كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 يانۋار 3-‏8 ب.‏
  • ‏«ئۇ ھالىدىن كە‌تكە‌نلە‌رگە قۇ‌درە‌ت بېرىدۇ»‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ‏«ئۇ ھالىدىن كە‌تكە‌نلە‌رگە قۇ‌درە‌ت بېرىدۇ»‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋاغا ئۈمىد باغلاپ كۈتكە‌نلە‌رنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ
  • قېرىنداشلىرىمىز كۆڭلۈمىزنى رە‌نجىتسە
  • ئۆتمۈشتە قىلغان گۇ‌ناھلىرىمىزغا ئۆكۈنۈش
  • ‏«ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رگە ئاراملىق بېرە‌ي»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز بىلە‌ن داۋاملىق باشقىلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • يە‌ھۋا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • يە‌ھۋا سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 يانۋار 3-‏8 ب.‏
قېرىنداش دوختۇ‌ر بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتىدۇ،‏ ئىشىنى قىلىۋاتىدۇ،‏ ياشانغان تۇ‌ققىنىنى ئاسراۋاتىدۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتىدۇ

‏«ئۇ ھالىدىن كە‌تكە‌نلە‌رگە قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىدۇ» 2018-‏يىللىق ئايە‌ت:‏

‏«پە‌رۋە‌ردىگارغا [يە‌ھۋاغا] ئۈمىد باغلاپ كۈتكە‌نلە‌رنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ» (‏يە‌شايا 40:‏31)‏.‏

ناخشىلار:‏ 152،‏ 51

تۆۋە‌ندىكى ئايە‌تلە‌ر يىللىق ئايە‌تنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • يە‌شايا 40:‏26

  • مە‌تتا 11:‏28—‏30

  • كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 12:‏9،‏ 10

1.‏ بىز قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز؟‏ لېكىن نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

بۇ دۇ‌نيادا ياشاش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپلىگە‌ن ئە‌زىز قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر كېسە‌للىكنىڭ ئازابىنى تارتماقتا.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى يېشى چوڭ بولسىمۇ،‏ ياشانغان ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشى كېرە‌ك.‏ باشقا قېرىنداشلار ئۈچۈن ئائىلىسىنى تە‌مىنلە‌ش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىز بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ پە‌قە‌ت بىرىگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بىرنە‌چچىسىگە دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بۇ‌نىڭغا كۆپ ۋاقتىمىز،‏ كۈچىمىز ۋە پۇ‌لىمىز كېتىدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ ۋە‌زىيە‌تنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز،‏ چۈنكى خۇ‌دا بۇ‌نى ۋە‌دە قىلغان.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ بۇ ۋە‌دىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ!‏

2.‏ يە‌شايا 40:‏29 بىزگە قانداق تە‌سە‌للىي بېرىدۇ؟‏ قانداق ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

2 ئە‌مما،‏ بە‌زىدە قىيىنچىلىقلىرىڭىزغا بە‌رداشلىق بېرىش ھە‌ددىدىن زىيادە قىيىن بولۇ‌پ كۆرۈنە‌مدۇ؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ سىز يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س.‏ خۇ‌دانىڭ قە‌دىمدىكى بە‌زى خىزمە‌تچىلىرىمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 19:‏4؛‏ ئايۇ‌پ 7:‏7)‏.‏ ئۇ‌لارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ كۈچ بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دا «ھالىدىن كە‌تكە‌نلە‌رگە قۇ‌درە‌ت بېرىدىغانلىقى» ئېيتىلغان (‏يە‌شايا 40:‏29)‏.‏ ئە‌پسۇ‌سكى،‏ بۈگۈن خۇ‌دانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يولى —‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى بىردە‌م توختىتىپ تۇ‌رۇ‌ش دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئويىچە،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش —‏ بە‌رىكە‌ت ئە‌مە‌س،‏ ئېغىر يۈكتۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش،‏ ئۇ‌چرىشىشلارغا قاتنىشىش ھە‌م ۋە‌ز قىلىشنى توختىتىدۇ.‏ شە‌يتان دە‌ل مۇ‌شۇ‌نى كۆزلە‌يدۇ.‏

3.‏ ئا)‏ شە‌يتاننىڭ بىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌شىغا يول قويماسلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ ئە)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى قۆرۈپ چىقىمىز؟‏

3 شە‌يتان بىزنىڭ كۈچلۈك بولۇ‌شىمىزنى خالىمايدۇ.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش بىلە‌ن بە‌نت بولساق،‏ كۈچلۈكرە‌ك بولىدىغانلىقىمىزنى ئۇ ياخشى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ جىسمانىي ياكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن ماغدۇ‌رسىزلىنىپ كە‌تسىڭىز،‏ يە‌ھۋادىن يىراقلاشماڭ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «[خۇ‌دا] مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ سىلە‌رنى كۈچلۈك قىلىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏10؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏ بۇ ماقالىدە بىز يە‌شايا 40:‏26—‏31 ئايە‌تلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى كۈچلۈك قىلالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش قىزغىنلىقىمىزنى يوقىتىشقا سە‌ۋە‌ب بولىدىغان ئىككى خىل ۋە‌زىيە‌تنى قاراپ چىقىمىز.‏ شۇ‌نداقلا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى تە‌دبىقلاش بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

يە‌ھۋاغا ئۈمىد باغلاپ كۈتكە‌نلە‌رنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ

4.‏ يە‌شايا 40:‏26دىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

4 يە‌شايا 40:‏26نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھېچكىم كائىناتتىكى ھە‌ممە يۇ‌لتۇ‌زلارنى ساناپ چىقالمايدۇ.‏ ئالىملار سامان يولى سېستىمىسىنىڭ ئۆزىدە 400 مىليارد يۇ‌لتۇ‌ز بار،‏ دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ يۇ‌لتۇ‌زلار شۇ‌نچىلىك كۆپ بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ربىرىگە نام بە‌رگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ جانسىز يۇ‌لتۇ‌زلارنىڭ ھە‌ربىرىگە شۇ‌نداق ئايرىم-‏ئايرىم كۆڭۈل بۆلسە،‏ سىزگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلمە‌مدۇ؟‏!‏ سىز خۇ‌داغا مە‌جبۇ‌رىي ھالدا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن خىزمە‌ت قىلىسىز (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏1،‏ 3،‏ 14)‏.‏ ئە‌رشتىكى ئاتىمىز سىز توغرىسىدا ھە‌ممىنى بىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «سىلە‌رنىڭ بولسا،‏ ھە‌تتا بېشىڭلاردىكى چېچىڭلارمۇ سانالغان»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏مە‌تتا 10:‏30‏)‏.‏ يە‌ھۋا «كۆڭلى دۇ‌رۇ‌سلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏18)‏.‏ بە‌ك ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ھە‌ممە قىيىنىچىلىقىڭىزنى كۆرىدۇ ۋە شۇ‌لارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شتا زۆرۈر بولىدىغان كۈچنى ھە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

5.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرە‌لە‌يدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏

5 يە‌شايا 40:‏28نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا —‏ بارلىق كۈچ-‏قۇ‌درە‌تنىڭ مە‌نبە‌سى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ قۇ‌ياشقا بە‌رگە‌ن ئېنىرگىيىسىنىڭ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىنى ئالايلى.‏ دېيۋىد بودانىس ئىسىملىك ئىلم-‏پە‌ن يازغۇ‌چىسىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ قۇ‌ياشنىڭ بىر سېكۇ‌نت ئىچىدە تارقىتىدىغان قۇ‌ۋىتى مىللىياردلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچ-‏قۇ‌ۋىتىگە تە‌ڭ كېلىدىكە‌ن.‏ باشقا بىر تە‌تقىقاتچى ھېسابلاپ چىققان مە‌لۇ‌ماتقا ئاساسلانغاندا،‏ قۇ‌ياش ھە‌ر سېكۇ‌نت دۇ‌نيادىكى بارلىق ئىنسانىيە‌تكە 200000 يىلغا يە‌تكۈدە‌ك كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تنى تارقىتىدىكە‌ن!‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ قۇ‌ياشقا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىدىغان يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ بىزگىمۇ قىيىنچىلىققا بە‌رداشلىق،‏ بېرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۈچ قۇ‌ۋۋىتىنى بېرە‌لە‌يدۇ.‏

6.‏ ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قى قايسى مە‌نىدە قولايلىق ۋە بۇ‌نى بىلىش سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

6 يە‌شايا 40:‏29نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش زور خۇ‌شاللىق ئاتا قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا:‏ «بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قۇ‌منى بوينۇ‌ڭلارغا ئېلىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ بىراق،‏ كېيىن ماۋۇ سۆزنى قوشۇ‌پ قويغان:‏ «شۇ چاغدا جېنىڭلار تە‌سكىنلىك تاپىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قۇ‌م قولايلىق ۋە يۈكۈم يېنىك» (‏مە‌تتا 11:‏28—‏30‏)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌نمۇ شۇ‌نداق!‏ بە‌زىدە،‏ جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشىغا ياكى ۋە‌ز قىلىشقا بېرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۆزۈمىزنى شۇ‌نداق چارچىغاندە‌ك ھېس قىلىمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئۆيگە قايتقاندىچۇ،‏ ئۆزۈمىزنى قانداق ھېس قىلىمىز؟‏ جانغا تە‌سكىن تېپىپ روھلىنىپ،‏ قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شقا تە‌ييارلانغاندە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىمىز.‏ ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌غى ھە‌قىقە‌تە‌ن جانغا ئارام بېرىدۇ.‏

7.‏ مە‌تتا 11:‏28‏—‏30دىكى سۆزلە‌رنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

7 بىر قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ سوزۇ‌لما خاراكتېرلىك چارچاش كېسىلى،‏ چۈشكۈنلىشىش ۋە شۇ‌نداقلا دائىملىق باش ئاغرىقى بىلە‌ن ئازاب چېكىدىكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌زىدە ئۇ‌نىڭغا ئۇ‌چرىشىشلارغا بېرىش ئىنتايىن قىيىن بولغان.‏ ئە‌مما،‏ بىر كۈنى بار كۈچىنى يىغىپ ئۇ‌چرىشىشقا بارغاندىن كېيىن،‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغانىدى:‏ «شۇ كۈنى ئېيتىلغان نۇ‌تۇ‌ق چۈشكۈنلۈك ھە‌ققىدە بولغان.‏ ناتىقنىڭ ئالاھىدە تە‌كىتلە‌پ،‏ كۆيۈنۈپ ئېيتقانلىرى ماڭا قاتتىق تە‌سىر قىلىپ،‏ كۆزۈمگە ياش ئالدىم.‏ شۇ چاغدا جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىنىڭ ماڭا قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندىم».‏ ئۇ‌چرىشىشقا بېرىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىمدىن ئۇ بە‌ك خۇ‌شال بولدى!‏

8،‏ 9.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ «ئاجىز ۋاقتىمدا كۈچلۈكمە‌ن» دېگە‌ن سۆزلىرىنىڭ مە‌نىسى نېمە؟‏

8 يە‌شايا 40:‏30نى ئوقۇ‌ڭ.‏ مە‌يلى قولۇ‌مىزدىن قانچىلىك كۆپ ئىش كە‌لسۇ‌ن،‏ ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ شۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىپ بولالمايدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ كۆپ ئىشلارنى قىلىش قابىلىيىتى بولغان بولسىمۇ،‏ بىراق خالىغاننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلالمىغان.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا ئىچ-‏باغرىنى تۆككە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا:‏ «مېنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا مۇ‌كە‌ممە‌للىشىدۇ»،‏—‏ دېدى.‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۋانىڭ نېمە دېمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌نلىكتىن:‏ «مە‌ن ئاجىز ۋاقتىمدا كۈچلۈكمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 12:‏7—‏10)‏.‏ پاۋلۇ‌س نېمىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تقان؟‏

9 پاۋلۇ‌س ئۆز كۈچى بىلە‌ن قىلالايدىغان نە‌رسىلە‌رنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا ئۇ ئۆزىدىن قۇ‌درە‌تلىك بىرسىنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولغان.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى پاۋلۇ‌سقا ئاجىزلىشىپ قالغان چاغدا كۈچ بېرە‌لە‌يتى.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ پاۋلۇ‌سقا ھە‌تتا ئۆز كۈچى بىلە‌ن قىلالمايدىغان ئىشلارنى ئورۇ‌نداشقا كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت ئاتا قىلاتتى.‏ بىزنىڭ ۋە‌زىيىتىمىزدىمۇ دە‌ل شۇ‌نداق.‏ يە‌ھۋا بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بە‌رگە‌ندە،‏ بىز ھە‌قىقە‌تە‌ن كۈچلۈك بولۇ‌مىز!‏

10.‏ يە‌ھۋا داۋۇ‌تنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

10 زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى داۋۇ‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ كۈچىنى ئۆز ھاياتىدا كۆپ قېتىم كۆرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق كۈيلىگە‌ن:‏ «سە‌ن ئارقىلىق دۈشمە‌ن قوشۇ‌نى ئارىسىدىن يۈگرە‌پ ئۆتتۈم؛‏ سە‌ن خۇ‌دايىم ئارقىلىق مە‌ن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم» (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏29)‏.‏ كاتتا سېپىل تامدىن ئاتلاپ ئۆتۈش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س بولغاندە‌ك،‏ بە‌زىدە قىيىنچىلىقلىرىمىز بە‌كمۇ ئېغىر بولغاچ،‏ ئۇ‌لارنى ئۆز كۈچىمىز بىلە‌ن ھە‌ل قىلالمايمىز.‏ بىزگە چوقۇ‌م يە‌ھۋانىڭ ياردىمى كېرە‌ك.‏

11.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ قانداقلارچە قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 يە‌شايا 40:‏31نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۈركۈت ئاسماندا پە‌رۋاز قىلغاندا،‏ پە‌قە‌ت ئۆزىنىڭ كۈچىنىلا ئىشلە‌تمە‌يدۇ.‏ ئىللىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچى بۈركۈتنى يۇ‌قىرى كۆتۈرىدۇ.‏ بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۇ‌زاق ۋاقىت ئۇ‌چۇ‌پ،‏ كۈچىنى تېجە‌پ قالالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ جېنىڭىزنى قىينايدىغان قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە بۈركۈتلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردە‌مچى«سى»،‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ،‏ ئارقىلىق كۆپرە‌ك كۈچ بېرىشىنى ئۆتۈنۈڭ (‏يوھاننا 14:‏26)‏.‏ بىز يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ھە‌رقانداق ۋاقىتتا،‏ كۈندە 24 سائە‌ت سورىيالايمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە،‏ بولۇ‌پمۇ بىرە‌ر قېرىندىشىمىز بىلە‌ن ئۇ‌قۇ‌شماسلىك پە‌يدا بولغاندا تېخىمۇ مۇ‌ھتاج،‏ بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق كېلىشمە‌سلىكلە‌ر نېمىشقا پە‌يدا بولىدۇ؟‏

12،‏ 13.‏ ئا)‏ نېمىشقا مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ئارىسىدا بە‌زىدە ئۇ‌قۇ‌شماسىقلار بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ؟‏ ئە)‏ يۈسۈپنىڭ ھاياتىدىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز؟‏

12 ھە‌ممىمىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ كېلىشمە‌سلىكلە‌ر پە‌يدا بولىدۇ.‏ بە‌لكىم بە‌زىدە بىرىنىڭ ئېيتقان سۆزى ھە‌م ئىشى بىزنى تېرىكتۈرۈشى ياكى ئۆزۈمىزمۇ باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ قىيىن سىناق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يە‌ھۋاغا بولغان سادىقلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىگە قارىماستىن ياخشى كۆرىدۇ،‏ شۇ‌ڭا بىزمۇ ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏

زىنداندىكى يۈسۈپ

يە‌ھۋا يۈسۈپنى تاشلىمىغان ۋە ئۇ سىزنىمۇ تاشلىمايدۇ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13 يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى سىناقلارغا ئۇ‌چراشتىن توسۇ‌پ قويمايدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا يۈسۈپنىڭ ھاياتى ئىسپات.‏ يۈسۈپنىڭ ياش چېغىدا ئاكىلىرى ئۇ‌نىڭغا ئىچى تارلىق قىلدى.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نى قۇ‌للۇ‌ققا سېتىۋە‌تتى،‏ ئاندىن يۈسۈپ مىسىرغا ئېلىپ كېتىلدى (‏يارىتىلىش 37:‏28)‏.‏ يە‌ھۋا بولۇ‌ۋاتقان ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ دوستى ۋە سادىق خىزمە‌تچىسى بولغان،‏ يۈسۈپكە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىنغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ يۈرىكى ئاغرىغانلىقى سۆزسىز.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا بۇ ئىشلارغا ئارىلاشمىدى.‏ كېيىنىرە‌ك يۈسۈپ پوتىپارنىڭ ئايالىنىڭ نۇ‌مۇ‌سىغا تە‌گمە‌كچى بولغان،‏ دە‌پ قارلىنىپ زىندانغا تاشلانغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رمىدى.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دا يۈسۈپنى تاشلىۋە‌تتىمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ ئە‌كسىچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئىدى،‏ ئۇ نېمىلا قىلمىسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت بېرە‌تتى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏يارىتىلىش 39:‏21—‏23)‏.‏

14.‏ قە‌ھر-‏غە‌زە‌پتىن ساقلىنىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

14 داۋۇ‌تنىڭمۇ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر داۋۇ‌ت كۆرگە‌ن خورلۇ‌قنى ھېچقاچان كۆرمىگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌شۇ دوستى ئۆزىنىڭ قە‌ھر-‏غە‌زىپتىن يېرىلىپ كېتىشىگە يول بە‌رمىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ ‏«ئاچچىقىڭدىن يان،‏ غە‌زە‌پتىن قايت،‏ ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە،‏ چۈنكى ئۇ پە‌قە‌ت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏8)‏.‏ ئاچچىقىدىن يېنىش ياكى غە‌زىپى بېسىلىشنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىشنى خالىغانلىقىمىز.‏ ئۇ «بىزنىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزغا قارىتا مۇ‌ئامىلە قىلمايدۇ»،‏ ئە‌مما گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏10)‏.‏ غە‌زە‌پكە تولماسلىقنىڭ ئە‌مە‌لىي پايدىسى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ غە‌زە‌پلىنىشتىن قان بېسىمى كۆتىرىلىشى ياكى نە‌پە‌س ئېلىش ئە‌زالىرى زىيانغا ئۇ‌چراپ ئاغرىقلار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ جېگە‌ر،‏ ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە تاماقنى ھە‌زىم قىلىش سىستېمىسى ناچارلىشىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ غە‌زە‌پلە‌نگە‌ندە دىققە‌تنى مە‌ركە‌زلە‌شتۇ‌رۇ‌پ ئويلاش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ سۆزۈمىز ياكى ئىشىمىز بىلە‌ن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغاندىن كېيىن،‏ ئۆزۈمىزمۇ ئۇ‌زاققىچە چۈشكۈنلۈككە بېرىلىپ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ «سە‌ۋىرنىڭ تېگى —‏ ئالتۇ‌ن» دېگە‌ندە‌ك،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاش ئە‌ڭ ياخشى يول.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «خاتىرجە‌م كۆڭۈل تە‌ننىڭ ساقلىقىدۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏30)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئېتىقادچى قېرىنداشلار كۆڭلۈمىزنى رە‌نجىتسە،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ئىناقلىقنى قانداق ساقلىيالايمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دانا مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالساق بولىدۇ.‏

قېرىنداشلىرىمىز كۆڭلۈمىزنى رە‌نجىتسە

15،‏ 16.‏ بىزنى بىرسى خاپا قىلسا،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏26نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان ئادە‌ملە‌ر كۆڭلۈمىزنى رە‌نجىتسە،‏ ھە‌يران قالمايمىز.‏ بىراق،‏ ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز ياكى ئائىلە ئە‌زالىرىمىز بىزنى گە‌پ-‏سۆز ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن خاپا قىلسا،‏ بۇ كۆڭلۈمىزگە قاتتىق تېگىدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا ئۇ‌لارنى كە‌چۈرۈش قىيىن بولسىچۇ؟‏ شۇ ئاچچىقلىنىپ يۈرۈپ،‏ ھە‌تتا نۇ‌رغۇ‌ن يىل يۈرىكىمىزدە ئاداۋە‌تنى ساقلاپ قالىمىزمۇ؟‏ ياكى مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانا مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سالىمىزمۇ؟‏ ئۇ‌قۇ‌شماسلىقنى ھە‌ل قىلىشنى قانچە ئۇ‌زاققا سوزساق،‏ ئىناق-‏ئىتتىپاق بولۇ‌ش شۇ‌نچە قىيىن بولىدۇ.‏

16 قېرىندىشىڭىزغا بولغان ئاچچىقىڭىزنى ھېچ ئۇ‌نتالماي،‏ ئۇ ھە‌ققىدە قايتا-‏قايتا ئويلاۋە‌رسىڭىزچۇ؟‏ ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ بىرىنچىدىن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ قېرىندىشىڭىز بىلە‌ن ياخشى سۆھبە‌تتە بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراپ يالۋۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌مۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ دوستى ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏14)‏.‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆز دوستلىرىغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن قارايدۇ،‏ بىزدىنمۇ شۇ‌نداق قىلىشنى كۈتىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏23؛‏ مە‌تتا 7:‏12؛‏ كولوسىلىقلارغا 4:‏6)‏.‏ ئىككىنچىدىن قېرىندىشىڭىزغا نېمە ئېيتىدىغانلىقىڭىزنى ياخشىراق ئويلاڭ.‏ ئۇ سىزنى قە‌ستە‌ن رە‌نجىتتى،‏ دە‌پ ئويلىماڭ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز شۇ ئە‌ھۋالنى خاتا چۈشىنىپ قالغانسىز.‏ ياكى شۇ قىيىنچىلىقنىڭ پە‌يدا بولىشىغا سىزمۇ ئازدۇ‌ر-‏كۆپتۇ‌ر سە‌ۋە‌بچى بولغانسىز،‏ بۇ‌نى ئېتىراپ قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ سۆھبە‌تنى مۇ‌شۇ‌نداق باشلاپ كۆرۈڭ:‏ «بە‌لكىم،‏ مە‌ن بە‌ك كۆپ ئويلاپ كە‌تكە‌ندىمە‌ن،‏ لېكىن تۈنۈگۈن ئېيتقان سۆزلىرىڭىز ماڭا.‏.‏.‏ ».‏ گە‌رچە بۇ سۆھبە‌ت ئىناقلىقنى ساقلاشقا ياردە‌م بە‌رمىسىمۇ،‏ يە‌نىلا تىرىشىپ كۆرۈڭ.‏ قېرىندىشىڭىز ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا بە‌رىكە‌ت بە‌رسۇ‌ن،‏ دە‌پ سوراڭ،‏ ئۇ‌نىڭ ياخشى خىسلە‌تلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ خۇ‌دانىڭ دوستى بولغان قېرىندىشىڭىز بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلاشقا چىن يۈرە‌كتىن تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزغا يە‌ھۋا رازى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.‏

ئۆتمۈشتە قىلغان گۇ‌ناھلىرىمىزغا ئۆكۈنۈش

17.‏ گۇ‌ناھ قىلغاندا يە‌ھۋا بىزگە قايتا ئۆزى بىلە‌ن يېڭى مۇ‌ناسىۋە‌تنى تىكلە‌شكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ ۋە نېمىشقا بۇ ياردە‌منى قوبۇ‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17 ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغانلىقتىن،‏ بە‌زى قېرىنداشلار ئۆزىنى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا لايىق ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ ھېس قىلىدۇ.‏ ۋىجدان ئازابى بىزنى خاتىرجە‌ملىك،‏ خۇ‌شاللىق ۋە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تتىن ئايرىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ۋىجدان ئازابىدىن قىينالغان داۋۇ‌ت پادىشاھ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىراق مە‌ن گۇ‌ناھىمنى ئېتىراپ قىلماي سۈكۈت قىلغان ئىكە‌نمە‌ن،‏ كۈن بويى نالە-‏پە‌رياد كۆتۈرۈشۈم بىلە‌ن سۆڭە‌كلىرىم قېرىپ كە‌تتى،‏ چۈنكى سېنىڭ مېنى باسقان قولۇ‌ڭ ماڭا كېچە-‏كۈندۈز ئېغىر بولدى».‏ بە‌ختكە يارىشا،‏ داۋۇ‌ت غە‌يرە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە قويغان تە‌لىپىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلغانىدى.‏ «ئە‌مدى مە‌ن گۇ‌ناھىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئېتىراپ قىلدىم،‏ .‏.‏.‏ سە‌ن مېنىڭ گۇ‌ناھىمنىڭ رە‌زىللىكىنى كە‌چۈرۈم قىلدىڭ»،‏—‏ دە‌پ يازغان داۋۇ‌ت (‏زە‌بۇ‌ر 32:‏3—‏5)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئېغىر گۇ‌ناھ قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا سىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار.‏ ئۇ سىزگە قايتا ئۆزى بىلە‌ن يېڭى مۇ‌ناسىۋە‌تنى تىكلە‌شكە ياردە‌م بە‌رگۈسى كېلىدۇ.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئاقساقاللار ئارقىلىق بېرىدىغان ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىشىڭىز زۆرۈر (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏16؛‏ ياقۇ‌پ 5:‏13—‏15)‏.‏ شۇ‌ڭا كېچىكتۈرمە‌ڭ!‏ سىزنىڭ مە‌ڭگۈ ياشىشىڭىز بۇ‌نىڭغا باغلىق.‏ بىراق،‏ گۇ‌ناھىڭىز كە‌چۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ ئۆزىڭىزنى ئە‌يىبلە‌ۋە‌رسىڭىزچۇ؟‏ شۇ چاغدا نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

18.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا لايىق ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رگە پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالى قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ‌رۇ‌ن قىلغان گۇ‌ناھلىرى ھە‌ققىدە ئويلاپ قايغۇ‌رغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئە‌لچىلە‌رنىڭ ئارىسىدا ئە‌ڭ تۆۋىنى ھە‌م ئە‌لچى،‏ دە‌پ ئاتىلىشقىمۇ لايىقسىز،‏ چۈنكى مە‌ن خۇ‌دانىڭ جامائىتىگە زىيانكە‌شلىك قىلغان ئىدىم».‏ كېيىن:‏ «ئە‌مما رە‌ببىمنىڭ مول مېھىرلىكى بويىچە مە‌ن ھازىر سىلە‌ر كۆرۈۋاتقان دە‌رىجىگە يە‌تتىم»‏‏،‏—‏ دېگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏9،‏ 10)‏.‏ يە‌ھۋا پاۋلۇ‌سنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى بۇ‌رۇ‌نقى خاتالىقلىرىغا قارىماستىن قوبۇ‌ل قىلدى ۋە پاۋلۇ‌سنىڭ بۇ‌نى بىلىشىنى خالىغان.‏ ئە‌گە‌ر قىلغان گۇ‌ناھلىرىڭىزغا ھە‌قىقە‌تە‌ن توۋا قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا ۋە ئە‌گە‌ر كېرە‌ك بولسا ئاقساقاللارغا ئېيتسىڭىز،‏ يە‌ھۋا سىزنى چوقۇ‌م كە‌چۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا سىزنى كە‌چۈرگە‌نلىكىگە ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولسۇ‌ن!‏ (‏يە‌شايا 55:‏6،‏ 7)‏.‏

19.‏ 2018-‏يىللىق قايسى ئايە‌ت ۋە مۇ‌شۇ ئايە‌تنىڭ تاللانغانلىقى نېمىشقا ئورۇ‌نلۇ‌ق؟‏

19 مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسىرى،‏ قىيىنچىلىقلىرىمىز كۆپىيىدۇ.‏ لېكىن،‏ «ھالىدىن كە‌تكە‌نلە‌رگە قۇ‌درە‌ت» ۋە «ماغدۇ‌رسىزلارغا.‏.‏.‏ قۇ‌درە‌ت-‏بە‌رداشلىقنى» بېرىدىغان يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ سىزنىڭ سادىق خىزمە‌ت قىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرە‌ك بولغان ھە‌ممە نە‌رسىنى بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ (‏يە‌شايا 40:‏29؛‏ زە‌بۇ‌ر 55:‏22؛‏ 68:‏19)‏.‏ ھە‌ر قېتىم ئىبادە‌ت قىلىدىغان زالغا كېلىپ،‏ 2018-‏يىللىق ئايە‌تنى كۆرگە‌ندە،‏ بىز مۇ‌شۇ مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تنى ئە‌ستە ساقلايدىغان بولىمىز:‏ يە‌ھۋاغا ئۈمىد باغلىغانلار قايتىدىن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە ئىگە بولىدۇ (‏يە‌شايا 40:‏31)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قى.‏ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق —‏ ھارۋا ياكى يە‌ر ھە‌يدىگىلى ساپانغا قوشىدىغان بۇ‌قىلارنىڭ ياكى باشقا مالنىڭ بوينىغا كىرگۈزىدىغان ياغاچ قورال.‏ «بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قۇ‌منى بوينۇ‌ڭلارغا ئېلىڭلار» دېگە‌ندە،‏ ئە‌يسا بىزنى شاگىرت بولۇ‌شقا چاقىرغان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ قىلغان ئىشىنى قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ بىز ئۈچۈن ئۇ ئېغىر ئە‌مە‌س،‏ سە‌ۋە‌بى ئە‌يسانىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قى «تە‌سكىنلىك» بېرىدۇ.‏ ئۇ بىزگە تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش