كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م20 فېۋرال 26-‏30 ب.‏
  • باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتىم

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتىم
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ۋە‌ز قىلىشنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشىم
  • كۋېبېكقا مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ قايتىشىمىز
  • رايونلۇ‌ق زىيارە‌ت خىزمىتىنى باشلىشىمىز
  • بە‌ك مۇ‌ھىم يىل
  • باشقا تېررىتورىيىگە كۆچۈشىمىز
  • باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۆمۈرلۈك بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ مە‌نىلىك ئۆتكە‌ن ھايات
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ك‌م20 فېۋرال 26-‏30 ب.‏

تە‌رجىمىھال

باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتىم

لېئونس كرېپو ئېيتىپ بە‌رگە‌ن

لېئونس كرېپو ياش چېغىدا.‏

كىچىك چېغىمدا ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىش مە‌ن ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بولغان.‏ چوڭ بولغىنىمدا ماڭا قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان ئىشلار تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏ قورققانچاقلىقىم بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشقا ۋە 58 يىل داۋامىدا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تتىن خۇ‌شاللىق ئېلىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن بە‌زى قېرىنداشلار توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرە‌ي.‏

مە‌ن كانادانىڭ كۋېبېك دېگە‌ن فىرانسۇ‌ز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۆلكىدە دۇ‌نياغا كە‌لدىم.‏ ئاتا-‏ئانام لۇ‌يىس بىلە‌ن زىلىئا مېنى بە‌ك ياخشى كۆرۈپ چوڭ قىلغان.‏ دادام ئوقۇ‌شنى بە‌ك ياخشى كۆرىدىغان ئۇ‌يالچاق ئادە‌م ئىدى.‏ مە‌ن بولسام،‏ يېزىشنى ياخشى كۆرە‌تتىم ۋە كۈنلە‌رنىڭ بىر كۈنى ژۇ‌رنالىست بولۇ‌شنى ئارمان قىلاتتىم.‏

12 ياشتا چېغىمدا،‏ ئۆيۈمىزگە دادامنىڭ خىزمە‌تدىشى رۇ‌دولف سيۇ‌سى ۋە ئۇ‌نىڭ دوستى كە‌لدى.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىدى.‏ مە‌ن گۇ‌ۋاھچىلار توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ نە‌رسە بىلمە‌يتتىم ۋە ئۇ‌لارنىڭ دىنىغا ئانچە قىزىقمىغان ئىدىم.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ سوئاللىرىمىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ياردىمى بىلە‌ن مە‌نتىقىلىك جاۋاب بە‌رگە‌نلىكى مېنى ھە‌يران قالدۇ‌رغان.‏ بۇ ئاتا-‏ئانامغىمۇ قاتتىق تە‌سىر قىلىپ،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە ماقۇ‌ل بولدۇ‌ق.‏

شۇ ۋاقىتتا مە‌ن كاتولىك مە‌كتىپىدە ئوقاتتىم.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىمنى ئاندا-‏ساندا سىنىپداشلىرىمغا ئېيتىپ بېرە‌تتىم.‏ بىراق،‏ بىر كۈنى بۇ مۇ‌ئە‌للىملە‌رنىڭ قۇ‌لىقىغا يە‌تتى.‏ مېنىڭ سۆزلىرىمنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ياردىمى بىلە‌ن يوققا چىقىرىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى مېنى پۈتۈن سىنىپنىڭ ئالدىدا قوزغىلاڭچى دە‌پ ئە‌يىبلىدى!‏ لېكىن،‏ بۇ قارشىلىق بە‌رىكە‌تكە ئايلاندى،‏ سە‌ۋە‌بى بۇ ۋە‌قە مە‌كتە‌پنىڭ دىن تە‌لىملىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماس كە‌لمە‌يدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ شۇ يە‌ردە ماڭا ئورۇ‌ن يوق ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن ئىدىم.‏ ئاتا-‏ئانامنىڭ رۇ‌خسىتى بىلە‌ن مە‌ن باشقا مە‌كتە‌پكە يۆتكە‌لدىم.‏

ۋە‌ز قىلىشنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشىم

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رساممۇ،‏ ئۆيمۇ ئۆي ۋە‌ز قىلىشتىن بە‌ك قورقاتتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسە‌لمىدىم.‏ شۇ ۋاقىتتا كاتولىك چېركاۋىنىڭ تە‌سىرى زور بولغان ۋە پوپلار ۋە‌ز ئىشىمىزغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ كۋېبېكنىڭ باش مىنىسترى مورىس ديۇ‌پلېسسى چېركاۋنى قوللىغان.‏ ئۇ بىر توپ ئادە‌ملە‌رنىڭ گۇ‌ۋاھچىلارنى ھاقارە‌تلىشىنى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشىنى قوللىغان.‏ شۇ كۈنلىرى ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كېرە‌ك ئىدى.‏

قورققانچاقلىقىم بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشىمغا گىلىئاد مە‌كتىپىنىڭ توققۇ‌زىنچى سىنىپىنى پۈتتۈرگە‌ن جون رېي ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ جون بە‌ك تە‌جرىبىلىك،‏ يۇ‌ۋاش ۋە باشقىلار بىلە‌ن تېز تىل تېپىشىدىغان ئادە‌م ئىدى.‏ ئۇ ماڭا ئۇ‌دۇ‌ل مە‌سلىھە‌ت بە‌رمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ياخشى ئۈلگىسىدىن كۆپ نە‌رسىنى ئۈگە‌ندىم.‏ جون فرانسۇ‌ز تىلىنى ياخشى بىلمىگە‌چكە،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن پات-‏پات ۋە‌ز خىزمىتىگە چىقىپ،‏ تىلنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرە‌تتىم.‏ جون بىلە‌ن قويۇ‌ق ئارىلاشقانلىقىم ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌شىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ دە‌سلە‌پتە مە‌ن گۇ‌ۋاھچىلار بىلە‌ن تونۇ‌شقاندىن ئون يىل ئۆتۈپ،‏ 1951-‏يىل 26-‏ماي كۈنى چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.‏

لېئونس كرېپو ۋە جون ريي دوستلىرى بىلە‌ن.‏

جون رېينىڭ (‏1)‏ ياخشى ئۈلگىسى ماڭا (‏2)‏ ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلىشتا قورققانچاقلىقىمنى يېڭىشكە ياردە‌م بە‌ردى

كىچىك جامائىتىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلاتتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى مېنىمۇ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ شۇ زامانلاردا بىز ئۆيمۇ-‏ئۆي پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلە‌ن ۋە‌ز قىلاتتۇ‌ق.‏ ماتېرىياللارسىز ۋە‌ز قىلغانلىقتىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ماھىرلىق بىلە‌ن قوللىنىشنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ھە‌قىقە‌تنى ياقلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان ئايە‌تلە‌رنى ياخشىراق بىلىۋېلىشقا تىرىشاتتىم.‏ لېكىن،‏ قولىمىزدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كاتولىك چېركاۋىنىڭ مۆھرى،‏ يە‌نى رە‌سمىي رۇ‌خسىتى بولمىسا،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر ھە‌تتا ئۇ‌نىمۇ ئوقۇ‌شتىن باش تارتقان ئىدى.‏

1952-‏يىلى مە‌ن سىمونا پاترى دېگە‌ن يە‌رلىك قېرىنداشقا ئۆيلە‌ندىم.‏ ئاندىن بىز مونترېئال شە‌ھىرىگە كۆچتۇ‌ق.‏ بىر يىل ئۆتمە‌ي قىزىمىز لىز تۇ‌غۇ‌لدى.‏ ئۆيلىنىشىمىزگە ئاز قالغاندا مە‌ن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنى توختاتساممۇ،‏ سىمونا ئىككىمىز جامائە‌ت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىش ئۈچۈن ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈشكە تىرىشتۇ‌ق.‏

قايتىدىن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئون يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىنلا ئويلىنىشقا باشلىدىم.‏ 1962-‏يىلى كانادىدىكى بە‌يتە‌لدە ئاقساقاللار ئۈچۈن بىر ئايلىق پادىشاھلىق خىزمە‌ت مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌غان چاغدا،‏ كامىل ئۇ‌يللېت دېگە‌ن بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن بىللە تۇ‌ردۇ‌م.‏ ئۇ بالىلىق بولسىمۇ،‏ خىزمە‌تكە بولغان قىزغىنلىقى ماڭا قاتتىق تە‌سىر قىلدى.‏ شۇ چاغلاردا كۋېبېكتا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغان بالا-‏چاقىلىق قېرىنداشلار دېگۈدە‌ك يوق ئىدى.‏ لېكىن،‏ كامىل پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى مە‌قسە‌ت قىلغان.‏ ئۇ مېنىمۇ ئە‌ھۋالىم توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن قايتىدىن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالايدىغانلىقىمنى چۈشە‌ندىم.‏ بە‌زىلە‌ر توغرا قارار چىقارغىنىمغا گۇ‌مان قىلغان،‏ لېكىن مە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشقا تىرىشقانلىقىمنى بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى بىلدىم.‏

كۋېبېكقا مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ قايتىشىمىز

1964-‏يىلى سىمونا ئىككىمىز تۇ‌غۇ‌لغان يۇ‌رتۇ‌مىز كۋېبېكقا مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ تە‌يىنلىنىپ،‏ ئۇ يە‌ردە بىرنە‌چچە يىل خىزمە‌ت قىلدۇ‌ق.‏ شۇ ۋاقىتلاردا ۋە‌ز قىلىش ئاسانراق بولۇ‌پ قالغان ئىدى،‏ بىراق قارشىلىقلارغا تېخىچە دۇ‌چ كېلىپ تۇ‌راتتۇ‌ق.‏

بىر قېتىم شە‌نبە كۈنى مە‌ن كۋېبېكقا يېقىن جايلاشقان سېنت-‏مارى شە‌ھىرىدە قولغا ئېلىندىم.‏ مە‌ن رۇ‌خسە‌تسىز ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلغانلىقتىن،‏ ئوفىسېر مېنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىپ،‏ تۈرمىگە سولاپ قويدى.‏ كېيىنرە‌ك،‏ مە‌ن باييارگون دېگە‌ن قورقۇ‌نچلۇ‌ق ۋە سۈرلۈك سوتچىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندىم.‏ ئۇ مېنىڭدىن ئادۋوكاتىڭ كىم بولىدۇ،‏ دە‌پ سورىدى.‏ مە‌ن گلېن خاۋa دېگىنىمدە،‏ ئۇ تېرىكىپ:‏ «نېمە،‏ ئۇ‌ما!‏ ياق،‏ ئۇ بولمايدۇ!‏»—‏ دە‌پ ۋارقىراپ كە‌تتى.‏ گلېن خاۋ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى قانۇ‌نلۇ‌ق قوغداشتا ھە‌ممىگە تونۇ‌ش بىر ئادۋوكات بولغان.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي سوت ماڭا جىنايە‌تچى دە‌پ ئە‌يىبلە‌نمە‌يدىغانلىقىمنى خە‌ۋە‌ر قىلدى.‏

قارشىلىقنىڭ تە‌سىرىدىن كۋېبېكتا يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزىدىغان جاي تېپىشمۇ قىيىن بولغان ئىدى.‏ بىز پە‌قە‌ت بىر كونا سوغاق ئىسكىلاتنى تاپالىدۇ‌ق.‏ قىشنىڭ قاتتىق سوغۇ‌قلىرىدا كىچىككىنە بولسىمۇ ئىسسىنىش ئۈچۈن بىر ئىسىتقۇ‌چنى قوللىناتتۇ‌ق.‏ بىز پات-‏پات يىغىلىشتىن بىرنە‌چچە سائە‌ت ئاۋۋال شۇ ئىسىتقۇ‌چنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىمىزنى روھلاندۇ‌رىدىغان ۋە‌قە‌لە‌رنى ئېيتىپ بېرە‌تتۇ‌ق.‏

يىللار داۋامىدا ۋە‌ز ئىشىنىڭ قانچىلىك كۆپ ئۈنۈم بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈش كىشىنى بە‌كمۇ خۇ‌شال قىلىدۇ.‏ 1960-‏يىللاردا كۋېبېك شە‌ھىرى،‏ كوت-‏نور رايونى ۋە گاسپې يېرىم ئارالىنى قوشقاندا پە‌قە‌ت بىرنە‌چچە كىچىك جامائە‌ت بولغان.‏ بۈگۈن بۇ رايونلاردا خىزمە‌ت قىلىدىغان كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار چىرايلىق ئىبادە‌ت زاللىرىدا يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ.‏

رايونلۇ‌ق زىيارە‌ت خىزمىتىنى باشلىشىمىز

لېئونس كرېپو باشقا ناھىيىلىك نازارە‌تچىلە‌ر بىلە‌ن تورونتودا ئۆتكۈزۈلگە‌ن ئۇ‌چرىشىشتا (‏1977-‏يىلى)‏.‏

1977-‏يىلى تورونتودىكى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ئۈچۈن يىغىلىشتا بولدۇ‌م

1970-‏يىلى سىمونا ئىككىمىز رايونلۇ‌ق خىزمە‌تنى باشلاشقا تە‌كلىپ قىلىندۇ‌ق ۋە 1973-‏يىلى دائىرىلىك زىيارە‌ت خىزمىتىنى باشلىدۇ‌ق.‏ شۇ يىللىرى مە‌ن رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان لورې سوميۇ‌ر ۋە دېيۋىد سپلېينغاb ئوخشاش تە‌جرىبىلىك بۇ‌رادە‌رلە‌ردىن كۆپ نە‌رسىنى ئۈگە‌ندىم.‏ ھە‌ر چوڭ يىغىلىشتىن كېيىن دېيۋىد ئىككىمىز بىر-‏بىرىمىزگە تە‌لىم بېرىشتە ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرە‌تتۇ‌ق.‏ بىر كۈنى دېيۋىد ماڭا كېلىپ:‏ «لېئونس،‏ ئاخىرقى نۇ‌تۇ‌قۇ‌ڭ ماڭا بە‌ك ياقتى.‏ يارايسە‌ن!‏ لېكىن،‏ نۇ‌تۇ‌قۇ‌ڭدىكى مە‌لۇ‌مات شۇ‌نچە كۆپ بولدى،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭدىن ئۈچ نۇ‌تۇ‌ق تە‌ييارلايتتىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقىنى ئېسىمدە.‏ مە‌ن نۇ‌تۇ‌قلاردا بە‌ك كۆپ مە‌لۇ‌ماتتىن پايدىلانغان ئىدىم،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارنى قىسقا ۋە ئېنىق قىلىشنى ئۆگىنىشىم زۆرۈر بولغان.‏

لېئونس كرېپو خىزمە‌ت قىلغان شە‌ھە‌رلە‌ر كۆرسىتىلگە‌ن خە‌رىتە.‏ سېنت-‏مارى.‏ كۋېبېك شە‌ھىرى،‏ مونترېئال ۋە تورونتو.‏

مە‌ن شە‌رقىي كانادانىڭ تۈرلۈك شە‌ھە‌رلىرىدە خىزمە‌ت قىلدىم

رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارغا تە‌سە‌للى بېرىش دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنىڭ ۋە‌زىپىسى بولغان.‏ ئە‌مما،‏ كۋېبېكتىكى نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار مېنى ياخشى تونۇ‌غانلىقتىن،‏ مېنىڭ بىلە‌ن خىزمە‌تكە چىقىشنى خالايتتى.‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن خىزمە‌تكە چىقىش ماڭىمۇ ياقاتتى،‏ شۇ‌ڭا رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بىلە‌ن كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمە‌يتتىم.‏ بىر كۈنى مېھرىبان رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ماڭا مۇ‌نداق دېدى:‏ «سېنىڭ قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭ بە‌ك ياخشى.‏ بىراق،‏ بۇ مېنىڭ ھە‌پتە‌م.‏ ماڭىمۇ ئىلھام كېرە‌ك!‏» مېھرىبانلىق بىلە‌ن بېرىلگە‌ن بۇ مە‌سلىھە‌ت تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

1976-‏يىلى سۆيۈملۈك ئايالىم سىمونانىڭ جىددىي كېسە‌لگە دۇ‌چار بولۇ‌پ،‏ تۇ‌يۇ‌قسىز ئۆلۈپ كېتىشى مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى.‏ سىمونا يە‌ھۋا خۇ‌دانى بە‌ك ياخشى كۆرۈپ،‏ جېنىنى ئايىماي خىزمە‌ت قىلغاچقا،‏ مە‌ن ئۈچۈن ئاجايىپ ھە‌مراھ بولغان ئىدى.‏ خىزمە‌ت بىلە‌ن بە‌نت بولغانلىقىم جۇ‌دالىق بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشقا ياردە‌م بە‌ردى.‏ شۇ قىيىن ۋاقىتلاردا مېنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكى ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌داغا بە‌ك مىننە‌تدارمە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ مە‌ن كېرولىن ئېللىئوت دېگە‌ن ئىنگلىز تىلىدا سۆزلە‌يدىغان قىزغىن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىغا ئۆيلە‌ندىم.‏ ئۇ كۋېبېكقا خىزمە‌ت دائىرىسىنى كە‌ڭە‌يتىش ئۈچۈن كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ كېرولىن باشقىلارغا،‏ بولۇ‌پمۇ ئۇ‌يالچاق ۋە يالغۇ‌زسىراپ يۈرگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە سە‌مىمىي قىزىقىشنى كۆرسىتىدىغان ئوچۇ‌ق چىراي ئايال بولغان.‏ رايونلۇ‌ق زىيارە‌ت خىزمىتىمدە كىرولىن مە‌ن ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ بە‌رگە‌ن بە‌رىكىتى ئىدى.‏

بە‌ك مۇ‌ھىم يىل

1978-‏يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا،‏ مە‌ن كۋېبېكتىكى دە‌سلە‌پكى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار مە‌كتىپىنى ئۆتكۈزۈشكە تە‌كلىپ قىلىندىم.‏ لېكىن،‏ بۇ مە‌كتە‌پتە ئۆزۈم ئوقۇ‌مىغانلىقتىن ۋە دە‌رسلە‌رنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمىگە‌نلىكتىن بە‌ك ھودۇ‌قتۇ‌م.‏ بە‌ختكە يارىشا،‏ دە‌سلە‌پكى سىنىپتىكى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى تە‌جرىبىلىك ئىدى.‏ ئۆزۈم ئوقۇ‌تقۇ‌چى بولساممۇ،‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىلاردىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۈگە‌ندىم!‏

كېيىنرە‌ك،‏ 1978-‏يىلى مونترېئالدىكى ئولىمپىك تە‌نتە‌ربىيە مە‌يدانىدا «غە‌لىبە قۇ‌چقان ئېتىقاد»،‏ دە‌پ ئاتالغان خە‌لقئارالىق چوڭ يىغىلىش ئۆتتى.‏ بۇ كۋېبېكتىكى ئە‌ڭ چوڭ يىغىلىش بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدا 80000دىن ئوشۇ‌ق ئادە‌م يىغىلغان.‏ ماڭا ژۇ‌رنالىستلار بىلە‌ن تە‌شكىلاتىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىش تاپشۇ‌رىلدى.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ژۇ‌رنالىستلار بىز توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ ياخشى نە‌رسىلە‌رنى يازغانلىقىنى كۆرۈپ بە‌ك خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏ ئۇ‌لار تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پروگراممىلىرىدا بىزدىن 20 سائە‌تتىن كۆپرە‌ك ۋاقىت سۆھبە‌ت ئالغان ۋە يۈزلىگە‌ن ماقالىلە‌رنى نە‌شىر قىلغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ زور گۇ‌ۋاھلىق بېرىلگە‌نىدى!‏

باشقا تېررىتورىيىگە كۆچۈشىمىز

1996-‏يىلى مېنىڭ ھاياتىمدا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بە‌ردى.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندىن باشلاپ،‏ مە‌ن فرانسۇ‌زچە ۋە‌ز قىلاتتىم.‏ لېكىن ئە‌مدى تورونتودىكى ئىنگلىز سۆزلىشىدىغان تېررىتورىيىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئىدىم.‏ مە‌ن ئۈچۈن ئىنگلىز تىلىدا سۆزلە‌ش بە‌ك تە‌س بولغاچقا،‏ نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىشنى ئويلىغىنىمدا ئۆپكە‌م ئاغزىمغا تىقىلىپ قالاتتى.‏ مە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا پات-‏پات دۇ‌ئا قىلىشىم ۋە كۆپرە‌ك تايىنىشىم كېرە‌كتى.‏

بېشىدا قاتتىق ھودۇ‌قساممۇ،‏ تورونتودا ئىككى يىل خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلدىم.‏ كيرولىن ماڭا ئىنگلىز تىلىدا ئە‌ركىن-‏ئازادە سۆزلىشىمگە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ياردە‌م بېرە‌تتى.‏ قېرىنداشلارمۇ مېنى قوللاپ،‏ تە‌سە‌للى بېرە‌تتى.‏ بىز كۆپ ئۆتمە‌ي يېڭى دوستلارنى تېپىۋالدۇ‌ق.‏

جۈمە كۈنى رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلىرىم چاچتىن تولا بولاتتى،‏ لېكىن ئادە‌تتە شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن بىر سائە‌ت ۋاقىت چىقىراتتىم.‏ بە‌زىلىرى:‏ «چوڭ يىغىلىشقا تاقاپ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟‏»—‏ دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ لېكىن،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن پاراڭلىشىش ماڭا كۈچ بېرە‌تتى.‏ ھازىرقى كۈندىمۇ ۋە‌ز ئىشى ماڭا خۇ‌شاللىق ئە‌كېلىدۇ.‏

1998-‏يىلى كېرولىن ئىككىمىز مونترېئالغا مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە تە‌يىنلە‌ندۇ‌ق.‏ يىللار داۋامىدا مە‌ن ئاممىۋىي سورۇ‌نلاردا ۋە‌ز قىلىشنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش ۋە ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ناتوغرا ئوي-‏پىكىرلە‌رنى تۈزىتىش بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىناتتىم.‏ ھازىر بولسا،‏ كېرولىن ئىككىمىز كاناداغا يېقىندا كۆچۈپ كە‌لگە‌ن ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلگىسى كېلىدىغان چە‌ت ئە‌للىكلە‌رگە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ياردە‌م بېرىمىز.‏

لېئونس كرېپو ئايالى كيرولىن بىلە‌ن.‏

ئايالىم كېرولىن بىلە‌ن

چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكىنىمگە 68 يىل بوپتۇ.‏ ئۆتكە‌ن ھاياتىمغا قاراپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھاياتىمنى بە‌رىكە‌تلە‌رگە تولدۇ‌رغانلىقىنى كۆردۈم.‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىش ۋە نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنى ھە‌قىقە‌ت بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش مېنى بە‌ك خۇ‌شال قىلىدۇ.‏ قىزىمىز لىز يولدىشى بىلە‌ن بالىلىرىنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقاندىن كېيىن،‏ پىدائىي ۋە‌ز خىزمە‌تنى باشلىدى.‏ قىزىمىزنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىدە قىزغىن بولغانلىقى يۈرىكىمىزنى شادلاندۇ‌رىدۇ.‏ ياخشى ئۈلگىلىرى،‏ دانا نە‌سىھە‌تلىرى بىلە‌ن روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىمگە ۋە ھە‌ر تۈرلۈك خىزمە‌تلە‌رنى قىلىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن قېرىنداشلارغا ئالاھىدە رە‌ھمە‌ت ئېيتىمە‌ن.‏ مە‌ن بىر نە‌رسىنى چۈشە‌ندىم:‏ تە‌شكىلات تاپشۇ‌رغان خىزمە‌تنى پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىغا تايانساقلا ئورۇ‌ندىيالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 51:‏11)‏.‏ ئۆز ئىسىمىنى مە‌دھىيىلە‌ش شان-‏شە‌رىپىنى بە‌رگىنى ئۈچۈن يە‌ھۋاغا چە‌كسىز مىننە‌تدارمە‌ن!‏

a گلېن خاۋ بۇ‌رادە‌رنىڭ تە‌رجىمىھالى ‏«ئويغىنىش!‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ژۇ‌رنىلىنىڭ 18—‏24-‏بە‌تلىرىدە نە‌شىر قىلىنغان.‏

b دېيۋىد سپلېين يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچىلىك كېڭىشىنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش