كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان20 3 № 8-‏9 ب.‏
  • پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ردىن ئاللا ھە‌ققىدە ئۆگىنە‌لە‌يمىز

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ردىن ئاللا ھە‌ققىدە ئۆگىنە‌لە‌يمىز
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر
  • مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر
  • ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر
  • ئە‌يسا ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ئە‌مە‌س
  • ياراتقۇ‌چىنىڭ بە‌رىكە‌تلىرىدىن مە‌ڭگۈ بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ڭ!‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • ئە‌يسا يە‌ردە ياشىغاندا نېمىلە‌رنى قىلغان؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ئە‌يسا مە‌سىھ كىم؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ئە‌ڭ ياخشى ھۆكۈمران ئە‌يسا مە‌سىھتىن ئۆگىنىش
    بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
كۆپرەك ئۇچۇرلار
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
ك‌م‌ئان20 3 № 8-‏9 ب.‏
ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر قوللىرىنى كۆتىرىپ،‏ يۇ‌لتۇ‌زلارغا قاراۋاتىدۇ.‏

پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ردىن ئاللا ھە‌ققىدە ئۆگىنە‌لە‌يمىز

ئۆتمۈشتە،‏ ئاللا ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارغا مۇ‌ھىم خە‌ۋە‌رلە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن.‏ شۇ خە‌ۋە‌رلە‌ر ياراتقۇ‌چىنىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرە‌لە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە.‏ ھازىر ئۈچ سادىق پە‌يغە‌مبە‌ردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر

پە‌رۋە‌ردىگار ھە‌ر بىر ئىنسانغا تە‌ڭ قارايدۇ ۋە بارچە ئىنسانىيە‌تنى بە‌رىكە‌تلە‌شنى خالايدۇ.‏

تە‌ڭرى ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «سە‌ن ئارقىلىق يە‌ر يۈزىدىكى بارچە خە‌لقلە‌ر بە‌رىكە‌ت تاپىدۇ»،‏ دېگە‌ن.‏—‏يارىتىلىش 12:‏3.‏

بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ خۇ‌دا ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنى،‏ مە‌يلى ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللار ۋە بالىلار بولسۇ‌ن،‏ بە‌ك ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نىدىغان ھە‌ر بىر كىشىنى بە‌رىكە‌تلە‌شنى خالايدۇ

مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر

مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چى ئۇ‌نى تونۇ‌شقا ئىنتىلىدىغان كىشلە‌رنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏

ھە‌ممىگە قادىر ئاللا ئۆز خىزمە‌تچىسى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئاجايىپ مۆجىزىلە‌رنى كۆرسىتىش كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن خۇ‌دادىن:‏ «سېنى تونۇ‌شۇ‌م ئۈچۈن ۋە داۋاملىق نە‌زىرىڭدە ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈن،‏ ماڭا ئۆز يوللۇ‌رۇ‌ڭنى كۆرسىتىپ بە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئۆتۈنگە‌ن (‏چىقىش 33:‏13)‏.‏ خۇ‌دا مۇ‌سانىڭ ئۆتۈنۈشىدىن خۇ‌رسە‌ن بولغان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئۆز يوللىرىنى ۋە ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى تونۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ياراتقۇ‌چىنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رە‌ھىمدىل ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏—‏چىقىش 34:‏6،‏ 7.‏

بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ ئە‌گە‌ر بىز پە‌رۋە‌ردىگارنى ياخشىراق تونۇ‌ش ئۈچۈن كۈچ چىقارساق،‏ ئۇ ھە‌ربىرىمىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئارقىلىق،‏ ياراتقۇ‌چى ئۆزىگە قانداق توغرا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ۋە بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌شكە تە‌شنالىقىنى كۆرسىتىپ كە‌لمە‌كتە.‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار كىشىنى ساقايتىۋاتىدۇ.‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئىچ ئاغرىتىپ تۈرلۈك ئاغرىقلارنى ساقايتقان

ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام،‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى ۋە تە‌لىملىرى ھە‌ققىدە ئۆگە‌نسە‌ك،‏ ئاللانىڭ ئە‌بە‌دىي بە‌رىكە‌تلىرىدىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ھاياتى ۋە تە‌لىملىرى ھە‌ققىدە كۆپلىگە‌ن تە‌پسىلاتلار يېزىلغان.‏ خۇ‌دا ھە‌زرىتى ئە‌يساغا زور مۆجىزىلە‌رنى كۆرسىتىش،‏ شۇ جۈملىدىن كۆزى كۆرمە‌س،‏ قولىقى ئاڭلىماس ۋە ئاقساق-‏توكۇ‌ر كىشىلە‌رنى ساقايتىش كۈچىنى بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ھە‌تتا ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرگە‌ن.‏ ئۇ مۆجىزىلىرى ئارقىلىق كېلە‌چە‌كتە ياراتقۇ‌چىنىڭ ئىنسانىيە‌تنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن ۋە شۇ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىشنىڭ يولىنى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ سە‌ن يېگانە ھە‌ق خۇ‌دانى ۋە سە‌ن ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنى تونۇ‌ش كېرە‌ك».‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏3.‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر كۆيۈمچان،‏ مۇ‌لايىم ۋە ئاقكۆڭۈل بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ:‏ «مۇ‌لايىم ۋە كە‌متە‌رمە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ مېنىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قۇ‌مغا كىرىپ،‏ مە‌ندىن ئۆگىنىڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلغاندا،‏ كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ» دېگە‌ن تە‌كلىپىنى،‏ ئە‌ر ۋە ئايال،‏ ياش ياكى ياشانغانلار قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئارقىسىدىن ئە‌گە‌شكە‌ن (‏مە‌تتا 11:‏29‏)‏.‏ ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالامنىڭ زامانىدا كىشىلە‌ر ئاياللارغا ناچار مۇ‌ئامىلە قىلاتتى،‏ ئە‌مما ئۇ مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئاياللارغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏

بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز‏؟‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىنسانلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ بىزگە باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشنىڭ ئېسىل ئۈلگىسىنى قالدۇ‌رغان.‏

ئە‌يسا ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ئە‌مە‌س

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن پۈتكۈل ئالە‌منى ياراتقان خۇ‌دا يە‌ككە-‏يېگانە ۋە ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام بولسا ئۇ‌نىڭ كە‌متە‌ر پە‌يغە‌مبىرى ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌لە‌يمىز (‏1-‏كورىنتلىقلار 8:‏6)‏.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌ممىگە قادىر ئاللانىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نى يە‌ر يۈزىگە ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 11:‏41،‏ 42؛‏ 14:‏28‏a‏.‏

a ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ www.jw.org تور بېكىتىدىكى «بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏» ناملىق كىتابچىنىڭ 8،‏ 9-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش