كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌م 3-‏ب.‏
  • كىرىش سۆز

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • كىرىش سۆز
  • خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«ھە‌قىقە‌ت يولىدا» مېڭىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ‏«سېنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولۇ‌ڭدا يۈرىمە‌ن»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ‏«خۇ‌دانى سۆيۈش»‏
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • ئۆزىڭىزنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدە ساقلاڭ
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
خ‌م 3-‏ب.‏

كىرىش سۆز

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ سۆيۈملۈك خىزمە‌تچىسى:‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا:‏ «ھە‌قىقە‌تنى بىلىسىلە‌ر ۋە ھە‌قىقە‌ت سىلە‌رنى ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ»،‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 8:‏32)‏.‏ بۇ نە‌قە‌دە‌ر ئىلھامبە‌خش ئېتىدىغان سۆزلە‌ر،‏ ھە!‏ گە‌رچە «ئاخىر زاماندا» ئېغىر كۈنلە‌ر بولۇ‌پ،‏ دۇ‌نيا يالغان-‏ ياۋىداق سۆزلە‌رگە تولغان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ھە‌قىقە‌تنى بىلىشكە ئىمكانىيە‌ت بار (‏2-‏تىموتىي 3:‏1)‏.‏ دە‌سلىپىدە خۇ‌دا سۆزىنى ھە‌قىقە‌ت،‏ دە‌پ تونۇ‌پ يە‌تكىنىڭىزدە،‏ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىڭىز ھېلىھە‌م يادىڭىزدىمۇ؟‏ خۇ‌شاللىققا چۆمگە‌ن ئاشۇ چاغلارنى ئۇ‌نتۇ‌ش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س،‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏

بىراق،‏ ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇ‌ش ۋە ئاشۇ ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا دائىم باشقىلارغا ۋە‌ز ئېيتىش مۇ‌ھىم بولغىنىدە‌ك،‏ بىزنىڭ چوقۇ‌م ھە‌قىقە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز بە‌كمۇ مۇ‌ھىم.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن،‏ بىزنىڭ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشىشىمىز زۆرۈر.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قانداق قىلىپ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشىيالايمىز؟‏ مۇ‌شۇ سوئالغا ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى ئاخشىمى قىلغان سۆزلىرى جاۋاب بېرىدۇ.‏ ئۇ،‏ ئۆز ساداقە‌تمە‌ن ئە‌لچىلىرىگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌مرلىرىمگە ئە‌مە‌ل قىلساڭلار،‏ خۇ‌ددى مە‌ن ئاتامنىڭ ئە‌مرلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلغان ۋە ھە‌مىشە ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدە بولغىنىمدە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ ھە‌مىشە مېنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمدە بولىسىلە‌ر».‏ —‏ يۇ‌ھاننا 15:‏10.‏

دىققە‌ت قىلسىڭىز،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ئاتىسى يە‌ھۋانىڭ ئە‌مرلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدە بولغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشىمىز لازىم.‏ بىز خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا ئە‌مە‌لىي تە‌تبىقلاپ ياشىشىمىز زۆرۈر.‏ ئاشۇ ئاخشىمى ئە‌يسا يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ ئىشلارنى بىلگە‌نىكە‌نسىلە‌ر،‏ سىلە‌رمۇ شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىكسىلە‌ر!‏».‏ —‏ يۇ‌ھاننا 13:‏17.‏

شۇ‌نى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىزكى،‏ ئۇ‌شبۇ كىتاب سىزنىڭ داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شىڭىزغا تە‌تبىقلاپ،‏ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا» ئېرىشىش ئۈچۈن «خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە» ياشىشىڭىزغا ياردە‌م بە‌رگە‌ي!‏ —‏ يە‌ھۇ‌دا 21.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئە‌زالىرى

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش