كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م23 ئىيۇ‌ن 31-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ك‌م23 ئىيۇ‌ن 31-‏ب.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لغاندىن كېيىن،‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م نېمىشقا ناسىرە‌گە قايتماي،‏ بە‌يتلە‌ھە‌مدە قالدى؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب سە‌ۋە‌بىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ،‏ئۇ‌لارنىڭ بە‌يتلە‌ھە‌مدە قېلىشنى تاللىشىغا تە‌سىر كۆرسە‌تكە‌ن قىزىقارلىق تە‌پسىلاتلارنى ئاشكارىلايدۇ.‏

بىر پە‌رىشتە،‏ مە‌ريە‌مگە ئۇ‌نىڭ ھامىلدار بولۇ‌پ،‏ بىر ئوغۇ‌ل تۇ‌غىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ پە‌رىشتە بۇ خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ندە،‏ مە‌ريە‌م بىلە‌ن يۈسۈپ جە‌لىلىيە ئۆلكىسىدىكى يۈسۈپنىڭ يۇ‌رتى ناسىرە‌دە تۇ‌راتتى (‏لۇ‌قا 1:‏26–‏31؛‏ 2:‏4)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار مىسىردىن قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ ناسىرە‌گە قايتقان.‏ ئە‌يسا ئۇ يە‌ردە چوڭ بولۇ‌پ،‏ ناسىرە‌لىك بولغان (‏مە‌تتا 2:‏19–‏23‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئە‌يسا،‏ يۈسۈپ ۋە مە‌ريە‌م،‏ بۇ ئۈچ ئىسىمنى تىلغا ئالغاندا،‏ ناسىرە ھە‌ققىدە ئويلايمىز.‏

مە‌ريە‌منىڭ يە‌ھۇ‌دىيىدە ياشايدىغان ئېلىزابېت ئىسىملىك بىر تۇ‌غقىنى بار ئىدى.‏ ئۇ زە‌كە‌رىيا ئىسىملىك روھانىينىڭ ئايالى بولۇ‌پ،‏ چۆمدۈرگۈچى يە‌ھيانى ئانىسى ئىدى (‏لۇ‌قا 1:‏5،‏ 9،‏ 13،‏ 36)‏.‏ مە‌ريە‌م ئېلىزابېتنى يوقلاپ بېرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يە‌ھۇ‌دىيىدە ئۈچ ئاي تۇ‌رغان.‏ كېيىن،‏ مە‌ريە‌م ناسىرە‌گە قايتىپ كە‌لگە‌ن (‏لۇ‌قا 1:‏39،‏ 40،‏ 56)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۇ‌دىيە زېمىنى مە‌ريە‌مگە خېلىلا تونۇ‌شلۇ‌ق ئىدى.‏

كېيىن،‏ يۈسۈپ «نوپۇ‌سقا تىزىملىتىش» پە‌رمانىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ناسىرە‌دىن بە‌يتلە‌ھە‌مگە بارغان.‏ «داۋۇ‌تنىڭ يۇ‌رتى» بولۇ‌پ،‏ مە‌سىھنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى بېشارە‌تتە ئالدىن ئېيتىلغاندە‌ك،‏ مە‌سىھ بۇ جايدا تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى (‏لۇ‌قا 2:‏3،‏ 4؛‏ 1-‏سام.‏ 17:‏15؛‏ 20:‏6؛‏ مىكاھ 5:‏2)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ يە‌ردە تۇ‌غقاندىن كېيىن،‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م ئە‌مدىلا تۇ‌غۇ‌لغان بوۋاقنى ئېلىپ،‏ ئۇ‌زۇ‌ن يول يۈرۈپ ناسىرە‌گە قايتىشنىڭ ئورنىغا،‏ بە‌يتلە‌ھە‌مدە قالغان.‏ يېرۇ‌سالىم بىلە‌ن بە‌يتلە‌ھە‌منىڭ ئارىلىقى توققۇ‌ز كىلومېتر ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ بوۋاقنى ئىبادە‌تخانىغا ئېلىپ بېرىپ،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌ندا بە‌لگىلە‌نگە‌ن قۇ‌ربانلىقنى سۇ‌نۇ‌شىغا قولايلىق بولاتتى.‏—‏لاۋى.‏ 12:‏2،‏ 6–‏8؛‏ لۇ‌قا 2:‏22–‏24.‏

خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىسى ئىلگىرى مە‌ريە‌مگە،‏ ئوغلۇ‌ڭ «داۋۇ‌تنىڭ تە‌ختىنى» مىراس ئېلىپ،‏ «پادىشاھلىق قىلىدۇ» دېگە‌نىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م،‏ ئە‌يسانىڭ داۋۇ‌تنىڭ يۇ‌رتىدا چوڭ بولۇ‌شىنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏لۇ‌قا 1:‏32،‏ 33؛‏ 2:‏11،‏ 17)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار داۋاملىق بۇ يە‌ردە قېلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لارغا يە‌نە نېمە قىلىشنى ئېيتىپ،‏ كۆرسە‌تمە بېرىشىنى كۈتكە‌ن.‏

بە‌زى مۇ‌نە‌ججىملە‌ر بە‌يتلە‌ھە‌مگە كە‌لگە‌ندە،‏ يۈسۈپ ۋە مە‌ريە‌م ئۇ يە‌ردە قانچىلىك تۇ‌رغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر ئۆيدە تۇ‌راتتى،‏ ئە‌يسا بوۋاق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئاللىقاچان كىچىك بالا ئىدى (‏مە‌تتا 2:‏11‏)‏.‏ قارىماققا،‏ ئۇ‌لار ناسىرە‌گە قايتىشنىڭ ئورنىغا،‏ بە‌يتلە‌ھە‌مدە ئۇ‌زۇ‌نراق تۇ‌رۇ‌پ قالغان.‏

ھىرود بۇ‌يرۇ‌ق چۈشۈرۈپ،‏ «بە‌يتلە‌ھە‌مدىكى … ئىككى ياش ۋە ئۇ‌نىڭدىن تۆۋە‌ن ياشتىكى بارلىق ئوغۇ‌ل بالىلارنى» ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان (‏مە‌تتا 2:‏16‏)‏.‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ بالىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچقان ۋە ھىرود ئۆلگۈچە شۇ يە‌ردە ياشىغان.‏ بىراق،‏ مىسىردىن قايتقاندا،‏ ئۇ‌لار نېمە ئۈچۈن بە‌يتلە‌ھە‌مگە قايتىپ بارمىغان؟‏ شۇ چاغدا،‏ ھىرودنىڭ زالىم ئوغلى ئارخېلائۇ‌س يە‌ھۇ‌دىيىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دا يۈسۈپنى ئۇ يە‌رگە قايتماسلىققا ئاگاھلاندۇ‌رغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يۈسۈپ ئائىلىسىدىكىلە‌رنى ئېلىپ ناسىرە‌گە بارغان.‏ ئۇ يە‌ر ئە‌يسانى تە‌ربىيىلە‌پ ئۆستۈرۈش،‏ يە‌نى ئۇ‌نىڭغا ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ بىخە‌تە‌ر جاي ئىدى.‏—‏مە‌تتا 2:‏19–‏22؛‏ 13:‏55؛‏ لۇ‌قا 2:‏39،‏ 52.‏

ئېنىقكى،‏ ئە‌يسا جېنىنى پىدا قىلىپ،‏ تۆلە‌م بېرىپ،‏ كىشىلە‌رنىڭ ئاسمانغا تىرىلىشىگە يول ئېچىشتىن ئاۋۋال،‏ يۈسۈپ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يۈسۈپ يە‌ر يۈزىدە تىرىلىدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن كۆرۈشۈپ،‏ ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لغاندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ بە‌يتلە‌ھە‌مدە قالغانلىقى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلارنى سوراپ بىلە‌لە‌يدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش