كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 مارت 20-‏25 ب.‏
  • ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ياشاڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ياشاڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئىش ئورنى تاللىغاندا
  • لايىق تاللىغاندا
  • خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ندە
  • گۇ‌مانلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • قارارلىرىڭىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلسۇ‌ن
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌س
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 مارت 20-‏25 ب.‏

12-‏تە‌تقىق ماقالىسى

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ياشاڭ

‏«بىز كۆز بىلە‌ن كۆرگىنىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىمان-‏ئېتىقادىمىزغا تايىنىپ بىلە‌ن ياشايمىز»‏‏.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 5:‏7.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقارغاندا ئۆزىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئارقىسىغا قارىغاندا،‏ ھاياتىدىن قانائە‌ت ھېس قىلغان؟‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س پات-‏ئارىدا ئۆزىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئارقىسىغا قاراپ باققىنىدا،‏ ھاياتىدىن قانائە‌ت ھېس قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ:‏ «مۇ‌سابىقىنى يۈگۈرۈپ تاماملىدىم،‏ ئېتىقادىمنى ساقلاپ قالدىم»،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى (‏2-‏تىموت.‏ 4:‏6–‏8)‏.‏ پاۋلۇ‌س ھاياتىنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا بېغىشلاپ دانا قارار چىقارغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌نىڭدىن رازى ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ بىزمۇ توغرا قارارلارنى چىقىرىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇ‌شال قىلىشنى خالايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

2.‏ ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ياشاش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

2 پاۋلۇ‌س ئۆز خېتىدە مۇ‌نداق يازغان:‏ «بىز كۆز بىلە‌ن كۆرگىنىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىمان-‏ئېتىقادىمىزغا تايىنىپ ياشايمىز» (‏2-‏كورىنت.‏ 5:‏7)‏.‏ ئۇ نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ كۆرگە‌نلىرى بويىچە ياشاۋاتقان ئىنسان پە‌قە‌ت كۆزى كۆرگە‌ن،‏ قۇ‌لىقى ئاڭلىغان ياكى ئۆزى ھېس قىلغانغا ئاساسە‌ن قارار چىقىرىدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئېتىقادقا تايىنىپ ياشاۋاتقان ئىنسان يە‌ھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىغا ئاساسە‌ن قارار چىقىرىدۇ.‏ ئۇ پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ يوليورۇ‌قى بويىچە مېڭىپ،‏ ھازىر ياخشىراق ھايات كە‌چۈرۈپ قالماي،‏ كېلە‌چە‌كتە يە‌ھۋانىڭ تېخىمۇ كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە ئىپادىلە‌يدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏66؛‏ ئىبرانىي.‏ 11:‏6.‏

3.‏ ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشىساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏ (‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏18)‏

3 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بە‌زىدە كۆرگە‌ن،‏ ئاڭلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىمىزغا ئاساسە‌ن قارار چىقىرىمىز.‏ لېكىن،‏ مۇ‌ھىم قارارنى چىقارغاندا،‏ پە‌قە‌ت كۆرگە‌ن ياكى ئاڭلىغانغا ئاساسە‌ن قارار چىقارساق،‏ خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ چۈنكى،‏ كۆزگە كۆرۈنىدىغان نە‌رسىلە‌ر بە‌زىدە بىزنى ئازدۇ‌رۇ‌پ قويىدۇ.‏ تېخىمۇ خە‌تە‌رلىك يېرى،‏ ئە‌گە‌ر كۆرگىنىمىزگە ئاساسە‌ن قارار چىقارساق،‏ ئاخىرىغا بارغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىپ قويىشىمىز مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 11:‏9؛‏ مە‌تتا 24:‏37–‏39‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز بىلە‌ن ياشىساق،‏ «رە‌ببىمىز نېمىنى قوبۇ‌ل قىلىدىغانلىقىغا» كۆز يە‌تكۈزگە‌ن ئاساستا،‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏10)‏.‏ خۇ‌دانىڭ يوليورۇ‌قىغا بويسۇ‌نساق،‏ كۆڭلىمىز تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك تېپىپ،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 16:‏8،‏ 9؛‏ يە‌شايا 48:‏17،‏ 18)‏.‏ ئە‌گە‌ر داۋاملىق ئېتىقاد بىلە‌ن ياشىساق،‏ كېلە‌چە‌كتە مە‌ڭگۈ ياشايمىز.‏—‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ بىر كىشىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ياشىغان-‏ياشىغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلە‌لە‌يمىز؟‏

4 كۆزىمىز كۆرگە‌نگە ئە‌مە‌س،‏ ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سورىشىمىز كېرە‌ك:‏ «مە‌ن نېمىگە ئاساسە‌ن قارارلارنى چىقىرىمە‌ن؟‏ كۆزۈم كۆرگە‌نگە ئاساسە‌نمۇ ياكى يە‌ھۋاغا ئىشىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە ئاساسە‌نمۇ؟‏» ئىش ئورنى تاللىغاندا؛‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىمىزنى تاللىغاندا؛‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ندە،‏ كۆزىمىز بىلە‌ن كۆرگىنىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىمان-‏ئېتىقادىمىزغا تايىنىپ ياخشى قارار چىقىرىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى نە‌زە‌رگە ئېلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئىش ئورنى تاللىغاندا

5.‏ ئىش ئورنى تاللىغاندا،‏ نېمىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

5 ھە‌ممىمىز ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىزدىكىلە‌رنىڭ قىينىلىپ قالماي،‏ ياخشى ھايات كە‌چۈرۈشىنى خالايمىز (‏ۋە‌ز 7:‏12؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏8)‏.‏ بە‌زى ئىشلاردا يۇ‌قىرى مائاش ئالىسىز.‏ يۇ‌قىرى مائاش كۈندىلىك خىراجە‌تلە‌رگە يىتىپ قالماي،‏ ھە‌تتا ئازراق پۇ‌ل يىغىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زى ئىشلارنى قىلىپ،‏ تاپقان پۇ‌ل زۆرۈر تۇ‌رمۇ‌ش لازىمە‌تلىرىكلىرىگە ئاران-‏ئاران يە‌تكۈزىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىر ئىشقا كىرىشتىن ئاۋۋال،‏ قانچىلىك مۇ‌ئاش بېرىدىغانلىقىنى سورايمىز.‏ لېكىن،‏ بىز پە‌قە‌ت بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانساق،‏ بۇ ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ئە‌مە‌س،‏ كۆز بىلە‌ن كۆرگىنىمىزگە ئاساسە‌ن ياشايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏

6.‏ ئىش ئورنى تاللىغاندا،‏ ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ (‏ئىبرانىيلار 13:‏5)‏

6 ئىمان-‏ئېتىقادىمىز بىلە‌ن ياشىساق،‏ تاللىغان ئىشىمىز يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى نە‌زە‌رگە ئالىمىز.‏ ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سورىساق بولىدۇ:‏ «بۇ ئىشقا كىرسە‌م،‏ مە‌ندىن يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلامدۇ؟‏ (‏پە‌ند ن.‏ 6:‏16–‏19)‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى،‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشىم بىر چە‌تتە قالامدۇ؟‏ ئائىلە‌مدىكىلە‌ردىن ئۇ‌زاق ۋاقىت ئايرىلىشقا توغرا كېلە‌مدۇ؟‏» (‏فىلىپى.‏ 1:‏10)‏ بۇ سوئاللارغا «ھە‌ئە» دە‌پ جاۋاب بە‌رسە‌ك،‏ ئىش تاپالماي قىينىلىپ كە‌تسە‌كمۇ،‏ بۇ‌نداق ئىشقا كىرمىسە‌ك،‏ دانا قارار چىقارغان بولىمىز.‏ ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ياشىساق،‏ يە‌ھۋانىڭ ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە ئىمانىمىزنى كۆرسىتىدىغان قارارلارنى چىقىرىمىز.‏—‏مە‌تتا 6:‏33؛‏ ئىبرانىيلار 13:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

7،‏ 8.‏ خاۋېر كۆرگىنى بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

7 جە‌نۇ‌بىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان خاۋېرa ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئېتىقاد بىلە‌ن ياشاشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن شىركە‌تنىڭ باشقۇ‌رغۇ‌چىلار قاتلىمىدا ئىشلە‌ش ئىلتىماسىنى تولدۇ‌ردۇ‌م.‏ بۇ ئىشتا ئىلگىرىكى ئىشىمغا قارىغاندا ئىككى ھە‌سسە يۇ‌قىرى مۇ‌ئاش بېرە‌تتى ۋە مە‌ن بۇ ئىشتىن رازى ئىدىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ خاۋېر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى باشلىماقچى بولغان.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنى يۇ‌قىرى مە‌نسە‌پ قاتلىمىدىكى بۆلۈم باشلىقى بىلە‌ن يۈزمۇ-‏يۈز سۆھبە‌تكە چاقىردى.‏ مە‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ياردە‌م سورىدىم.‏ ئۇ مە‌ن ئۈچۈن نېمە ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌تتىم.‏ مە‌ن ئۆز كە‌سپىمدە يۇ‌قىرىراق مە‌نسە‌پكە ئېرىشىپ،‏ كۆپرە‌ك پۇ‌ل تېپىشنى ئويلىساممۇ،‏ ئىشىمنىڭ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشىمغا توسالغۇ بولۇ‌شىنى خالىمايتتىم».‏

8 خاۋېر سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ:‏ «يۈز-‏تۇ‌رانە سۆھبە‌تتە،‏ بۆلۈم باشلىقى ماڭا نورمال ئىش ۋاقتىدىن سىرت،‏ دائىم يە‌نە ۋاقىت قوشۇ‌پ ئىشلىشىم كېرە‌كلىكىنى ئېيتتى.‏ بىراق،‏ مە‌ن ھۆرمە‌ت بىلە‌ن،‏ دائىم ۋاقىت قوشۇ‌پ ئىشلە‌شكە ۋاقىت چىقمايدىغانلىقىنى،‏ سە‌ۋە‌بى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىم كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈردۈم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ خاۋېر بۇ ئىش تە‌كلىپىنى رە‌ت قىلىپ،‏ ئىككى ھە‌پتىدىن كېيىن ئۇ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏ بىرقانچە ئايلاردىن كېيىن،‏ ئۇ كۆپ ۋاقتىنى ئالمايدىغان يېڭى ئىش تاپقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا دۇ‌ئايىمغا جاۋاب بېرىپ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بېرىدىغان ئىشنى تاپتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھازىر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالايمە‌ن ۋە قېرىنداشلىرىمغا ھە‌م ياردە‌م بېرىشكە ۋاقتىم يېتىدۇ.‏ شۇ‌نداق قولايلىق ئىشنى تاپقىنىمغا ئىنتايىن خۇ‌شالمە‌ن».‏ 

ئىشچى كىيىمىنى كىيگە‌ن ۋە قولىدا بىخە‌تە‌رلىك قالپىقى تۇ‌تقان بۇ‌رادىرىمىزنى باشلىقى بوش تۇ‌رغان ئىشخانىغا باشلاپ كىردى.‏ باشلىق ئۇ‌نى ئىش ئورنىدا ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ.‏

سىزنى ئىش ئورنىدا ئۆستۈرمە‌كچى بولسا،‏ قارارىڭىز يە‌ھۋانىڭ سىز ئۈچۈن نېمە ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى نامايان قىلسۇ‌ن (‏7،‏ 8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


9.‏ تېئونىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟‏

9 ھازىرقى ئىش ئورنىڭىز يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە يامان تە‌سىر قىلسا،‏ نېمە قىلالايمىز؟‏ كونگودا ياشايدىغان تېئو مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئارزۇ قىلغان ئىشنى تاپتىم.‏ بۇ ئىشتا ئۈچ ھە‌سسە كۆپ مائاش ئالاتتىم ۋە ھە‌ممىسى مېنى ھۆرمە‌تلە‌يتتى».‏ بىراق،‏ تېئو نورمال ئىش ۋاقتىدىن كېيىنمۇ قوشۇ‌مچە ئىشلە‌پ،‏ دائىم يىغىلىشلاردىن قالاتتى.‏ شىركە‌تنىڭ سە‌مىمىيە‌تسىز ئىش-‏ھە‌رىكىتىنى يوشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن خىزمە‌تداشلىرى تېئونى يالغان سۆزلە‌شكە قىستايتتى.‏ تېئو بۇ ئىشتىن چىقىپ كېتە‌ي دېسە،‏ ئىشسىز قېلىشتىن قورقاتتى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ‌نىڭغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ تېئو مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ماڭا ھاباققۇ‌ق 3:‏17–‏19-‏ئايە‌تلە‌ر كۈچ-‏مە‌دە‌ت بە‌ردى.‏ مە‌ن ئىشسىز قالساممۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ماڭا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ شۇ ئىشتىن چىقىپ كە‌تتىم … .‏ نۇ‌رغۇ‌ن خوجايىنلار ئادە‌م يوقىرى مائاش ئېلىش ئۈچۈن ھە‌رقانداق قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە تە‌ييار تۇ‌رىدۇ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ كۆپرە‌ك پۇ‌ل تۆلىسە‌ك،‏ ھە‌تتا ئائىلىسىگە ھە‌مراھ بولىدىغان ۋە خۇ‌داسىغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان ۋاقىتلىرىنى ھە‌م قۇ‌ربان قىلىدۇ دە‌يدۇ.‏ مە‌ن دانا قارار چىقىرىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئائىلە‌م بىلە‌ن بولغان ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تنى قوغداپ قالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇ‌شالمە‌ن.‏ بىر يىلدىن كېيىن،‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن مۇ‌نتىزىم بىر ئىشنى تاپتىم.‏ مۇ‌ئاشىم كۆپ بولمىسىمۇ،‏ ئاددىي-‏ساددا تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشكە يېتىدۇ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ روھىي ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالايمە‌ن.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويسىڭىز،‏ بە‌زىدە ئىقتىساد جە‌ھە‌تتىن قىينىلىپ قېلىشىڭىز مۇ‌مكىن،‏ لېكىن يە‌ھۋا ھە‌رگىز بىزنى تاشلىمايدۇ».‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ نە‌سىھە‌تلىرى ۋە ۋە‌دىلىرىگە ئىشە‌نسە‌ك،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزغا تايىنىپ ياشايمىز ۋە ياراتقۇ‌چىمىز بىزنى چوقۇ‌م بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏

لايىق تاللىغاندا

10.‏ لايىق ئىزدىگە‌ن قېرىنداشنىڭ كۆزى كۆرگە‌ن نە‌رسىگە ئاساسە‌ن قارار چىقارغانلىقىنى نېمىدىن كۆرۈنىدۇ؟‏

10 نىكاھ —‏ يە‌ھۋا ھە‌دىيە قىلغان سوۋغاتتۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ توي قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ئىزدە‌ش تە‌بىئىي ئىش.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رماقچى بولغان قىز ئۆزى ياقتۇ‌رغان يىگىتنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى،‏ بوي-‏بە‌ستى،‏ نام-‏ئابرويى،‏ ئىقتىسادى ئە‌ھۋالى ۋە ئائىلىدىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى مۇ‌مكىنb‏.‏ بۇ ئامىللار ئىنتايىن مۇ‌ھىم،‏ لېكىن ئۇ پە‌قە‌ت مۇ‌شۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلسە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ كۆزى كۆرگە‌ن نە‌رسىلە‌ر تايىنىپ ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

11.‏ ئۆزىگە لايىق ئىزدە‌ۋاتقان قېرىنداشلار ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشاۋاتقانلىقىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏39)‏

11 توي قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە لايىق ئىزدىگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سالساق،‏ ئۇ بىزدىن چوقۇ‌م پە‌خىرلىنىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سالىدىغان قېرىنداشلار ئۇ‌چرىشىشقا چىقىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشنى باشلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ «ياشلىق باھارى» ئۆتۈپ كېتىشنى كۈتىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏36)‏.‏ ئۇ‌لار ئۆزىگە لايىق ئىزدىگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌زىرىدىكى ياخشى ئە‌ر ياكى ياخشى ئايالدا بولۇ‌شقا تېگىشلىك پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرگە‌ن كىشىنى ئىزدە‌يدۇ (‏پە‌ند ن.‏ 31:‏10–‏13،‏ 26–‏28؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 5:‏33؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏8)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمىغانلار كۆڭۈل ئىزھارى قىلماقچى بولسا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ئارىلىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلە‌شمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ 1-‏كورىنتلىقلار 7:‏39-‏ئايە‌تلە‌ردىكى (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ چوقۇ‌م ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ھە‌رقانداق كىشىدىن ياخشىراق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشاشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22.‏

12.‏ روزا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

12 كولۇ‌مبىيىدە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغان روزا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئىش ئورنىدا بىر يىگىتنىڭ روزىغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان.‏ روزا ھە‌م ئۇ‌نى ياقتۇ‌رۇ‌پ قالغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ مە‌ھە‌للىدە پىداكارلىق بىلە‌ن باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌تتى،‏ ھېچقانداق بىر يامان ئادە‌تلىرى يوقتى.‏ قارىماققا،‏ ئۇ بە‌ك ياخشى يىگىت بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدا ئۆمۈرلۈك جۈپتۈمگە قويىدىغان تە‌لىپىمگە لايىق بارچە پە‌زىلە‌تلە‌ر بار ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌ستى.‏ شۇ چاغلاردا،‏ مە‌ن ئۆزۈمنى يالغۇ‌ز ھېس قىلىپ،‏ توي قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرە‌تتىم.‏ لېكىن،‏ جامائە‌تتە ئۆزۈمگە لايىق كىشىنى تاپالمىدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ شۇ يىگىتنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىنى رە‌ت قىلىش ناھايىتى قىيىن بولدى».‏ لېكىن،‏ روزا دىققىتىنى پە‌قە‌تلا كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن نە‌رسىلە‌رگە قاراتماي،‏ بە‌لكى ئۆزىنىڭ قارارى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ھېلىقى يىگىت بىلە‌ن ئالاقە قىلىشنى توختىتىپ،‏ كۆپرە‌ك خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا باشلىغان.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي.‏ ئۇ پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىگە تە‌كلىپ قىلىنىپ،‏ ھازىر مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ روزا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا مېنى مول بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ ھازىر مە‌ن ئىنتايىن خۇ‌شال ياشاۋاتىمە‌ن».‏ مە‌لۇ‌م نە‌رسىگە كۆڭلىمىز باغلىنىپ قالغاندا،‏ ئېتىقاد بىلە‌ن ياشاش ھە‌مىشە ئاسان ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ ئېتىقاد بىلە‌ن ياشىغان ئادە‌م ھېچقاچان پۇ‌شايمان قىلمايدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ندە

13.‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ندە،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن؟‏

13 يە‌رلىك ئاقساقاللار،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال،‏ يە‌رلىك بە‌يتە‌ل ۋە يېتە‌كچى كېڭە‌ش دائىم بىرگە ئىبادە‌ت پائالىيە‌تلىرىمىز بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ لېكىن،‏ بە‌زىدە نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق كۆرسە‌تمە بېرىلگە‌نلىكىنى چۈشە‌نمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ چاغدا،‏ بۇ كۆرسە‌تمە ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇ‌رىدىغاندە‌ك كۆرۈنۈپ،‏ ھە‌تتا كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ كە‌مچىلىك تە‌رە‌پلىرىگە كۆپرە‌ك دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلىساق،‏ كۆزىمىز كۆرگە‌نگە ئاساسە‌ن ئىش قىلغان بولىمىز.‏

14.‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ندە،‏ ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ (‏ئىبرانىيلار 13:‏17)‏

14 ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشىساق،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئۆز تە‌شكىلاتىنى يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىغا ۋە ئۇ ۋە‌زىيىتىمىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز كۆرسە‌تمىلە‌رگە دە‌رھال بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ جان دىلىمىز بىلە‌ن يوليورۇ‌ق بويىچە ئىش قىلىمىز ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نغاندا،‏ بىز جامائىتىمىزنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاق بولۇ‌شىغا ھە‌سسە قوشىمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏2،‏ 3)‏.‏ يېتە‌كچىلىكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىغا قارىماي،‏ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نساق،‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م بىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ (‏سام.‏ 1-‏ياز.‏ 15:‏22)‏.‏ بۇ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ ئە‌گە‌ر مە‌لۇ‌م كۆرسە‌تمىلە‌رگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كە‌لسە،‏ مۇ‌ۋاپىق ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م تۈزىتىدۇ.‏—‏مىكاھ 7:‏7.‏

15،‏ 16.‏ دە‌سلە‌پتە تە‌شكىلاتنىڭ يېڭى كۆرسە‌تمىسىگە گۇ‌مان بىلە‌ن قارىغان بىر بۇ‌رادە‌ر ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

15 ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشاپ،‏ تە‌شكىلات بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ پايدىسىنى تە‌كىتلە‌يدىغان بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ پېرۇ‌دا كۆپ ساندىكى ئىنسانلار ئىسپان تىلىنى سۆزلىيە‌لىسىمۇ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلە‌شكە ئادە‌تلە‌نگە‌ن.‏ شۇ تىللارنىڭ بىرى —‏ كېچۇ‌ئا.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار كېچۇ‌ئا تىلىدا سۆزلە‌يدىغان قېرىنداشلار ۋە‌ز قىلىدىغان رايونلاردا ئالايتە‌ن شۇ تىلدا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رنى ئىزدىگە‌ن.‏ بىراق،‏ دۆلە‌تنىڭ قانۇ‌نى ئۆزگە‌رگە‌چ،‏ ئە‌مدى قېرىنداشلارغا كېچۇ‌ئا تىلدا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رنى ئىزدە‌پ تېپىشقا قارىتا يېڭى كۆرسە‌تمىلە‌ر بېرىلگە‌ن (‏رىملىقلار 13:‏1)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ بە‌زىلە‌ر يېڭى ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌لارنى تېپىش قىيىن بولۇ‌پ قېلىشىدىن ئە‌نسىرىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ قېرىنداشلار يە‌نىلا يېڭى كۆرسە‌تمىگە بويسۇ‌نغان،‏ نە‌تىجىدە يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ خىزمىتىنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌لار كېچۇ‌ئا تىلىدا سۆزلە‌يدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنى تاپالىغان.‏

16 كېۋىن ئىسىملىك ئاقساقالمۇ يېڭى كۆرسە‌تمىدىن گۇ‌مان قىلغانىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دە‌سلە‌پتە يوليورۇ‌ق كە‌لگە‌ندە،‏ مە‌ن ھازىر كېچۇ‌ئا تىلىدا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رنى قانداق تاپىمىز دە‌پ ئە‌نسىرىدىم.‏ لېكىن،‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى ئېسىمگە ئېلىپ،‏ مۇ‌سانىڭ مىسالى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاندىم.‏ ئۇ ئىسرائىل خە‌لقىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزنىڭ بويىغا باشلاپ كېلىشنى بۇ‌يرىغان.‏ قارىماققا،‏ ئۇ‌لار تۇ‌زاققا چۈشۈپ،‏ مىسىرلىقلاردىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايدىغاندە‌ك كۆرۈنگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ خە‌لقىنى ئاجايىپ مۆجىزە بىلە‌ن قۇ‌تقۇ‌زغان» (‏چىق.‏ 14:‏1،‏ 2،‏ 9–‏11،‏ 21،‏ 22)‏.‏ كېۋىن يېڭى ئۇ‌سۇ‌لدا ۋە‌ز قىلىپ كۆرۈشكە تە‌ييار بولغان.‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا بىزنى شۇ‌نچىلىك كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.‏ بۇ‌رۇ‌ن كۆپ يول يۈرۈپ بىر-‏ئىككى ئادە‌منىلا تاپاتتۇ‌ق.‏ ھازىر بولسا،‏ كېچۇ‌ئا تىلىدا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر توپلاشقان يە‌رلە‌ردە ۋە‌ز قىلىمىز.‏ نە‌تىجىدە،‏ بىز كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆھبە‌ت باشلاپ،‏ قايتا يولۇ‌قۇ‌شلارغا بارىمىز ۋە بىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپە‌يدى.‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىمىزغا ھە‌م كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌ر كېلىدىغان بولدى».‏ كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ياشايدىغانلار چوقۇ‌م يە‌ھۋانىڭ مول بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشىدۇ.‏

كېچۇ‌ئا تىلىدا سۆزلە‌يدىغان بىر كىشى ۋە‌ز خىزمىتىگە چىققان ئە‌ر-‏ئايال گۇ‌ۋاھچىلار بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا بىرىنىڭ ئۆيىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏

نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر قېرىنداشلىرىمىزغا كېچۇ‌ئا تىلىدا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ قە‌يە‌ردە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بە‌ردى (‏15،‏ 16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


17.‏ بۇ ماقالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

17 بىز ئىش ئورنى تاللىغاندا،‏ توي قىلىدىغان لايىقنى تاللىغاندا ۋە خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ندە،‏ ئىمان بىلە‌ن قانداق ياشىيالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ بىراق،‏ كىنو ياكى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا ۋە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن قانچە يىل مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ش ياكى پە‌رزە‌نت تە‌ربىيىسى ھە‌ققىدە قارارلارنى چىقارغاندا ھە‌م ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ياشىشىمىز لازىم.‏ مە‌يلى قانداق قارارلارنى چىقارمايلى،‏ پە‌قە‌ت كۆز بىلە‌ن كۆرگىنىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شىمىز ۋە بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ چاغدىلا،‏ بىز «ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن ماڭىمىز».‏—‏مىكاھ 4:‏5.‏

تۆۋە‌ندىكى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ ئىمان-‏ئېتىقادقا تايىنىپ ياشايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

  •  ئىش ئورنى تاللىغاندا

  •  لايىق تاللىغاندا

  •  خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ندە

156-‏ناخشا ئىشىنىمە‌ن

a  بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

b  بۇ ئابزاستا لايىق ئىزدىگە‌ن ئايال قېرىنداشلارغا مە‌سلىھە‌تلە‌ر بېرىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ بۇ مە‌سىھە‌تلە‌ر لايىق ئىزدە‌ۋاتقان بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ھە‌م ماس كېلىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش