كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 21-‏26 ب.‏
  • يېڭى شە‌خسىيە‌تنى كىيىپ،‏ ئۇ‌نى قايتا يە‌شمە‌يلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يېڭى شە‌خسىيە‌تنى كىيىپ،‏ ئۇ‌نى قايتا يە‌شمە‌يلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ھە‌ممىڭلار بىر شە‌خستە‌ك
  • ھېسداشلىق ۋە مېھرىبانلىققا كىيىنىڭلار
  • كە‌متە‌رلىككە كىيىنىڭلار
  • مۇ‌لايىملىق ۋە سە‌ۋرگە كىيىنىڭلار
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە كىيىنىڭلار
  • يېڭىلىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭلار
  • چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ «يېڭى تە‌بىئە‌تنى» داۋاملىق كىيىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدىكى پە‌رقنى كۆرۈڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • داۋاملىق سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 21-‏26 ب.‏
هه‌رخىل ئىرقتىن چىققان گوُۋاهچىر بىرگه ۋه‌ز قىلىدوُ،‏ بىر-‏بىرىنىڭ ئويىگه مېهمانغا بارىدوُ ۋه جامائه‌تته جه‌م بولىدوُ

يېڭى شە‌خسىيە‌تنى كىيىپ،‏ ئۇ‌نى قايتا يە‌شمە‌يلى

‏«يېڭى شە‌خسىيە‌تنى كىيىنىڭلار» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏10)‏.‏

ناخشىلار:‏ 43،‏ 27

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يېڭى شە‌خسيە‌تكە كىرىدىغان قانداق خىسلە‌ت بىرلىنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • ھېسداشلىق بىلە‌ن مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنىڭ قانداق ئۇ‌سۇ‌للىرى بار؟‏

  • كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن مۇ‌لايىملىقنى قانداق كۆرسىتىشكە بولىدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ يېڭى شە‌خسىيە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئە)‏ كولوسىلىقلارغا 3:‏10—‏14 ئايە‌تلە‌ردە يېڭى شە‌خسىيە‌تكە كىرىدىغان قانداق خىسلە‌تلە‌ر بار؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏24 ۋە كولوسىلىقلارغا 3:‏10 ئايە‌تلىرىدە «يېڭى شە‌خس» دېگە‌ن ئىبارە ئىككى قېتىم ئۇ‌چرىشىدۇ.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە خۇ‌دانىڭ ئوبرازى بويىچە يارىتىلغان شە‌خس ھە‌ققىدە ئېيتىلغان.‏ بىز يېڭى شە‌خسىيە‌تكە ئىگە بولالايمىزمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياراتقانلىقتىن،‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئاجايىپ خىسلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلالايمىز (‏يارىتىلىش 1:‏26،‏ 27؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏1)‏.‏

2 مۇ‌كە‌ممە‌لسىزلىكنى مىراس قىلغانلىقتىن،‏ ئاندا-‏ساندا ھە‌ممىمىزدىمۇ يامان ئىستە‌كلە‌ر پە‌يدا بولىدىغانلىقى راست.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ئە‌تراپىمىزدىكىلە‌رمۇ بىزگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ لېكىن يە‌ھۋانىڭ مېھرىبانلىق بىلە‌ن قىلغان ياردىمى ئارقىلىق بىز ئۇ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئادە‌م بولالايمىز.‏ شۇ مە‌قسە‌تكە يېتىشكە بە‌ل باغلىشىمىز ئۈچۈن،‏ يېڭى شە‌خسىيە‌تكە كىرىدىغان بىرنە‌چچە خىسلە‌تنى قاراپ چىقايلى ‏(‏كولوسىلىقلارغا 3:‏10—‏14نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كېيىن مۇ‌شۇ خىسلە‌تلە‌رنى خىزمە‌تتە قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى قاراپ چىقىمىز.‏

ھە‌ممىڭلار بىر شە‌خستە‌ك

3.‏ يېڭى شە‌خسىيە‌تكە كىرىدىغان بىر خىسلە‌ت قانداق؟‏

3 پاۋلۇ‌س ئادە‌ملە‌رگە يۈز-‏خ‍اتىر قىلماسلىق يېڭى شە‌خسنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرۇ‌پ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌نىدى:‏ «يا گرېكمۇ،‏ يا يە‌ھۇ‌دىيمۇ،‏ يا خە‌تنىلىكمۇ،‏ يا خە‌تنىسىزلىكمۇ،‏ يا چە‌تئە‌للىكمۇ،‏ يا قۇ‌لمۇ،‏ يا ئە‌ركىنلىكمۇ يوق».‏ جامائە‌تتە ھېچكىم ئىرقى،‏ مىللىتى ياكى جە‌مئىيە‌تتىكى ئورنى سە‌ۋە‌بىدىن ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرمە‌سلىكى كېرە‌ك.‏ نېمىشقا؟‏ سە‌ۋە‌بى مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سۈپىتىدە ھە‌ممىمىز «بىر شە‌خس» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏11؛‏ گالاتىلىقلارغا 3:‏28)‏.‏

بىز ھېچكىمگە ئىرقى ۋە كېلىپ چىقىشىغا قاراپ يۈز-‏خاتىر قىلمايمىز

4.‏ ئا)‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ قايسى ۋە‌زىيە‌تتە مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ئىناقلىقى سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

4 يېڭى شە‌خسىيە‌ت بىلە‌ن كىيىنگە‌ندە بىز ئىرقى كېلىپ چىقىشىغا قارىماستىن،‏ ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىمىز (‏رىملىقلارغا 2:‏11)‏.‏ دۇ‌نيانىڭ بە‌زى جايلىرىدا مۇ‌نداق قىلىش ئاسان ئە‌مە‌س بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ‌رۇ‌ن جە‌نۇ‌بىي ئافرىقا جۇ‌مھۇ‌رىيىتىدە يە‌رلىك ھۆكۈمە‌ت ھە‌ر تۈرلۈك ئىرقتىن چىققان ئادە‌ملە‌رنى ئايرىم تۇ‌رغۇ‌زغان.‏ بۇ دۆلە‌تتىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى،‏ شۇ جۈملىدىن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىمۇ،‏ تېخىچە مۇ‌شۇ يە‌رلە‌ردە ياشايدۇ.‏ يېتە‌كچى رە‌ھبىرى كېڭە‌ش قېرىنداشلىرىمىزنى «پۈتۈن قېرىنداشلىچىلىقنى سۆيۈشكە» دە‌ۋە‌ت قىلىشنى خالىغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ 2013-‏يىلنىڭ ئۆكتە‌بىر ئېيىدا ئۇ‌لار مە‌خسۇ‌س بىر ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش قىلدى.‏ بۇ چارە ھە‌رخىل ئىرقتىن چىققان قېرىنداشلىرىمىزغا بىر-‏بىرىنى ياخشىراق تونۇ‌شقا يول ئاچقان (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏17)‏.‏

5،‏ 6.‏ ئا)‏ بىر دۆلە‌تتە خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئارىسىدىكى بىرلىكنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن قانداق چارە ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌لغان؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏ ئە)‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولدى؟‏

5 شۇ دۆلە‌تتىكى قېرىنداشلار مۇ‌نداق چارە ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى:‏ بە‌زى دە‌م ئېلىش كۈنلىرى تىلى ياكى ئىرقى ئوخشىمايدىغان ئىككى جامائە‌تنىڭ قېرىنداشلىرى بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بۇ قېرىنداشلار بىللە ۋە‌ز قىلىپ،‏ جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشىغا قاتناشتى ۋە بىر-‏بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا باردى.‏ بۇ‌نىڭغا يۈزلىگە‌ن جامائە‌تلە‌ر قاتنىشىپ،‏ بە‌يتە‌لگە كۆپلىگە‌ن خە‌تلە‌ر كە‌لدى.‏ بۇ خە‌تلە‌ردە ھە‌تتا گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س ئادە‌ملە‌ر ئۆز ئىجابىي پىكرىنى بىلدۈرگە‌نىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر دىنىي خىزمە‌تچى مۇ‌نداق دىدى:‏ «مە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س.‏ لېكىن،‏ ۋە‌ز پائالىيىتىڭلار ئاجايىپ ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌لغانلىقى ۋە ھە‌رخىل ئىرق ئارىسىدىكى ئىناقلىقىڭلار ھە‌ققىدە ئېيتمىسام بولمايدۇ».‏ قېرىنداشلار بۇ چارىنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردى؟‏

6 كوسا تىلىدا سۆزلە‌يدىغان نوما ئىسىملىك قېرىندىشىمىز دە‌سلە‌پتە ئىنگلىز تىلىدىكى جامائە‌تتىن گۇ‌ۋاھچىلارنى ئۆزىنىڭ ئاددىي ئۆيىدە مېھمان قىلىشتىن خىجىل بولغانىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئاق تە‌نلىك گۇ‌ۋاھچىلار بىلە‌ن ۋە‌ز قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۆزىنى ئە‌ركىن ھېس قىلىشقا باشلىغان.‏ «ئۇ‌لارمۇ ئۆزۈمىزگە ئوخشاش ئاددىي ئادە‌ملە‌ر ئىكە‌نغۇ!‏»—‏ دە‌پ بۆلۈشتى نورا.‏ بىر قېتىم ئىنگلىز تىلىدىكى جامائە‌تتىن قېرىنداشلار كوسا تىلىدىكى جامائە‌ت بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ بىرنە‌چچە قېرىنداشنى ئۆيىگە چاقىرىدۇ.‏ نوما ئۆيىگە كە‌لگە‌ن بىر ئاق تە‌نلىك ئاقساقالنىڭ كىچىككىنە سۇ‌لياۋ يېشىكتە ئولتۇ‌رغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ھە‌يران قالغان.‏ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بۇ چارە تۈپە‌يلىدىن كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار يېڭى دوستلارنى تېپىپ،‏ كېلىپ چىقىشى ھە‌ر تۈرلۈك ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شماقتا.‏

ھېسداشلىق ۋە مېھرىبانلىققا كىيىنىڭلار

7.‏ نېمىشقا بىز ھە‌رقاچان ھېسداشلىق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

7 شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسى ۋە‌يران قىلىنمىغىچە،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ ئىشسىزلىق،‏ جىددىي كېسە‌ل،‏ زىيانكە‌شلىك،‏ تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ر،‏ جىنايە‌تنىڭ كۆپىيىشىدىن مال-‏مۈلۈكتىن ئايرىلىش ۋە يە‌نە باشقا قىيىنچىلىقلار بېشىمىزغا چۈشۈشى مۇ‌مكىن.‏ قىيىن ۋاقىتلاردا بىر-‏بىرىمىزگە ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن ھېسداشلىق قىلىشىمىز لازىم.‏ ھېسداشلىق باشقىلارغا مېھرىبان بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏32)‏.‏ بۇ خىسلە‌تلە‌ر يېڭى شە‌خسيە‌تنىڭ بىر قىسمى ۋە ئۇ‌لار خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىپ،‏ باشقىلارغا تە‌سە‌للىي بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 1:‏3،‏ 4)‏.‏

8.‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە ھېسداشلىق قىلساق ۋە مېھرىبان بولساق،‏ بۇ‌نىڭ قانداق ياخشى نە‌تىجىسى بولىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

8 جامائىتىمىزدىكى باشقا دۆلە‌تتىن كۆچۈپ كە‌لگە‌ن ياكى تۇ‌رمۇ‌شى ناچار قېرىنداشلارغا قانداقلارچە كۆپرە‌ك مېھرىبانلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ بىز ئۇ‌لارنى ئىللىق چىراي بىلە‌ن قارشى ئېلىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ جامائە‌تكە كېرە‌ك ئىكە‌نلىكىنى ھېس قىلىشىغا ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 12:‏22،‏ 25)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داننىيكارل فىلىپپىندىن ياپونىيىگە كۆچۈپ بارغان.‏ چە‌تئە‌للىك بولغانلىقتىن،‏ ئىشىدا خىزمە‌تداشلىرى ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تمىگە‌نىدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئۇ‌چرىشىشىغا قاتناشقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى دېگىدە‌ك ياپونلۇ‌قلار بولسىمۇ،‏ مېنى بۇ‌رۇ‌ندىن تونۇ‌يدىغاندە‌ك ئىللىق چىراي بىلە‌ن قارشى ئالدى».‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېھرىبانلىقى ئۇ‌نىڭغا يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ بىراز ۋاقىتتىن كېيىن داننىكارل چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسمىدىن ئۆتكە‌ن ۋە ھازىر ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە خىزمە‌ت قىلىدىغان ئاقساقاللار داننىكارل بىلە‌ن ئايالى جېننىفېرغا ئوخشاش قېرىنداشلارنىڭ ئۇ‌لارنىڭ جامائىتىدە بولغانلىقىدىن خوشال ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىپ:‏ «ئۇ‌لار پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار سۈپىتىدە بە‌ك ئاددىي ھايات كە‌چۈرىدۇ ۋە پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 12:‏31)‏.‏

9،‏ 10.‏ خىزمە‌تتە ھېسداشلىق كۆرسە‌تكە‌نلىكىمىز ياخشى نە‌تىجە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان مىساللارنى كە‌لتۈرۈڭ.‏

9 بىز پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلىغاندا،‏ «ھە‌ممىسىگە» ياخشىلىق قىلالايمىز (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏10)‏.‏ كۆپ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ باشقا دۆلە‌تلە‌ردىن كۆچۈپ كە‌لگە‌نلە‌رگە ئىچى ئاغرىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 9:‏23)‏.‏ بۇ كۆپ بە‌رىكە‌ت ئېلىپ كە‌لگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان تىففانى ئىسىملىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى برىسبېن شە‌ھىرىدىكى سۋاخىلى تىلىدىكى جامائە‌تكە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن شۇ تىلنى ئۆگىنىۋالغان.‏ تىل ئۆگىنىش قىيىن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتى مە‌نىلىك ئۆتكە‌نىدى.‏ تىففانى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌گە‌ر خىزمىتىڭىزنىڭ قىزىقارلىق بولۇ‌شىنى خالىسىڭىز،‏ باشقا تىلدىكى جامائە‌تكە ئۆتۈش ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ شۇ چاغدا ئۆز شە‌ھىرىڭىزدىن كە‌تمە‌يلا سە‌ياھە‌ت قىلغاندە‌ك ھېس قىلىسىز.‏ دۇ‌نيا يۈزلۈك قېرىنداشلىچىلىقىمىزنى سېزىپ،‏ ئارىمىزدىكى ئاجايىپ بىرلىكنى ئۆز كۆزۈڭىز بىلە‌ن كۆرە‌لە‌يسىز».‏

ساكىكو بىله‌ن ئاتا-‏ئانىسی

باشقا دۆلە‌تتىن كۆچۈپ كە‌لگە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىشكە مە‌سىھىيلە‌رنى نېمە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ (‏10-‏ئابزايسقا قاراڭ)‏

10 ياپونىيىدىكى بىر ئائىلە مۇ‌نداق قىلغان.‏ قىزلىرى ساكىكو مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ۋە‌ز قىلغاندا پات-‏پات برازىلىيىدىن كۆچۈپ كە‌لگە‌ن ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌چرىتاتتۇ‌ق.‏ ئۇ‌لارغا پورتۇ‌گال تىلىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ۋە‌ھىي 21:‏3،‏ 4 ياكى زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11،‏ 29غا ئوخشاش ئايە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ‌لار دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشايتى،‏ بە‌زىلىرى ھە‌تتا كۆز يېشىمۇ قىلاتتى».‏ بۇ ئائىلىنىڭ شۇ ئادە‌ملە‌رگە ئىچى ئاغرىپ،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌قىقە‌تنى بىلىشكە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلىسى بىلە‌ن بىرگە پورتۇ‌گال تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.‏ كېيىنرە‌ك پورتۇ‌گال تىلىدىكى جامائە‌تنىڭ ئېچىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ يىللار داۋامىدا ئۇ‌لار كۆپلىگە‌ن كۆچمە‌نلە‌رنىڭ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىسى بولۇ‌شىغا ياردە‌ملە‌شكە‌نىدى.‏ ساكىكو مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «پورتۇ‌گال تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپ تە‌ر تۆكتۇ‌ق،‏ ئە‌مما ئېرىشكە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌ر ھە‌ممىدىن ئېشىپ چۈشتى.‏ يە‌ھۋاغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىز چە‌كسىز» ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

كە‌متە‌رلىككە كىيىنىڭلار

11،‏ 12.‏ ئا)‏ نېمىشقا يېڭى شە‌خسىيە‌تنى كىيىشكە نىيىتىمىز توغرا بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 يېڭى شە‌خسىيە‌تكە كىيىنىشتىكى نىيىتىمىز —‏ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ش بولۇ‌ش كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا مۇ‌كە‌ممە‌ل پە‌رىشتىنىڭ ئۆزى تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكتىن،‏ گۇ‌ناھ قىلغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ (‏ئە‌زە‌كىيال 28:‏17نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ بىز بولساق مۇ‌كە‌ممە‌لسىز،‏ شۇ‌ڭا بىزگە تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌قتىن نېرى تۇ‌رۇ‌ش تېخىمۇ قىيىن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۈستىمىزگە كە‌متە‌رلىكنى كىيە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌نداق قىلىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 بىزگە كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا خۇ‌دا سۆزىنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌پ،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش ياردە‌م بېرىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 17:‏18—‏20)‏.‏ بولۇ‌پمۇ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تە‌لىملىرى بىلە‌ن كە‌متە‌رلىكنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ ئە‌يسا شۇ‌نداق كە‌متە‌ر بولغانكى،‏ ئۇ ھە‌تتا شاگىرتلىرىنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يغانىدى (‏يوھاننا 13:‏12—‏17)‏.‏ يە‌ھۋادىن دۇ‌ئادا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراشمۇ كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ روھى ئۆزۈمىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغان ھە‌رقانداق مايىللىقنى يېڭىشقا ياردە‌ملىشىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏3،‏ 4؛‏ فىلىپپىلىقلارغا 2:‏3)‏.‏

13.‏ كە‌متە‌ر بولساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏

13 پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏4نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا بىزدىن كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ كە‌متە‌رلىك كۆپلىگە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ بىز كە‌متە‌ر بولساق،‏ جامائە‌تنىڭ تېنچلىقى بىلە‌ن ئىناقلىقى ئاشىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا يە‌ھۋا بىزگە مېھرىنى مول تۆكىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بارلىقىڭلار بىر-‏بىرىڭلارغا مۇ‌ئامىلە قىلىشتا ئە‌قىل مۆمۈنلۈگىنىڭ بە‌لبېغىنى باغلاڭلار،‏ چۈنكى خۇ‌دا چوڭچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ،‏ مۆمۈنلە‌رگە بولسا،‏ مول مېھرىنى نامايان قىلىدۇ» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏5)‏.‏

مۇ‌لايىملىق ۋە سە‌ۋرگە كىيىنىڭلار

14.‏ مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان بولۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگىسى كىم؟‏

14 مۇ‌شۇ دۇ‌نيادا كۆپ ئادە‌ملە‌ر مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان ئادە‌منى پات-‏پات ئاجىز دە‌پ ئويلايدۇ.‏ لېكىن بۇ ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ بۇ گۈزە‌ل خىسلە‌ت ئالە‌مدىكى ئە‌ڭ قۇ‌درە‌تلىك شە‌خس يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ —‏ مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان بولۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئۈلگىسى (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏9)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىبراھىم بىلە‌ن لۇ‌تنىڭ سوئاللىرىغا پە‌رىشتىلىرى ئارقىلىق جاۋاب بە‌رگە‌ندە،‏ قانچىلىك سە‌ۋرچان بولغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالايلى (‏يارىتىلىش 18:‏22—‏33؛‏ 19:‏18—‏21)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىتائە‌تسىز ئىسرائىللىقلارغا 1500 يىلدىن ئوشۇ‌ق ۋاقىت داۋامىدا كۆرسە‌تكە‌ن سە‌ۋر-‏تاقىتى ئېسىمىزدە بولسۇ‌ن (‏ھە‌زە‌كىيال 33:‏11)‏.‏

15.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان بولۇ‌شنىڭ قانداق ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تتى؟‏

15 ئە‌يسا مە‌سىھمۇ «مۇ‌لايىم» بولغان (‏مە‌تتا 11:‏29‏)‏.‏ شاگىرتلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولغان.‏ يە‌ردە خىزمە‌ت قىلغان ۋاقتىدا ئە‌يسانى پات-‏پات ئاساسسىز تە‌نقىد قىلىپ ئە‌يىبلىگە‌نىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ تاكى ئۆلگىچە مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان بولغان.‏ تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىنىپ قىينالغان بولسىمۇ،‏ ئۇ ئاتىسىدىن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلارنى كە‌چۈرۈشىنى سورىغان.‏ ئە‌يسا:‏ «ئۇ‌لار نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمە‌يۋاتىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 23:‏34)‏.‏ ئۇ ھە‌تتا ئازاب چېكىپ،‏ جېنى قىينالغان چاغدىمۇ دائىم مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان بولغان ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏21—‏23نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

16.‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سە‌ۋرچانلىقنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

16 پاۋلۇ‌س مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان بولۇ‌شنىڭ بىر يولىنى كۆرسىتىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌تتا ئە‌گە‌ر كىمدۇ-‏بىرسىنىڭ باشقىسىغا شىكايە‌ت قىلىشىغا ئاساسى بولسىمۇ،‏ بىر-‏بىرىڭلارغا چىداملىق بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى ھىممە‌تلىك كە‌چۈرۈڭلار.‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنى ھىممە‌تلە‌رچە كە‌چۈرگە‌ندە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ شۇ‌نداق كە‌چۈرۈڭلار» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏13)‏.‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش ئۈچۈن بىزگە مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سە‌ۋرچانلىق خىسلە‌تلىرى كېرە‌ك.‏ بۇ جامائە‌تنىڭ ئىناق بولۇ‌شىغا تە‌سىر قىلىدۇ.‏

17.‏ نېمىشقا مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان بولۇ‌ش مۇ‌ھىم؟‏

17 يە‌ھۋا بىزدىن ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نيادا ياشاش ئۈچۈن چوقۇ‌م بىز بۇ خىسلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىمىز زۆرۈر (‏مە‌تتا 5:‏5؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏21)‏.‏ مۇ‌لايىم ۋە سە‌ۋرچان بولساق،‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يمىز ۋە باشقىلارنىمۇ بۇ‌نىڭغا دە‌ۋە‌ت قىلىمىز (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏1؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏24،‏ 25)‏.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە كىيىنىڭلار

18.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن يۈز-‏خاتىر قىلماسلىق قانداق باغلىنىشلىق؟‏

18 بىز يۇ‌قىرىدا مۇ‌ھاكىمە قىلغان خىسلە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن زىچ باغلىق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شاگىرت ياقۇ‌پ،‏ قېرىنداشلارنىڭ كە‌مبە‌غە‌للە‌رگە قارىغاندا بايلارغا ياخشىراق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىنى بايقاپ،‏ ئۇ‌لارغا مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ بۇ‌نىڭ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن «يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك،‏ سۆيگىن» دېگە‌ن ئە‌مرىگە قارشى ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ ئاندىن:‏ «يۈز-‏خاتىر قىلساڭلار،‏ گۇ‌ناھ قىلغان بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ قوشۇ‌پ قويغانىدى (‏ياقۇ‌پ 2:‏8،‏ 9)‏.‏ ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرسە‌ك،‏ ھېچكىمنىڭ بىلىمىگە،‏ ئىرقىغا ياكى جە‌مئىيە‌تتە تۇ‌تقان ئورنىغا قاراپ مۇ‌ئامىلە قىلمايمىز.‏ باشقىلارغا يۈز-‏خاتىر قىلمىغانلىقىمىز ساختا بولماسلىقى لازىم.‏ ئۇ ھە‌قىقىي شە‌خسىيىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏

19.‏ نېمىشقا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە كىيىنگە‌نلىكىمىز مۇ‌ھىم؟‏

19 شۇ‌نىڭ بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت «سە‌ۋرلىك ھە‌م مېھرىباندۇ‌ر» ۋە ئۇ «تە‌كە‌ببۇ‌رلانمايدۇ» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4)‏.‏ ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بىز سە‌ۋرچان،‏ مېھرىبان ۋە كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 28:‏19‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى بۇ خىسلە‌تلە‌ر بىزگە جامائە‌تتىكى ھە‌ممە قېرىنداشلار بىلە‌ن ئالاقىدە بولۇ‌شمىزغا ئاسانلىق يارىتىدۇ.‏ ھە‌ممىمىز مۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغان بولساق،‏ جامائىتىمىز ئىناق بولىدۇ ۋە بۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدۇ.‏ باشقىلار ئارىمىزدىكى بىرلىكنى كۆرىدۇ ۋە بۇ ئۇ‌لارنى ھە‌قىقە‌تكە جە‌لپ قىلىدۇ.‏ يېڭى شە‌خسنىڭ تە‌سۋىرلىنىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق ئاياقلاشقىنى ئورۇ‌نلۇ‌ق:‏ «ئۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە يۆگىنىڭلار،‏ چۈنكى ئۇ —‏ بىرلىكنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل رىشتىلىرىدۇ‌ر» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏14)‏.‏

يېڭىلىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭلار

20.‏ ئا)‏ ئۆزۈمىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك ۋە نېمىشقا؟‏ ئە)‏ بىز قانداق ئاجايىپ كېلە‌چە‌كنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈۋاتىمىز؟‏

20 ھە‌رقايسىمىز ئۆزۈمىزدىن:‏ «كونا شە‌خسىيە‌تنى يېشىپ تاشلاپ،‏ ئۇ‌نى قايتىدىن كىيمە‌سلىك ئۈچۈن يە‌نە قايسى تە‌رە‌پتىن ئۆزگىرىشىم كېرە‌ك؟‏»—‏ دە‌پ سورىساق بولىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ياردە‌م سوراپ يالۋۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ «خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىس» بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ناتوغرا ئويلار بىلە‌ن ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن ئايرىلىشقا بارچە كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز لازىم (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏19—‏21)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن:‏ «يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لۇ‌منى ئۆزگە‌رتىشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ ئۆزۈمىزنى تە‌كشۈرۈشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏23،‏ 24)‏.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ يېڭى شە‌خسىيە‌تنى كىيىپ،‏ ئۇ‌نى يە‌شمە‌سلىك ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ —‏ توختىمايدىغان جە‌ريان.‏ يە‌ردىكى ھە‌ربىر ئادە‌م يېڭى شە‌خسىيە‌تنى كىيىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئاجايىپ خىسلە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل دە‌رىجىدە ئە‌كىس ئە‌تتۈرگە‌ندە،‏ ھاياتىمىزنىڭ قانچىلىك شاد-‏خۇ‌راملىققا تولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ!‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھلتى

  • يېڭى شە‌خسە‌تنى كىيىش دېگىنىمىز —‏ ئويىمىز بىلە‌ن يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھېسداش،‏ مېھرىبانلىق،‏ كە‌متە‌رلىك ۋە مۇ‌لايىملىققا ئوخشاش خىسلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلىش

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش