كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 32-‏ب.‏
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 32-‏ب.‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

نېمىشقا ئە‌يسا قە‌سە‌م ئىچىشنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان؟‏

ئىباده‌تخانىدا قه‌سه‌م ئىچىۋاتقان ئاده‌م

مۇ‌سا قانۇ‌نى بويىچە،‏ ئادە‌ملە‌ر «مە‌ن ساڭا يە‌ھۋانىڭ ئىسمى بىلە‌ن قە‌سە‌م قىلىمە‌ن» دېگە‌نگە ئوخشاش سۆزلە‌رنى ئېيتىپ قە‌سە‌م بېرە‌تتى.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا قە‌سە‌م بېرىش شۇ‌نچىلىك كە‌ڭ تارقالغان ئىدى.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ھە‌تتا ئاددىي سۆزلە‌ردە قە‌سە‌م ئىچىپ،‏ ئادە‌ملە‌رنى ئىشە‌ندۈرۈشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌غان ئىدى.‏ ئە‌يسا بۇ يوقۇ‌لاڭ ئە‌ھمىيە‌تسىز ئادە‌تنى ئىككى قېتىم ئە‌يىبلىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق تە‌لىم بە‌رگە‌ن:‏ ««ھە» دېگە‌ن سۆزۈڭلار «ھە» بولسۇ‌ن ۋە «ياق» —‏ «ياق» بولسۇ‌ن» (‏مە‌تتا 5:‏33—‏37؛‏ 23:‏16—‏22‏)‏.‏

‏«يېڭى ئە‌ھدىنىڭ ئىلاھشۇ‌ناسلىق لۇ‌غىتىگە» بىنائە‌ن،‏ تالمۇ‌دقا قاراپ،‏ بىز ئىسرائىللىقلارنىڭ ئارىسىدا قە‌سە‌م بېرىشنىڭ قانچىلىك كە‌ڭ تارقالغانلىقىنى كۆرىمىز (‏«‏Theological Dictionary of the New Testament‏»)‏.‏ سە‌ۋە‌بى تالمۇ‌دتا قانداق قە‌سە‌ملە‌رنى ئورۇ‌نلاش كېرە‌كلىكى ۋە قانداق قە‌سە‌منى بۇ‌زۇ‌شقا بولىدىغانلىقى تە‌پسىلىي چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏

قە‌سە‌م بېرىش ئادىتىنى پە‌قە‌ت ئە‌يسا ئە‌يىبلىمىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۇ‌دىي تارىخچى يوسېف‌اس فلاۋىي بىر يە‌ھۇ‌دىي مە‌زھە‌پ ھە‌ققىدە يازغان.‏ ئۇ‌لار قە‌سە‌م ئىچمىگە‌ن ۋە قە‌سە‌م بېرىش يالغان ئېيتىشتىنمۇ يامان دە‌پ ھېسابلىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئويىچە،‏ قانداقتۇ بىر كىشى باشقىلارنى سۆزىگە ئىشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن قە‌سە‌م بە‌رسە،‏ ئۇ يالغانچى.‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ «سىراھنىڭ ھېكمىتى» دە‌پ ئاتالغان ئويدۇ‌رما مە‌زمۇ‌ندىكى كىتابىمۇ:‏ «قە‌سە‌م ئىچىشكە خۇ‌مار كىشى قانۇ‌نغا خىلاپلىق قىلىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ ئە‌يسا ئويلىماستىن قە‌سە‌م قىلغانلارغا ھۆكۈم چىقارغان.‏ ئە‌گە‌ر دائىم ھە‌قىقە‌تنى ئېيتىدىغان بولساق،‏ سۆزۈمىزگە ئىشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن قە‌سە‌م بېرىشنىڭ ھېچ ھاجىتى بولمايدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش