تەرجىمىھال
خىيالىمغا كىرىپ-چىقمىغان يەھۋا خۇدانىڭ بەرىكەتلىرى
«مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشىم كېرەكلىكىنى چۈشىنەتتىم. بىراق، بۇ خىزمەتتىن ھەقىقەتەن خۇشاللىق تاپىمەنمۇ، دەپ ئويلۇدۇم. گېرمانىيىدىكى ئىشىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. ئافرىقىنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىگە ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزەتتىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دارىسسالام، ئېلىزابېتۋىل ۋە ئاسمارا دېگەن شەھەرلەر بار ئىدى. كېلەچەكتە مۇشۇ يەرلەردە خىزمەت قىلىمەن، دەپ ئويلىماپتىمەن!»
ئاخىرى گۇمانىمنى يېڭىپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغاندا، ھاياتىمنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى (ئەفەس. 3:20). نېمە بولغانلىقىنى بېشىدىن ئېيتىپ بېرەي.
مەن 1939-يىلى ئىككىنچى دۇنياۋىي ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىغا بىرنەچچە ئاي قالغاندا بېرلىن (گېرمانىيە) شەھىرىدە تۇغۇلدۇم. 1945-يىلى ئۇرۇش ئاياقلىشىۋاتقاندا بېرلىن شەھىرى بومباردىمان قىلىنىۋاتاتتى. بىر كۈنى بومبا كوچىمىزغا چۈشۈپ پارتىلىدى. بىز ئائىلىمىز بىلەن بومبىدىن قوغدىنىدىغان جايغا قېچىپ كەتتۇق. كېيىن، ئامان قېلىش ئۈچۈن ئانىمىزنىڭ توغۇلغان يۇرتى ئېرفۇرتقا كۆچتۇق.
مەن ئاتا-ئانام ۋە سىڭلىم بىلەن (تەخمىنەن 1950-يىل، گېرمانىيە)
مېنىڭ ئاپام ھەقىقەتنى بىلىشكە تەشنا ئىدى. شۇڭا، ئۇ پەيلاسوپلار يازغان كىتابلارنى ئوقۇپ، ھەرتۈرلۈك دىنلار توغرۇلۇق بىلىشكە تىرىشقان. لېكىن، كۆڭلى سۇ ئىچمىگەنىدى. تەخمىنەن 1948-يىلى ئىككى يەھۋا گۇۋاھچىسى بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى. ئاپام ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، كۆپ سوئاللارنى قويۇشقا باشلىدى. بىر سائەت ئۆتمەيلا، ئاپام سىڭلىم ئىككىمىزگە: «مەن ھەقىقەتنى تاپتىم!»— دىدى. كۆپ ئۆتمەي، ئاپام، سىڭلىم ئۈچىمىز ئېرفۇرتتىكى جامائەتكە بېرىشنى باشلىدۇق.
1950-يىلى بىز بېرلىنغا قايتتۇق. ئۇ يەردە بېرلىن-كرويسبېرگ دېگەن جامائەتكە باراتتۇق. كېيىن، بېرلىننىڭ باشقا يېرىگە كۆچكەندە، بېرلىن-تېمپېلخوف دېگەن جامائەتكە باردۇق. ۋاقىت ئۆتۈپ ئاپام چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. بىراق، مەن شۇنداق قارار قىلىشقا تېخى تەييار بولمىدىم. سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەي.
خىجىلچانلىقنى يەڭدىم
ناھايىتى خىجىلچان بولغانلىقتىن، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش مەن ئۈچۈن قىيىن بولغانىدى. گەرچە مەن ۋەز خىزمەتكە قاتناشساممۇ، ئىككى يىلچە ئادەملەر بىلەن سۆزلەشمىدىم. بىراق، يەھۋاغا جاسارەت بىلەن خىزمەت قىلىپ، سادىقلىقىنى ساقلاپ كەلگەن قېرىنداشلار بىلەن كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۇم، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىشلار ئۆزگەردى. بەزى قېرىنداشلار ناتسىست جازا لاگېرىدا بولغان ياكى شەرقىي گېرمانىيىدىكى تۈرمىدە ئولتۇرۇپ چىققان ئىدى. يەنە باشقىلىرى بولسا، ھاياتىنى تەۋەككۈل قىلىپ، شەرقىي گېرمانىيىدىكى قېرىنداشلارغا ماتېرىياللارنى يەتكۈزەتتى. ئۇلارغا قاراپ مۇنداق، دەپ ئويلىدىم: «ئەگەر ئۇلار يەھۋا خۇدا ۋە قېرىنداشلار ئۈچۈن ھاياتىنى ۋە ئەركىنلىكىنى تەۋەككۈل قىلسا، مەن خىجىلچانلىقنى يېڭىشىم كېرەك ئەمەسمۇ؟!»
1955-يىلى مەخسۇس ۋەز قىلىش پائالىيەتكە قاتناشتىم. شۇنىڭ بىلەن خىجىلچانلىقىمنى يېڭىشكە باشلىدىم. «خەۋەرنامە»a ۋاراقچىسىدا، ناتان نورر بۇرادەر بۇ تەشكىلاتىمىزنىڭ تارىخىدا ئورۇنلاشتۇرغان ئەڭ چوڭ پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ: ئەگەر بۇ، مەخسۇس پائالىيەتكە ھەممە ۋەز ئېيتقۇچىلار قاتناشسا، يەر يۈزىدە بۇرۇن ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان تەڭداشسىز گۇۋاھلىق بېرىلىدىغان ۋاقىت بولاتتى، دەپ ئېيتقانىدى». راستىنلا شۇنداق بولغان! شۇنىڭدىن كۆپ ئۆتمەي، مەن ھاياتىمنى يەھۋاغا بېغىشلىدىم ۋە 1956-يىلى دادام، سىڭلىم ئۈچىمىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۇق. بىراق، كېيىن مۇھىم بىر قارارنى چىقىرىشىمغا توغرا كەلدى.
پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشۇم كېرەكلىكىنى چۈشەنسەممۇ، بۇنى ئارقىغا سۈرۈپ يۈردۈم ئاۋۋال مەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى شىركەتلەرگە سېتىشنى ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم. كېيىن، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەپ، كەسپىمدە تەجرىبە توپلىۋالاي، دەپ ئويلىدىم. 1961-يىلى گېرمانىيىنىڭ گامبۇرگ دېگەن ئەڭ چوڭ پورت شەھىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتىم. ئىشىمغا بېرىلىپ كەتكەنسېرى، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى كەينىگە سۈردۈم. ئۇنداقتا، مېنىڭ روھىي مەقسەتلەرگە ئىنتىلىشىمگە نېمە ياردەم بەردى؟
يەھۋانىڭ مېھرىبان قېرىنداشلارنى ئىشلىتىپ، روھىي ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمگە ياردەم بەرگىنى ئۈچۈن بەك مىننەتدارمەن. بەزى دوستلىرىم پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى باشلاپ، ماڭا ياخشى ئۈلگە بولدى. شۇنداقلا، جازا لاگېرىدىن ئامان قالغان يرىخ مۇنت بۇرادەر مېنى يەھۋاغا تايىنىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ ماڭا لاگېردا بولۇپ، ئۆزىگە تايانغان قېرىنداشلار ۋاقىت ئۆتكەنسېرى روھىي جەھەتتىن ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما، يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايانغان قېرىنداشلار سادىقلىقىنى ساقلاپ، خۇدانىڭ تەشكىلاتىغا كۆپ ياردەم بەرگەن.
مەن پىدائىي ۋەز خىزمەتنى باشلىغاندا (1963-يىل)
شۇنداقلا، كېيىن يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان مارتىن پيوتسىنگېر، داۋاملىق بۇرادەرلەرگە ئىلھام بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «باتۇرلۇق — ئەڭ قىممەت-باھا خىسلەتدۇر!»— دەپ ئېيتقان. بۇ سۆزلەر توغرۇلۇق كۆپ ئويلىدىم. ئاخىرىدا ئىشىمنى تاشلاپ، 1963-يىلى، ئىيۇن ئېيىدا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدۇم. بۇ ھاياتىمدا قىلغان ئەڭ ياخشى قارار بولدى. ئىككى ئايدىن كېيىن، تېخى يېڭى ئىش ئىزدەشتىن ئاۋۋال، مېنى مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىدى. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، يەھۋا مېنى كۈتىمىگەن بەرىكەتكە ئېرىشتۈردى. مەن گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 44-سىنىپىغا تەكلىپ قىلىندىم.
گىلىئاد مەكتىپىدە ئالغان بىباھا ساۋاقلار
ناتان نورر ۋە لايمان سۋىڭگىل بۇرادەرلەردىن كۆپ قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاقلارنى ئۆگەندۇق. ئەڭ مۇھىم ساۋاق — «تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىدىن ئادىراپلا ۋاز كەچمەسلىك». ئۇلار بىزنى ۋەزىپىمىز قىيىن بولسىمۇ، بەل قويۇۋەتمەسلىككە ئۈندىدى. ناتان نورر بۇرادەرىمىز مۇنداق دېگەن: «نېمىگە دىققەت ئاغدۇرىسىز؟ چاڭ-توزاڭ، قۇرۇت-قوڭغۇز ۋە نامراتلىقمۇ ياكى دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار ۋە خۇش چىراي ئادەملەرگىمۇ؟ ئادەملەرنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىڭلار». بىر كۈنى سۋىڭگىل بۇرادەر بەزى قېرىنداشلارنىڭ ئوڭايلا ۋاز كېچىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۆزىنى تۇتالماي كۆز ياش قىلدى. بىر ئاز سۈكۈت قىلىپ، ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. مەن ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ سادىق مايلانغان قېرىنداشلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىككە بەل باغلىدىم.—مەتتا 25:40.
مەن، كلود ۋە ھېنرىك بىلەن مىسسىئونېرلىق خىزمەتتە (1967-يىل، لۇبۇمباشى، كونگو)
بىز قەيەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، بەزى بەيتەللىكلەر قايسى دۆلەتكە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلگىسى كېلىپ سوراشتى. ئۇلار ھەربىر قېرىنداشنىڭ تەيىنلەنگەن يېرى توغرۇلۇق ياخشى سۆزلەرنى ئېيتىپ، ئىلھام بېرەتتى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە، مەن: «كونگوغا (كىنشاسا)»— دېدىم. ئۇلار ئۈن چىقارماي بىراز تۇرۇپ قالدى، ئاندىن: «كونگو دەڭا! يەھۋا سىز بىلەن بىللە بولسۇن!» — دېيىشتى. شۇ چاغدا، كونگودا (كىنشاسا) ئۇرۇش بولۇپ، قان تۆكۈشلەر توغرۇلۇق خەۋەرلەر كۆپ ئىدى. بىراق، مەن گىلىئاد مەكتىپىدە ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئېسىمدە چىڭ ساقلىدىم. 1967-يىلى، سېنتەبىر ئېيىدا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھېنرىك دېنبوستېل ۋە كلود لىندسېي ئۈچىمىز كونگو پايتەختى كىنشاساغا يولغا چىقتۇق.
مىسسىئونېرلىق خىزمەتتىن ئۆگەنگەن بىباھا ساۋاقلار
كىنشاساغا كەلگەندە، ئۈچ ئايچە فرانسۇز تىلىنى ئۆگەندۇق. كېيىن، كونگونىڭ جەنۇبىدىكى زامبىيانىڭ چېگرىسىغا يېقىن لۇبۇمباشىغا (بۇرۇن ئېلىزابېتۋىل) ئايروپلان بىلەن ئۇچۇپ باردۇق. شۇ يەردىكى شەھەر مەكىزىگە جايلاشقان ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار [مىسسىئونېرلار] ئۆيىگە كۆچۈپ كىردۇق.
لۇبۇمباشى شەھىرىنىڭ كۆپ جايلىرىدا خۇش خەۋەر ۋەز قىلىنمىغانىدى، شۇڭا ئادەملەرگە بىرىنچى قېتىم خۇش خەۋەرنى ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن بەك خۇشال بولدۇق. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى خالىغان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن، ھەممىسىگە ۋاقتىمىز يەتمەي قالاتتى. ھەتتا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ساقچىلارغا ۋەز قىلاتتۇق. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇدا سۆزىگە ۋە پائالىيىتىمىزگە ھۆرمەت بىلەن قارىغان. ئادەملەر ئاساسەن سۇۋاخىلى تىلىدا سۆزلىگەنلىكتىن، كلود لىندسېي بۇرادەر ئىككىمىز بۇ تىلنى ئۆگىنىشكە باشلىدۇق. كېيىن، بىزنى سۇۋاخىلى تىلىدا سۆزلەيدىغان جامائەتكە تەيىنلىدى.
بىز نۇرغۇن قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ، قىيىنچىلىقلارغا ھەم دۇچ كېلەتتۇق. مەست ۋە چاتاق تاپىدىغان قوراللىق ساقچىلار پات-پات قۇسۇر ئىزدەپ، بىزگە قارا چاپلايتتى. بىر كۈنى جامائەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مىسسىئونېرلار ئۆيگە قوراللانغان ساقچىلار بېسىپ كىردى. ئۇلار بىزنى مەركىزىي ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىپ، پاتقاق يەردە كەچ سائەت ئونغىچە تۇتۇپ، كېيىن بىزنى قويۇۋەتتى.
1969-يىلى مەن رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەندىم. ئافرىقىنىڭ چاتقاللىقلىرى ۋە ئېگىز ئوت-چۆپلەر ئۆسكەن پاتقاق يوللىرىدىن كېسىپ ئۆتۈشنىڭ مۈشكۈللۈكلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزدۈم.. بىر يېزىدا يۈز بەرگەن قىزىق ۋەقە تېخىغىچە يادىمدا. ئاخشىمى ياتقان يېرىمنىڭ ئاستىدا بىر مىكيان بىلەن چۈجىلىرى ئۇخلىغان ئىكەن. ئەتىگەندە بولسا، تېخى تاڭ يۇرمىغاندا، توخۇ بار ئاۋازى بىلەن مېنى ئويغۇتىۋەتتى! ئاخشىمى قېرىنداشلار بىلەن گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ، ھەقىقەت توغرۇلۇق پاراڭلاشقان ۋاقىتلارنى پات-پات خۇشاللىق بىلەن ئەسلەيمەن.
«كىتاۋالا» دېگەن ئېقىمنىb قوللايدىغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق. بۇ ئەڭ ئېغىر سىناقلارنىڭ بىرى بولغانىدى. ساختا قېرىنداشلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، ھەتتا بەزىلىرى ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «سۇ ئاستىدىكى قىيا تاشلار» كەبى بولسىمۇ، ساداقەتمەن ئېتىقادداشلارنى ئازدۇرۇپ كېتەلمىدى (يەھۇدا 12). ئاخىرىدا يەھۋا خۇدا بۇ ئادەملەرنى جامائەتتىن تازاپ چىقاردى. شۇندى كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەقىقەتنى تونۇدى.
1971-يىلى مېنى كىنشاسادىكى بەيتەلگە چاقىردى. شۇ يەردە ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى، يەنى خەتلەرگە جاۋاب يېزىش، ماتېرىياللارنى بۇيرۇتۇش ھەمدە ۋەز خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلدىم. بەيتەلدە خىزمەت قىلغاندا، مەن يوللىرى ئەسكى، ئېلېكتېر بىلەن تەمىنلەش ناچار ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرى قالاق چوڭ دۆلەتلەردە پائالىيىتىمىزنى تەشكىل قىلىشنى ئۆگەندىم. ئادەتتە جامائەتلەرگە ئايروپىلان بىلەن ئەۋەتكەن خەتلىرىمىز بىرنەچچە ئايدىن كېيىنلا يېتەتتى. خەتلەرنى ئايروپىلاندىن كېمىگە يۆتكىلەتتى. كېمە، سۇدا ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەرگە ئىلىشىپ، بىر نەچچە ھەپتە ماڭالماي قالاتتى. شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، ئىشىمىز ئالغا باستى.
قېرىنداشلارنىڭ پۇلى ئاز بولسىمۇ، چوڭ يىغىلىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالاتتىم. چۈمىلىلەر ياسىغان توپا دۆۋىلىردىن سەھنە، ئۇزۇن ئۆسكەن ئوت-چۆپلەردىن تام بىلەن ئورۇندۇقلارنى ياسىغان. بامبۇكتىن رامكا ياساپ، قومۇشتىن چېدىر بىلەن ئۈستەللەرنى ياسىغان. مىخلىرى بولمىغانلىقتىن، دەرەخ قوۋزاقلىرىنىڭ نېپىس كېسىپ مىخلارنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكەن. قېرىنداشلارنىڭ شۇنداق ئەقىل-پاراسىتى ۋە چېۋەرلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالاتتىم. ئۇلارنى جېنىمدەك سۆيۈپ قالدىم. باشقا يەرگە تەيىنلەنگەن چاغدا، ئۇلارنى بەك سېغىنىپ يۈردۈم!
كېنىيىدىكى خىزمەت
1974-يىلى مەن نايروبىدىكى (كېنىيە) بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەندىم. ئىشىمىز ئىنتايىن كۆپ بولغان، چۈنكى كېنىيىدىكى بەيتەل باشقا ئون دۆلەتتىكى ۋەز قىلىش پائالىيىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلغان. شۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان ئىدى. مەن بىرنەچچە قېتىم شۇ دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ باردىم. بولۇپمۇ قېرىنداشلىرىمىز قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئېفىئوپىيىگە پات-پات باراتتىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، تۈرمىگە تاشلانغان. بەزىلىرى ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇلار ساداقەتمەنلىك بىلەن سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن، سەۋەبى ئۇلار يەھۋا خۇدا ۋە بىر-بىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان.
1980-يىلى ھاياتىمدا بىر ئاجايىپ ئۆزگىرىش بولدى. مەن كانادىدىكى گېيل ماسسون ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلەندىم. بىز ئىككىمىز گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇغان. بىز بىر-بىرىمىزگە خەت يېزىپ تۇراتتۇق. گېيل بولىۋىيىدە مىسسىئونېر بولۇپ خىزمەت قىلاتتى. 12 يىلدىن كېيىن، گېيل ئىككىمىز نيۇ-يورك شەھىرىدە قايتىدىن ئۇچراشتۇق. كۆپ ئۆتمەي، كېنىيىدە توي قىلدۇق. گېيل بارلىق نەرسىگە يەھۋا خۇدانىڭ كۆز قارىشى بىلەن قارىغانلىقى ۋە ھەردائىم بارىغا شۈكۈر قىلغىنىغا بەكمۇ مىننەتدارمەن. ئۇ مۇشۇ كۈنگىچە مېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلمەكتە.
1986-يىلى مېنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىگە تەيىنلىدى. شۇنداقلا، مەن بەيتەل كېڭەش ئەزاسى بولغان ئىدىم. گېيل ئىككىمىز كېنىيىدىكى بەيتەلنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى كۆپ دۆلەتلەردە خىزمەت قىلدۇق.
مەن چوڭ يىغىلىشتا نۇتۇق ئېيتىۋاتىمەن (1992-يىل، ئاسمارا)
1992-يىلى ئاسمارادا (ئېرىترېيە) چوڭ يىغىلىشقا تەييارلىق قىلغانلىقىمىز تېخىغىچە يادىمدا. شۇ چاغدا، ئېرىترىيىدىكى پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنمىغان ئىدى. چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىچىگە قارىغاندا، سىرىتى ياخشىراق بىر بىنانى تاپتۇق. چوڭ يىغىلىش كۈنى، شۇ جاينى كۆرگەندە، ئاغزىم ئېچىلىپلا قالدى. چۈنكى، قېرىنداشلار شۇ جاينى پاكىز تازلاپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىر جايغا ئايلاندۇرغان ئىدى. شۇ يەرنى چىرايلىق بېزەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئائىلىلەر ھەرخىل رەڭلىك رەختلەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەت يەرلەرنى يېپىپ قويغانىدى. چوڭ يىغىلىشقا كەلگەن 1279 ئادەم بىلەن بىللە پروگراممىنى تىڭشاپ كۆپ خۇشاللىق تاپتۇق.
جامائەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا، ھەر ھەپتە باشقا-باشقا ئۆيلەردە تۇرغاچ، بۇ خىزمەت بىز ئۈچۈن ئاسان بولمىغان. بىر قېتىم بىز دېڭىز بويىدىكى چوڭ ھەشەمەتلىك ئۆيدە تۇردۇق؛ باشقا بىر قېتىم بولسا، ئىشچىلار تۇرىدىغان بىر ھويلىدىكى تۆمۈردىن ياسالغان ئاددىي كىچىك ئۆيدە تۇردۇق. بۇ كىچىك ئۆيدىن ھاجەتخانىغىچە 100 مېتىرچە كېلەتتى. بىراق، مەيلى قەيەردە خىزمەت قىلساقمۇ، قىزغىن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ھەم ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن خىزمەتداش بولغان كۈنلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز. كېيىن، باشقا يەرگە تەيىنلەنگەن چاغدا كۆپ دوستلىرىمىزدىن ئايرىلىپ كەتتۇق، ئۇلارنى بەك سېغىنىپ يۈردۇق.
ئېفىئوپىيىدە ئېرىشكەن بەرىكەتلەر
1987—1992-يىللىرى كېنىيىدىكى بەيتەلنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدىكى بەزى دۆلەتلەردە پائالىيىتىمىز قانۇنىي تۈردە رەسمىيلەشتۈرۈلگەن ئىدى. نەتىجىدە ئايرىم بەيتەللەر پەيدا بولغان. 1993-يىلى ئاددىس-ئابېبادىكى (ئېفىئوپىيە) بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەندۇق. نەچچە ئون يىللاردا داۋامىدا پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان بۇ دۆلەتتە ئەمدى يەھۋا خۇداغا ئەركىن خىزمەت قىلالايمىز.
رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان چېغىمدا (1996-يىل، ئېفىئوپىيە)
يەھۋا ئېفىئوپىيىدىكى خىزمىتىمىزگە كۆپ بەرىكەت بەردى. كۆپ قېرىنداشلار پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدى. 2012-يىلدىن باشلاپ، ھەر يىلى ۋەز قىلغۇچىلارنىڭ 20 پىرىسەنتى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، روھىي ئۆسۈشكە ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەر ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ ۋە 120دىن ئوشۇق ئىبادەت قىلىدىغان جايلار قۇرۇلدى. 2004-يىلى بەيتەل ئائىلىسى يېڭى بېناغا كۆچتى ۋە بەيتەلنىڭ قېشىدا چوڭ يىغلىش ئۆتكۈزۈلىدىغان ساراي سېلىندى. بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن چوڭ بەرىكەت بولدى.
كۆپ يىللار داۋامىدا بىز ئېفىئوپىيىدىكى ئېتىقادداشلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ دوستلىشىپ كەتتۇق. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل-كۆكسى كەڭ، كۆيۈمچان ئىدى. ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدۇق. سالامەتلىكىمىز ناچارلاشقانلىقتىن، بىزنى مەركىزىي ياۋرۇپادىكى بەيتەلگە يۆتكىدى. بۇ يەردە بىزگە ناھايىتى ياخشى غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ. بىراق، بىز ئېفىئوپىيىدىكى دوستلىرىمىزنى سېغىنىپ يۈرىمىز.
يەھۋا خۇدا ئۆستۈردى
يەھۋا خۇدا ئۆز ئىشلىرىنى قانداق گۈللىتىپ راۋاجلاندۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆردۇق (1-كورىنت. 3:6، 9). مەسىلەن، مەن رۋاندادىن كونگوغا مىس ئىزدەپ كەلگەن كانچىلارغا ۋەز قىلغاندا، رۋاندادا ۋەز ئېيتقۇچىلار يوق ئىدى. ھازىر بولسا بۇ دۆلەتتە 30000دىن ئوشۇق ئېتىقادداشلار بار. 1967-يىلى كونگودا (كىنشاسا) 6000 ۋەز ئېيتقۇچىلار بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 230000 بولۇپ، 2018-يىلى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئادەم كەلدى. كېنىيىدىكى بەيتەلنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا بولغان ھەممە دۆلەتلەردىكى ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ سانى 100000دىن ئاشتى.
50 يىل بۇرۇن، يەھۋا خۇدا ھەر تۈرلۈك قېرىنداشلار ئارقىلىق پىدائىي خىزمەتنى باشلىشىمغا ياردەم بەرگەنىدى. شۇنچە يىل ئۆتسىمۇ، مەن تېخىغىچە خىجىلچان، بىراق يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايىنىشنى ئۆگەندىم. ئافرىقىدا خىزمەت قىلىپ كۆپ نەرسىنى، مەسىلەن سەۋرچان بولۇش ۋە قولدا بارىغا شۈكۈر قىلىشنى ئۆگەندىم. گېيل ئىككىمىز بىزگە مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن ۋە يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايانغان ئەزىز قېرىنداشلارنى بەك ياخشى كۆرىمىز. مەن يەھۋاغا ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى ئۈچۈن بەكمۇ مىننەتدار. يەھۋا خۇدا خىيالىمغا كىرىپ-چىقمىغان بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈردى.—زەبۇر 37:4.
a كېيىنرەك، «پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىمىز»، دەپ ئاتالغان، ھازىر «ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز يىغىلىش قوللانمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
b «كىتاۋالا» سۆزى سۇۋاخىلى تىلىدا «ھۆكۈمرانلىق قىلىش، باشقۇرۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سىياسىي ئېقىم بېلگىيىدىن مۇستەقىل بولۇشنى كۆزلىگەنىدى. شۇ ئېقىمنىڭ تەرەپدارلىرى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئوقۇپ، باشقىلارغا تارقىتاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆز سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى، خۇراپىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈش ئادىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى بۇرمىلايتتى.