كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان20 3 № 10-‏ب.‏
  • ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان دۇ‌ئا

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان دۇ‌ئا
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چىن يۈرە‌كتىن،‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىڭ
  • ئاللانىڭ خاس ئىسمىنى چاقىرىپ دۇ‌ئا قىلىڭ
  • ئانا تىلىڭىزدا دۇ‌ئا قىلىڭ
  • دۇ‌ئا ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىش
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • دۇ‌ئا ئارقىلىق ياراتقۇ‌چىغا يېقىنلىشىش
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دا يە‌ھۋا دۇ‌ئايىمىزغا قۇ‌لاق سالامدۇ؟‏
    خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ مە‌ڭگۈ ياشاڭ!‏
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
ك‌م‌ئان20 3 № 10-‏ب.‏
ئوتتۇ‌را شە‌رقتىن چىققان كىشى دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

دۇ‌ئالارنى ئاڭلىغۇ‌چى ئاللا بىزنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن تىڭشايدۇ—‏زە‌بۇ‌ر 65:‏2.‏

ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان دۇ‌ئا

دۇ‌ئا —‏ ياراتقۇ‌چىمىز ئىنسانلارغا ئۆزگىچە سوۋغات.‏ دۇ‌ئا ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى ئېيتالايمىز.‏ داۋۇ‌ت پە‌يغە‌مبە‌ر دۇ‌ئا قىلىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌ي سە‌ن دۇ‌ئانى ئاڭلىغۇ‌چى،‏ ھە‌ر تۈرلۈك ئىنسانلار ھۇ‌زۇ‌رۇ‌ڭغا كېلە‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏2)‏.‏ لېكىن،‏ ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن قانداق دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ؟‏

چىن يۈرە‌كتىن،‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىڭ

دۇ‌ئادا ئۆز سۆزلىرىڭىز بىلە‌ن خۇ‌داغا ئىچ-‏باغرىڭىزنى تۆكۈڭ (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8)‏.‏ ئالە‌منىڭ ئېگىسى چىن يۈرە‌كتىن ئېيتىلغان سە‌مىمىي دۇ‌ئالاردىن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ.‏

ئاللانىڭ خاس ئىسمىنى چاقىرىپ دۇ‌ئا قىلىڭ

ئاللانىڭ ياراتقۇ‌چى،‏ ھە‌ممىگە قادىر،‏ پە‌رۋە‌ردىگار قاتارلىق نام-‏ئۇ‌نۋانلىرى كۆپ بولسىمۇ،‏ ئۆزىگە خاس بىرلا ئىسمى بار.‏ ئۇ ئۆزى:‏ «مە‌ن يە‌ھۋامە‌ن،‏ بۇ مېنىڭ ئىسىمىمدۇ‌ر»،‏ دېگە‌ن (‏يە‌شايا 42:‏8)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ياھۋە‌ھ ياكى يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسمى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا تە‌خمىنە‌ن 7000 قېتىم ئۇ‌چرايدۇ.‏ كۆپ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ خاس ئىسمىنى قوللانغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر دۇ‌ئا قىلىپ:‏ «ئۆتۈنە‌ي،‏ يە‌ھۋا!‏ خاپا بولمىساڭ،‏ يە‌نە سوراپ باقسام»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يارىتىلىش 18:‏30)‏.‏ بىزمۇ دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئاللانىڭ «يە‌ھۋا» دېگە‌ن ئىسمىنى ئىشلىتە‌يلى.‏

ئانا تىلىڭىزدا دۇ‌ئا قىلىڭ

مە‌يلى بىز قايسى تىلدا سۆزلە‌يلى،‏ ياراتقۇ‌چى ئوي-‏پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «خۇ‌دا ھە‌ممىنى تە‌ڭ كۆرىدىكە‌ن.‏ قايسى مىللە‌تتىن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌پ،‏ توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان ھە‌رقانداق كىشىنى قوبۇ‌ل قىلىدىكە‌ن».‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35.‏

بىراق،‏ ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىشتىن تاشقىرى يە‌نە باشقا ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق كېلە‌ركى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش