كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان20 3 № 11-‏ب.‏
  • ئاللاغا بويسۇ‌نغانلار بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئاللاغا بويسۇ‌نغانلار بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • 1.‏ ئاللاغا بويسۇ‌نۇ‌ش دانا قىلىدۇ
  • 2.‏ ياراتقۇ‌چىغا بويسۇ‌نۇ‌ش بە‌ختلىك قىلىدۇ
  • ‏«خۇ‌دانى سۆيۈش»‏
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • ئىتائە‌ت قىلىشقا تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
ك‌م‌ئان20 3 № 11-‏ب.‏
بىر ئائىلە ئە‌زالىرى بىللە خۇ‌شال-‏خورام ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏ ئانا بىر قىزى بىلە‌ن تاماق قىلىۋاتىدۇ.‏ ئاتا باشقا قىزى بىلە‌ن سۈرە‌تلە‌رگە قاراۋاتىدۇ.‏

ئاللانىڭ ئە‌مىرلىرىگە بويسۇ‌نساق،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرىمىز

ئاللاغا بويسۇ‌نغانلار بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ

مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «خۇ‌دايىڭلار يە‌ھۋانىڭ ئە‌مرلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلساڭلار،‏ بە‌رىكە‌ت تاپىسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏13؛‏ 11:‏27)‏.‏ نېمە ئۈچۈن پە‌رۋە‌ردىگارغا بويسۇ‌نىمىز؟‏ ئۇ‌نىڭ جازاسىدىن قېچىش ئۈچۈنمۇ؟‏ ياق.‏ ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى بىزنى جە‌لپ قىلغاچ،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نىمىز.‏ بىز خۇ‌دانى سۆيگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىدىغان ئىشلاردىن نېرى تۇ‌رىمىز.‏ «خۇ‌دانى سۆيۈش ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش دېمە‌كتۇ‌ر».‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3.‏

ئە‌مما،‏ ھازىر خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئېرىشىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ردىن ئىككىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

1.‏ ئاللاغا بويسۇ‌نۇ‌ش دانا قىلىدۇ

‏«ساڭا پايدىلىق بولغاننى ئۆگە‌تكۈچىمە‌ن،‏ سېنى مېڭىشىڭ كېرە‌ك بولغان يولدا يېتە‌كلىگۈچىمە‌ن».‏—‏يە‌شايا 48:‏17.‏

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بىزنى ياخشى بىلىدۇ ۋە بىزگە كېرە‌كلىك يول-‏يورۇ‌قنى بېرىدۇ.‏ بىز دانا قارارلارنى چىقىرىشنى خالىساق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ئاللانىڭ بىزدىن نېمىلە‌رنى تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە شۇ بىلىملە‌رگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏

2.‏ ياراتقۇ‌چىغا بويسۇ‌نۇ‌ش بە‌ختلىك قىلىدۇ

‏«خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلغانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏».‏—‏لۇ‌قا 11:‏28.‏

بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئىنسانلار ئاللانىڭ سۆزىگە ئىتائە‌ت قىلىپ،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىقتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏ ئىسپانىيە‌دىكى بىر كىشىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ قېنى قىزىق ئادە‌م ئىدى ۋە باشقىلارغا،‏ ھە‌تتا ئايالىغىمۇ قوپال مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ ئۇ بىر كۈنى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر يازغان كىتابتىن ياقۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كە‌متە‌ر ئوغلى يۈسۈپ ھە‌ققىدە ئوقۇ‌پ قالدى.‏ يۈسۈپ قۇ‌للۇ‌ققا سېتىلغان ۋە ناھە‌ق زىندانغا تاشلانغان ئىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ كە‌متە‌ر،‏ تىنچلىقپە‌رۋە‌ر ۋە كە‌چۈرۈمچان بولغان (‏يارىتىلىش 37—‏45-‏بابلار)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يۈسۈپنىڭ مىسالى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش مېنى كە‌متە‌رلىك ۋە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشقا ئوخشاش خىسلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندىدى.‏ مانا،‏ ئە‌مدى خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈۋاتىمە‌ن».‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يە‌نە باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش ھە‌ققىدە نۇ‌رغۇ‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق كېلە‌ركى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش