كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان20 3 № 14-‏15 ب.‏
  • ياراتقۇ‌چىنىڭ بە‌رىكە‌تلىرىدىن مە‌ڭگۈ بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ڭ!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ياراتقۇ‌چىنىڭ بە‌رىكە‌تلىرىدىن مە‌ڭگۈ بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ڭ!‏
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ردىن ئاللا ھە‌ققىدە ئۆگىنە‌لە‌يمىز
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • ئە‌يسا يە‌ردە ياشىغاندا نېمىلە‌رنى قىلغان؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
ك‌م‌ئان20 3 № 14-‏15 ب.‏
كېلىپ چىقىشى ئوخشىمايدىغان ئىنسانلار يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە بىر-‏بىرى بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىۋاتىدۇ.‏

‏«زېمىن ئۆز ھوسۇ‌لىنى بېرىدۇ؛‏ تە‌ڭرى،‏ بىزنىڭ تە‌ڭرىمىز بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 67:‏6

ياراتقۇ‌چىنىڭ بە‌رىكە‌تلىرىدىن مە‌ڭگۈ بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ڭ!‏

ياراتقۇ‌چىمىز ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادىدىن بىرى ئارقىلىق يە‌ر يۈزىدىكى ھە‌ممە خە‌لقلە‌رنى بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏يارىتىلىش 22:‏18)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ۋە‌دە قىلىنغان شۇ ئە‌ۋلاد كىم؟‏

خۇ‌دا تە‌خمىنە‌ن 2000 يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئە‌ۋلادى بولغان ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رگە زور مۆجىزىلە‌رنى كۆرسىتىش كۈچىنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ مۆجىزىلە‌ر ئاللانىڭ ئىبراھىمغا بە‌رگە‌ن شۇ ۋە‌دىسىنىڭ ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام ئارقىلىق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏گالاتىلىقلار 3:‏14.‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرى —‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ دە‌ل خۇ‌دا تاللىغان ئە‌ۋلاد ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە ئاللانىڭ كېلە‌چە‌كتە ئىنسانىيە‌تنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرمە‌كچى بولغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ھازىر ئاشۇ مۆجىزىلە‌ر ئە‌يسانىڭ بە‌زى ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى قانداق ئاشكارە قىلغانلىقىغا دىققە‌ت قىلايلى.‏

رە‌ھىمدىللىق:‏ ئۇ ئاغرىقلارنى ساقايتقان.‏

بىر كۈنى،‏ ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى ھە‌زرىتى ئە‌يسادىن ئۆزىنى ساقايتىشنى ئۆتۈنگە‌ندە،‏ ئۇ:‏ «خالايمە‌ن.‏ پاك بولغىن»،‏—‏ دە‌پ ئۇ‌نىڭغا قولىنى تە‌ككۈزگە‌ن.‏ شۇ ھامان ئۇ كىشى كېسىلىدىن ساقىيىپ كە‌تكە‌ن.‏—‏ماركۇ‌س 1:‏40—‏42.‏

مە‌ردلىك:‏ ئۇ قوسىقى ئاچلارنى تويغۇ‌زغان.‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ ئاچ قېلىشىنى خالىمىغان.‏ ئۇ كە‌م دېگە‌ندە ئىككى قېتىم مۆجىزىلە‌ر ئارقىلىق بىرنە‌چچە نان ۋە كىچىك بېلىقلارنىڭ سانىنى كۆپە‌يتىپ،‏ مىڭلىغان كىشىلە‌رنى تويغۇ‌زغان (‏مە‌تتا 14:‏17—‏21؛‏ 15:‏32—‏38‏)‏.‏ كىشىلە‌ر ئۇ‌لارنى يە‌پ،‏ قوسىقى تويۇ‌پ،‏ ھە‌تتا ئېشىپ قالغان ئىدى.‏

ھېسداشلىق:‏ ئۇ ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرگە‌ن.‏

بىر كۈنى،‏ ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىۋاتقان تۇ‌ل ئايالغا ئىچ ئاغرىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن خە‌ۋە‌ر ئالىدىغان يالغۇ‌ز ئوغلىنى تىرىلدۈرگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 7:‏12—‏15.‏

يە‌ر يۈزىدىكى مە‌ڭگۈلۈك بە‌رىكە‌تلە‌ر

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندا،‏ ياراتقۇ‌چىنىڭ ئىنسانىيە‌تنى بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتى بارلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ۋە‌دە قىلغاندە‌ك،‏ پات-‏ئارىدا قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ ھە‌ممىگە قادىر ئاللا ئۇ‌نى ئىشلىتىپ،‏ پۈتۈن يە‌ر يۈزىدە تېخىمۇ كاتتا مۆجىزىلە‌رنى كۆرسىتىدۇ!‏

خۇ‌دانىڭ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغاندا،‏ يە‌ر يۈزىدىكى ھايات قانداق بولىدۇ؟‏ خۇ‌دانى سۆيگە‌نلە‌ر ۋە ھۆرمە‌تلىگە‌نلە‌ر «يە‌ر يۈزىگە ۋارسلىق قىلار» (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏11)‏.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ «نە ماتە‌م،‏ نە پە‌رياد ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت باشقا بولمايدۇ».‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏4.‏

تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ياشاش نېمە دېگە‌ن ئاجايىپ بە‌رىكە‌ت،‏ ھە!‏ پات-‏ئارىدا شە‌پقە‌تلىك ئاللا ئىنسانىيە‌تكە باشقا بە‌رىكە‌تلە‌رنىمۇ بېرىدۇ.‏ بۇ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن www.jw.org تور بېكىتىنى زىيارە‌ت قىلىڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش