كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 ئاپرېل 28-‏ب.‏-‏29-‏ب.‏ 5-‏ئابز.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 ئاپرېل 28-‏ب.‏-‏29-‏ب.‏ 5-‏ئابز.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قە‌سە‌م توغرىسىدا نېمە دە‌يدۇ؟‏

قە‌سە‌م ئىچىش ئادە‌تتە خۇ‌دانى گۇ‌ۋاھچى سۈپىتىدە چاقىرىپ،‏ ئېغىزدىن چىققان سۆزلە‌رنى ئورۇ‌نلاشقا تە‌نتە‌نىلىك ھالدا ۋە‌دە بېرىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئېغىزچە ياكى يازما شە‌كىلدە قە‌سە‌م قىلىنىشى مۇ‌مكىن.‏

بە‌زىلە‌ر قە‌سە‌م قىلىش ناتوغرا دە‌پ ئويلايدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «ھە‌رگىزمۇ قە‌سە‌م ئىچمە‌ڭلار.‏ .‏ .‏ .‏ ‹ھە‌ئە› دېگە‌ن سۆزۈڭلار،‏ ‹ھە‌ئە› بولسۇ‌ن،‏ ‹ياق› دېگە‌ن سۆزۈڭلار،‏ ‹ياق بولسۇ‌ن›،‏ بۇ‌نىڭدىن ئارتۇ‌قى رە‌زىل شە‌يتاندىندۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 5:‏33–‏37‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا مۇ‌سانىڭ تە‌ۋرات قانۇ‌نىدا ئىسرائىللاردىن بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قە‌سە‌م ئىچىشنى تە‌لە‌پ قىلىنغانلىقىنى ۋە خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى ۋە‌دە بە‌رگە‌نلىكىنى بىلگە‌ن (‏يارىت.‏ 14:‏22،‏ 23؛‏ چىق.‏ 22:‏10،‏ 11)‏.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆزى قە‌سە‌م ئىچكە‌نلىكىنى ھە‌م بىلگە‌ن ئىدى (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏13–‏17)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىز ھېچقاچان قە‌سە‌م قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك دېمە‌كچى بولمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ قۇ‌رۇ‌ق قە‌سە‌م ئىچىشتىن ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ سۆزىمىزدە تۇ‌رۇ‌شنى مۇ‌قە‌ددە‌س بۇ‌رچ دە‌پ بىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

كىمدۇ-‏بىرسى سىزدىن قە‌سە‌م ئىچىشنى تە‌لە‌پ قىلسىچۇ؟‏ ئاۋۋال قىلماقچى بولغان قە‌سىمىڭىزنى ئورۇ‌ندىياالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولسۇ‌ن.‏ ئە‌گە‌ر بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچىڭىز بولمىسا،‏ ئە‌ڭ ياخشىسى قە‌سە‌م قىلماڭ.‏ خۇ‌دا سۆزىدە مۇ‌نداق ئاگاھ-‏نە‌سىھە‌ت بېرىلگە‌ن:‏ «قە‌سە‌م قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئورۇ‌ندىيالمىغاندىن كۆرە،‏ قە‌سە‌م قىلمىغىنىڭ ياخشىدۇ‌ر» (‏ۋە‌ز 5:‏5)‏.‏ كېيىن،‏ قە‌سە‌م ئىچىش ھە‌ققىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ چىقىپ،‏ تە‌ربىيىلە‌پ تاۋلىغان ۋىجدانىڭىزنىڭ يېتە‌كچىلىكىدە يول تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ قانداق بە‌زى پرىنسىپلار بار؟‏

ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ،‏ سول قولىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا قويۇ‌پ،‏ سوتتا قە‌سە‌م قىلىۋاتقان كىشى.‏

بە‌زى قە‌سە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى توي قىلغاندا،‏ قە‌سە‌م قىلىدۇ.‏ قىز بىلە‌ن يىگىت تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغاندا،‏ «ھاياتلا بولساق» بىر-‏بىرىمىزنى سۆيىمىز،‏ ئۆزئارا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ بىر-‏بىرىمىزگە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز دە‌پ ۋە‌دە بېرىپ،‏ خۇ‌دا ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نىكاھ قە‌سىمىنى ئىچىدۇ.‏ (‏باشقا توي قىلغان جۈپلە‌ر شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى ئېيتماسلىقى مۇ‌مكىن،‏ شۇ‌نداقتىمۇ خۇ‌دانىڭ ئالدىدا يە‌نىلا قە‌سە‌م ئىچكە‌ن بولىدۇ)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئە‌ر-‏ئايال دە‌پ ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ نىكاھتا باغلانغان رىشتىسى ئۆمۈرلۈك دە‌پ قارىلىدۇ (‏يارىت.‏ 2:‏24؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 7:‏39)‏.‏ بۇ‌نداق قە‌سە‌م توغرا،‏ ئورۇ‌نلۇ‌ق ۋە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدۇ.‏

بە‌زى قە‌سە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس كە‌لمە‌يدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىسى قولىغا قورال ئېلىش،‏ ۋە‌تە‌ننى قوغداش ياكى ئىمان-‏ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشتە‌ك ئىشلار ئۈچۈن قە‌سە‌م ئىچمە‌يدۇ.‏ بۇ‌نداق ئىشلار خۇ‌دانىڭ ئە‌مىرلىرىگە زىتتۇ‌ر.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىسى بۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۈپ بولماسلىقى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز تۈرلۈك جېدە‌ل-‏ماجىرا ۋە ئۇ‌رۇ‌شلارغا قاتناشمايمىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏19؛‏ يە‌شايا 2:‏4؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏27.‏

بە‌زى قە‌سە‌ملە‌رنى قىلىش —‏ ۋىجدان مە‌سىلىسىدۇ‌ر.‏ ئايرىم ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قە‌سە‌م ئىچىشتىن ئىلگىرى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ:‏ «قە‌يسە‌رنىڭ ھە‌ققىنى قە‌يسە‌رگە،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ققىنى خۇ‌داغا تاپشۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن مە‌سلىھىتى ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏لۇ‌قا 20:‏25.‏

خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى پۇ‌قرالىق ياكى پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس تولدۇ‌رىدۇ ۋە ئۇ يېڭى دۆلە‌تكە سادىق بولۇ‌ش ھە‌ققىدە قە‌سە‌م ئىچىشى كېرە‌كلىكىنى بىلىۋالدى دە‌يلى.‏ ئە‌گە‌ر بۇ‌نداق قە‌سە‌م خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا زىت بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بويىچە تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن ۋىجدانى بۇ‌نداق قە‌سە‌منى قىلىشقا يول قويمايدۇ.‏ بىراق،‏ ھۆكۈمە‌ت ئۇ‌نىڭغا قە‌سە‌منىڭ مە‌زمۇ‌نىنى ۋىجدانىغا ماس ئۆزگە‌رتىشكە رۇ‌خسە‌ت بېرىشى مۇ‌مكىن.‏

مە‌زمۇ‌نى ئۆزگە‌رتىلگە‌ن قە‌سە‌منى ئىچىش،‏ رىملىقلار 13:‏1-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رگە ماس كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ يە‌ردە:‏ «ھە‌ربىر ئىنسان ھۆكۈمران ھۆكۈمە‌تكە بويسۇ‌نسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى خۇ‌دا تە‌لە‌پ قىلىدىغان ئىشنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن قە‌سە‌م ئىچىشنىڭ ھېچ يامىنى يوق دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كېلىشى مۇ‌مكىن.‏

سىز قە‌سە‌م قىلغاندا،‏ سىزدىن بىرە‌ر نە‌رسىنى ئىشلىتىشنى ياكى ئىما-‏ئىشارە‌ت قىلىشنى سورىسا ،‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسىدا تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن ۋىجدانىڭىزغا قۇ‌لاق سېلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ قە‌دىمدە رىملىقلار ۋە ساكلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشە‌نچلىك ئىكە‌نلىكىنى تە‌ستىقلاش ئۈچۈن ئۆز قىلىچلىرى بىلە‌ن قە‌سە‌م قىلغان.‏ گرېكلار بولسا،‏ ئۆز قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ،‏ قە‌سە‌م ئىچكە‌ن ئىدى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار گە‌پ-‏سۆز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى نازارە‌ت قىلىدىغان ئىلاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئىنسانلار ئۇ‌نىڭ ئالدىدا جاۋابكار ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى ھە‌رقانداق ساختا چوقۇ‌نۇ‌ش بىلە‌ن باغلىنىشلىق مىللە‌تنىڭ سىمۋولى ياكى باشقا نە‌رسىلە‌رنى تىلغا ئېلىپ،‏ قە‌سە‌م قىلمايدۇ.‏ بىراق،‏ سوتتا قولىڭىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا قويۇ‌پ،‏ پە‌قە‌ت راستىنى ئېيتىپ،‏ قە‌سە‌م ئىچىشنى سورىسىچۇ؟‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ ئىما-‏ئىشارە‌ت بىلە‌ن قە‌سە‌م ئىچكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئېيتىلغاچقا،‏ ئىما-‏ئىشارە‌ت بىلە‌ن قە‌سە‌م ئىچىشنى قارار قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن (‏يارىت.‏ 24:‏2،‏ 3،‏ 9؛‏ 47:‏29–‏31)‏.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىڭىز كېرە‌ككى،‏ بۇ‌نداق قە‌سە‌م قىلسىڭىز،‏ خۇ‌دانىڭ ئالدىدا پە‌قە‌ت راستىنى دە‌يمە‌ن دە‌پ قە‌سە‌م ئىچكە‌ن بولىسىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىزدىن سورايدىغان ھە‌رقانداق سوئالغا راست جاۋاب بېرىشكە تە‌ييار بولۇ‌شىڭىز كېرە‌ك.‏

چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلار

  • مە‌تتا 5:‏37‏:‏ «‹ھە‌ئە› دېگە‌ن سۆزۈڭلار،‏ ‹ھە‌ئە› بولسۇ‌ن،‏ ‹ياق› دېگە‌ن سۆزۈڭلار،‏ ‹ياق› بولسۇ‌ن».‏

  • يۇ‌ھاننا 15:‏19:‏ «سىلە‌ر بۇ دۇ‌نيادىن ئە‌مە‌س».‏

  • تە‌كرار قانۇ‌ن 5:‏9:‏ «مە‌ن خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋا مۇ‌تلە‌ق ساداقە‌تنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان خۇ‌دادۇ‌رمە‌ن».‏

  • رىملىقلار 13:‏1:‏ «ھە‌ربىر ئىنسان ھۆكۈمران ھۆكۈمە‌تكە بويسۇ‌نسۇ‌ن».‏

  • لۇ‌قا 20:‏25:‏ «ئۇ‌نداق بولسا،‏ قە‌يسە‌رنىڭ ھە‌ققىنى قە‌يسە‌رگە،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ققىنى خۇ‌داغا بېرىڭلار».‏

  • 1-‏پېترۇ‌س 2:‏12:‏ «دۇ‌نيادىكى مىللە‌تلە‌ر ئارىسىدا يۈرۈش-‏تۈرۈشىڭلار ياخشى بولسۇ‌نكى،‏ .‏ .‏ .‏ ياخشى ئىشلىرىڭلارنى كۆرسۇ‌ن».‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى قە‌دىرلىگە‌چ،‏ ھە‌رقانداق قە‌سە‌م ئىچىشتىن بۇ‌رۇ‌ن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز زۆرۈر.‏ شۇ‌نداقلا،‏ چىقارغان قارارلىرىمىز ۋىجدانىمىزغا ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس كېلىدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈشىمىز لازىم.‏ قە‌سە‌م ئىچىشنى قارار قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نى چوقۇ‌م ئورۇ‌نداڭ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 2:‏12.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش