كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 فېۋرال 8-‏13 ب.‏
  • ‏«دانالارنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغىن»‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ‏«دانالارنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغىن»‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئۇ‌لار نە‌سىھە‌تنى رە‌ت قىلغان
  • ئۇ‌لار نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغان
  • نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏
  • تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت سوراڭ،‏ پايدىسىنى كۆرۈسىز
  • نە‌سىھىتىڭىز كۆڭۈلنى خۇ‌شال قىلامدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • سىز نە‌سىھە‌تلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييارمۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 فېۋرال 8-‏13 ب.‏

7-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«دانالارنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغىن»‏

‏«دانالارنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغىن».‏—‏پە‌ند.‏ نە 22:‏17.‏

43-‏ناخشا ھوشىيار،‏ مە‌ھكە‌م ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

بۇ ماقالىدەa

1.‏ قانداق ئە‌ھۋالدا بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ممىمىز نە‌سىھە‌تكە مۇ‌ھتاج؟‏

ھە‌ممىمىز نە‌سىھە‌تكە مۇ‌ھتاج.‏ بە‌زىدە،‏ بىز تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن ئۆزىمىز ھۆرمە‌تلە‌يدىغان بىرىدىن مە‌سلىھە‌ت سورايمىز ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌كلىپ-‏پىكىرلىرىنى ئاڭلايمىز.‏ ئۇ‌ندىن باشقا،‏ بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر بۇ‌رادە‌ر كېيىنچە پۇ‌شايمان قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن،‏ بىزنى خاتا قە‌دە‌مدىن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏گالاتىيا.‏ 6:‏1)‏.‏ ھە‌تتا ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغاندىن كېيىن،‏ بىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن نە‌سىھە‌ت بېرىلىدۇ.‏ مە‌يلى قانداق سە‌ۋە‌بتىن بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىلسۇ‌ن،‏ بىز چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق،‏ ھە‌تتا ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 6:‏23.‏

2.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏ 15-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

2 بۇ ماقالىدىكى ئاساسىي ئايە‌ت بىزنى «دانالارنىڭ سۆزلىرىگە» قۇ‌لاق سېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 22:‏17)‏.‏ دۇ‌نيادا ھېچكىم ھە‌ممە نە‌رسىنى بىلمە‌يدۇ.‏ بىز ھە‌مىشە ئۆزىمىزدىن بىلىملىك ۋە تە‌جرىبىلىك ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌چرىتىمىز ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىش كە‌متە‌رلىكنىڭ بە‌لگىسىدۇ‌ر.‏ بۇ كە‌مچىلىكلىرىمىز بارلىقىنى ۋە مە‌قسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن،‏ بە‌زى ياردە‌ملە‌رگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ خۇ‌دا دانا پادىشاھ سۇ‌لايمانغا مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى يازدۇ‌رغان:‏ «مە‌سلىھە‌تچى كۆپ بولسا ئە‌مە‌لگە ئاشار».‏​—‏پە‌ند.‏ نە 15:‏22.‏

كوللاژ:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئۆزىگە تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىلىشى مۇ‌مكىنلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە ئوچۇ‌ق تۇ‌رغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نىڭغا ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە نە‌سىھە‌ت بېرىلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ 1.‏ بىۋاسىتە نە‌سىھە‌ت:‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىدۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌يدۇ.‏ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرىدۇ.‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىدۇ.‏ 2.‏ ۋاسىتىلىك نە‌سىھە‌ت:‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن پاراڭلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بىر نە‌رسىنى كۆرسىتىۋاتقاندا،‏ دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاۋاتىدۇ.‏

بۇ ئىككى ئۇ‌سۇ‌لدا بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تنىڭ قايسىسىنى قوبۇ‌ل قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىن؟‏ ‏(‏3،‏ 4‏-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

3.‏ بىزگە قايسى ئىككى خىل ئۇ‌سۇ‌لدا نە‌سىھە‌ت بېرىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

3 بىزگە ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە نە‌سىھە‌تلە‌ر بېرىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ۋاسىتىلىك نە‌سىھە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌شىرى ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌غاندا،‏ بە‌زى مە‌زمۇ‌نلار بىزنى توختىتىپ،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ھە‌ققىدە ئويلىنىپ،‏ ئۆزىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن (‏ئىبرانىي.‏ 4:‏12)‏.‏ بۇ ۋاسىتىلىك بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌ت دە‌پ ئاتىلىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىۋاسىتە نە‌سىھە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏ بىر ئاقساقال ياكى ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگە‌ن بۇ‌رادە‌ر بىزنىڭ قايسى تە‌رە‌پتىن ئۆزىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ بۇ بىۋاسىتە نە‌سىھە‌ت دە‌پ ئاتىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى بىزنى ياخشى كۆرسە،‏ بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ باشقىلارنىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىدىن مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىز ۋە چىن قە‌لبىمىزدىن ئۇ‌لارنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىز لازىم.‏

4.‏ ۋە‌ز 7:‏9-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ بىزگە نە‌سىھە‌ت قىلىنغاندا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

4 ئە‌گە‌ر بىرسى بىزگە بىۋاسىتە نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىش بە‌ك قىيىن بولۇ‌شى،‏ ھە‌تتا رە‌نجىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ نېمىشقا بۇ‌نداق بولىدۇ؟‏ گە‌رچە ھە‌ممىمىز ئۆزىمىزنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا تە‌ييار بولساقمۇ،‏ باشقىلار مە‌لۇ‌م بىر خاتالىقىمىزنى كۆرسىتىپ بە‌رسە،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىش تە‌سكە توختايدۇ ‏(‏ۋە‌ز 7:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ۋاقىتتا،‏ بىز باھانە-‏سە‌ۋە‌ب كۆرسىتىشىمىز؛‏ نە‌سىھە‌ت بە‌رگۈچىنىڭ مە‌قسە‌ت-‏مۇ‌ددىئاسىدىن گۇ‌مانلىنىشىمىز ياكى نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۇ‌سۇ‌لىدىن رە‌نجىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ھە‌تتا ئۇ كىشىنىڭ كە‌مچىلىكىنى ئىزدە‌پ،‏ شۇ‌نداق ئويلايمىز:‏ «ئۇ‌نىڭ ماڭا نە‌سىھە‌ت بېرىدىغان ھوقۇ‌قى يوق!‏ ئۇ ئۆزىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغۇ؟‏!‏».‏ ئە‌گە‌ر شۇ نە‌سىھە‌تنى بىزگە ماس كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلساق،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا پە‌رۋا قىلماسلىقىمىز ۋە قۇ‌لىقىغا خۇ‌ش ياقىدىغان سۆزلە‌رنى ئاڭلاش ئۈچۈن باشقىلاردىن مە‌سلىھە‌ت سورىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

5.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

5 بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تلە‌رگە قۇ‌لاق سالمىغان بە‌زى سە‌لبىي مىساللار ۋە نە‌سىھە‌تلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلغان ئىجابىي مىساللار ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ،‏ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏

ئۇ‌لار نە‌سىھە‌تنى رە‌ت قىلغان

6.‏ پادىشاھ رېھابامنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

6 رېھابامنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغاندىن كېيىن،‏ پۇ‌قرالار ئۇ‌نىڭ ئالدىغا دە‌ردىنى ئېيتىپ كە‌لگە‌ن.‏ خە‌لق ئۇ‌نىڭدىن ئاتىسى سۇ‌لايمان ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلە‌نگە‌ن ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئۆتۈنگە‌ن.‏ رېھابام دانا يول تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئالدى بىلە‌ن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن قانداق جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌ش ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت سورىغان.‏ ئاقساقاللار بولسا،‏ پادىشاھ خە‌لقنىڭ دائىم قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قوشۇ‌لۇ‌ش مە‌سلىھىتىنى بە‌رگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 12:‏3–‏7)‏.‏ ئە‌مما،‏ رېھابام شۇ مە‌سلىھە‌تتىن خۇ‌رسە‌ن بولماي،‏ ئە‌كسىچە ئۆزى بىلە‌ن بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلاردىن مە‌سلىھە‌ت سورىغان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار 40 ياشلاردىن ئاشقان ۋە بە‌زى تۇ‌رمۇ‌ش تە‌جرىبىلىرى بار كىشىلە‌ر بولغان (‏2-‏تارىخ.‏ 12:‏13)‏.‏ بىراق،‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تتە،‏ ئۇ‌لار رېھابامغا يامان مە‌سلىھە‌ت بېرىپ،‏ ئۇ‌نى خە‌لقنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئاشۇ‌رۇ‌شقا قايىل قىلغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 12:‏8–‏11)‏.‏ ئىككى خىل قارىمۇ-‏قارشى كۆزقاراشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،‏ رېھابام دۇ‌ئا قىلىپ،‏ قايسى مە‌سلىھە‌ت بويىچە قىلىشنى يە‌ھۋادىن سورىشى ئىدى.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ ئۇ شۇ‌نداق قىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ رېھابام ئۆزى ئاڭلاشنى خالىغان،‏ تە‌ڭتۇ‌شلىرىنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىشنى تاللىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ ئۆزى ۋە ئىسرائىل خە‌لقى ئېچىنىشلىق ئاقىۋە‌تلە‌رگە دۇ‌چار بولغان ئىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ بىزگە بېرىلگە‌ن تە‌كلىپ-‏پىكىرلە‌ر ھە‌ردائىم قولىقىمىزغا خۇ‌ش ياقىدىغان سۆزلە‌ر بولماسلىقى مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان،‏ بىز چوقۇ‌م ئۇ‌لارنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

7.‏ پادىشاھ ئۇ‌ززىيانىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

7 پادىشاھ ئۇ‌ززىيا نە‌سىھە‌تنى رە‌ت قىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنىڭ پە‌قە‌ت روھانىيلار كىرىشكە بولىدىغان بۆلۈمىگە كىرىپ،‏ خۇ‌شپۇ‌راق ئىسرىقنى كۆيدۈرمە‌كچى بولغان.‏ روھانىي ئۇ‌نىڭغا:‏ «ئە‌ي ئۇ‌ززىيا،‏ يە‌ھۋاغا خۇ‌شبۇ‌ي ئىسرىقنى ياندۇ‌رۇ‌ش سە‌ن قىلىدىغان ئىش ئە‌مە‌س!‏ خۇ‌شبۇ‌ي ئىسرىقنى ياندۇ‌رۇ‌ش مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنغان ھارۇ‌ننىڭ ئە‌ۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار قىلىدىغان ئىشتۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ‌ززىيا بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ شۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ دە‌رھال ئىبادە‌تخانىدىن چىقىپ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ يە‌ھۋا بە‌لكىم ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌ن بولاتتى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌ززىيا روھانىيلارغا قاتتىق ئاچچىقلانغان ئىدى.‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن نە‌سىھە‌تنى رە‌ت قىلغان؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ:‏ «مە‌ن پادىشاھ،‏ نېمە قىلىشنى خالىسام،‏ شۇ‌نى قىلىش ھوقۇ‌قۇ‌م بار»،‏—‏ دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ قىلغان ئىشىدىن خۇ‌رسە‌ن بولمىغان.‏ ئۇ‌ززىيا ئۆزىنىڭ قىلىش ھوقۇ‌قى بولمىغان ئىشنى قىلغاچ،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى جازالىغان.‏ ئۇ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇ‌پ،‏ تاكى ئۆلگىچە شۇ كېسە‌لدىن ساقىيالىمغان ئىدى (‏2-‏تارىخ.‏ 26:‏16–‏21)‏.‏ بىز ئۇ‌ززىيانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ مە‌يلى كىم بولۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌سىھە‌تنى رە‌ت قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىدىن مە‌ھرۇ‌م قالىمىز.‏

ئۇ‌لار نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغان

8.‏ بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تكە ئايۇ‌پ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

8 نە‌سىھە‌تنى رە‌ت قىلغانلارنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشكە‌نلە‌رنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئايۇ‌پ خۇ‌دانى سۆيگە‌ن ۋە ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌مۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌م ئىدى.‏ ھە‌ددىدىن زىيادە بېسىم ئاستىدا،‏ ئۇ بە‌زى خاتا كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئېلىخۇ ۋە يە‌ھۋا ھە‌ر ئىككىسى ئۇ‌نىڭغا بىۋاسىتە مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ئايۇ‌پ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن چۈشە‌نمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ،‏ .‏.‏.‏ سۆزلىدىم.‏ .‏.‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئېيتقان سۆزلىرىمنى قايتۇ‌رۇ‌ۋالىمە‌ن،‏ توپا ۋە كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇ‌رۇ‌پ توۋا قىلىمە‌ن».‏ ئايۇ‌پ كە‌متە‌ر بولغاچ،‏ كېيىن يە‌ھۋا ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏—‏ئايۇ‌پ 42:‏3–‏6،‏ 12–‏17.‏

9.‏ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشتا،‏ مۇ‌سا قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

9 نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغانلار ئارىسىدا،‏ مۇ‌سامۇ ياخشى بىر ئۈلگە.‏ ئۇ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ندىن كېيىن تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلغان ئىدى.‏ بىر قېتىم،‏ مۇ‌سا قاتتىق غە‌زە‌پلە‌نگە‌چ،‏ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرمىگە‌ن.‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ يە‌ھۋا مۇ‌سانىڭ ئىسرائىللارغا ۋە‌دە قىلغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلمىغان (‏سانلار 20:‏1–‏13)‏.‏ مۇ‌سا چىقىرىلغان بۇ قاراردىن ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ يە‌ھۋادىن بۇ قارارنى قايتا ئويلىشىشنى ئۆتۈنگە‌ن.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا:‏ «ئە‌مدى بولدى.‏ بۇ ئىش توغرىسىدا ماڭا قايتا سۆز قىلمىغىن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏تە‌كرار.‏ قا 3:‏23–‏27)‏.‏ مۇ‌سا بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ ئاچچىقلانمىغان،‏ ئە‌كسىچە يە‌ھۋانىڭ قارارىنى چىن دىلىدىن قوبۇ‌ل قىلغان ۋە يە‌ھۋا داۋاملىق ئۇ‌نى ئىسرائىللارغا يېتە‌كچى قىلغان (‏تە‌كرار.‏ قا 4:‏1)‏.‏ ئايۇ‌پ ۋە مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌ر ئىككىسى نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ئۇ‌لار بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە.‏ ئايۇ‌پ باھانە-‏سە‌ۋە‌ب كۆرسە‌تمە‌ي،‏ ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى تۈزە‌تكە‌ن.‏ ھە‌تتا،‏ مۇ‌سا شان-‏شە‌رە‌پلىك ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ،‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌سىھىتىنى چىن دىلىدىن قوبۇ‌ل قىلغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏

10.‏ (‏1)‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏ 10–‏13-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏ (‏2)‏ بە‌زى قېرىنداشلار نە‌سىھە‌ت ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

10 ئە‌گە‌ر ئايۇ‌پ ۋە مۇ‌سادە‌ك ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنى ئۈلگە قىلساق،‏ بىز ئۈچۈن پايدىسى بار ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏ 10–‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز دە‌ل شۇ‌نداق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ كونگودا ياشايدىغان ئىممانوئېل مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جامائە‌تتىكى بە‌زى پىشىپ يېتىلگە‌ن قېرىنداشلار مېنىڭ ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ،‏ دە‌رھال ياردە‌م قولىنى سۇ‌ندى.‏ مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىپ قالدىم»‏b‏.‏ كانادادىكى مېگان ئىسىملىك بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېتقۇ‌چى،‏ نە‌سىھە‌ت ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شۇ‌لار دائىم ئاڭلىغۇ‌م يوق سۆزلە‌ر بولسىمۇ،‏ ئە‌مما مە‌ن شۇ‌لارنى قوبۇ‌ل قىلىشىم كېرە‌ك ئىدى».‏ كرودىيىدىكى ماركو ھە‌م مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بىر ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قالدىم.‏ ئە‌مما،‏ كە‌ينىگە بۇ‌رۇ‌لۇ‌پ قارىغىنىمدا،‏ شۇ‌نى تونۇ‌پ يە‌تتىمكى،‏ مە‌ن نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغاچ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمنى قايتا كۈچە‌يتە‌لىدىم».‏

11.‏ بۇ‌رادە‌ر كارل كلېين نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىش ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏

11 يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولغان بۇ‌رادە‌ر كارل كلېين نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشتا،‏ بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ تە‌رجىمىھالىدا،‏ ياخشى دوستى رۇ‌تېرفوردنىڭ ئۇ‌نىڭغا قاتتىق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ دە‌سلە‌پتە كۆڭلى رە‌نجىپ،‏ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بۇ‌رادە‌ر كلېين قايتا رۇ‌تېرفورد بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ نېمە ئىش بولغانلىقىنى تە‌سۋىرلە‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ خۇ‌شال ھالدا:‏ كارل،‏ قانداق ئە‌ھۋالىڭ؟‏—‏ دە‌پ سالاملاشتى.‏ مە‌ن يە‌نىلا رە‌نجىپ يۈرگە‌چ،‏ ئېغىزىمنى مىدىرلىتىپ،‏ مۇ‌نداقلا سالاملاشتىم.‏ ئۇ ماڭا قايتۇ‌رۇ‌پ:‏ «كارل،‏ ئېھتىيات قىل!‏ شە‌يتان سېنى پايلاپ يۈرۈيدۇ!‏»—‏ دېدى.‏ مە‌ن خىجىل بولۇ‌پ:‏ «رۇ‌تېرفورد بۇ‌رادە‌ر،‏ راست!‏ مە‌ن سىزگە خاپا بولمۇ‌دۇ‌م»،‏—‏ دېدىم.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭغا خاپا بولغۇ‌نۇ‌منى ئۇ بىلە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ يە‌نە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ:‏ سېنى چۈشىنىمە‌ن كارل.‏ ئېھتىيات قىل،‏ شە‌يتان سېنى پايلاپ يۈرۈيدۇ!‏»—‏ دېدى.‏ رۇ‌تېرفوردنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا ئىدى.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىشكە تېگىشلىك بولغاندا،‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك قېرىنداشلار نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلاپ يۈرسە‌ك،‏.‏.‏.‏ ئاسانلا شە‌يتاننىڭ تۇ‌زىغىغا چۈشۈپ قالىمىزc (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏25–‏27)‏.‏ بۇ‌رادىرىمىز كلېين،‏ رۇ‌تېرفوردنىڭ نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلغان ۋە ئۇ‌لار ئىنتايىن يېقىن دوستلۇ‌قىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.‏

نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

12.‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌ش نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 141:‏5)‏

12 بىزنىڭ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ بىز چوقۇ‌م كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ككى:‏ بىز ھە‌قىقە‌تە‌ن نامۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە بە‌زىدە ئە‌خمىقانە ئىشلارنى قىلىمىز.‏ يۇ‌قىرىدا ئېيتىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ ئايۇ‌پ خاتا كۆزقاراشتا بولغان،‏ ئە‌مما،‏ ئۇ كېيىن ئۆز كۆزقارىشىنى تۈزە‌تكە‌ن ۋە يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتىگە ئېرىشكە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئايۇ‌پ ئۆزىدىن ياش ئېلىخۇ‌نىڭ نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ كە‌متە‌رلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏ئايۇ‌پ 32:‏6،‏ 7)‏.‏ بە‌زىدە بىزگە نە‌سىھە‌ت قىلغان كىشى بىزدىن ياش بولۇ‌شى ياكى ئۆزىمىزنى شۇ‌نداق نە‌سىھە‌تكە مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا،‏ كە‌متە‌رلىك بىزنىڭ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ كانادادىكى بىر ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ئۆز-‏ئۆزىمىزنى باشقىلار كۆرگە‌ندە‌ك كۆرە‌لمە‌يمىز،‏ ئە‌گە‌ر ھېچكىم بىزگە نە‌سىھە‌ت بە‌رمىسە،‏ بىزنىڭ داۋاملىق ئالغا بېسىشىمىز ئىنتايىن قىيىن بولمامدۇ؟‏» ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممىمىز مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ،‏ كىشىلە‌رگە ۋە‌ز ئېيتىش ۋە تە‌لىم بېرىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈشنى خالايمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 141:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

13.‏ بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تكە قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

13 نە‌سىھە‌تنى يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىپادىسى دە‌پ قاراڭ.‏ ياراتقۇ‌چىمىز ھە‌مىشە بىز ئۈچۈن ياخشى بولۇ‌شىنى ئويلايدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 4:‏20–‏22)‏.‏ ئۇ ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان نە‌شىرى ماتېرىياللار ياكى پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلار ئارقىلىق نە‌سىھە‌ت بېرىپ،‏ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلە‌يدۇ.‏ ئىبرانىيلار 9:‏12،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ بۇ‌نداق قىلىشى «بىزنىڭ مە‌نپە‌ئىتىمىز ئۈچۈن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

14.‏ نە‌سىھە‌ت بېرىلگە‌ندە،‏ نېمىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

14 نە‌سىھە‌تنىڭ بېرىلىش ئۇ‌سۇ‌لىغا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ بە‌زىدە،‏ بىز باشقىلارنىڭ نە‌سىھە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ياخشى ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ نە‌سىھە‌ت بە‌رگۈچى قارشى تە‌رە‌پ ئاسان قوبۇ‌ل قىلالايدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئوي-‏پىكىرىنى ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌شقا تىرىشىشى كېرە‌كd (‏گالاتىيا.‏ 6:‏1)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىز نە‌سىھە‌ت ئاڭلىغۇ‌چى بولساق،‏ قانداق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بىز نە‌سىھە‌تنىڭ قانداق بېرىلىشىگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نىغا دىققە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ياقتۇ‌رمىساممۇ،‏ شۇ ئېيتىلغان سۆزلە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن ئورۇ‌نلۇ‌قمۇ؟‏ نە‌سىھە‌ت بە‌رگۈچىنىڭ كە‌مچىلىكىگە دىققە‌ت قىلماي،‏ نە‌سىھە‌تتىن قانداق پايدىلىق نە‌رسىنى ئۆگىنە‌لە‌يمە‌ن؟‏».‏ نە‌سىھە‌ت قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا بېرىلىشىگە قارىماي،‏ ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ يېتىشكە تىرىشساق،‏ دانا ئىش قىلغان بولىمىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 15:‏31.‏

تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت سوراڭ،‏ پايدىسىنى كۆرۈسىز

15.‏ نېمە ئۈچۈن تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت سورىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى باشقىلاردىن مە‌سلىھە‌ت سوراشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏ 10-‏ئايە‌ت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىر-‏بىرىدىن مە‌سلىھە‌ت سورىغانلاردا ھېكمە‌ت بار».‏ بۇ سۆزلە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن توغرا!‏ ئە‌گە‌ر بىز باشقىلارنىڭ بىزگە نە‌سىھە‌ت قىلىشىنى كۈتمە‌ي،‏ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت سورايدىغان بولساق،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا تېخىمۇ پىشىپ يېتىلە‌لە‌يمىز.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت سوراڭ.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ بىر ياش قېرىنداش توردا مال سېتىۋالىدۇ.‏ ئۇ ئوچۇ‌ق ۋە تار كىيىم-‏كېچە‌ككە قاراۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئۆزى سېتىۋېلىشنى خالىغان نە‌رسىلە‌رنى پىشىپ يېتىلگە‌ن قېرىنداشقا كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏

ياشراق قېرىنداش نېمە ئۈچۈن پىشىپ يېتىلگە‌ن قېرىنداشتىن مە‌سلىھە‌ت سورايدۇ؟‏ (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

16.‏ قانداق ئە‌ھۋاللاردا،‏ بىز تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن باشقىلاردىن مە‌سلىھە‌ت سورىساق بولىدۇ؟‏

16 قانداق ئە‌ھۋالدا تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن باشقىلاردىن مە‌سلىھە‌ت سورىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ بىرقانچە ئە‌ھۋالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏ (‏1)‏ بىر قېرىنداش تە‌جرىبىلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىگە قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلىدۇ،‏ كېيىن ياخشى تە‌لىم بە‌رگۈچى بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نېمىلە‌رنى قىلسا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت سورايدۇ.‏ (‏2)‏ ياش قېرىنداش كىيىم-‏كېچە‌ك سېتىۋالماقچى بولۇ‌پ،‏ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگە‌ن قېرىنداشتىن ئۆز تاللىشىنىڭ مۇ‌ۋاپىق ياكى ئە‌مە‌سلىكىنى سورايدۇ.‏ (‏3)‏ بىر بۇ‌رادە‌ر تۇ‌نجى قېتىم ئاممىۋىي نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ تە‌جرىبىلىك نۇ‌تۇ‌ق سۆزلىگۈچىدىن،‏ ئۆزىنىڭ نۇ‌تۇ‌قىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاپ،‏ نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قايسى جە‌ھە‌تتىن تىرىشىشى كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت بېرىشنى سورايدۇ.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار كۆپ قېتىم نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقان بىر بۇ‌رادە‌ر ئۆزىنىڭ نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن باشقا تە‌جرىبىسى مول نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقۇ‌چىدىن مە‌سلىھە‌ت سورايدۇ.‏

17.‏ نە‌سىھە‌تنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

17 بە‌لكىم،‏ بىرقانچە ھە‌پتە ياكى ئايلار ئىچىدە،‏ ھە‌ممىمىزگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا نە‌سىھە‌ت بېرىلىدۇ.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ سىز بۇ ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ ئۆتكە‌ن مۇ‌ھىم نۇ‌قتىلارنى ئە‌سكە ئېلىڭ.‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭ.‏ نە‌سىھە‌تنىڭ بېرىلىش ئۇ‌سۇ‌لىغا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ نە‌سىھە‌تنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا تىرىشىڭ.‏ ھېچكىم دانا بولۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا سۆزى:‏ «دانا كىشى بولۇ‌ش ئۈچۈن نە‌سىھە‌تنى ئاڭلا،‏ تە‌ربىيىنى قوبۇ‌ل قىلغىن»،‏—‏ دە‌پ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلساق،‏ دانا ئادە‌م بولىمىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 19:‏20.‏

قانداق جاۋاب بېرە‌تتىڭىز؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تنى رە‌ت قىلغان سە‌لبىي مىساللاردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغان ئىجابىي مىساللاردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

  • نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

a يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىملىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ بە‌زىدە ئاسان ئە‌مە‌س.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 1984-‏يىل،‏ 1-‏ئۆكتە‌بىر سانى،‏ 21–‏28-‏بە‌تلە‌رگە قاراڭ.‏ (‏ئىنگىلىزچە)‏

d كېيىنكى ماقالىدە،‏ نە‌سىھە‌ت بە‌رگۈچىلە‌رنىڭ قانداق قىلىپ،‏ پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش