كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئىيۇ‌ل 27-‏29 ب.‏
  • ‏«ھە‌رقانداق ئادە‌ملە‌رگە» ھېسداشلىق كۆرسىتە‌يلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ‏«ھە‌رقانداق ئادە‌ملە‌رگە» ھېسداشلىق كۆرسىتە‌يلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
  • ئە‌يسانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
  • ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
  • ‏«يامانلىقنى ياخشىلىق بىلە‌ن يېڭىڭلار»‏
  • يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ۋە‌قە
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • قېرىنداشلارغا مۇ‌ئامىلە قىلىشتا يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ئۈلگە ئېلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئىيۇ‌ل 27-‏29 ب.‏
ئە‌ر كىشى ئىشىكنى ئېچىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاۋاتىدۇ

‏«ھە‌رقانداق ئادە‌ملە‌رگە» ھېسداشلىق كۆرسىتە‌يلى

ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىشنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ردائىم ئۇ‌لارنىڭ سۆزىنى تىڭشاشنى خالىمايدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏لۇ‌قا 10:‏3،‏ 5،‏ 6)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز ئېيتقان خە‌ۋە‌رگە ئادە‌ملە‌ر ئوخشاش ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ.‏ بە‌زىلىرى قوپال سۆزلىسە،‏ باشقىلىرى غە‌زە‌پلىنىدۇ.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا،‏ بىز ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق كۆرسىتىش ياكى ۋە‌ز قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادە‌م ئۆزگىلە‌رنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى كۆڭۈل بۆلىدۇ،‏ ئۇ‌لارغا ئىچ ئاغرىتىدۇ ۋە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ۋە‌ز خىزمىتىدە ئۇ‌چراتقان ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق كۆرسە‌تمىسە‌ك،‏ نېمە ئىش بولىدۇ؟‏ ۋە‌ز قىلىش قىزغىنلىقىمىز سوۋۇ‌پ كېتىپ،‏ ئۇ‌لارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىشنى خالىمايدىغان بولىمىز.‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرە‌لمە‌يمىز.‏ قىزغىنلىقنى ئوت بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ئوت يالقۇ‌نلاپ كۆيۈشى ئۈچۈن كۆپ ئوتۇ‌ن كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە قىزغىن بولۇ‌ش ئۈچۈن بىز ئادە‌ملە‌رگە ئىچ ئاغرىتىشىمىز كېرە‌ك (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏19)‏.‏

ھە‌تتا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە باشقىلارغا ھېسداشلىق كۆرسىتىشنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ياكى ئە‌لچى پاۋلۇ‌سلارنى ئۈلگە قىلالايمىز.‏

يە‌ھۋانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ

نە‌چچە مىڭ يىللاردىن بۇ‌يان ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا ھە‌ققىدە يالغان سۆزلە‌رنى ئېيتىپ كە‌لگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا «شۈكۈر ئېيتمايدىغان ۋە رە‌زىللە‌رگىمۇ مېھرىباندۇ‌ر» (‏لۇ‌قا 6:‏35،‏ ي‌د‏)‏.‏ ئۇ مېھرىبانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏ يە‌ھۋا بارلىق ئىنسانلارغا سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ «ھە‌رقانداق ئادە‌ملە‌رنىڭ» قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شىنى خالايدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 2:‏3،‏ 4)‏.‏ خۇ‌دا رە‌زىللىكنى ئۆچ كۆرسىمۇ،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن قىممە‌تلىك ۋە ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۆلۈشىنى خالىمايدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏9)‏.‏

شە‌يتاننىڭ ئادە‌ملە‌رنى ئۆز يالغانچىلىقلىرىغا ئىشە‌ندۈرۈشكە ماھىر ئىكە‌نلىكىنى يە‌ھۋا ياخشى بىلىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 4:‏3،‏ 4)‏.‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر كىچىكىدىن خۇ‌دا ھە‌ققىدە يالغان گە‌پلە‌رنى ئاڭلىغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىرى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشىغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئە‌مما يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌شنا.‏ بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ نىنە‌ۋە شە‌ھىرىدىكى ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققىدە قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار زوراۋان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌رگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ ئوڭ قولىنى سول قولىدىن پە‌رق قىلالمايدىغان يۈز يىگىرمە مىڭ كىشى تۇ‌رغان.‏.‏.‏ نىنە‌ۋە‌دە‌ك بۇ بۈيۈك شە‌ھە‌ردىكىلە‌رگە ئىچىم ئاغرىپ رە‌ھىم قىلىشىمغا توغرا كە‌لمە‌مدۇ؟‏» (‏يۇ‌نۇ‌س 4:‏11)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزى ھە‌ققىدە ھە‌قىقە‌تنى بىلمىگە‌ن شۇ ئادە‌ملە‌رگە ئىچ ئاغرىتقان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يۇ‌نۇ‌سنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏

بىزمۇ باشقىلارغا يە‌ھۋادە‌ك ھېسسىياتتا بولىمىز.‏ ئادە‌ملە‌ر ناھايىتى قە‌دىرلىك.‏ ھە‌تتا ئادە‌ملە‌ر ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلمايدىغاندە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ بىز يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا خۇ‌دا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشقا ياردە‌م بېرىشكە تە‌شنا.‏

ئە‌يسانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ

ئاتىسىغا ئوخشاش،‏ ئە‌يسانىڭمۇ ئادە‌ملە‌رگە ئىچى ئاغرىغان،‏ «چۈنكى ئۇ‌لار پادىچىسىز قالغان قويلاردە‌ك قىينىلىپ ھە‌م تارىلىپ كە‌تكە‌ن ئىدى» (‏مە‌تتا 9:‏36‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا چۈشكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئۇ‌لارغا يامان مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ يالغان تە‌لىملە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن ئىدى.‏ گە‌رچە ئە‌يسا ئۆز تە‌لىملىرىنى ئاڭلاشقا كە‌لگە‌نلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى ھە‌رخىل سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى ئۇ‌نىڭ شاگىرتى بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ،‏ ئۇ‌لارغا كۆپ تە‌لىم بە‌رگە‌ن (‏مارك 4:‏1—‏9)‏.‏

ئىككى قېرىندىشىمىز كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌ر كىشى قوپال مۇ‌ئامىلىدە بولدى

ئە‌گە‌ر بىرى دە‌سلە‌پتە قۇ‌لاق سالمىسا،‏ ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌ر كىشى ئىشىكنى ئاچمىدى،‏ ئە‌مما ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلە‌ر تۈپە‌يلىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان

ئادە‌منىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىشلە‌ر بولغاندا ھە‌قىقە‌تكە بولغان كۆزقارىشىمۇ ئۆزگىرىشى مۇ‌مكىن

ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە سوغۇ‌ق مۇ‌ئامىلىدە بولغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ‌نداق قىلىشىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار ئۆزىنى مە‌سىھىي دە‌پ ئاتىغانلارنىڭ يامان ئىشلىرىنى كۆرگە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياكى مە‌سىھىيلە‌ر ھە‌ققىدە يامان ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا بە‌زىلە‌ر ئېتىقادىمىز ھە‌ققىدە يالغان سۆزلە‌رنى ئاڭلىغاندۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر بىز بىلە‌ن سۆزلە‌شسە،‏ تۇ‌غقانلىرى ۋە خولۇ‌م-‏قوشنىلىرى ئۇ‌لارنى زاڭلىق قىلىدۇ دە‌پ قورقۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

بە‌لكىم،‏ بىز ئۇ‌چرىتىدىغان بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ،‏ كۆڭلى سۇ‌نغان.‏ يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتىدىغان بىر ئايال قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئۇ ۋە‌ز قىلىدىغان رايوندا ئۇ‌رۇ‌ش سە‌ۋە‌بلىك ئادە‌ملە‌ر ھە‌ممە مال-‏مۈلكىدىن ئايرىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ كە‌لگۈسىگە بولغان ھېچقانداق ئۈمىدى يوق.‏ ئۇ‌لار قاتتىق ئۈمىدسىزلە‌نگە‌نلىكتىن ھېچكىمگە ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏ بۇ رايوندىكى ئادە‌ملە‌ر ھە‌ردائىم يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ۋە‌ز قىلىشىنى توختىتىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ بىر قېتىم بۇ قېرىندىشىمىز ۋە‌ز قىلىۋاتقاندا،‏ بىرسى ئۇ‌نىڭغا ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏

ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭغا يامان مۇ‌ئامىلە قىلىشىغا قارىماستىن،‏ بۇ قېرىنداش نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لارغا ھېسداشلىقنى كۆرسىتىدۇ؟‏ ئۇ ھە‌ردائىم پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏11دىكى:‏ «دانىشمە‌نلىك ئېگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ شۇ رايوندىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرى ھە‌ققىدە ئويلاش ئۇ‌نىڭ شۇ كىشىلە‌رگە ھېسداشلىق كۆرسىتىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌چرىتىدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسىلا سوغۇ‌ق مۇ‌ئامىلە قىلمايدۇ.‏ بۇ رايوندا ئۇ‌نى ياخشى تىڭشايدىغان بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بار.‏

بىزمۇ ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «ئە‌گە‌ر ھە‌قىقە‌تنى بىلمىگە‌ن بولسام،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ماڭا ۋە‌ز قىلىپ كە‌لسە،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان بولاتتىم؟‏» مە‌سىلە‌ن،‏ بىز گۇ‌ۋاھچىلار ھە‌ققىدە كۆپ يالغان گە‌پلە‌رنى ئاڭلىغان بولساقچۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ بىزمۇ سوغۇ‌ق مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌پ،‏ بىزگە ھېسداشلىق كۆرسىتىلىشكە مۇ‌ھتاج بولاتتۇ‌ق.‏ ئە‌يسا:‏ «كىشىلە‌رنىڭ سىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالىساڭلار،‏ سىلە‌رمۇ ئۇ‌لارغا شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ھە‌تتا قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ باشقىلارنىڭ ئوي-‏پىكرىنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز لازىم (‏مە‌تتا 7:‏12‏)‏.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ۋە‌ز قىلغاندا ھە‌تتا ئۆزىگە زوراۋانلىق قىلغان ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قانداق ئادە‌م بولغانلىقىنى ئە‌سكە ئالغان.‏ پاۋلۇ‌س بۇ ھە‌ققىدە:‏ «مە‌ن خۇ‌داغا كۇ‌پۇ‌رلۇ‌ق قىلغۇ‌چى،‏ تە‌قىپلىگۈچى [زىيانكە‌شلىك قىلغۇ‌چى] ھە‌م ھاكاۋۇ‌ر بولساممۇ،‏ ماڭا رە‌ھىملىك كۆرسىتىلدى،‏ چۈنكى مە‌ن نادان ئېدىم ۋە ئىشە‌نمىگە‌نلىكىمدىن مۇ‌شۇ‌نداق قىلغان ئېدىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 1:‏13)‏.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىگە يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ زور مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ ۋە‌ز خىزمىتىگە قارشىلىق كۆرسە‌تكە‌ن ئادە‌ملە‌رنى چۈشە‌نگە‌ن،‏ سە‌ۋە‌بى ئىلگىرى ئۆزىمۇ شۇ‌نداق قىلغان ئىدى.‏

بە‌زىدە پاۋلۇ‌س ساختا تە‌لىملە‌ر قە‌لبىدە چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتقان ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌چراتقان.‏ ئۇ شۇ‌لارغا قارىتا قانداق ھېسسىياتتا بولغان؟‏ ئە‌لچىلە‌ر 17:‏16دە،‏ پاۋلۇ‌س ئافىنا شە‌ھىرىدە بولغاندا،‏ «شە‌ھە‌رنىڭ ھە‌ممە يېرىنى بۇ‌ت قاپلاپ كە‌تكە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ ئىنتايىن بېئارام بولدى» دە‌پ تىلغا ئېلىنغان.‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرگە‌ن نە‌رسىلە‌رنى تىلغا ئېلىپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە ياخشى گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏22،‏ 23،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏ «بارلىق چارىلە‌رنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلە‌رنىڭ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شى ئۈچۈن» پاۋلۇ‌س ۋە‌ز قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ كېلىپ چىقىشى ھە‌ر تۈرلۈك ئادە‌ملە‌رگە ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌لدا سۆز قىلىشقا ئادە‌تلە‌نگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 9:‏20—‏23)‏.‏

خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتقىنىمىزدا سوغۇ‌ق مۇ‌ئامىلىدە بولغان ياكى خاتا تە‌لىملە‌رگە ئىشىنىدىغان ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلغاندا،‏ پاۋلۇ‌ستىن ئۈلگە ئالساق بولىدۇ.‏ شۇ‌لار ھە‌ققىدە بىلگە‌نلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ،‏ ئۇ‌لارغا ياخشىلىق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزە‌لە‌يمىز (‏يە‌شايا 52:‏7)‏.‏ دوروتى ئىسىملىق قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىزنىڭ رايونىمىزدىكى كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر «خۇ‌دا تاش يۈرە‌ك ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىز» دە‌پ ئويلايدۇ.‏ مە‌ن مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رنى خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌نلىكى ئۈچۈن ماختايمە‌ن.‏ كېيىن يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە كېلە‌چە‌ككە بولغان ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمە‌ن».‏

‏«يامانلىقنى ياخشىلىق بىلە‌ن يېڭىڭلار»‏

بۇ زاماننىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسىرى،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆزقارىشى «تېخىمۇ رە‌زىللىشىپ كېتىدۇ» (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1،‏ 13)‏.‏ بىراق،‏ بىز باشقىلارنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قايتۇ‌رغان ئىنكاسى سە‌ۋە‌بلىك ھېسداشلىق ۋە شاد-‏خوراملىقىمىزنى يۈتە‌رمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا بىزگە «يامانلىقنى ياخشىلىق بىلە‌ن يېڭىش» ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ (‏رىملىقلارغا 12:‏21)‏.‏ جېسسىكا ئىسىملىك بىر قېرىنداش يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى ۋە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى زاڭلىق قىلىدىغان تە‌كە‌ببۇ‌ر ئادە‌ملە‌رنى دائىم ئۇ‌چرىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏ ئۇ يە‌نە:‏ «بۇ مېنى تېرىكتۈرىدۇ.‏ بىراق بىرى بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىشنى باشلىغاندا،‏ ئىچىمدە يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ شۇ ئادە‌مگە ئۇ‌نىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن قاراشقا ياردە‌م سورايمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىش جېسسىكاغا ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويماي،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنى ئويلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌ر كىشى ئىشىكنى ئاچمىدى

بىز ھە‌قىقە‌تنى تېپىشقا ئىنتىلىدىغانلارنى ھارماي-‏تالماي ئىزدە‌يمىز

ئە‌ر كىشى ئىشىكنى ئېچىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاۋاتىدۇ

ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە بە‌زىلە‌ر ياردە‌منى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌شى مۇ‌مكىن

بىز بىللە ۋە‌ز قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىمۇ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ جېسسىكا قېرىنداشلار بىلە‌ن ۋە‌ز قىلغاندا بىرى قارشىلىق كۆرسە‌تسە،‏ دىققىتىنى بۇ‌نىڭغا ئاغدۇ‌رمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ دىققىتىنى ياخشى نە‌رسىلە‌رگە قارىتىدۇ،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئادە‌ملە‌ر تىڭشىمىغان بولسىمۇ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتىكى ياخشى نە‌تىجىلە‌ر ھە‌ققىدە سۆزلە‌يدۇ.‏

ۋە‌ز قىلىشنىڭ بە‌زىدە بىز ئۈچۈن قىيىن بولىدىغانلىقىنى يە‌ھۋا خۇ‌دا ياخشى بىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ،‏ باشقىلارغا مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ!‏ (‏لۇ‌قا 6:‏36)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ دۇ‌نيا كىشىلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان مېھرىبانلىقى ۋە سە‌ۋرچانلىقى مە‌ڭگۈگە داۋاملاشمايدۇ.‏ خۇ‌دا ئۆزى بە‌لگۈلىگە‌ن ۋاقىت-‏سائە‌ت كە‌لگە‌ندە بۇ دۇ‌نيانى ۋە‌يران قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ شۇ ۋاقىت كە‌لگىچە،‏ بىز ۋە‌ز خىزمىتىمىزنى جىددىي داۋاملاشتۇ‌رىمىز (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 4:‏2)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلىڭلار،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىپ،‏ «ھە‌رقانداق ئادە‌ملە‌رگە» چىن يۈرە‌كتىن ھېسداشلىق كۆرسىتە‌يلى!‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش