كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 15-‏20 ب.‏
  • زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيلە‌رنىڭ بىز بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋىتى بار؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيلە‌رنىڭ بىز بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋىتى بار؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئوغرىلىق جازاسىز قالمايدۇ
  • ‏«ھە‌ر كۈنى» ۋە‌دىڭىزگە لايىق ياشاڭ
  • يە‌ھۋا رە‌زىللە‌رنى يوق قىلىدۇ
  • پاك خە‌لق يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يدۇ
  • جە‌ڭ ھارۋىلىرى بىلە‌ن تاج بىزنى قوغدايدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • زە‌كە‌رىيانىڭ كۆرگە‌نلىرىنى كۆرە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 15-‏20 ب.‏
ئوُچوُۋاتقان ئورام يازما؛‏ سېۋه‌تتىكی ئايال؛‏ له‌يله‌كنىڭكىده‌ك قانىتی بار ئىككی ئايال

زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيلە‌رنىڭ بىز بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋىتى بار؟‏

‏«مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمە‌ن» (‏زە‌كە‌رىيا 1:‏3)‏.‏

ناخشىلار:‏ 6،‏ 20

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋا ئوغرىلىققا قانداق قارايدۇ؟‏

  • خۇ‌داغا ئۆزىنى بېغىشلاش قە‌سىمىنى «ھە‌ر كۈنى» قانداقلارچە ئورۇ‌ندىيالايمىز؟‏

  • رە‌زىللىكنى يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىن نېرى تۇ‌تۇ‌شقا قانداق ھە‌سسە قوشالايمىز؟‏

1—‏3.‏ ئا)‏ زە‌كە‌رىيا بېشارە‌ت قىلىشنى باشلىغاندا،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئە‌ھۋالى قانداق بولغان؟‏ ئە)‏ نېمىشقا يە‌ھۋا ئىسرائىللىقلارغا:‏ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار»،‏—‏ دېگە‌نىدى؟‏

ئۇ‌چىدىغان ئورام يازما،‏ سېۋە‌ت ئىچىدىكى ئايال،‏ شامالدا پە‌رۋاز قىلىۋاتقان لە‌يلە‌كنىڭكىدە‌ك قاناتلىرى بار ئاياللار.‏ بۇ زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن كىشىنى ھاياجانلاندۇ‌رىدىغان ۋە‌ھىيلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى (‏زە‌كە‌رىيا 5:‏1،‏ 7—‏9)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ ۋە‌ھىيلە‌رنى پە‌يغە‌مبە‌رگە نېمە ئۈچۈن بە‌رگە‌ن؟‏ شۇ چاغدا ياشىغان ئىسرائىللىقلارنىڭ ئە‌ھۋالى قانداق بولغان؟‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۇ ۋە‌ھىيلە‌رنى قاراشتۇ‌رۇ‌شنىڭ بىزگە قانداق پايدىسى بار؟‏

2 ب.‏م.‏ئى.‏ 537-‏يىلى يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئىنتايىن خوشال بولغانىدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار بابىلوندىكى 70 يىللىق ئە‌سىرلىكتىن ئازات بولغان!‏ خە‌لق يېرۇ‌سالىمغا قايتىپ،‏ مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشنى ۋە شۇ يە‌ردە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى خالىغان.‏ بىر يىلدىن كېيىن ئىسرائىللىقلار ئىبادە‌تخانىنىڭ ئۇ‌لىنى سالغانىدى.‏ خە‌لق خۇ‌شاللىقىدىن دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتقان!‏ ئۇ‌لار «ئۇ‌نداق ئۈنلۈك قىچقاردىكى،‏ ئاۋازى يىراق يە‌رگە ئاڭلاندى» (‏ئە‌زرا 3:‏10—‏13)‏.‏ ئە‌مما،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا كۆرسىتىلگە‌ن قارشىلىق بارغانسىرى كۈچە‌يگە‌نىدى.‏ ئىسرائىللىقلار چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىنى توختاتتى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئە‌مدى ئۇ‌لار دىققە‌ت-‏ئېتىبارىنى ئۆزلىرىگە ئۆي سېلىپ،‏ ئېتىزلىرىدا ئىشلە‌شكە ئاغدۇ‌ردى.‏ 16 يىل ئۆتۈپ كە‌تسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شى تېخىچە پۈتمىگە‌نىدى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ خۇ‌دا خە‌لقى يە‌ھۋاغا قايتىش ۋە ئۆزىنىڭ شە‌خسىي ئىشىنىلا ئويلىماسلىق ھە‌ققىدە ئە‌سكە‌رتىشكە مۇ‌ھتاج ئىدى.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ قىزغىنلىق ۋە جە‌سۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىنى خالىغان.‏

بىز ئە‌ڭ ياخشىسىنى بە‌رگە‌ن چاغدىلا،‏ يە‌ھۋا ئىبادىتىمىزنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ

3 شۇ‌ڭا،‏ ب.‏م.‏ئى.‏ 520-‏يىلى يە‌ھۋا خە‌لقىگە ئۇ‌لارنى بابىلوندىن نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئازات قىلغانلىقىنى ئېسىگە سېلىش ئۈچۈن زە‌كە‌رىيا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ قىزىقارلىق يېرى،‏ زە‌كە‌رىيانىڭ ئىسمى «يە‌ھۋا ئېسىگە ئالدى» دېگە‌ن مە‌نىنى بىلدۈرىدۇ.‏ خە‌لق يە‌ھۋانىڭ ياخشى ئىشلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌پ كە‌تسىمۇ،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ئۇ‌نتۇ‌مىغانىدى ‏(‏زە‌كە‌رىيا 1:‏3،‏ 4نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارغا پاك ئىبادە‌تنى تىكلە‌شكە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغانىدى.‏ ئە‌مما،‏ خە‌لق ئۆزىدىكى ئە‌ڭ ياخشىسىنى بە‌رگە‌ن ھالدىلا،‏ يە‌ھۋا ئىبادىتىنى قوبۇ‌ل قىلىدىغانلىقىنى ئە‌سكە‌رتكە‌ن.‏ كېلىڭلار،‏ زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن ئالتىنچى ۋە يە‌تتىنچى ۋە‌ھىينى قاراپ باقايلى.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللىقلارنى ھە‌رىكە‌تكە قانداق ئۈندىگە‌نلىكىنى ۋە بۇ ئىككى ۋە‌ھىينىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ئوغرىلىق جازاسىز قالمايدۇ

4.‏ زە‌كە‌رىيا ئالتىنچى ۋە‌ھىيدە نېمىنى كۆردى؟‏ نېمىشقا ئورام يازمىنىڭ ئىككى تە‌رىپىدە يېزىق بولغان؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

4 زە‌كە‌رىيا كىتابىنىڭ 5-‏بابى ئالاھىدە بىر ۋە‌ھىي بىلە‌ن باشلانغانىدى ‏(‏زە‌كە‌رىيا 5:‏1،‏ 2نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ زە‌كە‌رىيا ھاۋادا ئۇ‌چۇ‌ۋاتقان بىر ئورام يازمىنى كۆردى.‏ ئۇ‌نىڭ ئۇ‌زۇ‌نلىقى تە‌خمىنە‌ن 9 مېتر،‏ كە‌ڭلىكى بولسا 5.‏4 مېتر بولغان.‏ ئورام يازما ئوچۇ‌ق تۇ‌رغانىدى ۋە ئۇ‌نىڭدا بىر يېزىق بولغان (‏زە‌كە‌رىيا 5:‏3)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىكى خە‌ۋە‌ر جىددىي ھۆكۈم ئىدى.‏ قە‌دىمدە ئادە‌ملە‌ر ئورام يازمىنىڭ پە‌قە‌ت بىر تە‌رىپىگە يازغان.‏ ئە‌مما بۇ خە‌ۋە‌ر بە‌كمۇ مۇ‌ھىم بولغاچ،‏ ئۇ ئورام يازمىنىڭ ئىككى تە‌رىپىگە يېزىلغانىدى.‏

دوُكاندا كوزه‌ينه‌كنی ئوغرىۋاتقان ئايال

مە‌سىھىيلە‌ر ئوغرىلىقنىڭ ھە‌رقانداق تۈرىدىن نېرى تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك (‏5—‏7 ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

5،‏ 6.‏ يە‌ھۋا ئوغرىلىققا قانداق قارايدۇ؟‏

5 زە‌كە‌رىيا 5:‏3،‏ 4نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌ك جاۋابكارلىققا ئىگە،‏ چۈنكى ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئىسمى بىلە‌ن ئاتىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئوغرىلىق ئۇ‌نىڭ ئىسمىغا داغ كە‌لتۈرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 30:‏8،‏ 9)‏.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر شۇ‌نداق ئويلايدۇ‌كى،‏ زۆرۈر بولغان بىر ئە‌ھۋالدا،‏ ئوغرىلاشنىڭ ھېچبىر يامىنى يوق.‏ بىراق،‏ قانچىلىك زۆرۈر،‏ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئوغرىلايدىغان ئادە‌م ئۆزىنىڭ ئاچكۆز ھە‌ۋە‌سىنى يە‌ھۋادىنمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسمىدىنمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ قانۇ‌نىدىنمۇ ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

6 زە‌كە‌رىيا 5:‏3،‏ 4كە بىنائە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ لە‌نىتى «ئوغرىنىڭ ئۆيىگە» كىرىپ،‏ ئۇ‌نى «ياغاچ-‏تاشلىرى بىلە‌ن يە‌ۋېتىدىغانلىقىنى» بايقىدىڭىزمۇ؟‏ دېمە‌ك،‏ خە‌لقىنىڭ ئارىسىدىكى ھە‌رقانداق گۇ‌ناھنى يە‌ھۋا ئاشكارىلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن جازالايدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ ئوغرى گۇ‌ناھىنى ساقچىلاردىن،‏ باشلىقىدىن،‏ ئاقساقاللاردىن ياكى ئاتا-‏ئانىسىدىن يوشۇ‌رالسىمۇ،‏ يە‌ھۋادىن يوشۇ‌رالمايدۇ.‏ خۇ‌دا ئوغرىلىقنىڭ ھە‌رقانداق تۈرىنى چوقۇ‌م ئاشكارىلايدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 4:‏13)‏.‏ «ھە‌ممە نە‌رسىدە» راستچىل بولغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا بولۇ‌ش نېمە دېگە‌ن ياخشى!‏ (‏ئىبرانىيلارغا 13:‏18)‏.‏

7.‏ ئۇ‌چۇ‌ۋاتقان ئورام يازمىدىكى لە‌نە‌تكە دۇ‌چ كە‌لمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

7 ئوغرىلىقنىڭ ھە‌رقانداق تۈرى يە‌ھۋانى رە‌نجىتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ياخشى بىلە‌ن يامانغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك پرىنسىپلىرىنى بىلىش ئۇ‌لارغا قۇ‌لاق سېلىش ۋە ئۇ‌نىڭ ئىسمىغا داغ كە‌لتۈرمە‌ي ھايات كە‌چۈرۈش بىز ئۈچۈن چوڭ ئىمتىياز.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بويسۇ‌نمايدىغان ئادە‌ملە‌رگە چىقىرىدىغان ھۆكۈمىگە دۇ‌چ كە‌لمە‌يمىز.‏

‏«ھە‌ر كۈنى» ۋە‌دىڭىزگە لايىق ياشاڭ

8—‏10.‏ ئا)‏ قە‌سە‌م دېگە‌ن نېمە؟‏ ئە)‏ زە‌دە‌كىيا قايسى قە‌سىمىنى بۇ‌زغان؟‏

8 ھېلىقى ئۇ‌چىۋاتقان ئورام يازمىدا خۇ‌دانىڭ ئىسمى بىلە‌ن «يالغاندىن قە‌سە‌م ئىچكۈچىلە‌رگىمۇ» ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش يېزىلغان (‏زە‌كە‌رىيا 5:‏4)‏.‏ قە‌سە‌م —‏ بىر نە‌رسىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان ياكى بىر نە‌رسىنى قىلىشقا ياكى قىلماسلىققا قە‌تئىي ۋە‌دە بېرىش.‏

9 يە‌ھۋانىڭ ئىسمى بىلە‌ن قە‌سە‌م ئىچىش ناھايىتى جىددىي مە‌سىلە.‏ بۇ‌نى يېرۇ‌سالىمدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاخىرقى پادىشاھ زە‌دە‌كىيا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌دىن كۆرىمىز.‏ زە‌دە‌كىيا بابىلون پادىشاھىغا سادىق بولىمە‌ن،‏ دە‌پ يە‌ھۋانىڭ ئىسمى بىلە‌ن قە‌سە‌م ئىچكە‌نىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئۆز سۆزىدە تۇ‌رمىدى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا زە‌دە‌كىيا ھە‌ققىدە:‏ ‏«ئە‌ھدىسىنى بۇ‌زغان ھېلىقى پادىشاھنىڭ زېمىنىدا —‏ ئۇ‌نىڭ يېنىدا،‏ بابىلوننىڭ ئوتتۇ‌رىسىدا،‏ ئۇ ئۆلىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئە‌زە‌كىيال 17:‏16)‏.‏

10 زە‌دە‌كىيا يە‌ھۋانىڭ ئىسمى بىلە‌ن قە‌سە‌م ئىچكە‌نلىكتىن،‏ ئۇ پادىشاھنىڭ سۆزىدە تۇ‌رىدىغانلىقىنى كۈتكە‌ن (‏تارىخنامە 2-‏يازما 36:‏13)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ ۋە‌دىسىدە تۇ‌رماي،‏ بابىلوننىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قىدىن ئە‌ركىن بولۇ‌ش ئۈچۈن مىسىردىن ياردە‌م سورىغان،‏ لېكىن بۇ‌نىڭ ھېچ پايدىسى بولمىغانىدى (‏ئە‌زە‌كىيال 17:‏11—‏15،‏ 17،‏ 18)‏.‏

11،‏ 12.‏ ئا)‏ ھاياتتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ۋە‌دە نېمە؟‏ ئە)‏ خۇ‌داغا ئۆزىمىزنى بېغىشلىغانلىقىمىز كۈندىلىك ھاياتىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏

11 زە‌دە‌كىيا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌دىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىلىرىمىزنى قولاق سېلىپ ئاڭلايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ بىز ۋە‌دىمىزدە تۇ‌رىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 76:‏11)‏.‏ ئىنسان بېرە‌لە‌يدىغان ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ۋە‌دە —‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش.‏ ئۆزۈمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندا،‏ بىز ھاياتىمىزدا نېمە بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە‌دە قىلىمىز.‏

12 بىز قانداق قىلىپ خۇ‌داغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىمىزگە لايىق ياشالايمىز؟‏ «ھە‌ر كۈنى» چوڭ ياكى كىچىك سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ شۇ سىناقلارنى يېڭىپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمىزنىڭ قانچىلىك مە‌ھكە‌م ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 61:‏8)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىشتا ياكى مە‌كتە‌پتە بىرسى سىزگە كۆز-‏قاش ئويناتسا،‏ نېمە قىلىسىز؟‏ بۇ‌نداق شاللاقلىقنى بىردىن رە‌ت قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتە‌مسىز؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏26)‏.‏ ئائىلىڭىزدىن يالغۇ‌ز سىز يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان بولسىڭىزچۇ؟‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ مە‌سىھىيلە‌رگە لايىق ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورامسىز؟‏ ئە‌ھۋالىڭىز قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە رە‌ھبە‌رلىكى ئۈچۈن ھە‌ر كۈنى رە‌ھمە‌ت ئېيتامسىز؟‏ ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت بۆلە‌مسىز؟‏ يە‌ھۋاغا ھاياتىمىزنى بېغىشلىغاندا،‏ بىز بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىشقا ۋە‌دە قىلدۇ‌ق دېسە‌ك بولىدۇ.‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ قىزغىن ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلساق،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە پۈتۈنلە‌ي ئۆزىمىزنى بېغىشلىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ ئىبادىتىمىز ھايات كە‌چۈرۈش يولىمىز بولۇ‌شى،‏ ھە‌رگىزمۇ شە‌كىل ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرە‌ك.‏ بىز يە‌ھۋاغا سادىق بولغانلىقتىن،‏ ئۇ بىزگە ئاجايىپ كېلە‌چە‌كنى بېرىشكە ۋە‌دە قىلىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏12،‏ 13)‏.‏

يە‌ھۋا سۆزۈمىزدە تۇ‌رۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۆز ئۈلگىسى بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن

13.‏ زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن ئالتىنچى ۋە‌ھىيدىن نېمىنى بىلىمىز؟‏

13 زە‌كە‌رىيانىڭ ئالتىنچى ۋە‌ھىيسىدىن بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرسە‌ك،‏ بىز ئوغرىلىمايمىز ھە‌م ۋە‌دىمىزدە تۇ‌رىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئىسرائىللىقلار كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ،‏ يە‌ھۋا سۆزىدە تۇ‌رۇ‌پ،‏ خە‌لقىنى تاشلىمىغانىدى.‏ دۈشمە‌نلىرى خە‌لقىنى قورشۇ‌ۋالغانلىقىتىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ قىيىن ۋە‌زىيە‌تتە قالغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ يە‌ھۋا سۆزۈمىزدە تۇ‌رۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۆز ئۈلگىسى بىلە‌ن كۆرسە‌تتى.‏ ئۇ بىزگە ۋە‌دىلىرىمىزنى ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ بىزگە كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدنى بە‌رگە‌ن.‏ پات ئارىدا،‏ ئۇ يە‌ردىكى ھە‌ممە رە‌زىللىكنى يوق قىلىدۇ.‏ زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن كېيىنكى ۋە‌ھىيدىن بۇ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىمىز.‏

يە‌ھۋا رە‌زىللە‌رنى يوق قىلىدۇ

14،‏ 15.‏ ئا)‏ زە‌كە‌رىيا يە‌تتىنچى ۋە‌ھىيدە نېمە كۆردى؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى ئىككىنچى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏ ئە)‏ سېۋە‌تنىڭ ئىچىدىكى ئايال كىم؟‏ پە‌رىشتە نېمىشقا سېۋە‌تنىڭ ئېغىزى قوغۇ‌شۇ‌ن توۋاق بىلە‌ن ئېتىپ قويۇ‌لدى؟‏

14 زە‌كە‌رىيا ئۇ‌چىۋاتقان ئورام يازمىنى كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ پە‌رىشتە ئۇ‌نىڭغا:‏ «بېشىڭنى.‏.‏.‏ كۆتە‌رگىن»،‏—‏ دېدى.‏ شۇ چاغدا ئۇ «ئە‌فاھ» دە‌پ ئاتالغان بىر سېۋە‌تنى كۆرىدۇ ‏(‏زە‌كە‌رىيا 5:‏5—‏8نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ سېۋە‌تنىڭ قوغۇ‌شۇ‌ندىن ياسالغان تۇ‌ۋىقى بار ئىدى.‏ سېۋە‌ت ئېچىلغاندا،‏ زە‌كە‌رىيا ئۇ‌نىڭ «ئىچىدە ئولتارغان بىر ئايالنى» كۆرگە‌ن.‏ پە‌رىشتە ئۇ‌نىڭغا بۇ ئايالنىڭ «رە‌زىللىك» ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈردى بۇ ئايال سىرتقا چىقماقچى بولغاندا،‏ زە‌كە‌رىيانىڭ قانچىلىك قورقۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭە!‏ ئە‌مما،‏ پە‌رىشتە ئايالنى بە‌ك تېز قايتا سېۋە‌تنىڭ ئىچىگە تاشلاپ،‏ سېۋە‌تنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇ‌شۇ‌ننى تاشلاپ قويدى.‏ بۇ‌نىڭ مە‌نىسى نېمە؟‏

15 بۇ ۋە‌ھىي يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقى ئارىسىدا ھېچقانداق رە‌زىللىككە يول قويمايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا رە‌زىللىكنى كۆرسە،‏ ئۇ‌نى يوق قىلىش ئۈچۈن تىزدىن ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏13)‏.‏ پە‌رىشتە سېۋە‌تنى ئېغىر تۇ‌ۋاق بىلە‌ن ياپقاندا بۇ‌نى كۆرسە‌تتى.‏

له‌يله‌كنىڭكىده‌ك قانىتی بار ئىككی ئايال «ره‌زىللىكنی» بىلدوٰرىدىغان سېۋه‌ت ئىچىدىكی ئايالنی شىنار زىمىنىغا ئېلىپ كه‌تمه‌كته

يە‌ھۋا ئۆزىگە بولغان ئىبادە‌تنى پاك ساقلاشقا ۋە‌دە قىلغان (‏16—‏18 ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ ئا)‏ سېۋە‌تكە نېمە بولدى؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى ئۈچىنچى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏ ئە)‏ قانىتى بار ئاياللار سېۋە‌تنى نە‌گە ئېلىپ كە‌تتى؟‏

16 ئاندىن كېيىن زە‌كە‌رىيا لە‌يلە‌كنىڭكىدە‌ك قاناتلىرى بار ئىككى ئايالنى كۆردى ‏(‏زە‌كە‌رىيا 5:‏9—‏11نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ بۇ ئاياللار سېۋە‌تنىڭ ئىچىدىكى رە‌زىل ئايالدىن كۆپ پە‌رق قىلاتتى.‏ ئۇ‌لار كۈچلۈك قاناتلىرى بىلە‌ن «رە‌زىللىك» ئولتارغان سېۋە‌تنى كۆتۈرۈپ ئۇ‌چۇ‌پ كە‌تتى.‏ ئۇ‌لار نە‌گە ئۇ‌چتى؟‏ بابىلوننى بىلدۈرىدىغان «شىنار زىمىنىغا»،‏ يە‌نى بابىلونغا ئېلىپ كە‌تتى.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلدى؟‏

17،‏ 18.‏ ئا)‏ نېمىشقا بابىلون «رە‌زىللىك» ئۈچۈن لايىق ئورۇ‌ن بولغان؟‏ ئە)‏ سىز نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏

17 زە‌كە‌رىيانىڭ زامانىدا ياشىغان ئىسرائىللىقلار ئۈچۈن «رە‌زىللىكنىڭ» بابىلونغا ئېلىنىپ كە‌تكە‌نلىكى ناھايىتى ئورۇ‌نلۇ‌ق بولدى دېيىشكە بولىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار بۇ شە‌ھە‌رنىڭ ئە‌خلاقسىزلىق ۋە يالغان ئىبادە‌ت تارقالغان رە‌زىل شە‌ھە‌ر ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ يە‌ردە ياشىغان زە‌كە‌رىيا ۋە باشقا ئىسرائىللىقلارنىڭ ھە‌ركۈنى بۇ‌تقا چوقۇ‌نىدىغانلارنىڭ تە‌سىرىگە قارشى تۇ‌رۇ‌شىغا توغرا كە‌لگە‌نىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ ۋە‌ھىي يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقىي ئىبادە‌تنى پاك ساقلايدىغانلىقىغا كاپالە‌ت بە‌رگە‌ن.‏

18 شۇ‌نداقلا بۇ ۋە‌ھىي ئىسرائىللىقلارنىڭ ئىبادىتىنى پاك ساقلىشى كېرە‌كلىكىنى ئە‌سلە‌تكە‌ن.‏ خۇ‌دا خە‌لقى ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىغا رە‌زىللىكنىڭ كىرىشىگە ۋە يىلتىز تارتىشىغا يول قويماسلىقى لازىم.‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا بىزنىمۇ ئۆزىنىڭ پاك تە‌شكىلاتىغا ئېلىپ كىردى.‏ بۇ چوڭ ئائىلىدە بىز ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىلە‌ن ھىمايىسىنى ھېس قىلىمىز.‏ تە‌شكىلاتنى پاك ساقلاشقا ھە‌سسە قوشۇ‌ش —‏ ھە‌رقايسىمىزنىڭ بۇ‌رچىمىز.‏ خۇ‌دا خە‌لقى ئارىسىدا رە‌زىللىك ئۈچۈن ئورۇ‌ن يوق.‏

پاك خە‌لق يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يدۇ

19.‏ زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيلە‌ر بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

19 زە‌كە‌رىيانىڭ ئالتىنچى ۋە يە‌تتىنچى ۋە‌ھىيسى رە‌زىللە‌رنى جىددىي ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ يە‌ھۋا رە‌زىللىكنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە بىز رە‌زىللىكتىن نە‌پرە‌تلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۇ ئىككى ۋە‌ھىي بىزنى بۇ‌نىڭغا ئىشە‌ندۈرىدۇ:‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان ئاتىمىزنىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىشكە تىرىشساق،‏ ئۇ‌نىڭ قارغىشىغا ئە‌مە‌س،‏ ھىمايىسى ۋە بە‌رىكىتىگە ئىگە بولىمىز.‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا پاكلىقنى ساقلاش قىيىن بولسىمۇ،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن بۇ‌نىڭغا قول يە‌تكۈزە‌لە‌يمىز!‏ ئە‌مما،‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌تنىڭ ۋە‌يران قىلىنمايدىغانلىقىغا نېمىشقا ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏ بۈيۈك ئاپە‌ت يېقىنلاپ قالغاندا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئۆز تە‌شكىلاتىنى قوغدايدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ بۇ سوئاللارغا كېيىنكى ماقالىدە قاراپ چىقىمىز.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • يە‌ھۋاغا قايتىپ كېلىش.‏ زە‌كە‌رىيانىڭ زامانىدا ئىسرائىللىقلار يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى ياساشنى توختىتىپ،‏ ھە‌ممە دىققە-‏ئېتىبارىنى ئۆزلىرىنىڭ شە‌خسىي ئىشلىرىغا ئاغدۇ‌رغانىدى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا خە‌لقىنى تاشلىمىدى.‏ زە‌كە‌رىياغا كۆرسە‌تكە‌ن ۋە‌ھىيلە‌ر ئارقىلىق يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ئۆزىگە قايتىپ كېلىشىنى ئېيتتى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن ئىبادە‌ت قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش