كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 ئىيۇ‌ن 2-‏7 ب.‏
  • يە‌ھۋا رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى مول،‏ كە‌چۈرۈمچان خۇ‌دادۇ‌ر

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى مول،‏ كە‌چۈرۈمچان خۇ‌دادۇ‌ر
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار خۇ‌دادۇ‌ر
  • يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشى بە‌ك ئۆزگىچە
  • كىملە‌ر يە‌ھۋا كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏
  • يە‌ھۋا كە‌چۈرۈم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ
  • يە‌ھۋا كە‌چۈرۈمچان بولغانلارنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 ئىيۇ‌ن 2-‏7 ب.‏

24-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى مول،‏ كە‌چۈرۈمچان خۇ‌دادۇ‌ر

‏«ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ سە‌ن مېھىرىبان ۋە ئە‌پۇ قىلىشقا تە‌ييارسە‌ن.‏ ساڭا ئىلتىجا قىلغانلاردىن سادىق سۆيگۈڭنى ھېچقاچان ئايىمايسە‌ن».‏—‏زە‌بۇ‌ر 86:‏5.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

بۇ ماقالىدەa

1.‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ ۋە‌ز 7:‏20-‏ئايە‌تتە قانداق ھە‌قىقە‌تنى ئېچىپ بە‌رگە‌ن؟‏

پادىشاھ سۇ‌لايمان:‏ «يە‌ر يۈزىدە ھە‌ردائىم ياخشىلىق قىلىپ،‏ ھېچبىر گۇ‌ناھ قىلمىغان ئادىل كىشى يوقتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏ۋە‌ز 7:‏20)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر ھە‌قىقە‌تتۇ‌ر!‏ ھە‌ممىمىز گۇ‌ناھكار (‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏8)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ممىمىز خۇ‌دا ۋە ئىنسانلارنىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشىشكە موھتاج.‏

2.‏ جان دوستىڭىز سىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟‏

2 شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ سىز جان دوستىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويغان ۋاقىتنى چوقۇ‌م ئە‌سلىيە‌لە‌يسىز.‏ دوستىڭىز بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن چىن يۈرە‌كتىن كە‌چۈرۈم سورىدىڭىز.‏ دوستىڭىز سىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۆزىڭىزنى يېنىكلە‌پ قالغاندە‌ك ھېس قىلدىڭىز ۋە خۇ‌شال بولدىڭىز!‏

3.‏ بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بىز يە‌ھۋانىڭ ئە‌ڭ يېقىن دوستىمىز بولۇ‌شىنى خالايمىز.‏ بىراق،‏ بە‌زىدە گە‌پ-‏سۆز ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزدە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىپ قويىمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى كە‌چۈرۈشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار ئىكە‌نلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشى بىلە‌ن بىزنىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشىمىز ئارىسىدا قانداق پە‌رق بار؟‏ خۇ‌دانىڭ كە‌چۈرۈمىگە كىملە‌ر ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏

يە‌ھۋا كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار خۇ‌دادۇ‌ر

4.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ بىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار بىزنى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا پە‌رىشتە ئارقىلىق سىناي تېغىدا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارە قىلىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يە‌ھۋا،‏ يە‌ھۋا،‏ مېھرىبان ۋە رە‌ھىمدىل،‏ ئاسانلىقچە غە‌زە‌پلە‌نمە‌يدىغان،‏ سادىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ھە‌قىقىتى مول خۇ‌دادۇ‌ر.‏ مىڭلىغان ئىنسانلارغا سادىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ،‏ خاتالىقنى،‏ سە‌ۋە‌نلىكنى ۋە گۇ‌ناھنى كە‌چۈرىدۇ‏» (‏چىق.‏ 34:‏6،‏ 7)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە رە‌ھىمدىل خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ئۇ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغانلارنى ھە‌رقاچان كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار.‏—‏نە‌ھە‌م.‏ 9:‏17؛‏ زە‌بۇ‌ر 86:‏15.‏

قېرىنداشنىڭ يېنىدا،‏ زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14-‏ئايە‌تلە‌ردىكى:‏ «ئۇ بىلە‌ر بىزنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىمىزنى» دېگە‌ن سۆزلە‌ر يېزىلغان.‏ ئە‌تراپىدا كىچىكىدىن باشلاپ نېمە ئىشلار يۈر بە‌رگە‌نلىكىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن سۈرە‌تلە‌ر بار كۆرسىتىلگە‌ن.‏

ياراتقۇ‌چى بىزنىڭ قانداق ئادە‌م بولۇ‌شىمىزغا تە‌سىر كۆرسە‌تكە‌ن ھاياتىمىزدا باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن بارلىق ئىشلارنى ئوبدان بىلىدۇ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

5.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئىنسانلارنى بە‌ش قولدە‌ك ياخشى بىلگە‌چ،‏ نېمە قىلىدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14)‏

5 يە‌ھۋا ياراتقۇ‌چىمىز بولغاچ،‏ بىزنى بە‌ش قولدە‌ك ياخشى بىلىدۇ.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ خۇ‌دا ھە‌ربىر ئىنساننىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى ھە‌ققىدە ئىنچىكە تە‌پسىلاتلارنى بىلىدۇ!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 139:‏15–‏17)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ياراتقۇ‌چى بىزنىڭ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىدىن مىراس ئالغان بارلىق نامۇ‌كە‌ممە‌ل تە‌رە‌پلىرىمىزنى كۆرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ ھە‌تتا بىزنىڭ قانداق ئادە‌م بولۇ‌شىمىزغا تە‌سىر قىلغان ھاياتىمىزدا باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن بارلىق ئىشلارنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا بىزگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىپ،‏ بىزنى كە‌چۈرۈم قىلىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 78:‏39؛‏ زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ كە‌چۈرۈشكە تە‌شنا ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟‏

6 يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ھە‌رقاچان كە‌چۈرۈشكە تە‌شنا ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتىلىغان.‏ ئۇ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھى سە‌ۋە‌بلىك،‏ بىزنىڭ ئۆلۈم ۋە گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌لى بولۇ‌پ قالغانلىقىمىزنى چۈشىنىدۇ (‏رىملىقلار 5:‏12)‏.‏ بۇ قۇ‌للۇ‌قتىن ئۆزىمىزنى ياكى باشقا ئىنساننى ئازاد قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 49:‏7–‏9)‏.‏ ئە‌مما،‏ كۆيۈمچان خۇ‌دايىمىز رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىپ،‏ بىزنى قۇ‌للۇ‌قتىن ئازاد قىلىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16-‏ئايە‌ت شۇ‌نى كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ بىردىن-‏بىر يالغۇ‌ز ئوغلىنى بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌نىدى (‏مە‌تتا 20:‏28؛‏ رىملىقلار 5:‏19)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن ھە‌ربىر كىشىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئورنىمىزدا ئازاب چېكىپ ئۆلگە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 2:‏9)‏.‏ ئۆز ئوغلىنىڭ چىدىغۇ‌سىز ئازابلىق ۋە ھاقارە‌تلىك ئۆلۈمىنى كۆرۈپ،‏ يە‌ھۋانىڭ قە‌لبى قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى سۆز بىلە‌ن تە‌سۋىرلە‌ش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س!‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌شنا بولمىغان بولسا،‏ ئۆز ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويمىغان بولاتتى.‏

7.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كە‌چۈرۈمگە ئېرىشكە‌ن كىشىلە‌رنىڭ قانداق مىساللىرى بار؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشكە‌ن كىشىلە‌رنىڭ مىساللىرى كۆپ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏32)‏.‏ كىم ئېسىڭىزگە كە‌لدى؟‏ بە‌لكىم،‏ پادىشاھ ماناسسە.‏ بۇ ئادە‌م يە‌ھۋاغا قارشى بە‌ك ئېغىر گۇ‌ناھلارنى ئۆتكۈزگە‌نىدى.‏ ئۇ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نغان ۋە باشقىلارنىمۇ شۇ‌نداق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئۇ ئۆز ئوغۇ‌للىرىنى ئۆلتۈرۈپ،‏ ساختا ئىلاھلارغا قۇ‌ربانلىق سۇ‌نغان.‏ ئۇ ھە‌تتا ئويما بۇ‌تنى يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىبادە‌تخانىسىغا قويۇ‌پ،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان.‏ ئۇ ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئۇ يە‌ھۋانىڭ نە‌زىردە يامان بولغان ئىشلارنى» قىلدى دە‌پ يېزىلغان (‏2-‏تارىخ.‏ 33:‏2–‏7)‏.‏ لېكىن،‏ پادىشاھ ماناسسە گۇ‌ناھلىرىغا ھە‌قىقىي توۋا قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى چىن قە‌لبىدىن كە‌چۈرگە‌ن،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى قايتىدىن پادىشاھ قىلىپ تىكلىگە‌ن (‏2-‏تارىخ.‏ 33:‏12،‏ 13)‏.‏ بە‌لكىم،‏ زىناخورلۇ‌ق ۋە قاتىللىق قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا قارشى گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن داۋۇ‌ت پادىشاھمۇ ئېسىڭىزگە كە‌لگە‌ندۇ.‏ لېكىن،‏ داۋۇ‌ت گۇ‌ناھلىرىغا ھە‌قىقىي توۋا قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى چىن قە‌لبىدىن كە‌چۈرگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 12:‏9،‏ 10،‏ 13،‏ 14)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ بىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌شنا ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏ شۇ‌نى كۆرىمىزكى،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشى ئىنسانلارنىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشىدىن ئالاھىدە پە‌رقلىنىدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشى بە‌ك ئۆزگىچە

8.‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌ڭ ياخشى سوتچى ئىكە‌نلىكى،‏ ئۇ‌نىڭ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شىغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

8 تە‌ڭرى يە‌ھۋا پۈتكۈل جاھاننىڭ سوتچىسىدۇ‌ر (‏يارىت.‏ 18:‏25)‏.‏ ئادە‌تتە ياخشى سوتچى قانۇ‌نلارنى چوقۇ‌م چوڭقۇ‌ر چۈشىنىشى كېرە‌ك.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئە‌ڭ ياخشى سوتچىمىز،‏ چۈنكى ئۇ ئۆزى بىز ئۈچۈن قانۇ‌نلارنى چىقارغان ۋە شۇ قانۇ‌نلارنى چوڭقۇ‌ر چۈشىنىدۇ (‏يە‌شايا 33:‏22)‏.‏ نېمىنىڭ ياخشى،‏ نېمىنىڭ يامانلىقىنى ھېچكىم يە‌ھۋادە‌ك چوڭقۇ‌ر چۈشىنە‌لمە‌يدۇ.‏ ياخشى سوتچى يە‌نە نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ ئۇ ئاۋۋال بارلىق ئامىللارنى تە‌كشۈرۈپ كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئاندىن مە‌سىلىگە ھۆكۈم چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئە‌ڭ ياخشى سوتچىدۇ‌ر،‏ چۈنكى ئۇ ھە‌رقاچان بارلىق ئامىللارنى ئوبدان بىلىدۇ.‏

9.‏ يە‌ھۋا كىشىنى كە‌چۈرۈم قىلىش-‏قىلماسلىقىنى قارار قىلغاندا،‏ قانداق ئامىللارنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ؟‏

9 يە‌ھۋا دائىم ھە‌رقانداق بىر مە‌سىلىنىڭ بارلىق ئامىللىرىنى ئە‌ڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل چۈشە‌نگە‌چ،‏ باشقا سوتچىلاردىن پە‌رقلىنىدۇ (‏يارىت.‏ 18:‏20،‏ 21؛‏ زە‌بۇ‌ر 90:‏8)‏.‏ خۇ‌دا ئادە‌ملە‌ر كۆرە‌لمىگە‌ن ۋە ئاڭلىيالمىغان نە‌رسىلە‌رنى بىلىدۇ.‏ ئۇ ئېرسىيە‌ت،‏ ئالغان تە‌لىم-‏تە‌ربىيە،‏ تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ ئۆسكە‌ن مۇ‌ھىت،‏ جىسمانىي ۋە مە‌نىۋى ساغلاملىق ئىنسانلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىگە قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل چۈشىنىدۇ.‏ يە‌ھۋا ھە‌ربىر ئىنساننىڭ قە‌لبىدە نېمە بارلىقىنى چۈشە‌نگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭ نىيە‌تلىرى ۋە مە‌قسە‌ت-‏مۇ‌ددىئالىرى ۋە ئارزۇ-‏ئارمانلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ.‏ ياراتقۇ‌چىنىڭ ئالدىدا ھە‌ممە نە‌رسە ئاشكارىدۇ‌ر (‏ئىبرانىي.‏ 4:‏13)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا دائىم بارچە ئامىللارنى تولۇ‌ق بىلگە‌چكە،‏ گۇ‌ناھكار كىشىنى كە‌چۈرۈم قىلىدۇ.‏

تاغ تىزمىسىنىڭ يېنىدا،‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4-‏ئايە‌تتىكى:‏ «ئۇ قورام تاشتۇ‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌مە‌للىرى مۇ‌كە‌ممە‌لدۇ‌ر» دېگە‌ن سۆزلە‌ر يېزىلغان.‏

يە‌ھۋا ئادىل،‏ ھە‌ققانىي بولۇ‌پ،‏ ھە‌ممىسىگە تە‌ڭ قارايدۇ.‏ ئۇ پارىخور ئە‌مە‌س (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرى ئادىل ۋە ھە‌قتۇ‌ر؟‏ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4)‏

10 تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرى دائىم ئادىل ۋە ھە‌قتۇ‌ر.‏ ئۇ ھە‌ممىسىگە تە‌ڭ قارايدۇ.‏ ئۇ بىر ئىنساننى كە‌چۈرۈم قىلىش ياكى قىلماسلىقنى،‏ ئۇ‌نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى،‏ مال-‏دۇ‌نياسى،‏ شان-‏شۆھرىتى ياكى قابىلىيە‌تلىرىگە قاراپ قارار قىلمايدۇ (‏1-‏سام.‏ 16:‏7؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏1–‏4)‏.‏ ھېچكىم پە‌رۋە‌ردىگارغا بېسىم قىلالمايدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا پارا بېرە‌لمە‌يدۇ (‏2-‏تارىخ.‏ 19:‏7)‏.‏ خۇ‌دا قارار چىقارغاندا،‏ ھە‌رگىزمۇ ئاچچىقلانمايدۇ ياكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا بېرىلمە‌يدۇ (‏چىق.‏ 34:‏7)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ يە‌ھۋا ئە‌ڭ ياخشى سوتچى،‏ چۈنكى ئۇ بىزنى ۋە بىزنىڭ ۋە‌زىيە‌تلىرىمىزنى چوڭقۇ‌ر چۈشىنىدۇ.‏—‏تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

11.‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقى ئىنسانلارنىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىدىن قانداق پە‌رقلىنىدۇ؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ يازغۇ‌چىلىرى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقى بە‌ك ئۆزگىچە ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.‏ بە‌زى قامۇ‌سلاردا:‏ «ئىبرانىي تىلىدىكى كە‌چۈرۈمچانلىق دېگە‌ن سۆز ئىنسانلار بىر-‏بىرىنى قانداق كە‌چۈرۈم قىلىشىغا قارىتا ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ توۋا قىلغانلارنى قانداق كە‌چۈرۈم قىلىشىنى تە‌سۋىرلە‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىلگە‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ پە‌قە‌ت تە‌ڭرى يە‌ھۋا گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغان كىشىنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

12،‏ 13.‏ (‏1)‏ ئىنسان ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشكە‌ندە،‏ نېمىدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىدۇ؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا قانداق كە‌چۈرىدۇ؟‏

12 يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشكىنىمىزدە،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك،‏ پاك ۋىجدان،‏ شۇ‌نىڭدە‌ك ئارامبە‌خش ئېتىدىغان ۋاقىتتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىمىز.‏ بۇ‌نداق ھە‌قىقىي كە‌چۈرۈم ئىنسانلاردىن ئە‌مە‌س،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا كېلىشى كېرە‌ك (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏19)‏.‏ خۇ‌دا بىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ بىز بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرىدۇ،‏ ھە‌تتاكى بىز ئۆزىمىزنى ھېچقاچان گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ باقمىغاندە‌ك ھېس قىلىمىز.‏

13 يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرۈم قىلغاندىن كېيىن،‏ ئە‌مدى قايتا ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھ ئۈچۈن بىزنى ئە‌يىبلىمە‌يدۇ ۋە جازالىمايدۇ (‏يە‌شايا 43:‏25؛‏ يە‌رە‌م.‏ 31:‏34)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كۈن چىقىش كۈن پېتىشتىن يىراق بولسا قانچىلىك،‏ ئۇ [يە‌ھۋا] بىزنى گۇ‌ناھلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇ‌رغان شۇ‌نچىلىك» (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏12)‏.‏ بىز ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنىڭ قانچىلىك مول ئىكە‌نلىكى ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىمىزدا،‏ ھاياجاندىن قە‌لبىمىز مىننە‌تدارلىققا تولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 130:‏4)‏.‏ بىراق،‏ كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏

كىملە‌ر يە‌ھۋا كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏

14.‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىشى ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىۋالدۇ‌ق؟‏

14 كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشى گۇ‌ناھنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكىگە باغلىق ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ بىر كىشىنى كە‌چۈرۈش ياكى كە‌چۈرمە‌سلىكنى قارار قىلغاندا،‏ ئۆز بىلىملىرىنى ياراتقۇ‌چى،‏ قانۇ‌ن چىقارغۇ‌چى ۋە سوتچى سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇ‌ق.‏ يە‌ھۋا قايسى ئامىللارنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ؟‏

15.‏ لۇ‌قا 12:‏47،‏ 48-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا قانداق ئامىلنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ؟‏

15 ياراتقۇ‌چىمىز بىر ئامىلنى،‏ يە‌نى گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشى قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ خاتالىقىنى بىلگە‌ن ياكى بىلمىگە‌نلىكىنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ لۇ‌قا 12:‏47،‏ 48-‏ئايە‌تلە‌ردە (‏ئوقۇ‌ڭ)‏،‏ بۇ ئامىلنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر كىشى مە‌لۇ‌م بىر ئىشنىڭ يە‌ھۋانى رە‌نجىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ قە‌ستە‌ن شۇ ئىشنى قىلسا،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن بولىدۇ.‏ بۇ‌نداق كىشىنى يە‌ھۋا كە‌چۈرمە‌سلىكى مۇ‌مكىن (‏ماركۇ‌س 3:‏29؛‏ يۇ‌ھاننا 9:‏41)‏.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرە‌ككى،‏ بە‌زىدە قىلىپ قويغان ئىشىمىزنىڭ خاتالىقىنى تونۇ‌پ يېتىمىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولساق،‏ خۇ‌دانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشە‌لە‌يمىزمۇ؟‏ ھە‌ئە!‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرۈم قىلىش-‏قىلماسلىقنى قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى يە‌نە بىر ئامىلنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ.‏

بۇ‌رادە‌رنىڭ يېنىدا،‏ يە‌شايا 55:‏7-‏ئايە‌تتىكى:‏ «ئە‌پۇ‌چان خۇ‌دايىمىز ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى كە‌چۈرىدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌ر يېزىلغان.‏ ئارقىدىكى كۆرۈنۈشتە ئۇ قايغۇ‌رغان ۋە كۆڭلى يېرىم كۆرۈنىدۇ.‏ ئالدىنقى كۆرۈنۈشتە ئۇ بە‌ك خۇ‌شال ۋە ئۆزىگە ئىشە‌نگە‌ن كۆرۈنىدۇ .‏

بىز چىن قە‌لبىمىزدىن توۋا قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى كە‌چۈرۈم قىلىشىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ توۋا قىلىش دېگە‌ن نېمە ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشىشنى خالىساق،‏ نېمە ئۈچۈن توۋا قىلىشىمىز لازىم؟‏

16 يە‌ھۋا يە‌نە بىر ئامىل،‏ يە‌نى كىشىنىڭ ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇ‌ناھىغا سە‌مىمىي توۋا قىلغان-‏قىلمىغانلىقىنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ.‏ ھە‌قىقىي توۋا قىلىش بولسا،‏ «ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزى،‏ كۆزقاراشى ياكى مە‌قسىتىنى ئۆزگە‌رتىشنى» بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بۇ كىشىنىڭ ئۆزى قىلىپ قويغان يامان ئىشلار ياكى چوقۇ‌م قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن گۇ‌ناھىغا پۇ‌شايمان قىلىشى ۋە قاتتىق قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ توۋا قىلغان كىشى پە‌قە‌ت ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرى ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ دە‌سلە‌پتە ئۆزىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى قوغدىماي،‏ گۇ‌ناھقا قول تىققانلىقى ئۈچۈن قايغۇ‌رىدۇ.‏ ماناسسە ۋە داۋۇ‌ت پادىشاھ ھە‌ر ئىككىسىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھلارنى ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى ئە‌سلە‌پ كۆرۈڭ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى كە‌چۈرگە‌ن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار سە‌مىمىي توۋا قىلغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 14:‏8)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرۈم قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ بىزنىڭ ھە‌قىقىي توۋا قىلغانلىقىمىزنى كۆرۈشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپلا قويماي،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزدە كۆرسىتىشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز لازىمb‏.‏ يە‌ھۋا نە‌زە‌رگە ئالىدىغان بۇ‌نىڭدىنمۇ باشقا بىر ئامىل بار.‏

17.‏ ئۆزگە‌رتىش دېگە‌ن نېمە ۋە بۇ‌رۇ‌ن ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلارنى تە‌كرارلاشتىن نېرى بولۇ‌شنى خالىساق،‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ (‏يە‌شايا 55:‏7)‏

17 يە‌ھۋا يە‌نە باشقا بىر ئامىل،‏ ئۆزگە‌رگە‌ن-‏ئۆزگە‌رمىگە‌نلىكىنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ.‏ ئۆزگە‌رتىش يامان يولىدىن قايتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىغا قايتىپ كېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ‏(‏يە‌شايا 55:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشىغا ماس كۆزقاراشتا بولۇ‌ش ئۈچۈن كىشى ئۆز ئوي-‏پىكرىنى ئۆزگە‌رتىشى كېرە‌ك (‏رىملىقلار 12:‏2؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏23)‏.‏ ئۇ چوقۇ‌م بۇ‌رۇ‌نقى يامان ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى تاشلاشنى قە‌تئىي قارار قىلىشى كېرە‌ك (‏كولوسى.‏ 3:‏7–‏10)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىز،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشىپ،‏ گۇ‌ناھتىن پاك بولۇ‌شىمىزنىڭ ھە‌قىقىي ئۇ‌ل-‏ئاساسىدۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر بىز يامان يوللىرىمىزدىن قايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنى ئاشۇ قۇ‌ربانلىق ئاساسىدا كە‌چۈرىدۇ.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏7.‏

يە‌ھۋا كە‌چۈرۈم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ

18.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق؟‏

18 ھازىر بىز مۇ‌ھاكىمە قىلغان بە‌زى ئاساسىي ئوي-‏پىكىرلە‌رنى قىسقىچە تە‌كرارلاپ ئۆتە‌يلى.‏ يە‌ھۋا پۈتكۈل كائىناتتىكى رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى مول،‏ ھە‌قىقىي كە‌چۈرۈمچان خۇ‌دادۇ‌ر.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېيە‌لە‌يمىز؟‏ بىرىنچى،‏ ئۇ ھە‌رقاچان بىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار.‏ ئىككىنچى،‏ ئۇ بىزنى بە‌ش قولدە‌ك ياخشى بىلىدۇ.‏ خۇ‌دا مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىز ھە‌ققىدە ھە‌ربىر ئىنچىكە تە‌پسىلاتلارنى بىلگە‌چ،‏ بىزنىڭ ھە‌قىقىي توۋا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىمىزغا ئە‌ڭ توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرگە‌ندە،‏ خۇ‌ددى بىز ھېچقاچان گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ باقمىغاندە‌ك بولىمىز.‏ بۇ بىزنى پاك ۋىجدانغا ۋە خۇ‌دانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش پۇ‌رسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.‏

19.‏ گە‌رچە بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ ۋە داۋاملىق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزسە‌كمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولالايمىز؟‏

19 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌للا بولىدىكە‌نمىز،‏ داۋاملىق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىز.‏ بىراق،‏ بىزگە ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشىنىش» (‏ئىنگىلىزچە)‏ ناملىق كىتابنىڭ 2-‏قىسىم 771-‏بېتىدىكى سۆزلە‌ردىن تە‌سە‌للى تاپالايمىز.‏ ئۇ يە‌ردە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت بىلە‌ن ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ جىسمانىي ئاجىزلىقلىرىنى نە‌زە‌رگە ئالغاچ،‏ ئۇ‌لار مىراس ئالغان نامۇ‌كە‌ممە‌للىكى سە‌ۋە‌بلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان خاتالىقلىرى ئۈچۈن ھە‌ردائىم ۋىجدان ئازابى چە‌كمە‌سلىكى لازىم (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏8–‏14؛‏ 130:‏3)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار داۋاملىق خۇ‌دانىڭ يوللىرىدا مېڭىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشە‌لە‌يدۇ (‏فىلىپى.‏ 4:‏4–‏6؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏19–‏22)‏».‏ بۇ ھە‌قىقە‌ت بىز ئۈچۈن زور تە‌سە‌للى!‏

20.‏ بىز كېيىنكى ماقالىدە قايسى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

20 بىز ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىزغا چىن قە‌لبىمىزدىن توۋا قىلساق،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ھە‌رقاچان بىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌يياردۇ‌ر.‏ بىز بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ بىزنىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقى ئارىسىدا قانداق پە‌رقلە‌ر ۋە ئوخشاشلىقلار بار؟‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌لارنى چۈشىنىش مۇ‌ھىم؟‏ بۇ سوئاللارغا كېيىنكى ماقالە جاۋاب بېرىدۇ.‏

تۆۋە‌ندىكى ئايە‌تلە‌ردىن يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

  • زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14.‏

  • تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4.‏

  • يە‌شايا 55:‏7.‏

22-‏ناخشا يە‌ھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇ‌ر

a يە‌ھۋا گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغانلارنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىگە ئۆز سۆزىدە بىزنى ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ بىراق،‏ بە‌زىدە ئۆزىمىزنى يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشىغا لايىق ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىزغا چىن قە‌لبىمىزدىن توۋا قىلساق،‏ خۇ‌دانىڭ دائىم بىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ توۋا قىلىش ئوي-‏پىكىرىدە ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلغاندىن باشقا،‏ ئىلگىرىكى ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لى،‏ قىلغان يامان ئىشلىرى ياكى قىلالماي مە‌غلۇ‌پ بولغان ئىشلىرى ئۈچۈن چىن قە‌لبىدىن پۇ‌شايمان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ھە‌قىقىي توۋا قىلىش بە‌رگە‌ن مېۋىسى،‏ يە‌نى ئۆزگە‌رتكە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە ئىپادىلىنىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش