كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان20 2 № 14-‏15 ب.‏
  • ھازىر خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھازىر خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ!‏
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويامسىز؟‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • ‏«پادىشاھلىقىڭ كە‌لسۇ‌ن».‏ —‏مىليونلىغان كىشىلە‌رنىڭ دۇ‌ئاسى
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
ك‌م‌ئان20 2 № 14-‏15 ب.‏
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شتىن ئىلگىرى دۇ‌ئا قىلىۋاتقان كىشى.‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى ھازىر قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ!‏

تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ:‏ سىز ياشاۋاتقان مە‌ھە‌للىگە شىددە‌تلىك قارا بوران يېقىنلىشىۋاتىدۇ.‏ ھۆكۈمە‌ت ئورگانلىرى:‏ «تېز ئۆيلىرىڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار!‏ پاناھلىنىدىغان بېخە‌تە‌ر جاي ئىزدە‌ڭلار!‏»—‏ دە‌پ جىددىي ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بېرىدۇ.‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ جە‌زمە‌ن بىخە‌تە‌ر بىر جايغا كېتىشىڭىز كېرە‌ك.‏

خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز ھە‌ممىمىز پات-‏يېقىندا،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» دە‌پ ئاتىغان بىر شىددە‌تلىك «قارا بوران»غا ئۇ‌چرايمىز (‏مە‌تتا 24:‏21‏)‏.‏ قە‌يە‌ردە ياشىمايلى،‏ بۇ بالايىئاپە‌تتىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بە‌زى ئىشلارنى قىلالايمىز.‏ قانداق ئىشلار؟‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا تاغدا ۋە‌ز-‏نە‌سىھە‌ت ئېيتقاندا،‏ مۇ‌نداق كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ن:‏ «ھاياتىڭلاردا داۋاملىق خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار» (‏مە‌تتا 6:‏33‏)‏.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار.‏ بۇ سۆزلە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھاياتىمىزدىكى باشقا ھە‌رقانداق ئىشلاردىن مۇ‌ھىمراق بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏25،‏ 32،‏ 33‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئىنسانىيە‌تنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھە‌ل قىلىش ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كە‌لمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لارنى پە‌قە‌ت خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ل قىلالايدۇ.‏

ئىتائە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار.‏ بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ئادىل قانۇ‌نلىرى ۋە قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا ماس ياشاشقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ نېمىنىڭ توغرا،‏ نېمىنىڭ خاتالىقىنى ئۆزىمىز قارار قىلساق،‏ ئېچىنارلىق ئاقىۋە‌تكە قالىمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏25)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ئىتائە‌ت قىلساق،‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپلا قالماي،‏ شاد-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىمىز.‏—‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18.‏

داۋاملىق خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار‏.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بىزنى ئاگاھلاندۇ‌رغان:‏ بە‌زى كىشىلە‌ر قانچە كۆپ پۇ‌ل تاپسام،‏ شۇ‌نچە بىخە‌تە‌ر ياشايمە‌ن دە‌پ ئويلاپ،‏ پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا كۆڭۈل بۆلمە‌ي قالىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر ھە‌ددىدىن زىيادە تۇ‌رمۇ‌شنىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىگە پېتىپ قېلىپ قىلىپ،‏ ھە‌تتا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا ۋاقىت چىقىرالماي قالىدۇ.‏—‏مە‌تتا 6:‏19–‏21،‏ 25–‏32‏.‏

ئە‌مما،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان كىشىلە‌رنىڭ ھازىر ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە كېلە‌چە‌كتە تېخىمۇ مول بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏—‏مە‌تتا 6:‏33‏.‏

گە‌رچە ئە‌يسانىڭ بىرىنچى ئە‌سىردىكى شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ھاياتىدا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئۆمرىدە بارچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق بولغانلىقىنى كۆرمىگە‌ن ئىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولغان.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏

ئاشۇ شاگىرتلار خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشىغاچ،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە بىپە‌رۋالىق قىلغانلار باشتىن كە‌چۈرگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چار بولمىغان.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ‌لار ھىمايىگە ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ‌لار پادىشاھلىقىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن.‏ بۇ ئىشە‌نچ ئۇ‌لارنىڭ ئېغىر سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا «ئادە‌تتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى» بە‌رگە‌چ،‏ ئۇ‌لار سىناقلارغا باش ئە‌گمىگە‌ن.‏—‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7–‏9.‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويامسىز؟‏

بىرىنچى ئە‌سىردىكى شاگىرتلار ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قىغا ئىتائە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌لار شۇ زاماندىكى دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىغا خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن (‏كولوسىلىقلار 1:‏23)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىچۇ،‏ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان كىشىلە‌ر بارمۇ؟‏

ھە‌ئە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بار!‏ ئۇ‌لار پات-‏يېقىندا خۇ‌دا پادىشاھلىقى بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى يوق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن تىرىشىپ،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئېيتقان ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشنى قىلىۋاتىدۇ:‏ «بۇ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى بارچە خە‌لقلە‌رگە يە‌تكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇ‌نيادا ۋە‌ز قىلىنىدۇ ۋە ئاندىن كېيىن ئاخىرى كېلىدۇ».‏—‏مە‌تتا 24:‏14‏.‏

سىز خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىغانمۇ؟‏ ئاڭلىغىنىڭىزدا،‏ نېمە قىلار ئىدىڭىز؟‏ بىز سىزنى ماكېدونىيە‌دىكى بېرىيا شە‌ھىرىدە ياشىغان كىشىلە‌رنى ئۈلگە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىمىز.‏ ئۇ‌لار ئە‌لچى پاۋلۇ‌ستىن پادىشاھلىق ھە‌ققىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىغاندا،‏ بۇ خە‌ۋە‌رنى «قىزغىنلىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلدى».‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌دانىڭ سۆزى ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن ئىزدىنىپ ئۆگە‌ندى».‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شىدا قوللانغان.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏11،‏ 12.‏

دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىمە‌كتە

  1. يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۆي ئېگىسى بىلە‌ن ئىشىك ئالدىدا سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏

    پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تىڭشاڭ

  2. ئاشۇ ئۆي ئېگىسى ئۆيىدە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن بىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.‏

    مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن ئىزدىنىپ ئۆگىنىڭ

  3. شۇ كىشى يىغىلىش زالىدا ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.‏

    خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلار بىلە‌ن دوست بولۇ‌ڭ

  4. مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شتىن ئىلگىرى دۇ‌ئا قىلىۋاتقان كىشى.‏

    خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆرسىتىڭ

سىزمۇ ئۇ‌لارغا ئوخشاش قىلالايسىز.‏ ھاياتىڭىزدا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويسىڭىز،‏ ھازىر خۇ‌دانىڭ قانىتى ئاستىدا پاناھ تاپىسىز ۋە كېلە‌چە‌كتە ھە‌قىقىي تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىكتىن مە‌ڭگۈگە بە‌ھرىمە‌ن بولىسىز.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرى توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىشنى خالىسىڭىز،‏ jw.org تور بېكىتىمىزنى زىيارە‌ت قىلىڭ.‏

تور بېكە‌تتىكى مە‌لۇ‌مات 1000دىن كۆپرە‌ك تىلغا تە‌رجىمە قىلىنغان.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش