مېھىر-مۇھەببەت بىزنى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزۈمىزنىڭكىدىن ئۈستۈن قويۇشقا ئۈندەيدۇ
ئادەملەرگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت
ھەممە ئىنسانلار ئادەم-ئاتىنىڭ ئەۋلادى بولغاچ، بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرىدۇر. گەرچە ئائىلىدە بىر-بىرىنى سۆيۈپ، ھۆرمەت كۆرسىتىش زۆرۈر بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزئارا سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ئۇچرىتىش تەس. ئەمما، ئاللا شۇنداق بولۇشىنى خالىمايدۇ.
مۇقەددەس يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان مېھىر-مۇھەببەت
«باشقىلارنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن».—لاۋىيلار 19:18.
«دۈشمىنىڭلارنى سۆيۈڭلار».—مەتتا 5:44.
باشقىلارنى سۆيۈش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
ئاللا ئۆز سۆزىدە، 1-كورىنتلىقلار 13:4—7-ئايەتلەردە، مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق تەسۋىرلىگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ.
مېھىر-مۇھەببەت «ھەممە نەرسىگە چىدايدۇ».
ئويلىنىپ كۆرۈڭ: سىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، باشقىلار ئاچچىقلانمىسا ھەمدە سەۋر-تاقەت ۋە مېھرىبانلىق كۆرسەتسە، قانداق ھېس قىلىسىز؟
مېھىر-مۇھەببەت «ھەسەت قىلمايدۇ».
ئويلىنىپ كۆرۈڭ: باشقىلار سىزگە ھەسەتخورلۇق قىلسا، قانداق ھېس قىلىسىز؟
مېھىر-مۇھەببەت «ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدۇ».
ئويلىنىپ كۆرۈڭ: باشقىلار كۆزقارىشىڭىزنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالمىسا، قانداق ھېس قىلىسىز؟
مېھىر-مۇھەببەت «ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمايدۇ».
ئويلىنىپ كۆرۈڭ: ئاللاغا قارشى گۇناھ قىلغانلار چىن يۈرەكتىن توۋا قىلسا، ئۇ ئۇلارنى كەچۈرۈشكە تەييار. «ئۇ ھەمىشە خاتالىقلىرىمىزنى ئىزدەپ يۈرمەيدۇ، مەڭگۈ ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمايدۇ» (زەبۇر 103:9). ئادەتتە، باشقىلار خاتالىقىمىزنى كەچۈرسە، مىننەتدار بولىمىز. شۇڭا، كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتقان ئادەملەرنى چىن يۈرەكتىن كەچۈرۈشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك.—زەبۇر 86:5.
مېھىر-مۇھەببەت «ئادالەتسىزلىكتىن سۆيۈنمەيدۇ».
ئويلىنىپ كۆرۈڭ: ئەگەر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەك، بۇنىڭغا باشقىلارنىڭ خۇشال بولۇشىنى خالىمايمىز. شۇنىڭدەك، باشقىلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر چۈشسە، ھەتتا ئۇلار بىزگە يامانلىق قىلغان بولسىمۇ، خۇشال بولمايمىز.
ئاللانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ يېشى، مىللىتى ياكى دىنىي ئېتىقادىغا قارىماي، ھەممىسىنى تەڭ ياخشى كۆرۈشىمىز زۆرۈر. سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى — مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش.