30-تەتقىق ماقالىسى
خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرنىڭ قەلبىگە يول ئېچىڭ
«بەزىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئىنسانلارغا، ھەر خىل ئادەم بولدۇم».—1-كورىنت. 9:22.
45-ناخشا ئالغا باس!
بۇ ماقالىدەa
1. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا، قانداق چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
نەچچە مىڭ يىلىدىن بۇيان، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى قانداقتۇ بىر دىنغا ئىشىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى. خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەر كۆپىيىپ كەتتى. دەرھەقىقەت، بەزى دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن ئادەملەر ھېچ قانداق دىنغا تەۋە ئەمەسb.—مەتتا 24:12.
2. قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆپلىگەن ئادەملەر خۇداغا ئىشەنمەيدىغان بولدى؟
2 قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆپلىگەن ئادەملەر خۇداغا ئىشەنمەيدىغان بولدى؟ بەزىلەر ئويۇن-تاماشىغا ياكى تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىگە بېرىلگەن (لۇقا 8:14). بۇرۇن خۇداغا ئىشەنگەن ئادەملەر دىنسىز بولۇپ كەتكەن. باشقىلىرى بولسا خۇداغا ئىشىنىدۇ، لېكىن دىننىڭ پايدىسى يوق، ئۇ زاماندىن قالغان ۋە ئىلىم-پەن بىلەن ماس كەلمەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بەلكىم، شۇنداق ئادەملەرنى دوستلىرى، مۇئەللىملىرى ياكى ئابرويلۇق كىشىلەر ھايات ئۆزلىكىدىن تەدىرىجى تەرەقىي قىلىپ پەيدا بولغان دېگەنگە ئىشەندۈرگەن. ئەمما، خۇداغا ئىشىنىشنىڭ لوگىكىغا، يەنى مەنتىقىگە ئۇيغۇن سەۋەبلىرىنى بەكمۇ ئاز ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر دىنغا ئۆچ بولۇپ كەتكەن، سەۋەبى بەزى دىنىي رەھبەرلەر پۇل-مال ۋە ھوقۇقنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى جايلاردا ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىش-پائالىيەتلەرنى چەكلىشى ھەم ئادەملەرگە تەسىر قىلغان.
3. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 ئەيسا بىزنىڭ بارلىق خەلقلەردىن شاگىرت تەييارلىشىمىزنى كۈتىدۇ (مەتتا 28:19). خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرگە خۇدانى ياخشى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشقا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ ئادەمنىڭ خۇش خەۋەرنى قانداق قوبۇل قىلىشى ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ياۋروپادىن چىققان ئادەملەر ئاسىيادىن چىققان ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ياۋروپادىكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق بىلىدۇ ۋە خۇدا ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بىراق، ئاسىيادا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق كىچىككىنە بىلىدۇ ياكى ھېچ نېمە بىلمەيدۇ ۋە ياراتقۇچى بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە ئادەملەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مەيلى قانداق بولسۇن، ئۇلارنىڭ قەلبىلىرىگە يول ئېچىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاڭ
4. نېمە ئۈچۈن ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاش كېرەك؟
4 ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاڭ. ھەر يىلى خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەر يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى قارار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى ئەخلاقىي ئۆلچەملەر بويىچە ياشىغان ۋە دىنىي رەھبەرلەرنىڭ ساختىپەزلىكىنى كۆرۈپ نەپرەتلەنگەنلەر. يەنە بەزىلىرى ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرگەن ۋە يامان ئادەتلىرى بولغان. يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن مەڭگۈ ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل ئادەملەرنى تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.—ئەلچى. 13:48؛ 1-تىموت. 2:3، 4.
مۇقەددەس كىتابقا گۇمانى كۆز قاراشتا بولغان ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ۋەز قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىڭ (5، 6-ئابزاسلارغا قاراڭ)c
5. ئادەملەرنى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشقا نېمە دەۋەت قىلىشى مۇمكىن؟
5 مېھرىبان ۋە مۇلايىم بولۇڭ. ۋەز خىزمەتتە ئادەتتە ئادەملەر نېمە ئېيتقانلىقىمىزغا ئەمەس، قانداق سۆزلىگەنلىكىمىزگە دىققەت ئاغدۇرىدۇ. ئادەملەرنى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشقا نېمە ئېيتقىنىمىز ئەمەس، قانداق ئېيتقىنىمىز دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. مېھرىبانلىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەشسەك، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى ئويغىتىشىمىز مۇمكىن. ئادەملەرنى ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشىمىزنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماي، ئۇلارنىڭ دىنغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بەزىلەر ناتونۇش ئادەم بىلەن دىن توغرۇلۇق سۆزلىشىشنى خالىمايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا، خۇدا توغرۇلۇق سوئال سوراشنى ئەدەپسىزلىك، دەپ ھېسابلايدۇ. يەنە بىرلىرى ئۆزىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.— «رەببىمىزنىڭ قۇلى جىدەل-ماجرا قىلماي، بەلكى ھەممىسىگە مۇلايىم بولۇپ، تەلىم بېرىشكە ماھىر، زۇلۇمغا قارشى ئۆزىنى تۇتۇۋالايدىغان بولۇشى كېرەك».—2-تىموت. 2:24.
6. ئەلچى پاۋلۇس ئادەملەر بىلەن قانداق سۆزلەشكەن ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
6 ئەگەر بىز ۋەز خىزمىتىدە «مۇقەددەس كىتاب»، «خۇدا»، «يارىتىلىش»، «دىن» دېگەن سۆزلەرنى قوللانغاندا، ئادەم ئۆزىنى بىر قىسمەن ھېس قىلغانلىقىنى بايقىساق نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟ شۇ چاغدا، ئەلچى پاۋلۇستىن ئۈلگە ئېلىپ، باشقا سۆزلەرنى قوللانساق بولىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس يەھۇدىيلار بىلەن سۆزلەشكەندە، يازمىلاردىكى ئايەتلەرنى قوللانغان. ئەمما، ئۇ ئارېئوپاگۇس دېگەن مەيداندا گرېك پەيلاسوپلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، مۇقەددەس يازمىلاردىن نەقىل كەلتۈرگەنلىكىنى ئۇدۇل ئېيتمىغان (ئەلچى. 17:2، 3، 22—31). پاۋلۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ مۇقەددەس كىتابنى قوبۇل قىلمايدىغان ئادەمنى ئۇچراتقاندا، «مۇقەددەس كىتاب» دېگەن سۆزنى قوللانمىساق بولىدۇ. ئەگەر ئادەم بىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلسا، ئايەتلەرنى باشقا يول بىلەن، مەسىلەن ئېلېكترونلۇق قۇرۇلما ئارقىلىق ئوقۇپ بېرىشكە بولىدۇ.
7. 1-كورىنتلىقلار 9:20—23-ئايەتلەردە ئېيتىلغاندەك، پاۋلۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
7 ئادەملەرنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ ۋە زەن قويۇپ تىڭشاڭ. ئادەمنىڭ كۆز قارىشىغا نېمە تەسىر قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ (پەند. نە 20:5). ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسىگە يەنە دىققەت ئاغدۇرايلى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغان. شۇڭا، ئۇ يەھۋا خۇدا ۋە مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق ئانچە بىلمەيدىغان يات خەلق كىشىلىرىگە ۋەز قىلغاندا باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا توغرا كەلگەن. ئادەملەرنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز ماتېرىياللىرىمىزدىن ئىزدىنىش قىلىپ، تەجرىبىلىك قېرىنداشلاردىن نەسىھەت سورىساق بولىدۇ.—1-كورىنتلىقلار 9:20—23-نى ئوقۇڭ.
8. مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق سۆھبەت باشلاشنىڭ بىر يولى قانداق؟
8 بىزنىڭ مەقسىتىمىز — يەھۋا توغرۇلۇق بىلىشنى خالايدىغان ئادەملەرنى تېپىش (مەتتا 10:11). شۇ مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن ئادەملەرگە سوئال قويۇپ، ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىنى زەن قويۇپ تىڭشىشىمىز كېرەك. ئەنگلىيىدىكى بىر قېرىنداش ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشى، بالىلارنى تەربىيىلەش ۋە ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە سوئاللار قويىدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلاردىن: «2000 يىل بۇرۇن يېزىلغان بۇ مەسلىھەت توغرۇلۇق نېمە ئويلايسىز؟»— دەپ سورايدۇ. كېيىن، «مۇقەددەس كىتاب» دېگەن سۆزنى قوللانماي، شۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى يانفونىدىن ئوقۇپ بېرىدۇ.
ئادەملەرنىڭ قەلبىگە يول ئېچىڭ
9. خۇدا توغرۇلۇق سۆزلىشىشنى خالىمايدىغان ئادەملەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
9 خۇدا توغرۇلۇق سۆزلىشىشنى خالىمايدىغان ئادەملەرنىڭ قەلبىگە يول ئېچىش ئۈچۈن ئۇلار قىزىقىدىغان ماۋزۇلار ھەققىدە سۆزلەشسەك بولىدۇ. مەسىلەن، كۆپ ئادەملەر تەبىئەتكە قاراپ ھەيران قالىدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا مۇنداق سوئاللار قويساق بولىدۇ: «ئالىملار تەبىئەتكە قاراپ كۆپ نەرسىلەرنى ئويلاپ چىقارغانلىقى بىلەن كېلىشىدىغانسىز. مەسىلەن، مىكروفوننى لاھىيىلىگۈچىلەر قولاق ھەققىدە، فوتو-ئاپپاراتنى لاھىيىلىگۈچىلەر كۆز ھەققىدە تەتقىق ئېلىپ بارىدۇ. قانداق ئويلايسىز، قۇلاق بىلەن كۆزنى كىم ياراتتى؟ تەبىئەتتىكى ئاجايىپ نەرسىلەر ئۆز ئۆزىدىن پەيدا بولدىمۇ ياكى ئۇنى بىرسى ياراتتىمۇ؟» جاۋابىنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، مۇنداق، دەپ ئېيتسىڭىز بولىدۇ: «ئالىملار قۇلاقنى ۋە كۆزنى تەتقىق قىلغاندا، ئەسلىدە ئۇلار كىمدىن ئۆگىنىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايسىز؟ قەدىمقى زاماندا ياشىغان بىر شائىرنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ مۇنداق، دەپ يازغان: «قۇلاقنى تىكلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئاڭلىمامدۇ؟ كۆزنى ياسىغۇچىنىڭ ئۆزى كۆرمەمدۇ؟ يات ئەللەرنى تەربىيىلىگۈچى، ئىنسانغا ئەقىل-بىلىم ئۆگەتكۈچى» (زەبۇر 94:9، 10). تور بېكىتىمىزدىكى «تەڭداشلىرىڭىزنىڭ ئوي-پىكىرى»، دېگەن يەردە «تەڭداشلىرىڭىزنىڭ ئوي-پىكىرى — خۇداغا ئىشىنىش» ناملىق فىلىمنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ (مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى > فىلىملەر). ياكى بولمىسا، «مەۋجۇدات ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا بولدىمۇ؟» «ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى» ياكى «مەۋجۇداتنىڭ مەنبەسى. بەش مۇھىم سوئال» (باشقا تىلدا) ناملىق كىتابچىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
10. خۇدا توغرۇلۇق سۆزلىشىشنى خالىمىغان ئادەملەر بىلەن سۆھبەتنى قانداق باشلىساق بولىدۇ؟
10 كۆپ ئادەملەر كېلەچىكىنىڭ ياخشىراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، بەزى ئادەملەر يەر شارى يوق بولۇپ كېتىدۇ ياكى ھايات كەچۈرۈشكە بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، دەپ قورقىدۇ. نورۋېگىيىدە رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان بۇرادەر شۇنداق دەيدۇ، ئادەتتە خۇدا توغرۇلۇق سۆزلىشىشنى خالىمىغان بەزى ئادەملەر دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق سۆزلىشىشنى خالايدۇ. سالاملىشىشقاندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق سوئاللارنى قويىدۇ: «كېلەچەكتە بۇ دۇنيا بەكمۇ گۈزەل بولۇپ كېتەرمۇ، قانداق ئويلايسىز؟ كىم بىزنىڭ كېلەچىگىمىزنى تېخىمۇ ياخشىراق قىلالايدۇ؟ ھۆكۈمەتلەرمۇ، ئالىملارمۇ ياكى باشقا بىرسىمۇ؟» ئاندىن ئۇنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، ئاجايىپ گۈزەل كېلەچەك ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇپ بېرىدۇ. بەزى ئادەملەر مۇقەددەس كىتابتىن يەر يۈزىنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ۋە ئادەملەرنىڭ مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىنى بىلگەندە ھەيران قالىدۇ.—زەبۇر 37:29؛ ۋەز 1:4.
11. نېمە ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز كېرەك ۋە رىملىقلار 1:14—16-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، پاۋلۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
11 ئادەملەر ھەرتۈرلۈك بولغانلىقتىن، بىز ۋەز خىزمىتىدە ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ھەربىر ئادەم ئوخشىمايدۇ. بىر كىشى سۆزلىشىشنى خالىغان ماۋزۇنى، يەنە بىرى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر خۇدا ۋە مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق سۆزلىشىشكە تەييار بولسا، يەنە بەزىلىرى ئاۋۋال باشقا ماۋزۇ توغرۇلۇق پاراڭلىشىشنى خالايدۇ. مەيلى قانداق ۋەزىيەت بولسۇن، ھەرخىل ئادەملەر بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىنى قولدىن چىقارمايلى (رىملىقلار 1:14—16-نى ئوقۇڭ). ئەلۋەتتە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك، ئادالەتنى سۆيگۈچىلەرنىڭ قەلبلىرىدە ھەقىقەت ئۇرۇقىنى ئۆستۈرگۈچى يەھۋا خۇدادۇر.—1-كورىنت. 3:6، 7.
خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرگە ھەقىقەتنى يەتكۈزۈڭ
كۆپلىگەن ۋەز ئېيتقۇچىلار مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى بىلەن ناتونۇش ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، يازمىلاردىكى دانا مەسلىھەتلەر بىلەن بۆلۈشىۋاتىدۇ (12، 13-ئابزاسلىرىغا قاراڭ)
12. ياراتقۇچى ھەققىدە ھېچقاچان ئويلىنىپ كۆرمىگەن ئادەملەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
12 دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ۋە دىنىي ئىش-پائالىيەتلەر چەكلەنگەن دۆلەتلەردىن چىققان ئادەملەرنى ئۇچرىتىدۇ. ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە كۆپ ئادەملەر ياراتقۇچى ھەققىدە ھېچقاچان ئويلىنىپ كۆرمىگەن. ھەر تۈرلۈك نەرىسىلەرگە قىزىقىدىغان بەزى ئادەملەر مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ، يەنە بەزى بىرلىرى يېڭى بىر نەرسىنى قوبۇل قىلىش ياكى ئۆگىنىشتىن قورقىدۇ. ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ تەجرىبىلىك قېرىنداشلار كىشىلەر بىلەن ئاددىي ماۋزۇلار توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا چىن يۈرەكتىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە كېيىن پۇرسەت تېپىپ مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدا قانداق پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.
13. ئادەملەرنىڭ مۇقەددەس كىتابقا بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
13 مۇقەددەس كىتابتىكى ئەمەلىي مەسلىھەتلەر كۆپ ئادەملەرنى قىزىقتۇرىدۇ (ۋەز 7:12). نيۇ-يوركتىكى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەيدىغان ئادەملەرگە ۋەز قىلىدىغان بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى دىققەت بىلەن تىڭشاشقا تىرىشىمەن. باشقا دۆلەتتىن يېقىندا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى بىلگەندە ئۇلاردىن: ‹بۇ يەرگە كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟ ئىش تاپالدىڭىزمۇ؟ يەرلىك ئادەملەر سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ؟›— دەپ سورايمەن. ئادەتتە شۇنداق سۆزلەشكەندە، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەر بىلەن بۆلۈشۈشكە پۇرسەت پەيدا بولىدۇ. مۇۋاپىق پەيتتە، قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ئادەملەر بىلەن تىل تېپىشىپ ئۆتۈشنىڭ سىرى نېمە، سىز قانداق ئويلايسىز؟ سىزگە مۇقەددەس كىتابتىكى بىر دانا نەسىھەتنى كۆرسەتسەم بولامدۇ؟ ‹جېدەلنىڭ باشلىنىشى، توسىمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ، شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن›. سىزنىڭچە، بۇ نەسىھەت ئادەملەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشقا ياردەم بېرەمدۇ؟» (پەند. نە 17:14). شۇنداق سۆھبەتلىشىش ياردىمىدە كىملەرگە قايتا يولۇقۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا بولىدۇ.
14. ئاسىىيادىكى بىر قېرىنداش خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرگە قانداق ۋەز قىلىدۇ؟
14 ئادەم خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتسا، نېمە ئېيتساق بولىدۇ؟ ئاسىيادىكى خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرگە ۋەز قىلىشتا تەجرىبىسى كۆپ قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «ئادەتتە ئادەم «خۇداغا ئىشەنمەيمەن» دەپ ئېيتقاندا، يەرلىك ئادەملەر سەجدە قىلىدىغان ئىلاھلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقۇسى كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئادەتتە ئىلاھلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئادەملەر ياسىغانلىقى ۋە ئۇلار ھەقىقەتەن يوق ئىكەنلىكى بىلەن كېلىشىمەن. ئاندىن، يەرەمىيا 16:20-ئايەتتىكى: «ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە خۇدالارنى ياسىيالامدۇ؟! لېكىن ياسىغىنى خۇدا ئەمەستۇر!»— دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇپ بېرىمەن. كېيىن، ئادەمدىن: «قايسى خۇدا ھەقىقىي ۋە قايسىسى ساختا ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز؟»— دەپ سورايمەن. ئادەمنى زەن قويۇپ تىڭشاپ بولغاندىن كېيىن، مەن يەشايا 41:23-ئايەتلەردىكى سۆزلەرنى ئوقۇپ بېرىمەن. ئۇ يەردە مۇنداق، دەپ يېزىلغان: «سىلەرنىڭ ئىلاھلىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىزگە بايان قىلىڭلار». ئاخىرىدا يەھۋا خۇدا كېلەچەكتىكى ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئالدىن ئالا ئېيتقان بىر مىسالنى كۆرسىتىمەن.
15. ئاسىيادىكى بىر قېرىنداشتىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
15 شەرقىي ئاسىيادا خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۇزۇن ۋاقىت ۋەز قىلغان بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇقەددەس كىتابنىڭ دانالىقىنى ئىسپاتلايدىغان مىساللارنى ۋە ئەمەلگە ئاشقان پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىنى كۆرسىتىمەن ھەم تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى توغرۇلۇق سۆزلىشىمەن. ئاندىن شۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ مەڭگۈ ھايات ۋە دانا ياراتقۇچى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىمەن. ئەگەر ئادەم خۇدانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىسا، مەن مۇقەددەس كىتاب يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىمەن».
16. ئىبرانىيلار 11:6-ئايەتكە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار خۇداغا ۋە مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك ۋە بىز ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
16 خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندە، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك (ئىبرانىيلار 11:6-نى ئوقۇڭ). شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى مۇھىم مەزمۇنلارنى قايتا-قايتا تەكرار تەكىتلەش كېرەك. ھەر قېتىم ئۆگىنىش ئۆتكۈزگەندە مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى دىققەت بىلەن قاراپ چىقىش مۇھىم. مەسىلەن، پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى، ئىلىم-پەن ۋە تارىخىي تەرەپتىن توغرا ئىكەنلىكىنى ياكى يازمىلاردىكى مەسلىھەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قانداق پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىرلىكتە قاراپ چىقىشقا بولىدۇ.
17. بىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئادەملەرگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
17 ئادەملەر خۇداغا ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشىغا ياردەم بېرىمىز (1-كورىنت. 13:1). ئۆگىنىۋاتقان ئادەملەرگە خۇدا بىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە بىزمۇ خۇدانى ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ھەر يىلى دىنغا قىزىقمايدىغان نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر خۇدانى ياخشى كۆرۈپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمەكتە. شۇڭا، ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاڭ ۋە ھەرخىل ئادەملەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ. ئادەملەرنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. ئۆز ئۈلگىڭىز بىلەن باشقىلارغا ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشنى ئۆگىتىڭ.
153-ناخشا مەڭگۈ خۇشاللىق
a بۈگۈنكى كۈندە، بىز خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرنى پات-پات ئۇچرىتىدىغان بولدۇق. ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى قانداق يەتكۈزۈشكە بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابقا ۋە يەھۋا خۇداغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ ھازىر مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
b ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى: ئالبانىيە، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، كانادا، جۇڭگو، چېخىيە، دانىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، شاڭگاڭ، ئىرلاندىيە، ئىسرائىليە، ياپونىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئىسپانىيە، شۋېتسىيە، شۋېيتسارىيە، بۈيۈك برىتانىيە ۋە ۋېتنام.
c سۈرەتتە: بۇرادەر دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان كىشىگە ۋەز قىلىۋاتىدۇ. كېيىن، شۇ كىشى jw.org توربىتىنى كۆرۈۋاتىدۇ.