تەرجىمىھال
قىممەت-باھا روھىي مىراس ھەقىقەت يولىدا گۈللەپ-ياشنىشىمغا ياردەم بەردى
كېچە قاپقاراڭغۇدا، ئالدىمىزدا ھەيۋەتلىك نىگېر دەرياسى سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ دەريا بەكمۇ تېز ئاقاتتى ۋە كەڭلىكى 5.1 كىلومېتر ئىدى. نىگېرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش بولۇۋاتقاچقا، بۇ ۋاقىتتا دەريانى كېسىپ ئۆتۈش ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى. بىراق، بىز بىرنەچچە قېتىم تەۋەككۈل قىلىشقا بەل باغلىدۇق. بۇ ۋەزىيەتكە قانداق چۈشۈپ قالدۇق؟ چۈشەندۈرۈشتىن ئاۋۋال، ئۆزۈم توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرەي.
دادام جون مىللىس 1913-يىلى 25 يېشىدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. چۆمۈلدۈرۈلۈش ھەققىدىكى نۇتۇقنى راسسېل بۇرادەر ئېيتقان. كۆپ ئۆتمەي، دادام ترىنىداد دېگەن دۆلەتكە كەتكەن. شۇ يەردە ئۇ قىزغىن مۇقەددەس كىتاب ئوقۇغۇچىسى كونستانىس فارمېر دېگەن قىزغا ئۆيلىنىدۇ. دادام دوستى ۋىليام بروۋۇنغا ياردەم بېرىپ، ئىككىلىسى ئادەملەرگە «يارىتىلىش فوتودرامىسى»نى كۆرسىتىپ يۈرگەن. كېيىن، بروۋۇن ئائىلىسى 1923-يىلى يېڭى ۋەزىپىگە قويۇلۇپ، غەربىي ئافرىقىغا كۆچۈپ كەتكەن ئىدى. ئاتا-ئانام بولسا، ترىنىدادتا قالغان. ئاپام بىلەن دادامنىڭ ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بولغان ئىدى.
مېھرى دەريادەك ئاتا-ئانام
ئائىلىمىزدە توققۇز بالا بولغان. دادام چوڭ ئاكامغا روتېرفورد، دەپ ئىسىم قويغان. يەنى، كۈزىتىش مۇنارى، مۇقەددەس كىتاب ۋە ۋاراقچىلار جەمئىيىتى رەئىسىنىڭ ئىسىمى شەرىپىگە ئوخشاش ئىسىم قويغان. مەن 1922-يىلى 30-دېكابىردا تۇغۇلدۇم. ماڭا بولسا، «ئالتۇن دەۋىر» (ھازىر «ئويغىنىش!») ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى كلېيتون ۋۇدۋورتنىڭ شەرىپىگە، ۋۇدۋورت دەپ ئىسىم قويغان. ئاتا-ئانىمىز ھەممىمىزنى مەكتەپتە ئوقۇتسىمۇ، لېكىن، بىرىنچى نۆۋەتتە يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئاپام باشقىلارنى يازمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن قايىل قىلىشقا ماھىر ئىدى. دادام بولسا، ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىشكە ئۇستا ئىدى، ئۇ بىزگە مۇقەددەس كىتاب ھېكايىلىرىنى جانلاندۇرۇپ ئېيتىپ بېرەتتى.
ئاتا-ئانامنىڭ قىلغان ئەمگىكى زايە كەتمىگەنىدى. ئۆيىمىزدىكى بەش ئوغۇلنىڭ ئۈچى گىلىئاد مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. قىزلارنىڭ ئۈچى ترىنىداد ۋە توباگودا دېگەن دۆلەتلەردە كۆپ يىل پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئاتا-ئانىمىز بىزگە تەلىم-تەربىيە بېرىپ ۋە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئوبرازلىق مەنىدە بىزنى «يەھۋانىڭ ئۆيىگە» تىككەن. ئۇلار بىزنىڭ «خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا» قېلىپ، شۇ يەردە گۈللەپ-ياشنىشىمىزغا ياردەم بەرگەن.—زەبۇر 92:13.
بىزنىڭ ئۆيگە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچلار دائىم كېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ترىنىدادقا كېلىپ كەتكەن جورجى ياڭ دېگەن كانادالىق ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋە ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر] ھەققىدە ئېيتىپ بېرىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئاتا-ئانام جەنۇبىي ئافرىقىغا تەيىنلەنگەن خىزمەتداشلىرى بروۋۇن ئائىلىسى توغرۇلۇق ھاياجانلىنىپ ئېيتىپ بېرەتتى. بۇ ھېكايىلەر مېنى ئون يېشىمدا ۋەز قىلىشنى باشلاشقا دەۋەت قىلغانىدى.
ياش ۋاقتىمدا باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىم
بىزنىڭ ژۇرناللىرىمىزدا ئاچكۆزلۈككە تولغان سودا-سېتىق تۈزۈمى، چىرىكلەشكەن سىياسەت ۋە ساختا دىنلارنى ئوچۇق ئاشكارا ئەيىبلىگەنىدى. نەتىجىدە، يەرلىك چېركاۋنىڭ دىنىي رەھبەرلىرى ترىنىداد ھۆكۈمىتىنى تەشكىلاتىمىزنىڭ ھەممە ماتېرىياللىرىنى مەنئىي قىلىشقا كۆندۈرگەن. بىز ماتېرىياللىرىمىزنى يوشۇرۇپ قويۇپ، تاكى تۈگەتكىچە داۋاملىق تارقاتتۇق. بىز كوچا ئارىلاپ پىيادە تەشۋىقات قىلىشقا ۋە ۋېلسىپىتلىق تەشۋىقات قىلىشقا قاتناشتۇق. ئاۋاز كۈچەيتكۈچى بار ماشىنا بىلەن تۇناپۇنا شەھىرىدىن كەلگەن بىر توپ ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن پۈتۈن ترىنىدادنى ئايلىنىپ چىقتۇق. شۇ يىللارنى مەن ئاجايىپ ئۆتكۈزگەنىدىم! روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن قېرىنداشلار بىلەن ئارىلاشقانلىقتىن، 16 يېشىمدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.
ئاۋاز كۈچەيتكۈچى بار ماشىنا بىلەن خىزمەت قىلغان تۇناپۇنادىن كەلگەن توپ
ئاتا-ئانامنىڭ تەربىيىسى ۋە ۋەز خىزمەتتىكى قىزىقارلىق ۋەقەلەر تۈپەيلى ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى ئارزۇيىم قىلدىم. 1944-يىلى ئارۇبا ئارىلىغا كۆچۈپ، ئىدموند كاممىڭىز بۇرادەر بىلەن خىزمەت قىلغىنىمدا بۇ ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. 1945-يىلى كەچلىك خاتىرىلەش داستىخىنىغا 10 ئادەم بولۇپ يىغىلغاندا، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. كېيىنكى يىلى ئارۇبادا بىرىنچى جامائەت تەشكىللەندى.
ئورىس بىلەن ھاياتىمنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلاندى
كۆپ ئۆتمەي، ئىش ئورنىدا بىرگە ئىشلەيدىغان ئورىس ۋىليامىسقا ۋەز قىلدىم. ئورىس مەن ئېيتقانلارغا قارشى تۇرۇپ، ئۆزى ئىشىنىپ كەلگەن دىنىي تەلىملەرنى ياقلاشقا تىرىشقانىدى. ئەمما مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلاپ، خۇدانىڭ سۆزىدىكى ھەقىقەتلەرنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، 1947-يىلى 5-يانۋاردا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. ۋاقىت ئۆتۈپ بىر-بىرىمىزنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، توي قىلدۇق. ئورىس 1950-يىلى نويابىر ئېيىدا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدى. ئورىس بىلەن ھاياتىمنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلاندى.
نىگېرىيىدىكى ئۇنتۇلماس يىللار
1955-يىلى بىز گىلىئاد مەكتىپىگە چاقىرىلدۇق. شۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئورىس ئىككىمىز ئىشتىن چىقىپ كەتتۇق، ئۆيۈمىز بىلەن باشقا مال-مۈلكىمىزنى سېتىپ، ئارۇبا ئارالى بىلەن خوشلاشتۇق. 1956-يىلى 29-ئىيۇل كۈنى بىز گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 27-قارار سىنىپىنى پۈتۈرۈپ، نىگېرىيىگە ئاتلاندۇق.
ۋىليام بروۋۇن بۇرادەر بىلەن ئايالى ئانتونىيا بىزنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇردى
ئورىس ئۆتكەن يىللارنى ئەسكە ئېلىپ، مۇنداق دېگەن: «يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى ياتئەل خەلقى ئارىسىدىكى ۋەز ئېيتىش [مىسسىئونېرلىق] خىزمەتتىكى قىيىنچىلىقلارغا كۆنۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. مېنىڭ ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر] بولۇش ئارزۇيۇم بولمىغان. ئەكسىچە، ئۆي-ئوچاقلىق ۋە بالا-چاقىلىق بولۇشنى خالاتتىم. بىراق، خۇش خەۋەرنى جاكارلاشنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندە، ئوي-پىكىرىمنى ئۆزگەرتتىم. گىلىئادنى پۈتۈرگەندە، ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا تەييار بولغان ئىدىم. بىز نىگېرىيىگە ‹خانېش مارى› ناملىق پاراخۇتقا ئولتۇرۇپ باردۇق. نېيتان نورر بىلەن ئىشلىگەن ۋورس سورنتون بۇرادەر بىزنى ئۇزىتىشقا كەلگەن ئىدى. ئۇ بىزگە ئاق يول تىلەپ، بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلىغاندا، مەن: ‹ۋاي، ياق!› دەپ ئىچىمدە ئاھ ئۇرۇپ قالدىم، بىراق بۇ ئويۇمنى دەرھال ئۆزگەرتتىم. بارا-بارا بەيتەلنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بەيتەلدە، مەن ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى قىلغان. ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئىشىم — قوبۇلخانىدا خىزمەت قىلىش ئىدى. چۈنكى، مەن ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن. شۇ خىزمىتىم تۈپەيلىدىن كۆپ نىگېرىيىلىك قېرىنداشلار بىلەن تونۇشالىدىم. ئۇلارنىڭ كۆپلىرى كىيىملىرىنى توپا-چاڭ باسقان، قورسۇقى ئاچ ۋە ئۇسساپ چاڭقاپ ھالەتتە كېلىشەتتى. ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېھتىياجلىرىدىن چىقىپ، ئۇلارغا تەسەللىي بېرىش كۆڭۈلنى خۇشال قىلىدىغان ئىش. ئۇلارغا يەنە تاماق بېرىشنى ياقتۇراتتىم. بۇنىڭ ھەممىسى يەھۋاغا قىلغان مۇقەددەس خىزمەتتە شۇڭا، بۇ ماڭا شۈكۈر-قانائەت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى». ھەقىقەتەن، تاپشۇرۇلغان ھەرقانداق ۋەزىپە تۈرلىرى بىزنىڭ گۈللەپ-ياشنىشىمىزغا ياردەم بەرگەن.
1961-يىلى ترىنىدادتا ئائىلىمىز ۋە باشقا تۇغقانلىرىمىز بىلەن يىغىلغاندا، بروۋۇن بۇرادەر ئافرىقىدا باشتىن كەچۈرگەن قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەردى. كېيىن، مەن نىگېرىيىدىكى جامائەتلەرنىڭ راۋاجلىنىشى توغرۇلۇق ئېيتىپ بەردىم. بۇرادەر بروۋۇن مېنى باغرىغا بېسىپ، دادامغا: «جوننى، سەن بارالمىغان ئافرىقىغا ۋۇدۋورت باردى»،— دېدى. دادام بۇنىڭغا: «يارايسەن، بالام، بۇ يولۇڭدىن قايتما!»، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنداق تەجرىبىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلىرى خىزمىتىمنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنداشقا دەۋەت قىلدى.
لاگوستىكى بەيتەل ئائىلىسى بىلەن (نىگېرىيە، 1957-يىل)
1962-يىلى گىلىئاد مەكتىپىگە يەنە بىر قېتىم چاقىرىلىپ، 37-سىنىپتا ئون ئاي ئوقۇدۇم. نىگېرىيىدىكى بەيتەلنىڭ نازارەتچىسى بولغان ۋىلفرېد گۇچ بۇرادەر 38-سىنىپتا ئوقۇپ، ئەنگلىيىگە تەيىنلەندى. ئەمدى نىگېرىيىدىكى بەيتەلنىڭ پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندىم. قېرىنداش بروۋۇننى ئۈلگە قىلىپ، مەنمۇ كۆپ ساياھەت قىلدىم. نىگېرىيىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار بىلەن يېقىن تونۇشۇپ، ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ناچار بولسىمۇ، ئۇلار بارىغا شۈكۈر قىلاتتى. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ھاياتى مەنلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇل ۋە مال-دۇنياغا باغلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىگە قارىماستىن، يىغىلىشلارغا ھەردائىم پاكىز ۋە رەتلىك كىيىنىپ كېلەتتى. چوڭ يىغىلىشلارغا كۆپىنچىسى يۈك ماشىنىلىرى ۋە كىچىك ئاپتۇبۇسلارa (ئىككى تەرىپى ئوچۇق يەرلىك ئاپتوبۇس) بىلەن كەلگەن. ئادەتتە بۇ ئاپتوبۇسلاردا قىزىقارلىق يېزىقلار بولاتتى. ئۇلارنىڭ بىرى — «تاما-تاما كۆل بولار».
بۇ سۆزلەرنىڭ جېنى بار! ھەربىرىمىزنىڭ ھەتتا كىچىك ھەرىكىتى مېۋىسىز قالمايدۇ، ئايالىم ئىككىمىزمۇ ئۆز ھەسسىمىزنى قوشتۇق. 1974-يىلى نىگېرىيىدىكى ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ سانى 000 100غا يەتكەن! شۇنداق قىلىپ نىگېرىيە قوشما شتاتلاردىن كېيىن قالسىلا، شۇنداق زور نەتىجىگە ئېرىشكەن بىرىنچى دۆلەت بولغانىدى. ۋەز ئىشى ھەقىقەتەن مول ھوسۇل بەرگەن!
ھەقىقەتنى تونۇغان ئادەملەرنىڭ سانى ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە، 1967-يىلى نىگېرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىپ، 1970-يىلغىچە سوزۇلغان. نىگېر دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بىئافرا رايونىدىكى قېرىنداشلار بەيتەل بىلەن بىرنەچچە ئاي ئالاقە قىلالمىدى. ئۇلارغا چوقۇم روھىي ئوزۇقنى يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. كىرىش سۆزىدە ئېيتقىنىمدەك، بىز دۇئا قىلدۇق ۋە يەھۋاغا تاياندۇق. شۇنداق قىلىپ، دەريانى بىر ئەمەس، بىرنەچچە قېتىم كېسىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كەلدى.
شۇ چاغدىكى قورقۇنۇچلۇق ۋەزىيەتلەر تېخىچە كۆز ئالدىمدا. بىز دوپپىسنى ئال دېسە، بېشىنى قوشۇپ ئالىدىغان ئەسكەرلەر، كېسەللىك ۋە باشقا خەۋپ-خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلاتتۇق. ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشنىڭ ئۆزى بەكمۇ قىيىن ئىدى. بىراق، ئىسىيانچىلار توسۇۋالغان قارشى قىرغاقتىكى بىئافرا رايونى تەرەپكە ئۆتۈش تېخىمۇ خەتەرلىك ئىدى. بىر ئاخشىمى، مەن قېيىققا ئولتۇرۇپ، شىددەتلىك ئېقىۋاتقان نىگېر دەيارسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاسابا شەھىرىدىن ئونىچا شەھىرىگە باردىم. شۇ يەردىن يەرگە ئېنۇگۇ شەھىرىگە بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قېرىنداشلارغا تەسەللىي بەردىم. يەنە بىر سەپىرىمدە، ئابا شەھىرىدىگە بارغىنىمدا شەھەرنىڭ چىراقلىرىنى ياندۇرۇش مەنئىي قىلىنغا ئىدى، ئۇ يەردىكى يەرلىك ئاقساقاللارنى ئىلھاملاندۇردۇم. بىر قېتىم خاركورت شەھىرىدىكى پورتتا يىغىلىش ئۆتكۈزدۇق، شەھەر سىرىتىدىكى بىئافرا رايونىنىڭ مۇداپىيە لىنيىسىنى ھۆكۈمەت قوشۇنى بۇزۇپ، شەھەرگە بېسىپ كىرگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، دۇئا قىلىپ يىغىلىشىمىزنى دەرھال ئاياقلاشقا توغرا كەلگەن.
يىغىلىشلار قېرىنداشلار ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى، چۈنكى يىغىلىشلاردا ئۇلار يەھۋانىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلىپ، بىتەرەپلىك ۋە ئىناقلىققا مۇناسىۋەتلىك كېرەكلىك مەسلىھەتلەر بېرىلگەنىدى. نىگېرىيىدىكى قېرىنداشلار شۇ دەھشەتلىك ئىچكى ئۇرۇشتا سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەن. ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىكتىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ، ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپقالغان. شۇ قىيىن ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن بىرگە مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ خىزمەت قىلىش مەن ئۈچۈن شان-شەرەپ بولغان!
1969-يىلى نيۇ-يوركتىكى يانكى تەنتەربىيە مەيدانىدا «يەر يۈزىدىكى تىنچلىق» ناملىق خەلقئارا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. چوڭ يىغىلىشنىڭ رىياسەتچىسى مىلتون خېنشېل قېرىنداش ۋە مەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولدۇم. مەن دەل ۋاقتىدا كۆپ تەجرىبە ساۋاقلار ئىگە بولدۇم. سەۋەبى، 1970-يىلى نىگېرىيىنىڭ لاگوس شەھىرىدە «ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر» ناملىق خەلقئارا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئازلا ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، چوڭ يىغىلىشنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە يەھۋانىڭ ئۆزى بەرىكەت بەرگەنلىكى ئېنىق ئىدى. چوڭ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسى 17 تىلدا ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئۇنىڭغا 128 121 ئادەم قاتناشتى. نېيتان نورر بىلەن مىلتون خېنشېل قېرىنداشلار ۋە باشقا مېھمانلار قوشما شتاتلار ۋە ئەنگلىيىدىن كەلگەنىدى. ئۇلار 3775 ئادەمنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەنلىكىگە گۇۋاھچى بولدى. بۇ چوڭ يىغىلىشتا ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدىن كېيىن، ئەڭ كۆپ ئادەملەر چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ئىدى. شۇ چوڭ يىغىلىشنى ئۇيۇشتۇرۇش ھاياتىمدىكى ئەڭ ئالدىراش ئۆتكەن ۋاقىت بولغان. يېڭى شاگىرتلارنىڭ ئۇچقاندەك تېزلىكتە كۆپەيگەن!
«ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر» چوڭ يىغىلىشىغا 128 121 ئادەم قاتناشقان. ئۇ 17 تىلدا، شۇ جۈملىدىن ئىبو تىلىدا، ئۆتكۈزۈلگەن
نىگېرىيىدە 30 يىلدىن ئوشۇق خىزمەت قىلغاندا، غەربىي ئافرىقىدا زىيارەت قىلغۇچى ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغىنىمغا ۋە بەيتەللەرنى زىيارەت قىلغىنىمغا بەك خۇشالمەن. ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ [مىسسىئونېرلار] ھەربىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، تەسەللىي بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ بەكمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلغان. بۇ خىزمەتنى قىلغىنىمدا، قېرىنداشلارغا شەخسەن كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ گۈللەپ-ياشنىشىغا، تەشكىلاتنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە جامائەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىناق بولۇشىغا ئۆز ھەسسەمنى قوشۇشتا بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.
ئۇرۇشنىڭ ۋە كېسەللەرنىڭ ئازابلىرىنى پەقەت يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن يېڭەلىدۇق. يەھۋانىڭ بىزگە بەرىكەت بەرگەنلىكى ناھايىتى ئنېىق ئىدى. ئورىس مۇنداق دېگەن ئىدى:
«ئىككىلىمىز بىرنەچچە قېتىم بەزگەك كېسىلى بىلەن ئاغرىدۇق. بىر قېتىم ۋۇدۋورت ھوشىدىن كېتىپ، لاگوستىكى دوختۇرخانىغا چۈشۈپ قالغانىدى. دوختۇرلار ئۇ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن دېگەن.ئەمما، خۇداغا شۈكۈر، ئۇ ئامان قالدى. ئۇ ھوشىغا كەلگەندە، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغان نۋامبىۋې دېگەن تىببىي خادىمغا خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق ئېيتىپ بەردى. ۋۇدۋورت دوختۇرخانىدىن چىققاندا، ئىككىمىز شۇ كىشىگە مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق كۆپرەك ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا باردۇق. ئۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، كېيىن ئابا شەھىرىدە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان. مەن كۆپ ئادەملەرگە، شۇنىڭ ئىچىدە دىنىنى مەھكەم تۇتقان مۇسۇلمانلارغىمۇ، ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاشقا ياردەم بەردىم. بىز نىگېرىيە خەلقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۇرپ-ئادىتى ھەم تىلى بىلەن يېقىن تونۇشۇپ، ئۇلارنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدۇق».
بىز چەتئەلدە خىزمەت قىلىپ، مۇنداق خۇلاسىگە كەلدۇق: «گۈللەپ ياشناش» ئۈچۈن، مەيلى يەرلىك قېرىنداشلارنىڭ مەدەنىيىتى بىزنىڭكىدىن قانداق پەرق قىلىمىسۇن، بىز ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
يېڭى ۋەزىپىلەر
1987-يىلى بىز يېڭى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدۇق: كارىب دېڭىزىدىكى سېنت-ليۇسىيا دېگەن چىرايلىق ئارالغا ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار [مىسسىئونېرلار] بولۇپ خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەندۇق. بۇ كىشىنى بەكمۇ خۇشال قىلىدىغان خىزمەت ئىدى، لېكىن، ئۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىنچىلىقلىرىمۇ بولغان. مەسىلەن، ئافرىقىدا ئەر كىشىلەر كۆپ ئاياللىق بولغان، سېنت-ليۇسىيادا بولسا، كۆپىنچىلىرى نىكاھىنى قانۇنىي تۈردە تىزىمغا ئالدۇرماي ياشىغانىدى. لېكىن، خۇدانىڭ سۆزى كۆپلىگەن ئادەملەرنى ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلغان.
ئورىس ئىككىمىز 68-يىل بىللە قول تۇتۇشۇپ ئۆتتۇق
يېشىمىز چوڭايغانسېرى، كۈچتىن قالغانلىقتىن، يېتەكچى كېڭەش بىزنى 2005-يىلى برۇكلىندىكى دۇنياۋىي باش ئىدارىگە چاقىرغان. مۇشۇ كۈنگىچە ھەر كۈنى ئايالىم ئورىس ئۈچۈن يەھۋاغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ 2015-يىلى جان ئۈزدى ۋە دەردىمنى سۆز بىلەن ئېيتىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. سۆيۈملۈك ئايالىدىن ئايرىلىش شۇقەدەر ئېغىر جۇدالىق ئىكەن. ئورىس مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم، كۆيۈمچان ۋە مېھرىبان ئايالىم ئىدى. بىز 68-يىل بىللە قول تۇتۇشۇپ ئۆتتۇق. بىز ئائىلىدە ۋە جامائەتتە شاد-خۇرام بولۇشنىڭ سىرىنى تاپتۇق: باشچىلىق پرىنسىپىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش، بىر-بىرىنى كەچۈرۈش، كەمتەر بولۇش ۋە مۇقەددەس روھ مېۋىلىرىگە كىرىدىغان خىسلەتلەرنى كۆرسىتىش كېرەك.
ئۈمىدسىزلەنگەندە ياكى كۆڭلىمىز چۈشكەندە، بىز يەھۋاغا تايىنىپ، ئۇنىڭدىن داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۈچ سوراتتۇق. تەشكىلاتىمىزدا ھەممە نەرسە بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆردۇق. ئەڭ ياخشى ۋاقىتلار تېخى ئالدىمىزدا!—يەشايا 60:17؛ 2-كورىنت. 13:11.
يەھۋا خۇدا ترىنىداد ۋە توباگودا خىزمەت قىلغان ئاتا-ئانامنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئەمگىكىنى بەرىكەتلىگەنىدى. ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ھەقىقىي ئىبادەتكە 9892 ئادەم قوشۇلغان. ئارۇبادا تەشكىل قىلىنغان بىرىنچى جامائەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۆپ قېرىنداشلار كۈچ چىقارغانىدى. مەنمۇ شۇ جامائەتتە خىزمەت قىلغان. ھازىرقى كۈندە شۇ ئارالدا گۈللەپ راۋاج تاپقان 14 جامائەت بار. نىگېرىيىدىكى ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ سانى 389 381غا يېتىپ، چوڭ بىر توپ بولۇپ شەكىللەندى. . سېنت-ليۇسىيا ئارىلىدا 783 ئادەم يەھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى قوللىماقتا.
يېشىم 90دىن ئېشىپ قالدى. زەبۇر 92:14-ئايەتتە ھەققانىي ئادەملەر توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: «ھەتتا قېرىپ كەتسىمۇ، يەنىلا مېۋە بېرەر ئۇلار؛ بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار». يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ھاياتىم ئۈچۈن خۇداغا مىڭ شۈكرى. روھىي مىراسىم يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا پۈتۈن ھاياتىمنى بېغىشلاشقا دەۋەت قىلدى. يەھۋا ماڭا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ «ھويلىلىرىدا» گۈللەپ-ياشنىشىمغا يول قويدى.—زەبۇر 92:13.