22-ناخشا
يەھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇر
(زەبۇر 23-باب)
1. يەھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇر
نە ئۈچۈن غەم يەي، قورققاي؟
ئۇ كۆڭۈل بۆلۈپ ئاسراپ باقار،
قويلىرىنى تاشلىماي.
ئۇ سۇلار بويىغا باشلار،
ۋۇجۇدۇمنى ئۇرغۇتار.
ئۆز ئىسمى ئۈچۈن پۇتلۇرۇمنى
ھەققانىي يولغا باشلار.
ئۆز ئىسمى ئۈچۈن پۇتلۇرۇمنى
ھەققانىي يولغا باشلار.
2. چوڭقۇر جىلغىلاردا يالغۇز
ماڭسام، قورقماسمەن ھەرگىز.
يېنىمدا ئۇلۇغ پادىچىم بار،
يۈرەرمەن خۇشال، غەمسىز.
ئۇ بېشىمغا ساپ ياغ قۇيار؛
لىق تولدۇرار جامىمنى.
ماكان تۇتاي ئۇنىڭ ئۆيىنى،
ھەمراھ قىلىپ سۆيگۈنى.
ماكان تۇتاي ئۇنىڭ ئۆيىنى،
ھەمراھ قىلىپ سۆيگۈنى.
3. پادىچىم مېھرىبان، دانا!
ئوقۇي مەدھىيە، ناخشا.
بۇ خۇش خەۋەرنى ئېيتاي كەمتەر
قوي كەبى ئىنسانلارغا.
ھەق يولدا ماڭاي ئاۋايلاپ،
يەھۋا سۆزىنى ئاڭلاپ.
ياشاي ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىپ،
مەڭگۈ ھەقنى جاكارلاپ.
ياشاي ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىپ،
مەڭگۈ ھەقنى جاكارلاپ.
(زەبۇر 28:9؛ 80:1-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).