كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 فېۋرال 14-‏19 ب.‏
  • نە‌سىھىتىڭىز كۆڭۈلنى خۇ‌شال قىلامدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • نە‌سىھىتىڭىز كۆڭۈلنى خۇ‌شال قىلامدۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نە‌سىھە‌ت بېرىشتىكى مە‌قسە‌ت نېمە؟‏
  • ھە‌قىقە‌تە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىش زۆرۈرمۇ؟‏
  • نە‌سىھە‌تنى كىم بېرىشى كېرە‌ك؟‏
  • قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئۈنۈملۈك نە‌سىھە‌ت بېرە‌لە‌يسىز؟‏
  • بىز نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏
  • ‏«دانالارنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغىن»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئاقساقاللار،‏ داۋاملىق ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 فېۋرال 14-‏19 ب.‏

8-‏تە‌تقىق ماقالىسى

نە‌سىھىتىڭىز كۆڭۈلنى خۇ‌شال قىلامدۇ؟‏

‏«خۇ‌شبۇ‌ي ماي ۋە ئىسرىق كۆڭۈلنى خۇ‌ش قىلار؛‏ جان-‏جىگە‌ر دوستنىڭ سە‌مىمىي مە‌سلىھىتى ھە‌م كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرە‌ر»‏‏.‏‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏9.‏

53-‏ناخشا ‏«ئىناق بىللە خىزمە‌ت قىلىش»‏

بۇ ماقالىدەa

1،‏ 2.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر مە‌سلىھە‌ت بېرىش ھە‌ققىدە قانداق ساۋاققا ئىگە بولغان؟‏

نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ئىلگىرى،‏ ئىككى ئاقساقال دائىم جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتناشمايدىغان بىر قېرىنداشنى يوقلاپ بارغان.‏ ئاقساقاللاردىن بىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بە‌زى ئايە‌تلە‌رنى كۆرسىتىپ،‏ قېرىنداشنى يىغىلىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ شۇ ئاقساقال بۇ قېرىنداشنى ئىلھاملاندۇ‌ردۇ‌ق،‏—‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار قايتىش ئالدىدا،‏ ئويلىمىغان يە‌ردىن قېرىنداش ئۇ‌لارغا:‏ «مېنىڭدىن قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بار؟‏ كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ دە‌پ سوراپ قويمايسىلە‌رغۇ؟‏»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئاقساقاللار شۇ قېرىنداشنىڭ ھال-‏ئە‌ھۋالى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ھە‌ققىدە سورىماستىن،‏ نە‌سىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ قېرىنداش ئاقساقاللارنىڭ نە‌سىھىتىنى پايدىسىز،‏ دە‌پ قارىغان.‏

2 شۇ قېرىنداشقا ئايە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن ئاقساقال ئە‌سلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن دە‌سلە‌پتە بۇ قېرىنداش نە‌سىھە‌ت ئۈچۈن مىننە‌تدار بولمىدى دە‌پ ئويلىدىم.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌ستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن،‏ مە‌ن تېگىشلىك بارلىق ئايە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن بولساممۇ،‏ سوراشقا تېگىشلىك،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يېقىندىن بۇ‌يان قانداق ئە‌ھۋالىڭىز؟‏ مە‌ن سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن؟‏ دېگە‌ندە‌ك سوئاللارنى سورىمىغانلىقىمنى تونۇ‌پ يە‌تتىم».‏ شۇ ئاقساقال بۇ‌نىڭدىن قىممە‌تلىك ساۋاققا ئىگە بولغان.‏ ئۇ ھازىر ئىنتايىن كۆيۈمچان پادىچى ۋە قېرىنداشلارغا كۆپ ياردە‌م بېرىدۇ.‏

3.‏ جامائە‌تتە كىم مە‌سلىھە‌ت بېرىشى كېرە‌ك؟‏

3 پادىچىلار سۈپىتىدە،‏ ئاقساقاللارنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا قېرىنداشلارغا نە‌سىھە‌ت بېرىش مە‌سئۇ‌لىيىتى بار.‏ بىراق،‏ جامائە‌تتىكى باشقا ئېتىقادچىلارمۇ باشقىلارغا نە‌سىھە‌ت بېرىشى كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز دوستلىرىمىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان بە‌زى نە‌سىھە‌تلە‌رنى بېرىشىمىز مۇ‌مكىن (‏زە‌بۇ‌ر 141:‏5؛‏ پە‌ند.‏ نە 25:‏12)‏.‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن ياشتا چوڭراق قېرىنداش ياشراق قېرىنداشلارغا تىتۇ‌س 2:‏3–‏5-‏ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاتا-‏ئانىلار دائىم پە‌رزە‌نتلىرىگە نە‌سىھە‌ت قىلىپ،‏ توغرا-‏خاتانى پە‌رقلە‌ندۈرۈشنى ئۆگىتىشى لازىم.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ ماقالە ئاساسلىقى ئاقساقاللار ئۈچۈن يېزىلغان بولسىمۇ،‏ بىز ھە‌ممىمىزگە پايدىلىقتۇ‌ر.‏ ئۇ‌لار ئە‌مە‌لىي،‏ ئىلھام بېرىدىغان ۋە كۆڭۈلنى كۆتىرىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا نە‌سىھە‌ت بېرىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏9.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

4 بۇ ماقالىدە،‏ نە‌سىھە‌ت بېرىش ھە‌ققىدە تۆت سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز:‏ (‏1)‏ نە‌سىھە‌ت بېرىشتىكى مە‌قسە‌ت نېمە؟‏ (‏2)‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىش زۆرۈرمۇ؟‏ (‏3)‏ نە‌سىھە‌تنى كىم بېرىشى كېرە‌ك؟‏ (‏4)‏ قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئۈنۈملۈك نە‌سىھە‌ت بېرە‌لە‌يسىز؟‏

نە‌سىھە‌ت بېرىشتىكى مە‌قسە‌ت نېمە؟‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ باشقىلار ئۇ‌نى ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلالايدۇ؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4،‏ 7)‏

5 ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار خاتا يولغا مېڭىشقا باشلىغان بىرسىگە نە‌سىھە‌ت بېرىش ئارقىلىق،‏ ئۆزلىرىنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلە‌يدۇ (‏گالاتىيا.‏ 6:‏1)‏.‏ لېكىن،‏ ئاقساقال بىرسىگە نە‌سىھە‌ت قىلىشتىن ئىلگىرى،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھە‌ققىدە ئېيتقان مۇ‌نۇ سۆزلىرىنى ئويلاپ كۆرسە ياخشى بولىدۇ:‏ «ھە‌ممە نە‌رسىگە بە‌رداشلىق بېرىدۇ،‏ ھە‌ممە نە‌رسىگە ئىشىنىدۇ،‏ ھە‌ممە نە‌رسىگە ئۈمىد باغلايدۇ،‏ ھە‌ممە نە‌رسىگە چىدايدۇ» ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش،‏ ئاقساقاللارنىڭ مە‌سلىھە‌ت بېرىشتىكى مە‌قسىتى نېمە ئىكە‌نلىكىنى تە‌كشۈرۈشىگە ۋە قېرىندىشىغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ نە‌سىھە‌تنى ئاڭلىغۇ‌چى ئاقساقالنىڭ غە‌مخورلۇ‌قىنى ھېس قىلسا،‏ ئۇ نە‌سىھە‌تنى ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏—‏رىملىقلار 12:‏10.‏

6.‏ پاۋلۇ‌س قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

6 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئاقساقاللار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سالونىكىدىكى قېرىنداشلارغا نە‌سىھە‌ت بېرىش زۆرۈر بولغاندا،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا نە‌سىھە‌ت بېرىشتىن ئىككىلىنىپ قالمىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارغا يازغان خە‌تلىرىدە،‏ پاۋلۇ‌س ئالدى بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادى،‏ ئە‌جىر-‏مېھنىتى ۋە سە‌ۋرچانلىقىنى ماختىغانىدى.‏ ئۇ‌ندىن باشقا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ھۋالى ھە‌ققىدە ئويلىنىدىغانلىقىنى،‏ تۇ‌رمۇ‌شىنىڭ جاپالىق ئىكە‌نلىكىنى ۋە زىيانكە‌شلىككە بە‌رداشلىق بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏1-‏سالونىكا.‏ 1:‏3؛‏ 2-‏سالونىكا.‏ 1:‏4)‏.‏ پاۋلۇ‌س ھە‌تتا ئۇ‌لارنىڭ باشقا يە‌ردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏1-‏سالونىكا.‏ 1:‏8،‏ 9)‏.‏ پاۋلۇ‌س چىن قە‌لبىدىن ئۇ‌لارنى ماختىغاندا،‏ ئۇ‌لار چوقۇ‌م بە‌ك خۇ‌شال بولغاندۇ،‏—‏ ھە!‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ پاۋلۇ‌س قېرىنداشلىرىنى بە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ ئۇ‌نىڭ سالونىكىلىقلارغا يازغان ھە‌ر ئىككىلا خېتىدىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرى قېرىنداشلىرىنىڭ قە‌لبىگە چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قىلغان.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏1،‏ 3–‏5،‏ 11؛‏ 2-‏سالونىكا.‏ 3:‏11،‏ 12.‏

7.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى كىشىلە‌ر نە‌سىھە‌تكە سە‌لبىي ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏

7 ئە‌گە‌ر توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا نە‌سىھە‌ت بە‌رمىسە‌ك،‏ نېمە ئىش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ تە‌جرىبىلىك بىر ئاقساقال:‏ «بە‌زىلە‌ر بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تتە خاتالىق بولغىنى ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى نە‌سىھە‌تنىڭ بېرىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ئۇ‌لارنى بىئارام قىلغانلىقى ئۈچۈن سە‌لبىي ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئە‌گە‌ر بىز ئاچچىقلىنىپ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن،‏ كۆيۈنۈپ نە‌سىھە‌ت بە‌رسە‌ك،‏ نە‌سىھە‌تنى ئاڭلىغۇ‌چى ئۇ‌نى ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏

ھە‌قىقە‌تە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىش زۆرۈرمۇ؟‏

8.‏ ئاقساقال بىرسىگە مە‌سلىھە‌ت بېرىش-‏بە‌رمە‌سلىكنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ ئۆز-‏ئۆزىدىن قايسى سوئاللارنى سوراپ كۆرۈشى كېرە‌ك؟‏

8 ئاقساقال باشقىلارغا نە‌سىھە‌ت بېرىشكە ئالدىرىماسلىقى كېرە‌ك.‏ ئۇ نە‌سىھە‌ت بېرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ چوقۇ‌م ئۆز-‏ئۆزىدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە بولىدۇ:‏ «مە‌ن راستىنلا بىر نە‌رسە دېيىشىم كېرە‌كمۇ؟‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بىر ئىشنى خاتا قىلدىمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ قىلغىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا زىتمۇ ياكى شۇ ئىشقا قارىتا ئۇ‌نىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن مېنىڭ كۆزقارىشىم ئارىسىدا پە‌رق بارمۇ؟‏».‏ ئاقساقاللار ئويلىماي ئالدىراپ سۆزلە‌شتىن ساقلانسا،‏ دانا ئىش قىلغان بولىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 29:‏20)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقال بىر كىشىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغان-‏قىلمىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭغا نە‌سىھە‌ت بېرىش-‏بە‌رمە‌سلىك ھە‌ققىدە ئىككىلە‌نسە،‏ ئۇ باشقا بىر ئاقساقال بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌شسە بولىدۇ.‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏16،‏ 17.‏

9.‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشىنىڭ كىيىنىشى ۋە ياسىنىشى توغرىسىدا مە‌سلىھە‌ت بە‌رمە‌كچى بولساق،‏ پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏1-‏تىموتىي 2:‏9،‏ 10)‏

9 مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ باقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاقساقال مە‌لۇ‌م بىر ئېتىقادچىنىڭ كىيىنىشىدە مە‌سىلە بار دە‌پ قارىسا،‏ ئۇ ئالدى بىلە‌ن ئۆز-‏ئۆزىدىن:‏ «مېنىڭ نە‌سىھە‌ت بېرىشىمگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان سە‌ۋە‌بىم بارمۇ؟‏»،‏ دە‌پ سوراپ كۆرسە بولىدۇ.‏ شۇ ئاقساقال ئۆزىنىڭ شە‌خسىي كۆزقارىشىنى ئېيتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،‏ باشقا بىر ئاقساقال ياكى پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىدىن كۆزقاراشلىرىنى سورىسا بولىدۇ.‏ ئۇ‌لار بىرلىكتە پاۋلۇ‌سنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ھە‌ققىدىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە قاراپ چىقىدۇ ‏(‏1-‏تىموتىي 2:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌س كىيىنىش ھە‌ققىدە بە‌زى مۇ‌ھىم قائىدە-‏پرىنسىپنى ئوتتۇ‌رغا قويغان.‏ ئە‌مما،‏ نېمە بولىدۇ ياكى نېمە بولمايدۇ،‏ دە‌پ ئۇ‌زۇ‌ن بىر تىزىملىكنى تۈزمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى مۇ‌ۋاپىق،‏ ئە‌خلاقلىق ۋە يارىشىملىق كىيىنىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا زىت بولمىسىلا،‏ ئۆز خاھىشىغا ئاساسە‌ن قانداق كىيىنىشنى تاللىيالايدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌نىدى.‏ بىر كىشىنىڭ كىيىنىشى ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت بېرىش-‏بە‌رمە‌سلىكىنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ ئاقساقاللار شۇ كىشىنىڭ ئە‌خلاقلىق،‏ يارىشىملىق كىيىنگە‌ن-‏كىيىنمىگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئوخشاش بىر پىكىرگە كېلىشى كېرە‌ك.‏

10.‏ باشقىلارنىڭ چىقارغان قارارىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

10 شۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ش بە‌ك مۇ‌ھىمكى،‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن ئىككى ئېتىقادچى ئوخشاش بىر ئىشقا پە‌رقلىق كۆزقاراشتا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ بىرىنىڭ توغرا،‏ يە‌نە بىرىنىڭ خاتا ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بىز ئۆزۈمىزنىڭ توغرا-‏خاتاغا بولغان كۆزقارىشىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏—‏رىملىقلار 14:‏10.‏

نە‌سىھە‌تنى كىم بېرىشى كېرە‌ك؟‏

11،‏ 12.‏ نە‌سىھە‌ت بېرىشكە توغرا كە‌لسە،‏ ئاقساقاللار قانداق سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرە‌ك؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

11 ئە‌گە‌ر نە‌سىھە‌ت بېرىش زۆرۈر بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا نە‌سىھە‌تنى كىم بېرىشى كېرە‌ك؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر توي قىلغان ئايال قېرىنداش ياكى كىچىك بالىغا نە‌سىھە‌ت بېرىشكە توغرا كە‌لسە،‏ ئالدى بىلە‌ن بۇ‌نى ئائىلە باشلىقى بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلىشىش كېرە‌ك.‏ بە‌لكىم،‏ ئائىلە باشلىقى بۇ مە‌سىلىنى ئۆزى بىر تە‌رە‌پ قىلالايدۇb ياكى ئاقساقال نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئائىلە باشلىقى شۇ يە‌ردە بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏ 3-‏ئابزاستا تىلغا ئالغاندە‌ك،‏ بە‌زى ئە‌ھۋاللاردا،‏ ياشتا چوڭراق قېرىنداش ياشراق قېرىنداشقا نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ تېخىمۇ مۇ‌ۋاپىق بولىدۇ.‏

12 ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاقساقاللار:‏ «بۇ نە‌سىھە‌تنى مە‌ن بە‌رسە‌م ياخشىمۇ ياكى باشقىلار بە‌رسە ياخشىراق بولامدۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئويلاپ كۆرسە بولىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ باشقا بىرى بە‌رسە،‏ تېخىمۇ مۇ‌ۋاپىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆزىنى ئە‌رزىمە‌س،‏ تۆۋە‌ن كۆرىدىغان بىرسىگە،‏ ئىلگىرى شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغان بىر ئاقساقال نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ ئۇ كىشى نە‌سىھە‌تنى ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئوخشاش ئىشنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن بولسۇ‌ن ياكى بولمىسۇ‌ن،‏ زۆرۈر تېپىلغاندا بارلىق ئاقساقاللار نە‌سىھە‌ت بېرىشى كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاقساقاللارنىڭ قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ۋە نە‌سىھە‌ت بېرىش مە‌سئۇ‌لىيىتى بارلىقى يېزىلغان.‏

قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئۈنۈملۈك نە‌سىھە‌ت بېرە‌لە‌يسىز؟‏

ۋە‌ز خىزمە‌تتە بىر بۇ‌رادە‌ر ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى ئېيتىۋاتىدۇ؛‏ ئاقساقال ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن ئاڭلاۋاتىدۇ.‏

نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار ئاڭلاشتا زېرە‌ك بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ (‏13،‏ 14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

13،‏ 14.‏ نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار باشقىلارنى دىققە‌ت بىلە‌ن ئاڭلىشى كېرە‌ك؟‏

13 ئاڭلاشقا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئاقساقال باشقىلارغا نە‌سىھە‌ت بە‌رمە‌كچى بولغاندا،‏ ئۆزىدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈشى كېرە‌ك:‏ «مە‌ن ئۇ‌نىڭ ئە‌ھۋالىنى چۈشىنىمە‌نمۇ؟‏ ئۇ قانداق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتىدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ مە‌ن بىلمە‌يدىغان قىيىنچىلىقلىرى بارمۇ؟‏ ئۇ ھازىر نېمىگە ئە‌ڭ ئېھتىياجلىق؟‏».‏

14 نە‌سىھە‌ت بە‌رگۈچى چوقۇ‌م ياقۇ‌پ 1:‏19-‏ئايە‌تتىكى مۇ‌نۇ پرىنسىپنى ئە‌ستە ساقلىشى كېرە‌ك:‏ «ھە‌ر بىر كىشى چوقۇ‌م ئاڭلاشقا ئالدىرىسۇ‌ن،‏ سۆزلە‌شكە ئالدىرىمىسۇ‌ن ۋە ئاسان ئاچچىقلانمىسۇ‌ن».‏ بىر ئاقساقال مە‌ن ئۇ‌نىڭ ئە‌ھۋالى ھە‌ققىدە ھە‌ممىدىن خە‌ۋە‌ردار،‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ راستىنلا شۇ‌نداقمۇ؟‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏13-‏ئايە‌ت،‏ بىزنى مۇ‌نداق ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ:‏ «سۆزنى ئاڭلىماي تۇ‌رۇ‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن كىشى ئە‌خمە‌قلىقتۇ‌ر ۋە خىجالە‌تتە قالار».‏ بىر كىشىنىڭ ئە‌مە‌لىي ئە‌ھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ ئە‌ڭ ياخشىسى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن بىۋاسىتە سوراش كېرە‌ك.‏ بىز سۆزلە‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن ئاڭلىشىمىز لازىم.‏ ماقالىنىڭ كىرىش قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان ئاقساقال ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ ئۇ قېرىنداشنى يوقلاپ بارغاندا،‏ دە‌سلە‌پتە ئۆزى تە‌ييارلاپ كە‌لگە‌ن ئوي-‏پىكىر ھە‌ققىدە ئېيتىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نىڭدىن:‏ «قانداق ئە‌ھۋالىڭىز؟‏ سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىشى كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقاللار ۋاقىت چىقىرىپ ئە‌ھۋال ئىگە‌للىسە،‏ قېرىنداشلىرىغا كۆپرە‌ك ياردە‌م بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئىلھاملاندۇ‌رالايدۇ.‏

15.‏ ئاقساقاللار پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏23-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپنى قانداق قوللىنالايدۇ؟‏

15 پادا بىلە‌ن ياخشىراق تونۇ‌شۇ‌ڭ.‏ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ باشقىلارغا ئۈنۈملۈك نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۈچۈن،‏ بىرقانچە ئايە‌تنى ئوقۇ‌ش،‏ بىر-‏ئىككى تە‌كلىپ-‏پىكىر ياكى مە‌سلىھە‌تنى بېرىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ئۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى،‏ ئۇ‌لارنى چۈشىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇ‌لارغا ياردە‌م قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىشى لازىم ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئاقساقاللار قېرىنداشلار بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتىشقا پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن تىرىشىشى كېرە‌ك.‏

ئاشۇ ئاقساقال ۋە بۇ‌رادە‌ر خۇ‌شال-‏خورام،‏ بىرگە ۋېلسىپىتتا مېڭىشقا تە‌ييارلاندى.‏

نېمە قىلسا،‏ ئاقساقاللار ئۈچۈن نە‌سىھە‌ت بېرىش ئاسان بولىدۇ؟‏ (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

16.‏ ئاقساقاللارنىڭ ئۈنۈملۈك نە‌سىھە‌ت بېرىشىگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 ئاقساقاللار قېرىنداشلارغا خاتا تە‌سىرات بېرىپ قويماسلىق،‏ يە‌نى بىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندىلا ئاقساقاللار نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۈچۈن بىز بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىدۇ،‏ دېگە‌ن ئويغا كە‌لتۈرۈپ قويماسلىقى لازىم.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار دائىم قېرىنداشلىرى بىلە‌ن پاراڭلىشىپ تۇ‌رۇ‌شى مۇ‌ھىم.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ قېرىنداشلار قىيىنچىلىققا يولۇ‌ققاندا،‏ ئاقساقاللار سە‌مىمىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرە‌ك.‏ تە‌جرىبىلىك بىر ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ قېرىنداشلىرىڭىز بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتىسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ نە‌سىھە‌ت بېرىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ شۇ‌نداق قىلىش سىزگە ئاسان بولىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ نە‌سىھە‌ت ئاڭلىغۇ‌چىمۇ ئۇ‌نى ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلىدۇ».‏

ئاقساقال مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ بۇ‌رادە‌رنىڭ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشى قىيىن بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏

نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئاقساقال نېمە ئۈچۈن سە‌ۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇ‌ش كېرە‌ك؟‏ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ ئاقساقاللار،‏ بولۇ‌پمۇ قايسى ۋاقىتتا سە‌ۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

17 سە‌ۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇ‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر بىرسى دە‌سلە‌پتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى سۆزلە‌رنى ھاياتىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشنى خالىمىسا،‏ سە‌ۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇ‌ڭ.‏ بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌تنى بىر قېرىنداش دە‌رھال قوبۇ‌ل قىلمىسا ياكى ئە‌مە‌لىي قوللانمىسا،‏ ئاقساقال ھە‌رگىزمۇ تېرىكىپ ئاچچىقلانماسلىقى كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئېزىلگە‌ن قومۇ‌شنى سۇ‌ندۇ‌رماس،‏ ئۆچە‌ي دە‌پ پىلدىرلاپ تۇ‌رغان چىراغنى ئۆچۈرمە‌س» (‏مە‌تتا 12:‏20‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقال شە‌خسىي دۇ‌ئاسىدا يە‌ھۋادىن،‏ شۇ كىشى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن نە‌سىھە‌تكە مۇ‌ھتاجلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە ۋە ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىشىغا ياردە‌م بېرىشنى سورىسا بولىدۇ.‏ قېرىنداشنىڭ بېرىلگە‌ن مە‌سلىھە‌ت ئۈستىدە ئويلىنىشىغا بىر ئاز ۋاقىت كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقال سە‌ۋرچان ۋە مېھرىبان بولسا،‏ نە‌سىھە‌ت ئاڭلىغۇ‌چى نە‌سىھە‌تنىڭ بېرىلىش ئۇ‌سۇ‌لىغا ئانچە بە‌ك كۆڭۈل بۆلمە‌ي،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاقساقاللارنىڭ نە‌سىھىتى ھە‌ردائىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىشى كېرە‌ك.‏

18.‏ (‏1)‏ نە‌سىھە‌ت بېرىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ رامكىدىكى رە‌سىمدە،‏ ئاتا-‏ئانا نېمە ھە‌ققىدە سۆزلىشىۋاتىدۇ؟‏

18 ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقىڭىزدىن ئۆگىنىڭ.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ بۇ ماقالىدە بېرىلگە‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌رنى مۇ‌كە‌ممە‌ل دە‌رىجىدە ئە‌مە‌لىي قوللىنالمايدىغانلىقىمىز ناھايىتى ئېنىق (‏ياقۇ‌پ 3:‏2)‏.‏ بە‌زى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىز،‏ بىراق شۇ‌نداق قىلساق،‏ خاتالىقلاردىن ئۆزۈمىزگە ساۋاق ئېلىشقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلىرىمىز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ھېس قىلسىلا،‏ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان بىرە‌ر سۆز ياكى بىرە‌ر ئىشنى قىلىپ قالساقمۇ،‏ ئۇ‌لار بىزنى ئاسانراق كە‌چۈرىۋېتىدۇ.‏—‏«‏ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن ئە‌سكە‌رتىش‏»،‏ دېگە‌ن رامكىغىمۇ قاراڭ.‏

بىر ئاتا-‏ئانا ئۆسمۈرلۈك چېغىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان قىزىغا،‏ قانداق قىلىپ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ئۈنۈملۈك نە‌سىھە‌تنى بېرە‌لە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏

ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن ئە‌سكە‌رتىش

بالىلىرىغا نە‌سىھە‌ت كېرە‌ك بولغان چاغدا،‏ ئاتا-‏ئانىلار مۇ‌شۇ ماقالىدىكى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ.‏ بالىسىغا نە‌سىھە‌ت بېرىشتىن ئاۋۋال،‏ ئۇ‌لار تۆۋە‌ندىكى سوئاللار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ كۆرسە بولىدۇ:‏ «بالام نە‌سىھە‌ت قىلغۇ‌دە‌ك ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدىمۇ؟‏ سە‌ۋرچانلىق ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرە‌لە‌يمە‌نمۇ ياكى ئاچچىقىم بېسىلىغىچە كۈتۈشۈم كېرە‌كمۇ؟‏ مە‌ن ھە‌ممە تە‌پسىلاتلارنى بىلىمە‌نمۇ؟‏ نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ بالام ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە ناھە‌ق مۇ‌ئامىلە قىلمىغانلىقىمىزنى ھېس قىلامدۇ؟‏» مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغان ئاتا-‏ئانىلار ھە‌رگىزمۇ پە‌رزە‌نتلىرىگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىزلىك قىلماسلىقى كېرە‌ك.‏ پاۋلۇ‌س «مۇ‌ھە‌ببە‌ت سە‌ۋرچان ۋە»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏4)‏.‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭلاركى،‏ بالىلار خۇ‌دانىڭ پادىسىنىڭ بىر ئە‌زاسى.‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏2؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4.‏

بىز نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

19.‏ قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىنى قانداق خۇ‌شال قىلالايمىز؟‏

19 بىز كۆرۈپ چىققىنىمىزدە‌ك،‏ كىشىلە‌رگە ئۈنۈملۈك نە‌سىھە‌ت بېرىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ نە‌سىھە‌تنى ئاڭلىغان كىشىلە‌رمۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلغان پرىنسىپلارنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ چوقۇ‌م نە‌سىھە‌ت بېرىشتىكى مە‌قسىتىمىز توغرا بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ بىز يە‌نە ھە‌قىقە‌تە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىش زۆرۈر ياكى ئە‌مە‌سلىكى ۋە نە‌سىھە‌تنى كىم بە‌رسە،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ۋاپىق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىشىمىز لازىم.‏ نە‌سىھە‌ت بېرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ نە‌سىھە‌ت ئاڭلىغۇ‌چىدىن بە‌زى سوئاللارنى سوراپ،‏ سۆزلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاڭ.‏ شۇ‌ندىلا،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنە‌لە‌يسىز.‏ ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭ ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ مۇ‌لايىم بولۇ‌ڭ،‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتىڭ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ مە‌قسىتىمىز پە‌قە‌ت ئۈنۈملۈك نە‌سىھە‌ت بېرىشلا ئە‌مە‌س،‏ يە‌نە نە‌سىھە‌ت ئاڭلىغۇ‌چىنىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىشتۇ‌ر.‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏9.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • نە‌سىھە‌ت بېرىشتىكى مە‌قسىتىمىز نېمە؟‏

  • كىم نە‌سىھە‌ت بېرىشى كېرە‌ك؟‏

  • قانداق قىلىپ باشقىلارغا ئۈنۈملۈك نە‌سىھە‌ت بېرە‌لە‌يمىز؟‏

42-‏ناخشا ‏«ئاجىزلارغا ياردە‌م قىل»‏

a باشقىلارغا نە‌سىھە‌ت بېرىش ھە‌مىشە ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا نە‌سىھە‌ت بە‌رسە‌ك بولىدۇ؟‏ بۇ ماقالە،‏ بولۇ‌پمۇ ئاقساقاللارنىڭ نە‌سىھە‌تنى ئاڭلىغۇ‌چىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىدىغان نە‌سىھە‌تلە‌رنى بېرىشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2021-‏يىل،‏ فېۋرال سانىدىكى «‏جامائە‌تتىكى باشچىلىققا بولغان كۆزقاراش‏»،‏ دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش