كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 32-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 32-‏ب.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

نېمىشقا مە‌تتا بىلە‌ن لۇ‌قا ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ يە‌ردىكى ھاياتىنىڭ دە‌سلە‌پكى يىللىرىنى ھە‌ر تۈرلۈك تە‌سۋىرلىگە‌ن؟‏

مە‌تتا يازغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ردە ئە‌يسانىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى بىلە‌ن ھاياتىنىڭ دە‌سلە‌پكى يىللىرى ھە‌ققىدە يېزىلغانلار لۇ‌قانىڭكىدىن باشقىچە،‏ چۈنكى ھە‌ربىر يازغۇ‌چى ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادە‌منىڭ ئويلىرى بىلە‌ن تە‌جرىبىسىگە دىققە‌ت قىلغان.‏

مە‌تتا كىتابىدا يۈسۈپ بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر ھە‌ققىدە يېزىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدا يۈسۈپ مە‌رىيە‌منىڭ ھامىلدار ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە نېمە قىلغانلىقى،‏ پە‌رىشتىنىڭ ئۇ‌نىڭغا چۈشىدە بە‌رگە‌ن چۈشە‌ندۈرۈشى ۋە ئۇ‌نىڭ پە‌رىشتىنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان قىلىنغان (‏مە‌تتا 1:‏19—25‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا پە‌رىشتە يۈسۈپنى چۈشىدە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئائىلىسى بىلە‌ن مىسىرغا قېچىش بۇ‌يرۇ‌غانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ قانداق ئىتائە‌ت قىلغانلىقى يېزىلغان.‏ ئاندىن يە‌نە بىر چۈشىدە پە‌رىشتىنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئىسرائىلغا قايتىشقا بۇ‌يرىغانلىقى،‏ يۈسۈپنىڭ قۇ‌لاق سېلىپ قايتقىنى ۋە ئائىلىسى بىلە‌ن ناسىرە شە‌ھىرىدە ئورۇ‌نلاشقانلىقىمۇ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏مە‌تتا 2:‏13،‏ 14،‏ 19—23‏)‏.‏ مە‌تتا يازغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى بابتا يۈسۈپنىڭ ئىسمى 8 قېتىم،‏ مە‌رىيە‌منىڭ بولسا 7 قېتىم ئۇ‌چرايدۇ.‏

ئە‌مما لۇ‌قانىڭ كىتابىدا مە‌رىيە‌مگە كۆپرە‌ك دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئۇ‌نىڭدا مە‌رىيە‌مگە جە‌برائىل پە‌رىشتىنىڭ كە‌لگە‌نلىگى،‏ مە‌رىيە‌منىڭ تۇ‌غقىنى ئېلىزابېتقا بارغىنى ۋە يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ ئېيتقان سۆزلىرى يېزىلغان (‏لۇ‌قا 1:‏26—56)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن سىمېئون ئە‌يسانىڭ كېلە‌چە‌كتە قانداق ئازابلارنى باشتىن كە‌چۈرىدىغانلىقىنى مە‌رىيە‌مگە ئېيتقانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ كېيىن،‏ لۇ‌قا ئە‌يسانىڭ 12 يېشىدا ئائىلىسى بىلە‌ن مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىغا بارغان ۋە‌قە‌سىنىمۇ تىلغا ئالغان.‏ بۇ ۋە‌قە‌نى تە‌سۋىرلىگە‌ندىمۇ لۇ‌قا يۈسۈپنىڭ ئە‌مە‌س،‏ مە‌رىيە‌منىڭ سۆزلىرىنى كە‌لتۈرگە‌ن ۋە بۇ ۋە‌قە‌نىڭ مە‌رىيە‌مگە قاتتىق تە‌سىر قىلغانلىقىنىمۇ يازغان (‏لۇ‌قا 2:‏19،‏ 34،‏ 35،‏ 48،‏ 51)‏.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى بابىدا لۇ‌قا مە‌رىيە‌منىڭ ئىسمىنى 13 قېتىم،‏ يۈسۈپنىڭ ئىسمىنى پە‌قە‌ت 3 قېتىم تىلغا ئالغان.‏ دېمە‌ك،‏ مە‌تتا كۆپىنچە يۈسۈپنىڭ ئويلىرى بىلە‌ن ھە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە ئېيتسا،‏ لۇ‌قا مە‌رىيە‌مگە كۆپرە‌ك دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدۇ.‏

بۇ ئىككى كىتابتا ئە‌يسانىڭ ئاتا-‏بوۋىلىرىنىڭ نە‌سە‌پنامىسىدىمۇ پە‌رق بار.‏ مە‌تتا يۈسۈپنىڭ ئە‌جدادىنىڭ تىزىمىنى يېزىش ئارقىلىق يۈسۈپنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى سۈپىتىدە ئە‌يسادا داۋۇ‌تنىڭ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قانۇ‌نىي ھوقۇ‌قى بارلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى يۈسۈپ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئە‌ۋلادى بولغان،‏ يە‌نى داۋۇ‌تنىڭ ئوغلى سۇ‌لايماننىڭ نە‌سلىدىن چىققان (‏مە‌تتا 1:‏6،‏ 16‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ لۇ‌قا مە‌رىيە‌منىڭ نە‌سە‌پنامىسىنى كە‌لتۈرۈپ،‏ ئە‌يسانىڭ «جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن» داۋۇ‌تنىڭ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىغا تە‌بىئىي ھوقۇ‌قى بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن (‏رىملىقلارغا 1:‏3)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ مە‌رىيە‌م داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئە‌ۋلادى بولغان،‏ يە‌نى داۋۇ‌تنىڭ ئوغلى ناتاننىڭ نە‌سلىدىن چىققان ئىدى (‏لۇ‌قا 3:‏31)‏.‏ لېكىن،‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن لۇ‌قا كىتابىدىكى تىزىمدا مە‌رىيە‌م دادىسى ئىلىينىڭ قىزى سۈپىتىدە ئاتالمىغان؟‏ رە‌سمىي ھۆججە‌تلە‌ردە ئە‌سلى پە‌قە‌ت ئائىلىدىكى ئە‌ر كىشىلە‌ر يېزىلغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن لۇ‌قا ئۆز تىزىمىدا يۈسۈپنى ئىلىينىڭ ئوغلى دە‌پ ئاتىغاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭ كۈيئوغلى بولغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏لۇ‌قا 3:‏23)‏.‏

مە‌تتا ۋە لۇ‌قا يازغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌رلە‌ردە كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئە‌يسانىڭ نە‌سە‌پنامىسى ئۇ‌نىڭ خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئە‌ۋلادى ئىكە‌نلىكى مە‌لۇ‌م بولغان ۋە بۇ‌نى ھە‌تتا پە‌رىسىيلە‌ر بىلە‌ن سادۇ‌قىيلار رە‌ت قىلالمىغان.‏ مە‌تتا ۋە لۇ‌قا كىتابلىرىدىكى نە‌سە‌پنامىلە‌ر بىزنىڭمۇ ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ھە‌م خۇ‌دانىڭ باشقىمۇ ۋە‌دىلىرى ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ئاشۇ‌رىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش