كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئىيۇ‌ل 27-‏ب.‏-‏28-‏ب.‏ 3-‏ئابز.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • پۈتۈن دۇ‌نيادىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان قوراللىق زوراۋانلىق —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏
    باشقا ماۋزۇ‌لار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئىيۇ‌ل 27-‏ب.‏-‏28-‏ب.‏ 3-‏ئابز.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى ئۆزىنى باشقا ئادە‌ملە‌ردىن قوغداش ئۈچۈن ئوق ئاتىدىغان قۇ‌رالىنى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تاپانچىنى ياكى مىلتىقنى ئىشلە‌تسە بولامدۇ؟‏

بۇ پرىنسىپلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن تاپانچا،‏ مىلتىق ياكى باشقا ئوق ئاتىدىغان قۇ‌راللاردىن پايدىلىنىش ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ تۆۋە‌ندىكى پرىنسىپلارنى قاراپ چىقايلى:‏

يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئالدىدا ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتى مۇ‌قە‌ددە‌س.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى داۋۇ‌ت يە‌ھۋا ھە‌ققىدە:‏ «سە‌ندىلا باردۇ‌ر ھاياتلىق بۇ‌لىغى»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏9)‏.‏ شۇ‌ڭا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسى ئۆزىنى ياكى مال-‏مۈلكىنى قوغداشنى قارار قىلسا،‏ قان تۆكۈشتىن،‏ يە‌نى ئادە‌م ئۆلتۈرۈشكە جاۋابكار بولۇ‌شتىن نېرى بولۇ‌ش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھە‌ممىنى قىلىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 22:‏8؛‏ زە‌بۇ‌ر 51:‏14)‏.‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئادە‌م ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسە بىلە‌ن بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما ئوق ئاتىدىغا قۇ‌رال بىلە‌ن،‏ ئاۋايلىماي ياكى ئە‌تە‌ي،‏ ئادە‌منى ئۆلتۈرۈش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ھۇ‌جۇ‌م قىلغۇ‌چى قېنى قىزىپ جىددىيلىشىپ تۇ‌رغانلىقتىن،‏ قۇ‌رالنى كۆرسە،‏ خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌ت ئۇ‌نىڭدىنمۇ كە‌سكىنلىشىپ،‏ قان تۆكۈلۈشى مۇ‌مكىن.‏

ئە‌يسا ئۆلۈمىدىن ئاۋالقى كە‌چتە شاگىرتلىرىغا قىلىچ ئېلىشنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىشىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تمىغان ئىدى (‏لۇ‌قا 22:‏36،‏ 38)‏.‏ شۇ‌نداق قىلغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا تە‌لىم بېرىشنى مە‌قسە‌ت قىلغانىدى:‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى،‏ ھە‌تتا قۇ‌راللىق بىر توپ كىشى بىلە‌ن يۈزمۇ-‏يۈز ئۇ‌چراشسىمۇ،‏ زوراۋانلىق قىلماسلىقى كېرە‌ك (‏لۇ‌قا 22:‏52)‏.‏ پېترۇ‌س قىلىچىنى ئىشلىتىپ باش روھانىينىڭ چاكىرىنىڭ قۇ‌لىقىنى چېپىۋە‌تكە‌ندە،‏ ئە‌يسا پېترۇ‌سقا:‏ «قىلىچىڭنى ئورنىغا قايتۇ‌رغىن»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرىدى.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ ئاساسىي ھە‌قىقە‌ت،‏ يە‌نى بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتە‌كچى بولىدىغان پرىنسىپنى ئېيتتى:‏ «قىلىچ كۆتە‌رگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى قىلىچتىن ئۆلىدۇ» (‏مە‌تتا 26:‏51،‏ 52‏)‏.‏

مىكا 4:‏3تە بېشارە‌ت قىلىنغاندە‌ك،‏ خۇ‌دا خە‌لقى «قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى،‏ نە‌يزىلىرىنى ئورغاق قىلىدۇ».‏ ھە‌قىقىي مە‌سىھىيلە‌ر تىنچلىقپە‌رۋە‌رلىكى بىلە‌ن تونۇ‌لىدۇ.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئارقىلىق بە‌رگە‌ن «يامانلىقىغا يامانلىق قايتۇ‌رماڭلار» ۋە «ھە‌ممىسى بىلە‌ن تىنچلىق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ڭلار»،‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا قۇ‌لاق سالىدۇ (‏رىملىقلارغا 12:‏17،‏ 18)‏.‏ پاۋلۇ‌س ھە‌ر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسىمۇ،‏ ھە‌تتا «قاراقچىلاردىن خە‌تە‌رلە‌ردە» قالسىمۇ،‏ ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ھېچقاچان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا قارشى چىقمىغان (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 11:‏26)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ خۇ‌داغا ئىشە‌نچ باغلاپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانا مە‌سلىھە‌تنىڭ «ئۇ‌رۇ‌ش قۇ‌راللىرىدىن ئە‌ۋزە‌ل» ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن (‏ۋە‌ز 9:‏18)‏.‏

خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈن ھايات مال-‏مۈلۈكتىن كۆپ قىممە‌ت-‏باھالىق.‏ بىز بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ «ئادە‌منىڭ ھاياتى ئۇ‌نىڭ مال-‏مۈلكىگە باغلىق ئە‌مە‌س» (‏لۇ‌قا 12:‏15)‏.‏ شۇ‌ڭا قۇ‌راللىق بۇ‌لاڭچىغا يۇ‌مشاق سۆزلىگىنىمىز تە‌سىر قىلمىسا،‏ بىز ئە‌يسانىڭ «زۇ‌لۇ‌م كىشىگە ئۇ‌نىڭ قىلغىنىدە‌ك قايتۇ‌رما» دېگە‌ن مە‌سلىھىتىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىمىز.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ بۇ‌لاڭچىغا ئۇ خالىغان ھە‌ممە نە‌رسىنى بېرىشكە توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن (‏مە‌تتا 5:‏39،‏ 40؛‏ لۇ‌قا 6:‏29)‏.‏b (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌ڭ ياخشىسى،‏ خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تنىڭ ئالدىنى ئېلىش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ «مال-‏مۈلكى بىلە‌ن ماختىنىشتىن» نېرى بولۇ‌ش،‏ بىزنى جىنايە‌تچىلە‌رنىڭ نىشانى بولۇ‌شىدىن قوغدايدۇ (‏يوھاننىڭ 1-‏خېتى 2:‏16)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ قوشنىلىرىمىزنىڭ بىزنى تىنچلىقپە‌رۋە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سۈپىتىدە تونۇ‌غانلىقىمۇ ھىمايە بولىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏10)‏.‏

خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ (‏رىملىقلارغا 14:‏21)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىرە‌ر قېرىنداشنىڭ ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قۇ‌رال ساقلايدىغانلىقى مە‌لۇ‌م بولسا،‏ بە‌زى قېرىنداشلار بۇ‌نىڭدىن ھاڭ-‏تاڭ قېلىشى،‏ ھە‌تتا ئېتىقاد يولىدا پۇ‌تلاپ يېقىتىدىغان پۇ‌تلىكاشاڭ بولۇ‌شى مۈمكىن.‏ قۇ‌رال ساقلاشقا قانۇ‌نىي ھوقۇ‌قىمىز بولغىنى بىلە‌ن،‏ قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ بىز ھېچقاچان ئۇ‌لار ئۈچۈن پۇ‌تلىكاشاڭ بولىدىغان ئىشلارنى قىلمايمىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏32،‏ 33؛‏ 13:‏4،‏ 5)‏.‏

خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۈلگىلىك بولۇ‌شقا تىرىشىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 4:‏2؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏2،‏ 3)‏.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداش باشقىلاردىن ھىمايە قىلىنىش ئۈچۈن قۇ‌رال ساقلىسا،‏ ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان مە‌سلىھە‌ت بېرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ قۇ‌رالنى ئۆزىگە قالدۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلسا،‏ ئۇ ياخشى ئۈلگە كۆرسە‌تمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭغا جامائە‌تتە ھېچقانداق مە‌سئۇ‌لىيە‌ت ۋە ئىمتىيازلىق ۋە‌زىپىلە‌ر تاپشۇ‌رۇ‌لمايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشتىن جان بېقىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشىدا قۇ‌رالنى تۇ‌تۇ‌ش تە‌لە‌پ قىلىنسا ۋە ئۇ بۇ‌نداق قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رسا،‏ يۇ‌قىرىدا ئېيتىلغانلارغا ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تتە بولىدۇ.‏ ئۇ باشقا ئىشنى ئىزدىسە،‏ ياخشىراق بولىدۇ c‏(‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

خۇ‌دا خىزمە‌تچىسى ئۆزىنى،‏ ئائىلىسىنى ۋە مال-‏مۈلكىنى قانداق ھىمايە قىلىشنى ھە‌م قە‌يە‌رگە ئىشقا كىرىشنى ئۆزى قارار قىلىشى كېرە‌ك.‏ لېكىن شۇ قارارنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا تايىنىپ چىقىرىشى لازىم.‏ دانالىقى زور خۇ‌دايىمىز بۇ پرىنسىپلارنى بىزنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن بە‌رگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن يە‌ھۋا بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان مە‌سىھىيلە‌ر ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قۇ‌رال ساقلىماسلىققا قارار قىلغان.‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌داغا تايىنىدىغان ۋە ھاياتىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى قوللىنىدىغان بولسا،‏ ئۇ‌لار مە‌ڭگۈ ھە‌قىقىي خاتىرجە‌ملىكتە ھايات كە‌چۈرۈدىغانلىقىنى بىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏33؛‏ 2:‏6،‏ 7)‏.‏

بوٰيوٰك ئاپه‌ت ۋاقتىدا قارشىلىققا دوُچ كه‌لگه‌ن مه‌سىهىيله‌ر يه‌هۋا هىمايه قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدوُ

بۈيۈك ئاپە‌ت ۋاقتىدا مە‌سىھىيلە‌ر ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نماي يە‌ھۋاغا تايىنىدۇ

a خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى ئوزۇ‌قلىنىش مە‌قسىتى بىلە‌ن ئوۋ ئوۋلاش ياكى ئۆزىنى يىرتقۇ‌چ ھايۋانلاردىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قۇ‌رال (‏مە‌سىلە‌ن،‏ مىلتىق ياكى ئوۋ مىلتىق)‏ ساقلاشنى قارار قىلىشى مۈمكىن.‏ لېكىن قۇ‌رالنى قوللانمىغان چاغدا،‏ ئۇ‌نىڭ ئوقلىرىنى چىقىرىۋېتىشى،‏ بە‌لكىم ھە‌تتا قۇ‌رالنىڭ ئۆزىنى پارچىلىشى ياكى قۇ‌لۇ‌پ سېلىنىدىغان بېخە‌تە‌ر يە‌ردە تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسىنىڭ قۇ‌رال تۇ‌تۇ‌شى مە‌نئىي قىلىنغان،‏ ياكى بولمىسا ھۆكۈمە‌ت قۇ‌رالغا ئىگە بولۇ‌شنى چە‌كلىگە‌ن ياكى نازارە‌ت قىلىدىغان يە‌رلە‌ردە ياشىسا،‏ يە‌رلىك قانۇ‌نغا بويسۇ‌نۇ‌شى لازىم (‏رىملىقلارغا 13:‏1)‏.‏

b بىرسى ئۆزىنى قانداقلارچە جىنسىي خورلۇ‌قتىن ھىمايە قىلالايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «ئويغىنىڭلار!‏» (‏رۇ‌س)‏ ژۇ‌رنالىنىڭ 1993-‏يىل،‏ 8-‏مارت سانىدىكى «جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چراشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشقا بولىدۇ؟‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

c قۇ‌رال تۇ‌تۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان ئىش ھە‌ققىدە «كۆزىتىش مۇ‌نارىنىڭ» (‏رۇ‌س)‏ 2005-‏يىل،‏ 1-‏نويابىر سانىنىڭ 31-‏بېتىدىن ۋە 1984-‏يىل،‏ 1-‏فېۋرال سانىنىڭ 18،‏ 19-‏بە‌تلىرىدىن كۆپرە‌ك ئوقالايسىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش