1-باب
«خۇدانى سۆيۈش»
«خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس». — 1-يۇھاننا 5:3.
1، 2. نېمە سىزنى يەھۋا خۇدانى سۆيۈشكە ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ؟
سىز خۇدانى سۆيەمسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغان بولسىڭىز، ئىككىلەنمەيلا: «ئەلۋەتتە!»، دەپ جاۋاب بېرىسىز. دەرۋەقە، بىزنىڭ پەرۋەردىگار يەھۋانى سۆيىشىمىز ناھايىتى تەبىئىي. ئەمەلىيەتتە، خۇداغا بولغان مۇھەببىتىمىز، ئۇنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مۇھەببىتىگە قايتۇرغان جاۋابتۇر. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ قەلبىمىز مېھىر- مۇھەببەتلىك، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولدى». — 1-يۇھاننا 4:19.
2 پەرۋەردىگار يەھۋا، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن. ئۇ بىزگە يەرشارىنى گۈزەل ماكان قىلىپ بەرگەن. شۇنىڭدەك، ئۇ ماددىي مۇھتاجلىقلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزدىن خەۋەر ئېلىپ كەلمەكتە (مەتتا 5:43–48). مۇھىمى، پەرۋەردىگار بىزنىڭ مەنىۋى يەنى روھىي ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇپ كەلدى. خۇدا بىزگە مۇقەددەس كىتابنى ئاتا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ياراتقۇچىمىز بىزنى دۇئا قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئۇ تەلىپىمىزگە قۇلاق سالىدىغانلىقىغا ۋە مۇقەددەس روھنى بىزگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ (زەبۇر 65:2؛ لۇقا 11:13). كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغىنى، خۇدا بىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۇنجى ياراتمىسى بولغان سۆيۈملۈك ئوغلى — ئەيسا مەسىھنى، بىز ئۈچۈن تۆلەم بېرىشكە ئەۋەتتى. يەھۋانىڭ بىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۇھەببىتى نەقەدەر چوڭقۇر، ھە! — يۇھاننا 3:16؛ رىملىقلار 5:8.
3. (1) خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟ (2) بىز ئۆزىمىزگە قايسى مۇھىم سوئالنى قويۇشىمىز كېرەك ۋە قەيەردىن جاۋاب تاپالايمىز؟
3 يەھۋا، بىزنىڭ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولۇپ ياشىشىمىزنى خالايدۇ. ئەمما، ئاشۇ ئىلتىپاتتىن پايدىلىنىش ياكى پايدىلانماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «مەڭگۈلۈك ھاياتقا» ئېرىشىش ئۈچۈن «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» (يەھۇدا 21). ئاشۇ «ياشاڭلار» پېئىلى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە كونكرېت يەنى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزگە مۇنداق بىر مۇھىم سوئال قويۇپ باقايلى: يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمنى قانداق ئىپادىلىيەلەيمەن؟ ئەلچى يۇھاننانىڭ خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يازغان مۇنۇ سۆزى سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ: «خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس» (1-يۇھاننا 5:3). مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىشىمىز زۆرۈر. چۈنكى، بىز ياراتقۇچىمىزنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنى خالايمىز.
«خۇدانى سۆيۈش»
4، 5. يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت قەلبىڭىزدە قانداق بىخلاشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
4 «خۇدانى سۆيۈش» — ئەلچى يۇھاننا مۇشۇ سۆزلەرنى يازغىنىدا، نېمىنى كۆزدە تۇتقان؟ مۇشۇ سۆز-ئىبارە ئارقىلىق، ئۇ بىزنىڭ خۇداغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىگەن. ئۇنداقتا، سىز قەلبىڭىزدە ئاللا يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ قاچان يىلتىز تارتىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسلىيەلەمسىز؟
ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈش، يەھۋانى سۆيۈپ ئۇنىڭغا ئىتائەتچان بولۇپ ياشاشنىڭ باشلىنىشىدۇر
5 ئاللا ۋە ئۇنىڭ نىيەتلىرى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى تۇنجى قېتىم بىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىشنى باشلىغان ۋاقىتنى ئەسلەپ بېقىڭ. گەرچە سىز گۇناھكار ھالەتتە تۇغۇلۇپ خۇدادىن يىراقلاشقان بولسىڭىزمۇ، يەھۋا كەلگۈسىدە سىزنىڭ ئادەم-ئاتا يوقاتقان مۇكەممەل تەنگە ئىگە بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىڭىزگە مەسىھ ئارقىلىق يول ئاچقانلىقىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ يەتتىڭىز (مەتتا 20:28؛ رىملىقلار 5:12، 18). يەھۋا ئەڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى سىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە ئەۋەتىپ، غايەت زور قۇربانلىق بەرگەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىڭىز. شۇنداقلا ھەم، سىزگە شۇنداق چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن پەرۋەردىگار يەھۋاغا بولغان مۇھەببەت قەلبىڭىزدە بىخلاشقا باشلىدى. شۇنداق ئەمەسمۇ!؟ — 1-يۇھاننا 4:9، 10.
6. ھەقىقىي مۇھەببەت قانداق ئىزھار قىلىنىدۇ؟ پەرۋەردىگارغا بولغان مۇھەببىتىڭىز، سىزنىڭ نېمە قىلىشىڭىزغا سەۋەب بولدى؟
6 ئەمما، شۇنداق ھېس-تۇيغۇ يەھۋاغا بولغان سەمىمىي مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى خالاس. سۆيگۈ-مۇھەببەت شۇنداق بىرخىل ھېس-تۇيغۇدا بولۇش ياكى ئېغىزدا ئېيتىلغان بىرنەچچە ئېغىز سۆز ئەمەس. خۇداغا بولغان ھەقىقىي مۇھەببەت، ئاددىيلا «مەن يەھۋا خۇدانى سۆيىمەن»، دەپ قۇيۇش بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ. ئىمان-ئېتىقادقا ئوخشاش، ھەقىقىي مۇھەببەت ئەمەلدە يەنى ئىش-ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ (ياقۇپ 2:26). ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، مۇھەببەت — ئۆزى سۆيىدىغان كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئىزھار قىلىنىدۇ. شۇ سەۋەب، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت قەلبىڭىزدە يىلتىز تارتقاندا، سىز ئاسماندىكى ئاتىڭىزنى خۇرسەن قىلىدىغان بىرخىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ھەرىكەت قىلدىڭىز. سىز سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن يەھۋا گۇۋاھچىسىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، پەرۋەردىگارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىڭىز ھاياتىڭىزدىكى ئاشۇ ئەڭ مۇھىم قارارنى قىلىشقا ھەرىكەت قىلدۇرغان. سىز يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدىڭىز (رىملىقلار 14:7، 8). يەھۋاغا بەرگەن مۇشۇ مۇھىم ۋەدىگە قەتئىي ئەمەل قىلىش، ئەلچى يۇھاننانىڭ تۆۋەندە تىلغا ئالغان سۆزلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
«ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش»
7. يەھۋانىڭ بەزى ئەمر-پەرمانلىرى قايسىلار؟ ئاشۇ ئەمرلەرنى تۇتۇش دېگەن نېمە؟
7 ئەلچى يۇھاننا: خۇدانى سۆيۈش — «ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر»، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇنداقتا، خۇدانىڭ ئەمرلىرى قانداق؟ يەھۋا بىزگە ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بەزى ئەمر-پەرمانلارنى بەرگەن. مەسىلەن، ھاراقكەشلىك، بۇزۇقچىلىق قىلىش، بۇتپەرەسلىك، ئوغرىلىق ۋە يالغانچىلىقلارغا ئوخشاش ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى مەنئى قىلغان (1-كورىنتلىقلار 5:11؛ 6:18؛ 10:14؛ ئەفەسلىكلەر 4:28؛ كولوسىلىقلار 3:9). يەھۋانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش — مۇقەددەس كىتابتىكى ئەخلاق-پەزىلەت ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق تۇرمۇش كەچۈرۈش دېگەنلىكتۇر.
8، 9. مەلۇم بىر ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك ئەمر-پەرمان، مۇقەددەس كىتابتا يوق بولغان شارائىتتا، نېمىنىڭ يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ؟
8 ئەمما، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، پەقەت مۇقەددەس كىتابتا يېزىپ قالدۇرۇلغان ئەمر-پەرمانلارغا ئەمەل قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ. يەھۋا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-پەرمانلار بىلەن بىزنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ چەكلىمىگەن. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بەزى ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، شۇنداق ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك ئەمر-پەرمانلارنى مۇقەددەس كىتابتىن تاپالمايمىز. ئۇنداقتا، شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ مۇقەددەس كىتاب، ئاللانىڭ ئۆلچەملىرى ۋە كۆزقارىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، بىز مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش ئارقىلىق يەھۋا نېمىنى ياخشى كۆرۈپ، نېمىنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز (زەبۇر 97:10؛ پەندى-نەسىھەت 6:16–19). ھەمدە بىز ئاستا-ئاستا، ئۇنىڭ قانداق كۆزقاراشتا بولىدىغانلىقىنى ۋە قانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. بىز يەھۋانىڭ ئېسىل سۈپەتلىرى ۋە ئىش تۇتۇش يولى توغرىسىدا كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولغانسېرى، قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئوي-پىكىرىگە ئاساسەن قارار چىقىرىشىمىز ۋە ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىشىمىز بارغانسېرى ئاسانغا چۈشىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەتتا بىز دۇچ كەلگەن ئەھۋالغا قارىتا مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق ئەمر-پەرمان خاتىرىلەنمىگەن بولسىمۇ، بىز دائىم يەھۋانىڭ «ئىرادىسىنى» بىلەلەيمىز. — ئەفەسلىكلەر 5:17.
9 ئالايلۇق، مۇقەددەس كىتابتا زوراۋانلىققا تولغان ۋە شەھۋانىي مەزمۇندىكى كىنو ياكى تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش توغرىسىدا ھېچقانداق ئېنىق ئەمر-پەرمان يوق. بىراق بىز، راستىنلا شۇنداق كىنو-فىلىملەرنى كۆرمەسلىك توغرىسىدىكى ئېنىق بىر ئەمر-پەرمانغا مۇھتاجمۇ؟ بىز يەھۋانىڭ ئاشۇ ئىشلارغا قانداق كۆزقاراشتا بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب بىزگە شۇنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىدۇ: يەھۋا «يامان كىشىنى زۇلۇمنى ياخشى كۆرگۈچىگە قوشۇپ يامان كۆرۈر» (زەبۇر 11:5، ب ج). يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ» (ئىبرانىيلار 13:4). ئاشۇ ياراتقۇچى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئىلھاملاندۇرۇلۇپ يېزىلغان ئايەتلەرنى چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭلاشقا، خۇدا ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىلەر ئاشكارا تەسۋىرلەنگەن كىنو-فىلىملەرنى ئەلۋەتتە كۆرمەيمىز! بۇ دۇنيا چىرىكلەشكەن ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى كىشىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. لېكىن، شۇنداق كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇن-تاماشىلاردىن خالىي بولۇشنىڭ يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.a
10، 11. نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشنى تاللايمىز؟ قايسى تەرىقىدە شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك؟
10 ئاللانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى تۇتۇشىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسىي سەۋەبى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن، ھەر كۈنى ياراتقۇچىنىڭ ئوي-پىكىرىگە ماس تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز؟ شۇنداق قىلىشنى تاللىشىمىز، جازادىن قېچىپ قۇتۇلۇش ياكى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە سەل قاراش تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتتىن خالىي بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس (گالاتىيالىقلار 6:7). ئەكسىچە، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشىمىز، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر. يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى ئىزدىشىمىز، خۇددى بىر كىچىك بالىنىڭ تىرىشىپ، ئۆز ئاتىسىنى مەمنۇن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا ئوخشايدۇ (زەبۇر 5:12). ئۇ ئەرىشتىكى ئاتىمىز بولغاچ، بىز ئۇنى سۆيىمىز. ئەگەر كىشى ئۇنى خۇرسەن قىلىپ ياشىسا، يەھۋا «خۇداۋەندىدىن ئىلتىپات تاپادۇر» (پەندى-نەسىھەت 12:2، ب ج). بىزگە بۇنى بىلىشتىنمۇ ئارتۇقراق خۇشاللىق تېپىش ۋە شۈكۈر-قانائەت ھاسىل قىلىش يوقتۇر.
11 شۇنىڭ ئۈچۈن، ياراتقۇچىغا ئىتائەت قىلىشىمىز، ئىلاجسىزلىقتىن ياكى شەرت قويۇش ئاساسىدا بولغان ئەمەس.b بىز قولايلىق شارائىتقا ئىگە بولغاندا ياكى ئانچە چوڭ قۇربان بېرىش تەلەپ قىلىنمىغان ئەھۋالدىلا خۇداغا بويسۇنۇشنى تاللىماستىن، بەلكى ‹چىن دىلىمىزدىن بويسۇنىمىز› (رىملىقلار 6:17). ھەمدە زەبۇر يازغۇچىسىغا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولالايمىز. ئۇ: كۆڭلۈم «ئەمرلىرىڭنى ياخشى كۆرگەچ خۇش»، دەپ يازغان (زەبۇر 119:47، ب ج). بىز ھەقىقەتەن يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز. بىزنىڭ شەرتسىز خۇداغا ئىتائەت قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز (تەكرار قانۇن 12:32). يەھۋانىڭ نۇھ پەيغەمبەر ھەققىدە ئېيتقان سۆزلەرنى، بىز توغرىمىزدا ھەم ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۆمۈر بويى يەھۋاغا ئىتائەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر توغرىسىدا، مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «نۇھ ھەربىر ئىشتا خۇدا بۇيرۇغاندەك قىلدى». — يارىتىلىش 6:22.
12. يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ئىتائەت قىلىشىمىز كېرەك؟
12 ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن يەھۋاغا ئىتائەت قىلساق، ئۇ قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا، يەھۋا مۇنداق دەيدۇ: شۇنداق قىلساڭ، «كۆڭلۈمنى خۇش قىلۇرسەن» (پەندى-نەسىھەت 27:11، ب ج). ئۇنداقتا، ئىتائەتچانلىقىمىز راستىنلا پۈتكۈل ئالەمنىڭ ھەقدار ئىگىسىنىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلالامدۇ؟ ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلالىشىدا سەۋەب بار! يەھۋا، بىز ئىنسانلارنى تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە قىلىپ ياراتقان. دېمەك، بىز ياراتقۇچىغا ئىتائەت قىلىش ياكى قىلماسلىقنى تاللىيالايمىز (تەكرار قانۇن 30:15، 16، 19، 20). شۇڭا، يەھۋانى چىن قەلبىمىزدىن سۆيگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئىختىيار قىلىپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساق، ساماۋى ئاتىمىزنىڭ كۆڭلى شاد-خۇراملىققا تولۇپ خۇرسەنلىك تاپىدۇ (پەندى-نەسىھەت 11:20). شۇنداق ئېيتالايمىزكى، ئاللا يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشنى تاللىغىنىمىز، ئەڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىنى تاللىغىنىمىزدۇر.
«ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس»
13، 14. نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ «ئەمىرلىرى ئېغىر ئەمەستۇر» دەيمىز، مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈڭ؟
13 ئەلچى يۇھاننانىڭ، يەھۋانىڭ تەلەپلىرى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرى كىشىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس» (1-يۇھاننا 5:3). ئەلۋەتتە، يەھۋانىڭ تەلەپلىرى ئورۇنسىز ياكى كىشى قوبۇل قىلالمىغۇدەك ئېغىر ئەمەس. ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، نامۇكەممەل ئىنسانلارمۇ ئىتائەت قىلالايدۇ.
14 مۇنداق بىر مىسال قىلساق: ئۆي كۆچۈش ئۈچۈن يېقىن بىر دوستىڭىز سىزنى ياردەمگە چاقىردى. ئۆيدە كۆچۈرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن يەشىكلەر بار. بەزىلىرى يەڭگىل بولۇپ، بىر كىشى بىمالال يۆتكىيەلەيدۇ، ئەمما يەنە بەزىلىرى ئېغىر بولۇپ، ئىككى ئادەم بىرلىكتە يۆتكىشى كېرەك، دەيلى. ئۇ دوستىڭىز بىر كىشىگە ئېغىر كېلىدىغان يەشىكلەرنى سىزنىڭ يالغۇز يۆتكىشىڭىزنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ياق. ئۇ سىزنىڭ ئۇلارنى يۆتكەشكە ئۇرۇنۇپ، ئۆزىڭىزنى يارىلاندۇرۇۋېلىشىڭىزنى خالىمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مېھىر- شەپقەتلىك خۇدايىمىز، ئادا قىلىش بەك قىيىن بولغان ئەمر-پەرمانلارنى تۇتۇشنى بىزدىن تەلەپ قىلمايدۇ (تەكرار قانۇن 30:11–14). ئۇ ھەرگىزمۇ بىزدىن شۇنىڭدەك ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ. يەھۋا قابىلىيىتىمىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىزنى ياراتقاچقا، «تۇپراق بولغىنىمىزنى ياد قىلۇر». — زەبۇر 103:14، (ب ج).
15. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئەمر-پەرمانلىرى بىزگە پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز؟
15 يەھۋانىڭ ئەمر-پەرمانلىرى، ھەرگىزمۇ بىز ئۈچۈن ئېغىر يۈك ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇلار پايدا-مەنپەئەتىمىز ئۈچۈندۇر (يەشايا 48:17). شۇ سەۋەب، مۇسا پەيغەمبەر قەدىمدە ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېگەن: «خۇداۋەندە ئۆزى بىزنىڭ توغرىمىزدا ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ بۇ ۋاقىتغىچە بولغاندەك بىزنى تىرىك ساقلىماق ئۈچۈن بىزگە بۇ ھەممە قانۇنلارغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىپ تەڭرىمىز خۇداۋەندىدىن قورققىلى بويرۇدى» (تەكرار قانۇن 6:24، ب ج). بىز ھەم شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمىزكى، يەھۋا قانۇن-پەرمانلارنى بىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ياخشىلىق يەنى پايدا-مەنپەئەتىمىز، مەڭگۈلۈك بەخت-سائادىتىمىز ئۈچۈن بەرگەن. شۇنداق قىلىشى ھەقىقەتەن ئەقىلگە مۇۋاپىق! چۈنكى، يەھۋا ئەقىل-پاراسىتى چەكسىز خۇدادۇر (رىملىقلار 11:33). شۇڭلاشقا، نېمىنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى يەھۋا بىلىدۇ ھەمدە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەشكەن (1-يۇھاننا 4:8). شۇڭا، ئۇنىڭ ھەربىر قىلغان سۆزى ۋە ئىشىدا مېھىر-مۇھەببەت ئەكس ئەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمانلىرى سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان.
16. نېمە ئۈچۈن چىرىكلەشكەن دۇنيانىڭ تەسىرىگە ۋە نامۇكەممەل تېنىمىزنىڭ گۇناھكار خاھىشىغا قارىماي، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىپ ياشىيالايمىز؟
16 ئەمما، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىپ ياشاشنى ئاسان، دەپ ئويلىماڭ. چۈنكى، بۇ رەزىل دۇنيا «شەيتاننىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر» (1-يۇھاننا 5:19). شۇڭا، بىز چوقۇم بۇ چىرىكلەشكەن دۇنيانىڭ تەسىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە خۇدانىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا مايىل قىلىدىغان نامۇكەممەل تېنىمىزدىكى گۇناھكار خاھىش بىلەن چوقۇم كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك (رىملىقلار 7:21–25). شۇندىلا، ياراتقۇچىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز غالىپ كېلەلەيدۇ. يەھۋاغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگۈچىلەرنى، ئۇ بەرىكەتلەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس روھىنى «ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا» قىلىدۇ (ئەلچىلەر 5:32). مۇقەددەس روھ، بىزدە ئاجايىپ مېۋە كەلتۈرىدۇ، يەنى ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. شۇ پەزىلەتلەر ياراتقۇچىغا ئىتائەت قىلىپ ياشىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. — گالاتىيالىقلار 5:22، 23.
17، 18. (1) مۇشۇ كىتابتا نېمىنى مۇلاھىزە قىلىپ چىقىمىز ۋە مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، نېمىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟ (2) كېيىنكى بابتا نېمە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ؟
17 مۇشۇ كىتابتا، بىز يەھۋانىڭ قائىدە-قانۇنلىرى، ئەخلاق ئۆلچەملىرى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئاشكارا قىلىدىغان باشقا نۇرغۇن كۆرسەتمىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ چىقىمىز. لېكىن، شۇلارنى مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، بىرنەچچە مۇھىم ئىشلارنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. شۇنى ئەستە ساقلايلىكى، يەھۋا بىزنى ئۆزىنىڭ قانۇن-پەرمانلىرى ۋە قائىدە-پرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ؛ ئۇ بىزنىڭ چىن قەلبىمىزدىن ئۆزىمىز ئىختىيار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ. يەھۋانىڭ بىزنى بۈگۈنكى كۈندە مول بەرىكەتلەشكە ئىگە قىلىدىغان ۋە كەلگۈسىدە مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولدا يۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. يەنە شۇ يادىمىزدا بولسۇنكى، چىن قەلبىمىزدىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر.
18 ياخشىنى ياماندىن، ھەقنى ناھەقتىن ئايرىش ئۈچۈن مېھىر-شەپقەتلىك پەرۋەردىگارىمىز يەھۋا بىزگە ئىنساپ يەنى ۋىجدان ئاتا قىلغان. بىراق، ۋىجدانىمىز تاۋلىنىشى كېرەك. شۇندىلا، ۋىجدانىمىز بىزگە ئىشەنچىلىك يولباشچى بولالايدۇ. كېيىنكى بابتا، مۇشۇ توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز.
a ساغلام بولغان كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇن-تاماشىلارنى قانداق تاللاش توغرىسىدا، مۇشۇ كىتابنىڭ 6-بابىدا كۆرۈپ ئۆتىمىز.
b ھەتتا، يامان روھلار ئىلاجىسىز ئىتائەت قىلىشى مۇمكىن. ھەزرىتى ئەيسا جىن چاپلىشىۋالغان بەزى كىشىلەردىن جىنلارنى چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلغاندا، جىنلار ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئىلاجىسىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان. — ماركۇس 1:27؛ 5:7–13.