6-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ دائىم توغرا ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
«ئۇ قورام تاش، ئۇنىڭ ئىشلىرى مۇكەممەلدۇر، بارچە يوللىرى ئادالەتلىك، ئەسلا ناھەقلىق قىلمايدىغان ساداقەتمەن خۇدادۇر. ئۇ ئادىل ۋە ھەققانىيدۇر».—تەكرار. قا 32:4.
152-ناخشا كۈچىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە يار-يۆلىكىمىز
بۇ ماقالىدەa
1، 2. (1) نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ھوقۇقدارلارغا ئىشىنىش تەس؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ھوقۇقدارلارغا ئىشىنىش تەسكە توختايدۇ. چۈنكى، ئۇلار قانۇنىي ۋە سىياسىي تۈزۈمىنىڭ باي ۋە كۈچلۈك كىشىلەرگە يان بېسىپ، ئادالەتنى ياقلاشتا نامراتلارغا سەل قارايدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسان ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پەقەت زىيان-زەخمەت كەلتۈرىدىكەن» (ۋەز 8:9). ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەملەر يەنە دىنىي ئۇستازلارنىڭ چىرىك قىلمىشلىرىنى كۆرگەچ، نەتىجىدە ئۇلار خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى يوقاتتى. شۇڭلاشقا، بەزىدە بىر كىشى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندا، ئۇنىڭ يەھۋا ۋە يەر يۈزىدىكى ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلارغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
2 ئەلۋەتتە، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقانلار يەھۋا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشى لازىم. ئەمما، پەقەت ئۇلار ئەمەس، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەقىقەتتە بولغان بىزلەرمۇ چوقۇم يەھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك. بەزىدە بىزنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىمىز سىنىلىشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە ئۈچ خىل ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىمىز: (1) مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئۈزۈندىنى ئوقۇغاندا، (2) يەھۋا تەشكىلاتى ئارقىلىق بىزگە يول-يورۇق بەرگەندە ۋە (3) بىز كەلگۈسىدە قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە.
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، يەھۋاغا ئىشىنىڭ
3. مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇغاندا يەھۋاغا بولغان ئېتىقادىمىز قانداق سىنىلىشى مۇمكىن؟
3 مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئۈزۈندىنى ئوقۇغىنىمىزدا، يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ياكى بەزى قارارلارنى چىقارغانلىقىنى چۈشەنمەسلىكىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، سانلار كىتابىدا يەھۋا دەم ئېلىش كۈنى ئوتۇن يىققان كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. سامۇئىلنىڭ 2-يازمىسىدا، داۋۇت زىنا قىلىپلا قالماستىن، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، يەھۋا ئۇنى كەچۈرگەن (سانلار 15:32، 35؛ 2-سام. 12:9، 13). بەلكىم، بىز: «نېمە ئۈچۈن يەھۋا زىنا قىلغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن داۋۇتنى كەچۈرۈۋەتكەن؟ ئەمما، يېنىكرەك گۇناھ قىلغان ئاشۇ ئوتۇن يىققان ئادەمنى كەچۈرمەي، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان؟»،— دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا چوقۇم ئەستە ساقلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئۈچ نۇقتىنى كۆرۈپ باقايلى.
4. يارىتىلىش 18:20، 21 ۋە تەكرار قانۇن 10:17-ئايەتلەر يەھۋانىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟
4 مۇقەددەس كىتاب بىزگە ھەردائىم بارلىق ئىش-ۋەقەلەرنىڭ بارچە تەپسىلاتلىرىنى تولۇق ئېيتىپ بەرمەيدۇ. مەسىلەن، بىز داۋۇتنىڭ كېيىنرەك ئۆز قىلمىشلىرى ئۈچۈن توۋا قىلغانلىقىنى بىلىمىز (زەبۇر 51:2–4). ئەمما، دەم ئېلىش كۈنى ئوتۇن يىققان ئادەمچۇ؟ ئۇ خاتالىقىغا پۇشايمان قىلدىمۇ؟ ئۇ ئىلگىرى يەھۋانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانمۇ؟ ئۇ بۇرۇن بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا قەستەن پەرۋا قىلمىغان ياكى رەت قىلغانمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا بۇلار ھەققىدە ھېچ نەرسە ئېيتىلمىغان. ۋەزىيەت قانداقلا بولمىسۇن، يەھۋا ناھەقلىق قىلمايدىغان خۇدا ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىمىز (تەكرار. قا 32:4). ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ مىش-مىش گەپ سۆزلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ، ئىنسانلار تەرىپىدىن بۇرمىلانغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ (يارىتىلىش 18:20، 21؛ تەكرار قانۇن 10:17-نى ئوقۇڭ). يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىنى قانچە كۆپ بىلسەك، ئۇنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىگە شۇنچە كۆپ ئىشىنىمىز. بەلكىم، بىز مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، بەزى ئۈزۈندىلەر توغرۇلۇق سوئاللىرىمىز پەيدا بولسا، دەرھال جاۋاب تاپالمايمىز. ئەمما، خۇدايىمىز يەھۋا ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ. شۇڭا، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئادىل ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز.—زەبۇر 145:17.
5. نېمە ئۈچۈن ئادالەت تۇيغۇمىز ئىشەنچسىز؟ («نېمە ئۈچۈن ئادالەت تۇيغۇمىز ئىشەنچلىك ئەمەس؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ)
5 نامۇكەممەللىك سەۋەبلىك ئادالەت تۇيغۇمىز ئىشەنچسىز. خۇدا بىزنى ئۆز ئوبرازىدا ياراتقان. شۇڭا، ھەممىمىزدە ئادالەتنى ياقلاش تۇيغۇسى بار (يارىت. 1:26). ئەمما، بىز ھەممىمىز نامۇكەممەل بولغاچ، بىز بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇق بىلىمىز دەپ ئويلىغان تەغدىردىمۇ، يەنىلا خاتا ھۆكۈم چىقىرىشىمىز مۇمكىن. يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ مىسالىغا قارىساق، يەھۋانىڭ نىنەۋى خەلقىنى يوق قىلىۋەتمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، يۇنۇس قاتتىق ئاچچىقلانغان ئىدى (يۇنۇس 3:10–4:1). ئەمما، ئاشۇ قارارنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقساق، نىنەۋىدىكى 120000دىن ئارتۇق توۋا قىلغان خەلق قۇتۇلۇپ، ئامان قالغان. بۇ مىسالدىن خۇدا ئەمەس، يۇنۇس خاتا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
6. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئۆزى چىقارغان قارارلارنى بىزگە چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى يوق؟
6 يەھۋانىڭ ئۆزى چىقارغان قارارلارنى ئادەملەرگە چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى يوق. راست، يەھۋا ئۆتمۈشتە چىقارغان قارارى ياكى چىقارماقچى بولغان قارارى ھەققىدە خىزمەتچىلىرىگە ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقا يول قويغان (يارىت. 18:25؛ يۇنۇس 4:2، 3). بەزى چاغلاردا، يەھۋا ئۆزى چىقارغان قارارنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرگەن (يۇنۇس 4:10، 11). ئەمما، ئۇنىڭ شۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. ئۇ ياراتقۇچى. شۇڭا، ئۇ بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن، بىزنىڭ رازىلىقىمىزنى ئېلىشقا مۇھتاج ئەمەس.—يەشايا 40:13، 14؛ 55:9.
كۆرسەتمىلەرنى ئالغاندا، يەھۋاغا ئىشىنىڭ
7. بەزىدە نېمە قىلىش ئاسان ئەمەس ۋە نېمە ئۈچۈن؟
7 شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋا ھەردائىم توغرا ئىش قىلىدۇ. ئەمما، يەھۋاغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرگە ئىشىنىش ئانچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بەلكىم، بىز مۇنداق ئويلايمىز: «ئۇلار قارار چىقارغاندا، يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسلىنامدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرىگىمۇ؟» قەدىمقى زاماندىمۇ بەزى كىشىلەر شۇنداق ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچى ئابزاستا تىلغا ئېلىنغان مىسالنى قايتا قاراپ باقايلى. مۇسا پەيغەمبەر دەم ئېلىش كۈنىگە خىلاپلىق قىلغان ئاشۇ ئادەمنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر: «مۇسانىڭ جاكارلىغان ھۆكۈمى ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەنمۇ؟»،— دەپ سورىغان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، ئۇرىيانىڭ دوستى: «داۋۇت پادىشاھ بولۇش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆلۈمدىن ئامان قالدى»،— دەپ ئويلىغاندۇ. ئەمما، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەھۋا ئۆزى تەيىنلىگەن كىشىلەرگە ئىشىنىدۇ. ئەگەر بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرلەرگە ئىشەنمىسەك، يەھۋاغا ئىشەنمەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
8. بۈگۈنكى كۈندىكى ۋە بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جامائىتىدە قانداق ئوخشاشلىق بار؟ (ئەلچىلەر 16:4، 5)
8 بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ يەردىكى تەشكىلاتىغا يول-يورۇق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ (مەتتا 24:45). ئاشۇ سادىق خىزمەتچىلەر خۇددى بىرىنچى ئەسىردىكى يېتەكچى كېڭەشكە ئوخشاش، خۇدانىڭ خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىدۇ ۋە جامائەتتىكى ئاقساقاللارغا يول-يورۇق بېرىدۇ (ئەلچىلەر 16:4، 5-نى ئوقۇڭ). جامائەتتىكى ئاقساقاللار بولسا، ئاشۇ كۆرسەتمىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. ئەگەر بىز تەشكىلات ۋە ئاقساقاللارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنساق، يەھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇللىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
9. قانداق ئەھۋاللاردا ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟ نېمە ئۈچۈن؟
9 بەزى ۋەزىيەتلەردە ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن جامائەتلەرنى ياكى رايوندىكى جامائەتلەرنى قايتا تەشكىللەش ئىشى ئېلىپ بېرىلدى. بەزىدە يىغىلىش زاللىرىدىن ياخشىراق پايدىلىنىش مەقسىتىدە، ئاقساقاللار بەزى قېرىنداشلارغا باشقا جامائەتكە كۆچۈش تەكلىپىنى بېرىدۇ. ئەگەر ئاقساقال شۇنداق تەكلىپنى بەرسە، بىز ئائىلىمىز ۋە دوستلىرىمىزدىن ئايرىلىشنى خالىماسلىقىمىز مۇمكىن. ئاقساقاللارنىڭ قايسى ۋەز ئېيتقۇچىنى قايسى جامائەتكە ئەۋەتىشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق ئاسماندىن بىر يول-يورۇق كەلمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ چىقارغان قارارىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەھۋا ئاقساقاللارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جامائەت ئۈچۈن قارارلارنى چىقىرىشىغا يول قويىدۇ. شۇڭا، بىزمۇ ئۇلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەكb.
10. ئىبرانىيلار 13:17-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، بىز نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك؟
10 ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارى بىز خالىغاندەك بولمىسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك؟ چۈنكى شۇنداق قىلساق، يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىدا بىرلىك، ئىناق-ئىتتىپاقلىق بولۇشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز (ئەفەس. 4:2، 3). بۇنىڭدىن باشقا، بىز ھەممىمىز ئاقساقاللارنىڭ قارارىنى كەمتەرلىك بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىسەك، جامائەت گۈللەپ ياشنايدۇ (ئىبرانىيلار 13:17-نى ئوقۇڭ). ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا بىزگە غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن ئىشىنىپ تەيىنلىگەن كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، يەھۋاغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.—ئەلچى. 20:28.
11. ئاقساقاللاردىن كەلگەن كۆرسەتمىلەرگە ئىشىنىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
11 ئاقساقاللارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ ئۇلار جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلغاندا، يەھۋادىن مۇقەددەس روھنى سورايدىغانلىقىنى ئەستە ساقلاش. يەنە مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ۋە يەھۋانىڭ تەشكىلاتى تەمىنلىگەن كۆرسەتمىلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ چىقىدۇ. ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى خالايدۇ ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭ خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. بۇ ساداقەتمەن بۇرادەرلەر ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ (1-پېتر. 5:2، 3). مۇنۇ ھەقىقەت توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈڭ: دۇنيا ئىرق، دىن ۋە سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىپ كەتتى. ئەمما، يەھۋانىڭ خەلقى بىرلىكتە ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ. يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىنى بەرىكەتلىگەنلىكى سەۋەبلىك مۇشۇ ئىشلار ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ.
12. كىشىنىڭ ھەقىقەتەن توۋا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئاقساقاللار قايسى ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك؟
12 خۇدا ئاقساقاللارغا جامائەتنى پاك تۇتۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرغان. ئەگەر بىر ئېتىقادچى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئاقساقاللار چوقۇم يەھۋا خۇدانىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن بۇ كىشىنىڭ جامائەتتە قېلىش-قالماسلىقىنى قارار قىلىشى كېرەك. يەنە ئاقساقاللارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك باشقىمۇ ئىشلىرى بار. ئۇلارنىڭ بىرى، شۇ گۇناھنى سادىر قىلغان كىشىنىڭ ھەقىقەتەن توۋا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىش. شۇ كىشى پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ چىن قەلبىدىن قىلغان يامان ئىشىنى راستىنلا ئۆچ كۆرەمدۇ؟ ئۇ ئوخشاش خاتالىقنى قايتا قىلماسلىقنى قەتئىي قارار قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇ يامان دوستلار بىلەن ئارىلىشىپ، شۇنداق گۇناھنى ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ شۇ دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنى خالامدۇ؟ ئاقساقاللار يەھۋاغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار دەلىل-ئىسپاتلار ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ چىقىپ، شۇ گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ قىلغان گۇناھىغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ جامائەتتە قېلىش-قالماسلىقىنى قارار قىلىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ئۇلار گۇناھ قىلغان كىشىنى جامائەتتىن چىقىرىشنى قارار قىلىدۇ.—1-كورىنت. 5:11–13.
13. ئەگەر ئائىلىمىزدىكى بىرى ياكى يېقىن دوستىمىز جامائەتتىن چىقىرىلسا، بىزدە قانداق سوئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟
13 قانداق ۋەزىيەتلەردە ئاقساقاللارغا بولغان ئىشەنچىمىز سىنىلىشى مۇمكىن؟ ئەگەر جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشى بىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمىزدىن بىرى ياكى يېقىن دوستىمىز بولمىسا، ئاقساقاللارنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىش قىيىن ئەمەس. ئەمما، جامائەتتىن يېقىن كىشىمىز چىقىرىلغان بولسىچۇ؟ شۇنداق ئەھۋالدا، بىز: «ئاقساقاللار بارلىق ئامىللار ئۈستىدە ھەقىقەتەن ياخشى ئويلاشتىمۇ؟ ئۇلار قارارنى ھەقىقەتەن يەھۋا خالىغاندەك چىقاردىمۇ؟»— دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارىغا توغرا كۆزقاراشنى ساقلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14. ئاقساقاللار ئائىلىمىزدىكى بىرىنى ياكى يېقىن دوستىمىزنى جامائەتتىن چىقىرىشنى قارار قىلسا، نېمىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
14 جامائەتتىن چىقىرىلىش بۇ يەھۋانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. بۇ چارە جامائەتنى قوغداپلا قالماي، گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر. ئەگەر گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشى داۋاملىق جامائەتتە قالدۇرۇلسا، ئۇ باشقىلارغا يامان تەسىر قىلىپ، باشقىلارمۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن (گالاتىيا. 5:9). بۇ كىشى قىلغان ئىشلىرىنى ئېغىر گۇناھ ئەمەستەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بەلكىم ئوي-پىكىرى ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇ يەھۋانىڭ قايتا قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ (ۋەز 8:11). شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، ئاقساقاللار بىر كىشىنى جامائەتتىن چىقىرىشنى قارار قىلىشنىڭ بەك جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. قەدىمقى ئىسرائىلدىكى ھاكىملارغا ئوخشاش، ئۇلار «سىلەر ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەھۋا ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىسىلەر» دېگەن سۆزلەرنى ياخشى بىلىدۇ.—2-تارىخ. 19:6، 7.
ھازىر يەھۋاغا ئىشەنسىڭىز، كېلەچەكتىمۇ ئىشىنىسىز
چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە بىزگە بېرىلگەن كۆرسەتمىلەرگە ئىشىنىشىمىزگە ۋە ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (15-ئابزاسقا قاراڭ)
15. نېمە ئۈچۈن بىز ھازىر ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا يەھۋانىڭ يول-يورۇغىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك؟
15 بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، بىز ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا، يەھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلى چوقۇم ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، بىزگە بېرىلىدىغان يول-يورۇق غەلىتە، قولايسىز، ھەتتا ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەستەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، يەھۋا ھەربىرىمىزگە شەخسەن بىۋاسىتە سۆز قىلمايدۇ. ئەمما، ئۇ يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرلەر ئارقىلىق يول-يورۇق بېرىشى مۇمكىن. بىز: «بۇ راستىنلا يەھۋادىن كەلگەن يول-يورۇقمۇ ياكى پەقەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرلەرنىڭ ئوي-پىكىرىمۇ؟»— دەپ، بېرىلگەن كۆرسەتمىلەردىن گۇمان قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ھالقىلىق پەيتتە بىز يەھۋا ۋە ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇرادەرلەرگە ئىشىنىمىزمۇ؟ بۇ بىزنىڭ ھازىر يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىن كەلگەن كۆرسەتمىلەرگە قانداق كۆزقاراشتا بولغىنىمىزغا باغلىق. ئەگەر ھازىر شۇ يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنساق، ئۇنداقتا چوڭ بالايىئاپەت ۋاقتىدىمۇ شۇنداق قىلىمىز.—لۇقا 16:10.
16. يېقىن كېلەچەكتە يەھۋانىڭ ھۆكۈملىرىگە بولغان ئىشەنچىمىز قانداق سىنىلىشى مۇمكىن؟
16 بىز چوقۇم يەنە بىر ئىش — بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىدا، يەھۋانىڭ ھۆكۈمىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلاپ كۆرۈشىمىز كېرەك. بىز كۆپرەك ئادەملەرنىڭ يەھۋانى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بولۇپمۇ، يەھۋانى تونۇمايدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنى قارار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق، يەھۋا كېلەچەكتە ئارماگېدون ئۇرۇشىدا، ئەيسا ئارقىلىق يېقىنلىرىمىز ئۈستىدىن ئاخىرقى ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ (مەتتا 25:31–33؛ 2-سالونىكا. 1:7–9). يەھۋا شۇ چاغدا كىمگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىز قارار قىلالمايمىز (مەتتا 25:34، 41، 46). ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ ھۆكۈملىرىگە ئىشىنىمىزمۇ ياكى ئۇلار بىز ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولۇپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتىن ۋاز كېچىمىزمۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى، كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
17. يەھۋانىڭ چىقارغان ھۆكۈمى نەتىجىسىدە يېڭى دۇنيادا قانداق گۈزەل ئىشلار بولىدۇ؟
17 يەھۋانىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى يېڭى دۇنيادا كۆرگىنىمىزدە قانداق ھېس-تۇيغۇغا چۆمىدىغانلىقىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! ئەمدى ساختا دىنلار، ئاچكۆز سودا-تىجارەت ۋە خەلقنى ئېزىدىغان سىياسىي تۈزۈملەر بولمايدۇ. ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىمىزنىڭ كېسەل بولۇپ ياكى قېرىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرمەيمىز. شەيتان ۋە جىنلار مىڭ يىل كىشەنلىنىپ، ئىنسانلارغا تەسىر قىلالمايدۇ. ئاشۇ ئىسيانچىلار تۈپەيلى پەيدا بولغان بارلىق يامانلىقلار پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ (ۋەھىي. 20:2، 3). شۇ چاغدا، يەھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىمىزگە تولىمۇ مىننەتدار بولىمىز!
18. سانلار 11:4–6 ۋە 21:5-ئايەتلەردە خاتىرىلەنگەن ئىسرائىللار ھەققىدىكى ئۈزۈندىلەردىن قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟
18 يېڭى دۇنيادىمۇ يەھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلى توغرا ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى سىنايدىغان بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، ئىسرائىللارنى مىسال قىلساق، ئۇلار مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، بەزىلەر مىسىردا يېگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچ، ئاغرىنىشقا باشلىغان. ئۇلار ھەتتا يەھۋا تەمىنلىگەن مانناغا ئۆچ بولغان (سانلار 11:4–6؛ 21:5-نى ئوقۇڭ). چوڭ بالايىئاپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىزمۇ شۇ قەدىمقى ئىسرائىللارغا ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، يەر شارىنى پاكىزلاش ۋە جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ خىزمەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. دەسلەپتە، بەلكىم شۇ ئىشلار ئېغىر يۈكتەك كۆرۈنىدۇ ياكى قولايسىزلىقلار تۇغۇلىدۇ. شۇنداق ۋەزىيەتتە، يەھۋانىڭ تەمىنلەپ بەرگەنلىرىدىن ئاغرىنىمىزمۇ؟ بىز بىر نەرسىنى ئېنىق بىلىمىزكى، ئەگەر ھازىر يەھۋانىڭ تەمىنلەپ بەرگەنلىرىگە مىننەتدار بولساق، كەلگۈسىدىمۇ ئۇنىڭ تەمىنلەپ بەرگەنلىرىگە مىننەتدار بولىمىز.
19. بۇ ماقالىدىكى ئاساسىي ئوي-پىكىرلەرنى قانداق خۇلاسە قىلىسىز؟
19 يەھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلى ھەرقاچان توغرا. بىز بۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرلەرگىمۇ ئىشىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى، يەھۋا ئۆزى بەرگەن كۆرسەتمىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يەھۋانىڭ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق بەرگەن مۇنۇ نەسىھىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك: «تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر».—يەشايا 30:15.
37-ناخشا مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان
a بۇ ماقالە يەھۋا ۋە يەر يۈزىدە ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلارغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىز يەنە شۇنداق قىلىشنىڭ ھازىر بىزگە قانداق پايدىسى بارلىقى ۋە كېلەچەكتە دۇچ كېلىدىغان سىناقلارغا ئۆزىمىزنى تەييارلاشقا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بەزى چاغلاردا مەلۇم بىر ۋەز ئېيتقۇچى ياكى پۈتۈن بىر ئائىلىگە ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان جامائەتتە قېلىش تەكلىپى بېرىلىشى مۇمكىن. «پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىمىز»، 2002-يىل، نويابىر، «سوئال-جاۋابلار» رامكىسىغا قاراڭ.