كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان17 1 №
  • قانداق باشلىسام بولىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • قانداق باشلىسام بولىدۇ؟‏
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2017
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌شنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ كۆپرە‌ك پايدىسىنى كۆرۈڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئە‌مە‌لىي ئىجرا قىلغۇ‌چى بولۇ‌ڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش كېرە‌ك؟‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2017
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2017
ك‌م‌ئان17 1 №

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش كېرە‌ك

قانداق باشلىسام بولىدۇ؟‏

ئايال مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شتىن ئىلگىرى دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشىڭىزغا ۋە پايدىسىنى كۆرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغان قانداق ئۇ‌سۇ‌للار بار؟‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌رگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن بە‌ش ئۇ‌سۇ‌لنى ئە‌ستە ساقلىۋېلىڭ.‏

مۇ‌ۋاپىق بىر مۇ‌ھىتنى يارىتىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ دىققىتىڭىز چېچىلىپ كە‌تمە‌سلىكى ئۈچۈن تىنچ جاي تېپىڭ.‏ يېتە‌رلىك يورۇ‌قلۇ‌ق ۋە ساپ ھاۋامۇ دىققىتىڭىزنى ئوقۇ‌شقا مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

توغرا كۆزقاراش بىلە‌ن ئوقۇ‌ڭ‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌رشتىكى ئاتىمىز بىزگە چۈشە‌رگە‌ن كىتابتۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ كۆپرە‌ك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نى خۇ‌ددى كىچىك بالا كۆيۈمچان دادىسىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ تىڭشاۋاتقاندە‌ك ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر بۇ كىتابقا قارىتا سە‌لبىي،‏ ناتوغرا كۆزقاراشتا بولسىڭىز،‏ خۇ‌دا سىزگە تە‌لىم بېرە‌لىشى ئۈچۈن ئاشۇ كۆزقاراشلارنى بىر چە‌تكە قايرىپ قويۇ‌ڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 25:‏4.‏

ئوقۇ‌شتىن ئىلگىرى دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى يېزىلغانلىقتىن،‏ ئۇ‌لارنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز ئۇ‌نىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج.‏ خۇ‌دا «تىلىگە‌نلە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى ئىلتىپات» قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 11:‏13)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ روھ «ھە‌تتا خۇ‌دانىڭ چوڭقۇ‌ر ئوي-‏پىكىرلىرىنىمۇ» چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن زېھنىڭىزنى ئاچىدۇ.‏—‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏10.‏

ئوقۇ‌پ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ بىراقلا نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئوقۇ‌شقا تىرىشماڭ.‏ ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «ئۇ‌شبۇ شە‌خسنىڭ قانداق پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆردۈم؟‏ ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سوراڭ.‏

ئالدىڭىزغا ئېنىق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھە‌قىقىي ئە‌ھمىيە‌تلىك ھايات كە‌چۈرۈشكە يېتە‌كلە‌يدىغان ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئىزدە‌ڭ.‏ ئۆزىڭىزگە مۇ‌نداق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويسىڭىز بولىدۇ:‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمنى ۋە مىجە‌ز-‏خۇ‌لقۇ‌منى ئۆزگە‌رتىش ۋە ياخشى ئە‌ر ياكى ئايال بولۇ‌ش.‏ ئاندىن شۇ مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىشكە ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنى تېپىڭ.‏

ئاشۇ بە‌ش ئۇ‌سۇ‌ل ئوقۇ‌شنى باشلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىراق،‏ ئوقۇ‌شتىن تېخىمۇ ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بە‌زى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ئوقۇ‌شتىن كۆپرە‌ك پايدا ئېلىڭ

  • ئالدىرىماي،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ ئوقۇ‌ڭ

  • ئوقۇ‌غانلىرىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ

  • ئايە‌تلە‌رنىڭ ئارىسىدا قانداق باغلىنىشلىق بارلىقىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭ

  • ئوقۇ‌غانلىرىڭىزدىن ئۆزىڭىزگە ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش