38-تەتقىق ماقالىسى
«مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي»
«ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي».—مەتتا 11:28.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
بۇ ماقالىدەa
1. مەتتا 11:28—30-ئايەتلەردە، ئەيسا قانداق ۋەدە بەرگەن؟
ئەيسا ئۇنى تىڭشاۋاتقان خەلققە مۇنداق ۋەدە بەرگەن: «ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي» (مەتتا 11:28—30-نى ئوقۇڭ). بۇ سۆزلەر قۇرۇق گەپ ئەمەس ئىدى. بۇنى ئەيسانىڭ ئېغىر كېسەل ئازابى تارتقان ئايالغا ياردەم بەرگەنلىكى ئىسپاتلايدۇ.
2. ئەيسا ئاغرىق ئايال ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
2 ئېغىر كېسەل ئازابى تارتقان ئايال ياردەمگە بەكمۇ موھتاج ئىدى. ئۇ نۇرغۇن دوختۇرلارغا كۆرۈنۈپ، شىپا تېپىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ 12 يىل كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەن، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچكىم ياردەم بېرەلمىگەن. قانۇن بويىچە ئۇ ناپاك، دەپ ھېسابلانغان ئىدى (لاۋى. 15:25). ئاندىن شۇ ئايال ئەيسانىڭ ئاغرىقلارنى ساقايتالايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەشكە باشلىغان. ئۇ ئەيسانى تاپقاندا ئۇنىڭ سىرتقى كىيىمىنىڭ ئېتىگىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، دەرھال ساقىيىپ كەتكەنىدى. بىراق، ئەيسا شۇ ئايالنى ساقايتىپلا قويماي، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسەتكەن. ئەيسا ئۇنىڭغا سۆزلىگەندە ھۆرمەت بىلەن «قىزىم»، دېگەن ئىللىق سۆزنى ئىشلەتكەن. شۇ ئايالنىڭ تەسەللىي ۋە كۈچ-مەدەتكە ئېرىشكەنلىكى شەك-شۈبھىسىزدۇر!—لۇقا 8:43—48.
3. بىز قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
3 بايىقى ئايال ئەيسانى ئىزدەشكە باشلاپ، ئۇ تەشەببۇسكارلىقنى كۆرسەتكەنىدى. ئەيسانىڭ «ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار» دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. ئەيسا بىزنىڭ زامانىمىزدا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ئاغرىقلاردىن ساقايتمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ بىزنى «ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي» دەپ كەينىدىن مېڭىشقا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ماقالىدە، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز: ئەيسانىڭ «ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار» دېگەن سۆزىگە قانداق قولاق سالالايمىز؟ ئەيسانىڭ ‹مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىڭلار› دېگەن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئەيسادىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ بىزگە تاپشۇرۇلغان ئىش بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ؟ ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىپ، قانداق ئاراملىققا ئېرىشەلەيمىز؟
«ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار»
4، 5. ئەيسانىڭ يېنىغا قانداق كېلەلەيمىز؟
4 ئەيساغا كېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىشىمىز كېرەك (لۇقا 1:1—4). ھېچكىم بىز ئۈچۈن ئەيسا توغرۇلۇق ئۆگىنەلمەيدۇ، بۇ ھەربىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى. ئەيساغا ‹كېلىشنىڭ› يەنە بىر يولى — چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ۋە ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇش.
5 جامائەتتىكى ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق بىز ئەيساغا كېلەلەيمىز. ئەيسا ئاقساقاللارغا ئۇنىڭ قويلىرىغا غەمخورلۇق قىلىشنى تاپشۇرغان (ئەفەس. 4:7، 8، 11؛ يۇھاننا 21:16؛ 1-پېتر. 5:1—3). ئاقساقاللاردىن ياردەم سوراش ئۈچۈن ئۆز تەرىپىمىزدىن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. بىز «ئىچىمدىكىنى تاپ» دەپ ئولتۇرمايمىز ۋە ئاقساقاللار بىزگە نېمە كېرەكلىكىنى ئۆزلىرى بىلىدۇ، دەپ كۈتمەيمىز. جۇلىئان ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «سالامەتلىكىم ناچارلاشقانلىقتىن بەيتەلدىن كېتىشىمگە توغرا كەلدى. شۇ چاغدا بىر دوستۇم ئاقساقاللارنىڭ كېلىپ كېتىشىنى سورىمامسەن، دېدى. لېكىن، بۇنىڭ ماڭا نېمە ھاجىتى بار، دەپ ئويلىدىم. كېيىنرەك، بەرىبىر ئاقساقاللاردىن ياردەم ئىزدىدىم ۋە ئاقساقاللارنىڭ كەلگەنلىكى مەن ئۈچۈن بەرىكەت بولدى». جۇلىئانغا يولۇققان ئاقساقاللاردەك، ساداقەتمەن ئاقساقاللار «مەسىھنىڭ ئوي-پىكىرى»گە ئىگە بولۇشقا، يەنى ئەيسانىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ (1-كورىنت. 2:16؛ 1-پېتر. 2:21). ئاقساقاللارنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغاتلارنىڭ بىرى.
مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ
6. ئەيسانىڭ «مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ»، دېگەن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
6 ئەيسا «مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ» دېگەندە، بەلكىم «ماڭا بويسۇنۇڭلار» دېمەكچى بولغان. ياكى بولمىسا، «مېنىڭ بىلەن بىر بويۇنتۇرۇقتا بولۇڭلار ۋە بىللە يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلايلى» دېمەكچى بولغاندۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى قانداق بولمىسۇن، بويۇنتۇرۇق ئاستىغا كىرىش دېگىنىمىز كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
7. مەتتا 28:18—20-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىزگە قانداق ئىش تاپشۇرۇلغان ۋە بىز نېمىدىن گۇمان قىلمىساق بولىدۇ؟
7 ھاياتىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ئەيسانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەيسا مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، دەپ ھەممە ئادەملەرنى چاقىرغان. خۇداغا چىن يۈرەكتىن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ئادەملەرنى ئۇ رەت قىلمايدۇ (يۇھاننا 6:37، 38). يەھۋا ئەيساغا تاپشۇرغان ئىشقا قاتنىشىش شان-شەرىپىگە مەسىھنىڭ ھەممە ئەگەشكۈچىلىرى ئىگە. ئەيسا بۇ ئىشتا دائىم ياردەم بېرىدىغانلىقىغا گۇمان قىلمىساق بولىدۇ.—مەتتا 28:18—20-نى ئوقۇڭ.
«مەندىن ئۆگىنىڭلار»
باشقىلارغا ئەيسادەك تەسەللىي بېرىڭ (8—11-ئابزاسلارغا قاراڭ)b
8، 9. كەمتەر ئادەملەر نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ يېنىدا بولۇشنى خالىغان ۋە ئۆزىمىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇشىمىز كېرەك؟
8 كەمتەر ئادەملەر ئەيسانىڭ يېنىدا بولۇشنى خالىغان (مەتتا 19:13، 14؛ لۇقا 7:37، 38). نېمە ئۈچۈن؟ ئەيسا بىلەن پەرىسىيلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئاسمان بىلەن زېمىندەك بولغان. پەرىسىيلەر تەكەببۇر بولغان ۋە باشقىلارغا سوغاق مۇئامىلە قىلغان (مەتتا 12:9—14). ئەيسا بولسا كۆيۈمچان ۋە كەمتەر بولغان. ئۇلار يۇرتنىڭ ئالدىدا نام-ئاتاققا ئىگە بولغانلىقىدىن ماختىناتتى، ئەمما ئەيسا ھاكاۋۇرلۇقنى ئەيىبلىگەن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە كەمتەر بولۇشنى ۋە باشقىلارغا خىزمەت قىلىشنى ئۆگەتكەن (مەتتا 23:2، 6—11). پەرىسىيلەر خەلقنى قورقۇتۇپ، ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇشقا تىرىشقان (يۇھاننا 9:13، 22). ئادەملەر ئەيسانىڭ ئىللىق سۆزلىرى ۋە مېھرىبانلىقىدىن ئىلھام-مەدەتكە ئېرىشەلەتتى.
9 ئەيسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ: باشقىلار مېنى كەمتەر ۋە تىنچلىقپەرۋەر ئادەم دەپ بىلەمدۇ؟ مەن باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۆزگە ئانچە كۆرۈنمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەييارمۇ؟ باشقىلارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىمەنمۇ؟
10. ئەيسا خىزمەتداشلىرى ئۈچۈن قانداق شارائىت ياراتقان؟
10 ئەيسا خىزمەتداشلىرىغا دوستانە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشىغا شارائىت ياراتقان ۋە تەلىم بېرىشنى ياخشى كۆرگەن (لۇقا 10:1، 19—21). ئۇ شاگىرتلىرىنى سوئال قويۇشقا دەۋەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى بىلىشنى خالىغان (مەتتا 16:13—16). ئۇلار خۇددى پارنىكتا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش گۈللەپ-ياشنىغان. شۇنداقلا شاگىرتلار ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مېۋىلەرنى بەردى. مېۋە دېگىنىمىز — ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرى.
دوستانە بولۇڭ
قىزغىن بولۇڭ
كەمتەر ۋە تىرىشچان بولۇڭc
11. بىز ئۆزىمىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇشىمىز كېرەك؟
11 سىزنىڭ باشقىلار ئۈستىدىن ھوقۇقىڭىز بارمۇ؟ شۇنداق بولسا، ئۆزىڭىزدىن: «مەن ئىشتىكىلىرىمگە ۋە ئۆيدىكىلىرىمگە قانداق مۇئامىلە قىلىمەن؟ مەن باشقىلارنى سوئال سوراشقا دەۋەت قىلىمەنمۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى تىڭشاشقا تەييارمۇ؟»— دەپ سوراڭ. پەرىسىيلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن گۇمانلانغان ئادەملەرگە ئاچچىقلانغان ۋە كۆز قارىشى ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمىغانلارغا رەھىمسىزلارچە مۇئامىلە قىلغان. بىز ھەرگىزمۇ پەرىسىيلەرگە ئوخشاپ قېلىشنى خالىمايمىز.—ماركۇس 3:1—6؛ يۇھاننا 9:29—34.
«كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ»
12—14. ئەيسا بىزگە تاپشۇرغان ئىش نېمە ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇزىدۇ؟
12 ئەيسا بىزگە تاپشۇرغان ئىش نېمە ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇزىدۇ؟ بۇنىڭ بىرنەچچە سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
13 ئەڭ ياخشى يېتەكچىلەر. بىزنىڭ ئەڭ ئالىي يېتەكچىمىز يەھۋا خۇدا، ئۇ ھەرگىزمۇ قوپال ۋە مىننەتدارسىز ئەمەس. ئۇ بىزنىڭ ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەيدۇ (ئىبرانىي. 6:10). يەھۋا خۇدا ۋەزىپىلىرىمىزنى ئورۇنداشقا كېرەكلىك كۈچ بېرىدۇ (2-كورىنت. 4:7؛ گالاتىيا. 6:5). پادىشاھىمىز ئەيسا باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 13:15). بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغان ئاقساقاللار ‹ئۇلۇغ پادىچى› ئەيسانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ (ئىبرانىي. 13:20؛ 1-پېتر. 5:2). ئۇلار بىزنى يېتەكلىگەندە ۋە ھىمايە قىلغاندا، ئەيساغا ئوخشاش مېھرىبان، يۈرەكلىك بولۇشقا ۋە روھىمىزنى كۆتۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ.
14 ئەڭ ياخشى دوستلار. بۇ دۇنيا كىشىلىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، بىزلەر ئوخشاش نىيەت-مەقسەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى بىلەن بىرلەشكەن. ئويلاپ كۆرۈڭ! بىز يۇقىرى ئەخلاقىي ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىدىغان ۋە ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئارتۇق، دەپ ئويلىمايدىغان ئادەملەر بىلەن خىزمەتداش بولۇش نېمە دېگەن ئالاھىدە شان-شەرەپ! ئۇلار قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، ماختانچاق ئەمەس ۋە باشقىلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن ھېسابلايدۇ. بىز ئۇلار ئۈچۈن پەقەت خىزمەتداشلار ئەمەس، چىن دوستلار. دوستلۇق رىشتىمىز شۇنچىلىك مەھكەمكى، ئۇلار بىز ئۈچۈن ھەتتا جېنىنى بېرىشكە تەييار!
15. قىلىۋاتقان ئىشىمىز تۈپەيلى قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز؟
15 ئەڭ ياخشى ئىش. بىز ئادەملەرگە يەھۋا توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئۆگىتىمىز ۋە شەيتاننىڭ يالغان ئىشلىرىنى پاش قىلىمىز (يۇھاننا 8:44). شەيتان ئادەملەرگە كۆتۈرەلمەيدىغان ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويغان. مەسىلەن، شەيتان بىزنىڭ خۇدا گۇناھلىرىمىزنى ھېچقاچان كەچۈرمەيدۇ ۋە ئۇ بىزنى سۆيمەيدۇ دەپ ئىشىنىىشىمىزنى خالايدۇ. نېمە دېگەن ئېغىر يۈك، ئۇچچىغا چىققان يالغانچىلىق! ئەمەلىيەتتە، ئەيسانىڭ يېنىغا ‹كەلسەك›، گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈلىدۇ. يەھۋا ھەممىمىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ! (رىملىقلار 8:32، 38، 39). ئادەملەرگە يەھۋاغا تايىنىشنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈشتىن ئارتۇق خۇشاللىق يوق!
ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا داۋاملىق ئاراملىق تېپىڭ
16. ئەيسا تاپشۇرغان ۋەزىپە باشقا ۋەزىپىلىرىمىزدىن قانداق بىلەن پەرقلىنىدۇ؟
16 ئەيسا تاپشۇرغان ۋەزىپە بىزگە يۈكلەنگەن باشقا ۋەزىپىلەردىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر كۈنلۈك ئىش ئاياقلاشقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ھېرىپ-چارچاپ، ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلمايدۇ، بىراق، بىز ھېرىپ-چارچاشقا قارىماي، ئەيسا مەسىھ بىلەن يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشقا ۋاقىت چىقارساق، ئۆزىمىزنى خۇشال ھېس قىلىمىز. بەزىدە ئىشتىن شۇنچىلىك ھېرىپ كېلىمىزكى، ھەتتا جامائەت يىغىلىشىغا بوينۇمىزدىن سۆرىگەندەك بارىمىز. لېكىن، يىغىلىشتىن ئۆيگە كەلگەندە، ئارام تاپقاندەك بولۇپ، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولىمىز. ۋەز قىلىش ۋە شەخسىي ئۆگىنىشكە ۋاقىت چىقارغاندىمۇ، ئۆزىمىزگە قايتا كۈچ كىرگەندەك ھېس قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە، چىقارغان كۈچىمىزگە قارىغاندا، ئالغان بەرىكەتلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپ!
17. نېمىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ نېمىنى دانالىق بىلەن تاللىشىمىز لازىم؟
17 ھەربىرىمىز كۈچىمىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. شۇڭا، نېمىگە ۋاقىت چىقىرىشنى دانالىق بىلەن تاللىشىمىز لازىم. مەسىلەن، بىز تەر تۆكۈپ مال-مۈلۈك توپلاشقا ئىنتىلىشىمىز مۇمكىن. ئەيسا مەسىھ «مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سورىغان باي يىگىتكە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىگە دىققەت ئاغدۇرۇڭ. باي يىگىت قانۇنلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلغان. ئۇ ياخشى ئادەم بولغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى مارك كىتابىدا ئەيسانىڭ شۇ ياش يىگىتنى ياخشى كۆرگەنلىكى يېزىلغان. ئەيسا ئۇنىڭغا: «بېرىپ ھەممە مال-مۈلىكىڭىزنى سېتىپ، … ماڭا ئەگەشىڭ»،— دەپ ئېيتقان. لېكىن، باي يىگىت غەمكىن بولغان، چۈنكى «ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ» بولغاچ، ئۇلاردىن ۋاز كېچەلمىگەن (ماركۇس 10:17—22). ئاخىرىدا، ئۇ ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىشنى رەت قىلىپ، «بايلىقنىڭ قۇلى» بولۇشنى داۋاملاشتۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئورنىدا سىز بولسىڭىز، نېمە قىلاتتىڭىز؟—مەتتا 6:24.
18. پات-پات نېمە قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
18 ھاياتىمىزدا نېمىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىمىزنى پات-پات تەكشۈرۈشىمىز مۇھىم. نېمە ئۈچۈن؟ كۈچىمىزنى بىكاردىن-بىكار چىقارمىغىنىمىزغا كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن. مارك ئىسىملىك ياش يىگىت مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ يىللار مەن ئاددىي ھايات كەچۈرۈۋاتىمەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولساممۇ، كۆپ پۇل تېپىش ۋە تۇرمۇشىمنى ياخشىلاش توغرىلىقلا ئويلاپ يۈرەتتىم. ھاياتىم نېمىشقا شۇنچە قىيىن بولۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەنمەتتىم. كېيىن، ئۆزۈمنىڭلا غېمىمنى قىلغانلىقىمنى ۋە يەھۋا خۇداغا پەقەت قالغان ۋاقتىم بىلەن كۈچىمنى بەرگەنلىكىمنى چۈشەندىم». مارك يەھۋا خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۆز قارىشىنى ۋە ھايات تەرزىنى ئۆزگەرتكەن. مارك يەنە: «بەزىدە پۇل توغرۇلۇق ئويلاپ ئەندىشە قىلىدىغان ۋاقىتلىرىم بولىدۇ. لېكىن، يەھۋا خۇدانىڭ ۋە ئەيسانىڭ ياردىمى بىلەن مەن ۋەز ئىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويالايمەن»،— دەيدۇ.
19. توغرا كۆز قاراشنى ساقلاش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
19 ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا داۋاملىق ئاراملىق تېپىش ئۈچۈن ئۈچ نەرسىنى قىلىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، توغرا كۆز قاراشنى ساقلاش. بىز يەھۋا خۇدانىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمىز، شۇڭا ئۇنىڭ ئىشىنى ئۇ خالىغاندەك قىلىشىمىز مۇھىم. چۈنكى، بىز خىزمەتچىلەر، يەھۋا بىزنىڭ خوجايىنىمىز (لۇقا 17:10). ئەگەر ئۆزىمىز بىلگەننى قىلماقچى بولساق، بىز بويۇنتۇرۇققا قارىشى ھەرىكەت قىلغان بولىمىز. ھەتتا، ئەڭ كۈچلۈك بۇقىمۇ بويۇنتۇرۇقنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان خوجايىنىغا بويسۇنماي، ئۆزى خالىغاندەك ماڭماقچى بولسا، ئۆز-ئۆزىنى يارىلاندۇرىدۇ ياكى بەك ھاردۇرۇپ قويىدۇ. لېكىن، بىز يەھۋاغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ يول-يورۇقىغا قۇلاق سالساق، قىلالمايمەن دېگەن ئىشنى قىلالايمىز. ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئورۇنلىنىشىغا ھېچكىم كاشىلا بولالمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.—رىملىقلار 8:31؛ 1-يۇھاننا 4:4.
20. ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قانداق نىيەت بىلەن كىرىشىمىز كېرەك؟
20 ئىككىنچى، توغرا نىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىش. بىزنىڭ مەقسىتىمىز — كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش. بىرىنچى ئەسىردىكى ئۆز پايدىسىنى كۆزلەپ خىزمەت قىلغان ئاچكۆز ئادەملەر كۆپ ئۆتمەي ئۆزلىرىنى بەختسىز ھېس قىلىپ، ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇقىنى رەت قىلغان (يۇھاننا 6:25—27، 51، 60، 66؛ فىلىپى. 3:18، 19). لېكىن، خۇدانى ۋە باشقىلارنى چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرۇپ خىزمەت قىلغان ئادەملەر ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا كىرىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ماڭغان ۋە ئەيسا بىلەن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈمىدىگە ئىگە بولغان. بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇقىنى توغرا نىيەت بىلەن كۆتۈرۈپ ماڭساق، بەختكە ئېرىشىمىز.
21. مەتتا 6:31—33-ئايەتكە ئاساسەن بىز نېمىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك؟
21 ئۈچىنچى، يەھۋانىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش. بىز ئۆزىمىزدىن ۋاز كېچىپ، تەر تۆكۈپ خىزمەت قىلىشنى ئۆزىمىز تاللىدۇق. ئەيسا بىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن، يەھۋا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. داۋاملىق قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-بەرداشلىق بەرسەك، ئېتىقادىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ (ياقۇپ 1:2—4). بىز يەھۋا خۇدانىڭ كېرەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى بېرىدىغانلىقىغا، ئەيسانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ۋە ئېتىقادداشلىرىمىز بىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغانغا ئىشىنىمىز. (مەتتا 6:31—33-نى ئوقۇڭ؛ يۇھاننا 10:14؛ 1-سالونىكا. 5:11). قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە نېمە كېرەك؟
22. بىز نېمە ئۈچۈن مىننەتدار؟
22 ئەيسا ئېغىر كېسەلدىن ساقايتقان ئايال شۇ كۈنىلا تەسەللىيگە ئېرىشكەن ئىدى. لېكىن، داۋاملىق تەسەللىيگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشى كېرەك ئىدى. قانداق ئويلايسىز، شۇ ئايال شاگىرتى بولدىمۇ؟ ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەيسانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ شاگىرتى بولسا، ئۇ ئەيسا بىلەن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيتتى! شۇ ئايال ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇش ئۈچۈن مەيلى قانداق قۇربانلىق بەرسۇن، ئېرىشكەن بەرىكەتلىرى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۈمىدىمىز مەيلى ئاسماندا ياكى يەردە مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈش بولسۇن، ئەيسانىڭ «ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار!» دېگەن چاقىرىقىغا قۇلاق سالغىنىمىز ئۈچۈن مىننەتدار بولىمىز.
5-ناخشا مەسىھ ئۈلگىمىز
a ئەيسا بىزنى ئۇنىڭغا كېلىشكە چاقىرىدۇ. بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟ بۇ ماقالە مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە ئەيسا بىلەن خىزمەتداش بولۇش، بىزگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.
b سۈرەتتە: ئەيسا باشقىلارغا ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەسەللىي بەرگەن.
c سۈرەتتە: ئەيساغا ئوخشاش، بۇرادەرمۇ باشقىلارغا ھەرخىل ئۇسۇللاردا تەسەللىي بېرىۋاتىدۇ.