كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م19 نويابىر 26-‏30 ب.‏
  • باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشغانغا يە‌تكۈزۈڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشغانغا يە‌تكۈزۈڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال
  • قارارىڭىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان قە‌دە‌ملە‌ر
  • قارارلىرىڭىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلسۇ‌ن
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • توغرا قارارلارنى چىقىرىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ك‌م19 نويابىر 26-‏30 ب.‏

48-‏تە‌تقىق ماقالىسى

باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشغانغا يە‌تكۈزۈڭ

‏«باشلىغان ئىشىڭلارنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىڭلار».‏‏—‏2-‏كورىنت.‏ 8:‏11.‏

42-‏ناخشا ئاجىزلارغا ياردە‌م بە‌ر

بۇ ماقالىدەa

1.‏ يە‌ھۋا نېمە قىلىشىمىزغا يول قويىدۇ؟‏

يە‌ھۋا ھايات يولىمىزنى ئۆزۈمىزنىڭ تاللىشىغا يول قويىدۇ.‏ ئۇ بىزگە ياخشى قارارلارنى چىقىرىشنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىدىغان قارارلارنى چىقارغىنىمىزدا،‏ ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏173)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانا مە‌سلىھە‌تلە‌رگە قۇ‌لاق سالغاندا،‏ توغرا قارارلارنى چىقىرىمىز.‏—‏ئىبرانىي.‏ 5:‏14.‏

2.‏ قارارنى چىقارغاندىن كېيىن،‏ قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

2 لېكىن،‏ بە‌زىدە ياخشى قارار چىقارساقمۇ،‏ ئىشىمىزنى ئاخىرىغا چىقىرىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ بىرنە‌چچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياش بۇ‌رادە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تولۇ‌ق ئوقۇ‌پ چىقىشنى مە‌قسە‌ت قىلغان.‏ بېشىدا،‏ ئۇ بىرنە‌چچە ھە‌پتە ئوقۇ‌غان بولسىمۇ،‏ لېكىن بە‌زى سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى ئوقۇ‌شنى توختاتقان.‏ ياكى بولمىسا بىر قېرىندىشىمىز پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ  بۇ خىزمە‌تنى باشلاشنى ئارقىغا سۈرىدۇ.‏ ئاقساقاللار كېڭىشى جامائە‌تتىكى كۆپرە‌ك ئېتىقادداشلارغا تە‌سە‌للىي بېرىش ئۈچۈن پادىلارنى يوقلاشنى قارار قىلىدۇ،‏ ئە‌مما بىرنە‌چچە ئاي ئۆتۈپ،‏ بۇ مە‌قسىتىگە تېخى قول يە‌تكۈزە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ر بىر-‏بىرىگە ئوخشاش بولمىسىمۇ،‏ ئورتاق بىر يېرى بار.‏ مىساللاردىكى كىشىلە‌ر قارار چىقارسىمۇ،‏ قارارىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلمىغان.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ياشىغان كورىنت شە‌ھىرىدىكى ئېتىقادچىلارمۇ شۇ‌نداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ھازىر ئۇ‌لاردىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرە‌يلى.‏

3.‏ كورىنتلىقلار قانداق قارار قىلغان،‏ لېكىن كېيىن نېمە يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

3 تە‌خمىنە‌ن مىلادى 55-‏يىلى كورىنتتىكى قېرىنداشلار مۇ‌ھىم بىر قارارنى چىقارغان.‏ ئۇ‌لار يېرۇ‌سالىم ۋە يە‌ھۇ‌دىيىدىكى ئېتىقادداشلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىپ،‏ پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىينالغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لار ئۈچۈن باشقا جامائە‌تلە‌رنىڭ ئىئانە يىغىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان.‏ كورىنتلىقلار مېھرىبان ۋە مە‌رد بولغاچ،‏ مۇ‌ھتاجلىقتا قالغان ئېتىقادداشلارغا ياردە‌م بېرىشنى قارار قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئە‌لچى پاۋلۇ‌ستىن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى سورىغان.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا پۇ‌ل يىغىش توغرۇ‌لۇ‌ق كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىپ،‏ ئىئانە يىغىشنى تىتۇ‌سقا تاپشۇ‌رغان (‏1-‏كورىنت.‏ 16:‏1؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 8:‏6)‏.‏ لېكىن،‏ بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن،‏ پاۋلۇ‌س كورىنتلىقلار يىغماقچى بولغان پۇ‌لنى تېخى يىغمىغانلىقىنى ئاڭلىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌دىيە‌لىرى باشقا جامائە‌تلە‌رنىڭ ئىئانىلىرى بىلە‌ن بىرگە يېرۇ‌سالىمغا ئە‌ۋە‌تىشكە ئۆز ۋاقتىدا تە‌ييار بولمىغان.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 9:‏4،‏ 5.‏

4.‏ 2-‏كورىنتلىقلار 8:‏7،‏ 10،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ پاۋلۇ‌س كورىنتلىقلارنى نېمە قىلىشقا ئۈندىگە‌ن؟‏

4 كورىنتلىقلار ياخشى قارار چىقارغان ئىدى ۋە پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنى كۈچلۈك ئېتىقادى ۋە سە‌مىمىي مە‌ردلىكى ئۈچۈن ماختىغان.‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنى باشلىغان ئىشلىرىنى كۆزلىگە‌ن نىشانىغا يە‌تكۈزۈشكە ئۈندىگە‌ن ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 8:‏7،‏ 10،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ مىسالدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ھە‌تتا خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى قارارىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

5.‏ قانداق سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز؟‏

5 كورىنتلىقلارغا ئوخشاش بىزگىمۇ چىقارغان قارارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش تە‌س بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچقا،‏ قارارىمىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشنى كېيىنگە قالدۇ‌رۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ كۈتۈلمىگە‌ن بىر ۋە‌قە يۈز بېرىپ،‏ پىلانلىرىمىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش قىيىن بولىدىغاندۇ (‏ۋە‌ز 9:‏11؛‏ رىملىقلار 7:‏18)‏.‏ ئۆتمۈشتە چىقارغان قارارىمىزنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش ياكى ئۇ‌نى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌ك بولسا،‏ نېمە قىلالايمىز؟‏ باشلىغان ئىشلىرىمىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال

6.‏ قارارىمىزنى قاچان ئۆزگە‌رتىش كېرە‌ك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

6 بىز بە‌زى مۇ‌ھىم قارارلارنى،‏ مە‌سىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ياكى ئۆمۈرلۈك جۈپتىمىزگە ۋاپادارلىقنى ساقلاش قارارىمىزنى،‏ ھېچقاچان ئۆزگە‌رتمە‌يمىز (‏مە‌تتا 16:‏24؛‏ 19:‏6‏)‏.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ بە‌زى قارارلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىزگە توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۆزگۈرۈش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌ڭ ياخشى قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا قانداق قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

7.‏ نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 دانالىق سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دايىمىز ياقۇ‌پنى شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى يېزىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان:‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردا كىمدۇ بىرىدە دانالىق كە‌م بولسا،‏ ھە‌ممىسىگە سېخىيلىق بىلە‌ن،‏  … بېرىدىغان خۇ‌دادىن داۋاملىق تىلىسۇ‌ن» (‏ياقۇ‌پ 1:‏5)‏.‏ مۇ‌نداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ھە‌ممىمىزدە «دانالىق كە‌م».‏ شۇ‌ڭا،‏ قارار چىقارغاندا ياكى ئۇ‌نى ئۆزگە‌رتىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ سىزنىڭ دانا قارارلارنى چىقىرىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

8.‏ قارارلارنى چىقىرىشتىن ئاۋۋال قانداق ئىزدىنىپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 چوڭقۇ‌ر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزىدىن مە‌سلىھە‌ت ئىزدە‌ڭ،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى تە‌مىنلە‌ۋاتقان ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌ڭ ۋە سىزگە دانا مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يدىغان ئادە‌م بىلە‌ن سۆزلىشىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏18)‏.‏ ئىشىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ باشقا جايغا كۆچۈش كېرە‌ك بولغاندا ياكى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ۋە جان بېقىش ئۈچۈن قانداق بىلىم ئېلىش دېگە‌ندە‌ك مە‌سىلىلە‌ردە قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال،‏ پۇ‌ختا ئىزدىنىپ كۆرۈش ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏

9.‏ قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال نېمە ئۈچۈن نىيە‌تلىرىمىزنى تە‌كشۈرۈشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

9 ئۆز نىيە‌تلىرىڭىزنى تە‌كشۈرۈڭ.‏ خۇ‌دا قە‌لبىمىزنى تە‌كشۈرىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن نىيە‌تلىرىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم (‏1-‏سام.‏ 16:‏7)‏.‏ ئۆزۈمىزنى تە‌كشۈرگە‌ندە،‏ نىيە‌تلىرىمىزنىڭ قانداق ئىكە‌نلىكىنى كۆرىمىز.‏ ئە‌مما،‏ نىيە‌تلىرىمىز ھە‌قىقە‌تە‌ن يۈرىكىمىزدىن چىققانمۇ ياكى يە‌نە باشقا سە‌ۋە‌بلە‌ر بارمۇ،‏ شۇ‌نى تە‌كشۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر قە‌لبىمىزدە نېمە بارلىقىنى تە‌پسىلىي تە‌كشۈرسە‌ك،‏ توغرا ئىش قىلىمىز.‏ بىرە‌ر قارارنى قىلىشتىكى نىيىتىمىز ناتوغرا بولسا،‏ قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولغاندا،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش قىيىن بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياش بىر بۇ‌رادە‌ر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغان.‏ بىراق،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ 70 سائە‌ت ئۆلچە‌منى ئورۇ‌نلاش قىيىن بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىقىنى يوقىتىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى باشلىدىم دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

10.‏ ئۆزگۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىش زۆرۈر؟‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى تاماكا چېكىشنى توختاتماقچى بولدى دە‌يلى.‏ بېشىدا ئۇ قاتتىق قىينىلىدۇ.‏ بىر-‏ئىككى ھە‌پتە تاماكا چە‌كمە‌ي،‏ كېيىن قايتىدىن چېكىشنى باشلايدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئاخىرىدا ئۇ كۆزلىگە‌ن نىشانىغا يېتىدۇ!‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئارزۇ‌سى شۇ كىشىگە يامان ئادىتىنى تاشلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏كولوسى.‏ 1:‏10؛‏ 3:‏23.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن ئېنىق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش مۇ‌ھىم؟‏

11 ئېنىق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ.‏ مە‌قسە‌تلىرىڭىز ئېنىق بولسا،‏ ئۇ‌لارغا يېتىش ئاسان بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌شنى مە‌قسە‌ت قىلغانسىز.‏ لېكىن،‏ ئېنىق پىلان تۈزمىسىڭىز،‏ مە‌قسىتىڭىزگە يېتە‌لمە‌سلىكىڭىز مۇ‌مكىنb‏.‏ ياكى بولمىسا،‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار كۆپرە‌ك قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌لارنى يوقلاشنى قارار قىلدى دە‌يلى.‏ ئە‌مما،‏ بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ‌لار بۇ قارارىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلمىدى.‏ مە‌قسىتىگە قول يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن ئاقساقاللار ئۆزلىرىدىن مۇ‌نداق سوئاللارنى سورىسا بولىدۇ:‏ «تە‌سە‌للىيگە مۇ‌ھتاج بولغان قېرىنداشلار كىملە‌ر؟‏ ئۇ‌لارغا يولۇ‌قۇ‌ش ئۈچۈن ئېنىق ۋاقىت بە‌لگىلىدۇ‌قمۇ؟‏».‏

12.‏ بە‌زىدە نېمە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

12 ئە‌مە‌لىيە‌تچان بولۇ‌شنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھە‌ممە ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ ۋاقتى،‏ كۈچى ياكى چامىسى يە‌تمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تچان بولۇ‌ڭ.‏ بە‌زىدە قىلىش قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمىگە‌ن قانداقتۇ بىر ئىشنى ئۆزگە‌رتىشنى قارار قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 3:‏6)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز قارارىڭىزنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىپ،‏ زۆرۈر ئۆزگە‌تىشنى قىلغاندىن كېيىن،‏ ئە‌مدى ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايمە‌ن دە‌پ ئويلايسىز دە‌يلى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلىڭلار،‏ باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزۈشكە ياردە‌م بېرىدىغان بە‌ش قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال

  1. بۇ‌رادىرىمىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى تە‌تقىق قىلماقتا

    دانالىق سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ

  2. پۇ‌ختا چوڭقۇ‌ر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

  3. ئۆز نىيە‌تلىرىڭىزنى تە‌كشۈرۈڭ

  4. ئېنىق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ

  5. ئە‌مە‌لىيە‌تچان بولۇ‌ڭ

قارار چىقارغاندىن كېيىن

  1. بۇ‌رادە‌ر قارارىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كۈچ سوراپ دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ

    كۈچ سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ

  2. پىلان تۈزۈڭ

  3. كۈچ چىقىرىڭ

  4. ۋاقتىڭىزنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىڭ

  5. نە‌تىجىگە كۆز تىكىڭ

قارارىڭىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان قە‌دە‌ملە‌ر

13.‏ قارارىڭىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۈچۈن كېرە‌كلىك كۈچكە قانداق ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏

13 ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزگە قارارىڭىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت بېرە‌لە‌يدۇ (‏فىلىپى.‏ 2:‏13)‏.‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭدىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق سىزگە كۈچ بېرىشىنى سوراڭ.‏ خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىڭىزغا جاۋاب بە‌رمە‌يۋاتقاندە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ دۇ‌ئا قىلىشنى توختاتماڭ.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك:‏ «داۋاملىق سوراڭلار،‏ سىلە‌رگە بېرىلىدۇ».‏—‏لۇ‌قا 11:‏9،‏ 13.‏

14.‏ لۇ‌قا 14:‏28-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپ قارارىڭىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

14 پىلان تۈزۈڭ (‏لۇ‌قا 14:‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ باشلىغان ھە‌رقانداق ئىشنى كۆزلىگە‌ن نىشانغا يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن،‏ ياخشى پىلان كېرە‌ك.‏ ئاندىن شۇ پىلانغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش لازىم.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ قارار چىقارغاندا،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نە‌ق قايسى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارنى باسماقچى بولغانلىقىڭىزنى يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏ قىيىن بىر ئىشنى قىلىش كېرە‌ك بولسا،‏ ئۇ‌نى بىرنە‌چچە ئاسانراق قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارغا بۆلۈڭ.‏ ھە‌ربىر قە‌دە‌مدە بىر ئىشنى پۈتتۈرسىڭىز،‏ سىز نېمىگە قول يە‌تكۈزگە‌نلىكىڭىزنى ئېنىق كۆرە‌لە‌يسىز.‏ پاۋلۇ‌س كورىنتتىكى قېرىنداشلارنى ئۇ كە‌لگە‌ندىن كېيىن ئىئانە پۇ‌للىرىنى يىغىشنىڭ ئورنىغا،‏ «ھە‌ر ھە‌پتىنىڭ بىرىنچى كۈنى» يىغىپ قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏1-‏كورىنت.‏ 16:‏2)‏.‏ قىيىن ئىشنى ئاسانراق قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارغا بۆلۈش،‏ سىزنى بۇ ئىش قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلشىتىن ساقلايدۇ.‏

15.‏ پىلان تۈزگە‌ندىن كېيىن،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

15 قە‌غە‌ز يۈزىگە چۈشۈرۈلگە‌ن ئېنىق پىلانىڭىز بولسا،‏ قارارىڭىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئاسانراق بولىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏40)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاقساقاللار كېڭىشى ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ربىر قارارىنى،‏ جۈملىدىن قانداقتۇ بىر ئىش كىمگە تاپشۇ‌رۇ‌لغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نى قايسى ۋاقىتقىچە ئورۇ‌نلاش كېرە‌كلىكىنى،‏ يېزىپ قويىدىغان بىر ئاقساقالنى تاللاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىنىدۇ.‏ بۇ كۆرسە‌تمىگە ئە‌مە‌ل قىلىدىغان ئاقساقاللارغا قوبۇ‌ل قىلغان قارارلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئاسان بولىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏26)‏.‏ بۇ مە‌سلىھە‌تنى كۈندىلىك ھاياتىڭىزدىمۇ قوللانسىڭىز بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ۋاقىت جە‌دۋىلى تۈزۈپ،‏ بىرىنچى نۆۋە‌تتە قىلىش كېرە‌ك ئىشنى تىزىمنىڭ بېشىغا يېزىپ قويالايسىز.‏ بۇ سىزگە پە‌قـە‌ت باشلىغان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھە‌ممىسىنى پۈتتۈرۈشكىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئاز ۋاقىتتا كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلىشىڭىزغىمۇ ياردە‌م بېرىدۇ.‏

16.‏ قارارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ نېمە قىلىش كېرە‌ك ۋە بۇ ئوي-‏پىكىر رىملىقلار 12:‏11-‏ئايە‌تلە‌ردە قانداق تە‌كىتلە‌نگە‌ن؟‏

16 كۈچ چىقىرىڭ.‏ پىلانىڭىزغا ئە‌مە‌ل قىلىش ۋە باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك ‏(‏رىملىقلار 12:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىينى ئۆزىنى ياخشىراق تە‌لىم بېرىشكە بېغىشلاشقا ۋە بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ بۇ مە‌سلىھە‌ت باشقا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە قول يە‌تكۈزۈش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.‏—‏1-‏تىموت.‏ 4:‏13،‏ 16.‏

17.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر،‏ پىلانلىغان ئىشىمىزنى قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 ۋاقتىڭىزنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىڭ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قارارىڭىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رماقچى بولغان ۋاقىتنى بە‌لگىلە‌ڭ ۋە شۇ ۋاقىتنى ئۆزگە‌رتمە‌ڭ.‏ ئىشىڭىزنى باشلاش ئۈچۈن قولايلىق ۋاقىتنى كۈتمە‌ڭ،‏ چۈنكى شۇ ۋاقىت ھېچقاچان كە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 11:‏4)‏.‏ ئانچە مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س ئىشلارنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئېلىشىغا ۋە مۇ‌ھىمىراق ئىشلارنى قىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرە‌ك كۈچىڭىزنى يوقۇ‌تۇ‌پ قويۇ‌شقا يول قويماڭ (‏فىلىپى.‏ 1:‏10)‏.‏ مۇ‌مكىن بولسا،‏ ھېچنە‌رسە كاشىلا قىلمايدىغان ۋاقىتنى تاللاڭ.‏ باشقىلارغا مۇ‌ھىم بىر ئىشىڭىز بارلىقىنى ئېيتىپ قويۇ‌ڭ.‏ تېلېفونىڭىزنى ئۆچۈرۈپ قويۇ‌ڭ ۋە ئېلىكترونلۇ‌ق خە‌تلە‌ر بىلە‌ن ئىجتىمائىي تورلارنى ئىشىڭىزنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن تە‌كشۈرسىڭىز بولىدۇc‏.‏

18،‏ 19.‏ قىيىن بولغاندىمۇ قارارىڭىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

18 قارارىڭىزنىڭ نە‌تىجىسىگە كۆز تىكىڭ.‏ قارارىڭىزنىڭ نە‌تىجىسىنى سە‌پە‌رنىڭ مە‌نزىلى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ بىرە‌ر مە‌نزىلگە يېتىشنى مە‌قسە‌ت قىلسىڭىز،‏ يول يېپىق بولۇ‌پ،‏ يۆنىلىشنى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌ك بولسىمۇ،‏ مېڭىشنى داۋاملاشتۇ‌رىسىز.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ دىققىتىمىزنى قارارىمىزنىڭ نە‌تىجىسىگە قاراتساق،‏ توسالغۇ‌لارغا قارىماي،‏ يولىمىزنى داۋام قىلىمىز.‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏9.‏

19 ياخشى قارارنى قىلىشمۇ،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شمۇ ئاسان ئە‌مە‌س.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ سىز دانالىق ۋە كۈچكە ئىگە بولۇ‌پ،‏ باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزە‌لە‌يسىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • قارار چىقارغاندىن كېيىن قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىمىز؟‏

  • قارارىمىزنى ئۆزگە‌رتىش ياكى ئۆزگە‌رتمە‌سلىك كېرە‌كلىكىنى قانداق ئېنىقلىيالايمىز؟‏

  • باشلىغان ئىشىمىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزۈشىمىزگە قانداق قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

45-‏ناخشا ئالغا باس!‏

a چىقارغان قارارلىرىڭىزدىن بە‌زىدە ئە‌پسۇ‌سلىنامسىز؟‏ ياكى توغرا قارار چىقىرىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلىش سىز ئۈچۈن بە‌زىدە قىيىنمۇ؟‏ بۇ ماقالە شۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ۋە باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى پىلانلىشىڭىزغا ®jw.org تور بېكىتىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش جە‌دۋىلى‏» ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن.‏

c ۋاقىتنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىش توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنىلى 2010-‏يىل ئاپرېل سانىدىكى «ۋاقىت تېپىشنىڭ 20 ئۇ‌سۇ‌لى» ياكى «‏بوش ۋاقىتقا ئىگە بولۇ‌شنىڭ 20 ئۇ‌سۇ‌لى‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش