كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 19-‏باپ 184-‏193 ب.‏
  • ئۆزىڭىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلاڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۆزىڭىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلاڭ
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دانىڭ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى تونۇ‌پ يېتىش ۋە ئۇ‌نىڭغا جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌داغا بارغانسېرى يېقىنلىشىش
  • دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌تلىرىڭىز ئارقىلىق خۇ‌شاللىق تېپىڭ
  • ‏«ھە‌قىقىي ھاياتقا» ئىنتىلىڭ
  • ‏«خۇ‌دانى سۆيۈش»‏
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ ئېسىل پە‌زىلە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 19-‏باپ 184-‏193 ب.‏

19-‏باب

ئۆزىڭىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلاڭ

  • خۇ‌دانى سۆيۈش دېگە‌ن زادى نېمە دېگە‌ن گە‌پ؟‏

  • قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ساقلايمىز؟‏

  • يە‌ھۋا ئۆزىنى ئۇ‌نىڭ مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ساقلىغانلارنى قانداق مۇ‌كاپاتلايدۇ؟‏

سىز يە‌ھۋانى مۇ‌شۇ رە‌زىل زاماندا ياشىغان ۋاقتىمىزدا،‏ ئۆزىڭىزنىڭ باشپاناھى قىلامسىز؟‏

1،‏ 2.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز قە‌يە‌ردىن بىر بىخە‌تە‌ر پاناھ جاي تاپالايمىز؟‏

يولدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا ئاسمان قارا بۇ‌لۇ‌تلارغا تولۇ‌پ،‏ چاقماقلار چېقىپ،‏ ھاۋا گۈلدۈرلە‌پ،‏ چېلە‌كلە‌پ قۇ‌يغاندە‌ك يامغۇ‌ر يېغىپ كېتىپ،‏ سىز سىرتتا قالغان بىر كۆرۈنۈشنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ.‏ ھېچ نە‌رسىگە قارىماي تېز يۈگۈرۈپ پاناھلىنىدىغان جاي ئىزدىگىنىڭىزدە،‏ يولنىڭ چېتىدە بىر پاناھ جاينى كۆردىڭىز.‏ ئۇ جاي بوران-‏چاپقۇ‌نلۇ‌ق يامغۇ‌ردىمۇ مە‌زمۇ‌ت،‏ قۇ‌رغاق تۇ‌رغان بولۇ‌پ،‏ ناھايىتى ئىللىق پاناھ جاي ئىدى.‏ ئاشۇ‌نداق بىخە‌تە‌ر پاناھ جاي تاپقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىز نە‌قە‌دە‌ر خۇ‌شال بولىسىز،‏ ھە!‏

2 بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز بوران-‏چاپقۇ‌نلۇ‌ق زاماندا ياشاۋاتىمىز.‏ دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.‏ بىراق،‏ بىر بىخە‌تە‌ر پاناھ جاي بار.‏ بۇ پاناھ جاي بىزنى مە‌ڭگۈلۈك زىيانكە‌شلىكتىن بىخە‌تە‌ر ساقلىيالايدۇ.‏ ئۇ قانداق پاناھ جاي؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئۇ مېنىڭ پاناھىم بىلە‌ن قورغانىم بولۇ‌پ تە‌ۋە‌ككۈلۈم بولغان خۇ‌دايىم ئۇ‌دۇ‌ر دە‌پ ئېيتۇ‌ر» دە‌پ يېزىلغان.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 91:‏2.‏

3.‏ بىز قانداق قىلىپ يە‌ھۋانى ئۆزىمىزگە باشپاناھ قىلالايمىز؟‏

3 تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ!‏ پۈتۈن ئالە‌منىڭ ياراتقۇ‌چىسى ۋە ھۆكۈمرانى پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بىزنى قوغدايدىغان باشپاناھىمىز بولىدۇ.‏ ئۇ بىزنى بىخە‌تە‌ر ساقلاشقا قادىر،‏ ئۇ‌نىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى بىزگە زىيان يە‌تكۈزىشى مۇ‌مكىن بولغان ھە‌رقانداق ئادە‌م ۋە ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌ر بېسىپ چۈشە‌لمە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋا بىز دۇ‌چار بولغان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏ قانداق قىلىپ يە‌ھۋانى ئۆزىمىزگە باشپاناھ قىلالايمىز؟‏ بىز ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌ندىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى:‏ «ئۆزىڭىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلاڭلار» دە‌پ دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏يە‌ھۇ‌دا 21)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ بىز ئۆزىمىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلاپ ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلە‌ن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى مە‌ھكە‌م باغلىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌ندىلا،‏ ئۇ‌نىڭ بىزنىڭ باشپاناھىمىز ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئاشۇ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى قانداق باغلىيالايمىز؟‏

خۇ‌دانىڭ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى تونۇ‌پ يېتىش ۋە ئۇ‌نىڭغا جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌ش

4،‏ 5.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بىزگە قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلە‌پ كە‌لگە‌ن؟‏

4 ئۆزىمىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلاش ئۈچۈن بىز پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى تونۇ‌پ يېتىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌شۇ قولىڭىزدىكى كىتابنىڭ ياردىمىدە ئۆگە‌نگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىنى ئە‌سلە‌پ بېقىڭ.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا يە‌رشارىنى بىزگە گۈزە‌ل ماكان قىلىپ بە‌ردى.‏ مۇ‌شۇ ماكاننى يېتە‌رلىك سۇ ۋە ئاشلىق،‏ تە‌بىئىي بايلىقلار،‏ كىشىنى زوقلاندۇ‌رىدىغان جان-‏جانىۋارلار ۋە چىرايلىق مە‌نزىرىلە‌ر بىلە‌ن تولدۇ‌رۇ‌پ بە‌ردى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق خۇ‌دا ئۆز ئىسمىنى ۋە خاراكتېر-‏سۈپە‌تلىرىنى بىزگە ئاشكارا قىلدى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دا سۆيۈملۈك ئوغلى ئە‌يسا مە‌سىھنى يە‌ر يۈزىگە ئە‌ۋە‌تىپ،‏ بىز ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىپ ئۆزىنى قۇ‌ربان قىلىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلغانلىقىنى ئۇ‌نىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە ئاشكارا قىلدى (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئۆز ئوغلىنى قۇ‌ربانلىققا بېرىشىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق ئە‌ھمىيىتى بار؟‏ بۇ گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ئۈچۈن ئۈمىد بېرىدۇ.‏

5 بىزنىڭ كە‌لگۈسى ئۈچۈن ئۈمىدىمىز يە‌نە يە‌ھۋا خۇ‌دا قۇ‌رغان ئاسماندىكى ھۆكۈمە‌ت يە‌نى مە‌سىھ پادىشاھ بولۇ‌پ باشقۇ‌رىدىغان خۇ‌دا پادىشاھلىقى بىلە‌ن باغلىنىشلىق.‏ ئاشۇ پادىشاھلىق پات-‏ئارىدا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ئاخىرلاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌رشارىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رىدۇ.‏ ئويلىنىپ كۆرۈڭ!‏ بىز كە‌لگۈسىدە تىنچ-‏ئامان ۋە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام مە‌ڭگۈ ياشايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ خۇ‌دا ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق قىلىپ ئە‌ڭ ياخشى تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىمىز ئۈچۈن كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە بىزگە ھە‌رقانداق ۋاقىت ۋە ھە‌رقانداق جايدا دۇ‌ئا ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئە‌ركىن-‏ئازادە ئالاقە قىلىشمىز ئۈچۈن يول ئېچىپ بە‌ردى.‏ يە‌ھۋا پۈتكۈل ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن ۋە شە‌خسە‌ن سىز ئۈچۈن ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌لدا مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ كە‌لدى.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغىنى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئۇ‌سۇ‌لى خالاس.‏

6.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا سىزگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۈچۈن سىز قانداق جاۋاب قايتۇ‌رالايسىز؟‏

6 سىز مۇ‌لاھىزە قىلىدىغان بىر مۇ‌ھىم سوئال:‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە قانداق جاۋاب قايتۇ‌رىمە‌ن؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر شۇ‌نداق دېيىشىدۇ:‏ «ئۇ مېنى سۆيگە‌ن ئىكە‌ن،‏ مە‌نمۇ ئۇ‌نى سۆيۈشۈم كېرە‌ك».‏ سىز ھە‌م شۇ‌نداق ئويلامسىز؟‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا:‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بۇ‌يرۇ‌ق،‏ «پە‌رۋە‌ردىگارىڭ بولغان خۇ‌دانى پۈتۈن قە‌لبىڭ،‏ پۈتۈن جېنىڭ،‏ پۈتۈن زېھىنىڭ بىلە‌ن سۆيگىن» دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 22:‏37‏،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ سىزنىڭ خۇ‌دا يە‌ھۋانى سۆيۈشىڭىز ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆپ سە‌ۋە‌ب بار.‏ ئە‌مما،‏ قە‌لبىڭىزدىلا ئۇ‌نى شۇ‌نچە بە‌ك سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز،‏ بۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانى پۈتۈن قە‌لب،‏ پۈتۈن جان،‏ پۈتۈن زېھىن بىلە‌ن سۆيگە‌نلىك بولامدۇ؟‏

7.‏ خۇ‌دانى سۆيۈش پە‌قە‌ت ئاشۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌دانى سۆيۈش،‏ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شلا ئە‌مە‌س.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ خۇ‌دانى سۆيۈش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىدا بولۇ‌ش مۇ‌ھىم.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ش ھە‌قىقىي سۆيۈشنىڭ باشلىنىشى خالاس.‏ مۇ‌نداق بىر مىسال قىلساق،‏ مول مېۋە بېرىدىغان ئالما دە‌رىخىنى پە‌رۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالما ئۇ‌رۇ‌قى بولۇ‌شى مۇ‌ھىم.‏ لېكىن سىز ئالما يېيىشنى خالىسىڭىز،‏ بىر كىشى سىزگە پە‌قە‌ت ئالما ئۇ‌رۇ‌قى بە‌رسە،‏ سىز رازىمە‌نلىك ھېس قىلامسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيۈش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنىڭ بولۇ‌شى پە‌قە‌تلا باشلىنىشى خالاس.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «خۇ‌دانى سۆيۈش ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىش دېمە‌كتۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرىمۇ ئېغىر ئە‌مە‌س» دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ خۇ‌دانى راستتىنلا سۆيىدىغان كىشىلە‌ر چوقۇ‌م ياخشى مېۋە بېرىشى كېرە‌ك.‏ چوقۇ‌م ئۆز ئە‌مە‌للىرى يە‌نى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن ئىپادىلىشى كېرە‌ك.‏ —‏ مە‌تتا 7:‏16–‏20‏.‏

8،‏ 9.‏ بىز خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈمىزنى ۋە مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز؟‏

8 بىز خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈمىزنى ئۇ‌نىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىش ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏قانۇ‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئاشۇ‌نداق قىلىش ئانچە تە‌س ئە‌مە‌س.‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرى ئېغىر يۈك بولماستىن،‏ بىزنىڭ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام،‏ قانائە‌تلىنە‌رلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن تۈزۈلگە‌ن (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18)‏.‏ خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىسىگە ماسلىشىپ ياشاش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا ھە‌قىقىي مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌پسۇ‌سلىنارلىقى،‏ بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌نيادا ناھايىتى ئاز كىشىلە‌رلا خۇ‌داغا ھە‌قىقىي مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ر يۈزىدە بولغان ۋاقىتتا ياشىغان بە‌زى كىشىلە‌رگە ئوخشاش مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇ‌نتۇ‌يدىغان نائە‌ھلى كىشىلە‌ردىن بولماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا ئون ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتقان.‏ بىراق،‏ پە‌قە‌ت بىرى قايتىپ كېلىپ ئۇ‌نىڭغا تە‌شە‌ككۈر ئېيتقان (‏لۇ‌قا 17:‏ 12–‏17)‏.‏ ھە‌ممىمىز ئاشۇ توققۇ‌ز مېھر-‏شە‌پقە‌تنى ئۇ‌نتۇ‌يدىغان نائە‌ھلى كىشىلە‌ردە‌ك ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مېھر-‏شە‌پقە‌ت ئۈچۈن تە‌شە‌ككۈر ئېيتقان بىرسىگە ئوخشاش بولۇ‌شنى خالايمىز،‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏

9 ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ قايسى بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بىز مۇ‌شۇ كىتابتا خۇ‌دانىڭ خېلى كۆپ قائىدە-‏قانۇ‌نلىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇ‌ق.‏ ئە‌مدى بە‌زى بىر قىسىملىرىنى قايتا تە‌كرارلاپ كۆرە‌يلى.‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىش ئۆزىمىزنى ئۇ‌نىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏

خۇ‌داغا بارغانسېرى يېقىنلىشىش

10.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرىسىدا توختىماستىن بىلىم ئېلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

10 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا توغرىسىدا بىلىم ئېلىش،‏ ئۇ‌نىڭغا بارغانسېرى يېقىنلىشىشتىكى بىر مۇ‌ھىم قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چ.‏ بۇ ھە‌رگىز توختىتىشقا بولمايدىغان جە‌ريان.‏ ئە‌گە‌ر سىز ناھايىتى سوغۇ‌ق كېچىدە سىرتتا ئوت يېقىپ ئىسسىنىۋاتقان بولسىڭىز،‏ ئوت يالقۇ‌نىنىڭ ئاجىزلاپ،‏ ئۆچۈپ قېلىشىغا يول قويامسىز؟‏ ياق.‏ سىز داۋاملىق ئوتۇ‌ن سېلىپ ئوت يالقۇ‌نىنى ئۇ‌لغايتىپ تۇ‌رىسىز،‏ چۈنكى ھاياتىڭىز ئاشۇ ئوتنىڭ كۆيۈپ تۇ‌رۇ‌شىغا باغلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن!‏ ئاشۇ ئوتۇ‌نغا ئوخشاش،‏ «خۇ‌دانىڭ مە‌رىپىتى» يە‌نى بىلىمى بىزنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان چوڭقۇ‌ر مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى داۋاملىق ساقلايدۇ.‏ —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏1–‏5.‏

ئوتنىڭ يالقۇ‌نجاپ كۆيۈپ تۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن ئوتۇ‌ن كېرە‌ك بولغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىڭىزنىڭ ھە‌ردائىم يالقۇ‌نجاپ تۇ‌رۇ‌شى خۇ‌دانىڭ بىلىمىگە موھتاج

11.‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە تە‌لىم بە‌رگىنىدە،‏ نە‌تىجىدە نېمە بولدى؟‏

11 ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانى ۋە ئۇ‌نىڭ قىممە‌تلىك سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى توختىماي يېنىۋاتقان ئوتتە‌ك سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلغان.‏ ئە‌يسا ئۆلۈمدىن تىرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆزىنىڭ ئىككى شاگىرتىغا قە‌دىمكى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئۆزىدە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغانلىقى ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە نېمە بولدى؟‏ ئۇ ئىككى شاگىرت مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ يولدا بىزنىڭ بىلە‌ن سۆزلىشىپ بىزگە كىتابلارنى ئۇ‌قتۇ‌رغىنىدا كۆڭلىمىز ئىچىمىزدە كۆيمىدىمۇ؟‏» —‏ لۇ‌قا 24:‏32.‏

12،‏ 13.‏ (‏1)‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌داغا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە نېمە بولدى؟‏ (‏2)‏ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى سوۋۇ‌پ كېتىشتىن توسۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلالايمىز؟‏

12 سىز تۇ‌نجى قېتىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بارلىقىنى بىلگىنىڭىزدە،‏ قە‌لبىڭىزنىڭ ھاياجان ۋە غە‌يرە‌ت-‏شىجائە‌تكە تولۇ‌پ،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز ئوت يالقۇ‌نىدە‌ك كۆيۈشكە باشلىغاندە‌ك ھېس قىلغانمىدىڭىز؟‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ شۇ‌نداق بولغان.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ھە‌م شۇ‌نداق ھېس قىلغان.‏ ھازىرقى قىيىن ئىش بولسا يە‌ھۋاغا بولغان قىزغىن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىنى ئۆچۈرمە‌ي ساقلاش ۋە ئاشۇ ئوتنىڭ يالقۇ‌نلىشىغا ياردە‌م بېرىش.‏ بىز بۇ دۇ‌نيانىڭ ئېقىمىغا ئە‌گە‌شمە‌سلىكىمىز لازىم.‏ مە‌سىھ ئە‌يسا ئالدىن بېشارە‌ت ئېيتىپ:‏ «تولالار [نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر] نىڭ مۇ‌ھە‌ببىتى سوۋۇ‌پ كېتە‌دۇ‌ر» دېگە‌ن (‏مە‌تتا 24:‏12‏)‏.‏ ئۆزىمىزنىڭ يە‌ھۋاغا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىگە بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى سوۋۇ‌پ كېتىشتىن توسۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلالايمىز؟‏

13 يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسا توغرىسىدا توختىماي داۋاملىق بىلىم ئېلىش (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌ن بىلىملە‌رنى چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ياكى خىيال قىلىش ئارقىلىق ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ ‹يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرىسىدا نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم؟‏ ئاشۇ ئۆگە‌نگە‌ن بىلىملە‌ر قانداق قىلىپ يە‌ھۋانى پۈتۈن قە‌لبىم،‏ پۈتۈن جېنىم،‏ پۈتۈن زېھنىم بىلە‌ن سۆيۈشۈمگە ئىلھام بېرىدۇ؟‏› دە‌پ سوراڭ (‏1-‏تىموتىي 4:‏15)‏.‏ ئاشۇ‌نداق چوڭقۇ‌ر ئوي-‏خىيال قىلىش يە‌ھۋاغا بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىڭىزنى يالقۇ‌نجىتىدۇ.‏

14.‏ يە‌ھۋاغا بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىمىزنىڭ يالقۇ‌نجاپ تۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن دۇ‌ئا-‏تىلاۋە‌ت قىلىش قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئوتىڭىزنى يالقۇ‌نجىتىپ ساقلاشنىڭ يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌لى ھە‌مىشە دۇ‌ئا-‏تىلاۋە‌ت قىلىش (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏17)‏.‏ مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 17-‏​بابىدا،‏ دۇ‌ئا قىلىش بولسا يە‌ھۋانىڭ بىزگە بە‌رگە‌ن قىممە‌تلىك سوۋغىتى ئىكە‌نلىكىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدا ھە‌ردائىم ئالاقە قىلىپ تۇ‌رۇ‌ش كىشىلىك مۇ‌ناسىۋە‌تنى راۋاجلاندۇ‌رغاندە‌ك،‏ بىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز ئوت يالقۇ‌نىدە‌ك يالقۇ‌نجاپ تۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن ھە‌مىشە دۇ‌ئا قىلىپ تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك.‏ مۇ‌ھىمى،‏ بىزنىڭ دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌تلىرىمىز پە‌قە‌ت تە‌رتىپلىك سۆزلە‌رنى ۋە ھېچقانداق ھېسسىيات يوق قۇ‌رۇ‌ق گە‌پلە‌رنى قايتا-‏قايتا تە‌كرارلاش بولماسلىقى كېرە‌ك.‏ بىز يە‌ھۋاغا خۇ‌ددى بىر كىچىك بالا ئۆز مېھرىبان ئاتىسى بىلە‌ن پاراڭلاشقاندە‌ك سۆزلىشىمىز لازىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز سۆزلە‌شكە‌ندە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن بىراق ناھايىتى ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق،‏ سە‌مىمىي ۋە چىن كۆڭلىمىزدىن چىقىرىپ سۆزلىشىشنى خالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ شە‌خسە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە چىن قە‌لبدىن چىقىرىپ دۇ‌ئا قىلىش،‏ بىزنىڭ دۇ‌ئا-‏ئىبادىتىمىزنىڭ مۇ‌ھىم ئامىللىرى،‏ ئۇ‌لار ئۆزىمىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏

دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌تلىرىڭىز ئارقىلىق خۇ‌شاللىق تېپىڭ

15،‏ 16.‏ نېمە ئۈچۈن پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى توغرىسىدا ۋە‌ز ئېيتىشنى شان-‏شە‌رە‌پ ۋە بىر خە‌زىنە دە‌پ قاراشقا بولىدۇ؟‏

15 يالغۇ‌ز ئولتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە دۇ‌ئا قىلىش،‏ بىز شە‌خسە‌ن ئۆزىمىز قىلىدىغان ئىبادە‌تتۇ‌ر.‏ ئە‌مما،‏ ھازىر بىز ئاشكارا قىلىدىغان ئىبادە‌ت توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلايلى:‏ باشقىلارغا ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىمىز ھە‌ققىدە سۆزلە‌ش.‏ سىز ئاللىقاچان بە‌زى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تلىرىنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىپ پاراڭلاشتىڭىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلغان بولسىڭىز،‏ بۇ ئاجايىپ شان-‏شە‌رە‌پتۇ‌ر (‏لۇ‌قا 1:‏74)‏.‏ بىزنىڭ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا توغرىسىدا ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىشىمىز،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە بارلىق ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئورۇ‌ندىشى ئۈچۈن بېرىلگە‌ن ناھايىتى مۇ‌ھىم بىر ۋە‌زىپە بولۇ‌پ،‏ ئۇ دە‌ل خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز ئېيتىشتۇ‌ر.‏ —‏ مە‌تتا 24:‏14؛‏ 28:‏19،‏ 20‏.‏

16 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنى ناھايىتى ئە‌تىۋارلىق ئىش دە‌پ قارىغان.‏ ئۇ‌نى خە‌زىنە ياكى بايلىق دە‌پ ئاتىغان (‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى توغرىسىدا باشقىلارغا ۋە‌ز ئېيتىش سىز قىلىدىغان ئە‌ڭ ياخشى خىزمە‌تتۇ‌ر.‏ چۈنكى،‏ بۇ خىزمە‌تنى يە‌ھۋا بىزگە تاپشۇ‌رغان.‏ ئۇ ئە‌ڭ ياخشى خوجايىن ھە‌مدە مۇ‌شۇ خىزمە‌تنى قىلىش ئارقىلىق ئە‌ڭ ياخشى مۇ‌كاپاتقا ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى توغرىسىدا ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق سىز سە‌مىمىي ساپ دىل كىشىلە‌رنىڭ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا يېقىنلىشىشىغا ۋە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش يولىدا مېڭىشغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز!‏ قانداق خىزمە‌ت كىشىنى بۇ‌نىڭدىنمۇ بە‌ك رازى قىلالايدۇ؟‏!‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزى توغرىسىدا گۇ‌ۋاھلىق بېرىش سىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تىڭىزنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رىدۇ.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ چىقارغان كۈچىڭىزنى ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ (‏ئىبرانىيلار 6:‏10)‏.‏ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنى بوشاشماستىن قە‌تئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۆزىڭىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏58.‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى توغرىسىدا ۋە‌ز ئېيتىش بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن جىددىي خىزمە‌ت؟‏

17 شۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ش ناھايىتى مۇ‌ھىمكى،‏ پادىشاھلىقنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋىرى توغرىسىدا ۋە‌ز ئېيتىش ئىنتايىن جىددىي خىزمە‌ت.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «سۆزنى ۋە‌ز ئېيتىپ مۇ‌ناسىپ ۋاقىتتا ۋە مۇ‌ناسىپ ئە‌مە‌س ۋاقىتتا چىقىپ .‏.‏.‏ تە‌لىم بە‌رگە‌يسە‌ن» دە‌يدۇ (‏2-‏تىموتىي 4:‏2)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ نېمە ئۈچۈن ئاشۇ خىزمە‌تنى جىددىي قىلىش كېرە‌ك؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە:‏ «خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ چوڭ كۈنى بولسا يېقىنلىشىپ ئىتتىكلىك بىلە‌ن يېتىپ كېلىپتۇ‌ر» دە‌يدۇ (‏سە‌فنىيا 1:‏14)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌شۇ رە‌زىل زاماننى بىر تە‌رە‌پ قىلىپ يىغىشتۇ‌رىدىغان ۋاقىت-‏سائىتى ناھايىتى تېز يېتىپ كە‌لمە‌كتە.‏ شۇ‌ڭا،‏ كىشىلە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش زۆرۈر!‏ ئۇ‌لار ھازىر يە‌ھۋانى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى دە‌پ تاللاش ۋاقتى ئىكە‌نلىكىنى بىلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ زاماننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى «بە‌جا كە‌لمە‌ي قالماس».‏ —‏ ھاباقۇ‌ق 2:‏3.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن بىز توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىرلىكتە يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئوچۇ‌ق ئاشكارا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18 تە‌ڭرى يە‌ھۋا،‏ بىزنىڭ توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىرلىكتە ئوچۇ‌ق ئاشكارا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا سۆزى:‏ «خە‌ۋە‌ردار بولۇ‌پ بىر-‏بىرىمىزنى مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ۋە ياخشى ئە‌مە‌للە‌رگە مايىل قىلدۇ‌رغىلى جاھىد قىلايلى [تىرىشايلى].‏ ۋە بە‌زىلە‌رنىڭ ئادىتى بولغاندە‌ك ئۆز يوغلاشماقىمىزنى [ئالاقە قىلىشىمىزنى] تاشلىماي ئۇ كۈننىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ بىر-‏بىرىمىزگە نە‌سىھە‌ت بېرە‌يلى» دە‌يدۇ (‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25)‏.‏ جامائە‌تچىلىك يىغىلىشىدا ئېتىقادچىلار بىلە‌ن جە‌م بولۇ‌ش بىزنى مېھر-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دايىمىزغا دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلىش؛‏ ھە‌مدۇ‌سانا ئېيتىش ۋە بىر-‏بىرىمىزنى رىغبە‌تلە‌ندۈرۈپ ئۆزئارا يار-‏يۆلە‌كتە بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.‏

19.‏ كۆپچىلىك نېمە ئىش قىلىش ئارقىلىق جامائە‌تچىلىكنىڭ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يمىز؟‏

19 بىز يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان باشقا ئېتىقادچىلار بىلە‌ن دائىم ئالاقە قىلىش ئارقىلىق جامائە‌تچىلىكتىكى مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە دوستلۇ‌ق رىشتىنى كۈچە‌يتىمىز.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئارتۇ‌قچىلىق تە‌رىپىمىزگە دىققە‌ت قىلغاندە‌ك،‏ بىز ھە‌م بىر-‏بىرىمىزنىڭ ئارتۇ‌قچىلىق تە‌رىپىگە دىققە‌ت قىلىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىنى ئۈمىد قىلماڭ.‏ شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئوخشاش بولمىغان روھى جە‌ھە‌تتىكى ئۆسۈپ-‏يېتىلىش باسقۇ‌چىدا،‏ ھە‌رقانداق بىرىمىز خاتالىق سادىر قىلىمىز ‏(‏كولوسىلىقلار 3:‏13)‏.‏ يە‌ھۋانى قىزغىن سۆيىدىغانلار بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتىشقا تېرىشىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلىش سىزنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ-‏يېتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئىلھام بېرىدۇ.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئاكا-‏ئۇ‌كا ۋە ھە‌دە-‏سىڭىللىرىڭىز بىلە‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلىش ئۆزىڭىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلغانلارنى ۋە ئۆزىنى ئۇ‌نىڭ مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ساقلىغانلارنى يە‌ھۋا قانداق مۇ‌كاپاتلايدۇ؟‏

‏«ھە‌قىقىي ھاياتقا» ئىنتىلىڭ

20،‏ 21.‏ «ھە‌قىقىي ھايات» دېگە‌ن نېمە؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ بىر ئاجايىپ ئۈمىد؟‏

20 يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنى ھايات بىلە‌ن مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏ ئۇ قانداق ھايات؟‏ خوش،‏ سىز ھازىر راستتىنلا ھاياتمۇ؟‏ كۆپچىلىكىمىز ئە‌لۋە‌تتە بىز ھايات دە‌پ جاۋاب بېرىمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز يە‌نىلا نە‌پە‌سلىنۋاتىمىز،‏ يە‌ۋاتىمىز ۋە ئىچىۋاتىمىز،‏ بۇ‌لار ئە‌لۋە‌تتە بىزنىڭ ھايات ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ بىز ناھايىتى خۇ‌شال بولغان ۋاقىتتا،‏ ھە‌تتا شۇ‌نداق دە‌يمىزكى،‏ «ھە‌قىقىي ھايات دېگە‌ن مانا شۇ!‏» ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كۆرسە‌تكە‌ندە‌ك،‏ ھېچبىر ئىنسان بۈگۈنكى كۈندە ھە‌قىقىي ھاياتنى كۆرگىنى يوق.‏

يە‌ھۋا سىزنىڭ «ھە‌قىقىي ھايات»تىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏ سىز شۇ‌نداق ھاياتقا ئېرىشە‌لە‌مسىز؟‏

21 خۇ‌دانىڭ سۆزى بىزنى «ھە‌قىقىي ھاياتقا» ئېرىشىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏1-‏تىموتىي 6:‏19،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ ئاشۇ سۆزلە‌ر،‏ «ھە‌قىقىي ھايات» بولسا بىز كە‌لگۈسىدە ئىگە بولۇ‌شنى ئۈمىد قىلىدىغان نە‌رسە ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ‌نداق،‏ بىز مۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاندا ھە‌قىقىي ھاياتنى كۆرگە‌ن بولىمىز.‏ كە‌لگۈسىدە بىز خۇ‌دا ئە‌سلى مە‌قسە‌ت قىلغاندە‌ك ھايات كە‌چۈرىمىز.‏ كېلە‌چە‌كتە بىر كۈن،‏ بىز يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە ساق-‏سالامە‌ت،‏ تىنچ-‏ئامان ۋە بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئىگە بولۇ‌پ،‏ ئاندىن ھە‌قىقىي ھايات يە‌نى «ئە‌بە‌دى تىرىكلىك»تىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌پ ياشايمىز (‏1-‏تىموتىي 6:‏12)‏.‏ بۇ ئاجايىپ ئۈمىد ئە‌مە‌سمۇ،‏ ھە!‏

22.‏ قانداق قىلىپ «ھە‌قىقىي ھاياتقا» ئېرىشىشكە بولىدۇ؟‏

22 قانداق قىلىپ «ھە‌قىقىي ھاياتقا» ئېرىشىشكە بولىدۇ؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ھە‌قىقىي ھاياتلىقنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھكە ئە‌گە‌شكۈچىلە‌رنى «ياخشىلىق قىلىپ ياخشى ئە‌مە‌للە‌رگە دۆلە‌تمە‌ن» بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏1-‏تىموتىي 6:‏18)‏.‏ مۇ‌شۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇ‌كى،‏ «ھە‌قىقىي ھايات»نى تېپىش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىشىمىزگە باغلىق.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ دېگىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق «ھە‌قىقىي ھاياتقا» ئىگە بولۇ‌شنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ بىزنىڭ ئاجايىپ گۈزە‌ل كېلە‌چىكىمىز راستتىنلا «خۇ‌دانىڭ ئىنايىتى [ئىلتىپاتى]»غا باغلىق (‏رىملىقلار 5:‏15)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغانلارنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ «ھە‌قىقىي ھايات» كە‌چۈرۈشىڭىزنى كۆرۈشنى خالايدۇ.‏ ئۆزىنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلىغانلارنى ئاشۇ‌نداق بە‌خت-‏سائادە‌تلىك،‏ تىنچ-‏ئامان،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھايات كۈتۈپ تۇ‌رماقتا.‏

23.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلاش بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

23 ھە‌ربىرىمىز ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن ‹مە‌ن خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كۆرسە‌تكە‌ن ئۇ‌سۇ‌ل بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلىۋاتىمە‌نمۇ؟‏› دە‌پ سورىشىمىز لازىم.‏ ئە‌گە‌ر بىز ھە‌ركۈنى ئۆز-‏ئۆزىمىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرسە‌ك،‏ بىز ھە‌قىقە‌تە‌ن ئاشۇ كۆرسىتىلگە‌ن ئۇ‌سۇ‌لدا يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلغان بولساق،‏ بىز توغرا يولدا ماڭغان بولىمىز،‏ يە‌ھۋانىڭ باشپاناھىمىز ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ساداقە‌تمە‌ن خە‌لقىنى مۇ‌شۇ رە‌زىل زاماننىڭ ئاخىرقى قىيىن كۈنلىرىدە بىخە‌تە‌ر ساقلايدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ،‏ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كىشىنى خۇ‌شال قىلىدىغان كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نياغا يېتە‌كلە‌پ ئېلىپ كېرىدۇ.‏ ئاشۇ ۋاقىت-‏سائە‌تنى كۆرۈشكە نە‌قە‌دە‌ر تە‌ققە‌زادۇ‌رمىز،‏ ھە!‏ ھازىر مۇ‌شۇ ئاخىر زامان كۈنلىرىدە توغرا يولنى تاللىغانلىقىمىز ئۈچۈن كە‌لگۈسىدە نە‌قە‌دە‌ر خۇ‌شال بولىمىز!‏ ئە‌گە‌ر سىز ھازىر يە‌ھۋانىڭ توغرا يولىنى تاللىسىڭىز،‏ كە‌لگۈسىدە «ھە‌قىقىي ھايات» يە‌نى يە‌ھۋا ئە‌سلى مە‌قسە‌ت قىلغان ھاياتلىقتىن مە‌ڭگۈ بە‌ھرىمە‌ن بولىسىز!‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • بىز خۇ‌دانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ قائىدە-‏قانۇ‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش ئارقىلىق خۇ‌داغا بولغان ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3.‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش؛‏ چىن كۆڭلىمىزدىن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش؛‏ يە‌ھۋا توغرىسىدا باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ئېتىقادچىلار يىغىلىشىلىرىدا ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلىش ئۆزىمىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ —‏ مە‌تتا 24:‏14؛‏ 28:‏19،‏ 20؛‏ يۇ‌ھاننا 17:‏3؛‏ 1-‏سالونىكالىقلار 5:‏17؛‏ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25.‏

  • ئۆزىنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلىغانلارنىڭ «ھە‌قىقىي ھايات»تىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ش ئۈمىدى بار.‏ —‏ 1-‏تىموتىي 6:‏12،‏ 19،‏ ھ.‏ز.‏؛‏ يە‌ھۇ‌دا 21.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش