37-ناخشا
مۇقەددەس كىتاب — خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان
(2-تىموتىي 3:16، 17)
1. خۇدا سۆزى نۇر چىراغ،
كۆرسەتمە بېرەر ھەر چاغ.
ئەگەشسەك شۇ نۇرغا سادىق،
تاپارمىز ھۆرلۈك ۋە تىنچلىق.
2. خۇدانىڭ ئىلھام سۆزى،
ئۆگىتەر بىزگە ھەقنى.
بېرەر ياردەم، زور پايدا-نەپ،
تۈز يولغا باشلار ئەدەبلەپ.
3. خۇدا چىن مۇھەببەتتۇر،
مۇقەددەس كىتاب ئېيتتۇر،
كۆپ ئوقۇساق قىلار دانا؛
باشلار مەڭگۈ ھاياتلىققا.
(زەبۇر 119:105؛ پەندى-نەسىھەت 4:13-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).