كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئىيۇ‌ل 29-‏32 ب.‏
  • ئە‌قىل ئۈچۈن جە‌ڭدە غە‌لبە قازىنىڭ!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئە‌قىل ئۈچۈن جە‌ڭدە غە‌لبە قازىنىڭ!‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • تە‌شۋىقات قانچىلىك قورقۇ‌نچلۇ‌ق؟‏
  • ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ
  • ئۆملۈكنى ساقلاڭ
  • ئىشە‌نچىڭىز تە‌ۋرە‌نمىسۇ‌ن
  • ھېچ قورقماڭ
  • دانا بولۇ‌پ،‏ ھە‌رقاچان يە‌ھۋاغا قۇ‌لاق سېلىڭ
  • شە‌يتانغا ۋە ئۇ‌نىڭ ھىيلە-‏مىكىرلىرىگە قارشى تۇ‌رۇ‌ش
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • دۈشمىنىڭىزنى ياخشى بىلە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئىيۇ‌ل 29-‏32 ب.‏
ته‌شۋىقات ئه‌قىلگه هوُجوُم قىلىدوُ

ئە‌قىل ئۈچۈن جە‌ڭدە غە‌لبە قازىنىڭ!‏

سىز ھۇ‌جۇ‌م ئاستىدا!‏ دۈشمىنىڭىز شە‌يتان سىزگە قارشى ناھايىتى كۈچلۈك قۇ‌رالنى قوللانماقتا.‏ بۇ قۇ‌رالنىڭ نىشانى بە‌دىنىڭىز ئە‌مە‌س،‏ ئە‌قلىڭىز.‏ بۇ قانداق قۇ‌رال؟‏ تە‌شۋىقات!‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س شە‌يتاننىڭ تە‌شۋىقاتى بە‌ك خە‌تە‌رلىك ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ ئە‌مما ئۆز ۋاقتىدا بۇ خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر ھە‌ققىدە مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى دېگىدە‌ك بىلمىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كورىنت شە‌ھىرىدىكى بە‌زى قېرىنداشلار ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رىمىز،‏ شە‌يتان بىزنى ھېچ ئالداپ كېتە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىغاندۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏12)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ:‏ «شۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌مە‌نكى،‏ يىلان ئۆز قۇ‌ۋلۇ‌قى بىلە‌ن ھاۋا ئانىنى ئازدۇ‌رغاندە‌ك،‏ سىلە‌رنىڭ ئە‌قلىڭلار مە‌سىھ لايىق بولغان پاكلىقتىن ھە‌م سە‌مىمىيلىكتىن چە‌تنە‌پ،‏ بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ كە‌تمىسۇ‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 11:‏3)‏.‏

پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرى ئۆزۈمىزگە ھە‌ددىدىن تاشقىرى تايانماسلىقىمىزنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌قىل ئۈچۈن كۈرە‌شتە يېڭىۋېلىشنى خالىسىڭىز،‏ شە‌يتاننىڭ تە‌شۋىقاتى قانچىلىك خە‌ۋپلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىپ،‏ ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭدىن ھىمايە قىلىشىڭىز لازىم.‏

تە‌شۋىقات قانچىلىك قورقۇ‌نچلۇ‌ق؟‏

بۇ ماقالىدىكى تە‌شۋىقات ياكى تە‌رغىبات دېگە‌ن سۆز ئادە‌ملە‌رنى ئازغاشتۇ‌رۇ‌ش ياكى ئوي-‏خىيالى بىلە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكىتىنى باشقۇ‌رۇ‌ش مە‌قسىتى بىلە‌ن ئېيتىلىدىغان يالغان ياكى ساختا مە‌لۇ‌مات.‏ بىر كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ تە‌شۋىقات «ئە‌خلاقسىز،‏ زىيانلىق ۋە قارا نىيە‌تلىك» بولىدۇ (‏«‏Propaganda and Persuasion‏»)‏.‏ ئادە‌ملە‌ر بۇ‌نى «يالغان،‏ ھە‌قىقە‌تنى بۇ‌رمىلاش،‏ ئالداش،‏ تىزگىنىنى ئاستىغا ئېلىۋېلىش ياكى بېشىنى ئايلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئاڭ سېزىمىنى باشقۇ‌رۇ‌شقا» ئوخشاش سۆزلە‌ر بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏

تە‌شۋىقات ئىنتايىن خە‌تە‌رلىك،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ ئاستا-‏ئاستا ئاڭ سېزىمىمىزنى چىرمىۋالىدۇ،‏ بۇ‌نى ھە‌تتا ئۆزۈمىزمۇ تۇ‌يماي قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ خۇ‌ددى بىر كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان زە‌ھە‌رلىك گازغا ئوخشايدۇ.‏ ئادە‌منىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى تە‌تقىق قىلىدىغان مۇ‌تە‌خە‌سسىس ۋانس پاكاردنىڭ ئېيتىشىچە،‏ تە‌رغىبات بىزنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىزگە ئۆزۈمىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپرە‌ك تە‌سىر ئۇ‌چرىغان ۋە تىزگىن ئاستىغا ئېلىنغان.‏ باشقا بىر مۇ‌تە‌خە‌سسىس ھە‌م شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ تە‌شۋىقاتنىڭ كاساپىتىدىن ئادە‌ملە‌ر ئىنتايىن خە‌تە‌رلىك،‏ ھە‌تتا ئە‌قىلگە سىغمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ ۋە بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق،‏ ئۇ‌رۇ‌ش،‏ ئىرقى كە‌مسىتىش ۋە ھە‌رخىل دىندىكىلە‌ر بىر-‏بىرىنى چە‌تكە قېقىش ۋە‌زىيىتىنى كە‌لتۈرۈپ چىقىرىدۇ (‏«‏Easily Led—‏A History of Propaganda‏»)‏.‏

ئە‌گە‌ر،‏ ھە‌تتا ئادە‌منىڭ ئۆزى بىزنى تە‌شۋىقات بىلە‌ن ئالدايدىغان بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا شە‌يتان ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏ ئۇ ئىنسانىيە‌تنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى بىرىنچى ئادە‌م يارىتىلغاندىن تارتىپ ئۆگىنىپ كە‌لمە‌كتە.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ھازىر «پۈتكۈل دۇ‌نيانى» باشقۇ‌رماقتا،‏ شۇ‌ڭا ئۇ ئۆز يالغانچىلىقىنى تارقىتىش ئۈچۈن بۇ دۇ‌نياغا تە‌ۋە ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن پايدىلىنالايدۇ (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏19؛‏ يوھاننا 8:‏44)‏.‏ شە‌يتان تە‌رغىباتى بىلە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ «ئە‌قىللىرىنى قارغۇ» قىلىپ،‏ ھازىر «پۈتكۈل ئاھالىلىق يە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ» (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 4:‏4؛‏ ۋە‌ھىي 12:‏9)‏.‏ سىز ئۇ‌نىڭ تە‌شۋىقاتىغا قانداقلارچە قارشى تۇ‌رالايسىز؟‏

ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ

ئە‌يسا تە‌شۋىقاتقا قارشى تۇ‌رۇ‌شنىڭ ئاددىي يولىنى مۇ‌نداق دە‌پ ئۆگە‌تكە‌ن:‏ «سىلە‌ر ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ-‏بىلىسىلە‌ر ۋە ھە‌قىقە‌ت سىلە‌رنى ئازاتلىققا چىقىرىدۇ» (‏يوھان 8:‏31،‏ 32)‏.‏ ئۇ‌رۇ‌ش ۋاقتىدا ئە‌سكە‌ر ئىشە‌نچلىك مە‌لۇ‌ماتنى قە‌يە‌ردىن ئېلىشنى بىلىشى مۇ‌ھىم،‏ چۈنكى دۈشمە‌نلە‌ر ئۇ‌نى ئازدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يالغان مە‌لۇ‌مات تارقىتىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئىشىنىشكە بولىدىغان مە‌لۇ‌ماتنى نە‌دىن تاپالايسىز؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ئۆز سۆزى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ يېزىپ قويغان.‏ ئۇ يە‌ردە شە‌يتاننىڭ تە‌شۋىقاتىنى تۈپ يىلتىزى بىلە‌ن يوق قىلىش ئۈچۈن كېرە‌ك نە‌رسىنىڭ ھە‌ممىسى بار (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏16،‏ 17)‏.‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ شە‌يتان بۇ‌نى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۆز ئالقىنىدىكى دۇ‌نيا ئارقىلىق دىققىتىمىزنى چېچىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ تە‌تقىق قىلىش قىزغىنلىقىمىزنى يوقۇ‌تۇ‌شنى خالايدۇ.‏ «ئىبلىسنىڭ قە‌ستلىكلىرىگە» ئالدانماڭ!‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏11)‏.‏ ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌رنىلا چۈشىنىۋېلىپ،‏ توختىماڭ.‏ بىز يە‌ڭنى تۈرۈپ،‏ كۆپ تە‌ر تۆكۈشىمىز زۆرۈر (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 3:‏18)‏.‏ نوئام خومسكى ئىسىملىك يازغۇ‌چى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھېچكىم ھە‌قىقە‌تنى سىزنىڭ مېڭىڭىزگە قۇ‌يمايدۇ.‏ ئۇ‌نى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىزدە‌پ تېپىشىڭىز كېرە‌ك».‏ ئۇ‌نداقتا،‏ «ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى سىنچىلاپ تە‌كشۈرۈش» ئارقىلىق ھە‌قىقە‌تكە «كۆز يە‌تكۈزۈڭ» (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏11)‏.‏

موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُۋاتقان ئه‌ر كىشی ته‌شۋىقاتنىڭ هه‌رقانداق توٰرىدىن هىمايه قىلىنغان

ئە‌قىل ئۈچۈن كۈرە‌شتە يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن،‏ سىزگە تە‌شۋىقاتنىڭ قانچىلىك خە‌تە‌رلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىش كېرە‌ك ۋە كېيىن ئۇ‌نىڭدىن ھىمايە قىلىنىش ھاجە‌ت

شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلاڭكى،‏ شە‌يتان،‏ سىزنىڭ سوئاللارنى ئالدىڭىزغا قويۇ‌پ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ ئىشلارنىڭ تېگى-‏تە‌كتىگە يېتىشىڭىزنى خالىمايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى ئادە‌ملە‌ر «مە‌لۇ‌ماتنى تارازىغا سېلىپ ئويلانمىغاندا»،‏ تە‌شۋىقات «ناھايىتى نە‌تىجىلىك بولىدۇ» (‏«‏Media and Society in the Twentieth Century‏»)‏.‏ ئويلانماستىن،‏ ئاڭلاپلا كۆزىڭىزنى يۇ‌مۇ‌پ ئىشىنىۋە‌رمە‌ڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏15)‏.‏ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن «ئە‌قىلنى» ۋە «سە‌زگۈرلۈكنى» ئىشلىتىپ،‏ ئىشە‌نچىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏10—‏15؛‏ رىملىقلارغا 12:‏1،‏ 2)‏.‏

ئۆملۈكنى ساقلاڭ

ھە‌ربىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ غە‌يرىتى ۋە جە‌ڭ قىلىش روھىنى سۇ‌ندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تە‌شۋىقاتتىن پايدىلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ تە‌شۋىقات تۈپە‌يلىدىن،‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا ئۆزئارا ئۇ‌رۇ‌شۇ‌پ كېتىشى ياكى قالغان قوشۇ‌ندىن بۆلۈنۈپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بىر نېمىس قۇ‌مانداننىڭ ئېيتىشىچە،‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا گېرمانىيىنىڭ يېڭىلىپ قالغىنىنىڭ بىر سە‌ۋە‌بىمۇ تە‌شۋىقات بولغان.‏ دۈشمە‌ن تە‌شۋىقاتى تە‌سىرىدە،‏ قايمۇ‌قۇ‌پ خۇ‌ددى توشقان يىلاننىڭ ئالدىمىغا چۈشە‌نكە‌دە‌ك بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بۈگۈنكى كۈندە شە‌يتانمۇ مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ئۆملۈگىنى يوق قىلىش ئۈچۈن مۇ‌شۇ‌نداق ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇ‌سى كېلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۆزلىرىگە ئادالە‌تسىزلىك بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىنىدى دېگە‌ن ئويغا كە‌لتۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارنى يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىن ئېلىپ كېتىشكە تىرىشىدۇ.‏

ئالدىنىپ قالماڭلار!‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ قېرىنداشلىرىڭىز بىلە‌ن بىرلىكتە بولۇ‌ڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب «ھىممە‌تلىك كە‌چۈرۈشكە» ۋە ھە‌رقانداق كېلىشمە‌سلىكنى تېز ھە‌ل قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏13،‏ 14؛‏ مە‌تتا 5:‏23،‏ 24‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ جامائە‌تتىن يىراقلىشىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏1)‏.‏ شە‌يتاننىڭ تە‌شۋىقاتىغا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا تە‌ييار بولغانلىقىڭىزغا كۆز يە‌تكۈزۈڭ.‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «ئاخىرقى قېتىم قېرىنداشلىرىم رە‌نجىتكە‌ندە مە‌ن خۇ‌داغا لايىق ھە‌رىكە‌ت قىلدىممۇ ياكى شە‌يتانغا ياقىدىغاندە‌ك ھە‌رىكە‌ت قىلدىممۇ؟‏» (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏16—‏26؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 2:‏2،‏ 3)‏.‏

ئىشە‌نچىڭىز تە‌ۋرە‌نمىسۇ‌ن

رە‌ھبىرىگە سادىق بولمىغان ئە‌سكە‌ر بار كۈچىنى چىقارمايدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئە‌سكە‌رلە‌ر بىلە‌ن رە‌ھبە‌رلە‌ر ئارىسىدىكى ئىشە‌نچنى بۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن دۈشمە‌ن تە‌شۋىقاتتىن پايدىلىنىدۇ.‏ تە‌شۋىقاتچىلار،‏ «ئۇ‌لارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ!‏» ۋە «ئۇ‌لار كۆرسە‌تكە‌ن يولدا ماڭماڭلار،‏ ئۇ يول ھالاكە‌تكە يېتە‌كلە‌يدۇ!‏» دېگە‌ن يالغان-‏ياۋداقنى تارقىتىدۇ.‏ شە‌يتاننىڭمۇ ئۇ‌سۇ‌لى دە‌ل شۇ‌نداق.‏ ئۇ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌ش ئۈچۈن تە‌يىنلىگە‌ن كىشىلە‌رگە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى تە‌ۋرىتىشنى خالايدۇ.‏

بۇ‌نىڭدىن ئۆزىڭىزنى قانداق ھىمايە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىن ئايرىلماسلىققا بە‌ل باغلاڭ.‏ خۇ‌دا خە‌لقىنى باشقۇ‌رۇ‌پ كېلىۋاتقان ئە‌ر كىشىلە‌ر نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولسىمۇ،‏ ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى قوللاشنى توختاتماڭ (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏12،‏ 13)‏.‏ مۇ‌ناپىقلار بىلە‌ن باشقا قارا نىيە‌تلىك ئادە‌ملە‌ر تە‌شكىلاتقا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشى مۇ‌مكىن (‏تىتقا 1:‏10)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرى راستتە‌ك بولۇ‌پ كۆرۈنسىمۇ،‏ «ئۆز ئوي-‏پىكىرىڭىزدە ئىككىلىنىشكە ئالدىرىماڭ» (‏سالونىكىلىقلارغا 2-‏خە‌ت 2:‏2)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ تىموتىيغا بە‌رگە‌ن مە‌سلىھىتىگە ئىتائە‌ت قىلىپ،‏ «ئۆگە‌نگىنىڭدە.‏.‏.‏ تۇ‌رغىن» ۋە «كىمدىن تە‌لىم ئالغىنىڭىزنى» ئۇ‌نتۇ‌ماڭ (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏14،‏ 15)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش ئۈچۈن تە‌خمىنە‌ن يۈز يىل داۋامىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لغا نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنىڭ ھە‌ممە ئىسپاتلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ (‏مە‌تتا 24:‏45—‏47؛‏ ئىبرانىيلارغا 13:‏7،‏ 17)‏.‏

ھېچ قورقماڭ

شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ شە‌يتان سىزگە ئۇ‌دۇ‌ل تە‌سىر قىلىشقا تىرىشىدۇ.‏ بە‌زىدە ئۇ سىزنى قورقۇ‌تماقچى بولىدۇ.‏ قورقۇ‌تۇ‌ش —‏ «تە‌شۋىقاتنىڭ ئە‌ڭ كونا ئۇ‌سۇ‌لى» (‏«‏Easily Led—‏A History of Propaganda‏»)‏.‏ بۇ ھە‌ققىدە فىلىپ تايلور ئىسىملىك برىتانىيە‌لىك پروفېسسور ئاسسۇ‌رىيە‌لىكلە‌رنى مىسال كە‌لتۈرىدۇ:‏ ئۇ‌لار ئۆز دۈشمە‌نلىرى ئۈستىدىن غە‌لىبە قازىنىش ئۈچۈن،‏ قورقۇ‌تۇ‌ش تە‌شۋىقاتىنى قوللانغان.‏ شە‌يتانمۇ سىزنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىشىڭىز ئۈچۈن ئادە‌مدىن،‏ زىيانكە‌شلىكتىن،‏ ئۆلۈمدىن ۋە باشقا نە‌رسىلە‌ردىن قورقۇ‌ش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى ئىشلىتىدۇ (‏يە‌شايا 8:‏12؛‏ يە‌رە‌مىيا 42:‏11؛‏ ئىبرانىيلارغا 2:‏15)‏.‏

شە‌يتاننىڭ مۇ‌نداق قىلىشىغا يول قويماڭ!‏ ئە‌يسا:‏ «تە‌ننى ئۆلتۈرۈپ،‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن باشقا ھېچنە‌رسە قىلالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 12:‏4)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىمە‌ن،‏ «ئادە‌تتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ» بېرىمە‌ن ۋە شە‌يتاننىڭ ھۇ‌جۇ‌مىغا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌ملىشىمە‌ن،‏ دېگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلايدىغانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشىنە‌لە‌يمىز (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 4:‏7—‏9؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏14)‏.‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ بە‌زىدە قۇ‌رقۇ‌نچ چىرمىۋالىدۇ ياكى ئىشە‌نچ ئاجىزدە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىمىز.‏ ئە‌مما يە‌ھۋانىڭ يە‌شۇ‌ئاغا ئېيتقان سۆزلىرىنى يادىڭىزدا تۇ‌تۇ‌ڭ:‏ «جۈرئە‌تلىك بولۇ‌پ قورقمىغىن دە‌پ بۇ‌يرىغاندىن كېيىن،‏ قورقماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ جۈرئە‌تسىز بولمىغىن،‏ چۈنكى مە‌ن تە‌ڭرىڭ خۇ‌داۋە‌ندە سە‌ن قە‌يە‌رگە بارساڭ،‏ سە‌ن بىلە‌ن بولىمە‌ن» (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏9)‏.‏ ئە‌گە‌ر غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلسىڭىز،‏ دە‌ررۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىچ-‏باغرىڭىزنى تۆكۈپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ شۇ چاغدا «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىغى» يۈرىكىڭىز بىلە‌ن ئە‌قلىڭىزنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايىسىز.‏ شۇ‌ندىلا شە‌يتاننىڭ تە‌شۋىقاتىغا قارشى تۇ‌رالايدىغان كۈچىڭىز بولىدۇ (‏فىلىپپىلىكلە‌رگە 4:‏6،‏ 7،‏ 13)‏.‏

ئاسسۇ‌رىيە‌لىكلە‌رنىڭ خە‌ۋە‌رچىسى رابشاقە‌نىڭ خۇ‌دا خە‌لقىنى قورقۇ‌تماقچى بولۇ‌پ ئېيتقان تە‌شۋىقات سۆزى ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ ئۇ ھېچكىم،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا خۇ‌دامۇ ئۇ‌لارنى ئاسسۇ‌رىيە‌دىن قۇ‌تقۇ‌زالمايدۇ دېگە‌نگە ئىشە‌ندۈرمە‌كچى بولغان.‏ ئاندىن يە‌ھۋانىڭ ئۆزى ئاسسۇ‌رىيە‌لىكلە‌رگەا يېرۇ‌سالىمنى ۋە‌يران قىلىشنى بۇ‌يرىغان دە‌پ يالغان ئېيتتى.‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋا نېمە دىدى؟‏ «ئاسسۇ‌ر پادىشاسىنىڭ غۇ‌لاملىرى ماڭا كۈپۈرلۈك قىلماق ئۈچۈن ئېيتقان سۆزلە‌ردىن قورقماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ سە‌ن ئاڭلىغان بۇ سۆزلە‌ردىن دە‌ھشە‌ت يېمىگىن»،‏—‏ دىدى (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 18:‏22—‏25؛‏ 19:‏6)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىر پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۇ بىر كە‌چتە 185000 ئاسسۇ‌رىيە‌لىكنى قىرىپ تاشلىدى!‏ (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 19:‏35)‏.‏

دانا بولۇ‌پ،‏ ھە‌رقاچان يە‌ھۋاغا قۇ‌لاق سېلىڭ

قانداقتۇ بىر فىلمدا بىرسىنىڭ ئالدىنىپ قالغانلىقىنى چۈشە‌نمە‌ي تۇ‌رغانلىقىنى كۆرگە‌ن چېغىڭىز بولغانمۇ؟‏ شۇ چاغدا سىز:‏ «ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نمە‌ڭ!‏ ئۇ سىزنى ئالداۋاتىدۇ!‏»—‏ دېيىشنى خالىغانسىز.‏ ئۇ‌نداقتا پە‌رىشتىلە‌رمۇ سىزگە:‏ «شە‌يتانغا ئالدىنىپ قالماڭ!‏»—‏ دە‌پ ئېيتىۋاتقانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏

شە‌يتاننىڭ تە‌شۋىقاتىغا قۇ‌لاق سالماڭ.‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 26:‏24،‏ 25)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ يە‌ھۋانى تىڭشاپ،‏ ھە‌رقانداق ئىشتا ئۇ‌نىڭغا تايىنىڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5—‏7)‏.‏ ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ شۇ‌ڭا سىزنى:‏ «ئە‌ي ئوغۇ‌ل،‏ دانا بول،‏ كۆڭلۈمنى خۇ‌ش قىل،‏ ئۇ‌نداق قىلغىنىڭدا مېنى مە‌سخىرە قىلىدىغانلارغا جاۋاب بېرە‌لە‌يمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئۈندە‌يدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11)‏.‏ بۇ مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سالىدىغان بولسىڭىز،‏ ئاڭ سېزىمىڭىز ئۈچۈن قىلىدىغان جە‌ڭدە غە‌لبە قازىنالايسىز!‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش