كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 يانۋار 14-‏19 ب.‏
  • قارارلىرىڭىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلسۇ‌ن

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • قارارلىرىڭىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلسۇ‌ن
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئېنىقراق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ڭ
  • يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى بىلىشكە تىرىشىڭ
  • ھە‌ربىر تاللاشنى تارازىدا تارتىپ كۆرۈڭ
  • دانا قارار چىقىرىڭ
  • گۇ‌مانلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌س
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشغانغا يە‌تكۈزۈڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • بېرىشتىن كېلىدىغان شاد-‏خۇ‌راملىقنىڭ تە‌مىنى تېتىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 يانۋار 14-‏19 ب.‏

3-‏تە‌تقىق ماقالىسى

42-‏ناخشا ئاجىزلارغا ياردە‌م بە‌ر

قارارلىرىڭىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلسۇ‌ن

‏«يە‌ھۋادىن قورقۇ‌ش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇ‌ر،‏ ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولغۇ‌چى ھە‌ققىدىكى بىلىم ئە‌قىل-‏ئىدراكقا ئېرىشتۈرە‌ر»‏‏.‏—‏پە‌ند.‏ نە 9:‏10.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

بىلىم،‏ ئە‌قىل-‏ئىدراك ۋە پە‌رقلە‌ندۈرۈش دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏

1.‏ بىز ھە‌ممىمىز ھە‌ر كۈنى نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

بىز ھە‌ر كۈنى قارارلارنى چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌زى قارارلارنى چىقىرىش ئاسان،‏ مە‌سىلە‌ن ئە‌تىگە‌ندە نېمە يە‌يمىز،‏ كە‌چقۇ‌رۇ‌ن سائە‌ت قانچىدە ئۇ‌خلايمىز.‏ لېكىن،‏ بە‌زى قارارلارنى چىقىرىش ئانچە ئاساسە‌ن ئە‌مە‌س.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار سالامە‌تلىكىمىزگە،‏ خۇ‌شال كە‌يپىياتىمىزغا تە‌سىر قىلغاندىن باشقا،‏ يە‌نە ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقان ياكى دوست-‏يارە‌نلىرىمىزگە،‏ ھە‌تتا ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ چىقارغان قارارىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە ۋە ئائىلىمىزدىكىلە‌رگە پايدىلىق بولۇ‌شىنى خالايمىز.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ قارارلىرىمىزنىڭ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏—‏رىملىقلار 12:‏1،‏ 2.‏

2.‏ قايسى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار دانا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

2 دانا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇ‌م تۆۋە‌ندىكىلە‌رنى قىلىش زۆرۈر:‏ (‏1)‏ ئېنىقراق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ڭ،‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ،‏ (‏3)‏ ھە‌ربىر تاللاشنى تارازىدا تارتىپ كۆرۈڭ.‏ بۇ ماقالىدە مۇ‌شۇ ئۈچ قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ياخشى-‏ياماننى پە‌رقلە‌ندۈرۈشكە نېمە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏—‏پە‌ند ن.‏ 2:‏11.‏

ئېنىقراق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ڭ

3.‏ قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال نېمە ئۈچۈن ئېنىقراق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ش كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

3 دانا قارار چىقىرىشنىڭ بىرىنچى قە‌دىمى —‏ ۋە‌زىيە‌ت چۈشە‌نچە ھاسىل قىلىش.‏ بۇ نېمىشقا مۇ‌ھىم؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ باقايلى:‏ ئېغىر كېسە‌ل بىلە‌ن ئاغرىغان كىشى دوختۇ‌رغا كۆرۈنۈشكە كە‌لدى.‏ دوختۇ‌ر ئۇ‌نى تە‌كشۈرمە‌ي ياكى ئاغرىقى توغرۇ‌لۇ‌ق سوئاللارنى سورىماي،‏ ئۇ‌نى داۋالاشقا باشلامدۇ؟‏ ياق.‏ ھە‌رگىز ئۇ‌نداق قارار چىقارمايدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ ئاۋۋال ۋە‌زىيە‌ت ھە‌ققىدە تە‌پسىلىيرە‌ك چۈشە‌نچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن،‏ تاللاش قىلساق،‏ دانا قارار چىقىرالايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

4.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏13-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ۋە‌زىيە‌ت ھە‌ققىدە مە‌لۇ‌م چۈشە‌نچىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

4 بە‌زى سوئاللارنى قويۇ‌ش ئارقىلىق ۋە‌زىيە‌ت ھە‌ققىدە چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىرلىرى سىزنى ئولتۇ‌رۇ‌شقا چاقىردى،‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بېرىش-‏بارماسلىقنى قانداق قارار قىلالايسىز؟‏ ئە‌گە‌ر ئولتۇ‌رۇ‌شقا چاقىرغان كىشىنى ئانچە ياخشى تونۇ‌مىسىڭىز ياكى ئۇ ئولتۇ‌رۇ‌شتا قانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېنىق بىلمىسىڭىز،‏ سىزنى چاقىرغان كىشىدىن مۇ‌نداق سورىسىڭىز بولىدۇ:‏ «بۇ ئولتۇ‌رۇ‌ش قە‌يە‌ردە ۋە قاچان؟‏ قانچە ئادە‌م كېلىدۇ؟‏ كىملە‌ر كېلىدۇ؟‏ ئولتۇ‌رۇ‌شقا كىم مە‌سئۇ‌ل بولىدۇ ۋە ئولتۇ‌رۇ‌شتا قانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لدى؟‏ ھاراق-‏شاراب قويۇ‌لامدۇ؟‏» بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىۋېلىش دانا قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ياش بۇ‌رادە‌ر دوستلىرىدىن ئۇ‌لارنى تېلېفون ئارقىلىق چاقىرغان ئولتۇ‌رۇ‌ش توغرىسىدا سوراۋاتىدۇ.‏

بە‌زى سوئاللارنى قويۇ‌ش ئارقىلىق ۋە‌زىيە‌ت ھە‌ققىدە چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ڭ (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏a


5.‏ ۋە‌زىيە‌ت ھە‌ققىدە ئېنىقراق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

5 ۋە‌زىيە‌ت ھە‌ققىدە مە‌لۇ‌م چۈشە‌نچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن،‏ كېيىنكى قە‌دە‌مدە،‏ ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن ئويلىنىپ،‏ پۈتۈن ۋە‌زىيە‌تنى كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈپ كۆرۈڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا سە‌ل قارايدىغانلار بۇ ئولتۇ‌رۇ‌شقا كە‌لسە ياكى مېھمانلارغا ھاراق-‏شاراب قۇ‌يسا،‏ بىرلىرىنىڭ كۆپ ئىچىۋالماسلىقىغا مە‌سئۇ‌ل بولىدىغان ئادە‌م بولمىسا،‏ بۇ ئولتۇ‌رۇ‌ش ئاخىرىدا ساغلام بولمىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا ئايلىنىپ كېتىپ قېلىشىنى كۆرۈپ يە‌تتىڭىزمۇ؟‏ (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏3)‏ ئە‌گە‌ر بۇ ئولتۇ‌رۇ‌شنىڭ ۋاقتى جامائە‌ت يىغىلىشى ۋە ۋە‌ز خىزمە‌ت بىلە‌ن بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالسىچۇ؟‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە نېمە قىلىسىز؟‏ ۋە‌زىيە‌ت ھە‌ققىدە ئىگە بولغان چۈشە‌نچىڭىزنى ھە‌ر جە‌ھە‌تتىن تە‌ھلىل قىلىپ،‏ پۈتۈن ۋە‌زىيە‌تنى كۆرۈپ،‏ ئېنىقراق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولسىڭىز،‏ تېخىمۇ ياخشى قارار چىقىرالايسىز.‏ شۇ‌نداق،‏ سىز ۋە‌زىيە‌تنى كۆرۈپ يېتىشنى بىلىسىز.‏ لېكىن،‏ ھازىر يە‌نە بىر قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى بېسىشىڭىز كېرە‌ك.‏ يە‌نى،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «‏يە‌ھۋا بۇ‌نىڭغا قارىتا قانداق كۆز قاراشتا؟‏» دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ.‏—‏پە‌ند ن.‏ 2:‏6.‏

يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى بىلىشكە تىرىشىڭ

6.‏ ياقۇ‌پ 1:‏5-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ۋە‌زىيە‌تكە قارىتا قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراڭ.‏ يە‌ھۋا دانالىقنى «ھە‌ممىسىگە سېخىيلىق بىلە‌ن،‏ تاپا-‏تە‌نە قىلماي» بېرىدۇ ‏(‏ياقۇ‌پ 1:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ بىرگە دانالىق بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ شۇ دانالىق مە‌لۇ‌م بىر قارارىمىزنىڭ خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

7.‏ خۇ‌دانىڭ قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

7 يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئايىڭىزغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئە‌ستايىدىل دىققە‌ت قىلىڭ.‏ بۇ‌نى مۇ‌نداق مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈشكە بولىدۇ.‏ سىز باشقا شە‌ھە‌ردە تېنە‌پ قالدىڭىز،‏ ئاندىن شۇ يە‌رلىك بىرىدىن يول سورىدىڭىز.‏ ئۇ سىزگە جاۋاب بېرىپ،‏ يولنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىشتىن ئاۋۋال،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنى تىڭشىماي كېتىپ قالامسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌نداق قىلمايسىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ سىز ئۇ‌نى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشايسىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋادىن دانالىق سوراپ دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق جاۋاب قايتۇ‌رىدىغانلىقىغا ئە‌ستايىدىل دىققە‌ت قىلىڭ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ۋە‌زىيىتىمىزگە ماس كېلىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانۇ‌نلىرى ۋە قائىدە-‏پرىنسىپلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شۇ ئولتۇ‌رۇ‌شقا بېرىش ياكى بارماسلىقنى قارار قىلغاندا،‏ يامان دوستلار بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى قىلىش ۋە ئە‌يش-‏ئىشرە‌ت،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ مە‌نپە‌ئە‌تلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشىدىن يۇ‌قىرى قويۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىڭ.‏—‏مە‌تتا 6:‏33؛‏ رىملىقلار 13:‏13؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 15:‏33.‏

8.‏ بە‌زى مە‌لۇ‌ماتلارنى تېپىش قىيىن بولغاندا،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

8 بە‌زى چاغلاردا،‏ ئىزدىگە‌ن مە‌لۇ‌ماتلارنى تېپىش قىيىن بولسا،‏ تە‌جرىبىلىك قېرىنداشلاردىن ياردە‌م سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ.‏ ئۆز ئالدىڭىزغا ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز،‏ بۇ‌نىڭ تېخىمۇ پايدىسى كۆپ بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئىزدىنىش كۆرسە‌تكۈچى» ۋە «كۈزىتىش مۇ‌نارى تور كۈتۈپخانىسى» دېگە‌ن ئىزدىنىش قوراللىرىدىن كۆپلىگە‌ن پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى تاپالايسىز.‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ سىزنىڭ مە‌قسىتىڭىز بولسا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىدىغان دانا قارارنى چىقرىش.‏

ئالدىنقى رە‌سىمدىكى ياش بۇ‌رادە‌ر «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» ناملىق كىتابنىڭ 35-‏بابىنى ئوقۇ‌ۋاتىدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏b


9.‏ چىقارغان قارارلىرىمىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان-‏قىلمايدىغانلىقىنى قانداق بىلسە‌ك بولىدۇ؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏17)‏

9 چىقارغان قارارلىرىمىزنىڭ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلدىغان-‏قىلمايدىغانلىقىنى قانداق بىلسە‌ك بولىدۇ؟‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال،‏ يە‌ھۋانى ناھايىتى ياخشى تونۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولغۇ‌چى ھە‌ققىدىكى بىلىم ئە‌قىل-‏ئىدراكقا ئېرىشتۈرە‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ند ن.‏ 9:‏10)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌زىلە‌تلىرى،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى،‏ نېمىنى ياخشى كۆرۈپ ۋە نېمىنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىش بىزنى ھە‌قىقىي ئە‌قىل-‏ئىدراكقا ئىگە قىلىدۇ.‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلگە‌نلىرىگە ئاساسە‌ن،‏ قانداق قارار چىقارسام،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالايمە‌ن؟‏».‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى ئائىلىۋى ئە‌نئە‌نىلە‌ردىن ۋە مە‌دە‌نىيىتىمىزدىن مۇ‌ھىمراق؟‏

10 بە‌زى چاغلاردا،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن يېقىن كىشىلە‌رنى خاپا قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى ئاتا-‏ئانىلار بويىغا يە‌تكە‌ن قىزىنى باي ياكى كۆپرە‌ك تويلۇ‌ق بېرە‌لە‌يدىغان بىرى بىلە‌ن توي قىلىشقا ئۈندىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ئۇ كىشىنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتى ئانچە ياخشى بولمىسىچۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاتا-‏ئانا قىزىنىڭ پۇ‌لدىن قىسىلماي،‏ باياشات ياشىشىنى خالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ قىز ئۆز-‏ئۆزىدىن مۇ‌نداق سورىسا ياخشى بولىدۇ:‏ «تۇ‌رمۇ‌شقا چىقسام،‏ يولدىشىم يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى كۈچە‌يتىشىمگە ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏ يە‌ھۋا بۇ‌نىڭغا قانداق كۆز قاراشتا؟‏».‏ جاۋابى،‏ مە‌تتا 6:‏33‏-‏ئايە‌تتە يېزىلغان:‏ «خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌ققانىيلىقىنى داۋاملىق ھاياتىڭلاردا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار».‏ بىز ئاتا-‏ئانىمىز ۋە ئە‌تراپىمىزدىكى كىشىلە‌رنى خۇ‌شال قىلىشنى خالايمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى —‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىشتۇ‌ر.‏

ھە‌ربىر تاللاشنى تارازىدا تارتىپ كۆرۈڭ

11.‏ ھە‌ربىر تاللاشنى تارازىدا تارتىپ كۆرۈشكە قايسى پە‌زىلە‌ت ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏9،‏ 10)‏

11 قارار چىقىرىشىڭىزغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى ھە‌ققىدە ئە‌ستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن،‏ ھە‌ربىر تاللىشىڭىزنى تارازىدا تارتىپ كۆرۈڭ ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پە‌رق ئېتىش قابىلىيىتىڭىز ھە‌ربىر تاللاشنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بە‌زىدە ئاسانلا قارار چىقىرالىشىڭىز مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما،‏ يە‌نە بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە كۆپرە‌ك ئامىللارنى نە‌زە‌رگە ئېلىپ ئە‌تراپلىق ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ پە‌رقلە‌ندۈرۈش قابىلىيىتى دانا قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

12،‏ 13.‏ ئىش ئىزدىگە‌ندە دانا قارار قىلىشقا پە‌رقلە‌ندۈرۈش قابىلىيىتى قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

12 مۇ‌نداق بىر ۋە‌زىيە‌تنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ باقايلى.‏ ئائىلىڭىزنى بېقىش ئۈچۈن ئىش ئىزدە‌ۋاتىسىز.‏ ئىككى ئىش چىقىپ قالدى.‏ بارچە ئامىللار ھە‌ققىدە چۈشە‌نچىگە ئىگە بولدىڭىز،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قانداق ئىش،‏ ئىش ۋاقتى،‏ ئىشقا بېرىپ-‏كېلىشكە كېتىدىغان ۋاقىت دېگە‌نلە‌رنى ئېنىق بىلدىڭىز.‏ ھە‌ر ئىككىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا قارشى ئە‌مە‌س.‏ بە‌لكىم،‏ سىزنىڭ مە‌لۇ‌م بىر ئىشنى تاللاش خاھىشىڭىز كۈچلۈكرە‌ك،‏ چۈنكى ئۇ ئىشنى ياقتۇ‌رىسىز ۋە مۇ‌ئاشى يۇ‌قىرىراق.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ قارار چىقىرىش بۇ‌رۇ‌ن،‏ يە‌نە باشقا ئامىللارنى ئويلاپ كۆرۈشىڭىز كېرە‌ك.‏

13 مە‌سىلە‌ن،‏ شۇ ئىشلار جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىشقا قىيىنچىلىق تۇ‌غدۇ‌رامدۇ؟‏ ياكى ئائىلىڭىزنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى كۈچلە‌ندۈرۈشكە سە‌رپ قىلىدىغان ۋاقتىڭىزنى ئالامدۇ؟‏ شۇ‌نداق سوئاللار ئۈستىدە ئويلانسىڭىز،‏ پۇ‌لدىنمۇ مۇ‌ھىمراق نە‌رسىلە‌رنى،‏ يە‌نى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايسىز.‏ بارچە ئامىللارنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌پ قارار چىقارسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىشىگە ئېرىشىسىز.‏

14.‏ پە‌رقلە‌ندۈرۈش قابىلىيىتى ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت باشقىلارغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولماسلىققا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 پە‌رقلە‌ندۈرۈش قابىلىيىتى بىزنى چىقارغان قارارىمىزنىڭ باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏فىلىپى.‏ 1:‏10)‏.‏ قانداق كىيىنىش ۋە ياسىنىشتە‌ك شە‌خسىي قارارلارنى چىقارغاندا،‏ بۇ بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ باشقىلار ئۈچۈن پۇ‌تلىكاشاڭ بولمايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌لۇ‌م بىر كىيىم-‏كېچە‌ك ياكى چاچ پاسونىنى ياقتۇ‌رىسىز.‏ لېكىن،‏ جامائە‌تتىكىلە‌ر ياكى باشقا ئادە‌ملە‌ر شۇ پاسونغا قانداق قارايدۇ؟‏ بۇ ئۇ‌لارغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولمامدۇ؟‏ پە‌رقلە‌ندۈرۈش قابىلىيىتى باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى باشقىلارنى ئويلاپ،‏ كىچىك پېئىل بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ (‏كور.‏ 1-‏خ.‏ 10:‏23،‏ 24،‏ 32؛‏ 1-‏تىموت.‏ 2:‏9،‏ 10)‏.‏ دېمە‌ك،‏ چىقارغان قارارلىرىمىز باشقىلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌تنى نامايان قىلىدۇ.‏

15.‏ مۇ‌ھىم قارار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىش كېرە‌ك؟‏

15 مۇ‌ھىم قارار چىقارغاندا،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ بېقىڭ.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بىزگە ئاۋۋال «قانچىلىك خىراجە‌ت كېتىشىنى ھېسابلاپ» چىقىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان (‏لۇ‌قا 14:‏28)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ چىقارغان قارارىڭىزنىڭ قانچىلىك ۋاقىت،‏ كۈچ ۋە پۇ‌ل تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلىشىپ،‏ ئۇ‌لار قارارىڭىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىڭ.‏ مە‌سلىھە‌تلە‌شكە‌ندىن كېيىن،‏ بە‌لكىم قارارىڭىزنى ئازىراق ئۆزگە‌رتىش ياكى تامامە‌ن باشقىچە قارار قىلىش كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۆيدىكىلە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌رگە‌ن تە‌كلىپ پىكىرىنى قوبۇ‌ل قىلسىڭىز،‏ چىقارغان قارارىڭىز مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك بولۇ‌شى ئۈچۈن ئۇ‌لار خۇ‌شاللىق بىلە‌ن سىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏—‏پە‌ند ن.‏ 15:‏22.‏

دانا قارار چىقىرىڭ

16.‏ دانا قارار چىقىرىشقا قايسى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏«‏دانا قارار چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

16 بۇ ماقالىدىكى تىلغا ئېلىنغان بارچە قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار بويىچە ھە‌رىكە‌ت قىلسىڭىز،‏ دانا قارار چىقىرالايسىز.‏ ئاۋۋال ئېنىقراق چۈشە‌نچىگە بولۇ‌ڭ،‏ ئاندىن ۋە‌زىيە‌تكە ماس كېلىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىڭ،‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلدىغان قارارنى چىقىرىش ئاسانراق بولىدۇ.‏ ئە‌مدى دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن قارارىڭىزنىڭ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك بولۇ‌شى ئۈچۈن ياردە‌م سورىسىڭىز بولىدۇ.‏

دانا قارار چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

كوللاژ:‏ ياش بۇ‌رادە‌ر دانا قارار چىقىرىش ئۈچۈن باسىدىغان قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار:‏ 1.‏ ئۇ لوپا ئە‌ينە‌ك بىلە‌ن قاراۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئۇ دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستە‌لدە ئوچۇ‌ق تۇ‌رغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابى ۋە تاختا كومپيۇ‌تېرى.‏ 3.‏ ئۇ ئۈستە‌لدىكى تارازىغا دىققە‌ت قويۇ‌پ قاراۋاتىدۇ.‏
  • ئېنىقراق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ش:‏ بە‌زى سوئاللارنى سوراپ،‏ ۋە‌زىيە‌ت تولۇ‌ق كۆرۈپ يېتىشكە تىرىشىڭ (‏پە‌ند ن.‏ 18:‏13)‏

  • يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى بىلىش:‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى ئاساسىدا چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏17؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏5)‏

  • ھە‌ربىر تاللاشنى تارازىدا تارتىش:‏ پە‌رقلە‌ندۈرۈش قابىلىيىتىنى ئىشلىتىپ،‏ قارارىڭىز ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ ۋە بۇ قارارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىش كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ يېتىڭ (‏فىلىپى.‏ 1:‏9،‏ 10)‏

17.‏ دانا قارار چىقىرىشنىڭ سىرى نېمە؟‏

17 بە‌لكىم،‏ ئىلگىرى نۇ‌رغۇ‌ن دانا قارارلارنى چىقارغان بولسىڭىزمۇ،‏ ئۆز ئە‌قلىڭىز ۋە تە‌جرىبىڭىزگە ئىشىنىپ كە‌تمە‌ڭ.‏ چۈنكى،‏ دانا قارار چىقىرىشنىڭ سىرى —‏ يە‌ھۋانىڭ دانالىقىغا تايىنىش!‏ پە‌قە‌ت توغرا بىلىم،‏ ئە‌قىل-‏ئىدراك ۋە پە‌رق ئېتىش قابىلىيىتى سىزنى ھە‌قىقىي دانالىققا ئېرىشتۈرىدۇ (‏پە‌ند ن.‏ 2:‏1–‏5)‏.‏ ئاتىمىز يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ سىز ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرالايسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 23:‏2،‏ 3.‏

بۇ ئايە‌تلە‌ر دانا قارار چىقىرىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  •  پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏13

  •  ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏17

  •  فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏9،‏ 10

27-‏ناخشا يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

a رە‌سىملە‌ردە:‏ ياش قېرىنداشلار تېلېفونىغا كە‌لگە‌ن ئولتۇ‌رۇ‌ش چاقىرىقى توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏

b رە‌سىمدە:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر قارار قىلىشتىن ئاۋۋال ئىزدىنىش قىلىۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش