڭى شە‌خسىيە‌تنى كىيىپ،‏ ئۇ‌نى قايتا يە‌شمە‌يلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • بىز ئاتىمىز يە‌ھۋانى بە‌ك ياخشى كۆرىمىز
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ ئېسىل پە‌زىلە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 يانۋار 27-‏32 ب.‏
قىزى ئاپىسى بىلە‌ن جېدە‌للىشىۋاتىدۇ؛‏ ئاپىسى ۋە قىزى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بىللە ئىشلىۋاتىدۇ

ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدىكى پە‌رقنى كۆرۈڭ

‏«سىلە‌ر.‏.‏.‏ ھە‌ققانىيلار بىلە‌ن رە‌زىللە‌رنى.‏.‏.‏ پە‌رق ئېتە‌لە‌يسىلە‌ر» (‏مالاكى 3:‏18)‏.‏

ناخشىلار:‏ 29،‏ 53

سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ئۆزىمىز ھە‌ققىدە توغرا كۆزقاراشنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

  • باشقىلار بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىزنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

1،‏ 2.‏ بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھاياتىنى نېمە قىيىنلاشتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

كۆپلىگە‌ن تىببىي خىزمە‌تچىلە‌ر يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌ل بىلە‌ن ئاغرىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا ئىشلە‌يدۇ.‏ بېمارلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئاغرىقنى داۋالايمە‌ن دە‌پ يۈرۈپ،‏ ئۆزلىرىگە يۇ‌قتۇ‌رۇ‌ۋالماسلىقى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار ئۆزىنى قوغدىشى كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىسى سۈپىتىدە بىزمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تتە.‏ كۆپىنچىمىز يە‌ھۋانىڭ خىسلە‌تلىرىگە پۈتۈنلە‌ي ئوخشىمايدىغان مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قنى ئادە‌ت قىلغان ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدا ياشايمىز ياكى ئىشلە‌يمىز.‏ بۇ بىز ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

2 مۇ‌شۇ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە،‏ خۇ‌دانى ياخشى كۆرمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭ ياخشى بىلە‌ن يامان ھە‌ققىدىكى ئۆلچە‌ملىرىنى رە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىيغا يازغان خېتىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ سە‌لبىي خىسلە‌تلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س بۇ دۇ‌نيا تۈزۈملىرى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغانسېرى،‏ بۇ خىسلە‌تلە‌رنىڭ تېخىمۇ كە‌ڭ تارقىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى ‏(‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1—‏5،‏ 13نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ مۇ‌شۇ‌نداق يامان قىلىقلارنى ئاڭلىغاندا،‏ چېچىمىز تىك تۇ‌رسىمۇ،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرى،‏ سۆزلىرى ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى بىزگە تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20)‏.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە بۇ يامان خىسلە‌تلە‌ر بىلە‌ن خۇ‌دا خە‌لقىدە بولىدىغان خىسلە‌تلە‌رنىڭ ئارىسىدا قانداق پە‌رق بارلىقىنى كۆرۈمىز.‏ شۇ‌نداقلا ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشقا ياردە‌م بېرىپ،‏ يامان خىسلە‌تلە‌رنى يۇ‌قتۇ‌رۇ‌ۋالماسلىقىمىز ئۈچۈن،‏ ئۆزۈمىزنى قانداق ھىمايە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈمىز.‏

3.‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏2—‏5تە قانداق ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققىدە ئېيتىلغان؟‏

3 پاۋلۇ‌س ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ئادە‌تتىن تاشقىرى قىيىن ۋاقىتلار بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا ئومۇ‌ملىشىدىغان 19 سە‌لبىي خىسلە‌تنى تىزىملاپ كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ خىسلە‌تلە‌ر پاۋلۇ‌س رىملىقلارغا 1:‏29—‏31 ئاتاپ ئۆتكە‌ن خىسلە‌تلە‌رگە ئوخشايدۇ.‏ بىراق،‏ تىموتىيغا يازغان خېتىدىكى تىزىمدا قوللانغان سۆزلە‌ر گرېك تىلىدىكى يازمىلارنىڭ باشقا ھېچ يېرىدە تىلغا ئېلىنمىغان.‏ پاۋلۇ‌س بۇ تىزىمنى «ئىنسانلار» دېگە‌ن سۆز بىلە‌ن باشلاپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ يامان خىسلە‌تلىرىنى ئاتاپ ئۆتكە‌ن.‏ لېكىن،‏ پاۋلۇ‌س يازغان سە‌لبىي خىسلە‌تلە‌رنى ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى كۆرسە‌تمە‌يدۇ.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى پۈتۈنلە‌ي باشقىچە خىسلە‌تلە‌رنى كۆرسىتىدۇ ‏(‏مالاكى 3:‏18نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

ئۆزۈمىزگە بولغان كۆزقارىشىمىز

4.‏ سىز مە‌غرۇ‌ر ئادە‌منى قانداق تە‌سۋىرلە‌يسىز؟‏

4 پاۋلۇ‌س ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدىغان ۋە پۇ‌لخۇ‌مار ئىنسانلار ھە‌ققىدە ئېيتقاندىن كېيىن،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر ۋە مە‌غرۇ‌ر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ مۇ‌شۇ خىسلە‌تلىرى بار ئادە‌ملە‌ر سىرتقى كۆرۈنۈشى،‏ قابىلىيىتى،‏ دۇ‌نيا-‏مۈلكى ۋە جە‌مئىيە‌تتىكى ئورنى بىلە‌ن ماختىنىپ،‏ ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن يۇ‌قىرى سانايدۇ.‏ مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر ھە‌ممىدىن بۇ‌رۇ‌ن باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىشنى خالايدۇ.‏ بىر تە‌تقىق قىلغۇ‌چى مە‌غرۇ‌ر ئادە‌م يۈرىكىدە خۇ‌داغا ئە‌مە‌س،‏ ئۆزىگە سە‌جدە قىلىدىغانلىقىنى يازغان.‏ بە‌زىبىر ئادە‌ملە‌رنىڭ ئېيتىشىچە،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر ئادە‌م شۇ‌نچلىك يىرگىنىچلىككى،‏ ھە‌تتا تە‌كە‌ببۇ‌ر ئادە‌م مۇ‌شۇ خىسلە‌تنى باشقىلاردا كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى ياقتۇ‌رمايدۇ.‏

5.‏ يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىمۇ قانداق تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كېتىشى مۇ‌مكىن؟‏

5 يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن قارايدىغان كۆز»،‏ دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن مە‌غرۇ‌رلۇ‌قنى ئۆچ كۆرىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 6:‏16،‏ 17)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ئادە‌منى خۇ‌دادىن يىراقلاشتۇ‌رىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 10:‏4)‏.‏ ئۇ —‏ ئىبلىسقا خاس ئىللە‌ت (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 3:‏6)‏.‏ ئە‌پسۇ‌سكى،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌زىبىر سادىق خىزمە‌تچىلىرى تە‌كە‌ببۇ‌رلىقنى يۇ‌قتۇ‌رۇ‌ۋالىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۇ‌دانىڭ پادىشاھى ئۇ‌ززىيانى ئالساق،‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار سادىقلىقنى ساقلاپ كە‌لگە‌ن.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ئۇ قۇ‌ۋۋە‌تلە‌نگە‌ندە ئۆزى خاراب بولغىدە‌ك كۆڭلىمۇ تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ قالدى.‏ ئۆز تە‌ڭرىسى خۇ‌داۋە‌ندىگە ئىتائە‌تسىزلىك قىلغانلىقى» يېزىلغان.‏ ئۇ‌ززىيا ئىبادە‌تخانىغا كىرىپ،‏ خۇ‌شپۇ‌راق ئىسرىقنى ياندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆز ھوقۇ‌ق دائىرىسىدە بولمىغان ئىشنى قىلغان.‏ كېيىنرە‌ك سادىق پادىشاھ ھە‌زە‌كىيانىڭمۇ تە‌كە‌ببۇ‌رلىشىپ كە‌تكە‌ن ۋاقتى بولغان (‏تارىخنامە 2-‏يازما 26:‏16؛‏ 32:‏25،‏ 26)‏.‏

6.‏ داۋۇ‌ت نېمە سە‌ۋە‌بتىن مە‌غرۇ‌رلىنىپ كېتىشى مۇ‌مكىن ئىدى؟‏ لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ قالغان؟‏

6 بە‌زىبىر ئادە‌ملە‌ر كېلىشكە‌ن،‏ نامى چىققان،‏ مۇ‌زىكا قابىلىيىتى بار،‏ كۈچلۈك ياكى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغانلىقتىن،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ داۋۇ‌تتا مۇ‌شۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى بولغان،‏ لېكىن ئۇ ئۆمۈرۋايە‌ت كە‌متە‌ر بولۇ‌پ قالغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ غولياتنى ئۆلتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ سائۇ‌ل پادىشاھ ئۇ‌نىڭغا قىزىنى خوتۇ‌نلۇ‌ققا بە‌رمە‌كچى بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ داۋۇ‌ت بۇ‌نىڭغا:‏ «مە‌ن كىم ئىدىم،‏ مېنىڭ ئاتامنىڭ جە‌مە‌تى ئىسرائىل ئارىسىدا نېمە ئىدى،‏ مە‌ن قانداقمۇ پادىشاھلنىڭ كۈيئوغلى بولاي؟‏»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 18:‏18)‏.‏ داۋۇ‌تقا كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ ئۆزىنىڭ خىسلە‌تلىرى،‏ قابىلىيە‌تلىرى ۋە ئارتۇ‌قچىلىقلىرىنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 113:‏5—‏8)‏.‏ داۋۇ‌ت ھە‌ممە ياخشىلىق يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌نلىكىنى بىلگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 4:‏7نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏

ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كە‌متە‌رلىكىنى كۆرۈپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌يدۇ

7.‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 داۋۇ‌تقا ئوخشاش بۈگۈنمۇ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا تىرىشماقتا.‏ بارچە كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان يە‌ھۋانىڭ ئۆزى كە‌متە‌ر ئىكە‌نلىكىنى بىلىش قە‌لب تارىمىزنى تە‌ۋرىتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏35)‏.‏ بىز مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى ھاياتتا قوللىنىشنى خالايمىز:‏ «ھە‌مدە‌رتلىك،‏ مېھرىبانلىق،‏ ئە‌قىل مۆمۈنلىكىنىڭ،‏ مۇ‌لايىملىق ھە‌م ئۇ‌زاق سە‌ۋىرچانلىقنىڭ نازۇ‌ك سېزىملىرىغا پۈركۈنە‌يلى» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏12)‏.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ماختانمايدۇ ۋە تە‌كە‌ببۇ‌رلىق قىلمايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4)‏.‏ باشقىلار كە‌متە‌ر ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارمۇ يە‌ھۋانى بىلىشنى خالايدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س يولدىشى ئايالىنىڭ ياخشى يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىنى كۆرۈپ،‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كە‌متە‌رلىكىنى كۆرۈپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌يدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏1)‏.‏

باشقىلارغا بولغان مۇ‌ئامىلە

8.‏ ئا)‏ بۈگۈن بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بالىلارنىڭ ئاتا-‏ئانىسىغا بولغان ئىتائىتسىزلىكىگە قانداق قارايدۇ؟‏ ئە)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بالىلارغا نېمە قىلىش كېرە‌كلىكى ئېيتىلغان؟‏

8 پاۋلۇ‌س ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ئادە‌ملە‌ر بىر-‏بىرىگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏ ئۇ بالىلار ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نمايدىغانلىقىنى يازغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگە‌ن كىتابلار،‏ كىنولار ۋە پروگراممىلار مۇ‌نداق قىلىقنىڭ ھېچ يامىنى يوق ئادە‌تتىكى نە‌رسىدە‌ك كۆرسىتىدۇ.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ بالىلارنىڭ ئاتا-‏ئانىسىغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىشى جە‌مئىيە‌تنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولغان ئائىلىنىڭ بىرلىگىنى بۇ‌زىدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر بۇ ھە‌قىقە‌تنى بۇ‌رۇ‌ندىنلا بىلگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قە‌دىمقى گرېتسىيە‌دە ئاتا-‏ئانىسىغا قول كۆتە‌رگە‌ن كىشى پۇ‌قرالىق ھوقۇ‌قلىرىدىن ئايرىلاتتى.‏ رىم قانۇ‌نى بويىچە،‏ ئاتىسىغا قول كۆتە‌رگە‌ن بالا قاتىلدە‌ك جازالىناتتى.‏ ئىبرانىي يازمىلاردىمۇ،‏ گرېك يازمىلاردىمۇ بالىلارغا ئاتا-‏ئانىسىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش بۇ‌يرۇ‌لغان (‏چىقىش 20:‏12؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏1—‏3)‏.‏

9.‏ بالىلارغا ئاتا-‏ئانىسىغا قۇ‌لاق سېلىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

9 ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نمايدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان بالىلارغا ئىتائە‌ت قىلىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بالىلار ئاتا-‏ئانىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ھە‌ممە ياخشىلىقى ھە‌ققىدە ئويلانسا،‏ ئۇ‌لارغا بولغان مىننە‌تدارلىقى ئېشىپ،‏ قۇ‌لاق سېلىشنى خالايدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ياشلار شۇ‌نى چۈشىنىشى كېرە‌ككى:‏ ھە‌ممىمىزنىڭ ئاتىمىز بولغان خۇ‌دا ياشلارنىڭ ئاتا-‏ئانىسىغا قۇ‌لاق سېلىشىنى كۈتىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئاتا-‏ئانىسى ھە‌ققىدە ياخشى گە‌پ قىلسا،‏ دوستلىرىنىمۇ ئۆز ئاتا-‏ئانىسىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاتا-‏ئانىسى ‏«مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت»‏ بە‌رمىسە،‏ بالىلارغا چىن دىلدىن ئىتائە‌ت قىلىش بە‌كلا قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ئاتا-‏ئانىسى بالىلىرىغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تسە،‏ بالىلىرى قىيىن بولسىمۇ ئۇ‌لارنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىشقا تىرىشىدۇ.‏ ئاستىن ئىسىملىك بىر ياش قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن كۆپىنچە ۋاقىتتا خاتا ئىش قىلغۇ‌م كە‌لگە‌ندە،‏ ئاتا-‏ئانام دانا يول-‏يورۇ‌ق كۆرسىتىپ،‏ قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرە‌تتى ۋە دائىم سۆزلىشىشكە تە‌ييار بولاتتى.‏ بۇ بويسۇ‌نۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بېرە‌تتى.‏ ئۇ‌لار ماڭا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرە‌تتىم ۋە شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌لارنى خاپا قىلىشنى خالىمايتىم».‏

10،‏ 11.‏ ئا)‏ قانداق يامان خىسلە‌تلە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ بىر-‏بىرىنى ياخشى كۆرمە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏ ئە)‏ ھە‌قىقىي ئېتىقادچىلار ئادە‌ملە‌رنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ؟‏

10 پاۋلۇ‌س يە‌نە ئادە‌ملە‌رنىڭ بىر-‏بىرىگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تمە‌يدىغان خىسلە‌تلە‌رنى ئاتاپ ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ ئىنسانلارنىڭ «ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نمايدىغان» لىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن،‏ مىننە‌تدارسىزلىق ھە‌ققىدە ئېيتقانىدى.‏ بۇ‌نداق تە‌رتىپ بويىچە تىلغا ئېلىش مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن،‏ چۈنكى مىننە‌تدارلىقنى كۆرسە‌تمە‌يدىغان كىشىلە‌ر باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرىنى قە‌دىرلىمە‌يدۇ.‏ پاۋلۇ‌س ئىنسانلارنىڭ ۋاپاسىز بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان‏.‏ ئۇ‌لار جاھىل،‏ يە‌نى باشقىلار بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تنى ساقلاشنى خالىمايدۇ‏.‏ ئادە‌ملە‌ر كۇ‌پۇ‌رلۇ‌ق سۆزلە‌رنى قىلىدىغان ۋە ساتقۇ‌ن بولۇ‌پ،‏ باشقا ئادە‌ملە‌رگە‏،‏ ھە‌تتا خۇ‌داغا تىل تە‌ككۈزۈپ،‏ ھاقارە‌تلىك سۆزلە‌رنى ئېيتىدىغان بولىدۇ‏.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لار تۆھمە‌تخور بولۇ‌پ،‏ باشقىلارنىڭ نامىغا داغ كە‌لتۈرۈدىغان يالغان-‏ياۋداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى تارقىتىدۇa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

11 يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسىدىن پە‌رقلىنىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار باشقىلارغا ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداق بولغان.‏ ئە‌يسا ئېيتىپ كە‌تكە‌ندە‌ك،‏ تە‌ۋراتتا باشقىلارنى سۆي دېگە‌ن قانۇ‌نغا قارىغاندا خۇ‌دانى سۆي دېگە‌ن قانۇ‌ن بە‌كراق مۇ‌ھىم (‏مە‌تتا 22:‏38،‏ 39‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئە‌يسا ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئۆز-‏ئارا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرستىپ تونۇ‌لىدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏يوھاننا 13:‏34،‏ 35نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ ھە‌قىقىي ئېتىقادچىلار ھە‌تتا دۈشمە‌نلىرىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ (‏مە‌تتا 5:‏43،‏ 44‏)‏.‏

12.‏ ئە‌يسا باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 ئە‌يسا ئىنسانلارنى ھە‌قىقىي ياخشى كۆرگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ ئۇ بىر شە‌ھە‌ردىن باشقا شە‌ھە‌رگە مېڭىپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتقان.‏ كورلارنى،‏ توكۇ‌رلارنى،‏ ماخوۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بىلە‌ن پاڭلارنى ساقايتقان ۋە ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرگە‌نىدى (‏لۇ‌قا 7:‏22)‏.‏ ئۇ‌نى ئۆچ كۆرگە‌ن ئادە‌ملە‌ر كۆپ بولسىمۇ،‏ ئۇ ئىنسانلارنى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌تتا جېنىنى قۇ‌ربان قىلغان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئاتىسىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالدا ئۈلگە قىلغان.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏

13.‏ باشقىلارغا كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز ئۇ‌لارنى يە‌ھۋانى تونۇ‌شقا قانداق دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

13 ئادە‌ملە‌ر بىزنىڭ ئۇ‌لارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئە‌رشتىكى ئاتىمىز ھە‌ققىدە بىلگۈسى كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تايلاندتا ياشايدىغان بىر ئە‌ر كىشى رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشقا بارغاندا،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئۆز-‏ئارا كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرۈپ،‏ بە‌كمۇ ھە‌يران قالغان.‏ ئۆيگە كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌پتىسىگە ئىككى قېتىم تە‌تقىق قىلىشنى سورىغان.‏ ئاندىن ئۇ ھە‌ممە قولۇ‌م-‏قېرىنداشلىرىغا ۋە‌ز قىلغان.‏ ئالتە ئاي ئۆتە-‏ئۆتمە‌يلا،‏ بۇ كىشى ئىبادە‌ت ئۆيىدە دە‌سلە‌پكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش تاپشۇ‌رۇ‌قى بىلە‌ن چىققان.‏ بىزچۇ باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىۋاتىمىزمۇ؟‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرە‌يلى:‏ «ئائىلە‌مدە،‏ جامائە‌تتە ۋە خىزمە‌تتە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشكە ئىنتىلىمە‌نمۇ؟‏ باشقىلارغا يە‌ھۋا خۇ‌دادە‌ك قاراشقا تىرىشىمە‌نمۇ؟‏»‏

بۆرىلە‌ر ۋە قوزىلار

14،‏ 15.‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ردە قانداق ناچار ئىللە‌تلە‌ر بار؟‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرىنى قانداق ئۆزگە‌رتكە‌ن؟‏

14 ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ئادە‌ملە‌رنىڭ باشقىمۇ يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قلىرىنى بايقايمىز.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن يىراق تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ياخشىلىققا ئۆچ بولىدۇ‏.‏ ئۇ‌لار ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرۈپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا قارشى چىقىدۇ.‏ مۇ‌نداق ئىنسانلار ئۆزىنى تۇ‌تالمايدىغان،‏ ۋە‌ھشى‏.‏ بە‌زىبىرلىرى مە‌نمە‌نچى‏.‏ ئۇ‌لار ئىش قىلغاندا قوپال بولۇ‌پ،‏ باشقىلارغا زىيان ئېتىپ قالارمۇ،‏ دېگە‌نلە‌رنى ئويلىمايدۇ.‏

15 ئىلگىرى ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشاش ھە‌رىكە‌ت قىلغان ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ بۇ ئاجايىپ ئۆزگىرىشلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بېشارە‌ت قىلىنغان ‏(‏يە‌شايا 11:‏6،‏ 7نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ يازمىلاردا بۆرە ۋە يولۋاس دېگە‌ندە‌ك ياۋايى ھايۋانلار،‏ قوزا ۋە موزايدە‌ك ئۆي ھايۋانلىرى بىلە‌ن ئىناق ياشايدىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئىناقلىق بولىدۇ؟‏ بېشارە‌تتە يە‌نە:‏ «پۈتۈن يە‌ر-‏يۈزى پە‌رۋە‌ردىگارنى بىلىش-‏تونۇ‌ش بىلە‌ن قاپلىنىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىلغان (‏يە‌شايا 11:‏9)‏.‏ ھايۋانلار يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىم ئالالمايدىغانلىقتىن،‏ بۇ بېشارە‌تتىكى سۆزلە‌ر سىمۋۇ‌لۇ‌ق مە‌نىدە ئادە‌ملە‌ر ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلغاندا ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ.‏

ئە‌ر كىشى ئايالنىڭ سۇ‌مكىسىنى قولىدىن تارتىپ ئېلىپ كە‌تتى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلدى،‏ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى ئۆزگە‌رتتى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلار ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ!‏ (‏16-‏ئابزايسقا قاراڭ)‏

16.‏ قانداق قىلىپ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئادە‌منىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ۋاقتىدا ۋە‌ھشى بۆرىدە‌ك رە‌ھىمسىز بولغان.‏ بىراق ھازىر ئۇ‌لار يوۋاش.‏ بە‌زى كىشلە‌رنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىنى org.‏jw تور بېكىتىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ‏» ناملىق سە‌ھىپىدىن ئوقۇ‌يالايسىز.‏ يە‌ھۋانى تونۇ‌پ-‏بىلگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلغانلار خۇ‌داغا ۋاپادار كۆرۈنىدىغان،‏ ئە‌مما ۋاپادارلىقنىڭ كۈچىنى رە‌ت قىلىدىغانلارغا ئوخشىمايدۇ.‏ مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىمىز،‏ دە‌پ ئېيتىدۇ.‏ ئە‌مما ئىشلىرى بىلە‌ن كۆرسە‌تمە‌يدۇ.‏ خۇ‌دا خە‌لقىدە ئىلگىرى رە‌ھىمسىز بولغانلار «خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھە‌قىقىي ھە‌ققانىيلىقتا ھە‌م سادىقلىقتا يارىتىلغان يېڭى شە‌خسكە ئۆزگە‌ردى» (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏23،‏ 24)‏.‏ ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دا ھە‌ققىدە بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌لە‌پلىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادىنى،‏ كۆزقارىشىنى ۋە مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى ئۆزگە‌رتىدۇ.‏ بۇ‌نداق ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىش ئاسان ئە‌مە‌س،‏ لېكىن خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئۇ‌نى خۇ‌شال قىلىشنى خالىغانلارغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

‏«شۇ‌نداقلاردىن يىراق تۇ‌ر»‏

17.‏ يامان ئىللە‌تلىرى بار ئادە‌ملە‌ردىن قانداق يىراق بۇ‌رالايمىز؟‏

17 خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان-‏قىلمايدىغانلارنىڭ ئارىسىدىكى پە‌رق ئېنىق كۆرۈنىدۇ.‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلمايدىغانلارنىڭ يامان ئىللە‌تلىرى بىزگە تە‌سىر قىلماسلىقى ئۈچۈن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏2—‏5تە تىلغا ئېلىنغان ئادە‌ملە‌ردىن ‏«يىراق تۇ‌ر»‏ دېگە‌ن مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يامان ئىللە‌تلىرى بار ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسىدىن بىراقلا يىراق بولالمايمىز.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ئىشلە‌شكە،‏ ئوقۇ‌شقا ياكى ياشاشقا توغرا كېلىدۇ.‏ بىراق،‏ بىز ئۇ‌لارغا ئوخشاش ئويلاپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىشلىرىنى قىلمايمىز.‏ بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ۋە يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئارىلىشىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلىقىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىمىز.‏

18.‏ بىزنىڭ سۆزۈمىز بىلە‌ن ئىشىمىز باشقىلارغا يە‌ھۋانى تونۇ‌پ-‏بىلىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 بىز باشقىلارغا يە‌ھۋانى تونۇ‌پ-‏بىلىشكە ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏ گۇ‌ۋاھلىق بېرىشنىڭ پۇ‌رسە‌تلىرىنى ئىزدە‌پ،‏ مۇ‌ۋاپىق ۋاقىتتا ۋە مۇ‌ۋاپىق سۆزلە‌رنى قىلىشقا يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورايمىز.‏ باشقىلاردىن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىكە‌نلىكىمىزنى يوشۇ‌رمايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۈلگىلىك يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز ئۆزۈمىزگە ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدۇ.‏ يە‌ھۋا «بىزنى رە‌زىللىكنى ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى رە‌ت قىلىپ،‏ بۇ دۇ‌نيا تۈزۈمى ئاستىدا خۇ‌داغا بولغان ساغلام ئوي-‏پىكىرنى،‏ ھە‌ققانىيلىقنى ھە‌م ۋاپادارلىقنى ساقلاپ ياشاشنى ئۆگە‌تمە‌كتە» (‏تىتقا 2:‏11—‏14)‏.‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلساق ۋە ئۇ‌نىڭغا لايىق ھە‌رىكە‌ت قىلساق،‏ بۇ باشقىلارنىڭ نە‌زىرىدىن ئۆچۈپ قالمايدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌تتا:‏ «بىز سە‌ن بىلە‌ن بارايلى،‏ چۈنكى بىز خۇ‌دانى سە‌ن بىلە‌ن بىللىدۇ‌ر دە‌پ ئاڭلىدۇ‌ق»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىشى مۇ‌مكىن (‏زە‌كە‌رىيا 8:‏23)‏.‏

a گرېك تىلىدىن «تۆھمە‌ت قىلغۇ‌چى» ياكى «ئە‌يىبلىگۈچى» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان «دىئابولوس» سۆزى شە‌يتاننىڭ نام-‏ئۇ‌نۋانى سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.‏ ئۇ —‏ «ئىبلىس»،‏ يە‌نى خۇ‌داغا تۆھمە‌ت قىلغۇ‌چى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش