12-تەتقىق ماقالىسى
قاچان سۆزلىشىمىز كېرەك؟
«سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار، سۆزلەشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار».—ۋەز 3:7.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
بۇ ماقالىدەa
1. ۋەز 3:1، 7-ئايەتلەردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
بەزىلىرىمىز كۆپ سۆزلەيمىز. يەنە بەزى بىرلىرىمىز جىم-جىت كەمدىن كەم سۆزلەيمىز. بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتىدە كۆرگەندەك، سۆزلەشنىڭمۇ، سۈكۈت قىلىشنىڭمۇ ئۆز ۋاقتى بار (ۋەز 3:1، 7-نى ئوقۇڭ). شۇنداق بولسىمۇ، بىز بەزى قېرىنداشلارنىڭ كۆپرەك سۆزلىشىنى ۋە باشقا بىر قېرىنداشلارنىڭ ئازىراق سۆزلىشىنى خالايدىغاندىمىز.
2. قاچان ۋە قانداق سۆزلەش ھەققىدە كىم بىزگە كۆرسەتمىلەرنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق؟
2 سۆزلەش قابىلىيىتىمىز — يەھۋا خۇدادىن كەلگەن سوۋغات (چىق. 4:10، 11؛ ۋەھىي. 4:11). ئۆز سۆزى، مۇقەددەس كىتابتا ئۇ بىزگە بۇ سوۋغاتنى بىزنىڭ قانداق توغرا ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرگەن. بۇ ماقالىدە بىز قاچان سۆزلەش ۋە قاچان سۆزلىمەسلىك كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان مىساللارنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىزنىڭ باشقىلارغا قانداق سۆزلەيدىغانلىقىمىزغا يەھۋا خۇدانىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز. ئاۋۋال، قاچان سۆزلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېنىقلىۋالايلى.
سۆز قىلىش ۋاقتى
3. رىملىقلار 10:14-ئايەتكە ئاساسەن، بىز قاچان سۆزلىشىمىز كېرەك؟
3 بىز باشقىلارغا يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق سۆزلەشكە ھەرقاچان تەييار بولۇشىمىز كېرەك (مەتتا 24:14؛ رىملىقلار 10:14-نى ئوقۇڭ). شۇنداق قىلساق، بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلىمىز. ئەيسانىڭ يەرگە كېلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى باشقىلارغا ئۆز ئاتىسى توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئېيتىش بولغان ئىدى (يۇھاننا 18:37). ئەمما، بىز باشقىلارغا قانداق سۆزلەشنىڭمۇ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇشىمىز لازىم. شۇڭا، بىز ئادەملەرگە يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق ئېيتىپ بەرگەندە، «مۇلايىملىق ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت» كۆرسىتىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇشىمىز مۇھىم (1-پېتر. 3:15). شۇ چاغدا، پەقەت سۆزلەپلا قويماستىن، ئادەملەرگە تەلىم بېرىمىز ۋە بەلكىم يۈرىكىگە تەسىر قىلىمىز.
4. پەندى-نەسىھەت 9:9-ئايەتكە ئاساسەن، ئاقساقاللارنىڭ سۆزلىرى باشقىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
4 ئاقساقاللار بىرەر قېرىنداشنىڭ نەسىھەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇلارغا نەسىھەت بېرىشتىن ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك. ئەلۋەتتە، ئۇلار شۇ كىشىنى خىجالەتكە قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە مۇۋاپىق بىر ۋاقىتنى تاللاپ، ئۆپ-چۆرىدە باشقا ئادەملەر بولمىغان پەيتنى كۈتسە ياخشى بولىدۇ. ئاقساقاللار ھەرقاچان سەۋرچانلىق بىلەن قېرىنداشنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ، ھۆرمەت بىلەن سۆزلەشكە تىرىشىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار باشقىلارنىڭ دانا ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئېيتىشتىن قورقمايدۇ (پەندى-نەسىھەت 9:9-نى ئوقۇڭ). باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ناتوغرا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈن نېمىشقا جۈرئەتلىك بولۇش مۇھىم؟ كېلىڭلار، ھازىر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدىغان ئىككى مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. بىرىنچى مىسالدا، خۇدانىڭ خىزمەتچىسى ئوغۇللىرىنى توغرا يولغا سېلىشى كېرەك ئىدى. ئىككىنچى مىسالدا، بىر ئايالنىڭ كېلەچەكتە پادىشاھ بولىدىغان كىشى بىلەن سۆزلىشىشىگە توغرا كەلگەن.
5. ئالىي روھانىي ئېلى يۇمشاق سۆزلەشنىڭ ئورنىغا قاچان قەتئىي سۆزلىشى كېرەك ئىدى؟
5 ئالىي روھانىي ئېلى ئىككى ئوغلىنى بەك ياخشى كۆرگەن. بىراق ئوغۇللىرى يەھۋا خۇداغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان. ئۇلار مۇقەددەس چېدىردا روھانىيلار سۈپىتىدە خىزمەت قىلىش شان-شەرىپىگە ئىگە بولغان. لېكىن ئۇلار ئۆز ھوقۇقىنى ناتوغرا قوللانغان، يەھۋاغا ئاتالغان قۇربانلىقلارنى دەپسەندە قىلغان ۋە يىرگىنچلىك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغان (1-سام. 2:12—17، 22). تەۋرات قانۇنى بويىچە ئېلىنىڭ ئىككى ئوغلى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق ئىدى. بىراق، ئېلى ئوغۇللىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا ئەيىبلەپ قويغان ۋە ئۇلارنىڭ مۇقەددەس چېدىردا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويغان (تەكرار. قا 21:18–21). بىراق، يەھۋا بۇنىڭغا قانداق قارىغان؟ ئۇ ئېلىغا:«نېمىشقا مۇنداق قىلىپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭنى مەندىن ئەزىز كۆرىسەن؟»— دېگەن. يەھۋا خۇدا ئېلىنىڭ ئىككى رەزىل ئوغلىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى قارار قىلغان.—1-سام. 2:29، 34.
6. ئېلىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
6 ئېلىدىن مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز. ئەگەر دوستىمىز ياكى ئۇرۇق-تۇغقىنىمىز خۇدانىڭ قانۇنىغا زىت بىر نەرسىنى قىلغانلىقىنى بىلىپ قالساق، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، يەھۋا خۇدانىڭ قانۇنلىرىنى ئېسىگە سالساق بولىدۇ. كېيىن، ئۇ يەھۋا تەيىنلىگەن ئاقساقاللاردىن كېرەكلىك ياردەم ئالغانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈشىمىز كېرەك (ياقۇپ 5:14). بىز ھېچقاچان ئېلىغا ئوخشاش، دوستىمىز ياكى ئۇرۇق-تۇغقىنىمىزنى يەھۋا خۇدادىن ئارتۇق كۆرۈشنى خالىمايمىز. ناتوغرا ئىشنى قىلىۋاتقان ئادەمگە بۇنى ئېيتىش ئۈچۈن جۈرئەتلىك بولۇش كېرەك. لېكىن، تىرىشچانلىقىمىز ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ھازىر بولسا ئابىگائىل ئىسىملىك ئىسرائىل ئايالنىڭ ئېلىدىن قانداق پەرق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئابىگائىل سۆزلەش ئۈچۈن توغرا ۋاقىتنى تاللاشتا ياخشى ئۈلگە كۆرسەتكەن (7، 8-ئابزاسلارغا قاراڭ)d
7. ئابىگائىل نېمە ئۈچۈن داۋۇت بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغان؟
7 ئابىگائىل نابال ئىسىملىك باي كىشىنىڭ ئايالى بولغان. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ يۈرگەندە، بىراز ۋاقىت نابالنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ۋە پادىلىرىنى قاراقچىلاردىن قوغدىغان. نابال بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنمۇ؟ ياق. داۋۇت ئۇنىڭدىن ئۆزى ۋە ئادەملىرى ئۈچۈن كىچىككىنە تاماق بىلەن سۇ سورىغاندا، نابالنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇ ئۇلارغا ۋارقىراپ تىللاپ قايتۇرۇۋەتكەن (1-سام. 25:5—8، 10—12، 14). شۇ چاغدا، داۋۇت نابالنىڭ ئۆيىدىكى ھېچبىر ئەر كىشىنى تىرىك قالدۇرماسلىقنى قارار قىلغان (1-سام. 25:13، 22). شۇنداق پاجىئەلىك قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشقا بولاتتى؟ ئابىگائىل شۇ ۋەزىيەتتە سۆزلەش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ، داۋۇت بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن جەسۇرلۇق بىلەن قورساقلىرى ئاچ ۋە قاتتىق غەزەپلەنگەن 400 ئەسكەرنىڭ ئالدىغا چىققان.
8. بىز ئابىگائىلدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
8 ئابىگائىل داۋۇتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن سۆزلىگەچ، داۋۇت ئۇنىڭ سۆزىگە كىرگەنىدى. ھەتتا، ئابىگائىل يۈز بەرگەن ۋەقەگە سەۋەبچى بولمىسىمۇ، ئۇ داۋۇتتىن كەچۈرۈم سورىغان. ئۇ داۋۇتنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىگە ۋە توغرا قارار چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان (1-سام. 25:24، 26، 28، 33، 34). ئابىگائىلغا ئوخشاش، بىزمۇ بىرسىنىڭ چوڭ خاتالىققا باشلايدىغان بىر ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەك، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن جەسۇر بولۇشىمىز كېرەك بولىدۇ (زەبۇر 141:5). بىز شۇ كىشىگە جاسارەت ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆزلىشىشىمىز لازىم. بىز خاتالاشقان كىشىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئاگاھلاندۇرساق، ھەقىقىي دوست ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.—پەند. نە 27:17.
9، 10. ئاقساقاللار باشقىلارغا نەسىھەت بەرگەندە، نېمىنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك؟
9 خاتالىق ئۆتكۈزگەن قېرىنداش بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن بولۇپمۇ ئاقساقاللار چوقۇم جەسۇر بولۇشى كېرەك (گالاتىيا. 6:1). ئاقساقاللار نامۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ۋە بەزىدە ئۇلارمۇ نەسىھەتكە مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق، ئۇلار بۇ سەۋەبتىن خاتالىشىۋاتقان قېرىنداشقا نەسىھەت بېرىشتىن ئۆزلىرىنى تارتمايدۇ (2-تىموت. 4:2؛ تىتۇس 1:9). ئۇلار شۇنداق ئادەمگە نەسىھەت بەرگەندە، سۆزلەش قابىلىيىتىنى ماھىرلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئىشلىتىشكە تىرىشىدۇ. ئاقساقاللار قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ (پەند. نە 13:24). بىراق، ئاقساقاللار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىش ۋە جامائەتنى خەتەردىن ھىمايە قىلىش ئارقىلىق خۇدانى مەدھىيىلەش.—ئەلچى. 20:28.
10 بىز قاچان سۆزلەش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقتۇق. بىراق، جىم-جىت سۈكۈت قىلىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. كېلىڭلار، قاچان سۆزلىمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.
سۈكۈت قىلىش ۋاقتى
11. ياقۇپ تىلىمىزنى تىزگىنلەش توغرۇلۇق قانداق مىسالنى كەلتۈرگەن؟
11 تىلىمىزنى تىزگىنلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ياقۇپ بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلۇق بىر مىسالنى كەلتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىمكى سۆزىدە خاتالاشمىسا، ئۇ پۈتۈن تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن كامىل كىشىدۇر» (ياقۇپ 3:2، 3). ئېغىزدۇرۇقنىڭ تاسمىسىنى تارتقاندا، چەۋەنداز ئاتنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. لېكىن، ئۇ تاسمىنى چىڭ تۇتمىسا، ئات تىزگىنلەنمەي چېپىپ، ئات ئۆزى، ئات مىنگۈچى تەڭ يارلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر تىلىمىزغا ئىگە بولمىساق، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. سۆزلىمەسلىك كېرەك بولغان بىرنەچچە ۋەزىيەتنى كۆرۈپ چىقايلى.
12. قاچان تىلىمىزنى تىزگىنلىشىمىز كېرەك؟
12 قانداقتۇ بىر قېرىنداش مەخپىي مەلۇماتنى بىلسە، سىز نېمە قىلىسىز؟ مەسىلەن، پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتتە ياشايدىغان قېرىنداشنى ئۇچراتتىڭىز دەيلى. شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن شۇ يەردە پائالىيىتىمىز قانداق ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بىلىشنى خالامسىز؟ ئەلۋەتتە، نىيىتىڭىز ياخشى بولۇشى مۇمكىن. بىز قېرىنداشلىرىمىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇلار ئۈچۈن غەم قىلىمىز. ئۇلار ئۈچۈن ئېنىق دۇئا قىلىشنىمۇ خالايمىز. بىراق، بۇ تىلىمىزنى تىزگىنلەپ، چىشىمىزنى چىشلەپ تۇرىدىغان ۋاقىت. ئەگەر مەخپىي مەلۇماتلارنى بىلىدىغان ئادەمگە بېسىم قىلساق، شۇ ئادەمگە، ئۇنىڭ شۇنى مەخپىي ساقلايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدىغان قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن بولىمىز. ئەلۋەتتە، بىز پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتتە ياشايدىغان قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا قىيىنچىلىق قوشۇشنى خالىمايمىز. ئەگەر پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتتە خىزمەت قىلىدىغان بولساق، شۇ يەردىكى گۇۋاھچىلارنىڭ ۋەز خىزمىتى، جامائەت يىغىلىشلىرى ياكى باشقىمۇ ئىشلىرى توغرۇلۇق تەپسىلاتلارنى ئېيتمايمىز.
13. پەندى-نەسىھەت 11:13-ئايەتكە ئاساسەن، ئاقساقاللار نېمە قىلىشلىرى كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
13 بولۇپمۇ ئاقساقاللار پەندى-نەسىھەت 11:13-ئايەتتىكى (ئوقۇڭ) پرىنسىپنى چوقۇم قوللىنىشى زۆرۈر. ئۇلار قانداقتۇ بىر مەلۇماتنى بىلىشكە ھوقۇقى يوق ئادەملەرگە ئېيتماسلىقى كېرەك. ئاقساقال ئۆيلەنگەن بولسا، شۇنداق قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئەر-ئايال پات-پات بىر-بىرىگە ھېس-تۇيغۇلىرى، غەم-ئەندىشىلىرى ۋە ئىچ-سىرلىرىنى ئېيتىش ئارقىلىق ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئەمما، ئاقساقال جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەخپىي ئىشلىرىنى ئايالىغا ئېيتماسلىقى كېرەكلىكىنى چۈشىنىدۇ. چۈنكى ئېيتىپ قويسا، ئۇ ئابرويىنى تۆكۈپ قويىدۇ ۋە باشقىلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان بولىدۇ. جامائەتتە جاۋابكارلىققا ئىگە بولغان بۇرادەرلەر «ئىككى يۈزلىمىچى» بولماسلىقى كېرەك (1-تىموت. 3:8). بۇ دېگىنىمىز، ئۇلار يالغان سۆزلىمەسلىكى ياكى غەيۋەت قىلىشقا مايىل بولماسلىقى لازىم. ئۆز ئايالىنى ياخشى كۆرىدىغان ئاقساقال ئۇنىڭغا ئارتۇق ياكى كېرەكسىز مەلۇماتنى ئېيتمايدۇ.
14. ئاقساقالنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ئابرويىنى ساقلاشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14 ئايالى ئاقساقالدىن مەخپىي مەلۇماتلارنى سورىمىسا، ئۇنىڭغا ئابرويىنى ساقلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھەمراھىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا سىرىنى ئېيتىپ بەرگەن قېرىنداشلارغىمۇ ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىغا ھەسسە قوشۇپ، يەھۋا خۇدانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىدۇ.—رىملىقلار 14:19.
يەھۋا سۆزلىرىمىزگە قانداق قارايدۇ؟
15. يەھۋا خۇدا ئايۇپقا كەلگەن ئۈچ كىشىگە قانداق قارىغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
15 قاچان ۋە قانداق سۆزلەش توغرۇلۇق ئايۇپ كىتابىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز. ئايۇپ بېشىدىن نۇرغۇن سىناقلارنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تەسەللى ۋە نەسىھەت بېرىش ئۈچۈن تۆت كىشى كەلگەنىدى. ئۇلار ئۇزاق ۋاقىت جىم-جىت ئولتۇرغان. بىراق، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۈچى، يەنى ئېلىفاز، بىلداد ۋە زوفارنىڭ، كېيىن ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئايۇپقا قانداق ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ئويلىمايدىغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلار ئايۇپنىڭ قانداقتۇ بىر خاتالىقنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى دەلىللىمەكچى بولغان. ئۇلارنىڭ بەزى سۆزلىرى توغرا بولسىمۇ، يەھۋا ۋە ئايۇپ توغرۇلۇق ئېيتقان كۆپىنچە سۆزلىرى رەھىم-شەپقەتسىز ياكى يالغان ئىدى. ئۇلار ئايۇپنى قاتتىق سۆكۈپ ئەيىبلىگەن (ئايۇپ 32:1–3). يەھۋا خۇدا بۇنىڭغا قانداق قارىغان؟ ئۇ بۇ ئۈچ كىشىگە غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئەخمەق دەپ ئاتىغان ۋە ئۇلارنى ئايۇپتىن ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى سوراشقا بۇيرىغان.—ئايۇپ 42:7—9.
16. ئېلىفاز، بىلداد ۋە زوفارنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
16 بىز ئېلىفاز، بىلداد ۋە زوفارنىڭ مىسالىدىن بىرنەچچە ساۋاق ئالىمىز. بىرىنچى، بىز قېرىنداشلىرىمىزنى ئەيىبلىمەسلىكىمىز كېرەك (مەتتا 7:1—5). بۇنىڭ ئورنىغا سۆزلەشتىن ئاۋۋال، ئۇلارنى دىققەت بىلەن تىڭشىشىمىز لازىم. پەقەت شۇ چاغدىلا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنەلەيمىز (1-پېتر. 3:8). ئىككىنچى، بىرسىگە سۆزلىگەندە سۆزلىرىمىز مۇلايىم ۋە توغرا ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشىمىز زۆرۈر (ئەفەس. 4:25). ئۈچىنچى، يەھۋا بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە نېمە دېگەنلىكىمىزگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.
17. ئېلىخۇنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
17 ئايۇپنىڭ يېنىغا كەلگەن تۆتىنچى كىشى ئىبراھىمنىڭ تۇققىنى ئېلىخۇ بولغان. ئۇ ئايۇپنىڭ ۋە باشقا ئۈچ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشىغاچقا، ئايۇپقا كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەرگەن. ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن، لېكىن ئۇدۇل نەسىھەت بەرگەن ئىدى (ئايۇپ 33:1، 6، 17). ئېلىخۇ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە ياكى باشقا بىر ئادەمگە ئەمەس، يەھۋا خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئىدى (ئايۇپ 32:21، 22؛ 37:23، 24). ئېلىخۇنىڭ ئۈلگىسىدىن ھەم سۆزلەشنىڭ، ھەم سۆزلىمەي جىم-جىت سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىمىز (ياقۇپ 1:19). ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلارغا نەسىھەت بەرگەندە، ئەڭ مۇھىم مەقسىتىمىز — ئۆزۈمىزگە ئەمەس، يەھۋا خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش.
18. سۆزلەش قابىلىيىتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
18 مۇقەددەس كىتابتىكى قاچان ۋە قانداق سۆزلەش توغرۇلۇق مەسلىھەتكە قۇلاق سالساق، سۆزلەش قابىلىيىتىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. سۇلايمان پادىشاھ مۇنداق يازغان: «ئۆز ۋاقىت-سائىتىدە قىلىنغان سۆز، خۇددى نەقىش ئويۇلغان كۈمۈش قاچىدىكى ئالتۇن ئالمىلاردەكتۇر» (پەند. نە 25:11). باشقىلارنى دىققەت بىلەن تىڭشىساق ۋە ئويلىنىپ سۆزلىسەك، سۆزلىرىمىز ئالتۇن ئالمىلاردەك قەدىر-قىممەتلىك ۋە چىرايلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا، بىز مەيلى ئاز ياكى كۆپ سۆزلەيلى، سۆزلىرىمىز باشقىلارغا تەسەللى بېرىپ، يەھۋا خۇدانىڭ قەلبىنى خۇشال قىلىدۇ (پەند. نە 23:15؛ ئەفەس. 4:29). خۇدا بەرگەن بۇ قابىلىيەت ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇق يولى بارمۇ؟
45-ناخشا ئالغا باس!
a خۇدا سۆزىدە قاچان سۆزلەش ۋە قاچان سۆزلىمەسلىك كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەر بار. بىز شۇ مەسلىھەتلەرنى بىلىپ، ئۇلارنى ئەمەلىيەتتە قوللانغاندا، سۆزلىرىمىز يەھۋا خۇدانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىدۇ.
b سۈرەتتە: قېرىنداش باشقا قېرىنداشقا مەسلىھەت بېرىۋاتىدۇ. بۇرادەر تازىلىق توغرۇلۇق نەسىھەت بېرىۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: بۇرادەر تازىلىق توغرۇلۇق نەسىھەت بېرىۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: ئابىگائىل داۋۇتقا سۆزلەش ئۈچۈن توغرا ۋاقىت تاللىغانلىقى ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلگەنىدى.
e سۈرەتتە: ئەر-ئايال پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتتىكى ئىشلىرىمىز توغرۇلۇق مەلۇماتنى ئېيتىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ.
f سۈرەتتە: ئاقساقال جامائەتتىكى مەخپىي مەلۇماتنى ھېچكىم ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن چارە كۆرۈۋاتىدۇ.