كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 سېنتە‌بىر 9-‏14 ب.‏
  • يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا —‏ ھېسداشلىقنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسى
  • ھېسداشلىق‍نى بىلدۈرۈشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرى
  • ھېسداشلىق ئۆزىڭىزگىمۇ پايدىلىق
  • ‏«ھە‌رقانداق ئادە‌ملە‌رگە» ھېسداشلىق كۆرسىتە‌يلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ۋە‌قە
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 سېنتە‌بىر 9-‏14 ب.‏
ئه‌يسا قولی قوُروُپ كه‌تكه‌ن كىشىگه هېسداشلىق بىلدوٰرمه‌كته

يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ

‏«يە‌ھۋا،‏ يە‌ھۋا —‏ رە‌ھىملىك ھە‌م ھىممە‌تلىك [ھىسداش] خۇ‌دا» (‏چىقىش 34:‏6)‏.‏

ناخشىلار:‏ 142،‏ 12

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • نېمىشقا بە‌زىدە ھېسداشلىق كۆرسىتىش قىيىن بولۇ‌ش مۇ‌مكىن؟‏

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز خە‌لقىنى ھېسداشلىق قىلىشقا قانداق ئۆگىتىدۇ؟‏

  • قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ھېسداشلىق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

1.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزىنى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە قانداق نامايان قىلدى؟‏ بۇ نېمىشقا بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

بىر قېتىم خۇ‌دا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئۆز ئىسمىنى،‏ ۋە بە‌زى خىسلە‌تلىرىنى نامايان قىلىپ،‏ ئۆزىنىڭ قانداق شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى ياكى دانالىقىنى تە‌كىتلىسە بولاتتى،‏ لېكىن ئۇ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ رە‌ھىمدىلىقىنى ۋە ھېسداشلىقىنى تىلغا ئالغان ‏(‏چىقىش 34:‏5—‏7نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌سانى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىنى بىلىش مۇ‌سا ئۈچۈن مۇ‌ھىم بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ خىزمە‌تچىلىرىگە ھە‌قىقە‌تە‌ن ياردە‌م بە‌رگۈسى كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان خىسلە‌تلىرىگە ئالاھىدە دىققە‌ت ئاغدۇ‌ردى (‏چىقىش 33:‏13)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىزگە شۇ‌نچىلىك غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە سىزدە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار بولىدۇ؟‏ بۇ ماقالىدە بىز ھېسداشلىق،‏ يە‌نى باشقىلارنىڭ ئازابىنى ھېس قىلىپ،‏ ئىچ ئاغرىتىش ۋە ئۇ‌لارغا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغان خىسلە‌ت ھە‌ققىدە گە‌پ قىلىمىز.‏

2،‏ 3.‏ ئا)‏ ھېسداشلىق ئادە‌ملە‌رگە خاس خىسلە‌ت ئىكە‌نلىكى نېمىدىن كۆرىنىدۇ؟‏ ئە)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھىسداشلىق ھە‌ققىدە ئېيتىلغانلارغا نېمىشقا كۆڭۈل قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

2 يە‌ھۋا —‏ ھېسداشلىقى مول خۇ‌دا ۋە ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش قىلىپ يارىتىلغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رنىڭ باشقىلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشى تە‌بىئىي نە‌رسە.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋانى تونۇ‌مايدىغان ئادە‌ملە‌رمۇ پات-‏پات ھېىسداشلىق قىلىدۇ (‏يارىتىلىش 1:‏27)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ خىسلە‌تنى كۆرسە‌تكە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپ مىسالى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر قېتىم سۇ‌لايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا كە‌لگە‌ن ئىككى ئايالنىڭ قايسىسى بوۋاقنىڭ ھە‌قىقىي ئانىسى ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلاش كېرە‌ك بولغان.‏ ئۇ ھېلىقى ئاياللارنى سىنىماقچى بولۇ‌پ،‏ بالىنى ئوتتۇ‌رىدىن ئىككىگە پارچىلاشنى بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان.‏ شۇ چاغدا ھە‌قىقىي ئانا بالىسىغا ئىچى ئاغرىپ،‏ بوۋاقنى ئىككىنچى ئايالغا بېرىشنى ئۆتۈنگە‌ن (‏پادىشالار 1-‏يازما 3:‏23—‏27)‏.‏ ھېسداشلىق قىلىشنىڭ يە‌نە بىر مىسالى —‏ مۇ‌سانىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان پىرە‌ۋننىڭ قىزى.‏ ئۇ بوۋاقنىڭ ئىبرانىي ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشكە بۇ‌يرۇ‌لغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئە‌مما «ئۇ‌نىڭغا ئىچى ئاغرىغانلىقتىن»،‏ بوۋاقنى ئۆز بالىسىدە‌ك بېقىۋېلىشنى قارار قىلغان (‏چىقىش 2:‏5،‏ 6)‏.‏

3 نېمىشقا ھىسداشلىق توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ سە‌ۋە‌بى يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشىمىزنى خالايدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏1)‏.‏ ھېسداشلىق بىلدۈرە‌لە‌يدىغاندە‌ك يارىتىلساقمۇ،‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە ئۆزۈمىزنىلا ئويلاشقا مايىل.‏ بە‌زىدە بىر كىشىگە ياردە‌م بېرىش ياكى ئۆز مە‌نپە‌ئىتىمىزنى ئويلاش كېرە‌كلىكىنى بىلمە‌ي قالىمىز.‏ ئادە‌ملە‌رگە كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلۈشكە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قانداقلارچە ھېسداشلىق بىلدۈرگە‌نلىكىنى قاراپ چىقايلى.‏ ئاندىن كېيىن ھېسداش خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ۋە نېمىشقا بۇ‌نىڭ ئۆزۈمىزگە پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

يە‌ھۋا —‏ ھېسداشلىقنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسى

4.‏ ئا)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سودومغا پە‌رىشتىلىرىنى نېمە ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تكە‌ن؟‏ ئە)‏ لۇ‌تنىڭ ئائىلىسى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ۋە‌قە‌دىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ ھېسداشلىق بىلدۈرگە‌نلىكىنىڭ كۆپ مىسالى كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ لۇ‌ت ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى ئە‌سكە ئالايلى.‏ سودوم ۋە گوموررىدىكى رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنىڭ قىلىقلىرىدىن لۇ‌ت يىرگىنىپ ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌ن.‏ شۇ ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانى رە‌ت قىلغان،‏ شۇ‌ڭا يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ھالاك قىلىشنى قارار قىلغان (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 2:‏7،‏ 8)‏.‏ يە‌ھۋا لۇ‌تقا پە‌رىشتىلىرىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ سودوم ۋە گومورانىڭ ۋە‌يران قىلىنىدىغانلىقىنى،‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن شە‌ھە‌ردىن قېچىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقانىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «لېكىن [لۇ‌ت] ئالدىرىمىغانلىقتىن،‏ ھېلىقى [پە‌رىشتىلە‌ر] ئۇ‌نى،‏ ئايالىنى ۋە ئىككى قىزىنى قوللىرىدىن ئېلىپ،‏ شە‌ھە‌رنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ قويدى،‏ چۈنكى يە‌ھۋا لۇ‌تنى ئايىغان ئىدى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏يارىتىلىش 19:‏16)‏.‏ يە‌ھۋا لۇ‌تنىڭ ئە‌ھۋالىنى چۈشە‌نگە‌ندە‌ك،‏ بىزنىڭمۇ ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل (‏يە‌شايا 63:‏7—‏9؛‏ ياقۇ‌پ 5:‏11؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 2:‏9)‏.‏

يە‌ھۋا ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقىمىزنى چۈشىنىدۇ

5.‏ خۇ‌دا سۆزى ھېسداشلىق قىلىش ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏

5 يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگىمۇ ھېداشلىق قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئىسرائىللىقلارغا بېرىلگە‌ن قانۇ‌نلارنىڭ بىرسىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى كىمدۇ بىرسىدىن قە‌رزگە پۇ‌ل ئالسا،‏ پۇ‌لنى قايتۇ‌رىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئۈستىدىكى كىيىمىنى بېرىشى كېرە‌ك ئىدى ‏(‏چىقىش 22:‏26،‏ 27نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىراق قە‌رز بە‌رگۈچى شۇ كىيىمنى كۈن پاتقىچە ئېگىسىگە قايتۇ‌رۇ‌پ بېرىشى كېرە‌ك ئىدى،‏ چۈنكى ئۇ ئۇ‌نىڭسىز تۈندە مۇ‌زلاپ قالاتتى.‏ ھىسداشلىقى يوق ئادە‌م كىيىمنى قايتۇ‌رۇ‌شنى خالىمىغاندۇ.‏ ئە‌مما يە‌ھۋا بۇ قانۇ‌ننى بېرىش ئارقىلىق ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگە‌تتى.‏ بۇ قانۇ‌ننىڭ ئاساسىدىكى پرىنسىپ بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏ قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھە‌ردائىم ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قېرىندىشىمىزغا قولۇ‌مىزدىن كە‌لگىنىچە ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏12؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏15،‏ 16؛‏ يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 3:‏17نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

6.‏ يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھكار ئىسرائىللىقلارغا ئىچ ئاغرىتقانلىقىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

6 ئىسرائىللىقلار يە‌ھۋاغا قارشى گۇ‌ناھ قىلغان چاغدىمۇ،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا ئىچ ئاغرىتقان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ «ئۇ‌لارنىڭ ئاتا-‏بوۋىلىرىنىڭ تە‌ڭرىسى خۇ‌داۋە‌ندە ئۆز خە‌لقى بىلە‌ن ماكانىغا رە‌ھىم قىلىپ،‏ پات-‏پات ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلە‌ن خە‌ۋە‌ر ئە‌ۋە‌تە‌تتى»،‏—‏ دېيىلگە‌ن (‏تارىخنامە 2-‏يازما 36:‏15)‏.‏ بىزمۇ يە‌ھۋانى تونۇ‌مايدىغان،‏ لېكىن قىلغانلىرىغا توۋۋا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ دوستى بولالايدىغان ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا يېقىنلىشىۋاتقان سوت كۈنىدە ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏9)‏.‏ تېخى ۋاقىت بار چاغدا بىز ھېچبىر پۇ‌رسە‌تنى قولدىن بە‌رمە‌ي،‏ ئادە‌ملە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا خۇ‌دانىڭ ھېسداشلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشكە ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏

7،‏ 8.‏ نېمىشقا بىر ئائىلە يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا ھىسداشلىق بىلدۈرگە‌نلىكىگە تولۇ‌ق ئىشە‌ندى؟‏

7 بۈگۈنكى كۈندىمۇ يە‌ھۋانىڭ كۆپ خىزمە‌تچىسى ئۇ‌نىڭ ھىسداشلىقىنى سە‌زگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 1990-‏يىللىرى بوسنىيە‌دە مىللە‌تلە‌ر ئارىسىدا قىرغىنچىلىق بولغاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر بىر-‏بىرىنى ئۆلتۈرگە‌ن.‏ شۇ يە‌ردە ياشىغان بىر ئائىلىدە 12 ياشلىق بىر بالا بولغان.‏ ئۇ‌نى مىلان دە‌پ ئاتايلى.‏ مىلان،‏ ئىنىسى،‏ ئاتا-‏ئانىسى ۋە باشقا گۇ‌ۋاھچىلار بوسنىيە‌دىن سېربىيە‌گە ئابتۇ‌بۇ‌س بىلە‌ن چوڭ يىغىلىشقا كېلىۋاتاتتى.‏ ئاتا-‏ئانىسى شۇ يىغىلىشتا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏ چېگرادا ئە‌سكە‌رلە‌ر بۇ ئائىلىنىڭ باشقا مىللە‌تتىن ئىكە‌نلىكىنى بايقاپ،‏ ئابتۇ‌بۇ‌ستىن چۈشۈرۈۋالدى.‏ ئابتۇ‌بۇ‌ستا قالغان قېرىنداشلارنى بولسا،‏ چېگرىدىن ئۆتكۈزدى.‏ بۇ ئائىلىنى ئىككى كۈن تۇ‌تقاندىن كېيىن،‏ ئوفىيسېر ئاخىرى باشلىقىنى چاقىرىپ،‏ ئۇ‌لارنى قانداق قىلىشنى سورايدۇ.‏ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇ يە‌ردە،‏ باشلىقنىڭ:‏ «ئۇ‌لارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ،‏ ئېتىۋېتىڭلار!‏»—‏ دېگىنىنى ئاڭلىدى.‏

8 ئە‌سكە‌رلە‌ر ئۆزئارا سۆزلىشىپ تۇ‌رغاندا،‏ ھېلىقى ئائىلىنىڭ يېنىغا ئىككى ناتونۇ‌ش كىشى كېلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ گۇ‌ۋاھچىلار ئىكە‌نلىكىنى ۋە بولغان ۋە‌قە‌نى ئابتۇ‌بۇ‌ستىكى قېرىنداشلاردىن بىلگە‌نلىكىنى پىچىرلاپ ئېيتقان.‏ ئە‌سكە‌رلە‌ر بالىلارنىڭ ھۆججە‌تلىرىنى تە‌كشۈرمىگە‌نلىكتىن،‏ بۇ ئىككى قېرىنداش مىلان بىلە‌ن ئىنىسىغا ئۇ‌لارنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ چېگرادىن بىرگە ئۆتۇ‌شنى ئېيتتى.‏ ئاتا-‏ئانىسىغا بولسا،‏ چېگرا قاراۋۇ‌لخانىسنىڭ كە‌ينىدىن ئۆتۈڭلار،‏ باشقا تە‌رە‌پتە ئۇ‌چرىشايلى دېدى.‏ مىلان قاتتىق قورققانلىقتىن،‏ يە يىغلىشىنى،‏ يە كۈلىشىنى بىلمە‌ي تۇ‌ردى.‏ ئاتا-‏ئانىسى:‏ «ئۇ‌لار بىزنى مۇ‌شۇ‌نداقلا قويۇ‌ۋېتىدۇ دە‌پ ئويلامسىلە‌ر؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى ھە‌تتا ئە‌سكە‌رلە‌ر بايقىمىغان ئوخشايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ مىلان ۋە ئىنىسى،‏ ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن كېلىشكە‌ن يە‌ردە ئۇ‌چرىشىپ،‏ چوڭ يىغىلىشقا بارىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىغا جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىگە تولۇ‌ق ئىشىنىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنى ھە‌ردائىم ئۇ‌دۇ‌ل ھىمايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 7:‏58—‏60)‏.‏ لېكىن بۇ ۋە‌زىيە‌ت توغرىسىدا مىلان مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭچە،‏ پە‌رىشتىلە‌ر ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ كۆزىنى كۆرمە‌يدىغان قىلىپ،‏ يە‌ھۋا بىزنى شۇ ئارقىلىق قۇ‌تقازدى» (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10)‏.‏

9.‏ ئە‌يسا كە‌ينىدىن ئە‌گە‌شكە‌ن ئادە‌ملە‌رنى كۆرگە‌ندە قانداق ھېسداشلىق قىلىدى؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

9 ئە‌يسا ھېسداشلىقنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى قالدۇ‌ردى.‏ ئۇ جە‌م بولغان خە‌لىقنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا ئىچى ئاغرىدى،‏ چۈنكى ئۇ‌لار «پادىچىسىز قالغان قويلاردە‌ك قىينىلىپ ھە‌م تارىلىپ كە‌تكە‌ن ئىدى».‏ شۇ چاغدا ئۇ نېمە قىلدى؟‏ ئۇ‌لارغا «كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتىشكە باشلىدى» (‏مە‌تتا 9:‏36؛‏ ماركۇ‌س 6:‏34نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پە‌رىسىيلە‌ر بولسا،‏ ئە‌كسىچە،‏ تاش يۈرە‌ك بولۇ‌پ،‏ خە‌لقكە ياردە‌م بېرىشنى ھېچ خالىمىغان (‏مە‌تتا 12:‏9—‏14؛‏ 23:‏4‏؛‏ يوھاننا 7:‏49)‏.‏ سىزچۇ،‏ ئادە‌ملە‌رگە ئە‌يساغا ئوخشاش ياردە‌م بېرىپ،‏ ئۇ‌لارغا يە‌ھۋا ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىشكە تە‌شنامۇ‌سىز؟‏

10،‏ 11.‏ ھېسداشلىق قىلىش ھە‌رقاچان ئورۇ‌نلۇ‌قمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

10 ئە‌مما بۇ ھە‌رقانداق ۋە‌زىيە‌تتە ھېسداشلىق قىلىشنىڭ ئورۇ‌نلۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سائۇ‌ل پادىشاھ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ دۈشمىنى بولغان ئامالە‌ك پادىشاھى ئاگاگنى ئۆلتۈرمە‌ي ھېسداشلىق بىلدۈردۈم،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ سائۇ‌ل ئامالە‌ك خە‌لقىنىڭ ھە‌ممە ھايۋاناتلىرىنى ئۆلتۈرمىگە‌ن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا خە‌لقنى مال-‏چارۋىلىرى بىلە‌ن بىللە قوشۇ‌پ پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىشقا بۇ‌يرىغان.‏ سائۇ‌ل ئىتائە‌تسىزلىك قىلغانلىقتىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىق ھوقۇ‌قىنى بىكار قىلغان (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 15:‏3،‏ 9،‏ 15)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا —‏ ئادىل سوتچى.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ يۈرىكىدە نېمە بار ئىكە‌نلىكىنى كۆرە‌لە‌يدۇ،‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن قاچان ھىسداشلىق قىلماسلىق كېرە‌كلىكىنىمۇ بىلىدۇ (‏يە‌رە‌مىيانىڭ يىغىسى 2:‏17؛‏ ئە‌زە‌كىيال 5:‏11)‏.‏ پات ئارىدا يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شنى رە‌ت قىلغانلارنىڭ ھە‌ممىسىنى سوتقا تارتىدۇ (‏سالونىكىلىقلارغا 2-‏خە‌ت 1:‏6—‏10)‏.‏ بۇ ۋاقىت يە‌ھۋا ئۈچۈن رە‌زىللە‌رگە ھىسداشلىق قىلمايدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ ھە‌ققانىيلارنى قۇ‌تقۇ‌زىدۇ ۋە رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌رگە ھىسداشلىق بىلدۈرىدۇ.‏

11 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز باشقىلارنى سوتلاپ،‏ كىمنى جازاغا تارتىپ،‏ كىمنى ئامان قالدۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىز ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ھازىر قولۇ‌مىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ باشقىلارغا قانداق ھېسداشلىق قىلالايمىز؟‏ ھازىر بۇ‌نىڭ بىرنە‌چچە ئۇ‌سۇ‌لىنى قاراپ چىقايلى.‏

ھېسداشلىق‍نى بىلدۈرۈشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرى

12.‏ باشقىلارغا ھېسداشلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

12 كۈندىلىك ھاياتتا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىدىن يېقىنلىرىغا ۋە ئېتىقادداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏يوھاننا 13:‏34،‏ 35؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏8)‏.‏ ھېسداشلىق سۆزىنىڭ بىر مە‌نىسى «بىللە ئازاب چېكىش» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ھېسداش ئادە‌م ئازاب چە‌ككە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىشكە تىرىشىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن بىز باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنىڭ پۇ‌رستىنى ئىزدىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئېھتىمال،‏ باشقىلارغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردە‌م بېرىش ياكى ھاجىتى چۈشكە‌ن ئىشلارنى قىلىشىپ بە‌رسە‌ك بولىدۇ (‏مە‌تتا 7:‏12‏)‏.‏

ياش بوُراده‌ر ياشانغان بوُراده‌رنىڭ ئېلىكترونلوُق يېڭی ئوٰسكوٰنه ئىشلىتىشنی ئوگىنىشىگه يارده‌م بېرىۋاتىدوُ

باشقىلارغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق ھېسداشلىق بىلدۈرۈڭ (‏12-‏ئابزايسقا قاراڭ)‏

13.‏ خۇ‌دا خە‌لقى تە‌بئىي ئاپە‌تلە‌ردىن كېيىن نېمە قىلىدۇ؟‏

13 تە‌بئىي ئاپە‌تلە‌ردە قىيىنچىلىق تارتقانلارغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ تە‌بئىي ئاپە‌تلە‌ر تۈپە‌يلىدىن قىينىلىپ يۈرگە‌ن ئادە‌ملە‌رنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈشنى خالايمىز.‏ مۇ‌نداق چاغلاردا يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى باشقىلارغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ھە‌ممىگە مە‌لۇ‌م (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏17)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر قېرىندىشىمىز ياپونىيە‌دىكى 2011-‏يىلى بولغان يە‌ر تە‌ۋرە‌ش بىلە‌ن دېڭىز تاشقىنىدا بالايىئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغان رايوندا ياشىغان.‏ ئۇ ياپونىيە‌نىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌شقاقلىرىدىن ۋە باشقا دۆلە‌تلە‌ردىن ئۆيلە‌ر ۋە ئىبادە‌ت ئۆيلىرىنى ئوڭشاپ تۈزە‌شكە كە‌لگە‌ن پىدائىي خىزمە‌تچىلە‌رنى كۆرگىنى «ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ ئۇ‌نى بە‌ك ئىلھاملاندۇ‌رغانلىقىنى» ئېيتقان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ:‏ «بۇ ۋە‌قە‌دىن مە‌ن يە‌ھۋانىڭ بىزنىڭ غېمىمىزنى يە‌يدىغانلىقىنى كۆردۈم.‏ گۇ‌ۋاھچىلارمۇ بىر-‏بىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ پۈتۈن دۇ‌نيادىكى قېرىنداشلارىمىز بىز ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلماقتا»،‏—‏ دېگە‌ن.‏

14.‏ سالامە‌تلىكى ناچارلارغا ۋە ياشانغانلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

14 سالامە‌تلىكى ناچارلارغا ۋە ياشانغانلارغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ ئاغرىق ياكى قېرىلىق سە‌ۋە‌بلىك ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ.‏ بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ يوق بولۇ‌شىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتكە‌نلىكتىن،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى كە‌لسۇ‌ن،‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلىمىز.‏ شۇ ۋاقىت كە‌لگىچە،‏ ياشانغان ياكى ئاغرىۋاتقان ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز.‏ بىر يازغۇ‌چى ئاليسگېيمېر (‏قېرىلىقتا ئە‌س-‏ھوشۇ‌نى يۇ‌قۇ‌تۇ‌ش)‏ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىسى بىلە‌ن يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌نى يازغان.‏ بىر كۈنى ئانىسى كىيىمىنى پاسكىنا قىلىۋاپتۇ.‏ كىيىمىنى قىينىلىپ تازىلاۋاتقان چاغدا،‏ ئادە‌تتە كېلىپ تۇ‌رىدىغان ئىككى گۇ‌ۋاھچى ئىشىكنىڭ قوڭغۇ‌رىغىنى جىرىڭلاتتى.‏ ئۇ‌لار ياردە‌م بىرىشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىگىنى بىلدۈرگە‌ندە،‏ ئۇ:‏ «خىجالە‌ت بولساممۇ،‏ ياردىمىڭلار كېرە‌ك»،‏—‏ دىدى.‏ قېرىنداشلار ئۇ‌نىڭ كىيىمىنى يۇ‌يۇ‌پ-‏تازىلاشقا ياردە‌م بە‌ردى.‏ كېيىن چاي دە‌ملە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىراز پاراڭلىشىپ ئولتاردى.‏ شۇ ئايالنىڭ ئوغلى بۇ‌نىڭدىن قاتتىق رازى بولۇ‌پ،‏ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ «ئىشلىرى سۆزلىرىگە ماس» ئىكە‌نلىكىنى ئېيتتى.‏ سالامە‌تلىكى ناچارلارغا ۋە ياشانغانلارغا بولغان ھىسداشلىقىڭىز سىزنى ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى چىقىرىشقا دە‌ۋە‌ت قىلامدۇ؟‏ (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏3،‏ 4)‏.‏

15.‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىز باشقىلارغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

15 ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋانى تونۇ‌پ-‏بىلىشكە ياردە‌م بېرىڭ.‏ ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ ئۇ‌لارغا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىش.‏ يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌ل —‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋانىڭ قائىدە-‏ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلغانلىقى نېمىشقا ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈش (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18)‏.‏ راست،‏ ۋە‌ز خىزمىتى —‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شنىڭ ۋە باشقىلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئاجايىپ ئۇ‌سۇ‌لى.‏ سىز كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلالامسىز؟‏ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 2:‏3،‏ 4)‏.‏

ھېسداشلىق ئۆزىڭىزگىمۇ پايدىلىق

16.‏ ھېسداشلىق كۆرسىتىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

16 پسىخىكىلىق سالامە‌ت ساھە‌سىدە مۇ‌تە‌خە‌سسىلە‌رنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ئادە‌منىڭ سالامە‌تلىكىگە ۋە باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە ئىجابىي تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزنى شاد-‏خورام ھېس قىلىسىز،‏ ئىجابىي كۆزقاراشتا بولىسىز ۋە يالغۇ‌زلۇ‌ق ياكى يامان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا بېرىلمە‌يسىز.‏ ھېسداش بولۇ‌ش ئۆزىڭىزگە كۆپ پايدا ئە‌كېلىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏31،‏ 32)‏.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز بىزنى باشقىلارغا ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغاندا،‏ ۋىجدانىمىز پاك بولىدۇ،‏ چۈنكى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏ ھېسداشلىق بىزگە ياخشى ئاتا-‏ئانا،‏ ياخشى ئە‌ر ياكى ئايال ۋە ياخشى دوست بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ئادە‌تتە ھېسداشلىق كۆرسىتىدىغان ئادە‌مگە باشقىلارمۇ كېرە‌ك چاغدا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار ‏(‏مە‌تتا 5:‏7؛‏ لۇ‌قا 6:‏38نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

17.‏ نېمىشقا سىز ھېسداشلىق بىلدۈرۈشنى خالايسىز؟‏

17 ھېسداش بولۇ‌شنىڭ ئۆزۈمىزگە ياخشى بولۇ‌شى،‏ ھېسداشلىق كۆرسىتىشنى يىتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى سە‌ۋە‌بى بولماسلىقى كېرە‌ك.‏ بە‌لكى،‏ بىز مېھىرى-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ھېسداشلىقنىڭ مە‌نبە‌سى يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىش ۋە ئۇ‌نى مە‌دھىيلە‌شنى مە‌قسە‌ت قىلىشىمىزكېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏31)‏.‏ ئۇ بىزگە مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگە كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھېداشلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق خۇ‌دانى ئۈلگە قىلايلى.‏ شۇ چاغدا قېرىنداشلار ۋە ئە‌تراپىمىزدىكى باشقا ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تېخىمۇ يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالايمىز (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏10؛‏ يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 4:‏16)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • ھېسداشلىق —‏ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىپادىسى.‏ باشقىلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگە‌ندە بىز يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىمىز.‏ بۇ خىسلە‌ت پە‌قە‌ت سېزىم ئە‌مە‌س.‏ ھېسداشلىق بىلدۈرۈش بىرىنىڭ باشتىن كە‌چۈرۋاتقان ئىشلارنى بىلىپلا قويۇ‌ش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىشكە ئىنتىلىشنى بىلدۈرىدۇ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش