كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان17 1 №
  • قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئوقۇ‌ش ھۇ‌زۇ‌ر بېغىشلايدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئوقۇ‌ش ھۇ‌زۇ‌ر بېغىشلايدۇ؟‏
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2017
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌شنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ھاياتلىقتىكى مۇ‌ھىم سوئاللارغا قە‌يە‌ردىن جاۋاب تاپالايمىز؟‏
    ھاياتلىقتىكى مۇ‌ھىم سوئاللارغا قە‌يە‌ردىن جاۋاب تاپالايمىز؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان كۆزقارىشىڭىز قانداق؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان كۆزقارىشىڭىز قانداق؟‏
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2017
ك‌م‌ئان17 1 №
بىر ئايال مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتقاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش قۇ‌رالىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش كېرە‌ك

قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئوقۇ‌ش ھۇ‌زۇ‌ر بېغىشلايدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش سىزگە زېرىكىشلىك تۇ‌يۇ‌لامدۇ ياكى ھۇ‌زۇ‌ر بېغىشلامدۇ؟‏ بۇ كۆپىنچە سىزنىڭ قانداق ئوقۇ‌شىڭىزغا باغلىق.‏ كېلىڭ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شقا بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا ۋە ئوقۇ‌شتىن كۆپرە‌ك ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان بىرقانچە مە‌سلىھە‌تنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئىشە‌نچىلىك ۋە زامانىۋىي تىلدىكى تە‌رجىمىنى تاللاڭ.‏ ئە‌گە‌ر كىتابتا مۇ‌رە‌ككە‌پ ياكى كونا ۋە ئىشلىتىشتىن قالغان سۆز-‏ئىبارىلە‌ر كۆپ بولسا،‏ بە‌لكىم بۇ كىتابنى ئوقۇ‌شتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالالماسلىقىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ سۆز-‏جۈملىلە‌رنىڭ قە‌لبىڭىزگە چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قىلىشى ئۈچۈن،‏ ئاسان چۈشىنىدىغان تىلدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تېپىڭ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ سىز تاللىغان تە‌رجىمىنىڭ ئېنىق ۋە توغرا ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈڭa‏.‏

زامانىۋى پە‌ن-‏تېخنىكىدىن پايدىلىنىڭ.‏ بۈگۈنكى كۈندە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىلىرىنىڭ پە‌قە‌ت باسما نە‌شىرى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئېلېكترونلۇ‌ق نە‌شىرىمۇ بار.‏ بە‌زى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تور بە‌تتە ياكى توردىن چۈشۈرۈپ كومپيۇ‌تېر،‏ قول كومپيۇ‌تېر ياكى تېلېفوندا شە‌خسىي ئوقۇ‌شقا بولىدۇ.‏ بە‌زى تە‌رجىمىلە‌ردە ئوخشاش بىر تېمىدىكى باشقا ئايە‌تلە‌رنى تېزلىكتە تە‌كشۈرە‌لە‌يدىغان ياكى بىر قانچە تە‌رجىمىنى سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدىغان قوشۇ‌مچە قوراللار بار.‏ ئە‌گە‌ر ئوقۇ‌شنى ئە‌مە‌س،‏ ئاڭلاشنى ياخشى كۆرسىڭىز،‏ ئاۋازلىق نە‌شىرى بار.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلە‌ن سە‌پە‌رگە چىققاندا،‏ كىر يۇ‌يغاندا ياكى باشقا پائالىيە‌تلە‌ر بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغاندا،‏ تىڭشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لنى سىناپ باقمايسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش قوراللىرىنى ئىشلىتىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش قوراللىرى ئوقۇ‌غانلىرىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغان ئېلىنغان جايلارنىڭ خە‌رىتىلىرى بار،‏ بۇ ئوقۇ‌غان چاغدا،‏ ئۇ‌چراتقان جاي ناملىرىنى تېپىشىڭىزغا ۋە ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ ژۇ‌رنالدىكى ياكى org.‏jw تور بېكىتىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى‏» دېگە‌ن سە‌ھىپىدىكى ماقالىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن مە‌زمۇ‌نلىرىنىڭ مە‌نىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تە‌تقىق قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

ئوقۇ‌ش ئۇ‌سۇ‌لىڭىزنى ئۆزگە‌رتىڭ.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى باشتىن-‏ئاخىرىغىچە ئوقۇ‌ش قىيىن تۇ‌يۇ‌لسا،‏ نېمە ئۈچۈن سىزنى ئالاھىدە جە‌لپ قىلىدىغان قىسىمدىن باشلاپ،‏ ئوقۇ‌ش قىزغىنىلىقىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىپ باقمايسىز؟‏ ئە‌گە‌ر سىز يازمىلاردىكى مە‌شھۇ‌ر كىشىلە‌ر ھە‌ققىدە بىلمە‌كچى بولسىڭىز،‏ ئاشۇ شە‌خسنى ئاساس قىلىپ ئوقۇ‌شنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌سۇ‌لنىڭ بىر ئۈلگىسى «‏خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌ش ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن غە‌زىنە قېزىش‏» ناملىق ئىزاھاتتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ماۋزۇ ياكى ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ يۈز بېرىش تە‌رتىپى بويىچە ئوقۇ‌سىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ ئۇ‌سۇ‌للارنىڭ بىرىنى سىناپ بېقىڭ!‏

a نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنىڭ توغرا،‏ ئىشە‌نچلىك ۋە ئوقۇ‌پ چۈشىنىشكە ئاسان ئىكە‌نلىكىنى بايقىغان.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تە‌رىپىدىن نە‌شىر قىلىنغان بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب 130 دىن ئارتۇ‌ق تىلغا تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ سىز org.‏jw تور بېكىتىدىن ئېلىكترونلۇ‌ق نۇ‌سخىسىنى چۈشۈرە‌لە‌يسىز ياكى JW كۈتۈپخانىسىنى چۈشۈرە‌لە‌يسىز.‏ خالىسىڭىز،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى باسما نۇ‌سخىسىنى ئۆيىڭىزگە يە‌تكۈزۈپ بېرە‌لە‌يدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى شە‌خسلە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ،‏ بۇ كىتاب ھە‌ققىدە بىلىم ئاشۇ‌رۇ‌ڭ

بە‌زى سادىق ئاياللار

ئابىگائىل

سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 25-‏باب

ئە‌ستىر

ئە‌ستىر 2—‏5،‏ 7—‏9-‏بابلار

ھاننا

سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 1،‏ 2-‏بابلار

مە‌ريە‌م

ئە‌يسانىڭ ئانىسى مە‌تتا 1،‏ 2‏-‏بابلار؛‏ لۇ‌قا 1،‏ 2-‏بابلار؛‏ يە‌نە يۇ‌ھاننا 2:‏1—‏12؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 1:‏12—‏14؛‏ 2:‏1—‏4 قاراڭ.‏

راھاب

يە‌شۇ‌ئا 2،‏ 6-‏بابلار؛‏ يە‌نە ئىبرانىيلارغا 11:‏30،‏ 31؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏24—‏26 قاراڭ

رىبە‌قا

يارىتىلىش 24—‏27-‏بابلار

سارە

يارىتىلىش 17،‏ 18،‏ 20،‏ 21،‏ 23-‏بابلار؛‏ يە‌نە ئىبرانىيلارغا 11:‏11؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏1—‏6 قاراڭ.‏

بە‌زى سادىق ئە‌رلە‌ر

ئىبراھىم

يارىتىلىش 11—‏24-‏بابلار؛‏ يە‌نە 25:‏1—‏11 قاراڭ.‏

داۋۇ‌ت

سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 16—‏30-‏بابلار؛‏ سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 1—‏24-‏بابلار؛‏ پادىشاھلار 1-‏يازما 1،‏ 2-‏بابلار

ئە‌يسا

مە‌تتا،‏ ماركۇ‌س،‏ لۇ‌قا ۋە يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر

مۇ‌سا

چىقىش 2—‏20،‏ 24،‏ 32—‏34-‏بابلار؛‏ سانلار 11—‏17،‏ 20،‏ 21،‏ 27،‏ 31-‏بابلار؛‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 34-‏باب

نۇ‌ھ

يارىتىلىش 5—‏9-‏بابلار

پاۋلۇ‌س

ئە‌لچىلە‌ر 7—‏9،‏ 13—‏28-‏بابلار

پېترۇ‌س

مە‌تتا 4،‏ 10،‏ 14،‏ 16،‏ 17،‏ 26‏-‏بابلار؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 1—‏5،‏ 8—‏12-‏بابلار

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش قوراللىرى

  • JW.ORGبۇ تور بېكە‌تتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگە‌ن قوراللار بار.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ سوئال-‏جاۋاب‏» دېگە‌ن سە‌ھىپە.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ تور بېكە‌تتىن «JW Library» پروگراممىسىنى چۈشۈرۈۋېلىشنىڭ كۆرسە‌تمىسىنى تېپىشقا بولىدۇ‏.‏

  • ‏«گۈزە‌ل زېمىنغا نە‌زە‌ر»‏ (‏باشقا تىلدا)‏.‏ بۇ كىتابچىدە خە‌رىتىلە‌ر ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن جايلارنىڭ فوتو-‏سۈرە‌تلىرى كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏

  • ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشىنىش»‏ (‏باشقا تىلدا)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئادە‌ملە‌ر ۋە جايلار ھە‌ققىدىكى مە‌لۇ‌ماتلارنى ھە‌م سۆز-‏ئىبارىلە‌رنىڭ چۈشە‌ندۈرۈشىنى بۇ قامۇ‌ستىن تېپىشقا بولىدۇ.‏

  • ‏«پۈتۈن يازمىلار خۇ‌دا تە‌رىپىدىن روھلاندۇ‌رۇ‌لغان ۋە پايدىلىقتۇ‌ر»‏ (‏باشقا تىلدا)‏.‏ بۇ ئىلمىي تە‌تقىقات كىتابىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان ھە‌ربىر يازمىنىڭ قاچان،‏ قە‌يە‌ردە ۋە نېمە ھە‌ققىدە يېزىلغانلىقى چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن ھە‌م قىسقىچە مە‌زمۇ‌نىنى خۇ‌لاسە قىلىنغان.‏

  • ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىمۇ ياكى ئىنسانىڭمۇ؟‏»‏ (‏باشقا تىلدا)‏.‏ بۇ كىتابتىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ سۆزى ئىكە‌نلىكىنى تە‌ستىقلايدىغان ئىشە‌نچىلىك دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى تاپالايسىز.‏

  • ‏«‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر‏».‏ بۇ 32 بە‌تلىك كىتابچىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌ڭ ئاساسىي ماۋزۇ قىسقىچە بايان قىلىنغان.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش